قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1908|ئىنكاس: 15

تىلىمۇ، دىلىمۇ سۆزلەۋاتقان نۇر ئەلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

12

دوست

2495

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 814
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 17:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

تىلىمۇ، دىلىمۇ سۆزلەۋاتقان نۇر ئەلى

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم

mmexport1408761527770.jpg


   تالايلىغان تور، تېلېۋىزىيە ئەھلى نۇرئەلى ئابلىزنىڭ «ۋاقتىمىز نەگە كەتتى» دىن باشلانغان يۇقىرى سەۋىيەلىك، قىسقا، تېتىملىق ۋە ئۆلچەملىك ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە نۇتۇقلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇشتى.
   ياشلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئېكران ئالدىدىكى قىياپىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئېكران كەينىدىكى جاپالىق تىرىشىش جەريانىغا، ئۇنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، خىزمەتتىن ئىبارەت ھاياتتىكى مۇھىم ھالىقلارنى قانداق تەڭشىگەنلىكىگە قىزىقىدىغانلىقى ئېنىق.
   نۇرئەلى ئابلىزنى زىيارەت قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدىن ئەسقەر ياسىن ئاكا نۇر ئەلى ئابلىزنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، «ئىنىم ئابدۇرۇسۇل، ئەگەر ۋاقتىڭىز چىقسا، نۇر ئەلى ئابلىزنى زىيارەت قىلىپ، ماقالىڭىزنى ژۇرنىلىمىزغا يوللاپ بېرەلەرسىزمۇ؟ بىز نۇرئەلىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، دىيارىمىزدىكى ياشلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدۇق» دېدى. ئەسقەر ياسىن ئاكىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك زىيارەتنى ھاۋالە قىلىشى ماڭا ياغدەك ياقتى. مېنىڭ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن نۇرئەلىنى زىيارەت قىلىپ ئاڭلارمەنلەرگە تونۇشتۇرۇش ئويۇم بىلەن بىر يەردىن چىقىپ قالدى.
   نۇرئەلى ئابلىز بىلەن كۆرۈشۈش ھە دېگەندىلا ئۇنچىلىك ئاسان بولۇپ كەتمىدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىۋاتقان مەزگىل دەل دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىل بولۇپ، سۈرۈشتۈرسەم بۇ توپ مەستانىسى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش ئۈچۈن بىرازىلىيەگە كەتكەن ئىكەن. بېيجىڭدا ئۇنى بىر مەزگىل ساقلاشقا توغرا كەلدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن كەڭتاشاراق پەيت تاللاپ زىيارەت قىلىشنى ھە دېگەندىلا بېكىتكىلى بولمىدى. «ئابدۇرۇسۇل ئاكا، مەن ھازىر ‹يېڭى شەرق› ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈۋاتىمەن. ئادەتتە كۈنىگە 10 سائەت ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسى، ئىنگلىز تىلى ئېغىز تىلى دەرسى ئۆتىمەن. ئەتىگەن، چۈشتىن كېيىن ۋە كەچگە تولۇق دەرس ئۆتۈش ئورۇنلاشتۇرۇلغان، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىم تولىمۇ قىسقا، ئەگەر دەرستىن چۈشۈش ۋاقتىمنى ساقلىسىڭىز ياكى مەن دەرستىن چۈشۈپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا بارغۇچە بەك كەچ بولۇپ كېتىدۇ. ئارىلىقىمىز يىراق، سىز بېيجىڭنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، مەن شىمال تەرەپ، قانداق قىلساق بۇلار!» دېدى نۇرئەلى ئابلىز ئۆزرە ئېيتىپ.
كۈنىگە 10 سائەت گەپ قىلىش؛ 10 سائەت ئۆرە تۇرۇپ، ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەش، يەنە كېلىپ ئانا تىلدا ئەمەس، باشقا بىر تىلدا؛ يەنە ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن كىتاب كۆرۈش ۋە داۋاملىق بېسىپ تىل ئۆگىنىش؛
     ئادەتتە كۈنىگە ئىككى ئۈچ سائەت دىكتور-رىياسەتچىلىك قىلىپ، خەۋەر، پىروگرامما ئاڭلىتىپ بولغۇچە ھېرىپ جۇلىقىم چىقىپ كېتەتتى، ئىدارىنىڭ خىزمىتى تۈگىگەن ھامان ئۆيگە بېرىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ، ئارامخۇدا دەم ئېلىشقا ئالدىراپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ۋە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، «نامىڭ بىكار چىقماپتىكەندە سېنىڭ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
   نۇرئەلى ئابلىزنىڭ بىرازىلىيەگە نەق مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرگىلى ماڭغانلىقىغا ۋە تورغا چىقىرىلغان گېتتارنى قولتۇقلاپ چۈشكەن نەچچە پارچە رەسىمىگە قاراپ ۋە بېيجىڭدىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئويۇننى قولدىن بەرمەيدىغان ئويۇنپەز، لېكىن ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە كەلگەندە ھەر قانداق ئويۇن-تاماشا، بىكار تەلەپلىك، راھەتپەرەسلىكنى قولىنىڭ كەينى بىلەن ئىتتىرىدىغان، مىختەك ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىدىغان بېلى چىڭ بالا ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدىم. تۇنجى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرى مېنىڭ ئويلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى:
   ـ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى ئۆزۈم تاللىغان، مەن كىچىكىمدىن ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى ياخشى كۆرەتتىم. ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جۇڭگوغا ۋە دۇنياغا داڭلىق ئەركىن ئىدىيەگە ئىگە بۇ مەكتەپنىڭ ئەركىن ئوقۇتۇش مۇھىتى مېنى خېلى بۇرۇنلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. «مەكتەپنىڭ كەسىپنى ۋە ئويۇننى قولدىن بەرمەسلىك» دەيدىغان تەشەببۇسى بار، مەن بۇ تەشەببۇسنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. كۈندۈزى كىتاب كۆرىمەن، كېچىسى ئوينايمەن. مەكتەپنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن. بىزنىڭ خەلق ناخشىلىرىمىزدا «ئوينىساڭ تۈزۈك ئوينا، ھەر ئىشنىڭ يولى بىلەن» دېگەندەك ئېسىل مىسرالار بارغۇ. بۇنداق ھېكمىتى بار ناخشىلارنى خەلق بىكارغا ئىجاد قىلمىغان. مەن ناخشا-سازغا ئامراق. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ «ئۈزۈلمەس مېلودىيە»، «ئوكيان كۈيلىرى» پىروگراممىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن. مېنىڭچە، ئۆگىنىشنى جايىدا قىلالمىغان، ئويۇننى تۈزۈك ئوينىيالمىغان ئوغۇل بالا ياخشى ئوغۇل بالا ئەمەس.
     نۇرئەلى ئابلىزنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى تەرەپتە بولۇپ، شىمالىي قوۋۇققا جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە خېلى يىراق بولۇپ، بېرىپ كېلىشتە ئۈچ سائەتتەك ۋاقىت ئاپتوبۇستا كېتەتتى. نۇرئەلى بۇ ئۈچ سائەت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. قىش كۈنلىرى بۇ ئۇزۇن مۇساپىنى ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇرۇپ ماقالە يادلاپ تۈگىتەتتى، بەزىدە كىتاب ئوقۇتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ يولدا بىر نەرسە يادلاپ مېڭىشقا ئادەتلىنىپ قالدى. ئۆيىنىڭ تېمىغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دەرۋازىسىنىڭ سۈرئىتىنى چاپلاپ قويۇپ، چوقۇم مۇشۇ مەكتەپكە ئۆتىمەن، دېگەن كۈچلۈك ئازرۇ بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدى. تازا كۈچەپ ئۆگەنگەن چاغلىرىدا 12 دە ئۇخلاپ، ئەتىگەن سائەت 4 دە ئورنىدىن تۇردى. شەنبە، يەكشەنبە ۋە ئويۇن-كۈلكە دېگەن ئۇقۇملارنى بىر مەزگىل كاللىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئەجرى، ئاققۇزغان تەرلىرى بىكار كەتمىدى. ئۇ ئاخىرى ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى.
-ئەگەر ھاياتىڭىزنى مەنىسىز ھېس قىلسىڭىز، ئىككى سەۋەب بار، بىرى تۈزۈك كىتاب ئوقۇمىدىڭىز، يەنە بىرى تۈزۈك بەدەن چېنىقتۇرمىدىڭىز. ئەگەر ھاياتىڭىزدا قەتئىيلا مەنا يوق، ياشاشنىڭ ئورنى يوق ھېس قىلسىڭىز، چوقۇم ھەم كىتاب ئوقۇمىدىڭىز ھەم چىنىقمىدىڭىز. شۇڭا، ياشلىرىمىز چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى ئىش بار. بىرى بېسىپ كىتاب كۆرۈش، يەنە بىرى بەدەن چېنىقتۇرۇش. كىتاب ئوقۇش بىزنى روھى جەھەتتىن ساغلام قىلىدۇ. چېنىقىش بىزنى جىسمانىي جەھەتتىن بەردەم قىلىدۇ. ياشلار بىر كۈندە ھىچ بولمىغاندا بىر سائەت كىتاب كۆرۈشى، بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئاجايىپ زور. مەن ياش دوستلارغا جورجى ئوۋېلنىڭ «ھايۋانلار قورۇقى» دېگەن كىتابى بىلەن چەتئەللىك بىر ئاپتورنىڭ «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ بېقىشقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مېنىڭچە، نۇرغۇن ئىشلاردىكى پايدىسىز ئاقىۋەت بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويۇشتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. مەن ھازىر مىكرو بىلوگىمدىكى ئەگەشگۈچىلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ ھەم مىكرو بىلوگدىن پايدىلىنىپ ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈش قارارىغا كېلىپ، «سەگەكلەر ئۆمىكى»،«كىتابخۇمارلار ئۆمىكى»،«چىنىققۇچىلار ئۆمىكى»نى قۇرۇپ چىقىپ، مىڭلىغان تورداشنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلدىم. مەن «سەگەكلەر ئۆمىكى»گە قاتناشقۇچىلار بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ، مېنىڭ مىكرو بىلوگغا يوللىغان داڭلىق كىشىلەرنىڭ نادىر ئۈزۈندىلىرىنى ئىنگلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلسا ھەم مۇشۇنداق قىلىشنى 21 كۈن داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارغا سوۋغات بېرىمەن. مېنىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىممۇ تورداشلارنىڭ سەھەر تۇرۇش بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئىنگلىز تىلى بىلىملىرىنى جۇغلاش ۋە ئىرادىسىنى چىنىقتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت،-دېدى نۇر ئەلى ئابلىز زىيارىتىمنىڭ دەسلىپىدىلا.
نۇر ئەلى دەسلەپتە كومپىيوتىر تېخنىكىسى ئىلىمىي فاكۇلتېتىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش كەسپىنى تاللىدى، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئۆزىنىڭ بۇ كەسىپكە قارىغاندا ئىنگلىز تىلىغا ۋە نۇتۇق سۆزلەشكە تېخىمۇ بەك قىزىقىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، كومپيۇتېر فاكولتېتىدىن ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىغا يۆتكەلدى. ئۆزىگە رىقابەت ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرئەلى تۆت يىلدا تاماملايدىغان ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى ئۈچ يىلدىلا تۈگەتتى. كەسپىي ئىنگلىز تىلى بىلىملىرىنى ئۈگەنگەندىن سىرىت، يەنە ئالىي ماتېماتىكا، كومپيۇتېردىن ئومۇمىي بايان، ئېلېكتىرو ماگنېتىزم، يورۇقلۇق ئىلمى، ئىسسىقلىق ئىلمى، مېخانىكا قاتارلىق ئىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىپ ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەندە تەڭ يېتىشىپ چىقتى. مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ئۆز كەسپىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن باشقا دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى باش چۆكۈرۈپ ئوقۇدى. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىنگلىز تىلى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، بۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا، دوستلىشىشقا تەشكىللىدى. ئۇ يەنە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئىنگلىز تىلى چولپانلىرى» نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئىككىنچىلىككە، بېيجىڭ ئولىمپىك ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ھەم «ئەڭ نادىر ئىجادىي تەپەككۇر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق ھەپتىسىنىڭ ياز پەسىللىك تۈرىدە «ئەڭ ياخشى تەشكىللىگۈچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق ھەپتىسىنىڭ قىش پەسىللىك تۈرىدە «مۇنەۋۋەر ۋەكىل» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. شەرقىي شىمالىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئىنگلىز تىلىدا مۇنازىرىلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇنەۋۋەر باھالىغۇچىسى بولدى. بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىگىلىز تىلى رىياسەتچىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولدى ھەم «ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر ماھىر» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش ماھارىتى كاتتا مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئوقۇتقۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىنگلىز تىلى كەسپى 8-دەرىجە كىنىشكىسىنى ئالدى. توفىل ئىمتىھانىدا 114 نومۇر ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىزچە بىلەن ماقالە يېزىشتا تولۇق نومۇر ئالدى، ياسى ئىمتىھانىدا 8 نومۇر، تويى ئىمتىھانىدا 950 نومۇر ئالدى.
2.jpg

مەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ بىر مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان پايتەخت بېيجىڭدا ۋە دىيارىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇتۇق قازانغانلارنى زىيارەت قىلىپ، شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، بەدەلسىز تائام، ئەجرىسىز نەتىجە بولمايدىكەن. ھەر قانداق بىر ئادەم ياكى بىر توپنىڭ رىيال ھاياتىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى شۇ ئادەم ۋە شۇ توپنىڭ قىيىنچىلىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى، شۇ قىيىنچىلىقنى قانداق يېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. دوكتۇر زەپەر ئابلىزنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ ماڭا «مەن كۈنىگە 16 سائەت ئىشلەيمەن» دېگەن ئىدى. دوكتۇر مەدىنە ئابلىكىمنى زىيارەت قىلغاندا «ئەنگلىيەدىكى ئوقۇش ھاياتىمدا كېچىسى فورمۇلا ئىشلەپ، كىتاب ئوقۇپ، تالاي قېتىم تاڭنىڭ قانداق ئېتىپ كەتكىنىنى بىلمەي قالاتتىم» دېگەن ئىدى. دوكتۇر ياسىن ھوشۇرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرگىنىمدە تورۇسقا تاقاشقان تۆت تام كىتاب جازىسىدا لىق كىتاب بولغاندىن سىرت، كىتابلارنىڭ تولىلىقىدىن ماڭا بۇ ئۆيدە دەسسەيدىغانغا يەر، ئولتۇردىغانغا ئورۇن يوقتەك بىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سافادىكى بىر دۆۋە كىتابنى باشقا يەرگە جايلاشتۇرۇپ قويۇپ مېنىڭ «ياسىن ئاكا، مۇشۇ كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇيدىغان گەپمۇ؟» دېگەن سوئالىمغا كۈلۈپ تۇرۇپ، «ئوقۇماي بولمايدۇ، ئوقۇمىساق قانداق تەتقىقات قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. دوكتۇر دولقۇن قادىر «مەن كىتاب ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلىپ، شاۋقۇن-سۈرەندىن خالىي قانچە بۇلۇڭغا كىرىپ كەتكەنسېرى ئۆزۈمنىڭ ھامان بىر كۈنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقرالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن» دېگەن ئىدى. دوكتۇر ئېلىجان تۇرەك «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلاردا ياتاقنىڭ توكى بالدۇرلا ئۆچۈپ كېتەتتى. مەن خەنزۇتىلى، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كارىدورغا چىقىپ، تالاي كېچە ئۆگىنىش قىلاتتىم. كۈندۈزى يەنە سەھەر تۇرۇپ، تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلەيتتىم» دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئىلىم-تەھسىل قىلىۋاتقان نۇر ئەلى قادىر، تۇرسۇن ئەبەي، ئەسقەر ياسىن، ۋىجدان ئابلىكىم قاتارلىق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدىم. نۇرئەلى ئابلىز ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى، ياشىغان مۇھىتى ۋە ئوقۇغان مەكتەپلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۇلاردا بىرلا ئورتاقلىق «ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش» دەيدىغان ئۆگىنىش قىلىش روھى بار ئىدى.
-ياشلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدىڭىز، بېسىم ھېس قىلامسىز-يوق، دەپ سوراپ قالدىڭىز، مەندە ھېچقانداق بېسىم يوق. مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدىم، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىنى ئۆگەندىم، مەن قىلغان ئىشنى باشقىلارمۇ قىلالايدۇ. مەن قەلبىمدىن چىققان ئاۋازىمغا بەكرەك قۇلاق سالدىم، نېمە ئىش قىلىش، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدىم. «ۋاقىت نەگە كەتتى» دېگەن نۇتۇقۇمدا ئېيىتقاندەك ھەر بىر كۈنۈمنى، ھەر يېرىم سائەت ۋاقتىمنى ئەتراپلىق پىلانلىدىم. 34 ئالتۇن تىللانى قەدىرلىدىم. بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئارزۇلىغان نىشانغا يەتتىم، مېنىڭ نۇرغۇن نىشانلىرىم بار، شۇ نىشانلىرىم ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. بېسىم- قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىقتىن، ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا، قەلبىدىن چىقىۋاتقان ئىچكى ئاۋازغا قۇلاق سالماسلىقتىن، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئەتراپلىق پىلانلىماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. دادام كۆز ئالدىمدا، ئالتە مىنۇتنىڭ ئىچىدە تۇيۇقسىز قازا قىلىپ كەتتى. ئاشۇ ئازابلىق مىنۇتلارنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن. ھايات تولىمۇ قىسقا ئىكەن، ئۆلۈم كۆز بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىلا بولۇپ، ئىگىسى جاننى ئېلىپ كېتىمەن دېسە، بىر دەمدىلا ئېلىپ كېتىدىكەن. دادام ماڭا دائىم شۇنداق دەيتتى: «بىر ئەر كىشىنى ئەر قىلىدىغىنى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆزىگە، ئەڭ مۇھىم ئائىلىسىگە مەسئۇل بولغاندا، ئائىلىسىگىلا ئەمەس ئۆز جەمئىيىتى، مىللىتى ۋە دۆلىتىگە مەسئۇل بولغاندا، ئاندىن ئۇ بىر ئەركەك سانىلىدۇ.» دادامنىڭ بۇ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن تېخى كەتكىنى يوق. دادامدا ئالغا ئىنتىلىش روھى ھەم مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق بار ئىدى، ئۇ ھەر ۋاقىت دۇرۇس خاراكتېرنى ئىپادىلەيتتى. ئۇ بۇ خىل خاراكتېرنى تۇرمۇشتا سىڭلىم ئىككىمىزگە ئۈن-تۈنسىز سىڭدۈرگەن، بۇ ئۇنىڭ بىر كۆڭلەكنى نېمىشقا 10 يىل كىيگەنلىكىنىڭ، باشقا بالىلار يېڭىدىن مودا بولغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيسە، ھەر خىل مودا ئويۇنچۇقلارنى ئوينىسا، سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلماسلىقىمىز، ئۇلار بىلەن بەسلەشمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى. چۈنكى دادام بىزگە نېمىنى قەدىرلەش، نېمىنى قەدىرلەپ كەتمەسلىكنى ئۆز ئەمەلىيىتى، ئاشۇ خاراكتېرى بىلەن تونۇتقان ئىدى. دادام ئىزچىل بىزگە ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، دەپ چىڭ تۇرىۋالمايتتى. ئىلىم ئېلىش، پىكىر بايان قىلىشتا دادام بىزگە كەڭرى مۇھىت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتى، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش شارائىتى بىزدە تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇيدىغان، ئەجىر سىڭدۈرسەكلا چوقۇم ھالاۋىتىنى كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرگەن ئىدى. مەن ئاتا-ئانىلارغا شۇنداق دەيمەنكى، بالىلىرىڭلارغا ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، ئەمەس. نېمىنى قىلساڭ بولىدۇ، نېمىنى قىلساڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارغا يولۇقىسەن، دېگەن تەربىيەنى بەكرەك بەرگەن بولساڭلار! –دېدى نۇر ئەلى كەسكىن تۈردە.
مەن يېنىمدا سۆزلەۋاتقان نۇر ئەلىنىڭ يېشىغا باققاندا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، گەپ-سۆزلەرنى ئاۋۋال كاللىسىدا تاسقاپ تۇرۇپ، ئىدىتلىق قىلىدىغان بالا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭغا «34 تىللانى خەجلەش ئۇسۇلى»غا دائىر مەزمۇنلارنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەندىن كېيىن، نۇر ئەلىنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ماھارىتىگە قايىل بولغانلىقىمنى دېدىم. دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ، غەربلىكلەر بولۇپمۇ ئامېرىكانلارنىڭ ۋاقىتنى مىنۇتلاپ ھېسابلاپ، ھەر بىر كۈنگە پۇختا پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىككى ئاي ھەتتا ئۈچ ئاي بۇرۇن تۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ۋە بۇ پىلاننى ھەرگىز بۇزۇپ قويمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن «بۇ دۆلەت بىكار تەرەققىي قىلماپتىكەندە» دەپ ئويلىغان ئىدىم. زۇلپىقار بارات ئۆزباش بۇ قۇرلارنى يېزىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكانلارنىڭ ھىم، پۇختا پىلان تۈزۈش، ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆز پېتى ئۆزلەشتۈرۈشىنىڭ خېلى تەسكە توختىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمدىلىكتە نۇر ئەلى ئابلىزنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئېكران يۈزىدە ئايان بولۇشى بىلەن تەڭ 34 تىللانى ئۆز يولىدا، ئىدىتلىق خەجلەشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم.
ئەنخۇي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېكرانىدا كۆرۈنگەن نۇر ئەلى ئېكران ئالدىكى تاماشىبىن ۋە كۆرۈرمەنلەرگە مۇنداق دەيدۇ: كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر؟ مەن نۇر ئەلى. ھەممەيلەندىن بىر سوئال سوراپ باقاي، تۈنۈگۈن ئاخشام سىلەر نېمە ئىش قىلدىڭلار؟ ئېسىڭلاردا بارمۇ؟
ئەلۋەتتە ئېسىڭلاردا بار، چاتاق يوق، ئۇنداقتا مەن خالىغان بىر كۈننى سوراپ باقاي، بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى شەنبە كۈنى، ئەتىگەن ئورنىڭلاردىن تۇرغاندىن باشلاپ، كەچ بولغۇچە نېمە ئىشلارنى قىلدىڭلار؟
پەرىزىمچە پۈتۈنلەي ئەسكە ئالالمىدىڭلارغۇ دەيمەن، ئەگەر ئۇ كۈنى بىر كۈن ھۇشسىز ھالەتتە تۇرۇپ، ھىچ ئىش قىلمىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا سىلەر مېنىڭ دېگىنىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەمسىلەر؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلالمايسىلەر، كۆپ قىسىم كىشىلەرمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ. بۇ دەل ئالدىنقى يىلى چاغاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ۋاقىت زادى نەگە كەتتى» دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ قايغۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبى، مەن ئۆز ۋاقتىدا بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئازراقمۇ خۇرسىنمىغان ئىدىم. چۈنكى مەن شۇنى بىلەتتىمكى، ھەر قانداق نەرسىنى خاتىرىلەپ قويمىسا، ئۇ ئەجەبلىنەرلىك ھالدا غايىب بولىدۇ. ئالايلۇق، ئەگەر پۇلنى ھېسابلاپ خاتىرىلەپ قويمىساڭلا، يۈز يۈەن پارچىلانسا، بىر دەمدىلا تۈگەيدۇ، شۇڭلاشقا ھېساباتنى خاتىرىلەپ قويىسىلەر. ئەمما بىز ھەممەيلەن بىلىمىز، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت. ۋاقىت پۇلدىنمۇ ھەم قىممەتلىك، بىز ھېساباتنى خاتىرىلەپ قويىمىز-يۇ، ئەمما نېمە سەۋەبتىن ۋاقىتنى خاتىرىلەپ قويمايمىز؟
ئەمما بەزىلەر رەددىيە بېرىپ، ۋاقىت بەكلا مەۋھۇم، ئۇ پۇلغا ئوخشاش ئەمەلىي ئەمەس، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش بەكلا بەدىئىي دېيىشى مۇمكىن، ئۇنداق بولسا قانداق ھەل قىلىمىز؟
شۇڭلاشقا مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىر خىل ئۇسۇلنى خۇلاسىلەپ رەتلەپ چىققان ئىدىم، بۇ ئۇسۇل «34 تال تىللا ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇسسۇل ناھايىتى ئاددىي، ئەتىگىنى سائەت يەتتىدە ئورنىڭلاردىن تۇرىسىلەر، ئاخشىمى سائەت 12 دە ئۇخلايسىلەر، ئويغاق ھالىتىڭلار جەمئىي 17 سائەت بولىدۇ، يېرىم سائەت بويىچە تۈرگە ئايرىساق، بۇ 17 سائەت 34 بۆلەككە ئايرىلىدۇ. ئۇنداقتا سىلەردە 34 تال تىللا بار دېگەن گەپ. ئەلۋەتتە سىلەر: نېمىشقا سائەت يەتتىدە تۇرىمىز؟ سائەت سەككىزدە تۇرساقمۇ بۇلامدۇ؟ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئۇنداقتا سىلەردە 32 تال تىللا بار بولغان بولىدۇ. سائەت توققۇزدا بولسا ئوتتۇز تال، ئەگەر كۈندە ئىككى سائەت ئويغاق تۇرغان بولساڭلار سىلەردە پەقەت تۆت تال تىللا بار بولىدۇ.
مۇنداق ئادەملەرمۇ بار، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋاقىتلىرىنى قانداق سەرپ قىلغانلىرىنى خاتىرىلەپ قويىدۇ. ئەگەر ۋاقىتنى بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزگەن بولسا، مەسىلەن ئۈنۈملۈك ئىشلىگەن، ئۆگىنىش قىلغان ياكى ھۇزۇرلانغۇدەك ئوينىغان بولسا جەدۋىلىنى يېشىل رەڭگە بوياپ قويىدۇ، ناۋادا ۋاقىتنى شۇنچىلىك مەنىسىز ئۆتكۈزدى، ئارقىغا سۆرىدى، ئەپلەپ-سەپلەپ بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈردى، مەسىلەن، توختىماي بىلوگ، دوستلار چەمبىرىكىگە ئۇچۇر يوللىدى، ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۆزى ماختىدى، دەيلى، ئۇنداقتا جەدۋەلنى قىزىلغا بويايدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ بىر كۈن ئىچىدە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان-بولمىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ جەدۋەلنىڭ كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغان بىر رولى بار، ئالايلۇق، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇرۇنقى 92 كىلوگراملىق پور سېمىز ھالەتتىن، ھازىرقى 70 كىلوگرامغا چۈشتۈم، مائاشىممۇ نەچچە ھەسسە ئۆستى، تۆت پارچە كىتاب يازدىم، مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلىكى ئادەم، يەنى دوستلىرىمدىن يۈزدىن ئارتۇقى بۇ ئۇسسۇل ئارقىلىق مائاشىنى خېلىلا ئۆستۈرىۋالدى.
ئەلۋەتتە، سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇسۇل بۇنداق ھەيراق قالارلىق؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ئىشەنچلىك. ئۇ پەقەت ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت ئۈچ سۆز خالاس. ئۇنداقتا قانداق ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؟ ناھايىتى توغرا، بۇ ئويۇننى ئوينىغان ۋاقىتتا، قىستاپ كەلسىمۇ پەرۋا قىلماي يەنە ئويناۋېرىدۇ. ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولىدۇ، نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى، ئويۇن كىشىگە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى نومۇر خاتىرلەشتىن كېلىدۇ. چۈنكى سول بۇرجەكنىڭ ئۈستىدە نومۇر خاتىرىلىنىۋاتقان بولغاچقا ئويۇن ئوينىغۇچى ئويۇننى شۇنچە بېرىلىپ ئوينايدۇ. ئەگەردە نومۇر خاتىرلەنمىسە، ھىچ نەرسە يوق ئۆزى بىلەن ئۆزى يالغۇز يۈگۈرەۋەرسە چوقۇم ئوينىغۇسى كەلمەي قالىدۇ. شۇڭلاشقا خاتىرىلەش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشكىلى، شۇ ئارقىلىق تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىلى، مۇشۇ يوسۇندا مەقسەت- نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ.
2013-يىلىدا جەمئىي 365 كۈن، 52 ھەپتە، 8760 سائەت، 12410 تىللا بار ئىدى. ئۇنداقتا ئاشۇ تىلالار نەگە كەتتى؟ سىلەرنىڭ ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ مېنىڭ ھازىرغىچە ئېسىمدە بار. ئەلۋەتتە بۇنى ئاڭلاۋاتقان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىككى خىل ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ۋاي خۇدايىم، بۇ ئاداش ھەجەپ نورمالسىزكەن، ئۇنىڭدىن نېرىراق تۇراي، دەپ ئويلايدۇ. ئىككىنچى خىل ئىنكاستىكىلەر، ۋاي خۇدايىم، بۇ ئاداش ھەجەپ نورمالسىزكەن، مەنمۇ بىر سىناپ باقايچۇ، دەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ كېيىنكىسى بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن پەستە ئولتۇرغان ھەر قايسىڭلارنىڭ بىر ئىشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ ۋاقىتنى خاتىرىلەش ، ئادەت يېتىلدۈرۈش، خاراكتېر يارىتىش، پۈتۈن ھاياتىڭلارنى ئۆزگەرتىش، كۆپچىلىككە رەھمەت.
نۇرئەلى ئابلىزنىڭ ئىكران ئالدىكى بۇ قايىل قىلارلىق نۇتۇقلىرى ئۇنىڭ ۋاقىتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان، بىر ئادەمنىڭ غەلبە قىلىش قىلماسلىقىنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش-تۇتماسلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان ياش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
بېيجىڭ ئېلىمىزنىڭ پايتەختى شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالىق شەھەر. ئىسلاھات، ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يېڭى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بېيجىڭغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلەر كېلىپ، بۇ يەردە تىجارەت قىلىپ، پۇل تېپىپ يۇرتىنى گۈللەندۈرگەن. بەزىلەر ھەتتا مۇشۇ يەردە داۋاملىق قېلىپ ۋە بېيجىڭدىن باشقا ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردە ھالال تىجارەت قىلىپ، ھەر قايسى يەرلەرنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ناملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن تىجارەتچىلەر بېيجىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆزىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر تۆھپىسىنى قوشۇپ، جۇڭگودىكى باشقا ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر نامدا ئاشخانا ئېچىش، ئەمەلىيەتتە خېروئىن سودىسى قىلىش، دىيارىمىزدىكى كىچىك بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ كېلىپ ئوغرىلىققا سېلىش، «ماتاڭ» قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى يۇقىرى باھادا زورلاپ سېتىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئەزەلدىن تەشۋىقات-ئاخباراتقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بېيجىڭدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپ، ناتوغرا قىلمىشلىرىدىن ئەپسۇسلاندى ۋە سورۇنلاردا ئاشكارا تەنقىدلىدى. كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت بېيجىڭ شەھىرىدە قانۇنسىز ئىش پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. لېكىن، «بىرىنىڭ كاساپىتى مىڭغا» دېگەندەك ئەنە شۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قىلىپ قويغان ناتوغرا ئىشلىرى كاساپىتىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىچكىرىدە تۇرىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى خەق خاتا چۈشەنگەن ئەھۋالمۇ سادىر بولدى، كېيىن تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇنىڭ جۇڭخۇا ئېلىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئالىملارنى تەدرىجىي تونۇشتۇرۇشى قاتارلىق ئىجابىي تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇرلار، شۇنىڭدەك بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشىنىش بىر قەدەر ئايدىڭلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قۇرامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ ئالداپ ئېزىقتۇرۇشى ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى. بېيجىڭدا ھازىر شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنى چۈشىنىدىغان ئامما تەدرىجىي كۆپەيدى، شۇنداقتىمۇ بېيجىڭ خەلقىگە شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلارغا دائىر تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۆپەيتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا ئېلىگە قوشقان تۆھپىسىنى تېخىمۇ تونۇتۇش، جۇڭگودا ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ئېتىقادى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان داڭلىق تارىخىي شەخسلەر ، زامانىمىزدىكى داڭلىق كىشىلەرنى خەنزۇ قاتارلىق ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرگە كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ئېتىقادىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش-ئىناق جەمئىيەت تەكىتلىنىۋاتقان، مەدەنىيەتتە زور  تەرەققىيات، زور گۈللىنىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، تولىمۇ زۆرۈر، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مانا، خەير-ساخاۋەت ئىگىسى ئالىمجان تاراتقۇلاردا تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك ئىش-ئىزلىرىنى پۈتۈن ئەل بىلىپ كەتتى، شىنجاڭدا، ئىچكىرىسىدە ھالال تىجارەت قىلىپ كاۋاپ سېتىۋاتقان كاۋاپچىلار ئۇنىڭغا قايىل بولدى ۋە خۇرسەن بولدى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭ، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ يەرگە جۇڭگودىكى داڭلىق ئىختىساسلىقلار يىغىلغان، چوڭ خەلقئارالىق شەھەر بولغانلىقى، 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىلىرى بېيجىڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى دېققەت قىلىدىغان، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بولدى. نۇرئەلى ئابلىز بېيجىڭ «يېڭى شەرق» ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە بېيجىڭ شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت كىشلىرىگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىكران ئالدىدا سەمىمىيىلىك بىلەن بايان قىلىپ، باھالىغۇچىلار، تاماشىبىنلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئورتاق قايىللىقىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ ئەنخۇي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يېتۈك ناتىق» پروگراممىسىدا ئىكران ئالدىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
بېيجىڭدا دەرس ئۆتۈۋاتقان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بۇلۇش سالاھىيىتىم بىلەن دائىم ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ مۇنداق قىزىقارلىق سوئاللىرىغا يولۇقىمەن. مەسىلەن شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمنى بىلگەن ئوقۇغۇچۇمدىن بىرى شۇنداق ھاياجانلانغان ھالدا قوللىرىمنى سىقىپ تۇرۇپ:
-مۇئەللىم، مەن شىنجاڭنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھەر قېتىم شىنجاڭغا بېرىپ، بىپايان يايلاقتا ئولتۇرۇپ، تويغۇچە گۆش يەپ، ئاتقا مىنىپ، ئوقيا ئاتىدىغان شۇنداق بىر خىل ھېسسياتنى ھېس قىلىپ باقسام دەيمەن، مۇئەللىم سىز ئادەتتە قايسى خىلدىكى ئاتقا مىنىپ مەكتەپكە بارىسىز؟
بۇ چاغدا ئوقۇغۇچۇمدىن يەنە بىرەيلەن:
-بەك دۆتكەنسەن، مۇئەللىم قانداقسىگە ئات مىنىپ بارىدۇ، مۇئەللىم چوقۇم مەكتەپكە ئېشەك مىنىپ بارىدۇ.
-مۇئەللىم، سىز دائىم ئۇسسۇل ئوينامسىز؟ شىنجاڭلىقلار ئۇسسۇلنى ئىنتايىن چىرايلىق ئوينايدىكەنغۇ، ھېلىقى «چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت» دېگەن ناخشىغا بىر ئۇسسۇل ئويناپ بېرىڭە، تېخى ئۇسسۇل ئوينىغاندا بوينىنى قاقىدىكەن، سىزمۇ شۇنداق قىلىڭە مۇئەللىم.
بۇنداق سوئاللارغا ھەر دائىم يولۇقىمەن، ئۇلار مېنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپلا، مېنى ئاتقا مىنىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كاۋاپ پىشۇرالايدۇ، دېيىشىدۇ. يەنى «چۈمپەردەڭنى قايرىۋەت» دەيدۇيۇ بۇ گەپكە مۇخالىپ ھالدا چۈمبىلىمنى ئاچماستىن، بەلكى چۈمبەل ئارتىپ، «ماركا» چاپلاپ قويىدۇ. ماركىنىڭ ئۈستىدە «شىنجاڭلىق» دېگەن خەت بار، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ بۇ ماركىسىنى ئېلىۋەتكەندىكى مەن زادى قانداق ئادەم، ئۇ مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالغان. راستىنى ئېيتقاندا ماڭا ئارتىلغان بۇ چۈمبەلمۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، بۇ چۈمبەل ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئېسىدە قالىمەن، باشقىلار كۆڭلىنى خۇش قىلىشىدۇ، خالاس.
ئۆتكەنكى «ماتاڭ» ۋەقەسىدە تۇيۇقسىز «ئاقنانچى بايۋەتچى»گە ئايلىنىپ قالدىممۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەممە شۇ ئېتىراپ قىلىمەنكى، بۇ ئىش كىشلەردە ناھايىتى ئوسال تەسىرات قالدۇردى. قارىغۇلارچە باھا بېرىش، «ماركا» چاپلاش تەرەققىي قىلىۋەرسە كەمسىتىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن دائىم مۇشۇنداق قارىغۇلارچە باھا بېرىشكە ئۇچرايمىز؟ ھەر بىر جاي، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە ياخشىلارمۇ، يامانلارمۇ بولىدىغۇ؟! بىز ھەمىشە قارىغۇلارچە بەرگەن باھالىرىمىز ئارقىلىق پۈتكۈل مىللەتكە «بەلگە» چاپلاپ قويمىز، يەنى ئاز ساندىكى ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن پۈتكۈل شىنجاڭلىقلارنى چەتكە قاقىمىز. بۇ ئارقىلىق كۆپ قىسىم ياخشى ئادەملىرىمىزنى ئازابلايمىز. سانسىزلىغان ئادەم پەقەت يۈرىكىدىلا يىغلىيالايدۇ.مەن ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەيمەنكى، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆزلەش مېنىڭ بۇرچۇم! ئىجابىي كۈچنى ئىپادىلەش ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى شىنجاڭنى تونۇشقا چاقىرىش، چۈشىنىشكە چاقىرىش، شىنجاڭنى سۆيۈشكە چاقىرىش مېنىڭ بۇرچۇم.
مەن شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، بۇنداق «بەلگە» چاپلىنىپ، ئېنىقلىما بېرىش شىنجاڭلىقلارغىلا ئەمەس، ھەر قانداق كىشىلەرگە قىلىنىپ باققان ئىكەن، مەسىلەن، شەرقىي شىماللىق كىشىلەرنى قوپال، توڭ دېيىشىدۇ. يەنە مەسىلەن: 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى شەخسىيەتچى، مەسئۇلىيەتسىز دېيىشىدۇ. يەنە ھەممىمىز مۇشۇنداق ئورۇنسىز باھالارنىڭ قۇربانى بولدۇق. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتە بىر-بىرىمىزنىڭ ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىشتى. مەن بىر تەلىم-تەربىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەممىمىزنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ، «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت» دېگەن ناخشىغا ئوخشاش چۈمبىلىمىزنى قايرىپ، بىر-بىرىمىزگە يۈزىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، پەقەت يۈزىمىزىلا ئەمەس، ئادىمىلىكىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى كۆرسىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا بىز مەلۇم توپقا تەۋە بولغانلىمىز ئۈچۈنلا ئورۇنسىز ھاقارەتلەنمەيمىز، تەنقىدلەنمەيمىز، ئۇ چاغدا بىر ئادەمگە شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ باھا بېرىمىز. شۇنسى ئېنىقكى، ئايرىم بىر قىسىم ناچار ئادەملەر تۈپەيلىدىن شۇ قاتاردا بىر تاياقتا ھەيدىلىپ «بەلگە» چاپلانغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆز ياشلىرىمىز بار. ئورتاق كۈلكىلىمىز بار، ئورتاق ھېسسىيات ۋە ھەسىرەتلىرىمىز بار، ئورتاق بىز سۆيگەن ۋە بىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىز بار، شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچقانداق پەرق يوق.
نۇرئەلى ئابلىز يۇقىرىقى نۇتۇقنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى جىن جيەنبىڭ، لى يوڭ، لۇيۈ كەينى كەينىدىن ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى جىن جيەنبىڭ نەق مەيداندا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى ئۆزۈم بىۋاسىتە ھېس قىلغاندەك بولدۇم، چۈنكى مەنمۇ شىنجاڭلىق! ئالدىنقى قېتىم لىجا سىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ تالانتلىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتقان . شۇنداق ئىكەنلىكىگە قول قويدۇم. سىزدەك بىر يۇرتلۇق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى لى يوڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بولسا 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەر كۆلىمىگە ئىگە جاي، دېمەك، 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرچىلىك ھېسسىيات قايناپ تۇرىدۇ. گەرچە سىز ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى ئىپادىلىگەن بولسىڭىزمۇ، ئەمما مەن سىزنىڭ سەھنىدىكى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ئىپادىلىگەن ھېسسىياتىڭىزنى ھېس قىلىپ يىتەلىدۇق. ئىنتايىن قالتىس ئىكەنسىز، بىز بەك ياقتۇردۇق.
يېتەكچى ئوقۇتقۇچى لۇيۈ مۇنداق دېدى: سەھنىگە چىققانداق ئاۋۋال دوپپا كىيىپ، كېيىن دوپپىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ھەم شىنجاڭلىقلارغا ۋە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن سۆزلىدىڭىز، گەرچە بۇ ھېسسىيات ئارىلاشقان كىچىك بىر كۆرۈنۈش بولسىمۇ، بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. بۈگۈنكى ئىپادىڭىز بەكمۇ قالتىس بولدى، رەھمەت سىزگە نۇرئەلى.
T%7NZ]Y_RJ1UM6_UYKI]@55.jpg

مەن ئۇنىڭ بىلەن تىل ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش، ساياھەت قىلىش، ساز چېلىش قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلاردا پاراڭلاشتىم. ئۇنىڭ سۆزمەن، كەمتەر، مۇلايىم مىجەزىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم. ۋاقىت بىر يەرگە بارغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ چۈشتىن كېيىن، «يېڭى شەرق» تىل تەربىيەلەش مەركىزىگە بېرىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتەتتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ياشلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىنى مۇنۇ سۆزلەرگە يىغىنچاقلىدى:  
-ئۇچىڭىزغا كىيگەن كىيىمىڭىزنىڭ قانچە پۇللۇقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، بۇ كىيىمنىڭ سىزگە كىيىلىشى بىلەن قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىغا كۈچەڭ. كىتابقا ئۇنىڭ مۇقاۋىسىغا قاراش بىلەنلا باھا بەرمەڭ، ئەگەر بىر ئىش ئۈسىتدە كۈرەش قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز، بۇ ئىش ئۈستىدە ئاغرىنىشقا سالاھىيىتىڭىز توشمايدۇ. كۈندە بىر سائەت چېنىقىشقا كۈندە بىر سائەت كىتاب ئوقۇشنى قوشسىڭىز ھېچقانداق غەم قايغۇسىز ياشايسىز، چۈنكى بۇ ھالدا جىسمانىي ۋە ئەقلى قۇش تەرەپتىن يىتىلىسىز. مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىم ئۈزۈمنىڭ كەمچىلىكىگە يۈزلىنەلەيمەن، كېسەل بولغان ئىكەن داۋالاش كېرەك، كېسەل بارلىقى ئېنىق تۇرۇپ، بىرىنىڭ «سىزنىڭ كېسىلىڭىز باركەن» دېيىشىدىن قورقۇپ، دوختۇرخانىغا بارماسلىق ئەڭ خەتەرلىك. باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن ئانچە كارىڭىز بولمىسۇن، چۈنكى ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسىڭىز، ئۇلار سىزگە ھەسەت قىلىپ، سىزنى كۆرەلمەيدۇ؛ ئەگەر كەينىدە قالسىڭىز، سىزنى مازاق قىلىپ كۆزگە ئىلمايدۇ؛ ئەگەر تەڭ بولسىڭىز، سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن گەپ تاپىدۇ. قىلىدىغانلار قىلغۇلۇقىنى قىلىۋېرىدۇ. چۈشكۈنلەشكەندە ئۈچ يەرگە بېرىڭ. دوختۇرخانا، يەسلى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەسى. دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر بەختىلىكلىكىنى ھېس قىلىسىز؛ يەسلىگە بېرىپ، بەزى ئىشلار ئۈسىتىدە بەك ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز. ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخى قىلمىغان بەزى ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن بەختلىك ۋە كۆڭۈل توقلۇق بىلەن، ئۇششاق چۈششەك ئىشلارغا كۆڭلىڭىزنى ئۇپراتماي، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قىلىش كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىسىز. چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىڭىزگە ۋەكىل بولۇپ قارىشىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا بىلىپ-بىلمەيلا باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە يەم بولىسىز.
(بۇ ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان)


0

تېما

1

دوست

1405

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 446
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 18:34:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك قايىل بۇ مۇئەللىمگە....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

3

دوست

6314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1523
توردىكى ۋاقتى: 513
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈكلىگىن يۈكنى ئانا مەن تاڭشۇرۇلغان تۇلپۇرۇڭ...

سىزگەيەنە نۇرغۇن يۈك،ۋەزىپىلەرنى ئارتقۇم كەلدى نۇرئەلى.
چۈنكى سىزدە بەرداشلىق بېرىدىغان تەييارلىق بار ئىكەن. ھەقىقەتەن تۇلپاردەك يىگىت ئىكەنسىز!

19

تېما

1

دوست

3699

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 980
توردىكى ۋاقتى: 172
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ دوستىمىز شۇ تىل سەۋيىسى بىلەن چەتئەلدە مەلۇم بىر كەسىپنى چوڭقۇرراق ئۈگەنسە تېخىمۇ كۆپ پايدىسى جامائەتكە تېگىشى مۇمكىن.

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى ئوقۇپ  بىر خىل غايىۋى كۈچنىڭ تىرىشچانلىق دەرۋازىسىغا كەينىمدىن ئىتتىرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
  كېيىنكى ئىشلىرىغا ، قەدەملىرىگە يەنىمۇ بەركەت ياغقاي.

1

تېما

0

دوست

5087

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1262
توردىكى ۋاقتى: 628
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 22:13:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى قالتىس! بىز سىلەردىن پەخرلىنىمىز.تىخىمۇ زور ئۇتۇقلار سىلەرگە يار بولسۇن!مىللىتىمىزنىڭ  پارلاق ئەتىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

11

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2023
تۆھپە : 1829
توردىكى ۋاقتى: 414
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 22:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نۇر ئەلىگە ئوخشاش ياشلىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن ئىلاھىم .

14

تېما

20

دوست

9748

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 2888
توردىكى ۋاقتى: 1077
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 08:03:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاپرىن، كەلگۈسىدە مىڭلىغان نۇرئەلىلەر چىققۇن!...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )