- تىزىملاتقان
- 2011-11-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1965
- نادىر
- 0
- يازما
- 115
ئۆسۈش
96.5%
|
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇكېرەم ئابلىز ئەپەندى. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيت بايرىمىڭىزغا مۇبارەك.
مەن بايىلا شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسى 5- يۇرۇش قانىلىدا سىز ۋە مۇھەممەدچان روزى قاتارلىقلار رول ئېلىپ چىققان، "پۇل دېگەن نەرسە'' ناملىق يېڭى ئىشلەنگەن تېلىۋىزىيە فېلىمىنىڭ تەشۋېقات ئېلانىنى كۆردۇم. بەك ئەپسۇس، ئۆيدە مېھمان بولغىنى ئۇچۇن باشتىن - ئاياق، تەپسىلىي كۆرەلمىدىم. مېھماننى ئۇزىتىپلا ئېسىمدە قالغىنى بويىچە كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ سىزگە بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بۇ تەشۋېقات فېلىمىدە دېيىلىشىچە سىز قاتارلىق ئارتىسلار رول ئالغان شۇ ناملىق بۇ فېلىم ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى تەسۋېرلەنگەن فېلىم ئىكەن. مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشقا تۇرتكە بولغىنى؛ كەڭ كۆرۇرمەنلەرگە مەنىۋى زوق ئاتا قىپ كېلىۋاتقان ئېتوتلىرىڭىزدا سىز ھەمىشە دېگۈدەك <<چوتكا بۇرۇت>>ئىڭىز بىلەن چىقاتتىڭىز. ئەپسۇسكى بۇ فېلىمدە بولسا <<چوتكا بۇرۇت>> يوق، ئاقلاپ قويغان ياڭيۇدەكلا چىقىپسىز. مەمەتچان ئېنىمىزمۇ خۇيمۇ ياراشقان ئەپچىل ساقال ۋە بۇرۇتىنى قىرىۋىتىپ ساپال تۇزلۇقنىڭ بېشىدەكلا رولغا چىقىپتۇ. ئابدۇللا ئابدۇرەھىم بولسا بۇرۇتىغا ئاسىيلىق قىلماپتۇ(بىخەتەرلىك قالپىقى كېيىپ چىققان كۆرۇنۇش). مېنىڭ ئەجەپلەنگىنىم؛ ئېلىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق بىر قولنىڭ بارمىقى بىلەن سانىغىدەكلا مىللەتلەر ساقال، بۇرۇت فاتېنتىغا ئىگە. ساقال، بۇرۇت، ئەتلەس كېيىم ۋە دوپپا مىللتىمىزنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بەلگۈلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ ساقال، بۇرۇت ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىسى ھەتتا ئۆرۈپ - ئادىتى دېسەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە فېلىم ۋەقەلىگى تەسۋېرلەنگەن ئۇ يىللاردا نوپۇس ھازىرقىدىن كۆپ ئاز، كوچا - كويلاردا ئادەملەر ھازىرقىدىن كۆپ شالاڭ بولغاچقا ساقال بۇرۇت ھازىرقىدەك باشقىلارغا سانچىلىپ، پۇتلىشىپمۇ كەتمەيتتى. بېلىشىمچە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش. شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ فېلىمدە، ئۆرۇپ -ئادىتىمىز، ئەنئەنىمىز ھېسابلىنىدىغان مۇھىمى شۇ يىللاردىكى ئىنتايىن نورمال ھېسابلىنىدىغان ساقال، بۇرۇت نېمە ئۈچۈن مەزكۇر فېلىمدە رول ئالغان سىلەرسە يوق؟!!!
ئەلۋەتتە، مېنىڭ سىلەرنى سوراققا تارتىش ھوقۇقىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ھەم جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوق. بىر قىسىم جايلاردا(بولۇپمۇ جەنۇپتا)ساقال - بۇرۇت قويۇش قالاقلىقنىڭ، مەينەتلىكنىڭ بەلگۈسى دەپ تونۇلۇپ چەكلەش خېلى نورمال سانىلىپ، <<خەلق ئويلىغاننى ئويلاش>> دەپ قارىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئېغىرلىغى نەچچە مىسقالمۇ كەلمەيدىغان ساقال - بۇرۇتىڭلارنى ئابدۇللا ئابدۇرەھىمدەك مەھكەم ساقلاپ رول ئالغان بولساڭلار مەزكۇر فېلىم تېخىمۇ چىن، تۇرمۇشقا يىقىنلاشقان، كۆرۇرمەنلەرنى جەلپ قىلغان بولاتتى دەپ قارىغاچقا ئەرزىمەس بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بىلمىدىم، ئارزۇيىڭلارغا خىلاپ ھالدا ئالاھىدە سەۋەب بولغان بولسا ئۇ باشقا گەپ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئالاھىدە سەۋەب بارلىق ئارتىسلارغا ئورتاق كېلىشى كېرەك ئىدىغۇ دەيمەن.
ئالدىراشلىقتا تاققا - تۇققا يېزىپ، گەپ - سۆزدە ئېغىپ كەتكەن، شەخسىي ئىشىڭلارغا ئارىلىشىۋالغان بولسام تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
مەنبە: شەخسىي ھېسلىرىم
|
|