قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8304|ئىنكاس: 51
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ئانا دىيار تەسىراتلىرى(1-2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 495
تۆھپە : 3700
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 11:42:28 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 22:43  

ئانا دىيار تەسىراتلىرى(1)

تاشپولات روزى    

ئىلاۋە: بىزدە «بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما» دېگەن ماقال بار. بۇ سۆز ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان بولۇپ، ئىنسان ئۆز بىلگىنىنى  ئۆزى تەۋە قەۋىمگە بىلدۈرۈپ تۇرمىسا،  ئۇنىڭ ياشىغىنىنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، بولۇپمۇ بىر زىيالى ئۆز بۇرچىنى ئىلىمىنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ئارقىلىقلا ھەقىقىي ئادا قىلالىشى مۇمكىن. مېنىڭ نەزىرىمدە، بىلىمىدىن خەلقنى ئورتاقلاشتۇرماي، كالا كەبى ئالغا دەسسۋاتقان زىيالىلار مەسئۇلىيەتسىز زىيالىلاردۇر، مەسئۇلىيەتسىز ئۆتكەن ھايات ئەھمىيەتسىز ھاياتتۇر. يېقىندا مەن ئايرىلغىلى 14 يىل بولغان ئانا دىيارىمغا بېرىپ بىر ئاي تۇردۇم، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك تەسىراتلار كۆڭۈل ئېكرانىمدا زاھىر بولدى، ئۇشبۇ ۋەجىدىن بۇ ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ، ئەلگە كۆڭۈل سوۋغام سۈپىتىدە ھەدىيە قىلماقچى بولدۇم. بۇ كۆڭۈل سوۋغامنىڭ ئامېرىكىغا قىزىقىۋاتقان، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چىقماقچى بولغان ۋە ياكى كەلگۈسىدە قېرىنداشلىرىنى ئامېرىكىغا يولغا سېلىش ئويىدا بولۇۋاتقان دوستلار ئۈچۈن، شۇنداقلا كەڭ ئىلىمخۇمار ياشلار ئۈچۈن ئۆرنەك بولۇپ قېلىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

s3.jpg
ئوغلۇم لوس ئانجېلېس ئايروپورتتا

بىزدە «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويىڭ سامان بولماس» دېگەن گەپ، مېنىڭ ئانا يۇرتۇمنىڭ ئامان - ئېسەن تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈشكە بولغان ئىنتىلىشىم ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر كۈنمۇ سۇسلاپ باقمىغانىدى. ۋەتەنگە قايتىپ، ئەسرالاشمىغىلى ئۇزاق بولغان قان قېرىنداشلىرىم بىلەن ئەسرالىشىشنى ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەنىدىم. «تىلىسەڭ تاپارسەن» دېگەن گەپ راست بولسا كېرەك، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغلى 14 يىل بولغان ئارزۇيۇم، 2014 - يىلى ئىيۇندا ئەمەلگە ئېشىپ، ئۆمۈر كارتىنامغا ئۆزگىچە مەنالارنى ئاتا قىلدى. گەپنى ئۇدۇللا دېسەم، 2014 – يىلى 6 – ئاينىڭ 16 - كۈنى ئەتىگەندە، جۇڭگونىڭ لوس ئانجېلېستىكى كونسۇل خىزمەتچىسىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئۇ تېلېفوندا مېنىڭ ۋەتەنگە بېرىش ئۈچۈن ئىلماس قىلغان ۋىزامنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى، 140 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەپ ئېلىۋېلىشىمنى ئۇقتۇردى. بىز ئائىلە بويىچە ھەممىمىز ئامېرىكا گراژدانى بولغاچقا، ۋەتەنگە بېرىش ئۈچۈن چوقۇم جۇڭگو تەرەپكە ۋىزا ئىلتىماس قىلىشىمىز لازىم. ۋىزىمىز تەستىقلانسا ۋەتەنگە بارالايمىز، تەستىقلانمىسا بارالمايمىز. ئەگەر سىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇر بولۇپ بىراق باشقا دۆلەتنىڭ گراژدانى بولسىڭىز چوقۇم شۇ دۆلەتنىڭ ۋىزاسىغا ئىلتىماس قىلىسىز. مەن جۇڭگونىڭ كونسۇل خىزمەتچىسىدىن مېنى بەكمۇ خۇشال قىلغان بۇ تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئايالىمغا، قىزىمغا، ئوغلۇمغا ۋە  لوس ئانجېلېستا تۇرۇۋاتقان ئىككى ئىنىمغا بۇ خوش خەۋەرنى تېلېفوندا ئۇقتۇردۇم. ئۇلار مېنىڭ ۋەتەنگە بارىدىغان ۋىزامنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ خوش بولدى ۋە مېنى تەبرىكلىدى. شۇ كۈنى كەچتە بۇ ۋىزا ئالغانلىق خۇشاللىقىمىزنى ۋەتەندىكى چوڭلارغىمۇ يەتكۈزدۇق. ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدى. مەن ۋىزا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان شۇ كۈنىلا 30 كۈنلۈك دەم ئېلىش ئىلتىماسىنى مەكتەپكە  تاپشۇردۇم. مەكتەپ شۇ كۈنىلا مېنىڭ ئىلتىماسىمنى تەستىقلىدى. بۇ قېتىم بىز ئائىلە بويىچە ۋەتەنگە بېرىش پىلانىنى تۈزگەن ئىدۇق، بىراق قىزىمنىڭ ئىشلەۋاتقان شىركىتى 7 - ئايدا بەكمۇ ئالدىراش بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، شىركەت ئۇنىڭغا بىر ئايلىق رۇخسەت بەرمىدى. قىزىم ئامېرىكىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار بىر كىيىم - كېچەك شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خىزمەتچىسى بولغاچقا، شىركەتنىڭ خىزمەتلىرى ئالدىراش ۋاقتىدا، قىزىمنىڭ شىركەتتىن ئايرىلىپ كېتىشى ياخشى ئەمەستى. شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىم ئايالىم ۋەتەنگە بېرىش سەپىرىنى توختىتىپ، ئىككى بالىغا قاراپ تۇرىدىغان، مەنلا ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغان بولدۇم.

s1.jpg
ئوڭدىن ئىنىم تاشمەمەت ۋە ئۇنۇڭ ئايالى

ۋىزامنىڭ تەستىقلانغانلىق خەۋىرىنى ئوغلۇم ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەتەنگە بېرىش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ،  ۋەتەنگە مەن بىلەن بىللە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئوغلۇمنىڭ بۇ تەلىپىدىن مەن بەك خوشال بولدۇم، چۈنكى ۋەتەندە تۇغۇلمىغان بالىلارنىڭ ئىمكانىيەت بولسىلا ۋەتەنگە بېرىپ ئۆز خەلقىنىڭ تىلىنى، تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى، مەدەنىيىتىنى بىلىش بەكمۇ مۇھىم ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئوغلۇم ئىككىمىز ۋەتەنگە بېرىپ كېلىش كۈنىمىزنى 6 - ئاينىڭ  27 – كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتتۇق. ئەمدىكى گەپ ئوغلۇمغا ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ، نەچچە كۈن ئىچىدە ۋىزا ئالمىساق بولمايتتى. مېنىڭ ۋىزام ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن تەستىقلىنىپ چىققانىدى. ئوغلۇمنىڭ ۋىزا ئېلىشى ئۈچۈنمۇ ئۈچ ھەپتە كەتسە، بىز ماڭماقچى بولغان كۈنگە ئۈلگۈرمەيتتى. مەن ئوغلۇمنىڭ ۋىزاغا كېتىدىغان بارلىق رەسمىيەتلىرىنى تەل تۆكۈس تەييارلاپ، ئۆزۈمنىڭ ۋىزىسىنى ئالغىلى بارغاندا، ئوغلۇم ئۈچۈن ۋىزا ئىلتىماس قىلدىم ھەمدە جۇڭگو كونسۇلخانىسىدىكىلەرگە ئوغلۇمنىڭ ۋەتەنگە بېرىش ئەھۋالنى تولۇق چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئوغلۇمنىڭ ۋىزاسىنى مۇمكىن قەدەر تېز چىقىرىپ بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى دەپ ھەممە رەسمىيەتنى ئېلىپ قالدى.
مەن ئوغلۇمنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى قىلىپ بولۇپ، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن جۇڭگو كونسۇلىدىن ئوغلۇمنىڭ ۋىزىسىنىڭ چىققانلىقى توغرىلىق تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدىم. ئوغلۇمنىڭ ۋىزىسىنىڭ بۇنداق تېز چىقىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بۇ مەن ئۈچۈن يەنە بىر خۇشاللىق ئىش بولدى. ئوغلۇم 4 يىلنىڭ ئالدىدا ئاپىسى بىلەن  بىللە ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەنىدى. بىراق مېنىڭ بۇ قېتىم ۋەتەنگە بېرىشىم  بەك مۇھىم ھېسابلىناتتى، چۈنكى مەن 14 يىلدىن بېرى ۋەتەنگە  پەقەتلا قايتىپ باقمىغانىدىم. مەن 2000 - يىلى ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەنىدىم. شۇ ۋاقىتتا لوس ئانجېلېستىكى بىر قېرىندىشىمنىڭ 16 يىل ۋەتەنگە بارمىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭدىن شۇنچە ئۇزاقتىن بېرى نېمىشقا ۋەتەنگە قايىتمىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ سەۋەبىنى ئېنىق دېمەيلا ماڭا: «ھە سېنىمۇ كۆرىمىز ئامېرىكىدىن ئالدىراپلا ۋەتەنگە بارغىلى بولمايدۇ» دېگەنىدى. كېيىن ئۇقسام، ئامېرىكىدىكى ئالدىراشچىلىق، شىركەتلەردىن ئۇزۇنراق دەم ئېلىش رۇخسىتى ئالالماسلىق، ئىقتىساد، تۇرمۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ۋەتەنگە قايتىش شۇنچىلىك تەس ئىكەن. مېنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ۋەتەنگە بارماسلىقىمدا ئىقتىساد ئاساسلىق ئورۇننى تۇتمايتتى، چۈنكى مەن ياپونىيەدە 10 يىل تۇرغان ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنى ئالغان بولغاچقا، ئىقتىسادىم ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەدە مەن ئۆزۈم ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا دوتسېنتى بولۇپ ئىشلىگەنىدىم. مېنىڭ ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە شۇنچە ئۇزاقتىن بۇيان كەلمەسلىكىمگە، كەسپىمدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلگەنلىكىم سەۋەبچى بولدى. ئامېرىكىدەك رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بىر دۆلەتتە، مېنىڭ كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا ھەقىقەتەن بەك تىرىشىشىمغا توغرا كەلدى. شۇڭا مەن ئۈچۈن ھەر بىر كۈن ۋە ھەر بىر مىنۇت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولدى. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر يىغىلىپ قالغان  رىقابەت دۆلىتى بولۇپلا قالماستىن، تىرىشچانلار ئۈچۈن سەھنە كەڭرى بولغان پۇرسەت دۆلىتىدۇر.

s4.jpg
ئوڭدىن ئىنىم قۇرۋانجان ۋە شۆھرەت مۇتەللىپ

مەن 2000 - يىلى يازدا ياپونىيەدىن ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلېس شەھىرىگە «ئاقار جىسىملار خەلقئارا يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم. مەن بىلەن بىرگە ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىم قۇرۋانجانمۇ لوس ئانجېلېسقا مەن بىلەن بىللە كەلگەنىدى. قۇرۋانجان ئىنىم غۇلجا پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى سىنىپ بويىچە ئەڭ ئەلا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، غۇلجا پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغانىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن چاڭچۇن  پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 10 ئايدەك ياپۇن تىلى ئۆگىنىپ، مەن ئوقۇغان مەكتەپ توكيو دەنكى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەنىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇشقا كەلگەن ئىنىم تاشمۇھەممەد روزى لوس ئانجېلېس شەھىرىدە ئائىلىسى دىكىلەر بىلەن بىللە تۇراتتى. ئىنىم تاشمۇھەممەد بىز ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. ئۇ شاڭخەي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ  1988 - يىلى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىزچە ئىمتىھان « TOEFL » ئىمتىھانغا قاتنىشىپ مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولدى، ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ۋەتەندىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا زور ئىلھام بولدى. شۇ چاغدا « TOEFL » ئىمتىھامى دېسە بىر خىل سىرلىق ئىمتىھان، ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەتىجە ئېلىش بەكمۇ تەس دەپ تەسۋىرلەيتتى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە  مەملىكەت بويىچە بىرىنچىلىكنى ئېلىش باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بەكمۇ خوشال قىلغان ئىدى. بۇ نەتىجە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقىلار قىلالايدىغان ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى.  بۇنىڭ بىلەن مائارىپ نازارىتى تاشمۇھەممەدنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش راسخوتى ئاجرىتىپ بەردى. ئېسىمدە قېلىشىچە، تولۇق نومۇرغا 3 نومۇر كەم قالغانغۇ دەيمەن. ئىنىمنىڭ شۇ چاغدا ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىدى، بىراق ئۇ چاغدا تيەنئەنمىن ۋەقەسى سادىر بولغاچقا، مائارىپ نازارىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنىم يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ئالاقە قىلدى ۋە 1990 - يىلى يېڭى زىللاندىيەگە ئوقۇشقا چىقتى. ئىنىم يېڭى زىللاندىيەدە ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، 1992 - يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلدى. ئۇ ئامېرىكىدا كومپيۇتېر كەسپىنى ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان، دۇنياغا داڭلىق بىر كومپيۇتېر شىركىتىدە پىروگراممېر بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ ھازىر مۇشۇ شىركەتتە ئالىي ئىنژېنېرلىق سالاھىتى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھازىر 3 ئوغلى بولۇپ چوڭ ئوغلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ.

s2.jpg
سولدىن قىزىم، ئايالىم ۋە مەن

بىزنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەن ۋاقتىمىز دەل يازلىق تەتىل  مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئىنىمنىڭ ئۆيىدە بىر ئايدەك تۇرالىدۇق. بۇ بىر ئاي جەريانىدا، سان فرانسىسكو، لاسۋىگاس قاتارلىق داڭلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئويناپ كەلدۇق. ئىنىمنىڭ ماڭا «ئامېرىكىغا كېلىپ تۇرغىن، بۇ يەرگە كەلسەڭ بىزگىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەپ تەكلىپ بېرىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ «ئامېرىكىغا بارسام ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارالايمەن» دېگەن ئارزۇيۇمنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىش ئويىغا كەلدىم. بۇ ئويۇمنى ياپونىيەگە قايتىپ ئايالىم ھەم بالىلىرىم بىلەن مەسلىھەت قىلمىسام بولمايتتى، ئەلۋەتتە. بىز ئامېرىكىدىكى بىر ئايلىق ساياھىتىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياپونىيەگە قايتىپ كەلدۇق. شۇ چاغدا مەن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئويۇمنى ئايالىم ۋە قىزىمغا مەسلىھەت سالغانىدىم، ئۇلار قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ياپونىيەدىكى بارلىق ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ 2000 - يىلى 12 - ئايدا ئامېرىكىغا ئائىلەم بويىچە كۆچۈپ كەلدىم. ئامېرىكا  جەمئىيىتى كەسكىن رىقابەت بىلەن تولغان بولۇپ، رىقابەتتە مەغلۇپ بولغانلارنىڭ ئامېرىكىدا باش كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەلۋەتتە ئامېرىكىدا قارا ئىش بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلارغا، قارا ئىش قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. بىراق قەدىر قىممىتىڭىز بىلەن ياشىماقچى بولسىڭىز قاتتىق تىرىشىشىڭىز لازىم. بىز ئۆزۈمىز ئارزۇلىغان ئامېرىكىغىمۇ ئورۇنلاشتۇق، كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتمەكتە ئىدى. مېنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئامېرىكىدا بۇ مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا راۋان سۆزلەيدىغان بولىشىم شەرت ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن  ئىلتىماس قىلىدىغانلار بەك كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىش ھەقىقەتەن  مۈشكۈل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىم 38 گە بارغاندا، ئامېرىكا چۈشۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان مەن ئۈچۈن، ئىنگىلىز تىلىنى راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنىش ئۆتكىلىمۇ بوش ئۆتكەل ئەمەس ئىدى. مەن كىچىكىمدىلا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان،  بېشىمغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان روھنى يېتىلدۈرۈۋالغانىدىم. بۇ خىل روھ دادامدىن  ماڭا ئۇدۇم قالغان بولىشى مۇمكىن. دادام ھەر قانداق بىر ئىشتا تاللىغان يولىدىن يانمايدىغان ئادەم ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا قەيسەر جەڭچى، ئاخىرىدا ئۈچ ۋىلايەت گېنېرالى ئىمىنوفنىڭ كاتىپى بولغان ئىدى. دادام بىزگە كىچىك ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا قەيسەر بولۇش، يالغان سۆزلىمەسلىك، ئىلىمگە ئۆزىمىزنى ئاتاش توغرىسىدا تەربىيە قىلاتتى. ئۇ بىزگە دائىم مىللىتىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقانلىقىنى، كىشىلەردە بىلىم بولمىسا  گوياكى قوتاندىكى بىر توپ قويغىلا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇ بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بىزنى دۈيىمىزدىكى ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇرمايتتى. ھەتتا، ئۆينىڭ قاتتىق - قۇرۇق ئىشلىرىغىمۇ بىزنى ئارىلاشتۇرماي، ئۆزى قىلاتتى. مەن بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ كىچىكىدە قانداق تەربىيە ئالسا، ئۇ تەربىيەنىڭ بالىغا ئۆمۈرۋايەت تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن يۇقىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پروفېسسور بولۇش خىيالىمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، مۇشۇ خىيالىم ئۈچۈن توختىماي تىرىشىش قارارىمنى خېلى بۇرۇنلا يۈرىكىمگە پۈككەن ئىدىم، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىدىكى بەزى قېرىنداشلارغا ئۆز ئارزۇيۇمنى دەپ باقتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنىڭ ئارزۇيۇمغا قارشى چىقتى. ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى چىقىشىدىكى سەۋەبى مېنىڭ ياپونىيەدە ئوقۇغانلىقىم، ئىنگلىزچىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىم، بولۇپمۇ يېشىمنىڭ 38 ياشقا كىرىپ بولغانلىقى، مۇشۇ ياشتا تىل ئۆگىنىشنىڭ ناھايىتى تەسلىكى قاتارلىقلار ئىدى. ياپونلۇقتا مۇنداق گەپ بار <> بۇ «ئېغىزدا  بىر ئىشنى قىلىش ئاسان ياكى تەس بولسۇن، ئۇ ئىشنى قىلىپ سىناپ باقماي تۇرۇپ بىلگىلى بولمايدۇ» دېگەنلىكتۇر. شۇڭا مېنىڭ ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى بولۇش ياكى بولالماسلىقىم، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىغا، ئۇنى سىناپ بېقىشىمغا باغلىق بولۇپ، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. مېنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچى بولۇشۇم ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشىشىمغا توغرا كېلەتتى ئەلۋەتتە. 14 يىللىق ئامېرىكا ھاياتىمدىكى تىرىشچانلىقىم، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىم، ئۇنى قانداق يېڭىپ ھازىرقى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمنى يازمامنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىغا قالدۇرىمەن.


ۋەتەنگە قاراپ يولغا چىقىدىغان كۈنلەر يېقىنلىشىپ كەلمەكتە ئىدى. مەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئايالىم بىلەن بىرگە بازارغا چىقىپ ۋەتەندىكى تۇغقانلارغا سوۋغاتلىق ئالاتتىم. مەن بازارلاردىكى دۇكانلارنى ئارىلاشنى ياخشى كۆرمەيتتىم. ئادەتتە، ئائىلىدىكىلىرىم بىلەن بىللە بازارغا چىقسام، ئۆيدىكىلەرنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى ئېلىپ بولۇشىنى دۇكان ئىچىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلايتتىم. ئايالىم ماڭا مۇناسىۋەتلىك بېرەر قۇر كىيىم سېتىۋالماقچى بولسا، ماڭا تېلېفون قىلىپ چاقىراتتى. 14 يىلدىن بېرى ۋەتەنگە بارمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئالىدىغان سوۋغاتمۇ كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنىمىز كۆپ ئىدى. بوۋامنىڭ 21 بالىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىر 14 ى ھايات ئىدى. بۇ قېتىم  سوۋغات ئېلىش ھەقىقەتەن تەسكە چۈشتى، بىز سوۋغاتلارنى ئېلىپ بولغاندا، ئۆيىمىزنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئېغىزلىق ئۆي سوۋغاتلار بىلەن لىق توشتى. سوۋغىنىغۇ ئېلىۋەردۇق، بىراق بىز ئايروپىلاندا ماڭىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن يۈك - تاقىنىڭ ئېغىرلىق چەكلىمىسى بار ئىدى. مەن توردىن بىز ئولتۇرماقچى بولغان ئايروپىلاننىڭ قانچە كىلو ئېغىرلىقتىكى نەرسە ئالساق بولىدىغانلىقىنى تەكشۈردۈم. ئايروپىلانغا بىر ئادەم ئىككى سومكا ئېلىپ چىقىشقا يول قويىدىكەن. بۇ ئىككى سومكا ھاۋالىلىك توشۇشقا بېرىلىدىغان سومكا بولۇپ، قولدا تۇتۇپ ماڭىدىغان سومكا بۇنىڭ سىرتىدا ، يەنە كېلىپ بىر سومكىنىڭ ئېغىرلىقى 23 كىلودىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئادەم ئېلىپ ماڭغان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى 46 كىلودىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. خەلقئارادا قاتنايدىغان ئايروپىلانلاردا ئېلىپ ماڭىدىغان نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، ئارتۇق قىسمىغا خېلى كوپ پۇل تۆلەيدىغان گەپ ئىدى.

مەن مەكتەپتىكى بارلىق خىزمەتلىرىمنى باشقىلارغا  ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلىرىم بىلەن خوشلاشتىم. مانا مەن تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن  6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى (جۈمە) ئاخىر يېتىپ كەلدى. بىز بىر كۈن بۇرۇن سوۋغاتلارنى ئالتە سومكىغا قاچىلاشنى باشلىغانىدۇق. بىز جۈمە كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ سومكىلارغا قاچىلاپ بولالمىغان نەرسىلەرنى قاچىلىدۇق. ھەممە نەرسىلەرنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە سومكىلارغا قاچىلاپ تۈگەتتۇق. ئايالىم بىزنىڭ يولدا تاماقتىن قىيلىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن پولو ئەتكەن ئىدى. پولو سائەت 5 لەردە تەييار بولدى. بىز ئائىلە بويىچە بىر ئۈستەلگە داخىل بولۇپ، بۇ ئوخشىغان پولونى بىرلىكتە يىدۇق. ئايالىم بىلەن قىزىم ماڭا بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە  دىققەت قىلىشىمىزنى، بولۇپمۇ مېنىڭ ئوغلۇمغا ياخشى قارىشىمنى ئالاھىدە تاپىلىدى. بىز پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ، پولۇنى بىر سائەتتە يەپتۇق. تاماقنى يەپ بولۇپ سومكىلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىدۇق. مەندە تويوتا ھايلەندىرنىڭ يەتتە كىشىلىك چوڭ ئاپتوموبىلى بار ئىدى. ئالغان بارلىق سومكىلار بۇ ئاپتوموبىلغا پاتتى. كەچ سائەت 7 لەردە لوس ئانجېلېس خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. بىز ئولتۇرىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئۈچۈن يەنە 5 سائەتتىن كۆپ ۋاقىت بولسىمۇ، يولۇچىلارنىڭ 3 سائەت بۇرۇن چىقىشى تەلەپ قىلىناتتى. بۇنداق بولىشى ئامېرىكا ئايروپىلان ئىستانسىلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ناھايىتى قاتتىقلىقىدىن ئىدى. بىزنىڭ ئۆيدىن لوس ئانجېلېس ئايروپىلان ئىستانسىغا ماشىنا بىلەن 50 مىنۇتتا ئاران بارغىلى بولاتتى. بىز كەچ سائەت 8 دىن ئۆتكەندە ئايروپىلان ئىستانسىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز ئولتۇرماقچى بولغان ئايروپىلان جۇڭگو جەنۇبىي ئايروپىلان شىركىتىنىڭ 500 كىشىلىك ئىككى قەۋەتلىك چوڭ ئايروپىلانى ئىدى. يۈك تاقىلىرىمىزنى ھاۋالىلىك توشۇش ئورنىغا سېلىۋەتتۇق. ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى سومكىلارنى بىر-بىرلەپ جىڭغا تارتىپ ئۆتكۈزۈۋالدى. سومكىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆيدە تارتىپ كەلگەچكە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى. سومكىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئايالىم ۋە قىزىم بىلەن رەسىملەرگە چۈشۈپ، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئايروپىلان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنىغا كىرىپ كەتتۇق.

ئامېرىكىدا ئايروپىلان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئۆتكەندە ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىسىز، ئاياق، ئاشقۇچ، پورتىمال قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنى ئايرىم بىر سېۋەتكە سېلىپ تەكشۈرتىسىز. پايپاق بىلەن بىر تەكشۈرۈش ئۆيىگە كىرىپ ئىككى قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ تۇرىسىز، ماشىنا پۈتۈن بەدىنىڭىزنى 360 گرادۇس ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. بىز بىخەتەرلىك ئورنىدىن ساق -  سالامەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئايروپىلان كىرىش ئېغىزىغا كېلىپ، ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق. ئايروپىلان ساقلاش ئورنى بەكمۇ چوڭ بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك ساتىدىغان دۇكانلار، رېستورانلار خېلى كوپ ئورۇننى ئىگىلىگەنىدى. مەن ئوغلۇم بىلەن بىرگە بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ، قەھۋە ئىچكەچ ئايالىم، قىزىم ۋە ئىنىلىرىمغا تېلېفون قىلىپ يەنە خوشلاشتىم. ئاخىرى ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتىمىز توشتى. بىز نىڭ ئايروپىلاندىكى ئورنىمىز دېرىزىگە يېقىن تەرەپتىكى ئىككى ئورۇندۇق ئىكەن. ئايروپىلان كەچ سائەت 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغالدى. بىز گۇاڭجۇ بىلەن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بېلەتنى ئالغانىدۇق. ئوغلۇم ئايروپىلانغا چىقىپلا، كىنو كۆرۈشكە كىرىشىپ كەتتى. مەن چىقىپلا تازا بىر ئۇخلىۋالاي دەپ ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى يانتۇ قىلىپ ياتتىم. بىراق ئۇيقۇ پەقەتلا كەلمىدى. مەن ئادەتتە ماشىنا ياكى ئايروپىلانغا چىقسام دەررۇ ئۇخلاپ قالاتتىم. بىراق بۇ قېتىم پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. مەن شۇ چاغدا 14 يىلدىن بېرى بارمىغان ۋەتەننى كۆز ئالدىمغا  كەلتۈرۈپ باقتىم.  پۈتۈن خىيالىم ئاشۇ ئەزىز ۋەتىنىمدە قالغانىدى. ئارىلىقتا كىنومۇ كۆرۈپ باقتىم، بىراق يەنىلا ئۇيقۇ كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ 10 سائەتنى ئۇيقۇسىز خىياللار بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ئاخىرى ئۇيقۇ كەلگەندەك بولۇپ، ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئايروپىلاندىنمۇ چۈشتۇق، جۇڭگو ئايروپىلان بىخەتەرلىك ئورنىغا يېتىپ كەلدۇق. بىخەتەرلىك خادىملىرى بىزنىڭ بىر جەدىۋەلنى توشقۇزمىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ،  جەدىۋەلنى ئەكىلىپ بەردى. ئەسلىدە  بىز ئايروپىلان ئىچىدە ئۇخلاپ قالغاندا بىزگە بۇ جەدىۋەل بېرىلمىگەن ئىكەن. بۇ جەدىۋەل بەكمۇ ئاددىي بولۇپ، ئىسىم  - فامىلىڭىز، تۇرىدىغان ئورنىڭىزنىڭ ئادرېسى قاتارلىقلارنى توشقۇزۇدىكەنسىز. بىز بۇ تەكشۈرۈش ئورنىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ جۇڭگو زېمىنىغا دەسسىدۇق. ئاخىر تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئانا يۇرتۇمغا يېتىپ كەلگەندەك، خۇددى ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشمىگەن قەدىردان ئانامنى كۆرگەندەك خۇش بولدۇم، بىخەتەرلىك ئورنىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئايروپىلان ئۇچۇش ئېغىزىغا پىيادە بارغىچە قارا تەرگە چۈشۈپ كېتىپتىمەن. كالىفورنىيە قۇرغاق بولغاچقا بۇنداق نەم ئىسسىق ھاۋانى كۆرمىگىنىمگە 14 يىل بولغان ئىدى. بىز گۇاڭجۇدا 2 سائەتلا تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدۇق. بىز بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئۆتۈپ ساق-سالامەت ئايروپىلانغا چىقتۇق. ئايروپىلاندىكى بىز ئولتۇرغان ئورۇندۇق ئەتراپىدا بىرقانچە ئۇيغۇرلارمۇ ئولتۇردى. بۇ مېنىڭ  14 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئايروپىلان ئىچىدە ئۇيغۇرنى كۆرۈشۈم ئىدى. ئايروپىلان قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولدۇم. مانا يەنە 5 سائەتتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ باراتتۇق. شۇ چاغلاردا قەلبىمنى بىر خىل ئۆزگىچە ھاياجان قاپلىۋالدى.  ئىچى-ئىچىمگە پاتمايۋاتقان بىر خىل ئىنتىلىش مېنى ئۈرۈمچىگە تېزاراق قەدەم بېسىشقا ئۈندىمەكتە ئىدى.

مېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ئەي بىپايان ئانا زېمىن، سۈيى ئەلۋەك، خەلقى ئىشچان، ئاقكۆڭۈل گۈزەل ماكان، 14 يىل زارىقىپ كۈتكەن ئۇلۇغ تۇپراق، سەن نېمانچە ئۇلۇغ، نېمانچە سېھىرلىك، سېنى نەقەدەر سېغىنغىنىمنى بۇ ئاجىز تىلىم بىلەن تەسۋىرلەشكە قادىر ئەمەسمەن!!!

(بۇ ساياھەت خاتىرەمنى بىر ئاز تەپسىلىي يېزىشنى ئويلىغاچقا يازما  ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)

(داۋامى بار)


3

تېما

0

دوست

1709

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 12:26:41 |ئايرىم كۆرۈش
ساياھەت خاتىرڭزنى  بەك كۈتكەنتۇق
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

پەرۋايىم پەلەك

52

تېما

26

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   54.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 1024
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7500
تۆھپە : 4599
توردىكى ۋاقتى: 3291
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 13:33:04 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1338
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3646
توردىكى ۋاقتى: 700
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 13:43:19 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 13:52  

ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻱ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺯﯦﻤﯩﻦ, ﺳﯜﻳﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﻙ, ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﺸﭽﺎﻥ, ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻝ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﺎﻛﺎﻥ, 14 ﻳﯩﻞ ﺯﺍﺭﯨﻘﯩﭗ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ, ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ, ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ, ﺳﯧﻨﻰ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ!!!
بۇ  قۇرلارنى ئ‍وقوپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى
، سىزنىڭ38ياشقا كىرگەندىمۇ ۋاز كەچمەي ئالدىڭىزغا قارىغىنىڭىزدىن مەن زور ئىلھامغا ئىرىشتىم …يىقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان يىشىم 30غايىقىنلىشىپتۇ ،ئوقوش پۈتتۈرۈپ ،خىزمەتكە چىقىپ توي قىلىپ ئۆي ۋە بالا باقىدىغان بىر خىزمەتچقگە ئايلاندىم ،قولومدىن باشقا ھىچ ئىش چىقمىدى،راستىمنى ئىيتقاندا خىزمىتىمدىن باشقا نىمە ئىش قىلسام بىر بىشىغا ئىلىپ چىقالىشىمنىمۇ بىلمەيمەن ،ئۈچ كۈندە بىر ئامانلىق دۇجۇرنى ،قەدەمە بىر ئىچىلىۋاتقان يىغىن ،سىياسى ئۈگىنىشلەر بىلەن بولوپ نەچچە يىل ئاۋۋالقى قايناق ،ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىمنى يوقوتۇپ شۈمشىيىپ ،يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك سولىشاپ قالغان كۈنلىرىمدە سىزنىڭ 38 ياشقا كىرگەندىمۇ ۋاز كەچمىگىنىڭىزنى ئوقوپ زور ئىلھامغائىرىشتىم …
رەھمەت سىزگە،تىمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن …

65

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   98.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2595
تۆھپە : 12870
توردىكى ۋاقتى: 6344
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 14:25:33 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 14:34  

ھارمىغايسىز، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى بىر ئەسلىمە ،ئەركىن يازما بولۇپ چىققىدەك.بىلگەنلىرىدىن ئەلگە تەقدىم قىلىشنى ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىپ،«سۈكۈت«تىلا ياشاۋاتقان ئىلىمگەرلەرگە تۇتۇلغان پۇزىتسىيىمۇ ناھايتى ئورۇنلۇق بولۇپتۇ.سەمىمىيەت بىلەن قىلىنغان ئاددى گەپلەرنىڭ ۋەزنى،سەمىمىيەتسىز دەبدەبىلىك گەپلەرنىڭ ۋەزنىدىن ھامان ئېغىر بولىدۇ.بىزگە ھازىر ئەڭ زۆرۈر بولىۋاتقىنى سەمىمىيەت ۋە پىداكارلىق.

1

تېما

0

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 480
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 15:15:00 |ئايرىم كۆرۈش
يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ « سەرسان روھ » ناملىق روماننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسىمى يادىمغا كېلىپ قالدى . ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلغاي ...

0

تېما

1

دوست

1921

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 610
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 15:44:46 |ئايرىم كۆرۈش
تاشپولاتكا ، سىزگە كۆپ رەھمەت . سىزنىڭ ماقاللىرىڭىز ماڭا ۋە باللىرىمىغا زور ئېلھام بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن. داۋامىغا بەكمۇ تەشنامەن.

14

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 4038
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 16:32:56 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 08:02  

  14يىل، بۇ ئاز ۋاقىت ئەمەسكەن.مۇختەر مىسرانىمنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئەسلى يۇرتقا بولغان ئىنتىلىشلېرىنىڭ تەسىرىمۇ يوق ئەمەسكەن دىسىلە تاشپۇلات ئاكا...
  سالامەتلىكى ياخشى بولسا 38 ياشتىمۇ شۇنداق غەيرەتكە كەلگىلى بۇلىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )