كۆپ مىللەت ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكىتىمىزدە قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىگە سىڭىپ كىرىشى ۋە تەسىر قىلىشى ئىنتايىن نورمال ئەھۋال ، شۇ سەۋەبلىك يىزىقىمىزدا بەزى كىشى ئىسىملىرى ، يەر ناملىرى ۋە يېڭى پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى يىزىش ، ئوقۇش ۋە تەلەپپۇز قىلىشتا توغرا بولماسلىق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقتى . بولۇپمۇ دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇچە ئاتالغۇلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك . بۇ مەسىلە لاتىنچە يىزىق ئاساسىدا بارلىققا كەلگە يېڭى يىزىقتا ‹‹ c ، sh ، ch ، zh ›› دىن ئىبارەت تۆت ھەرىپنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى ھەل قىلىنغان ، ئەمما ھازىرقى قوللىنىلۋاتقان يېزىقتا بولسا بۇ كەمچىللىك يەنىلا مەۋجۇت ، بۇ ئەھۋال بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر يىزىقىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، تىلىمىزغا خاس ئالاھىدىلىكى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان بارلىق ئەللەر مەدىنىيىتى گىرەلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىپادىلەش جەھەتتىكى يىتەرسىزلىك سۈپىتىدە نامايەن بولماقتا . مەسىلەن : كىشى ئىسىمى zhengsheng › 郑胜 › نى جېڭ شېڭ ‹ jeng xeng › ؛ يەر نامى zhengzhou › 郑州 › نى جېڭ جوۋ ‹ jeng jou › ؛ cang zhou › 沧州 › نى ساڭ جوۋ ‹ sang jou › دەپ خاتا تەلەپپۇز قىلىپ كېلىۋاتىمىز .
بۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئولىيىتى دەپ قارايمەن ، شۇڭا مەن تۆۋەندىكى ‹‹ تۆت ھەرىپ ›› لايىھەسىنى كۆپچىلىكنىڭ دېققىتىگە سۇنماقچىمەن .
1. ‹‹ تۆت ھەرىپ ›› ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلىنىش شەكىلى .
2. ‹‹ تۆت ھەرىپ ›› لايىھەسىنىڭ ئاساسلىرى .
1) ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ پەش ، چېكىتلىرى كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ۋارىسلىق قىلىنغان .
2) يېڭى يىزىقتىكى ئەسلىدە بار بولغان ھەرىپلەر ‹ z › بىلەن ‹ h › نى قوشۇپ ‹ zh › دىن ئىبارەت يېڭى بىر ھەرىپ ياساش ئۇسۇلى بويىچە تۈزۈلدى .
3) ج ، چ ، ش ھەرىپلىرىنى تاللاشتىكى سەۋەب بولسا ، يېڭى تۈزۈلگەن ھەرىپلىرى بىلەن تەلەپپۇز قىلىشتا ئاھاڭ جەھەتتىن ئوخشىشىپراق كەتكەچكە پەرىقنى تېخىمۇ ياخشى ئايرىش ئۈچۈن پايدىلىق .
4) ھەرىپ بولسا يېڭى يىزىقتىكى ‹ c › ھەرىپ ئاساسىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرچە يىزىققا ماسلاشتۇرۇلغان ، ئىشلىنىشى ئاز ، ھەم كۆپىرەك سۆز ۋە بوغۇمنىڭ بېشىدا كېلىدۇ .
5) ‹‹ تۆت ھەرىپ ›› لايىھەسى يىزىلىش ، ئۇلىنىش ۋە شەكىل جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۇيغۇر يىزىقى رامكىسى ئىچىدە بولۇپ ، ئۇيغۇر تىل گىرامماتىكىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .
مېنىڭ بۇ پىكىرىم بىر جەھەتتىن دەماللىققا ئەھمىقانىلىق ياكى كۈلكىلىك تۇيۇلىشى ، بەزى بىر كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن ئاھەنەت ياكى رەت قىلىنىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن ، يەنە بىر جەھەتتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپ تېخىمۇ ياخشى لايىھەلەر ۋۇجۇدقا كېلىپ ، ئۇيغۇر يىزىقىمىزدىكى بۇ يوچۇق ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
|