قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3225|ئىنكاس: 67

مەن ئويلاۋاتقان مەسىلە-ئۇيغۇر دېھقانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

581

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 17:36:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
      ئۇزاقتىن بۇيان نۇرغۇن گېزىت-ژورناللاردىكى ئىلمى ماقالە،توربەتلەردىكى يېزىلغان ئۇيغۇر مىللىتى توغرىسىدىكى ھەر خىل بەس-مۇنازىرە..... قاتارلىقلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن،بۇماقالىلەر كىشىنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ،دوسىتلارنىڭ كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق ھالدائوتتۇرغا قويغان تېمىلىرى ۋە مەزمۇنلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.مەن بۇلارغاتولىمۇ قايىلمەن.مەن بۇ ھەقتە جىق سۆزلەپ دوسىتلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماقچى ئەمەس.پەقەت ئۆزەمنىڭ كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقماقچى،دوسىتلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن:
   پىرولتاريات داھىيسى ماركىس ئوتتۇرغا قويغان كوممونىزىم  سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا لېننىنىڭ رەھبەرلىكىدە يولغا قويۇلدى.1-دۇنيا ئورۇشىدا تاشقى ئورۇش،ئىچكى جەھەتتىكى ئىدىيە ئوخشاشماسلىقدىن بىيروكرات چار پادشاھ سۆكۈمىتى غۇلاپ چۈشتى. لېنىن ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنى روسيىدەتىكىلىدى.بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم بۇ چاغدا روسيىدىكى ئىشچىلار سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى قوللىدى.چۈنكى روسيىدە سانائەتلىشىش يولغا قۇيۇلۇپ،نۇرغۇن دېھقانلارنى ئىشچىلارغا-پىرولتارلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى قىزىل ئارمىيگە –سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ قوغدىغۇچىلىرىغا  ئايلاندۇرغان ئېدى.مانا مۇشۇ قىزىل ئارمىيە باي دېھقان ۋە پومششىك،ئاقسۆڭەكلەر ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ ،دېھقانلارنى يەرگە ئىرىشتۈرۈپ،ئۇلارنى فېئودالىزىم ۋە بىيروكرات كاپىتالىزىمنىڭ ئېزىشىدىن ساقلاپ قالدى.خەلىق قەددىنى رۇسلىدى.خەلىقنى سوتسىيالىزىمنىڭ  ھەققى ئەركىنلىككەئېرىشتۈردى.
بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزجۇڭگودا بولسا رەئىس ماۋزىدۇڭ ج ك پ غا رەھبەرلىك قىلمىغان ۋاقىتتا كوممۇنىستىك ئېنتىرناتسىئالىزىمنىڭ ئەۋەتكەن رەئىسىنىڭ يىتەكچىلىكدە ،سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنقىلاپنى شەھەرلەردىن باشلاش ئۇسلۇبىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلدى.ئىنقىلاپ دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيى ئەھۋالىغا ماس كەلمىگەنلىكتىن قايتا-قايتا مەغلۇپ بولدى.زۇني يىغىنىدارەئىس ماۋزىدۇڭ تولىمۇ توغرا بولغان بىر قارارنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇ بولسىمۇئىنقىلاپنى يېزلاردىن باشلاش.نىمىشقا؟- چۈنكى بۇ چاغدا دۆلىتىمىز بىيروكرات كاپىتالىزىم بىلەن فېئودال جاھانگىرلىكىنىڭ قوش زۇلۇمىدا ئىدى.دۆلىتىمزدە  ئۇنچە كۆپ ئىشچىلار سىنىپى يوق ئىدى.ئىنقىلاپنى شەھەرلەردىن باشلاش ئۇسلۇبى دۆلىتىمزگە قەتئىيى ماس كەلمەيتتى. شۇڭارەئىس ماۋزىدۇڭ يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،دۆلىتىمزدىكى ھەر مىللەت خەلىقىنى ئازاد قىلىپ،ھازىرقى ئولۇغ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنى قۇردى.شۇڭا دۆلىتىمزنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولسا ئىشچىلارسىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان ،ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدۇر.دۆلىتىمزنىڭ سانائەتلىشىشى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلماقتا،ھەتتا ھەر قانداق دۆلەتتىن تېز راۋاجلانماقتا.
ئەمدى بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق:دېھقانلارناھايتى كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرىدا بولسا تېخىمۇ شۇنداق. كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەربولسا كۈندىن-كۈنگە ئازلاۋاتىدۇ.بۇ ئازغىنە يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈردىغانلاركۈندىن-كۈنگە كۆپىيۋاتىدۇ.بىراق شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى خالايدىغانلار بەكمۇ ئاز. ھەممسى ئەتياز ۋاقتى بانكىدىن پۇل قەرىز ئېلىپ،كۈزدەقايتۇرۇپ ،قىشتا ئۆيدە ئارام ئېلىشنىڭ غېمىدە. تۆۋەندىكى بۇ ھىكايلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:
1-  ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ھېكايە:

مىنى تەشكىل مەلۇم بىرتاغلىق كەنىتكە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئەۋەتتى،مەن بىر نەچچە  باشقا ئىدارە-ئورۇنلاردىكى يولداشلار بىلەن باردىم . بۇيەردىكىلەر ئاساسەن تاغدا قوي بېقىش بىلەن ئاۋارىكەن. ئەمەليەتتە سىزمۇبىلىسىز،قوي دۇنيادىكى ئەڭ يۇۋاش ،ئەڭ دۆت ھايۋان(ئاڭلىشىمچە قوينىڭ ئەستە تۇتۇش ۋاقتى5سېكونىت ئىكەن). كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز ،400-500قوينى بىر 70-80ياشلىق بوۋاي ياكى 10ياشلىق بالىمۇ باقالايدۇ.بىراق بۇ يەردىكى كىشىلەر ئاجايىپ ، بالىسى تېخنىكومدا ئوقۇۋاتقان بىر ئائىلىدىن باشقا ئوقۇۋاتقان ئادەم يوق. كۈندە تامغادۈمبىسىنى قاقلاپ ئولتۇرىدۇ. ئاياللىرىمۇ بىر كۈندە ئىككى ۋاق تاماق ئىتىدۇ.چوڭلاردىن ئىسمىنى توغرا يازالايدىغانلار ناھايتى ئاز.بىراق ھاراق ئىچىشتە قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىدۇ.قاچانلا قارىسام يولدا پاراڭ سوقۇپ ئولتۇردىغان بىكارچىلار خېلىلا  كۆپ،  ياندىلا بىر كۆمۈركان باركەن،مەن يەنە بىر خىزمەتدېشىم بىلەن بېرىپ(ئۆزىمىزچە ياخشى ئىش قىلايلى دەپ ئويلاپ كەنتتىكىلەرگە دىمىگەن) كان رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇلارغاكەنىتتىكىلەردىن بىرنەچچە ئادەمنى  خىزمەتكەئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىشنى ئېيىتتۇق.ئۇلار كۈلۈپ كېتىپ قانچلىك بولسا مەيلى دېدى،بىز 20-30 ئادەم دېسەك مەيلى دەپ قۇشۇلدى.بىز ناھايتى خوشال بولدۇق. بۇ يەرنىڭ خىزمەت شارائىتى يامان ئەمەس ئايدا 4000سوم بېرىدىغان . كىيىم،ياتاق ،تاماق(بىر ياتاقتا تۆتتىن،ئەگەردە ئەر-ئايال كەلسە ئايرىم ئۆي)(20-30ئادەمكەلسە ئۇيغۇر ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ بېرىدىغان بولدى)ھەپتدە 6كۈن ئىشلەش ،ھەر كۈنى8سائەت،خىزمەتتىن چۈشۈپ يۇيۇندىغان مونچا،سۇپۇن،چاچ سوپۇن،ساپماكەش،لۆڭگە......ئىشقىلىپ ھەممىنى تەييار قىلىپ بىرىدىغان بولدى.ئاغزىمىزقولىقىمىزغا يەتتى،نىمىلا بولمىسۇن كەنىتتىكىلەردىن20-30 ئادەمنى  خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنداق ئاسان گەپ ئەمەستە. ئەتىسى كەنىتتە يىغىن ۋاقتىدا مۇشۇ گەپنى ئېيتىپ ئىشلەيدىغانلار ئۆزەڭلارنى تىزىملىتىڭلار دېسەم ،ھەممىسى جىم.سورسام بىرسى ئىش ئېغىر دەيدۇ،يەنە بىرسى 15كۈن ئىشلەپ15كۈن ئارام ئالساق بولامدىكەن دەيدۇ.ۋاھ! ۋاھ! ۋاھ! ۋاھ! ۋاھ! نىمىدىگەن تايىنى يوق گەپ بۇ،قارىسام ھېچكىمنىڭ ئىشلىگۈسى يوق ئىكەن.يەنە دۈمبىسىنى تامغا يۆلەپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ، ئۆيدىن بىرى قوي باققىلى كەتسە قالغانلار شۇنى بىكار ئولتۇرۇپ ساقلايدىغان ئىش ئىكەن.گەپ قىلغان ئاغزىمغا بىرنى ئۇرۋەتتىم. كىيىن كاندا قاراۋۇللۇق قىلىدىغان ئۇيغۇر بوۋاي ماڭا كان رەھبەرلىكىنىڭ كەنىتنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن بۇرۇنمۇ دىگەنلىكىنى ،بىراق كەنتتىكلەرنىڭ بارمىغانلىقىنى دېدى.شۇندىلا كان رەھبەرلىكىنىڭ نىمە ئۈچۈن ماڭا كۈلگەنلىكىنى چۈشەندىم.

2-  ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ھېكايە:
بىر چاغدا بىر بوۋاي مەلۇم بىر ئىش بىلەن مەن ئىشلەۋاتقان ئورۇنغا كەپتۇ. مەن ئىشىنى ھەل قىلىپ بولۇپ،ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتكە ئىمزا قۇيۇشنى ئېيىتسام ،ئۇ مەن ساۋاتسىزدېدى.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ100مودىن ئارتۇق يىرى بار ئىكەن ،4ئوغلى بار ئىكەن.مەن ئۇنىڭغا ھەممىسىنى دېھقانچىلىققا سالماي،بىر نەچچىسىنى شەھەرلەردە  ئىشلىسۇن ، جاھان كۆرسۇن ، دېھقانچىلىقلا قىلماي باشقا ئىشلارنى قىلسۇن ،نەۋرىلىرىڭىزنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇڭ ،بىلىملىك ئادەم بولسۇن ،شەھەر كۆرۈپ باقسۇن دېسەم،ئۇ ماڭا سەت قاراپ كەتتى. ئاندىن ماڭائوغلۇمنىڭ ۋە بالا-ۋاقامنىڭ ھەممىسىنى دېھقان قىلىمەن،شەھەرنىڭ نىمە ياخشى يىرى بار؟يەر تېرىسا ،دېھقان بولسا ياخشى،ئوقۇتقاننىڭ نىمە پايدىسى، ئالىى مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ كۈنلىرى ياخشىغۇ دەپ كاسىلداپلاكەتتى. گەپ قىلغان ئاغزىمغا بىرنى ئۇرۋەتتىم. ئاچچىقىمدا تاس قالدىم دەپ سالغىلى<ھەي پوق ساقال ئوغىرى،سىنىڭ 100مو يىرىڭ سەن ئۆلگەندە 4ئوغلۇڭغا 25مودىن قالسا،ئاندىن ھەربىرسىنىڭ بالا-ۋاقىسىغا بۆلسە 3-4ئەۋلات بولغاندا نىمە قالىدۇ؟مەن سەن ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن،سىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادىڭنىڭ غېمىنى يەۋاتىمەن،دۆت ئىشەك>بىراق بۇ گەپلەرنى دىگىلى بولمىدى.
3-  ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ھېكايە:

     دائىم تۆۋەنگە چۈشۈپ تۇرىمەن.مەن تۇرۋاتقان كەنىتتە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار، پات-پات بىچارە كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. نىمىشقا ؟ چۈنكى كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبەتكە باردىكەن.مەنمۇ قىزىقىپ بىللە باردىم.بىر ئۆيگە كىرسەك ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ سالغان ئۆي بولۇپ،مىنىڭ ئۆيۈمدىنمۇ چىرايلىقتەك تۇراتتى .ئۆيگە كىرىپ تۇرۇپ قالدىم،بىر ئېغىز ئۆيدە بىرنەچچە قوي بار ئىكەن،بىر ئۆيدە ئوغۇت تۇرۇپتۇ.كاردۇرنى دىمەيلا قوياي،ئاتا-ئانىسىۋە بالىسى بار ئىكەن،مۇئەللىملەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بالىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش تۇغرىسىدا سۆزلىۋىدى،دادىسى قاپىقىنى تۈرۈپلا : ھازىر دېھقانچىلىق مەزگىلى،ئىش ئالدىراش ،ماڭا ياردەملىشىدۇ.بىكار بولغاندا ئەۋەتىمەن دېدى، ئاندىن بالىنى مەكتەپكە ئەۋەتسەم يولدا بىر ھادىسە بولسا سىلەر ئىگىمۇ؟خەق ئوغىرلاپ كەتسە كىم تۆلەيدۇ دىگەندەك بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىدى. ئونىڭ ئوقۇتقۇسى يوقلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.مەنمۇ گەپ قىلسام ئۆتمىدى.شۇنىڭ كەنىت سېكىرتارىغا دېدىم.ۋاھ ۋاھ ۋاھ ۋاھ ۋاھ باياتىن بىرى بىچارە مۇئەللىم كەلسە تۈرۈلگەن قاپاق سېكىرتارنى كۆرۈپ ئاپتاپ پەرەستەك ئېچىلدى. سېكىرتار ئىككىنى ۋاقراپلا بالىنى مەكتەپكە بارىدىغان قىلدى. گەپ قىلغان ئاغزىمغا بىرنى ئۇرۋەتتىم.ئىسىت ،ھەي ئىسىت-پارتىيە ، ھۆكۈمەت شۇنچە قىلىۋاتسا نىمىشقا مۇئەللىمنىڭ خەلىق ئالدىدا قىلچىلىك ھۆرمىتى يوق؟

4-  ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ھېكايە:
     يەنە بىر كۈنى بىر ئايال ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلىغىلى ماڭدىم دەپ بەك قاتتىق يىغلاپ ماڭغان ئىكەن ،مەن ئەھۋالىنى ئۇقاي دەپ ئىشخانىغا چاقىرىپ كەلدىم. نىمە بولدى،ماڭا دەڭ دېسەم بەك قاتتىق يىغلاپ كەتتى.مەن تېخى بىرەر جىنايى ئىشلار دىلوسى يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ،دەرھال ئونىڭغا تەسەللى بەردىم،ئاندىن نىمە بولغانلىقىنى سورىدىم.سورسام مۇنداق ئىش ئىكەن :بۇ ئايال كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرنى ئىزدەپ ماڭغان ئىكەن،مەكتەپتىكى قاراۋۇل كىرگۈزمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇلىنى تىللاپ بىشەملىك قىلىپ ،دەرس ئۆتىۋاتقان مۇدىرنى سىنىپقا كىرىپ چاقىرىپ،دەرىسنى نىمىشقا ياخشى ئۆتمەيسەن؟بالامىنى نىمىشقا تىللايسەن  جالاپ دەپ تىللاپ ھاقارەتلەپتۇ.مۇدېرىنى چاچتىن تۇتۇپ يەرگە يىقىتىپ ئىككەيلەن ئۇرۇشۇپتۇ. مۇدىرمىنى ئۇردى دەپ ئەرىز قىلماقچى ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە بېرىپ ، شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ،ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللىدىم.ئەسلىدە ئالدىنقى كۈنى دۆلەت تىلىدىن تاپشۇرۇق بىرىلگەن،لىكىن بۇئوقۇغۇچى ئىشلىمىگەن ،مۇدىر ئۆزى بۇ سىنىپقا (قوشۇمچە سىنىپ مۇدىرى) كىرىپ نىمىشقا تاپشۇرۇق ئىشلىمىدىڭ دەپ سورغان ئىكەن .مانا موشۇ گەپ . كىم ئۈچۈن نىمىشقاتاپشۇرۇق ئىشلىمىدىڭ دەپ سوراۋاتىدۇ؟ بۇنى بۇ ئايالىنىڭ بىلگۈسى يوق.بۇ يەردە شۇنى دىيىش كېرەككى ئوقۇتقۇچى ئۇرغان ئەھۋاللار قەتئى يوق . خەق ئوقۇتقۇچىنى ئورۇپ،يەنەساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغىلى ماڭغان .بەك تىللىۋەتكۈم بار ئىدى .يەنەئاچچىقىمىنى بېسۋېىلپ ھۆزىرىخالىق ئېيىتتىم.چۈشەندۈردۈم (يېرىم كۈن ۋاقتىم كەتتى)ھەيھەي ھەي ھەي ھەي!
     ھازىر پارتىيە-ھۆكۈمەت نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويىۋاتىدۇ.سىرىتلارغا چىقىپ ئىشلەشنى ،تىخنىكائۆگۈنۈشنى تەۋىسيە قىلىۋاتىدۇ.نىمە ئۈچۈن؟بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن،بىز نامرات شىنجاڭلىقلىقلارنى باي قىلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟دۇنيادا قايسى بىر دۆلەتتە بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدەك،جۇڭگو كوممۇنىستىك  پارتىيمىزدەك ھۆكۈمەت پۇل چىقرىپ نامراتلارنى  يۆلەپ ،سىرتلارغائەۋەتىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى خالايدۇ؟ بىراق بىزنىڭ نۇرغۇن دېھقانلىرىمىز بۇنى چۈشەنمەيدۇ ھەم خالىمايدۇ.چۈنكى ئۇزاق مۇددەتلىك بىكىنمىچىلىك ۋە ئۇششاق تېرىمچىلىق دېھقانلىرىمىزنى يازدا ئازراق يەر تېرىپ،يەيدىغانغا تاماق كىيىدىغانغا كىيىم بار بولغان توق ھالەتكە ئەپكەلدى.بىراق بۇ ھازىرقى دۇنيانىڭ تەرەققيات تەلپىگىلا ئەمەس ،ھەتتا سوتسىيالىستىك ئولۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەققىيات تېز بولغان دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ ئەھۋالىغا پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ ھەم پەقەتلا يىتىشەلمەيدۇ.
بىزنىڭ شىنجڭ ياخشى جاي بولغان بىلەن تېرىقچىلىققا ماس كېلىدىغان يەرلەر ئاز،سۇ قىس ، كۆپ قىسىم كىشىلەركۆرمىگەن تەكشىسىز يەرلەر،پايانسىز قۇملۇقلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە،يەرلەرنى قۇم بېسىپ كىتىش ،سۇ يىتىشمەسلىك ئەھۋاللىرىنى دىمەيلا قويايلى...بىراق بۇلارنىڭ كەينىدە يەنە نوپۇس مەسلىسى قاتارلىقلارمۇ ھازىرقى موھىم بولغان مەسلە،لىكىن بىزنىڭ دېھقانلىرىمىزنىڭ مەدەنيەت سەۋيىسى ئاساسى جەھەتتىن ناچار ، ھەتتاتوللۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ دۆلەت تىلىغۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ،ھەتتا ئانا تىلىنىمۇيازالمايدىغان قاپاقباشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. بىراق بىزنىڭ شىنجاڭنىدىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى،دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان خېميىۋى ئوغۇتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت-كارخانىلار ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ،شۇڭا زاۋۇت چۈشەندۈرۈشى ۋە تەركىبى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي دۆلەت تىلىدا ،بۇنى ئوقۇپ چۈشىنىدىغان دېھقانلىرىمىز قانچىلىك؟ ئوغۇت ساتىدىغان دۇكانلاردىكى پىركازچىكقىمۇ ھەتتا مال سېتىۋېلىش تالونىغا ئىمزاسىنى يازالمايدۇ.
دېھقانچىلىققا ئائىت(100%دىيىشكە بولىدۇ ) كىتاپ –ماتىريال كۆرۈپ قىلىدىغانلار قانچىلىك ؟
     تار بىكىنمىچىلىك ئىدىيسى بىزنىڭ كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ ئىديىسىدە دۇنيا مۇشۇ دەيدىغان تەپىرقچىلىك كۆز قاراشنى تۇرغۇزۇپ قويغان.شۇڭا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە شىنجاڭدىكى(بولۇپمۇ جەنۇپتىكى) سانائەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش،بۇ ئارقىلىق شەھەرلەردىن خىزمەت ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىش ،بۇنىڭ ئۈچۈن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شۇ زاۋۇت،كان-كارخانىلاردا ئىشلىيەلگۈدەك مەدەنيەت سەۋيەنى بەرپاقىلىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىديەۋى كۆز قاراشنى يېڭلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سىرتىلارغاچىقىپ ئىشلەيدىغانلارنى كۆپەيتىش ،بۇنىڭ ئۈچۈن(يەنە دىسەم يەنە شۇ:←دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش←ئىديەۋى كۆز قاراشنى يېڭلاش←ئۇيقۇدىن ئويغۇتۇش كېرەك،ھازىرقى دۇنيانىڭ خىرسىسىنى چۈشنۈش ،ئەتىنىمۇ ئويلاش كېرەك،چۈنكى شەھەردەبىر يىلدا بىر ئادەمنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى بىلەن يېزىدىكىسىنىڭ پەرقى چوڭ ،شەھەرنىڭ خېلى يۇقىرى)
      ھەممىمىزگە ئايانىكى دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىكى كىشلەر شۇ دۆلەت نوپۇسىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ.بىراق بۇلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلۋاتقان زىمىن دائىرىسى سىز –بىز ئويلىغاندەك 100-200مو ئەمەس،بەلكىم كەينىگە ئاز بولغاندا بىرنەچچە نۆل قوشسىڭىزمۇ يەنىلا كىچىك ھېساپلىنىدۇ.غەرىپ جەمىئىيتى مەدەنيەت-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە گېگىل پەلسەپەسىنىڭ ئوتتۇرغاقويۇلىشى بىلەن غەرىپ ئويغاندى،پار ماشىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى غەرىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزىلەتتى.بۈگۈنكى روسيىگە قارساق ،ئومۇ غەرىپ دۆلىتىگە تەۋە بولغان بىلەن تەرەققىياتى يەنلا ئامىرىكا،غەربى ياۋروپا ۋە ياپونيە ،كوريەگەيەتمەيدۇ،مۇشۇلارغا تايىنىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ پەن-تېخنىكىسى يەنلا ئۇلارغا قارىغانداكۆپ ئارقىدا.زىمىنى چوڭ تۇرۇپ ھەر يىلى نۇرغۇن ئاشلىق سېتىۋالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمەن دەيدىكەنمىز چوقۇم سانائەتنى تەرەققيات نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك،سانائەت دۆلىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك دۆلتىنىڭ قايسيسنىڭ تەرەققىياتى ياخشى؟شۇڭا چوقۇم سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.قانداقتۇر ناخشا-ئۇسۇل دىگەنلەر بولىمسا بولمايدۇ،بىراق بەك مۇھىم ئەمەس نەرسىلەردۇر(نىمىشقا دەمسىز ؟چۈنكى دۇنيادا ناخشا -ئۇسۇلغا ئۇستا مىللەتتىن سىگان دىگەن مىللەتنى بىلەمسىز؟بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۇنىڭ ئالىدىدا ناخشا -ئۇسۇلدا نوچى ئەمەس،لىكىن بۇ مىللەت ھازىرغىچە قەلەندەر ،ئوغىرلىقىنى ئېسىل كەسىپ دەپ قارايدۇ).دېھقانچىلىققا تاينىپ ،قورساق باققىلى بولغان بىلەن،ئۇنىڭغا تايىنىپ يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانتىراكتور،كوبايىننى،دۆلەت مۇداپىيسىگە لازىملىق تانكا،پىلىموت،زەمبىرەك، باشقۇرۇلدىغان بومبا،توك  ...........قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياسىغىلى بولمايدۇ.بىز يەرنىڭ قۇلى بولماي،ئەلسىچە يەرنىڭ خوجايىنى بولىشىمىز لازىم.
مەن توردا مۇشۇ ماقالىنى يازغاندىن كىيىن بۇنى قانچىلىك دېھقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆردىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم دېھقان ئاتىنى ھۆرمەتلىمەپسەن دەپ مىنى تىللايدىغانلارمۇبولىدۇ-ئەلۋەتتە. بىراق مىنىڭ دىگەنلىرىممۇ خاتا ئەمەس،پىكىرىڭىز بولسا ئوتتۇرغاقويۇڭ.

0

تېما

1

دوست

3629

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1112
توردىكى ۋاقتى: 477
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 19:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   32.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7396
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:37:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەييار بايلىقنىڭ  ئادەمنى تىرىكتاپ  قىلىپ قويدىغانلىقى  راس  

0

تېما

1

دوست

1405

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 446
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:59:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر دىھقان ئائىلىسىدىكى 4 بالنىڭ ئىچىدە بىردنبىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالا،مەھەللىدە 5-6 بالىسى تۇرۇپ بىرنىمۇ ئوقۇتمايدىغان كىشلەر كۆپ ،.ئۇلارنىڭ دىيىشچە نەچچە يىل ئوقۇپ خىزمەت تاپالماي ئوقۇغىنى بىكار بوپ كىتىدىكەن،ھازىر دىھقاننىڭ كۈنىمۇ يامان ئەمەس، ئۇقۇمىغانلارنىڭ قايسىسى ئاچ قاپتۇ دەيدۇ،بەزىدە ئويلىسا بۇ گەپلەرنىڭمۇ ئاساسى يوق دىگىلى بولمايدۇ

5

تېما

0

دوست

5185

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1794
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 917
تۆھپە : 973
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 21:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ قايسى بىر سانىغا بېسىلغان دېھقان بولۇش راستلا شۇنداق تەسمۇ دېگەن تېمىدىكى غۇلجا دېھقانلىرى بىلەن ئاتۇش دېھقانلىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ماقالە ئىسىمگە كەپ قالدى.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4181
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 21:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نېمە ئىش ئەمدى ؟بۇنداق ناچار ئەھۋالدا قىلىشقا زادى كىم سەۋەپچى ؟مېنىڭ نەچچە يۈز قويۇم بار ،يېرىم بار دەپ دەپ تىرىشىپ بىلىم ئالمىساق كېلەچەكتە قولىمىزدا بار نەرسىلەرنمۇ ساقلاپ قالالماسلىقىمىز مۇمكىن. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان ناھىيەلەردىمۇ ئۆي مۆلۈك ،توپ سېتىش ......قاتارلىق خېلى ساھەلەردىمۇ ئۇيغۇر كارخانچىلارنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ كۆرسەك بۇلىدۇ.

2

تېما

5

دوست

1302

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 21:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ سىز كۆرگەن مەسىلە نەدە يۈز بەرگەندۇ. سىزنىڭ پىكىرڭىز خېلى ئۇرۇنلۇقتەك تۇردۇلىكىن ئاساسلىق مەسىلىنى دېىھقانغىلام يۈكلەپ قۇيۇپسىز.بىزنىڭ مەھەللىدە ئاساسلىق مەسلە دېھقاندا ئەمەس.دېھقانلاردىمۇ مەسىلە بۇلسىمۇلىكىن پارتىينىڭ سىياسىتىنى تۇلۇق ئەمىنلەشتۈرمەي ئۈزىنىڭ شەخسى مەنپەتنى ئويلاۋاتقان چىرىك باشلقىىلاردا دەپ ئويلايمەن .

2

تېما

5

دوست

1302

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 21:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن سىزنىڭ بۇمەسىلدە پىكر يۈرگنىڭىگە خۇرسەن بولدۇم تىرشىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )