ئالىم ھايات مەڭگۈ قەلبىمدە
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەۋەللۇتىنىڭ 81 يىللىقىغا ئاتەپ
چۈشۈم
ئاقساقاللىق قامەتلىك بوۋاي،
ئولتۇرىدۇ ئۈستەل ئۈستىدە.
خىيال قىلىپ نېمىلەرنىدۇر،
يازاتتى ئۇ قەغەز يۈزىگە.
ۋاراقلايىتتى توم-توم كىتابنى،
ئەينەك تاقاپ ئۆتكۈر كۈزىگە.
توۋا
قوللۇرۇمدا تۇراتتى دەستە،
ماڭماقتىمەن ئۇنىڭغا قاراپ.
قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئىتتىك،
ئۇچسام دەيىتتىم ھەتتا ئالدىراپ.
گۈلنى تۇتسام دەيىتتىم ئۇنىڭغا،
يۈرەكلىرىم كىتەرمۇ يايراپ.
ئەسسالام
سالام قىلدىم ئاڭا مۇلايىم،
قۇلۇم تەڭلەپ ئۇلۇغ بۇۋايغا.
باسسام دەيىتتىم ئۇنى ئۇزاقراق،
ھارارەتسىز نامەرد باغرىمغا.
بۇۋاي ماڭا باقتى مۇلايىم،
باستى مېنى ئىللىق قوينىغا.
يۈرەكلىرىم يايرىدى شۇ ئان،
ئېسىلاتتىم ئۇنىڭ بوينىغا.
گۈلنى تۇتتۇم،
مېھرى ئىللىق ئۇلۇغ بۇۋايغا،
تەبرىكلىدىم تەۋەللۇتىنى،
تىلەك تىلەپ دەريا- تاغلارغا.
ئوغلۇم
سۆز باشلىدى بوۋاي دەسلەپتە،
رەھمەت ساڭا مېنى ئەسلەپسەن.
خەۋەردارمەن قىلغانلىرىڭدىن،
ماڭا ئاتاپ سالام يوللاپسەن.
بوۋا
كەچۈر نامەرت ئوغلانلىرىڭنى،
يەردە قويدۇق ئۈمۈدلىرىڭنى،
قەدرىڭ قىلىپ ھەم ئۆتەلمىدۇق،
قازالمىدۇق ئەسەرلىرىڭنى.
سەرپ قىلىپ ئۆمۈر ۋاقتىڭنى،
مىللەت ئۈچۈن قازغانتىڭ ئۈنچە،
قەدرىڭ بىلمەي تىللىدۇق سېنى،
ئېچىلمايلا خارلاندى غۇنچە.
ئوغلۇم
خەلق ئۈچۈن ئىشلىدىم ئۆمۈر،
رازىمەن كۆرگەن كۈنۈمگە.
ئۇيغۇرلۇقۇم پەخرىم بولغاچ،
زەن قويمۇدۇم نامەرت سۆزىگە.
ئەنسىرەيمەن پەقەت ئۇلاردىن،
قىلمىسىدى دەپ ئاخىر ئۆزىگە.
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
2014-9-28
|