دوننا ئامىرىكا مىچىگان باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن پىنسىيەگە چىقاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ بەزىبىر ئىپادىلەش شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر پائالىيەتكە ئىختىيارى قاتنىشىدۇ. دوننا خىزمىتى-پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق مۇشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.
بۇ پائالىيەتتىكى تۇنجى سائاتلىك دەرستە، دوننا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرى «قىلالمايمەن» دەپ قارىغان بارلىق ئىشلارنى يازدۇرۇپ چىقىدۇ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن تولدۇرۇپ يازىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار: «مەن پۇتبولنى ئىككىنچى چىگرا سىزىقىنىڭ نېرىسىغا تىپىپ ئۆتكۈزەلمەيمەن»، «مەن ئۈچ خانىلىقتىن يوقىرى سانلارنى بۆلەلمەيمەن»، «مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ دېببېينىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلمىدىم» دەپ يازسا، بەزىلىرى «مەن ئوڭدا يېتىپ قۇرساق ئاتلاش ھەركىتىنى ئۇدا 10 قېتىم ئىشلىيەلمەيمەن»،«مەن زابوي ئۇرغاندا ۋالىبول سېتكىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن»،«مەن بىر تال پىچىنە يەپلە بولدى قىلالمايمەن» دەپ يېزىشىدۇ.
شۇ ۋاقىتتا،دوننامۇ ئەستايىدىل ھالدا:«مەن جوننىڭ ئاپىسىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئانا-بالىلار يىغىنىغا قاتناشتۇرالمايمەن»، «مەن ئالۇننى تەن جازاسى بەرمىسەم باشقۇرالمايمەن» دەپ يازىدۇ.
زور كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلار بىر بەتتىن يېزىپ بولغان ، ھەتتا ئىككىنچى بەتنىمۇ يېزىشنى باشلىغاندا،دوننا ئوقۇغۇچىلارغا ،يازغان قەغەزلىرىنى قاتلاپ ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تەرتىپ بويىچە، مۇئەللىمنىڭ ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ، قەغەزلىرىنى بىر دانە قۇرۇق ئاياغ قېپى ساندۇقىغا سالىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەغەزلىرىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن،دوننا ئۆزىنىڭكىنىمۇ ئاياغ قېپى ئىچىگە سالىدۇ. ئۇ ئاياغ قېپىنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ قولتۇقىغا قىسىدۇ-دە، سىنىپتىن چىقىپ كارىدور بويلاپ ماڭىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇئەللىمگە ئەگىشىپ، سىنىپتىن چىقىشىدۇ.
بېرىپ كارىدورنىڭ يېرمىغا كەلگەندە ھەممەيلەن توختايدۇ.دوننا قوغداش بۆلىمىگە كىرىپ تۆمۈر گۈرجەك، جوتولارنى ئېلىپ چىقىپ، كۆپچىلىك بىلەن تەنھەركەت مەيدانىنىڭ ئەڭ يىراق بىر بۇلۇڭىغا بارىدۇ. كۆپچىلىك يەرنى كولاشقا باشلايدۇ. ئەسلىدە،ئۇلار «بولۇمسىز» ئەپەندىنى كۆمۈۋەتمەكچى بولغان ئىدى. ئورەك كولاشقا 10 مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ. ئورەك كولىنىپ ئۈچ چى چوڭقۇرلۇققا بارغاندا، ئۇلار ئاياغ قېپىنى ئورەككە ئىچىگە قويۇپ، دەرھال لاي توپىلار بىلەن ئورەكنى كۆمۈۋېتىدۇ. 10نەچچە ياشلار چامىسىدىكى 31 بالا بۇ « قەبرە»نى چۆرىدەپ تۇرۇشىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئۇلارنىڭ بارلىق « قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان » ئىشلىرى ئۈچ چى چوڭقۇرلۇققا كۆمۈۋىتىلگەن ئىدى.شۇ ۋاقىتتا دوننا ئېغىز ئېچىپ:
-كىچىك دوسلار، ئەمدى قول تۇتۇشۇپ تۇرۇڭلار ،بېشىمىزنى تۆۋەن قىلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرەيلى،-دەيدۇ.
ئوقۇغۇچىلار قوللىرىنى تۇتۇشۇپ ، قەبرىنى چۆرىدەپ بىر چەمبەر ھاسىل قىلىپ، بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا تۇرۇشىدۇ.دوننا ھەدھىيە سۆزىنى مۇنداق قىلىدۇ:
-دوستلار، بۈگۈن ھەر قايسىڭلارنى «بولۇمسىز» ئەپەندىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتۇرغىنىمدىن ناھايتى خوشالمەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا بىز بىلەن بىللە بولغان. ئۇنىڭ تەسىرى ھەتتا ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولغان، ئۇنىڭ ئىسمى ھەر كۈنى ئاغىزىمىزدىن چۈشمىگەن، ھەر خىل سورونلاردا،مەسلەن: مەكتەپتە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە، يىغىندا، ھەتتا ئاقسارايدىمۇ پەيدا بولۇپ تۇرغان.
ئەمدى بىز «بولۇمسىز » ئەپەندىنى خاتىرجەم، جىمجىت دەم ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قەبرە قاتۇرۇپ، قەبرە تېشىغا يادنامە يازايلى. ئۆلگەنلەر كىتىدۇ، كىيىنكىلەر ئۇنىڭ ئىزىنى باسىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئاكا-ئىنى، ھەدە-سىڭىللىرىڭلارنىڭ:«مەن قىلالايمەن»،«مەن خالايمەن»،«مەن سىزنىڭ كەسپىڭىزنى داۋاملاشتۇرالايمەن» دىيەلەيدىغان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، گەرچە ئۇلار سىزدەك داڭلىق ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولمىسىمۇ، شۇنداق دىيەلەيدىغان بولسۇن، ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز ئۇلارنىڭ دۇنيادا تېخىمۇ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم قىلىڭ.
«بولۇمسىز» ئەپەندىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشى ۋە ئالغا قاراپ ئىلگىرلىشىگە ئىلھام بولغاي، ئامىن!
ئاندىن ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ سىنىپقا قايتىپ كېلىدۇ، كۆپچىلىك تەرتىپلىك ھالدا پىچىنە، ئېتىلدۇرما گۆرۈچ، مىۋە شەربىتى قاتارلىقلارنى يەپ-ئىچىپ، «مەن قىلالمايمەن» نىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىشىدۇ.
دوننا قەغەزدىن قەبرە يادنامىسى قىيىپ، ئۈستىگە «مەن قىلالمايمەن» دىگەننى، ئوتتۇرسىغا:« خاتىرجەن ئارام ئېلىڭ! »نى، ئاخىرىغا چىسلانى يازىدۇ، دوننا قەغەزدىن قىيىلغان بۇ قەبرە يادنامىسىنى سىنىپقا ئېسىپ قويىدۇ. كېيىن بىرەر ئۇقۇغۇچى:«مەن قىلالمايمەن » دىگەن بۇ سۆزنى ئېغىزىدىن چىقارغاندا،دوننا مۇشۇ قەبرە يادنامىسىنى كۆرسەتكەن، نەتىجىدە « مەن قىلالمايمەن » نىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى بالىلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ، يەنىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلاشقا ئۈندىگەن!
كېيىن ئۇ يىتەكلىگەن مۇشۇ سىنىپتىكى 31 نەپەر ئوقۇغۇچى كەسىپتە ناھايتى زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەزىلىرى تېخى سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى كاتتا ئەربابلارغا ئايلانغان.
مېنىڭچە، مۇۋاپىقىيەت قازانغان بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى « مەن قىلالمايمەن » دىن يىراقلاشقان بۇ كۈننى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىغان، بۇ ئالاھىدە ئىجادىي ئىلھاملاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن سۆز-ھەركىتى، پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى 2003-يىل 12- سانىدىن ئېلىندى
ئالتۇن يارۇق كۈتۈپخانىسى
2014.10.1
|