- تىزىملاتقان
- 2014-10-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 78
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
26%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟ باغداش مۇنبىرىدىكى قەدىرلىك قېرىنداشلار! ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! قۇتلۇق كۈنلەردە ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تېنى ئامان بولسۇن.
مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ تېمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمەن. تەپسىلىي ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
مەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چەت بىر يېزىسىدا 30 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئوقۇتقۇچى. ئۇدا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ قاتلىمىدا خىزمەت قىلىپ كەلدىم. خىزمەت قىلىش داۋامىدا يەرلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت-بەلگىلىمىرىگە ئەمەل قىلىپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بالىلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە تېرىشتىم. ئەڭ ئاخىردا دەم ئېلىشقا چىقىش ئۇقتۇرۇشى كەلدى، شۇنىڭ بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتىم. دەم ئېلىشقا چىققان تۇنجى ئايدىن باشلاپ، مائاشىمنىڭ %15 تۇتۇپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مۇناىسۋەتلىك خادىملارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ پۇلنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇلار سىياسەت، بەلگىلىمىلەر شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.
خېلىدىن بىرى بۇ مەسىلە كاللامنى قىيناپ كەلدى، زادى قانداق سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولالمىدىم. 30 نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كۈچنىڭ بارىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئەمدى ئۇھ دەپ دەم ئېلىشقا چىققاندا ھەر ئېيىغا مائاشىمنىڭ %15 تىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشى مېنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى.
مەزكۇر تېمىنى مەن ئوغلۇم ئارقىلىق يوللىدىم. مۇنبىرىڭلارنى ئوغلۇمدىن ئاڭلىغان ئىدىم. بىلىمەن، مەزكۇر مۇنبەردە مائارىپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، مۇشۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بەرگەن بولساڭلار، سىياسەت-بەلگىلىمەن دەپ ھەر ئايلىق مائاشىمنىڭ %15 تۇتۇلۇپ قېلىنىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار مائارىپ سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇنمۇ ياكى بۇنىڭدا باشقا بىرەر بەلگىلىمە بارمۇ؟
|
|