قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3245|ئىنكاس: 22

ئەلسۆيەر:ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايىتقان ئۇيغۇر ئوغلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

12

دوست

2495

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 814
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 11:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alsuyer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 12:12  

ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايىتقان ئۇيغۇر ئوغلانى

(ئامېرىكا يېپەك يولى خولد مائارىپ تەربىيەلەش گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد ھەققىدە)
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەنۋەر ئەلسۆيەر

mmexport1411874037518.jpg

   ئىلاۋە: ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئوقۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا خېلىلا كۆپيىپ قالدى. ئامېرىكا يېپەك يولى خولد (HOLD) مائارىپ تەربىيەلەش گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، بېيجىڭ خولد خەلقئارا مائارىپ مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەدنى ئەنە شۇنداق يىگىتلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد تېخى يېقىندىلا «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇ نېمىشقا ئامېرىكىدا ئوقۇدى؟ يەنە نېمە سەۋەبتىن يۇقىرى تەمىنات، يۇقىرى ئورۇندىكى خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى؟ ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟ بۇ نۇقتىلار بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرۇشى مۇمكىن.
mmexport1411873964697.jpg

***

   2005 – يىلى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەدنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولغانىدى، چۈنكى ئۇ بۇ يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغانىدى. بۇ يۇرتى كەلپىن ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئارىلىقىدا قاتىراپ يۈرۈپ، جاپالىق ئوقۇغان ئابدۇلخەبىرگە نىسبەتەن زور ئىلھام بولدى. ئۇ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، بىر يىل تىرىشىپ ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلىدىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، ئارقىدىنلا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلاپ، بىر يىل ئىچىدىلا لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانىدا 141 نومۇر ئېلىپ، مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولدى، ئۇنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىق روھىدىن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھەيران قالدى ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كىچىكىدىكى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپنى چەتئەلدە ئوقۇش نىيتىگە كەلدى.
ـــ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشۇمدا مۇنداق ئىككى خىل سەۋەب بار. بىرى، مېنىڭ كىچىكمدىنلا بىر خەلقئارالىق سودىگەر بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. مەن خەلقئارالىق سودىگەر بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكىدەك چوڭ دۆلەتلەرنى چۈشىنىشىم كېرەك ئىدى. يەنە بىرى، مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پارتىدېشىم لياۋ ۋاڭ بىر قېتىملىق يازلىق تەتىللىك لاگېرغا قاتنىشىپ ئامېرىكىغا بارغانىدى، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماڭا ئامېرىكىدا كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ماختاندى، ئارقىدىن ئامېرىكىدىكى ئۆزى ئېكىسكورسىيە قىلغان ئەركىنلىك ئىلاھى، ئاق ساراي، ب د تنىڭ بىناسى قاتارلىق نۇرغۇن جاينىڭ سۈرەتلىرىنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن لياۋ ۋاڭنىڭ قولىدىكى سۈرەتلەرگە قاراپ، ئىچىمدە «لياۋ ۋاڭ ئامېرىكىغا چىقالاپتۇ، ئەجىبا مەن چىقالماسمەنمۇ» دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش كويىدا يۈردۈم، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان يىلى مەن شاڭگاڭغا بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئامېرىكا نىيۇيورۇك قوشما شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېنھانتون سودا – سانائەت تارماق مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندىم، ـــ دېدى ئابدۇلخەبىر مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا چىقىشىدىكى مەقسىتى توغرىسىدا.
   ـــ ئامېرىكىدا تاپشۇرۇقلارنى چوقۇم بەش - ئالتەيلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ بىرلىكتە ئىشلەيمىز، مۇبادا بىرىمىز سەۋەنلىك سادىر قىلساق گۇرۇپپىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى بىراقلا تۆۋەن چىقىدۇ، شۇڭا گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشسە مەن ئىككى ھەسسە تىرىشاتتىم. شۇ چاغلاردا كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ 15 سائەت ئەتراپىدا ئۆگىنىش قىلاتتىم، بۈگۈن ماڭمىسام، ئەتە يۈگىرەيمەن، دەپ قارايتتىم. كۈنلىرىم ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتەتتى، بىكار تۇرۇپ قالساملا بەك ئىچىم سىقىلاتتى، ھەر كۈنى كەچ سائەت 12 دە ئۇخلايتتىم، ئەتىگىنى سائەت 6 دە تۇرۇپ كېتەتتىم. ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن سەككىزگىچە مەكتەپتە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسلەرنى ئالدىن تەكرارلايتتىم، بىلمىگەن نۇقتىلارنى دەرس ۋاقتىدىلا سورىۋالاتتىم، چۈشتىمۇ ئازىراق ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن دەرسلەرنى ئالدىن كۆرۈۋالاتتىم، كۈنلىكى يېرىم سائەت ئەتراپىدا بەدەن چېنىقتۇراتتىم، مەن كۈنىگە 15 سائەتلىك پىلان تۈزىۋالىمەن. مېنىڭچە ئادەم كۈنلىرىنى پىلان بىلەن ئۆتكۈزسە، كۈنلىرى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ، ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تولۇق كۇرس ئوقۇۋاتقان چاغلىرىنى ئەسلەپ.
mmexport1411873903586.jpg

   ئابدۇلخەبىرنىڭ خاراكتېرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىشلار، ئۇنىڭ ھاياتىدا خېلى كۆپ بولغانىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ـــ بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، ئىدىيە جەھەتتىن پاسسىپ ئىدىم، ھەمىشە  ئۆزۈمنىڭ كەمچىلىكلىرىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزۈمنى كەمسىتەتتىم. بىراق ئامېرىكىدىكى بىر ئىش مېنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىمنى ئۆزگەرتىشىمگە سەۋەبچى بولدى. 2012 – يىلى  ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. بىر كۈنى بىر ئامېرىكىلىق دوستۇم بىلەن بىللە كىنو كۆردۈم، بىز كۆرۈۋاتقان كىنودا بىر سەلبىي پېرسوناژ بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن توختىماي قۇسۇر ئىزدەپ ئولتۇردۇم، لېكىن ئامېرىكىلىق دوستۇم كىنودىكى سەلبىي پېرسوناژغا قاراپ «ئاۋۇ پېرسوناژنىڭ چاچ پاسونى نېمىدىگەن چىرايلىق، مەنمۇ چېچىمنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ياساتسام بولغىدەك» دېدى. بۇ گەرچە ئاددىي سۆز بولسىمۇ، ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئۇ دوستۇم جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئەسكى ئادەمنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرىدىكەن، لېكىن مەن ئەكسىچە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەمچىلىكىنىلا كۆرىدىكەنمەن. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئادەملەرنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بەكرەك كۆرۈپ، شۇلاردىن ئۈلگە ئالىدىغان بولدۇم. مەسلەن كوچىلاردا ئاياق مايلاۋاتقانلارنى كۆرسەممۇ، ئۇلارغا قاراپ «مەن ئاياقنى ئۇلارغا ئوخشاش سۈپەتلىك مايلىيالمايمەن، شۇڭا ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىم كېرەك» دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر كۈنى بىر ئامېرىكىلىق دوستۇم بىلەن نىيۇيوركنىڭ مانخاتتۇن شەھىرىدە كېتىپ باراتتىم، تۇيۇقسىز يېنىمىزدىن بىر ئېسىل مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇ ئاپتوموبىلنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا دوستۇمغا: «ئاۋۇ ئاپتوموبىلغا قارىغىنە، نېمىدىگەن ئېسىل، كۆزۈم چۈشۈۋاتىدۇ» دېدىم، بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئۇ ماڭا: «بىزنىڭ ئەتە مۇئەللىمگە تاپشۇرىدىغان تاپشۇرۇقىمىز بار، شۇڭا تاپشۇرۇقنى ئىشلىۋېتىلى، باشقا ئىشلار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن» دېدى ۋە ئارقىدىنلا ئۇدۇل كىتابخانىغا كىرىپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىدى، بىراق مەن يەنىلا ئاپتوموبىلنى تەھلىل قىلىپ، شۇنىڭ كويىدا بولۇپ كەتتىم. ھازىر ئۇ دوستۇم ئامېرىكىدىكى ئالما شىركىتىدە يىللىقى 120 مىڭ دوللارلىق خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا دىققەتنى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. يەنە بىرى، ئادەم بەختلىك ياشاي دېسە، ئۆزىنى باشقىلارغا قارىغۇلارچە سېلىشتۇرماسلىقى لازىم ئىكەن. مەسلەن، ئامېرىكىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئىككى – ئۈچ يۈز كىلوگىرام كېلىدىغان كىشىلەر ئۆزىنى سېمىز دەپ كەمسىتمەستىن، موتۇرلۇق مۇسابىقىسى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ نەتىجە ئالىدىكەن. بىراق بىز دىيارىمىزدا ئازىراقلا سەمىرىپ كەتسەك، ئۆزىمىزنى بەك كەمسىتىپ كېتىدىكەنمىز. بېل گەيتىس: «باشقىلار بىلەن ئۆزۈڭنى سېلىشتۇرما، ئۆزۈڭنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا باشلىغىنىڭدا ئۆزۈڭنىڭ قەدىرىنى ئۆزۈڭ قىلمىغان بولىسەن» دېگەن، شۇڭا ئۆزىمىزنى باشقىلارغا قارىغۇلارچە سېلىشتۇرمايلى.
   ئابدۇلخەبىر بۇ يىل 22 - فېۋرال نيۇيورك شەھىرىنىڭ بىندۇم مەدەنىيەت بايرىمىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، تەنتەربىيەسى، مۇزىكىسى ۋە ئىقتىساد تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇ كەلگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىپ بەردى، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى بولغان مۇقامنى ئاڭلاتتى، «FOX NEWS» نىڭ مۇخبىرلىرى ئابدۇلخەبىرنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا: «ئەگەر ھەربىر ئۇيغۇر ياش بىر مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرسا، بۇ ئۆز مىللىتىگە زور تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ» دېدى.
   ـــ مەن بىزنىڭ مەكتەپتە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدىم، مەن دەسلەپتە ئۇلارغا مىللتىمىنى چۈشەندۈرسەم ئۇلار چۈشەنمىدى، مەن ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا، ھەر بىر سۆزۈم، ھەربىر ھەرىكىتىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇردىن پەقەت مېنىلا كۆرگەنىدى، ئەگەر مەن ئىش - ھەرىكەتتە كەتكۈزۈپ قويسام، چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە داغ يەتكۈزەتتىم. بىراق مەن ئۇنداق بولۇشىنى خالىمايتتىم، شۇڭا مەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم، تۈرلۈك تەنتەربىيە، مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتىم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىمۇ، ھەربىر پەندىكى نەتىجەم 95 نومۇردىن يۇقىرى چىقتى. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مۇكاپات ئېلىپ ئوقۇغاچقا، مۇئەللىملىرىم ماڭا ئامراق ئىدى، شۇڭا ئۆزۈم ئوقۇغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندىم، ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسپىرانتىلىققا قوبۇل قىلىغان چاغدىكى ھاياجىنى توغرىسىدا توختىلىپ.
mmexport1411017727026.jpg

   ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد ئاسپىرانتلىقنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەندە، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە، تۈرۈكچە قاتارلىق تىللارغا پىششىق، بىر كۆپ تىللىق ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلانغانىدى. ئۇ شۇ چاغدا ئامېرىكىدا قېلىپ قالسىمۇ بولاتتى، بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى يەنىلا ئۆز ئانا ۋەتىگە سوقتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
ـــ مەن ئامېرىكىدا ھەرقانچە كۆپ نەتىجە قازىنىپ كەتسەممۇ، ۋەتىنىمگە قايتىپ كەلمەي تۇرۇپ، ۋەتەندىكىلەرگە تۆھبە قوشالمايمەن. شۇڭا مەن گەرچە ئامېرىكىدا يىللىقىمغا 110 مىڭ دوللارلىق مائاش بىلەن ئامېرىكا فورد ئاپتوموبىل شىركىتىگە قوبۇل قىلىغان بولساممۇ، يەنىلا ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم ھەمدە بېيجىڭغا كېلىپ، ۋەتەندىكىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ تەربىيەلەش شىركىتى قۇردۇم. ھازىر شىركىتىمدە بەش ئۇيغۇر، 15 خەنزۇ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ، مەن بۇ ئارقىلىق بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بېيجىڭدا قېلىپ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلدىم. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىسى بولۇپ باھالاندىم.
مۇخبىرنىڭ «سىز كەلپىن ناھىيەسىدە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن بىرلىشىپ، راۋا مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنى قورۇپسىز، سىز نېمە سەۋەبتىن بۇنى قۇردىڭىز؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
   ـــ بىرەيلەننىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتسە ئۇنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويساق، ئۇنىڭ كېيىن يەنە قورسىقى ئېچىۋېرىدۇ، بىراق ئۇنىڭغا مائارىپ جەھەتتىن ياردەم قىلساق، ئۇ بەلكىم كەلگۈسىدە دۆلەت ۋە مىللەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشالىشى مۇمكىن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بولىدۇ، بىراق بىز ئۇنى بايقىيالمايمىز، بىز ئۇنىڭغا مائارىپ جەھەتتىن مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقىۋېلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. مەن مۇشۇ نۇقتىلارنى ئويلاپ، دەسلەپتە ئائىلەمدىكى قېرىنداشلىرىمنى سەپەرۋەر قىلىپ، «راۋا مائارىپ فوندى» نى قۇردۇم، بۇ ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەردە تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلارغا ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپاتى بەردىم، 2014 - يىلى يانۋاردا سەككىز نەپەر كەلپىنلىك سودىگەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قوشۇلۇشى بىلەن «راۋا مائارىپ فوندى» نى «كەلپىن مائارىپ فوندى» غا ئۆزگەرتتىم، ھەمدە شۇ يىلى 30 نەچچە ئوقۇغۇچىغا 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تارقىتىپ بەردىم، ھازىر ئۇلار جۇڭگونىڭ ھەرقايسى داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىدە تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.
ئابدۇلخەبىر مۇھەممەدنىڭ ھاياتلىق سەرگۈزەشتىسدىن بىز مۇنداق بىر جۈملە ھېكمەتنى خۇلاسىيەلىشىمىز مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ: «تىرىشسىڭىز، سىزمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.»


mmexport1411873879186.jpg

(بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2014 – يىللىق 26 – سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)
mmexport1411874037518.jpg
mmexport1411873964697.jpg
mmexport1411017573956.jpg
mmexport1411873879186.jpg
mmexport1411873903586.jpg
mmexport1411873903586.jpg

0

تېما

0

دوست

1467

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10786
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 13:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا يىگىت. بىر مەكتەپ ياكى بىر ئالىم كۆپەيسە بىر تۈرمە  ياكى بىر جىنايەتچى ئازىيىدۇ دەپتىكەن ئابدىقادىر داموللام.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4181
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 13:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-28 14:50  

بارىكاللا يىگىت.سىزدەك ياشلار بىزگە ناھايىتى ،زۆرۈر لازىم. ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىزادتا يۈكىسىلىپ مۇھىم ئورۇنلاردا تۇرالايدىكەن بىزنىڭ پىكىر تەلەپلىرىمىزمۇ بىكارغا كەتمەيدۇ. مۇشۇنىڭغا  ئوخشاش مۇھىم ساھەلەرنى ئىگەللەپ ،ئىقىتىزادىمىزنى يۈكسەلدۈرۈسەك، خېلى ئىشلادا بىز  باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيمىز.

13

تېما

12

دوست

2495

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 814
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 13:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلخەبىرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ قازانغان نەتىجىلىرىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم، ئۇ بىزنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزۇگىدەك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى ئىكەن. ئىمكان بولسا تورداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىنى ۋە دوستلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

529

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 16:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىز ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان ھەر بىر داڭلىق شەخىس مىللەتنىڭ روھى تۈۋرۈكى.

0

تېما

0

دوست

2845

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 896
توردىكى ۋاقتى: 313
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 16:54:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ    يىگىتنىڭ    ئىشلىرى   تىخىمۇ   خەيىرلىك   بولغاي   .

0

تېما

0

دوست

304

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30065
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 18:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ؟  قېرىندىشمىز ئابدۇلخەبىر ئاچقان  چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزنىڭ تور ئادىرسى بىلەن تېلىفۇن نۇمۇرىنى بىلسەڭلار ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭلار  ،،،،،،،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:41:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومۇمەن ھەممە تەرەپتىن يېتىشىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۆزى قىززىقىپ تىرشقان تەرەپتىن بۈسۈپ چىقىش تاماماەن مۇمكىن.
بيېجىڭغا ئوخشاش شەھەرلەردە ياكى چەتئەللەردە ياشاپ تەر ئاققۇزىۋاتقان ئابدۇخەبىر، نۇرئەلى، نىغمەت رەھمان...قاتارلىق زامانداش، قۇرداشلارغا يەنىمۇ غەيرەت ، جاسارەت تىلىدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )