- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12237
- نادىر
- 57
- يازما
- 145
ئۆسۈش
5.59%
|
يىقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان كۈن ۋە ۋاقىت ئاخىر يىتىپ كەلدى. بۈگۈن سەھەر ئىشقا باردىم -دە زۆرۈر خىزمەتلەرنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن پاي چىكى بازىرىغا قاراشقا باشلىدىم. چۈنكى بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىۋاتقان جوڭگۇدىكى تور ئارقىلىق سودا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت ئالى بابا نىڭ پاي چىكى بازارغا سىلىناتتى. تۈنۈگۈن مەن دەسلەپكى پاينىڭ 68 دوللاردىن سىتىلىدىغان بولۇپ بىكىتىلگەنلىگى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئەلۋەتتە دەسلەپكى بازارغا سىلىنغان بۇ باھادىكى پاي چىكىنى مۇشۇ پاي چىكىنى تارقىتىشتا ئاكتىپ قوللىغۇچىلىق رول ئوينىغان مەبلەغ سالغۇچىلارلا ئالالايدىغان بولغانلىقتىن ماڭا ئوخشاش يەككە شەخسلەر بۇ پايچىكىنى ئىككىنچى بازاردىنلا (پاي چىكىنى دەسلەپتە بىكىتىلگەن باھادا سىتىۋالغان مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ قولىدىكى پاينى سىتىشتىن ھاسىل بولغان بازار بولۇپ بۇ ئەھۋالدا بۇ پاينى دەسلەپتە 68 دوللاردىن سىتىۋالغان مەبلەغ سالغۇچىلار قولىدىكى پاينى ساتقاندىن كىيىنلا) سىتىۋىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيتى. مەن " " بۇ پاينى مەزكۈر پاي ئىككىنجى بازارغا سىلىنىشى بىلەن ئالسام 75-80 دوللاردىن سىتىۋالغىلى بولار ، ئەھۋالىمغا بىقىپ ئازراق ئىلىپ قويسام 2-3 كۈندە بۇ ئوت كەتتى بولىدىغان بازاردا چوقۇم 90 دوللارغا چىقىدۇ " دەپ ئويلاپتىكەنمەن.
لىكىن مەن بۇ پاينى ئۇ ئويلىغان باھادا ئالالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەلۇم باھادا ئازراقلا پاي ئىلىپ قويدۇم، يەنى يىقىلىپ چۈشسەم قوپالىغۇدەك، ئۇچۇپ كەتسەم ئۇچۇپ بىر ياققا كىتەلمىگۈدەك....
ئالىبابا شىركىتىنىڭ پېيىنىڭ نېۋ يورك ئىشتاتىنىڭ ۋالل سىچىرىت* كوچىسىغا جايلاشقان نېۋ يورك پاي چېكى بازىرىدا تارقىتىلىشى بىلەن بۇ كوچا تەۋرەپ كەتتى. ھەتتا نەچچە يۈز كىلومىتىر يىراقتىكى ئىشخانامدا ئولتۇرغان مەنمۇ تەۋرەپ كەتتىم. پاي چىكى تارقىتىلغان شۇ كۈنى بۇ پاينىڭ قىممىتى 94 دوللارغا يىقىنلىشىپ توختىدى.
تۇنجى كۈنىلا ئالى بابانىڭ توپلىغان كاپىتالى 22 مىليارد دوللار بولۇپ ئامىرىكا پاي چىكى تارىخىدا يارىتىلغان رېكورد ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالى بابا ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. جۈملىدىن بۇ ھارارەتنىڭ يىراق يىقىندىكى كىشىلىرىمىزگە قىلغان تەسىرى مىنىڭ قەلبىمنى يەنە تەۋرەتتى.
كىشىلەر دائىم دىيىشىدۇ. ئۇيغۇرلاردىنمۇ مىليادىرلار چىقامدۇ؟ بۇ سۇئالدىن ھەم ئۈمىت ھەم گۇمان پۇراپ تۇرىدۇ. تېخى ھىچكىم "ئۇيغۇرلاردىن مىليادىرلار چىقمايدۇ" دىمىدى. گەپ قانداق قىلىپ چىقىشتا. بىز مىليادىرلارنىڭ ئاسماندىن چۈشمەيدىغانلىغىنى ۋە ياكى يەردىن ئۈنۈپ چىقمايدىغانلىغىنى بىلىمىز. بۇ سەۋەپ ئالىمىدە سەۋەپ قىلساق سۆۋەتتە سۇ توختايدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ۋاقىت، كاپىتال، شارائىت، ئىشەنچ، سەمىمىيەت، بىلىم، پۇرسەت، تېرىشچانلىق ۋە سودىغا ماھىر، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولغان كاللا، مۇھىمى ئىگىلىك تىكلەشتە تاينىدىغان ئىقتىساسلىق خادىملار كىتىدۇ. مۇۋەپپىقىيەتنىڭ مۇقىم فورمىلىسى يوق. ھەر بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بىيىتىپ ماڭىدۇ. جۈملىدىن ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىسى جېك ما يەنى ما يۈننىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق مۇۋەپپىقىيەت يولى بار.
ما يۈن 1999 -يىلى بۇ شىركەتنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە سودا تىجارەتنى باشلاپ ئاخىرىغا چىقىرالمىغان ئىكەن. لىكىن ئۇنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ياخشى بىلىشى ئۇنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈشىگە، ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ تۈزۈمى، خىزمەت ۋە ياشاش ئۇسۇلى، تەپەككۈرىنى چۈشۈنۈشىگە، ئىلغار تەجىربە ۋە تېخنىكىسىنى ئۈگۈنۈشىگە ئاساس سالغان. بويى پاكار كەلگەن، غايىسى بۈيۈك بولغان ما يۈن 1995-يىلى ئامىرىكىغا تۇنجى قىتىم كەلگىنىدە بىر دوستىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تور دۇنياسىنى چۈشۈنۈشكە باشلىغان ۋە تور دۇنياسىنىڭ كىلەچەكتە ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرەلەيدىغانلىغىغا، بۇنى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا باغلىيالىسا چەكسىز تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدىغانلىغىغا ئىشەنگەن. مانا بۇ خىل تاسادىپىلقتىن تۇغۇلغان يىراقنى كۆرەرلىك ۋە تىنىم تاپماي ئەقىدە قىلغان ئىشقا ئۆزىنى بىغشلاش روھى- ئۇنىڭ بۈگۈنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دىگەن:
مەن تورغا پىۋا دەپ سۆز كىرگۈزۈپ باقسام، ئامىرىكا پىۋىسى، گېرمانىيە پىۋىسى دەپ چىقتى-يۇ، ئەمما جوڭگۇنىڭ پىۋىسى دەپ بىر نەرسە چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇچە تور بەت ياسىدىىم. تور بەتنى ئىلان قىلىپ بەش سائەتتىن كىيىن ئامىرىكا، گىرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 دۆلەتتىن خەتلەر كەلدى. مەن ئىنتېرنىتنىڭ كۈچىگە ھەيران قالدىم.
"ئالى بابا ۋە قىرىق قاراقچى" دىگەن ئەرەپ چۆچىكىنى مەن باشلانغۇچ ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغاندەك ئىسىمدە. قارىغاندا ما يۈن "مىڭ بىر كىچە" نىڭ ھەم خەنزۇچىسىنى ھەم ئىنگلىزچىسىنى ئوقۇغان چىغى. ئىقتىسادى كۆتۈرۈلىۋاتقان نوپۇسى كۆپ بولغان بىر دۆلەتتە ئۆزى قۇرغان شىركەتنىڭ خەلقئارادا روناق تىپىشىنى كۆزدە تۇتقان ما يۈننىڭ ئۆز شىركىتىگە "ئالى بابا " دەپ ئىىسم قويۇشىمۇ ئۇنىڭ دۇنياۋى بازارنى كۆزلىيەلىگەن يىراقنى كۆرەرلىگىنى ئىپادىلەيدۇ.
دەرھەقىقەت بىر ئادەم مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كىيىنلا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىغىغا قىزىقىدىغانلار چىقىدۇ ھەمدە ھەر كىم ھەر نىمە دەپ باقىدۇ، شۇنداقلا مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىمۇ ئۆزى بىلىپ بىلمەي بىر نىمىلەرنى دەپ باقىدۇ.
ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە كىلەيلى. نۆۋەتتە پۇل تاپقان ئۇيغۇرلارغا نەزەر سالساق ئۇلارنىڭ بايلىقىنىڭ يارىتىلىش ساھەسىنى ئاساسەن مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن. سودا-سىتىق(تاشقى سودىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يىمەك ئىچمەك، كانچىلىق، ئۆي-مۈلۈك ....ئەمما تېخنىكا بىلەن كاپىتال بىرلەشكەن جوڭگۇدىكى چوڭ بازار ۋە خەلقئارا بازارنى نىشان قىلغان داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەر يوق. بولۇپمۇ جەمىيەتكە پاي چىكى تارقىتىش يولى بىلەن مەبلەغ يىغىش ئارقىلىق تەرەققى قىلالىغان زامانىۋى كارخانا يوق.(مەن بىلمەيدىغان بولۇشۇم مۈمكىن، بىلىدىغانلار ئىيتىپ قويارسىلەر.
مەن پىكىر يۈرگۈزگەندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ "بۇ ئادەم يوق-يوقلا دەيدىكەن، بارنىڭ غىمىنى قىلمايدىكەن" دەپ ئويلاپ قىلىش ئىھتىماللىغىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنۇ سۆزنى قىستۇرغۇم كەلدى:
ئەينى يىللاردا بىزمۇ ئۇلۇغۋار غايىلەرگە تولغان ياشلاردىن ئىدۇق، پەن-تېخنىكا ۋە قىزغىنلىغىمىزغا تايىنىپ راۋۇرۇس ئىگىلىك تىكلەيمىز دەپ ئۆزىمىزگە ئىشىنەتتۇق. بولۇپمۇ،
مەن ئويلايمەن 19 يىل بۇرۇن دىلشات ھىۋزۇللا ئەنگىلىيەگە كەتمىگەن بولسا، مەن 17 يىل بۇرۇن ئامىرىكىغا كەلمىگەن بولسام بۇ چاققىچە ھەم تېخنىكا، ھەم ئىقتىساسلىق خادىملار توپلاشقان بىر گۈللەنگەن كارخانىنى قۇرۇپ چىققان بولاتتۇق. بىراق ئىككىمىز بىر چۈشنى ئەمەس، ئۆزلىرىمىزنىڭ ئايرىم چۈشىنى چۈشەپ ئوخشىمىغان تەقدىر-قىسمەتكە دۇچار بولدۇق).
كىشىلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىغا نەزەر سالساق، تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلاردىن باشقىلىرى ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىدا ماڭالمىغان، ھەم ماڭالمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدا مىللى سانائەتنى بەرپا قىلىش ئىدىيىسى نەقەدەر بۈيۈكلۈككە ئىگە ھەمدە گىرمانىيەدىن زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلىپ كىرىپ زاۋۇت قۇرغانلىق ئىش-ئىزلىرى نەقەدەر جاسارەتكە تولغان -ھە؟
دىمەك، بىزدە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن شانلىق ئۆرنەك ۋە مەنىۋى كۈچ بار. يىراقتا تۇرۇپ يىقىنغا نەزەر سالسام يەنى قىرغاقتا تۇرۇپ دۇنياۋى ئىگىلىكنىڭ دولقۇنىدا تىركىشىۋاتقان كارخانىچىلىرىمىزغا نەزەر سالسام، ئۇلاردىكى ئىنتىلىش، تىرمىشىش، ئۆزى مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتىن پايدىلىنىشتىكى ئىلاستىكىلىقنى سىزىپ، تارختىكى مەشھۇر يىپەك يولى ئىگىلىگىنى بارلىققا كەلدۈرگەن ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان روھنىڭ ئىرسىيەتتىكى ئىپادىلىنىشىنى ھىس قىلىمەن يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ دۇنيا بازىرىغا قەدەم بىسىشىنى بىر كۈنلەردە ئامىرىكىنىڭ پاي چىكى بازىرىدا پاي چىكى تارقىتالايدىغان، يەنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى پۇلنى خوشاللىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن بىرىدىغان شىركەتلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. شۇنداقلا بۇنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىغنى ھەم بىلىمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يىڭىشكە، نۇرغۇن تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا، قىسقىسى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن ئاكا-ئۇكا قارلۇقلار يەنى پەخرىدىن قارلۇق ۋە سىراجىدىن قارلۇقلار قۇرغان قارلۇق شىركىتىدىن بىر قايناق ھاياتى كۈچنى ھىس قىلىمەن. چۈنكى مەن بوستوندا بۇ ئاكا-ئۇكا كارخانىچى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتتە بولغانمەن. بۇلاردىكى ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قىزغىنلىق، تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىزدىنىش، ھەم ئىلمى تەسەۋۋۈر بۇلاردا بىر يوشۇرۇن كۈچنىڭ مەۋجۇتلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ. بۇلارنىڭ دۇنياۋى ماركىغا ئىگە مەھسۇلات يارىتىشى ئۈچۈن دۇنيا بازىرىدىن ئورۇن تىپىشى ئۈچۈن بۇلاردا زامانىۋى تەپەككۈرگە ئىگە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى بولۇشى كىرەك. بۇ كىشىلەرنى مۇۋاپىق باھادا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، گەپ بۇ يەردە يەنىلا مەبلەغكە بىرىپ تاقىلىدۇ. بۇلار ئۈچۈن مەبلەغنى ھەل قلىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرى بولۇشى مۈمكىن، لىكىن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مەبلىغى بار كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچ ئاساسىدا، ھەق-ھۇقۇق، مەسۇلىيەت، پايدا-زىيان ئىنىق ئايرىلغان رەۋىشتە بىر-بىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدۇر.
دىمەك، ما يۈننىڭ مۇۋەپپىقىيەت ئەمىليىتى -كارخانىچىلىرىمىزغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىيتىپ بىرىدۇ، لىكىن گەپ بۇنى چۈشەنگۈچىلەرنىڭ بولۇش-بولماسلىغىدا.
19-سنتەبىر كىچىدە ئۇيقۇسىزلىق ئىچىدە يىزىلدى.
|
|