قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3534|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نۇري تىيىپ: كەپتەرلەر-(9)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 08:17:34 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

كەپتەرلەر-(9)


ئېلاۋە:
نۇري ئەپەندىنىڭ «كەپتەرلەر» ناملىق يازمىسىنى ئوقۇپ ئۇنىڭ داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئېزىز ئوقۇرمەنلەر:
«كەپتەرلەر» سىلەرنىڭ  كۆڭۈل ئاسمىنىڭلارغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ پەرۋازىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن،
قەيسەر مىجىت
***************************************************************

    كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم بولدى. سورۇندا ئەتراپىمدا بىرمۇ ئادەم يوق. نېرىراقتا ئولتۇرغانلارغا قارىساممۇ، ئۇلار دەرھال مەندىن كۆزىنى قاچۇرۇشۇپ ھەلەك. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇ يەر، بۇ يەردە، ئۈچتىن تۆتتىن تۇرۇشۇپ مۇڭدىشىۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ باقتىم، ئۇلارمۇ مېنىڭ كېلىشىم بىلەنلا، "ھەي پالانچى ؟ " دەپ، بىرلىرىنى چاقىرغان بولۇپ كېتىشتى.
بەزىلىرى:
-پىۋىنى كۆپ ئىچىپ قويۇپتىكەنمەن. ئوبۇرنىسى قەيەردىكىنە ... بۇ يەرنىڭ؟ دېيىشىپ، بىر ئەپلىكلا مەندىن، ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئۇلار خۇددى مەندە بىرەر يۇقۇملۇق كېسەل باردەك، مەن بىلەن كۆرۈشكەن ، پاراڭلاشقان ھامان ئۇنىڭغا يۇقۇدىغاندەك ئەنسىزچىلىكتە.
   كۆپىنچىلىرى ئاددىغىنە راستلانغان ئۈستەللەردىكى يېنىك ئۇششاق - چۈشەك زاكوسكىلارنى يېگەچ، دۇنيادىن بىغەم، پاراڭنى " دۆڭ " سوقۇشۇپ، ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشۇپتۇ. ئۇلار بەلكىم سورۇندا بولۇنغان ئەھۋاللارنى ئۇقمىغان بولسا كېرەك. ئۇ تەرەپكە بېرىپ، "ئاياققىراق ئولتۇرە " دەپ قىسىلىپ كىرىشنى خالىمىدىم.
   مەن يەنە بىر توپقا باردىم. ئۇ توپتا، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ تونۇيدىغان ۋە مەن خېلىلا ھۆرمەت قىلىدىغان، بىر ئاكىمىز تازا قىزىپ سۆزلەۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ مەن بېرىشىمغىلا گېپىنى توختاتتى. تولىمۇ بىئارام، سۈنئىي ھالدا بىر ئىككى ئېغىز گەپتىن كېيىن ئۇ ماڭا :
- ئۇكا ساڭا ئەمدى گەپ قىلغىلى بولمايدۇ؟ -لا دېدى.
-نېمە بولدى؟ بىرەر خاتا گەپ قىپ قويدۇممۇ بۈگۈن؟
- باشلىقنى تىللىدىڭ ئەمەسمۇ سەن. ئەمدى سەن بىلەن قانداق پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، دەپ ئوچۇقلا گېپىنى قىلىۋەتتى.
(بۇ ئاكىمىز ئەينى ۋاقىتتا، ئۆزى بارلىقىنى ئاتىغان يەرگە قايتماپتۇ. ئۇ ھازىر مەن بىلەن قوشنا دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئىدىيىسى يەنىلا بۇرۇنقىدەكمىش. دېمەك مەن ئۇنى مەڭگۈ دوست قىلالمىغۇدەكمەن.)
   ھوي ئۆتكەندىلا ۋەتەنداشلار بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرغىنىمىزدا، مانا مۇشۇ سورۇندىكى كۆپىنچىسى:
- توختا مەن دەۋالاي، ھەي ھەي ... ئىنساپ بارمۇ سىلەردە؟ مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولغاندىكىن، ئويلىغىنىمنى، پىكرىمنى دەپ باقايدە ... ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا مەن بارغۇ، ھە ئۇنداق "گۇي" لارنى ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتىم مەن! تارىخ دېسە تارىختىن ھەە ... نەدىن چۈشسە شۇ يەردىن جۇما ...
- ھە. گېپىڭ تۈگىدىما؟ مەنمۇ بار جۇما مەيەردە. جىم ئولتۇرسام "بۇنىڭ ۋىجدانى " يوق ئاداشكەن بۇ، دەپ قېلىۋاتامسەن نېمە؟ بىزدىمۇچۇ "گۈپ گۈپ" سوقۇپ تۇرغان يۈرەك بار جۇما ؟!!! دېيىشىپ، سورۇن ئاخىرلاشقۇچە،چوڭ گەپ قىلىپ،  باشلىقنى سايلاپ، مائارىپ ئىشلىرىنى يول - يولغا سېلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى باشقىدىن لايىھىلەپ، ۋەتەننى گۈلگە پۈركىگەن ئىدىيە .... نېمە بولدى بۇلارغا؟ بۇلاردىكى ئۆزگىرىشنى قانچە گرادۇس دېسەك بولار ئەمدى؟
بۇلار مەندىن نېمىشقا بۇنچە بىزار بوپ كېتىدىغاندۇ؟
     توۋا ... دېدىم ئىچىمدە. ئۆمرۈمدە خەق مەندىن، بۇنچە بىزار بولمىغان ئىدى. مەن باشلىققا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى، كۆزقارىشىنى، تەلىپىنى دەپ، شۇنچە قورقۇنچلۇق ئادەم بولۇپ قالدىممۇ؟
     سورۇندا، بولۇپمۇ بۇ جامائەتچىلكتە، خەق بىزار بولغۇدەك ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندىن، ئاستا ئۆلگەنلا ياخشىغۇ ... لىكىن، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدىغان ئىش، باشلىقنى تىللاش بىلەن ئەمەستىغۇ ؟!! قانداق بولۇپ كەتتى بۇ ئىشلار؟
    يالغان گەپ قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، خەقنىڭ نېسىۋىسىگە شېرىك بولۇش، باشنى - باشقا سوقۇش سالدۇرۇپ، ئويۇن ئويناش، ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقى چېچىش، غەيۋەت قىلىپ، خەقنىڭ ئارقىدىن پىتنە - پاسات تارقىتىش، خەقنىڭ ئائىلىسىگە سوغۇقچىلىق سېلىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن كۆپرەك مەلىكە بولىدىغانلار، ئادەتتە جامائەت توپىدىن ئاستا - ئاستا ئايرىلىپ قالاتتى. بۇ مېنىڭ باشقىچە ... مەن ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىنى، خەق دېيەلمىگەن گەپلەرنى، باشلىققا دەپ "قەھرىمانلىق قىلدىم" دېسەم، نەتىجىدە ھەممە مەندىن، قاچىدىغان بولۇپ قالدىيا …؟!
  دېمەك، ئادەملەر مۈرەككەپ ئىكەن كۆپىنچىلىرى جۈرئەتسىز ئىكەن.
    شۇ كۈنى كۆڭلۈم، راستلا يېرىم بولدى. سورۇندىكى كۆپلىرىگە ئىچىم پۇشتى. بولۇپمۇ ھېلىقى ئاكىمىزنى، كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، "ئاكا" دېگۈممۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ، چىن يۈرىكىدىن ماڭا، مېنىڭ دادىللىقىمغا نەپرەت ئوقۇغان ئىدى.  تەرەققىياتتەك چوڭ ئىشلارنى مېنىڭدەك بىر ئاشپەزنىڭ، ئويلۇشۇپ يۈرۈشىنى، تولىمۇ ئەخمىقانە، كۈلكىلىك بىر ئىش، دەپ ھەزىم قىلىۋالغان ئىدى.
- خۇدانىڭ بىر كۈنى باركى ... بۇرنۇڭغا يەيسەن تېخى، دېدىم ئىچىمدە.
     سورۇندىن يالغۇز قايتتىم. ئازاب ئىچىدە قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ، ئۆيۈم تەرەپكە يول ئالدىم.
     كەچ، پويىزدا ئادەم يوق دېيەرلىك. تېز كېتىپ بارغان پويىزنىڭ، مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقىنىڭ، قارشىسىدىكى تەرەپتىكى دېرىزە تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇپ، خىيالغا كەتتىم. پويىز دېرىزىسىدىن بەزىدە تۇيۇقسىزلا يورۇق چىراغلار كۆرۈنسە، بەزىدە قاپ - قاراڭغۇ ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ. بەزىدە تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۇلىرى كۆرۈنسە، بەزىدە ياپونىيىلىكلەر ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان، كالتەك توپ مەيدانلىرى كۆرۈنىدۇ. بەزىدە كىشىلەرنىڭ يېقىن يېقىن سېلىنغان دوم ئۆيلىرى كۆرۈنسە، بەزىدە ۋال-ۋۇل يېنىپ تۇرغان، "پاچىنكو" دەپ يېزىلغان، رەڭگا - رەڭ لامپۇچكىلار بىلەن ئورالغان قىمارخانا بىنالىرى .... بەزىدە پويىز تونىلغا كىرىپ، ئاۋازلىرىنى ئۆزگەرتىپ ماڭغان ۋاقىتلاردا، دېرىزىدىن غەمكىن ئولتۇرغان، بايىقى سورۇندىن سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن، ئۆزۈمنىڭ ئەينەكتىكى قىياپىتى ... - مەن نەدە؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟ مەن كىم؟ نەلىك؟ - دېگەندەك گادىرماچ سوئاللار، تاقا - توقا ئاخىرى يوق، ئۆزۈمگە ئۆزۈم بەرگەن جاۋابلار. ھايات نېمە دېگەن مۇرەككەپ ھە ... جان نېمە دېگەن تاتلىق نەرسە ھە! مەنپەئەت دېگەن نېمە دېگەن مېھرى ئىسسىق نەرسە ... ھوي!
    مەن قاچانغىچە، بۇ كىشىنىڭ يۇرتىدا مۇشۇنداق خىيال قىلىپ، ئاسمانغا قاراپ ياشارمەن ھە ... بۇنداق، ئۇنى بۇنى تىللاپ يۈرسەم، بۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرى قانداق ئۆتەر؟
       پويىزدىن چۈشۈپ، ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى بېكەت بويىغا سېلىنغان، مەن دەم ئېلىش كۈنلىرى دائىم كىرىپ، خوجايىنى بىلەن ئاندا - مۇندا پاراڭلىشىپ چىقىدىغان ئىزاكايا (ئانچە - مۇنچە ماڭا ئوخشاش دەرتمەنلەر قېقىۋالىدىغان ئاشخانا)غا كىرىپ، پۈتۈن دەردىمنى، ئاچچىقىمنى سوغۇق پىۋىغا ئارىلاشتۇرۇپ، " گۈپ گۈپ " قىلىپلا ئىچىۋەتتىم. مەن ئۇ ۋاقىتتا، جانانىدىن ئايرىلغان ئاشىقلاردەك، يېقىن قېرىنداشلىرىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلغان ھازىدارلاردەك، تولىمۇ پەرىشان. كۈچكە تولۇپ، پومپىيىپ كەتكەن بىلەكلىرىم ئىنچىكىلەپ قالغاندەك، ھېس قىلدىم-دە، يەنە بىر نەچچە قاپاق پىۋىنىڭ يېرىمىنى ئېغىزىمغا، يېرىمىنى ئېڭىكىمدىن ئېقىتىپ، مەيدىلىرىمگە تۆككەچ كۆتۈرۈپلاۋەتتىم.
تونۇش دۇكان خوجايىنى يېنىمغا كېلىپ:
     يەنە يۇرتۇڭنى سېغىنىپ قاپسەندە ؟!!! كاساپەت ...دېۋىدى، تاس - ماس قالدىمكى "پاڭڭىدە" ئېتىلىپ يىغلاپ كەتكىلى. كالپۇكۇمنى چىڭ چىشلەپ، كۆزۈمنى چىڭڭىدە يۇمۇپ، بىر نەچچە سېكۇنت تۇرۇۋالدىم. بېشىمنى قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ "ئۇففففف" دەپ بىر تىنىۋەتتىم. ئازابنىڭ ھەممىسى پىۋا بىلەن كىرىپ، بىر تىنىق بىلەن چىققاندەك بولۇپمۇ قالدى.
   ھە شۇنداق ... دەپ تىترىگەن، پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردىم - دە، تېزلا ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم. تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ، ئاخىرى يەنە بېلىق ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.
شۇ كۈندىن كېيىن، بەزىلەردىن تېلېفونمۇ كەلگەن بولدى. بەزىلىرى:
     ئاخشام سەن مەست بوپ قالدىڭ جۇما، دېسە؛ بەزىلىرى ئاخشامقى سورۇن توغرىلىق گەپ قىلماي، تاغدىن - باغدىن گەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن، تېلېفون قىلغانلىقىنىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرەلمىدى.
    مەن " مەست بوپ قاپسەن"، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئازابلاندىم. مەست دېگەن مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېرىم ساراڭ، كاللىسىدىن كەتكەن دېگەن گەپ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئاغىنىلەر ماڭا تەسەللى بېرىۋاتامدۇ؟ قورقما تەسچىلىكتە ھەر ئىش بولىدۇ. ھېچ گەپ يوق، دەپ ۋە ياكى مەست بولىۋېلىپ يولۋاستەك يۈرەكلىك بوپ كەتتىڭ، يارايسەن دەۋاتامدۇ؟ بۇسى ماڭا نامەلۇم ....
    كۈنلەر مانا مۇشۇنداق بىردە كۈلۈپ ، بىردە ئازابلىنىپ ئۆتمەكتە. خىزمەت ئۆز قېلىپىدا، يەنىلا ئۆگىنىش بىلەن. ئاشپەزلىك كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقىم مېنى ئاشخانىدا ئىشلەپلا ئۆگىنىش ئەمەس، تاماق ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارنى دوست قىلغىلى تۇردى. ھەتتا مېنى ئۇلار يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان، "ھۈنەر كۆرسىتىش " پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بېقىش ئىشەنچىسىنىمۇ ئاتىۋەتتى. رايونىمىزدا تۇنجى چەتئەللىك ئاشپەز بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشتىم. پائالىيەتتە، كۆكتاتلاردىن تېز ۋاقىت ئىچىدە گۈل چىقىرىش، نېپىز قىلىپ قەغەزدەك شىلىش، دېگەندەك، پىچاق ھۈنىرىدە بەك ئارقىدا قالمىدىميۇ، تېز سۈرئەتتە بېلىق كېسىشتە، "ھە" دېگەندىلا كەينىدە قالدىم. ئۇلارنىڭ ئاشپەزلىرى راست، بۇ بېلىققا كەلگەندە ئالامەت ئىكەن. ئۇلارنىڭ قول ھەرىكەتلىرىنىڭ تېزلىكى، ئۇرغان پىچاقلىرىنىڭ نەق يېرىگە بېرىپ، بىرەرسىنىڭمۇ زايە كەتمەسلىكى، بىر بېلىقنى ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىلا بىر تەرەپ قىلىپ، تەخسىگە تىزىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا قويالىشى، مېنى ھەيران - ھېس قالدۇردى. بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى، سەل يوقاتقانمۇ بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ بۇ ئاشپەزلىك كەسپىدە، تېخى باشلانغۇچ سەۋىيىدە ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىپ قالدىم. لېكىن كۆڭلۈمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ قالغانلىقىمۇ يوق ئەمەس. چۈنكى مەن، ئاۋۇ كۆكتات كېسىش، توغراشتا ھەر ھالدا ( ئاز سانلىق مىللەت "بولغاچقا ) بىر چەتئەللىك بولغاچقا، ماختاشقا ئېرىشەلىگەن ئىدىم ...
     ئەتىسىدىن باشلاپ، قاياققا قارىسام كۆزۈمگە، بېلىقلا كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. پويىزدا ئولتۇرۇپ ئىشقا ماڭغىنىمدىمۇ، ئالدىمدا رەت- رەت ئولتۇرغان ئادەملەر، چىرايلىق قىزلار ... تۇرۇپ-تۇرۇپلا كۆزۈمگە بېلىقتەكلا كۆرۈنۈپ قالىدۇ. كاللىدىن كېتىپ بارامدىم نېمە؟ دەپ كۆزۈمنى چىمچىقلىتىپ، بېشىمنىمۇ سىلكىپ قويىمەن. ئۇلار يەنە ئادەم كۆرۈنىدۇ. يەنە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يەنە، ھەر خىل بېلىقلار ماڭا قاراپلا ئولتۇرغاندەك ... مېنى سويمامسەن؟ دەپ مېنى كۈتۈپلا تۇرغاندەك ...
   بۇرۇن ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا، ياپونىيىلىكلەر بېلىقنى خام يەيدىكەن دېسە، "ۋويجووون ... كوپپىلا" تۇتۇپ، بىر باشتىن، بىز سۆڭەك غاجىلىغاندەك يەپلاۋېتىدىكەندە ... توۋا بۇ قانداق مىللەتتۇ ھوي بۇ؟ دەيتتىم.
    كىچىكىمدىن قوي - كالا، توخۇ گۆشى، ئۆپكە - ھېسىپ، ئات گۆشى، ھەممىدىن تاتلىقى قازاقلارنىڭ سۈر گۆشى ...دەپلا چوڭ بولغان مەن. ھازىر باشقا بىر مىللەتنىڭ يەنى دۇچۇكامنىڭ مىللىتىنىڭ تامىقىنى، ئۆگۈنۈشكە بەل باغلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھايات دېگەن، تەقدىر - پېشانە دېگەن ئاجايىپ بىر ئىشكىنا ...
   ئاۋۇ گۈزەل غۇلجىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا تايتاڭشىپ چوڭ بولغان، گۈزەل ئۈرۈمچىنىڭ، تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان ۋالىبول مەيدانىدا، سەكرەپ چىقىپ "تاسسىدە" ئۈچ مېتىر سىزىقنىڭ ئىچىگە توپ ئۇرۇپ، ئالقىشلار ئىچىدە مەيداننى مەغرۇر ھالدا بىر پېقىرىۋەتكەن،  ئاۋۇ ...ھېلىقى بەڭۋاش بالا ھازىر، ۋالىبول مەيدانىنى ئەمەس، قازان بېشىنى پېقىراپ يۈرىۋاتىدۇ. قېنى ئۇ قانچە ئۇزۇن پېقىرايدىكى؟ ئىسسىق مايلارنى قانچە قېتىملاپ يۈزلىرىگە چېچىۋالىدىكى؟ قانچە قېتىملاپ ئاشۇ توپ ئۇرغان بارماقلىرىنى "گىرتلا" قىلىپ كېسىۋالىدىكى؟ يات مىللەتنىڭ تىلى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپە - ئادەتلىرىنى، ھەتتا تاماقلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇ شۇ مىللەتكە يېتىپ كېتەرمۇ؟ ياكى ئانىسىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىغان، خوشلۇشۇش ۋاقتىدا بالىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، ئېغىزىنى بالىسىنىڭ قۇلىقىنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ تۇرۇپ، قايتا - قايتا جېكىلىگەن، بۇ قۇلاقتىن كىرىپ، ئۇ قۇلاقتىن چىقىپ كەتمىسۇن دەپ، ئېزىپ قۇيۇۋەتكەن:
- ۋىجدانىڭ بىلەن ياشا ...دېگەن گېپىگە ئەمەل قىلالارمۇ؟
"ئۇرسا جان، كەسسە قان" چىقىدىغان يېرىنىلا ئېيتتىدىكى ئۇ.
      ئۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇ مېھرىبان ئانىنىڭ، ئۇنىڭدىن كۈتكىنىنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ، ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، ئانا يۇرتىنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر خىل قايناملاردا قايناپ چىققان تېنىنى، زېھنىنى ... بارلىقىنى ئاشۇ ئەزىز ۋەتىنىگە، سۆيۈملۈك خەلقىغە ئاتىغان. ئۇ ئاشۇ ساپلىق تۇتۇپ، ھەر خىل قازانلارنى ئوينۇتۇپ، تاراڭشىتىپ كەلگەن قولىغا، مانا ئەمدى قەلىمىنى يېڭىدىن ئالدى. ئۇ چەتئەل ھاياتىدىكى جاپالىق كەچۈرمىشلەرنى، ۋەتەن، ئانا يۇرتقا بولغان، يىراق يىراقلاردىكى كېچەيۇ - كۈندۈز كىرپىك قاقماي، ئىسسىق ياشلىرىنى، قورۇق باسقان مەڭزلىرىدىن دومىلىتىپ ئاققۇزۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلگەن كۈنلىرىنى، يۈرىكىدە ئۇرغۇپ تۇرغان، ئوت بولۇپ يېنىپ تۇرغان،  بەختىيار - ئازادە كۈنلەرنىڭ، چوقۇم پات ئارىدا يېتىپ كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىنى، دوستلارغا، ياشلارغا، ئەۋلادلارغا يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىمەكچى. تۈن قانچە قاراڭغۇ بولسا يۇلتۇز شۇنچە ئۆز جامالىنى سېخىيلىق بىلەن نامايەندە قىلارمىش. ئاشپەزنىڭ كۈنىنىڭ قانچە جاپالىق ئۆتۈشى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيدۇ. تەمبۇرنىڭ تارىدەك " تىرىڭشىپ" تۇرىدىغان ۋىجدانى، ئۇنى تېخىمۇ دۇرۇس يوللارغا ئۈندەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تومۇرلىرىدا توختىماي ئېقىۋاتقىنى، يەنىلا، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە قان!!!

***********************************************************************************************

0

تېما

2

دوست

720

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25969
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 226
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-7
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 16:13:01 |ئايرىم كۆرۈش
قەيسەركا ئەجرىڭىزگە رەخمەت ، بۇ ئەسەرنى تولىمۇ تەشنالىق بىلەن كۇتكەنتىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ناداندىن زارلاي

0

تېما

1

دوست

1391

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13165
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 16:58:47 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇنداق يالغۇزلۇق ھازىرمۇ مەۋجۇت بىزدە.

0

تېما

2

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 17:35:16 |ئايرىم كۆرۈش
تەشەككۈر، قېنى قىنىپ  بىر ئوقايلى.

1

تېما

6

دوست

5969

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1540
توردىكى ۋاقتى: 687
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 22:06:40 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قەيسەر ئەپەندىم. بۇ تېمنىڭ داۋامنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ئىدىم.

1

تېما

2

دوست

1714

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 10:21:21 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز

0

تېما

3

دوست

1044

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28809
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 340
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-23
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 20:39:09 |ئايرىم كۆرۈش
قۇربان ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

0

تېما

0

دوست

1329

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31601
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 01:05:19 |ئايرىم كۆرۈش
6-باشلاپ ئۇقۇپتىكەنمەن 1-دىن ئۇقۇشقا ئادىرىس بارمىدۇ؟ مەن بۇگۇنكى يىڭى ئەزا  
قارشى ئالاسىلەر  باغداش ئەھلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )