- تىزىملاتقان
- 2014-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
4.33%
|
ئەسكەرتىش:
بۇ ئەسەر ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان ئەسەر بولۇپ، باشقا مۇنبەر ۋە سالۇنلارغا مىنىڭ رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. يۈرەك كىسىلى بارلار ، ھامىلدار ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئوقۇماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئوقۇپ كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن مەسئۇل ئەمەس
تەرجىمە ئەسەر
سۇسۇ مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭ رەسىمى مەكتەپتىكى تەشۋىقان دوسكىسىغا چاپلانغان ئىدى. شۇڭا مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۇنى تونۇيتتى.يازلىق تەتىل ۋاقتى يىتىپ كەلدى. سۇسۇ يازلىق تەتىلنى چەت يىزىلارغا چىقىپ مىڭىسىنى ئارام ئالدۇرغاچ ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ ھىچقانداق دوستىغا ئىيتماي يولغا چىقتى. ئۇ يولدا ماڭغاچ نۇرغۇنلىغان گۈزەل خىياللارنى قىلدى. ئۇ كۆڭلىدە:‹‹مىڭەمنى ئارام ئالدۇرغاچ ئۆتكۈزگەن مەنىلىك كۈنلىرىمنى خاتىرە قالدۇرىمەن››دەپ ئويلىدى. لىكىن ئۆزىنى نۇرغۇن قورقۇنۇشلۇق ئىشلار ساقلاپ تۇرغىنىنى ئۇ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
يىرىم كۈن ماڭغاندىن كىيىن سۇسۇ مەنزىلگە يىتىپ كەلدى. بۈك-باراقسان دەرەخلەر ياپيىشىل ئوت-چۆپلەر بۇ يىزىنى بىلەكچىلا چىرايلىق قىلىۋەتكەن ئىدى. غەلىتە يىرى سۇسۇ خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئايلىنىپ بىرەر قورۇ جايمۇ ئۇچراتمىدى. كۈن ئولتۇراي دەپ قالغان ئىدى، سۇسۇ بىر ئاز قورقۇشقا باشلىدى. سۇسۇ تىخىمۇ ئىچكىرلەپ مىڭىشقا پىتىنالمىدى.چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا قويۇق كەتكەن بىر ئورمانلىق بار ئىدى. كەينىگە قايتاي دىسە ۋاقىت بىر يەرگە بىرىپ قالغاچقا نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ خىلى ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى.بۇ چاغدا ئاللىقاچ كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. تۇيۇقسىز سۇسۇنىڭ كۆزى ئورمانلىق ئىچىدىكى چىراق يورۇقىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ چىراغ يورۇقىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئورمانلىقتىن ئۆتۈپ مىھمانخانىغا كىرىپ پۇكەيدە ئادەم يوقلىقىنى كۆردىدە سىگنال قوڭغۇرىقىنى باستى، لىكىن بىرە ئادەم چىقاي دىمەيتى. ئۇ مىھمانخانىغا كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. دەرىزە تەكچىلىرىگە قەدىمقى لوڭقىلار قويۇلغان. تاملارغا چىرايلىق يىزىلغان ھۆسۈنخەتلار چاپلانغان ئىدى.
-خانقىز
تۇيۇقسىز چىققان بۇ ئاۋازدىن سۇسۇ چۆچۈپ كەتتىدە دەرھال كەينىگە قارىدى. پۇكەيدە قىرىغان بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ قەدىمقى خەنلەر كىيىدىغان كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئىدى. سۇسۇ بەك قىزىققان بولغاچقا خوجايىنغا قايناپ كەتتى.
-نىمانداق ئادەمسىز، بىرە شەپە بىرىپ قويسىڭىز نىمە بولىدۇ، جىنىم چىقايلا دەپ قالدى.
-خاپا بولماڭ. خانقىز، ياتاق ئاچامتىڭىز: نىمىشقىدۇر ئۇ ئادەم بىر نۇقتىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپلا تۇراتتى.
-ھەئە، ئەزان ياتاقتىن بارمۇ؟
-پەقەت بىرلا بوش ياتاق قالدى .
-ھەپتىلىكنى بىراقلا ئالماقچىدىم نەچچە پۇل؟
-200 يۈەن،- ئۇ داۋاملىق بىر نۇقتىدىن كۆزىنى ئۈزمەي سۆزلەۋاتاتتى. سۇسۇ ياتاقنى ئەزان كۆرۈپ ئىچىدە خۇشال بولدىدە پورتمالدىن 200 يۈەننى ئايرىپ خوجايىنغا بەردى. خوجايىن ماۋجۇشىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن قىزىل پۇلنى كۆرۈپ باقمىغاندەك بىردەم ھاڭۋاققاندىن كىيىن:
-بۇبۇ بۇ قانداق پۇل؟
سۇسۇنىڭ ئاچچىقىنى باسالماي:
-ساختا پۇل بولدىمۇ، دەپ خوقايىنغا ۋاقىردى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ مۈرىسىنى بىر قول تۇتتى. سۇسۇ چۆچۈپ كەينىگە قارىدى. كەينىدە قەدىمقى خەنلەرنىڭ گۈللۈك كىيىمنى كىيىۋالغان بىر ئايال تۇراتتى. سۇسۇ ئەمدى گەپ قىلاي دەپ بولغىچە ئۇ ئايال سۆز ئاچتى.
-مەن مىھمانساراينىڭ ئايال خوجايىنى بولىمەن. دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردىدە كەينىدىنلا:-بۇ ئادەمنىڭ كۆزى ياخشى كۆرمەيدۇ، پۇلىڭىزنى پەرىق ئىتەلمىگەن ئوخشايدۇ. يۈرۈڭ خانقىز مەن سىزنى ياتىقىڭىزغا باشلاپ چىقاي دەپ 2-قەۋەتكە قاراپ ماڭدى. سۇسۇمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ 2-قەۋەتكە چىقىشى بىلەنلا يەردە تۇرغان قورقۇنۇچلۇق بىر قونچاقنى كۆرۈپ ئۇنى قولىغا ئالدى.
-ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر، قونچاقنىڭ بۇگەپنى شۇنداق سۈرلۈك دىگەچكە سۇسۇ قورققىنىدىن قونچاقنى تاشلىۋىتىپ كەينىگە نەچچە قەدەم چىكىندى.
-بولدى قورقماڭ بۇ ئوغلۇمنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئوينىغان قونچىقى ئوغلۇم كىتىپ قالغاندىن كىيىن قونچاق ئىزچىل مۇشۇ يەردە قويۇپ قويغان ئۇنى ھەر قىتىم بىرەسى قولىغا ئالغاندا كۈلگەن ئاۋاز چىقىراتتى. سىز قولىڭىزغا ئالغاندا باشقىچە گەپ قىلىۋاتىدىغۇ تاڭ.
ئايال خوجايىن مۇشۇلارنى دەۋاتقاچ قونچاقنى قولىغا ئالدى. دىگەندەكلا قونچاق كۈلىۋاتاتتى. سۇسۇ بۇئىشلاردىن ھەيرانلا قالدى. ئايال خوجايىن سۇسۇغا 214-نۇمۇرلۇق ياتاقنى ئىچىپ بەردى. سۇسۇ ياتاققا كىرىشى بىلەنلا ياتاقتىن چىققان مۇدھىش پۇراققا سەسكىنىپ نەچچىنى يۆتىلىۋەتتى.
-بۇ ياتاقتا بىرەسى ياتمىغىلى ئۇزۇن بولغان بىردەم ھاۋا ئالماشتۇرسىڭىز تەڭشىلىپ كىتىدۇ. دەپ قويۇپلا ئايال خوجايىن چىقىپ كەتتى.
سۇسۇ ياتاققا كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. ياتاقنىڭ ئىچى بەك ئاددىلا بولۇپ ئەينى زامانلاردىكى ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىدىن 14دىيۇملۇق رەڭسىز تىلىۋىزۇر، ئۈچ بۇرجەكلىك ئاسما شامالدۇرغۇچلا بار ئىدى. بۇ ياتاقتىن ھەمىشە سوغۇق شامال چىقىپ تۇراتتى. ئۇ جابدۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دوسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن تىلىفۇنىنى ئالدى. لىكىن تولىمۇ قىممەت ئالغان بۇ ئالما تىلىفۇنىدا پەقەتلا سىگنال يوق ئىدى. ئۇ پەستىكى پۇكەيدە تىلىفۇن بارلىقىنى ئىسىگە ئالدىدە ياتاقتىن چىقتى. دەل شۇ ۋاقىتتا بىر قارا سايە سۇسۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى. سۇسۇ بۇنى سەزمەي پەسكە چۈشۈپ پۇكەي ئالدىغا كەلدىدە خوجايىنغا تىلىفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى.
-كەچۈرۈڭ، بۇ ئايلىق تىلىفۇن ھەققى تۈگىگەن، شەھەرگە كىرىپ ھەق تۆلەشكە ۋاقىت چىقماي قالدى.
خوجايىن گىپىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا مىھمانخانا ئىشىكى ئىچىلدىدە قاپقاراكىيىم كىيىۋالغان چاچلىرى چۇۋۇتىلگەن يۈزلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بىر ئايال 8-9 ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنى يىتىلەپ كىرىپ كەلدى. سۇسۇ قورققىنىدىن خوجايىننىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى.
-لوبەن بوش ياتاق بارمۇ؟
ئۇ ئايال سۈرلۈك تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى.
-ھە ئاخىرقى بىر ياتاقلا قالدى. لوبەن سۇسۇغا دىگەن سۆزنى تەكرارلىدى.
-خوجايىن بايا ئەڭ ئاخىرقى بىر ياتاقلا قالدى دىگەنتىڭىزغۇ؟ ئۇ ياتاقتا مەن ياتقان تۇرسام قانداقمۇ بوش ياتاق بولسۇن؟ دىدى سۇسۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئايال سۇسۇغا سۈرلۈك بىرنى قاراپ قويدى.
-بايا ئايالىم سىزنى ياتاققا باشلاپ چىققان ۋاقىتتا بىرسى ياتاقنى قايتۇرىۋەتكەن. خوجايىن گىپىنى تۈگىتىپلا ئۇ ئايالنى ياتاققا باشلاپ ماڭدى. سۇسۇمۇ يالغۇز ئۇ يەردە تۇرۇشتىن قورقتى بولغاي ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
-ئاپا، قارا قونچاق.
-شاكىچىك، بۇ قونچاق چىرايلىقمىكەن:
سۇسۇ بۇ ۋاقىتتا باياتىنقى ئىشنى ئۇنۇتتى بولغاي قونچاقنى ئىلىپ ئۇ بالىغا كۆرسەتتى.
-ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەر
قونچاق يەنە شۇ گەپنى دىدى. سۇسۇ قورقۇپ قونچاقنى تاشلىۋەتتى.
-ئەمدى بۇ قونچاققا چىقىلماڭ، سىلەرمۇ قونچاققا تەگمەڭلار. دىدى خوجايىن سۈرلۈك ئاۋازدا خوجايىن ئۇ ئانا-بالىغا سۇسۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى ياتاقنى ئىچىپ بەردى. سۇسۇ ياتىقىغا كىرىپلا چۆچۈپ كەتتى. ياتاقتا تىلىۋىزۇر ئوچۇق ھالەتتە، ئۆزى بايا يىپىپ قويغان كۈندىلىك خاتىرە ئىچىلغان ھالەتتە تۇراتتى. سۇسۇ ئۆزىنىڭ قوغدىنىش پىچىقىنى ئىلىپ:
-كىم، بۇ يەردە كىم بار!
ئەتراپ يەنىلا جىمجىت، سۇسۇ ئۆينىڭ ئىچىنى بىر قۇر ئاختۇرىۋەتكەندىن كىيىن كۆڭلى بىر ئاز خاتىرجەم بولدىدە ئازراق ۋاقىتتىن كىىين شىرىن ئۇيقىغا غەرىق بولدى. تاڭ يورۇشقا ئازلا قالغان ئىدى. تورۇستىن ئۇنىڭ يۈزىگە بىر تامچە سۇيۇقلۇق ئىقىپ چۈشتى. ئۇ سۇيۇقلۇقنى قولىدا تۇرۇپ بىقىپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈزىگە تورۇستىن قان ئىقىپ چۈشكەن ئىدى. ئۇ قاننى كۆرۈپ يۈرىكى قاتلا قىلىپ كەتتى. سۇسۇ دەرىزە تەرەپتىن بىرسىنىڭ تىنغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىدە ئاستالا دەرىزە تەرەپكە قارىدى. ئۇ يەردە چاچلىرى ئۇزۇن قويۋىتىلىپ يۈزىنى توسىۋالغان قىزىل ئۇخلاش كىيىمى كىيىۋالغان بىر نەرسە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. سۇسۇ ۋاقىرغان پىتى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىدە دەرىزە تەرەپكە قارىدى لىكىن ئۇ يەردە ھىچنەرسىنى كۆرمىدى.
-ئۇھ، قارا بىسىپتۇدە. دەپ تۇرىشىغا تورۇستىن ئۇنىڭ يۈزىگە بىر تامچە ئىسسىق نەرسە ئىقىپ چۈشتى. بۇ قىتىم سۇسۇ باياتىنقىدىن بەكرەك قورقۇشقا باشلىدى. ئۇ قورقۇنچىنى زورىغا بىسىپ ئۈستىگە قارىدى. تورۇستا نىمىشقىدۇر سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. سۇسۇ ئازراق خاتىرجەم بولۇپ سائەتكە قارىدى، تاڭ يورۇشقا ئازلا قالغان ئىدى.
سالقىن سەھەر شامىلى سۇسۇغا باشقىچە ھۇزۇر بىلىندى. ئۇ ناشتا قىلىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتى. مىھمانخانىنىڭ ئايال خوجايىنىغا ئايرىم ھەق بەرسە ئۇ تاماق ئىتىپ بىرەتتى. شۇڭا سۇسۇ تاماق ھەققىنى ئەرزان كۆرۈپ ئايال خوجايىنغا ھەپتىلىك تامىقىنى ئىتىپ بىرىشقا 50 يۈەن بەرگەن ئىدى. سۇسۇ تاماق مىھمانخانىنىڭ ئاشخانىسىغا كىرگەن ۋاقىتتا ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئىككى ياش تۇراتتى. ئۇلار ئوخشاش مايكا كىيىۋالغان بولۇپ قارىماققا ئاشىق-مەشۇقتەك كۆرۈنەتتى. ئاشخانىنىڭ بىرلا تاماق ئۈستىلى بولغاچقا سۇسۇ ئۇلارنىڭ يىنىدا ئولتۇردى.
-ياخشىمۇسىز، سىز ***مەكتەپتىكى سۇسۇغۇ؟
-بىز تونۇشامدۇق؟ دېدى سۇسۇ.
بىزمۇ شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، مىنىڭ ئىسمىم جۇگى بۇياق مىنىڭ قىز دوستۇم لى لى.
-سىلەر مىنى قانداق تونۇيسىلەر؟
-سىزنىڭ رەسىمىڭىز تەشۋىقات دوسكىسىغا چاپلانغان سىزنى مەكتەپتىكى ھەممە ساۋاقداشلار تونۇيدۇ.
ئۇلار ئۆز-ئارا تونۇشىۋالغاندىن كىيىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
-سىلەر بۇ ياتاققا چۈشكىلى قانچىلىك بولدى؟
-بۇگۈن 3-كۈنى، قانداق سوراپ قالدىڭىزغۇ؟
-غەيرى ئىش، شۇنداق چىرايلىق يىزىدا نىمىشقا باشقا ئاداملار يوق ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مىھمانخانىدىمۇ بوش ياتاق قالماپتۇ. لىكىن سىلەردىن باشقا ئادەممۇ كۆرمىدىم.
-ھەئە بىزمۇ شۇ خوجايىندىن سورىساق ‹‹ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى بىلىپ ئارتۇق گەپ سورىماڭلار، يەنە 3-قەۋەتكە چىقماڭلار. چىقساڭلار ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭلار مەسئۇل››دەيدۇ، مەن ھەيران بولۇپ نىمىشقىلىقىنى سورىسام ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماڭلار دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. بىز پۇرسەت تىپىپ چىقىپ باقماقچى بولغانتۇق. لىفىڭ قويمىدى.
-لىفىڭ دىگىنىڭلار كىم؟
-ئۇ بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدۇ، لىفىڭ كەلدىڭمۇ بىز سىنى ساقلاپ تۇرغان.
سۇسۇ كەينىگە قاراپ لىفىڭنى كۆردى.
-تىچلىقمۇ سىز سۇسۇغۇ.
-شۇنداق مەن سۇسۇ، ھەي مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغۇ. سۇسۇ شۇنچە ئويلىنىپ نەدە كۆرگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدى.
-ھە شۇنداقمۇ بەلكىم مەكتەپتە كۆرگەنسىز بەلكىم خاتا تونۇپ قالغانسىز. دىدى لىفىڭ. ئاڭغىچە ئايال خوجايىنمۇ تاماق كۆتۈرۈپ كىردى.
-خوجايىن سىزدىن سوراپ باقاي نىمىشقا ئۈستىدىكى قەۋەتكە چىقسا بولمايدۇ؟
-چۈنكى
-ئۆھۆ ئۆھۆ، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي تامىقىڭلارنى يەڭلار.خوجايىننىڭ ئايالى ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرىشىغا خوجايىن كىرىپ ئۇنىڭ گىپىنى بۆلىۋەتتى.
تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن لىفىڭ سۇسۇ بىلەن ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتى.لىفىڭنىڭ بىر فوتو ئاپىراتى باربولۇپ سۇسۇنى بىر پارچە رەسىمگە تارتىۋالدى.بۇ ۋاقىتتا سۇسۇ كەچ بولسىلا ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىشنى ئويلاشقان ئىدى. مانا كەچمۇ بولدى. ئۇلار ياتاققا قايتتى. لىفىڭنىڭ ياتىقى سۇسۇنىڭ يىنىدىكى 213-نۇمۇرلۇق ياتاق بولۇپ لىفىڭ سۇسۇ بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ياتاققا كىرىپ كەتتى. سۇسۇ ئەمدى ياتىقىمغا كىرىپ كىتەي دەپ تۇرىشىغا بىرسىنىڭ ئادەم چۈشەنمەيدىغان غەيرى تىلدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلدى. بۇ ئاۋاز پەلەمپەينىڭ قىشىدىن چىقىۋاتاتتى. سۇسۇ ئاستا مىڭىپ ئۇ يەرگە باردى. ئۇ يەردە ھىلىقى كىچىك بالا پەلەمپەي يىنىدىكى ئەينەككە قاراپ سۆزلەۋاتاتتى.
-شاكىچىك، سەن قايسى تىلدا سۆزلەۋاتىسەن؟
بالا ھىچنەرسىنى ئاڭلىمىغاندەك يەنە غەير سۆزلاۋاتاتتى.
-ھەي شاكىچىك؟
بالا ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاق تەرەپكە ماڭدى.
-نىمانداق غەيرى ئانا-بالا بۇلار. سۇسۇ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.ئۇ كۈندىلىك خاتىرىنى قولغا ئىلىشىغا ئىشىكنى بىرسى چەكتى. ئىشىنىكنى ئاچقان ئىدى. ھىچكىم يوق. نىمانداق ئادەمنى ئەخمەق قىلىدۇ. دەپ خاتىرىنى ئەمدى قولىغا ئلىشىغا يەنە ئىشىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ قىتىم ھىلىقى بەتبەشرە قونچاق سۇسۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، سۇسۇ بۇنى كىم ئەكىلىپ قويغاندۇ دەپ ئۇنى جايىغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن قونچاقنى قولىغا ئالدى. بۇ قىتىم قونچاق سۈرلۈك ھالدا كۈلىۋاتاتتى. سۇسۇ قونچاقنى ئاپىرىپ ياتاققا كىرىپ خاتىرىنى قولىغا ئالدى. لىكىن ئۇ ياتاقتا بىرسى باردەك ھىس قىلىپ بىردەم سۈكۈتتە تۇردى. دەرۋەقە كارۋاتنىڭ ئاستىدا بىرسىنىڭ كۈچلۈك نەپەس ئالغان ئاۋازى ئاڭلاندى. سۇسۇ پىچاقنى قولىغا ئالدىدە ئاستا كارۋات ئاستىغا قاراپ ئىڭىشتى. كىرلىكنى تىزلا بىر تارتقان ئىدى. كارۋات ئاستىدكى ئۇ نەرسىنى كۆرۈپ قورققنىدىن توۋلىۋەتتى.
-ئا!!!!!!!!!!!!
كارۋات ئاستىدا ھىلىقى كىچىك بالا تۇراتتى. ئۇ سۇسۇغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان بولۇپ بۇ ھالىتى بەكلا قورقۇنۇچلۇق ئىدى.
-سەن سەن بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسەن؟
بۇ بالا ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرىشىغا ئىشىك يەنە چىكىلدى. سۇسۇ ئىشىكنى ئىچىپ چۆچۈپ كەتتى. ئىشىك ئالدىدا بالىنىڭ ئانىسى تۇراتتى. ئايال شۇنداق قورقۇنۇچلۇق بولۇپ بۇ ھالىتىنى سىز كۆرسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە قورقىسىز.
-فافا، دېدى ئۇ ئايال سۇسۇغا تىكىلىپ قاراپ.
-فافا دىگەن كىم؟
-ئۇ كارۋاتنىڭ ئاستىدا.
سۇسۇ كارۋات ئاستىغا بىرىپ قارىدى. لىكىن فا فا كۆرۈنمەيتى. سۇسۇ كارۋات ئاستىدىن ئەمدى بىشىنى كۆتۈرىشىگە سىرتتا ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشقان ئاۋازى ئاڭلاندى. سۇسۇ بىرىپ قارىغان ئىدى. ئانا-بالا ئىككىسى ئۆز ياتىقىغا قاراپ كىتىپ باراتتى. سۇسۇنىڭ تىنى شۈركۈنۈشكە باشلىدى. سۇسۇ كۆڭلىدە:‹‹فا فا ياتاققا قانداق كىرگەندۇ چىققاندىمۇ شۇنداق سىرلىق ئۇلار زادى قانداق ئادەمدۇ›› دىگەنلەرنى ئويلىدى.
يىرىم كىچە بولدى. ھەممە شىرىن ئۇيقۇدا ئىدى. سۇسۇنىڭ كۆڭلىدە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىش ئويى تىخىچە ئۆزگەرمىگەنىدى. ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۈسـۈنكى قەۋەتكە چىقتى. ئۇ يەردە پەقەت بىر ئىغىزلا ئۆي بولغاچقا سۇسۇ بۇنى ئامبار ئۆي ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. سۇسۇ ئامبار ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىشى بىلەن سىرتتا قاتتىق چاقماق چىقىپ كەتتى.سۇسۇ قورقۇنچىنى تەستە بىسىپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى. ئامباردا ئەسكى-تۈسكى بۇيۇملار بولۇپ. كىرگەنكى ئادەمنىق تىنىنى شۈركەندۈرەتتى. ئۇ ئىچكىرلەپ ماڭغاندىن كىيىن بىر ھۇجرىنى ئۇچراتتى. ھۇجرىدىكى كارۋاتتا پەردە تارتىغلىق بولۇپ سۇسۇنىڭ قۇلىقىغا بىرسىنىڭ تىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئۇ يەردە بىرەسى ياتىدىكەندە دەپ ئويلىدىدە ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن چىقىپ كەتمەكچى بولدى. لىكىن سۇسۇ ئۇ يەردە ياتقان ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ئاستا مىڭىپ ئۇ يەرگە كەلدى. سۇسۇ پەردىنى قايرىغان ئىدى. كارۋاتنى كۆرۈپ كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى. سۇسۇنىڭ كۆزلىرى چوڭىيىشى ئۇنىڭ قورققىنىدىن دىرەك بىرەتتى. كارۋات قۇرۇق بولۇپ ئۇ يەردە بۇرۇن بىرەسى ياتقاندەك قىلمايتى. سۇسۇ تىخىمۇ قورقۇشقا باشلىدى. چىقىپ كىتىش ئۈچۈن كەينىگە قاراپ قاچماقچى بولغاندا سوغۇقلا بىر قول ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتتى. سۇسۇنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالايلا دىدى. ئاستا قولغا قاراپ توۋلىۋەتتى.
-ئا!!!!!
داۋامى كەچكىچە يوللىنىدۇ
|
|