- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 68284
- نادىر
- 7
- يازما
- 3053
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-1 01:16
1. بۇگۇن ئاغىنەم مەسئوتجان سۆزلەپ ياۋاغ كۆرۇكتىكى ئۆتۇشمە يولدا ئالدىنقى ھەپتە بىر يەسلى بالىسىنى نەق مەيداندا ماشىنا بېىسپ ئۆلتۇرۇپ قويۇپتىكەن ،نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا يەنە بىر بوۋاينى ماشىنا بېسىپ ئۆلتۇرۇپ قويۇپتۇ .بىر ھەپتىدە بىر چوڭ بىركىچىك ئىككى جاننى ئېلىپ كەتكەن بۇ ئەجەل دۇقمىشىدا بالىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرۇدۇم .
2. شۇنداق ياۋاغ كۆرۇكتىكى ئۆتۇشمە دەل شەھەر ئايلانما يولىغا جايلاشقاچقا ئۆتۇپ كىچىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ سۇرئىتى ئىنتايىن تىز ، بولۇپمۇ جۇمە يەكشەنبە پىت بازىرى قىلغان چاغلاردا بۇ ئۆتۇشمىدىن ئۆتىدىغان كىچىدىغان ئۇيغۇر دىقانلىرى تولىمۇ كۆپ ، بۇ ئورۇن داۋاملىق قاتناش ھادىسىسى چىقىدىغان بىر ئەجەل دۇقمىشىغا ئايلىنىپ قالدى .
3. بىز شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ تىزدىن تەدبىر قوللۇنۇپ بۇ «ئەجەل دۇقمىشىنى » تېنىچىلىق كۆرىكىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۇمۇت قىلىمىز . بولسا ئۇنۇملۇك تەدبىر قوللۇنۇپ بۇ مەسەلىنى تىزدىن ھەل قىلسا .
4. ئەينى ۋاقىتتىكى ھادىسە كۆپ كۆرۇلىدىغان راھەتباغ ئامبار بويىدىكى تاختا كۆرۇك ئەگىلمىسىگە ياخشى تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ، بولسا بۇ قېتىممۇ ياۋاغ كۆرۇكتىكى بۇ ئۇدۇم بولۇپ قالغان قاتناش ھادىسىسى كۆپ جاينى تەدبىر بىلەن تېنجىتىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز .
5. يەنە شەھەرلىك يېشىللاشتۇرۇش قۇرلىشىدا ئىلمىلىكنى قوغلۇشۇشنى ھەر خىل يول ئۆتۇشمىلىرىدە دەرەخلەرنىڭ يولنى توسىۋېلىشى بىلەن كىلىپ چىقىدىغان قاتناش ھادىسلىرىنى تۇپ يىلتىزدىن قۇرۇتۇش ئۇچۇن ، ئۆتۇشمىلەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يولنى توسىۋالغان دەرەخلەرنى ئېلىۋېتىشنى تەكلىپ بىرىمەن ، يېشىللىق ياخشى بىراق بىخەتەرلىك تېخىمۇ ياخشى ، شەھەرلىك كۆكەرتىش ئىدارىسنىڭ شەھەر مۇھىتىنى كۆكەرتكەندە ئىلمى بولۇپ ئۆتۇشمە يولنىڭ ئىككى يېقىغا ماشىنىنىڭ كۆرۇش بولۇڭىنى توسايدىغان دەرەخ تىكمەسلىكىنى ئۈمۇت قىلىمىز .
|
|