ھون تۈرۈك موڭغۇل مۇناسىۋەتلىرى (تەرجىمە ئەسەر)
ھونلار ھازىرقى موڭغۇل ۋە تۈرۈك مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادى.ھون ئىمپېرىيسى تۈرۈك موڭغۇل تارىخىدىكى تۇنجى خاندانلىق.2006- يىلى فىرانسىيەلىك ئىرسىيەتشۇناس Christinekeyser-Tracqui نڭ populationoriginsim mongolia:genetics tructureanalysisofan cientan dmodern DNA ناملىق تەتقىقاتىدا 2300 يىل ئلگىركى قەدىمكى ھون ئاقسۈڭەكلىرىنىڭ جەسىتىدىن ئىلىنغان Yخروموسوم ،يىپسىمان تەنچە،دائىمىي خروموسوم،ئانتىئوكسىبرىدلىق كىسلاتا (DNA) قاتارلىقلارنى ھازىر موڭغۇلىيە موڭغۇللىرى ،ئاناتولىيە تۈرۈكلىرىدىن ئلىنغان يوقارقى ماددىلار بىلەن سېلىشتۇرغان.بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى موڭغۇللار ھونلارنىڭ نەسەپ داۋامى ،تۈرۈكلەرۋە موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل ئاملاشتۇرىشى قانداشلىقا قارىغاندا تېخىمۇ قۇيۇق ۋە چوڭقۇر بولغان.ھون ئىمپېرىيسى ئاخىرقى مەزگىلىدە تۈرلىك تەبىي ئاپەت ،ئىچكى نىزا تۈپەيلى خاراپلاشقان ، ھونلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كىلىۋاتقان سىيانپىي ،خەن،ئۇيسۇن،توخرىلار پۇرسەتىن پايدىلىنىپ ھونلارغا قارشى قىساسقا ئاتلاتنغان .مىلادىيە 46يىل ئەتىراپىدا سىيانپىيلار باشچىلىقىدا باشلانغان قايتۇرما ھۇجۇم زەربىسىدە ھانگاي تېغى ۋە ئالتاي تاغلىرىغا چىكىنگەن.ھونلار ياشىغان زىمىندا سىيانپىيلار دۆلەت قۇرغان ،بۇ جەيراندا 600 مىڭ ھون سىيانپىيلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن .
2007-يىلدىكى يەنە بىر Geneticanaly sesontheaffinities between Xianbei and Xiongnu populations ناملىق تەتقىقاتتا سىيانپىيلار بىلەن ھونلارنىڭ قۇيۇق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىسپاتلانغان .
تۈرۈكلەر مۇڭغۇل ئىرقىغا تەۋە بۇلۇپ كافكاز چىراي شەكلى كىيىن قۇشۇلغان .ئاتالمىش كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر تۇخىتىماستىن كۆچۈپ ياشايدۇ ،بۇ يىل جۇڭگۇنىڭ شىمالىدا چارۋا باقسا تەبىي ئاپەت ياكى يۇقۇملۇق كىسەللىك تۈپەيلى بىرنەچچە يىلدىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا پەيدا بۇلىشى ،ئوتتۇرا ئاسىيادا تەبىي ئاپەت ياكى يۇقۇملۇق كىسەللىك بولسا بىرنەچچە يىلدىن كىيىن شەرىقى يارۇپادا پەيدا بۇلىشى مۇمكىن .بۇلاڭ-تلاڭ قىلىش يايلاق مىللەتلەرنىڭ ئادىتى بولغاچ بىر تۈرۈك لەشكەرنىڭ جۇڭگۇدىن بۇلىغان خۇتۇنىدىن تۇغۇلغان بالىسى مۇڭغۇل چىراي ،ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇلىغان پارىس خۇتۇنىدىن تۇغۇلغان بالىسى ياۋروئاسىيا شالغۇت قانلىق بۇلۇپ ،ئون نەچچە يىلدىن كىيىن شالغۇت قانلىق تۈرۈك لەشكەربىلەن شەرىقى يارۇپادىكى سىلاۋىييان خۇتۇنىدىن ساپ كافكاز بالا تۇغۇلغان ،شۇنداق قىلىپ بۇ بىر ئائىلەدە مۇڭغۇل ئىرقى ،ياۋروئاسىيا شالغۇت ،ياۋروپا ئىرقىدىن تەركىپ تېپىپ ،ھازىر بۇ جەمەت تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى بۇلىشى مۇمكىن .
مۇڭغۇل تىلى تۈرۈك تىلى ئاسسي ئۇلى ئوخشاش ،ئىككى تىلنىڭ بۆلۈنۈشى تۈرۈكلەر كۆچكەندىن كىين شەكىللەنگەن،تۈرۈكلەر كۆچشتىن بار بولغان تۇراقلىق سۆزلىكلەر ھازىرقى زامان تۈرۈك ،مۇڭغۇل ،ئۇيغۇر ،ئۆزبەك تىلىرىدىكى ئورتاق سۆزلەردۇر .
جۇڭگۇ مەنبەلىرىدىكى‹东湖› ئەمەلەيتتە <匈奴>نىڭ باشقا ئاتىلىشى بۇلۇپ ئىككسنى ئارىيىۋەتكەن،ئىپتىدائىي تۈرۈكلەر ھونلارنىڭ بىر تارمىقى بالقاش كۆلىنىڭ غەرىبىدە ياشىغان ئۇلارنىڭ غەرىبىدە ياۋرۇپا ئىرقىغا تەۋە كافكاز ساكلىرى ياشاۋاتقان بۇلۇپ ئۆزئارا قۇشۇلۇشقا باشلىغان،لىكىن شۇ ۋاقىتتا ئىپتىدائىي تۈرۈكلەر مۇڭغۇل ئىرقىغا تەۋە ئىدى.
ھون ، تۈرۈك ،مۇڭغۇللارنىڭ پارىرىسلار بىلەن مۇناسىۋىتى جۇڭگۇغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە قۇيۇق چۇنكى شىمالىي ئاسىيادىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ياۋرۇپاغىچە ھون ،تۈرۈكلەرنىڭ زىمىنى بولغان ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك خەلىقلەر پارىرىسلارغا تەۋە سوغدى ،ساك بۇلۇپ دىھقانچىلىقنى ئاساس ياشغاچقا ئاۋات شەھەر بارلىققا كەلگەن ، ھون ،تۈرۈكلەر شەرىقتە جۇڭگۇ غەرىبىتە پارىرىسلار ئۇرۇش قىلغان،ھەمدە ھونلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارىرىس تىللىق سوغدى ،ساك شەھەر بەگلىكلىرىنى بىۋاستە باشقۇرغان بولسا تۈرۈكلەر بۇ شەھەر بەگلىكلىرىنى ئگەللىگەن .ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن تۈرۈكلەر ياۋروئاسىيا ئارلاشما قانلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلارنى شەكۇلەندۇرگەن .پارىس تارىخدىكى ھون ،تۈرۈكلەر مۇناسىۋەتلىك بايانلار جۇڭگۇ تارىخدىكى بايانلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ تەپسىلىي.
داۋامى بار...
|