بىزنىڭ ساخاۋەتلىرىمىز توغرىمۇ ؟
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
دۆلىتىمىزدىكىلەر شىزاڭغا بارغاندا كىچىك بالىلارنى كۆرگەندە قەلەم ، كەمپۈت ، پۇل -پۇچەكلەرنى تارقىتىپ تۇراتتى ،ئەمدىلىكتە بولسا شىزاڭ رايۇنىدىكى نۇرغۇن بالىلار ماشىنىنى توسۇپ پۇل سورايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى . بەزىدە ئاددىيغىنە ۋە قوپاللىق بىلەن ساخاۋەت قىلىمىز ، بۇ ئەكىسچە يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ ، ساخاۋەت ئەمەليەتتە ئەقىل -پاراسەتكە مۇھتاج .
تۆۋەندىكى ئامېرىكىلىق بىلەن جۇڭگۇلۇقنىڭ ئافرىقىدىكى بالىلارغا قىلغان ساخاۋەت ئىش -ئىزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى :
ئافرىقىنىڭ رۇئاندانىڭ قانداق نامىراتلىقىنى ئادەتتىكى كىشىلەرپەقەتلا تەسەۋۇر قىلالايدۇ ،جۇڭگۇلۇق پىدائي ماشىنىدىن چۈشۈشىگىلا بىر ئىسكىلىتتەك ئورۇق ، كىيىملىرى ئۇچىسىنى ياپالمىغان بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭغا قاراپ يۈگىرەپ كەلدى ،ئۇ بالا بۇنداق چوڭ يۈك ماشىنىسىنى بەكمۇ ئاز كۆرەتتى .
تۇيۇقسىز پىدائىنىڭ ئىچى ئاغرىپ ، ئۆرۈلۈپلا ماشىنىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپلا بالىغا قاراپ ماڭدى .
"سەن نىمە قىلماقچى ؟!! ئامېرىكىلىق پىدائىي ۋارقىراپ ئۇنىڭغا دېدى ، :"قويە جايىدا "
جۇڭگۇلۇق پىدائىي ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇ نىمە بولغانلىقىنى بىلمىگەن ئىدى . بىز ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇقمۇ ؟
ئامېرىكىلىق پىدائىي كىچىك بالىغا قاراپ ئىگىلىپ تۇرۇپ :" ياخشىمۇ سىز ، بىز بەكمۇ يىراقتىن كەلدۇق ، ماشىنىنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن نەرسە بار ، ماڭا ياردەملىشىپ چۈشۈرۈشۈپ بېرەمسىز ؟ بىز سىزگە ھەق بېرىمىز ." بۇ ئوغۇل بالا ئورنىدا تۇرۇپ قالدى ، يەنە بىر توپ بالا يۈگۈرۈپ كەلدى ، ئامېرىكىلىق پىدائىي يەنە ئوخشاش گەپنى تەكرارلىدى .
شۇنىڭ بىلەن بىر بالا ماشىنىغا چىقىپ بىر يىشىك پىچىنىنى پەسكە چۈشۈردى .ئامېرىكىلىق ئىشچى بىر يوتقان ۋە پىچىنىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ تۇرۇپ :" سىزگە كۆپ رەھمەت ، بۇنى سىزگە مۇكاپات بەردىم ، باشقىلار ياردەملىشىشنى خالامسىلەر ؟ "دېدى .
باشقا بالىلارمۇ ئېتىلىپ ماشىنىغا چىقىپ بىردەمدىلا ئەشيالارنى چۈشۈرۈپ بولدى ، پىدائىي ھەر بىر بالىغا بىر كىشلىكتىن ياردەم بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى .
بۇ چاغدا يەنە بىر بالا كەلدى ، ماشىنىدىكى بۇيۇملارنىڭ چۈشۈرلۈپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندى .
ئامېرىكىلىق پىدائىي بۇ بالىغا قاراپ :" قاراڭ ، كۆپچىلىك ئىش قىلىپ ھېرىپ كەتتى ، سىز كۆپچىلىككە ناخشى ئېيتىپ بېرىڭ بولامدۇ ؟ سىزنىڭ ناخشىڭىز بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى چىقىرىدۇ " دېدى .
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بالا ناخشا ئېيتتى ،ۋە ناخشىنىڭ ھەققىگە ئىرىشتى -دە خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى . شۇنىڭدىن كىيىنلا ئامېرىكىلىق پىدائىي بالىغا قاراپ : "سىزگە كۆپ رەھمەت ، ناخشىڭىزدىن ھەممىمىز بەكمۇ ھوزۇرلاندۇق "دېدى .
بۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇلۇق پىدائىي چوڭقۇر تەسىرلەندى ۋە ھاياتىدىكى چوڭ ساۋاققا ئىگە بولدى .
ئەمەليەتتە ، كىچىك بالىلارنىڭ نامرات بولۇپ تۇغۇلىشى ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس ، شۇنداقلا بەزى نامرات كىشىلەرنىڭ ئامالسىزلىقتىن نامرات بولۇشىمۇ ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغاندا تەييارنى دوق قىلىپ بېرىش ياكى قولىمىزنى سۇنۇپلا بىكاردىن بىر نەرسە بېرىپ ئۈگۈتۈپ قويۇش ئۇلارنى بىكار تەلەت، ئىشلىمەي چىشلەشنى ئويلايدىغان قىلىپ قويىدۇ . ئاقىۋەت بىزنىڭ قىلغان ساخاۋەت ۋە ياردەملىرىمىز تەتۈرىگە ماڭسا ماڭىدۇكى ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ .شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىڭىزغا پۇل بەرگەندىمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بېرىڭ ، يەنى ئۇ سىزدىن تەمە قىلىپ ئالدى ئەمەس ، ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەققىنى ئۆز ھۆرمىتى بىلەن ئالسا نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . بۇنداق ئۇسۇلنىمۇ بەزىدە قوللىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ ، بىز قانداق ساخاۋەت قىلىۋاتىمىز ياكى پۇل بېرىۋاتىمىز ؟
مەنبە : ئۈندىداردىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى
تىيەنجىن |