قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 818|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىنتىلگۈچى:قاراڭغۇ ئۆڭكۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

10

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 10:22:03 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر
ئىنتىلگۈچى
     ئۇزۇن يىللىق ئۆزگۈرۈش جەرياندىن كېيىن نۇرمال يۇلتۇزلار بەلكىم ئاق پەتەكيۇلتۇز(white dwarf)،نىتۇرون يۇلتۇز(neutron star) ۋە قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەرگە(black hole) ئايلىنىشى مۇمكىن، بۇ يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى قاتارلىق بىرقاتار شەرتلەرگەباغلىق.بۇ ئۈچ ئاسمان جىسمى زىچلىقىنڭ چوڭلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۇۋانت(quantum) ھەم تارتىش كۈچى(gravitational)تەسىرنىڭ چوڭ بۇلۇشى بىلەن ئىنتايىن ياخشى تەتقىقات قىمىتىگە ئىگە.
     ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا زىچلىقى چەكسىز چوڭ   قاراڭغۇ ئۆڭكۈربولغان بىر رايون، بۇ رايوننىڭ چېگرسى(boundary) ئىش ئۇپۇق سىزىقى(event horizon)، بۇ دەل شىۋاسچايلد رادىيوسى(Schwarzschild radius ) .بۇ سىزىق ياكى رادىيوسدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ماددا ھەتتاكى نۇرمۇ بۇ رايوندن قىچىپ كېتەلمەيدۇ ۋە غەيرىي نوقتىغا(singularity)بارىدۇ(رەسىم 1). نۇرمۇ قاچالمىخانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنى كۆرەلمەيمىز شۇڭا قاراڭغۇدەپ ئاتايمىز، ئۇنىڭ ئاشۇ رادىيوسىغا چەكسىز يىقىنلاشقان ماددا خۇددى ھاڭغا چۈپكەتكەندەكلا ئۇنىڭغا كېركېتىدۇ بۇ ئۇنىڭ ئۆڭكۈر دەپ ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى.
     ئەڭ دەسلىپىدە ئەگەر ماددىلار نىيوتۇنلىق يىغىلىش(Newtonian collapse) ئارقىلىق زىچلىقى چەكسىز چوڭ بولغان بىر نوختىغا يىغىلسا قۇيۇپبېرىدىغان ئېنىرگىيسىنى ئوتتۇرغا قويغان لىكىن ئۇنىڭ تۇلۇق يىشىمى ۋە كىلىپ چىقىدىغان ھادىسلەرگە ئېنىق جاۋابقا ئىرشەلمىگەن. 1915-يىلى نويابىردا ئالەمگە مەھشۇر ھازىرغىچە ئەڭ ئەقىللىق دەپ قارلىپ كىلىۋاتقان ئالبىرىت ئېنىشتېين(Albert Einstein) كەڭ دائىرلىك نېسپىلىك نەزىرىيسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئۇ ھادىسىنىڭ توغراتۇلۇق يىشىمىلىك جاۋابىغا ئىرشىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى شەھرىلەپ ئۆتكەن. 1916-يىلى مارتتا داڭلىق فىزىكا ئالىمى شىۋاسچايلد (Schwarzschild) يۈز سىممېترىك ئۇسسۇلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ دەسلەپتىكى نەزىرىيە ئاساسىنى سالغان. 1931-يىلى يەنە بىر داڭلىق فىزىكا ئالىمى چانجىراساخار (Chandrasekhar) نېسىپىلىك نەزىرىيسى بىلەن يۈزسىممېترىك ئۇسسۇلىنى بىرلەشتۇرۇپ ئىشلەپ چوڭ زىچلىق جىسىم ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ يۇقىرى چەك ماسسىسىنى ھىسابلاپ چىققان. 1967-يىلى ئاق پەتەك يۇلتۇزدىنمۇ زىچلىقى چوڭ بولغان نىتۇرون يۇلتۇز بايقالغان. 1963-يىلى ئامىرىكا تىكساس ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا داڭلىق فىزىكا ئالىمى كېر(Kerr) بۇ ئۇقۇمغا (يەنى قاراڭغۇئۆڭكۈر) بولغان يىڭى ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1964-يىلى " قاراڭغۇ ئۆڭكۈر" دىگەن بۇ ئاتالغۇ تۇنجى قىتىم مەتبۇئاتلاردا بېسىلىپ كىشلەر بىلەن يۈزكۈرىشكەن. 1971-يىلى ئاستۇرونوم ئالىملىرى ھەرخىل تېلىسكوپلار بىلەن ئۆلچەپ ئانالىزقىلىش ئارقىلىق1- Cygnus X ناملىق قوش يۇلتۇزنى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىك قوش يۇلتۇزكاندىداتى دەپ بىكىتكەن، بۇنىڭدا بىر گىگانت يۇلتۇز ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ14-16 ھەسسىگىچە بولغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدىغان قوش يۇلتۇزدۇر. بۇ ھازىرغىچە ھەم قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىك قوش يۇلتۇز(black hole binary) دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.   
       قاراڭغۇ ئۆڭكۈربىرقانچە خىل يوللار بىلەن شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ مەسىلەن: ئالەملىك چوڭ پارتىلاش شەكىللەنگەن، قۇياش ماسسىسىنىڭ 20ھەسسىدىن يۇقىرى بولغان يۇلتۇزلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئۆلگەندىن كېينكى قالدۇقى(2-رەسىم)، قاتارلىق. قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ماسىسسغا قاراپ قۇياش ماسسا تىپىدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر(stellar mass black hole)(جەدىۋەل)، دەرجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قاراڭغۇ ئۆڭكۈر(supermassive black hole) قاتارلىقلارغا بۇلنىدۇ. ھازىرغىچە نۇپۇزلىق تەتقىقات ئورگانلىرى(NASA، خارۋارد ئۇنۋىرسىتتى، ياۋرۇپا قاتارلىق) ۋە نۇپۇزلىق ئاستىرونوم فىزىكا ئالىملىرى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قۇبۇل قىلدى. نۇرغۇن ۋاستىلىك ئىسپاتلار قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قولىماقتا.
يىقىندائەنگلىيە فىزىكا ئالىمى خوكىڭ ئوتتۇرغا قويغان نەزىرىيەنى قۇبۇل قىلىدىغان ياكى ئېتىراپ قىلىدىغانلار يوق دىيەرلىك. چۇنكى بۇ نەزىرىيەنىڭ يۇچۇقى كوپ ۋە ھىچقانداق قوللايدىغان ئىسپاتى يوق. يىڭى ماتېماتىكىلىق ھىسابلاپ چىقىلغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈريوقلىق نەتىجىسىمۇ ھەم شۇنداق، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاستىرونومىيلىك قاراڭغۇ ئۆڭكۈربىلەن ماتېماتىكىلىق قاراڭغۇ ئۆڭكۈر توغرىسىدا ئېنىق ئەمەس مەسلىلە،تالاش-تارتىشلار جىق، ئۇلار ئوخشاشمۇ؟ قانداق پەرىقلەر مەۋجۇت بۇلىشى مۇمكىن؟ۋەھاكازالار. شۇڭا بۇنداق ئېنىق جاۋاب، ئېنىق پاكىتلار يوق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنى ئۇقۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.
نەنجىڭ.

2014.9.28

t1.PNG (40.6 KB, چۈشۈرۈش سانى: 31)

1-رەسىم

1-رەسىم

0012.JPG (39.09 KB, چۈشۈرۈش سانى: 29)

1-رەسىم

1-رەسىم

t4.PNG (50.64 KB, چۈشۈرۈش سانى: 29)

جەدىۋەل:بايقالغان كاندىداتقۇياش ماسسا تىپتىكى قاراڭغ ...

جەدىۋەل:بايقالغان  كاندىداتقۇياش ماسسا تىپتىكى قاراڭغ ...

捕获.JPG (53.81 KB, چۈشۈرۈش سانى: 29)

2-رەسىم:قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ قوش يۇلتۇزداشەكىللىنىش جەري ...

2-رەسىم:قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ قوش يۇلتۇزداشەكىللىنىش جەري  ...

1

تېما

0

دوست

1661

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 494
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:29:30 |ئايرىم كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1103

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31292
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 12:59:33 |ئايرىم كۆرۈش
قىممەتلىك تېمىلارنى يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )