بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-6 06:25
قار گۈلى
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
قار گۈلى ئاپئاق گۈل- قاتلىرىڭغىچە- تۆرەلگەنمۇ سەن قاردىن؟ ئاق قار رېڭىنى ئۆزۈڭگە ئاپسەن ھەسرەت بېغىمغا كىرىپ قاپسەن چىقتىڭمۇ يا كۈتمەي باھارنى - ئۈششۈك تېخى كەتمىگەن يەردىن؟!
ئاپئاق قار گۈلى- ئاق قار رەڭ ھوسنىڭ بۈگۈن- ئاسمانمۇ ئاپئاق يەرمۇ ھەم… سەن دورىغان- كىمنىڭ ۋەسلىنى؟! ياپراقلىرىڭدا- ئۇيۇغان مەن ئىزدىگەن زەمزەم.
قار گۈلى سەن يەرنى يارغان پەسىل- باھاردىن يىراق قارا قىش…. قار بىلەن رەڭ تالاشقان- ئاۋازىم مۇزغا ئايلانغان- ئۇ ئۇنتۇلماس بىر كەچمىش. “كاككۇكنى قوغلىغان ھۇۋقۇش- ھەر نەپسىدە قان توكەرمىش…” بىر تۈپ تېرىكى قالمىغان- تېرەك مەھەللە دەپ ئاتالغان كۆۋرۈكى يوق بۇ توپا يولىدا ئوتۇنچى دېھقان- پۇتى ئۈششۈگەن يىرتىق ئۆتۈكنى ھۇرۇن ئېشىكىنى سۆرەپ ئاران ماڭارمىش…
قار گۈلى بېشى ساڭا ئوخشاش بىر موماي- سوغۇق ھۆكۈم سۈرگەن- قولى ئۈششۈگەن- غېرىب ئۆيىدە ئوتۇنچى ئېرىنى كۈتۈپ… بۆشۈكتىكى نەۋرىسىگە ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ… قىش كېچىشىنى ئوتكۇزەرمىش…
قار گۈلى رەڭگىڭ قار… قارا كەچمىشىم ئەكسى... بىراق زەررىچە تۇيمىدىم باھار توكۇلدىغان تەپتىڭدىن بوۋام ئېيتقان چۆچەكتەك- چۈشۈمدىن ئويغاتقان سەھەر ئۆزۈمدىن تەكرار سورالغان سوراق نېمە بۇ ھايات قىسمىتى دېمەك؟!
قار گۈلى- پاك قەلىبنىڭ نىشانى باھارىمنىڭ ئەلچىسى كۆرۈندۈڭ كۆزۈمگە بۈگۈن- تاغدا ئەمەس بېغىمدا ئۆسكەن. ئومىد يۇلتۇزۇم - مەيۈس قەلبىمدە- سەھەر چولپىنى بولۇپ ئۈزگەن!
2014 يىلى يانۋار، لوندون
|