- تىزىملاتقان
- 2014-2-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1022
- نادىر
- 0
- يازما
- 104
ئۆسۈش
2.2%
|
ھۆرمەتلىك مەكتەپ مۇدىرى، بىرنەچچە يىل بۇرۇنقى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ئىلغار، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىدىغان چاغدا سىز مۇكاپات بۇيۇمىنى ئالدىڭىزغا تىزىپ ئولتۇردىڭىز، مۇكاپاتلىنىدىغان ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار بىرمۇ- بىر ئالدىڭىزغا بېرىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى !
شۇ چاغدا بۇ قىلغىنىڭىز پەقەتلا كۆزۈمگە سىغمىغان بولسىمۇ سىزنى مىجەزى يوق بولسا كېرەك بولمىسا بۇنداق قىلماستى دەپ ئويلىغانتىم، شۇنىڭدىن كېيىن بىرنەچچە قېتىم ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى بولدى، سىز يەنىلا شۇنداق قىلدىڭىز !
ھۆرمەتلىك مەكتەپ مۇدىرى، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، ئاشۇ سەبىي بالىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ پەخرىڭىز، سىزنىڭ يۈزىڭىزنى يورۇق قىلىدىغان نۇر ئىدى، سىز جايىڭىزدا ئولتۇرۇپ تارقاتقان ئاشۇ ئالقانچىلىك تەغدىرنامە ياكى بىر- ئىككى دەپتەر ۋە ياكى قەلەم دېگەنلەر ئاشۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇقىغا مۇناسىپ ئەمەسلىكى ئېنىق ئىدى، شۇنداق بولغانىكەن سىز ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ شۇ ئاددىي مۇكاپات بۇيۇمىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن بالىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ، بىر- ئىككى ئېغىز مەدەت، مۇبارەك سۆزى قىلغان بولسىڭىز شۇ سەبىيلەرگە كۆپ ئىلھام بولماسمىدى؟ ئۇلار، تاغدەك ئىنئام ئالغاندەك خۇشال بولماسمىدى؟
ھۆرمەتلىك مەكتەپ مۇدىرى، ئاشۇ بالىلار سىزگە مۇھتاج ئەمەس سىز شۇ بالىلارغا مۇھتاجدۇرسىز، ئۇلار بولمىسا سىزگە خىزمەت نەدە؟ خىزمىتىڭىزنىڭ قىممىتى نەدە؟
بۇ خىل ئەھۋال ئومۇمىيۈزلۈك بولمىسىمۇ بۇ ناتوغرا ئىشنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالار، ساۋاق بولار دەپ ئاشكارە يوللىدىم!
- كامالى ئېھتىرام بىلەن، دوستىڭىز.
|
|