قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2322|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 15:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئىزدىنىش
ئىمىن تاجى تۈرگۈن، ياسىن بۇساق



(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپىنىڭ 2009-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىدا كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىدەك تارىخىي ئەھۋال ئۈستىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت، خان-پادىشاھلارنىڭ ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىي ئېھتىياجى ۋە دىن، مەدەنىيەت كىرزىسى قاتارلىق بىر قانچە نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار؛ دىنىي ئېتىقاد؛ ئۆزگەرتىش سەۋەبلىرى

    ئۇيغۇرلار ـ مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان مەدەنىي تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا جۇغراپىيەلىك جايلىشىش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سىرتقى مەدەنىيەتكە ھېرىسمەن بولۇشتەك مىللىي پىسخىكىسى بىلەن ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرۇپ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇيغۇر دىن مەدەنىيىتىنى ياراتقان. شۇڭا «شەرقى ئاسىيانىڭ تاغلىق ئۆلكىسىدىكى ھەر قانداق بىر خەلق غەربى ياۋروپا ئالىملىرىنى ئۇيغۇرلاردەك ئۆزىگە تارتالمىغان»①. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مول دىنىي مەدەنىيىتىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنىڭ تەسىرىدۇر، ئەلۋەتتە.

1. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
   دىن ـ بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتنىڭ تارىخىدا مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن. دۇنيادا دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان مىللەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈشكۈلدۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرىدۇر. بىر مىللەتنىڭ دىن مەدەنىيىتىنى تولۇق چۈشىنىلىپ تەتقىق قىلىنسا، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا زور ئاساس سېلىنغان بولىدۇ.
   ئۇيغۇرلار ـ دۇنيادا كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرغان مىللەت بولۇپ، دۇنيادا ئۇيغۇرلاردەك كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتكەن مىللەت كەم ئۇچرايدۇ. «ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنۇش، ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرگە تېۋىنىشتىن باشقا، يەنە شامان دىنى، بۇددا دىنى، زوررۇئاستىر دىنى، مانى دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېتىقاد قىلغان. بۇلاردىن باشقا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تەرىقەت دىنىمۇ تارقىلىپ كىرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇددا دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ تارقالغان ۋاقتى ئۇزۇن، تەسىر دائىرىسى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغان. مانى دىنى بولسا ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرغان ئىككى خانلىقتا دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن»②.
    قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە، دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر تۆت زاتىدە يارالغان. بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۆمۈر سۈرۈش يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇققا مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراش بولغان. يەنى يورۇقلۇق–ئىسسىقلىقنىڭ، كۈننىڭ، ھاياتلىقنىڭ، ياخشىلىقنىڭ، بەختنىڭ نىشانى. قاراڭغۇلۇق ـ سوغۇقنىڭ، تۈننىڭ، ئۆلۈمنىڭ، يامانلىقنىڭ نىشانى دەپ قارالغان. تۇپراق، ئادەمزات، جان-جانىۋار، دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىسى. كۆك ئاسمان-يورۇقلۇق ۋە ھۆل-يىغىننىڭ ئاتىسى دەپ قارالغان. تەبىئەتنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تەبىئەت ئوبيېكتلىرى ئايرىم–ئايرىم ھالدا تەڭرىلەر ۋە ئىلاھىيەت كۈچلىرىدۇر دېگەن قارشى تەدرىجىي ھالدا تۆت ئاساسى تەڭرى ـ ئىلاھى ئالەم كۈچى دېگەن قاراشقا ئۆزگەرگەن. شۇنىڭ بىلەن تۆت تادۇغا ماسلاشقان يەر تەڭرى، كۆك تەڭرى، سۇ تەڭرى ۋە ئوت (كۈن) تەڭرى ئىلاھىيەت قارشى شەكىللەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرلار شۇ خىل ئەقىدىلەر ئاساسىدا ھەرخىل تەبىئەت جىسىملىرىغا (ھادىسىلىرىگە)، دەل-دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە③ ۋە ھايۋانلارغا تېۋىنغان. بۆرە ـ قەدىمكى ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياشىغان كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. بەزى ئۇرۇق–قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولغان. مەسىلەن، ئات، كالا، شىر (ئارسلان)، بۇغرا (نار تۆگە)، بۈركۈت، ئاق قۇ، شۇڭقار، قارلىغاچ قاتارلىقلار.
شامان دىنى ـ ئىنسانلار تارىخىدا ئىپتىدائىي دىندىن سۈنئىي دىنغا ئۆتۈش مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن دىن بولۇپ، بۇ دىن ئورال-ئالتاي ئەتراپلىرىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ دىن دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دىنغا ئۇيغۇرلار ئالاھەزەل 2000 يىل ئەتراپىدا ئېتىقاد قىلغان».④
    «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى»دىكى بايانلارغا قارىغاندا، مانى دىنى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا 763–يىلى تارقىلىپ كىرگەن. بۆگۈقاغان بۇ دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنە شامان دىنىمۇ ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرگەن. بۇنىڭغا شۇ چاغدىكى قاغانلار ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن شامان باخشىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇرۇش باشلاشنىڭ ياخشى پەيتىنى تاللاتقۇزۇشتەك مەلۇماتلار مىسال بولالايدۇ.
9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى بۆگۈتېكىن 866–يىلى تېبەتلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. قۇجۇلۇقلار ئەسلىدە شامان، مانى ۋە نىستۇرىيان دىنىغا ئوخشاش كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ دىنغا ئىزچىل ئېتىقاد قىلغان. كېيىن بۇددا دىنى ئومۇملىشىپ خانلىقتا ھەرخىل ساڭراملار ۋە بۇددا دىنى ئۆڭكۈرلىرى كۆپلەپ ياسالغان. تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆيى، پىچاندىكى تۇيۇق مىڭ ئۆيى ۋە بايدىكى قىزىل مىڭ ئۆي قاتارلىقلار بۇددىزمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرسىتىدىغان مىساللاردۇر. تارىخى مەلۇماتلاردا بۇ دىن 13–ئەسىردە قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىدا ئۆز تەسىرىنى يوقاتقان.
    بۇددا دىنى ـ بۇ دىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6– ئەسىردە ھازىرقى ھىندىستان بىلەن نېپال چېگراسىغا توغرا كېلىدىغان قەدىمكى كاپلوۋاستۇ پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى گاۋۇتاما سىدىدخارتا تەرىپىدىن بەرپا بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1–ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇددا دىنى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي يولىنى بويلاپ كەشمىر ئارقىلىق ئۇدۇنغا تارقالغان. كېيىن قەشقەر، كۈسەن، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. دەسلەپ ھىنايانا مەزھىپى تارقىلىپ كىرگەن، كېيىن ماھايانا مەزھىپى غەربىي يۇرتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.
غەربىي يۇرتتا بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دەۋرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بىرىنچى دەۋرى، غەربىي يۇرت شەھەر بەگلىكلىرى دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1- ئەسىردىن مىلادى 9- ئەسىرگىچە)، ئىككىنچى دەۋرى، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (مىلادى 868- يىلىدىن كېيىنكى دەۋرنى كۆرسىتىدۇ). بىرىنچى دەۋرىدە ئەڭ ئاۋۋال تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي بويلىرىدىكى قاتناش يوللىرىدا راۋاجلىنىپ ئۇدۇن ۋە كۈسەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۇددا دىنى مەركىزى بارلىققا كەلگەن ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغىمۇ ئىلگىرىلەپ تارقالغان. ئىككىنچى دەۋرىدە بولسا، بۇددا دىنى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا دۆلەت دىنى قىلىنىپ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
    نىستۇرى دىنى ـ خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولۇپ، ئۇنى سۈرىيەلىك نىستۇرى (380-451– يىللار) بەرپا قىلغان.
   «داكچىن نىستۇرىي دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىش توغرىسىدىكى ئابىدە»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىنگۇەن يىللىرى (635–يىللار) نىستۇرى راھىبى ئالوبىن مۇقەددەس كىتابنى ئېلىپ پىرسىيىدىن ئېلىمىزنىڭ چاڭئەن شەھىرىگە كېلىپ، دەستۇرلارنى تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا نىستۇرى دىنى شىنجاڭغا تارقىلىپ بولغانىدى. ئەڭ كېچىككەندىمۇ مىلادىيە 6– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭدا نىستۇرى دىنىنىڭ راھىبلىرى بار ئىدى»⑤.
    جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ لى زوڭ خان دەۋرىدە، ئەرمىنىيە بىلەن پارس قولتۇقىدىن نانغۇت، خانبالىققا قەدەر بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى نستۇرىيان دىنى رايونى ئىچىدە ئىدى. ئېپىسكوپلار تەرىپىدىن ئەلچى تۇرغۇزۇلغان جايلار 20 نەچچە رايونغا يېتەتتى. ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر 19–دىنىي رايونغا تەۋە ئىدى»⑥ ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە قەشقەردىن بېيجىڭغىچە بولغان يول بويىدا نىستۇرىيان دىنىدىن خالىي بىرەر جاينىڭ يوقلىقىنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قەشقەر، خوتەن، بۈگۈر، ئىلى، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا نىستۇرىيان دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
     چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردا خىرىستىيان دىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر دۆلىتى ھەتتا تەرسالار دۆلىتى دەپمۇ ئاتالغان. تەرسا پارسچە سۆز بولۇپ، ساسانىيلار دەۋرىدە پارسلار خىرىستىيانلارنى تەرسا دەپ ئاتىغان ئىكەن»⑦. بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدەنگەن ئەنگلىيەلىك ئالىم ھېنرى يولى «ئۇيغۇرلار دۆلىتى ۋە يېزىنىڭ تەرسا دەپ ئاتىلىشى نىستۇرىيان دىنىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىدىن بولغان»⑧ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانى لوغەتىت تۈرك» ناملىق قامۇس ئەسىرىدە: «باچاق-خىرىستىيانلارنىڭ روزا كۈنى»⑨ دەپ ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆز دەۋرىدە خىرىستىيان دىنى كەڭ ئەۋج ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئىسلام دىنى ئاللىبۇرۇن يىلتىز تارتىپ بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسى زېمىنىدىمۇ ئۆز تەسىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
     ئىسلام دىنى ـ مىلادى 6-،7-ئەسىرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەد پەيغەمبەر (570-632- يىللار) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. ئەرەب ئىمپېرىيەسىنىڭ سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ بارغان. ئەرەب سەركەردىسى قۇتەيبە ئىسلام دىنىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادى 9-، 10-ئەسىرلەردە قەشقەرگە تارقالغان ۋە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن خانلىقتا تارقىلىشقا كەڭ يول ئېچىلغان ۋە ئوغلى مۇسا دەۋرىگە كەلگەندە، دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن. قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىدىقۇت ۋە ئۇدۇن خانلىقىغا قارىتا دىنىي ئۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. تۇرپان ۋە قۇمۇلدا 15-،16-ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ئاندىن ئىسلاملىشىش ئەمەلگە ئاشقان.
     مانا بۇ تارىخىي پاكىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ۋە ھەرقايسى دىنلارنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالەتلىرىدۇر. تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ ئىزدەنگەنلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق كۆپ قېتىم دىنى ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:

2. پىپەك يولى ئۇيغۇرلارنى ھەر قايسى دىنلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتەك پەۋقۇلئاددە جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىك بىلەن تەمىن ئەتتى
     جۇغراپىيەلىك مۇھىت ـ بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە پىسخىكىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ زور بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. دۇنيانىڭ قەدىمكى، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى شۇنى پاكىت ئارقىلىق كۆرسەتتىكى، بىر مىللەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرالىسا، تارىختا پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ، ئۆزى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تارىخىغا خىلى زور تەسىر كۆرسەتكۈدەك تارىخلارنى، مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى روياپقا چىقىرالىغان. ئەكسىچە بولغاندا، زەئىپلىشىپ ئۆز ئەجدادىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتەك ئەقەللىي تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمىغان. بۇنداق مىساللار تارىختا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئالاقە ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش يولى ئاساسەن يىپەك يولى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا يىپەك يولى ۋادىسىغا جايلاشقان مىللەتلەر، ھاكىمىيەتلەر گۈللەپ ياشنىغان. لېكىن يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن جۇغراپىيەلىك يېتىم قىلىش سەۋەبىدىن يىپەك يولى ۋادىسىدىكى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى يوقىتىپ قويغان.
    «يىپەك يولى» دېگەن بۇ نامنى گېرمانىيەلىك جۇغراپىيەشۇناس رېچخوفىن 1839- يىلى «جۇڭگو» ناملىق كىتابىدا تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن. بۇ نام تا بۈگۈنگىچە ئىلىم دۇنياسىدا ئورنى مۇقىملىشىپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.دەسلەپكى مەزگىلدىكى يىپەك يولى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن باشلىنىپ، خېشى كارىدورىدىن ئۆتۈپ، دۇنخۇاڭنى مەركىزىي تۈگۈن قىلغان ھالدا غەربكە قاراپ ئۈچ پاراللېل يولغا بۆلۈنگەن.
    جەنۇبتىن شىمالغا سانىغاندا بىرىنچى يول دۇنخۇاڭدىن چىقىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىن غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن، نىيە، كېرىيە ۋە يەكەنلەردىن، تاشقورغاندىكى پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتۈپ باكتىرىيە، پارتىخىيە ئىرانلارغا باراتتى. كىشىلەر بۇ يولنى «جەنۇبىي يول» دەپ ئاتايتتى.
    ئىككىنچى يول دۇنخۇڭدىن چىقىپ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىنى بويلاپ غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ بۈگۈنكى تارىم ئويمانلىقى، قارا شەھەر، كۇچالاردىن ئۆتۈپ ئاقسۇغا باراتتى ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۈچتۇرپاندىن چىقىپ تىيانشاندىن ئۆتۈپ ئىسسىق كۆلگە باراتتى. ئاندىن جەنۇبقا قاراپ سەمەرقەنتكە باراتتى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراق بولغان قەشقەردىن چىقىپ پامىر ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ پەرغانە ئويمانلىقى ۋە بۇخارادىن ئۆتۈپ ئىران ئېگىزلىكىگە باراتتى. كىشىلەر بۇ يولنى «ئوتتۇرا يول» دەپ ئاتايتتى.
    ئۈچىنچى يول دۇنخۇڭادىن چىقىپ قۇمۇلغا كېلىپ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلۇپ بارىكۆل، جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ئارقىلىق تىيانشان ئېغىزى – تەلكىنى بويلاپ ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ كاسپىي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا دېڭىزغا باراتتى. كىشىلەر بۇ يولنى «شىمالىي يول» دەپ ئاتايتتى.
«يىپەك يولى» ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل دىنلار بىلەن ئۇچرىشىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلىشىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىدىن تەھلىل ئىلىپ بارىمىز:
    ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان دىنلار مۇشۇ يىپەك يولى بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دىن بارلىققا كەلگەن جاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئارىلىقىنىڭ يېقىنلىقى ئۇيغۇرلارنى كۆپ خىل دىنلار بىلەن ئۇچراشتۇرغان. مەسىلەن، شامان دىنى ـ ئالتاي-ئورال ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن دىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئېگىزلىكىدە بۇ رايون بىلەن بولغان جۇغراپىيەلىك يېقىنلىقى ۋە بۇ دىنغا شۇ ۋاقىتتا شىمالدىكى بارلىق قوۋملارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدەك ئەۋزەل شارائىت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دىن بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئاخىرى بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا مۇھىم شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
بۇددا دىنىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىردە ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مىلادى 1- ئەسىرلەردە كەشمىر ئارقىلىق ئۇدۇنغا تارقالغان. كېيىن تەدرىجىي ھالدا قەشقەر، كۈسەن، قارا شەھەر ۋە ئىدىقۇتقا تارقىلىپ بۇ جايلار بۇددا دىنىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن مەركىزىگە ئايلانغان ۋە مۇشۇ يوللار ئارقىلىق 6- ئەسىرلەردە موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقالغان.
    مانى دىنىنى بابىللىق مانى ئىجاد قىلغان. ئۇ مىلادى 216- يىلى تېگىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مادىننودا تۇغۇلغان. 242 – يىلىدىن باشلاپ ئۆز دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ «تەڭرى بىر، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھەر خىل» دېگەن قارشى ھورمۇز 1 دەۋرىدە كۆپ قەبىلىلىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتە مەلۇم رول ئوينىغان بولسىمۇ، بەھرام1 دەۋرىدە مانى دارغا ئېسىلىپ تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان. مانى قەتىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، سىر دەرياسى بىلەن چۇ دەرياسى ئارىلىقىدا ياشاۋاتقان سوغدىلار ۋە توققۇز ئوغۇزلار ئارىسىغا تارقاتقان. ئەرەب سەيياھى ئەل مەسئۇدى «توققۇز ئوغۇزلار غەربتە خۇراساندىن، شەرقتە كۈسەنگىچە بولغان. پادىشاھى ئېلىكخاندىن ئىبارەت بولغان. تۈركلەر ئىچىدە پەقەت شۇلارلا مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى»⑩ دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىبىن نازىم «ئۇلار (مانى دىنى مۇخلىسلىرى) قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ بەلخ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، قاغاننىڭ زېمىنىغا كەلگەندە توختىغان»⑪ دەپ يازىدۇ. ئۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قاغاننىڭ زېمىنى غەربىي تۈرك دۆلىتىنىڭ زېمىنى، يەنى ماۋراھۇننەھىر ۋە ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. سوغدىلار تۈرك خانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەرب ئەللىرى بولغان ئالاقىسىدە ۋاسىتىچى بولغانىدى. سوغدى سودىگەرلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ئىقتىسادىي، سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولغان ۋە بۇ يەردە سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بۇ دىننىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
    زوررۇئاستىر دىنىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە ئەنە شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تارقىلىپ كىرگەن⑫ بولۇپ، تاكى ئىسلامىيەت شىنجاڭدا ئومۇملاشقانغا قەدەر 1000 يىلدىن كۆپرەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
    نىستۇرى دىنىنى سۈرىيەلىك نىستۇرى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ مەزھەپ خىرىستىيان دىنىنىڭ ئورتۇداكساك ئەقىدىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن، نىستۇرى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنى شەرقى رىم ئىمپېرىيەسىدە قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاچقا، تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىن شەرقتە ئاۋۋال ئىرانغا، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن ۋە بۇ يەرلەردىن ئىچكىرى رايونلارغا تارقالغان. بۇ دىننىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقادچىلىرى ۋە تارقاتقۇچىلار سوغدىلار بولۇپ، ئۇلار سوغدىيانا، بۇخارا، تاشكەنت، سەمەرقەنت قاتارلىق جايلاردا ياشاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غەربىي يۇرتنىڭ تۇرپان، لوپنۇر قاتارلىق جايلىرىدىمۇ سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلىشىپ «توققۇز جاۋۇپ ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان.
     ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر 7-ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بۇ دىن ئارقىلىق بارلىق ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. بۇ دىن قۇتەيبىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا دىن تارقىتىشى ئارقىلىق 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 9-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق قەشقەر قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بەزى مەلۇماتلاردا قۇتەيبىنىڭ قوشۇنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.
     بىز يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ جۇغراپىيە جەھەتتىن ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايوندا ئۈچ چوڭ دىن (بۇددا، خىرىستىيان ۋە ئىسلام دىنى)، ئۈچ چوڭ ئىقتىساد (چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە سودا)، ئۈچ چوڭ قەدىمكى مەدەنىيەت (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ھىندى ۋە يۇنان مەدەنىيىتى) ۋە ئۈچ چوڭ تىل سىستېمىسى (ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ۋە خەنزۇ-تېبەت تىللىرى سىستېمىسى) ئۆزئارا ئۇچرىشىپ بىر–بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن،⑬ مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى ئۇيغۇرلارنى كۆپ خىل تىل ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇرغان.
    دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن ۋە باشقا كىچىك دىنلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىپەك يولى ۋادىسىدا ياكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇغراپىيەلىك جەھەتتە يېقىن رايونلاردا بارلىققا كەلگەن. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ ھەممىسى ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن. (بۇددا دىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە ھىندىستاندا، خىرىستىيان دىنى مىلادى 1- ئەسىردە پەلەستىندە، ئىسلام دىنى مىلادى 7-ئەسەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن) بولۇپمۇ بۇ دىنلارنىڭ كېيىنكى كېڭىيىش پائالىيىتى چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تارقالغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ رايونى ئۈچ چوڭ دىننىڭ شەرققە تارقىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ھەقتە شىنجاڭنى ئۈچ چوڭ دىننىڭ شەرققە تارقىلىشىدا ئىككىنچى ئانا ماكانلىق رولىنى ئۆتىگەن دېيەلەيمىز.
    ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك مۇھىتتا شەرق-غەرب مەدەنىيىتىدىن قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى ئايانماي قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىي مەدەنىيىتىنى بېيىتقان. ئەرەب ئالىمى فىلىپ ھىتتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەنئەنىسىنى «بۇ تۆت تېمىنىڭ ھەممە يېرىگە دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭ ۋە پۇراقلىرىنى ئايرىماي شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ»⑭ دەپ تەسۋىرلىگەن.
دېمەك، يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، يىپەك يولى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئۇچرىشىشىغا ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك مۇھىت بىلەن تەمىن ئەتكەن.
    2- قاغاننىڭ قارارى، خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى، ھاكىمىيەت تالىشىش ۋە خەلق مايىللىقىنىڭ ئورتاق بىرلىشىشىدەك ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم دىن ئالماشتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئىچكى ئامىلدۇر.  قاغان قەدىمكى دەۋردە بىر خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ قاغانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىن خەۋەردار بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى باياشات قىلىشنى ئويلىشى كېرەك.
    «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى»دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، مانى دىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغان (759-779- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن مىلادى 763- يىلى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارغا مانى دىنىنى سوغدىلار تارقاتقان. بۇ يەكۈن بارتولد⑮ يۈ تېيەنخىڭ⑯ ۋە خامىلتون⑰ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە لىن ۋۇ شۈ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سوغدىلارنىڭ مانى دىنى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سودىگەرلەر، يەنە بەزىلىرى بولسا كەسپىي دىندارلاردۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان سوغدىلار ئېتىقاد قىلغان دىن مانى دىنىدۇر. بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشىنى سوغدىلارنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ»⑱.
سوغدىلار (ياكى سوغدىيانلار) ـ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى ئىران خەلقلىرىنىڭ بىرى. بۇ خەلق مىلادىدىن ئاۋۋالقى 4-،5-ئەسىرلەردىن مىلادى 10- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا، بولۇپمۇ مىلادىدىن ئاۋۋالقى 6- ئەسىرلەردە ئېچىلىشقا باشلىغان يىپەك يولى سودىسىدا ئىنتايىن ئاكتىپ رول ئوينىغان خەلقتۇر.
     قەدىمكى گىرېك يازغۇچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، سوغدىلار ماۋراھۇننەھىردە (ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئارىلىقىدا) ياشىغان. ئەرەب ۋە ئىران تارىخچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، سوغدىلار زەرەپشان دەرياسى بىلەن قەشقەر دەريالىرى ۋادىسىدا ياشىغان. مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بايان قىلىشىچە، سوغدىلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىرى بۇخارا بىلەن سەمەرقەنت بولغان. شۇنىڭدەك ئۇ زاماندا بىر بالاساغۇن ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن، لېكىن بۇلار تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىككى خىل تىلدا (سوغدىچە ۋە تۈركچىدە) ئوخشاش سۆزلەيدىغان بولغان ۋە تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن سوغداقلار دەپ ئاتالغان. سوغدىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھەققىدە يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «ھودۇدۇل ئالەم»دە زىكرى قىلىنغىنىدەك، بىشبالىق ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا سوغدىلارنىڭ بەش كەنتى بولغان يەتتە سۇ، تىيانشاننىڭ ھەر قايسى مۇھىم ئۆتكەللىرى، لوپنۇر رايونى، خېشى كارىدورى ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىمۇ سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ كەنتلىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە لوپنۇر رايونىدىكى سوغدى كەنتى مەشھۇر بولغان.
   يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا، سوغدىلار ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانى ئاساسىي لىنىيە قىلغان يىپەك يولى سودىسى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بۆكۆقاغاننىڭ بۇ دىننى قوبۇل قىلىشىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە سىياسىي ئېھتىياج ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلىيالايمىز.
    سىياسىي ئېھتىياج نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھەر خىل قىيىنچىلىقلار، پىكىر ئىختىلاپلىرى ۋە دىنىي كىرىزىس يۈز بەرگەن ۋە ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى تېز سۈرەتتە فېئوداللىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، بولۇپمۇ بۆگۈ قاغان دەۋرىگە كەلگەندە ئۇرقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تاڭ سۇلالىسى تەرەپتىن كەلگەن فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئۇيغۇرلاردا فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرى تىكلىنىشى، ئوردىلارنىڭ سېلىنىشى، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشىنى تېزلەتتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگەردى، بۇ ئۆزگىرىشلەر بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سىنىپىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. فېئوداللار خانلىقنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى بولدى. بۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. خانلىقنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت چوڭ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇش ئېھتىياجى تۇغۇلدى»⑲.
    ئىقتىسادىي جەھەتتە، يىپەك يولى ۋادىسىدىكى سودىغا ماھىر بۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، بۆگۈ قاغان سوغدى سودىگەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق خانلىقنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە بولغان. بۇ ھەقتە فەن ۋىنلەن مۇنداق يازىدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنى سودا جەھەتتىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن، سوغدىلارنىڭ ھەقىقىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر»⑳.
دېمەك، يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، لىن ۋۇشۈ، فەن ۋىنلەن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىكى مەقسىتى سوغدى سودىگەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش لىنىيەسىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت دېگەن قاراش ئىلىم ئەھلىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
    قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا بۇددا دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن، لېكىن مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ يەنە باشقا دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بۇ خىل رېئال ئەھۋال قۇچۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. سىياسىي جەھەتتىن قارىغاندا، باشقا دىنلار قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ھېچقانداق خەۋپ ئەكىلەلمىگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتىن، ھەر خىل ئىقتىسادىي تەركىبلەر، ھەر خىل دىنلارنىڭ ئەرىن تارقىلىشى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلىغان. مەدەنىيەت جەھەتتە، قۇچۇدا كۆپ خىل دىن، تىل-يېزىقلارنىڭ ئورتاق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدەك كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت بەلۋېغى شەكىللەنگەن. بۇ خىل ھالەت بۇددا دىنىنىڭ قۇچۇدا خېلى بۇرۇنلا تارقىلىپ غەربىي يۇرتتىكى تۆت چوڭ بۇددا دىنى مەركىزى (خوتەن، قەشقەر، كۇچا ۋە تۇرپان)نىڭ بىرى بولۇشتەك دىنىي مەركەزلىك ئورنى قۇچۇ خانىنىڭ بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىشكە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىدۇر. شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ خىل تاللاشلا توغرا بولغان. چۈنكى 500 يىلدىن ئارتۇقراق بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش رايونى بولغانلىقىدەك بۇ خىل ھالەت بۇددا دىنىنىڭ قۇچۇدىكى ئەڭ ئاساسلىق دىن بولۇشىنى بەلگىلىگەن ئامىلدۇر. بۇ خىل تاللاش قاغاننىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش ۋە قۇچۇنىڭ يىپەك يولىدىكى ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا مۇھىم شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەن.
     ئىسلام دىنىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىنىشىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىينىڭ قورالى بولۇشتەك رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنى ھاكىمىيەتنى جىددىي قولغا ئېلىشنى سىياسىي نىشان قىلغان سۇتۇق ئۆز ئەتراپىغا تاغىسىغا قارشى گۇرۇھتىكى كىشىلەرنى توپلىغان. بۇنىڭغا سامانىيلار خانلىقىدىن كەلگەن ئەبۇ ناسىر سامانىي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ۋە ساتۇقنى ئەڭ بۇرۇن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان كىشىدۇر. سۇتۇق بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ كۈچى ئارقىلىق تاغىسى بازىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى كىڭەيتىش يولىدا قۇچۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇدۇن خانلىقىغا قارىتا دىنى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئوغلى مۇسانىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ۋادىسىدا تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان.
يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، قاغاننىڭ قارارى، ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدىكى سىياسىي نىشانى، خانلىقنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى بىر خىل دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىپ، بىر خىل ئىدېئولوگىيە بايرىقى ئاستىدا ھاكىمىيەت تۇتۇشنى بەلگىلىگەن.

3. ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىسى كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشقا ئېلىپ بارغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلنىڭ بىرىدۇر
  ھەر قانداق بىر مىللەت ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ تەسىرى، ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەت تىندۇرمىسى، پىسخىك مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىگە خاس بولغان پىسخىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
    تارىخ تەتقىقاتچىسى، ئېكسپېدىتسىيەچى ئۆمەرجان ئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بىلەن پىسخىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «تەكلىماكان قۇملۇقى ـ ئۇيغۇرلارنىڭ تەن ساپاسى، تەپەككۇر شەكلى ۋە مىجەز خاراكتېرىگىمۇ نېگىزلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلاردا لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلىنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ۋە خىيالىي، ئوبرازلىق، ئەپسانىۋى تەپەككۇر شەكلىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كېلىشىگە تەكلىماكان ئېتەكلىرىدىكى ھەمىشە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ئالۋۇن (ئېزىتقۇ) ھادىسىسى ھالقىلىق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. چوڭ قۇملۇقنىڭ كۈندۈزى قاتتىق ئىسسىپ، كېچىسى بىراقلا سوۋۇپ كېتىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىنىڭ تېز قىزىپ، تېز سوۋۇشتەك ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىپ قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن»(21).
    ھەقىقەتەن، بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىسى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. دىن ـ بىر خىل ئىدېئولوگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىنسانلارنىڭ دىننى بارلىققا كەلتۈرۈشى ۋە ئۇنى قىزغىن قوبۇل قىلىشى دىننىڭ كېمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان پىسخىكىسىغا مەلھەم ئىزدەشتىن، شۇنداقلا ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان تەڭرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشتىن ئىبارەت.
     دىننىڭ بارلىققا كېلىشىدىمۇ، ئۇنى ئىجاد قىلغۇچىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، پىسخىك ئۆزگىرىشى ۋە دىن ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى ئوخشىمايدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ دىنلار بارلىققا كەلگەن جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ئۇنىڭ تارقىلىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. ھەر قايسى دىنلارنىڭ بارلىققا كەلگەن تارىخىي شارائىتى ئوخشىمىغاچقا، دىندا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك دىنىي ئەھكاملارمۇ ئاشۇ دەۋرنىڭ چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ. بەزى دىنلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا، پىسخىكىسىغا ئىنتايىن ماس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئېتىقاد قىلىدىغان ئاساسلىق دىنى بولۇپ قالىدۇ. دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈشى ياكى بىر مىللەتنىڭ ياشاش ماكانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىر دىن بۇ مىللەتتە قىسمەن ھالدا ئاجىزلىشىشى ياكى ئۇلارنىڭ روھىيىتىدە بوشلۇق پەيدا قىلىپ، باشقا بىر خىل دىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان پىسخىكىسىغا مەلھەم ئىزدىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق شارائىتلار بىر مىللەتتە دىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دىننىڭ سىياسىينىڭ قورالى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەسمايىسى ۋە روھى يۆلەنچۈك ئىزدەشتەك (دىنىي كىرىزىس سەۋەبىدىن) ئامىللار بىر مىللەتتە دىننىڭ كۆپ قېتىم ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.
    ئۇيغۇرلار 840- يىلى غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن بۇددا ۋە ئىسلام دىنلىرىنى بايراق قىلغان خانلىقلارنى قۇرالىدى؟ مانى دىنى 762- يىلى قوبۇل قىلىنغان دېگەندىمۇ 840- يىلىغىچە 80 نەچچە يىللىق تارقىلىش ۋە يىلتىز تارتىش تارىخىغا ئىگە بىر دىننىڭ غەربىي يۇرتقا كەلگەندىن كېيىن ئاساسلىق دىن بولۇشتىن قېلىشى بۇ دىننىڭ چارۋىچىلىق رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىك تەرىپىدىن بەلگىلەندى. تارىم ۋادىسى شۇ ۋاقىتتا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تېرىقچىلىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ھەم بۇ ۋاقىتتا تارىم ۋادىسىغا بۇددا ۋە ئىسلام دىنلىرى خېلى كەڭ تارقىلىپ بولغان ۋە تارىم ۋادىسى بۇ دىنلارنىڭ شەرققە تارقىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان ئۆتەڭلەرگە ئايلانغان.
    قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئەۋزەللىكى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن سىرتقى مەدەنىيەتكە ھېرىسمەن بولۇش ۋە دىننى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماس قەدەملىك ئۆزگەرتىپ مېڭىشتەك بىر قاتار ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرى بىلەن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئۈچ چوڭ دىن ۋە باشقا كىچىك دىنى مەزھەپلەرگە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئېتىقاد قىلىپ ئۆزىگە خاس بولغان دىن مەدەنىيىتىنى ياراتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ تەسىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. شۇڭا بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەر قانداق تەتقىقاتچى ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان ھەر قايسى دىنلار ھەققىدە مۇپەسسەل چۈشەنچە ۋە بىلىشلەرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ دىن مەدەنىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقالمايدۇ. شۇڭا تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتە مۇپەسسەل چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر دىن مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ خەزىنىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا تىلەكداشمەن.

ئىزاھاتلار:
①        ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى: «ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1989-يىللىق 2-سان، 101-بەت.
② ④ نۇرمۇھەممەت توختى: «ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2003-يىللىق 3-سان، 79-بەت.
③ گېڭ شىمىن نەشرگە تەييارلىغان: «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخان ئالغان ئايالنىڭ دەرەخ كاۋىكىدا كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەرگە تېۋىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىساللارنىڭ بىرىدۇر.
⑤ لىيۇزىشاۋ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن: «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى مەجمۇئەسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىلى نەشرى.
⑥ جاڭ ۋىنخەي: «جۇڭگونىڭ قەدىمكى خىرىستىيان دىنى ۋە كەيفىڭ يەھۇدىيلىرى»، 469-بەت.
⑦ قاھار بارات: «قەدىمكى ئۇيغۇر خىرىستىيان يادىكارلىقلىرى»، ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1986-يىللىق 3-سان، 59-،62-بەتلەر.
⑧ جاڭ شېڭلاڭ: «جۇڭگو ۋە غەرب قاتناش تارىخى ماتېرىياللىرى»، 1977-يىلى نەشرى، 6-بەت.
⑨ مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981-يىلى نەشرى، 1-توم، 635-بەت.
⑩ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىلى نەشرى، 68-149-بەتلەر.
⑪ «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1983-يىللىق 3-سان، 6-بەت.
⑫ ھاجى نۇر ھاجى: «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 17-،171-بەتلەر.
⑬ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «ئەرەب مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ ئون ئىككى مۇقامغا بولغان تەسىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1991-يىللىق 4-سان.
⑭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى نەشرى.
⑮ بارتولد: «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىلى نەشرى (خەنزۇچە)، 101-بەت.
⑯ يۈتىيەنخېڭ : «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986-يىلى نەشرى، 59-بەت.
⑰ خامىلتون: «بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (خەنزۇچە)، 1982-يىلى نەشرى، 7-بەت.
⑱ لىن ۋۇشۈ: «مانى دىنى ۋە ئۇنىڭ شەرققە تارقىلىشى»، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى، 1987-يىلى نەشرى (خەنزۇچە)، 91-،93-،95-بەتلەر.
⑲ ياڭ فۇشۆ: «ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2003-يىلى نەشرى (خەنزۇچە)، 45-بەت.
⑳ فەن ۋېنلەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» (1-بۆلۈم)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (خەنزۇچە)، 1978-يىلى نەشرى.
(21) ئۆمەرجان ئىمىن: «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشرى، 183-بەت.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


维吾尔族多次改信的诸原因考

依明江•塔吉,亚森.不沙
摘  要:维吾尔族是中亚较早进入文明时代的古老民族之一。此表现为较早进入使用文字,较早创造文明及接受其他民族文化的优秀成分,陆续改变宗教信仰等等一系列文化现象。维吾尔族在历史上从原始信仰到最后开始信仰伊斯兰教的这个过程中,随着时代发展的需求,变迁地理环境的变化,个王朝统治者的推动作用和本民族善于热情的因素信仰了各个宗教、本文论述多次改信的原因。
关键词:维吾尔;宗教;改变

32

تېما

5

دوست

4268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2217
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 568
تۆھپە : 900
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 09:48:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزلىپتۇ
ئاپتۇرلارغا رەھمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5739

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1428
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 12:14:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ خىل دىغا ئېتىقات قىلىش ، كۆپ خىل يېزىق قوللىنىش ، خىلمۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ..............

6

تېما

1

دوست

2210

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4572
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 249
تۆھپە : 511
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 00:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئىسلام دىنى ـ مىلادى 6-،7-ئەسىرلەردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەد پەيغەمبەر (570-632- يىللار) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. »
     بەرپا قىلىنغانمۇ ياكى كەڭ تارقىتىلىشقا باشلىغانمۇ؟

9

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 01:50:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاڭقىغان ئەلنىڭ ئىنتىلىشىمۇ كۆپ بولسا كېرەك!

1

تېما

1

دوست

1907

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 02:50:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىقەتەن نادىر تىما ئىكەن .بىزگە كىرىكىمۇ دەل مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەرتەرەپتىن يورۇتۇپ بىرەلەيدىغان ماقالىلەر.

8

تېما

25

دوست

5102

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1516
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 21:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەخمەت، قوشۇمچە ئىلاۋە قىلىپ قوياي:
شامان دىنى، مانىي دىنى، تاو دىنى دىگەنلەر دىن ئەمەس. پەقەتلا ئىتقاد تۈرى.
دىن دىگەن مۇقىم ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا ئىگە، مۇقىم قائىدە تۈزىمى، چۇڭقۇر يىلتىزلىق دۇنيا قارىشى ۋە ھاياتلىق قارىشى،كىتابىي مەنبەسى ئىلاھىي ئۇچۇرى بار بولغان ئىدولوگيەلىك ئۇقۇمنى دىن دەيمىز. دىن بولسا ياراتقۇچىنى ئۇقۇم مەناسى بويۇنچە تونۇش ۋە ئىبادەت قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. شامان، مانىي تاو ئىتقادلىرى بولسا شەخسى كۆز قاراش ۋە پەلسەپە ئاساسىدا مەيدانغا كىلىدۇ. ئۇنى دىن دىگىلى بولمايدۇ. پەقەتلا ئىتقاد دىيىشكە بولۇدۇ.
ئۇيغۇرلار قىدىم قىدىمدىن بېرى كۈچلۈك ھەم چۇڭقۇر روھلۇق ئىزدىنىشچان مىللەت. كۆپ خىل جۇغراپيەلىك شارائىت ۋە مەدىنيەتلەر ئالمىشىش نەتىجىسىدە بىرنەچچە ئىتقاد ۋە دىن ئالماشتۇرغان. ئاخىرقى بىكەت ئىسلام دىنىدا توختاپ قېلىشى بولسا ئۇيغۇر روھىنىڭ ھەقىقەتنى تىپىپ  تولۇق ئوزۇققا ئىرىشكەنلىكىنىڭ ناماياندىسى بولسا كىرەك.

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 17:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tengrikut يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 21:28
تېما ئىگىسىگە رەخمەت، قوشۇمچە ئىلاۋە قىلىپ قوياي:
شاما ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،باغداش ئەھلى! يېڭى ئەزا''يوقسۇل''دىن سىلەرگە سالام!
بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تولۇقلىمىسى ناھايىتى ئەتراپلىق بولدى ،دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )