قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2643|ئىنكاس: 52

زوردۇن سابىر ۋە ناخشا - مۇزىكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2442

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 350
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 20:27:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  زوردۇن سابىر ۋە ناخشا - مۇزىكا

  ئابدۇرېشىت ئوسمان         

        (غۇلجا شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ)


   ناخشا – مۇزىكا قەلب ئاۋازىدۇر. ئۇيغۇر خەلق ناخشا مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ چوڭقۇر يۈرەك قاتلاملىرىدىكى سادادۇر. ئانا يۇرتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىكى سەنئەتخۇمار خەلق ناخشا – مۇزىكىلارنى تۇرمۇشنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئېغىزدىن  ئېغىزغا ، ئاتىدىن بالىغا دەۋىرمۇ دەۋىر ، ئەسىرمۇ ئەسىر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. قەدىمدىن تارتىپلا ناخشا- مۇزىكا بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن ئىلىدا تۇغۇلغان يازغۇچى زوردۇن سابىر ئابرال دېھقانلىرىنىڭ ئاق نېنىدەك،ئىلى دەرياسىنىڭ تەملىك سۈيىدەك، تەلكە تاغلىرىنىڭ ساپ ھاۋاسىدەك، غۇلجا باغلىرىدىكى لەززەتلىك ئاق ئۈرۈكتەك ھايات بەخىش ئىلى خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. دادىسى سابىر غازىنىڭ دۇتتار چىلىپ، ناخشا ئېيتىشلىرى، ئاپىسى ئانارخاننىڭ ئېيتقان مۇڭلۇق ناخشىلىرى سەبىي زوردۇننىڭ قەلب بېغى، كۆڭۈل بوستانىغا ناخشا – مۇزىكىغا بولغان ھەۋەس ، قىزىقىشنىڭ ئۇرۇقلىرنى چىچىۋەتكەن.
1984-يىلى يازغۇچى زوردۇن سابىر خەنزۇچە « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى لى چاڭنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا، لى چاڭنىڭ «- ئۇيغۇر خەلق ناخشا- ئۇسسۇلغا ئامراق خەلق ،ئېغىز ئەدەبىياتىمۇ ناھايتى تەرەققىي قىلغان. سىز بۇ جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ تەسرىگىمۇ ئۇچىرىغانمۇ؟ » دەپ سورىغان سوئالىغا يازغۇچى زوردۇن سابىر مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن : « - ئەلۋەتتە ئۇچىرىغان. تەسىرگە ئەڭ كۆپ ئۇچىرغىنى يەنىلا مېنىڭ دادام، دادامنى يېزىدىكىلەرنىڭ نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ دادامنى باشقىلار ‹سابىر تورغاي› دەيتتى.چۈنكى دادام سابىر بەكمۇ سۆزمەن، چاقچاقچى ھەم ناخشىچى ئادەم ئىدى. مەن كۈنبۇيى ئۇنىڭ دۇتتار چېلىپ ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ چىقاتتىم. ئاپام ئانارخانمۇ ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر ئايال ئىدى. » ( « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ژۇرنىلى 1984-يىللىق 6-سانىدىن )
سابىر غازى ئوغلى زوردۇننىڭ ناخشا- مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ھەۋەس ۋە قىزىقىشىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا دۇتتار چېلىشنى ئۆگىتىپ ، مەدەت – ئىلھام بەرگەن. زوردۇن بالا چاغلىرىدىلا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ « سازاندىسى » بولۇپ قالغان. زوردۇن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەكتەپنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، سەھنىلەردە دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ،ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئابرال ئېتەكلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ توي – تۆكۈن ، بەزمە – مەشرەپ سۇرۇنلىرى زوردۇن سابىرنڭ كۆڭۈللۈك مەكتىپى بولۇپ، بۇ مەكتەپ زۇردۇن سابىرغا پاكلىق ، گۈزەللىك ، چىن ئىنسانىي پەزىلەت ھەمدە ئادەم بولۇشنىڭ ئەھمىيتى ۋە ئۇلۇغلىقىدىن دەرس بەرگەن . يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خوشال – خۇراملىقنىڭ جارچىسى، مەردۇ- مەردانلىقنىڭ كۈيچىسى، قايغۇ – ھەسرەتنىڭ ئۇزاتقۇچىسى بولغان ئىلى خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىغا بولغان ھەۋەس، قىزىقىشنىڭ بىخلىرى ئەنە ئاشۇ ئىلى خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا كۆكلەپ ، بوي تارتىپ، پۇرەكلەپ ئېچىلىپ، ئەتراپقا خۇش ھىد تاراتقان. يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزنىڭ خۇشچاقچاق، پاراڭچى، ناخشا – مۇزىكىغا ھىرىسمەن بولۇشتەك خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بىلەن بېشىغا كەلگەن نۇرغۇن ئازاب –ئوقۇبەت، دەرد-ھەسرەت، جاپا –مۇشەققەت، بېسىم – رىيازەت، دىشۋارچىلىقلارنى ئارقىسىغا چۆرۈپ تاشلاپ، ھاياتقا كۈلۈپ باققان.

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشى مىجىت سىراجىدىن مۇئەللىم زوردۇن سابىرنىڭ بۇ خىل خاراكتىر- ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: « بىز ئەينى يىللاردىكى ‹ تۆتنى ئېنىقلاش› ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›  قاتارلىق خاتا سىياسى ھەرىكەتلەردە ناھەق قارىلىنىپ، دەرس مۇنبىرىدىن چۈشۈرۈلۈپ، كۈرەشكە تارتىلدۇق. مەكتەپ ئىچى – سىرتىدا قارا ئىش ۋە ئېغىر ئەمگەككە سېلىندۇق. شۇ يىللاردا مەكتەپنىڭ بىنەم يىرىگە چىقىپ، توپا ياتقۇزۇپ، يەر ھەيدەپ، بۇغداي تېرىدۇق. خامان ياساپ، بۇغداي چەشلىدۇق. ئاق ئۆستەڭ بويىدىكى مەكتەپ قۇرۇقىدا يېتىپ – قوپۇپ ،كەتمەن چېپىپ، زەمبىلدە توپا توشۇپ يەر تۈزلىدۇ. شۇنداق ئايىغى چىقماس ئېغىر ئەمگەكلەردە ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ‹ غارايىپ› ، ‹ گېزەدە› لەر دائىم دېگۈدەك چۈشكەن، روھسىز ھالەتتە بارلىق دەرد- ھەسرەت، ئۆچ – ئاداۋىتىنى ئاشۇ ئاچچىق تاماكىدىن ئالاتتى. بىر قىسىملىرى نۇرسىز كۆزلىرىنى بىر نۇقىتىغا قاراپ تەگسىز خىياللارغا غەرق بولاتتى. ھەتتا بەزلىرىنىڭ بىر- بىرى بىلەن پاراڭلىششقىمۇ رايى يوق ئىدى. زوردۇن سابىر ئارىمىزدىكى ئەڭ ياش ‹ گىزەندە› ئىدى.ئۇ ئارىمىزدا روھىنى چۈشەرمەي ، ئىرادىسىنى سۇندۇرماي، ئۆزىنى قىزىپ پاراڭ، كۈلكە- چاقچاق ۋە ناخشىغا زورلاپ يۈرەتتى. ئۇ مەيلى كەتمەن بىلەن يەر تۈزلەۋاتقان بولسۇن، مەيلى زەمبىل بىلەن توپا توشۇۋاتقان بولسۇن، مەيلى ئارام ئىلىپ ئولتۇرغانلاردا بولسۇن، دائىملا دىمىغىدا غىڭشىپ ‹ ئىلى خەلق ناخشىلىرى› نى ئېيتىپ يۈرەتتى. ئۇ كەلگۈسىگە ناھايتى ئۈمىداۋار قارايتتى. كېيىن ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇق. ئۇ داڭلىق يازغۇچى بولدى».
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بۇ خىل خاراكتىر – ئالاھىدىلىكى ھەققىدە يەنە ئەدىب تۇرسۇنمۇھەممەت پەخىرىدىن « تارىم » ژۇرنىلى 2008-يىللىق 8- سانىدا ئېلان قىلغان « قەلبىم ئاسمىنىدىكى ئۆچمەس چولپان» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بايان قىلغان:« زوردۇن سابىر ئۆزىنى بەك ئازادە تۇتاتتى. بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ، خاپىلىقلارغا پىسەنىت قىلماي خۇشخۇي يۈرەتتى. چاقچاققا، ناخشىغا ئامراق ئىدى، يۇمۇرلۇق گەپلەرنى كۆپ قىلاتتى. ئۇ كۈندىكىدەك بۈگۈنمۇ ئىشخانىسىغا ناخشا ئېيتىپ كىرىپ كەلدى.
- زوردۇن ، قىزىقكەنسىزغۇ! بۇ ئىشخانا جۇمۇ، خەقنىڭ دىققىتىنى بۆلۈۋىتىپ گەپكە قالماڭ يەنە،- دىدىم سەمىمىي كۈلۈپ،
-ناخشا ئېيتىشمۇ گۇناھمۇ؟ ناخشا ئېيتسام خەقلەر خاپا بولماقتا يوق خۇش بولۇپ كېتەر. ناخشا دېگەننىچۇ ئېيتالايدىغانلار ئېيتىدۇ. سىز ئېيتالامسىز؟ دېدى ماڭا قاراپ كۈلۈپ، - قاتتىق ۋاقىرىماي ئۆزۈم ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ئېيتسامغۇ بولار؟ ئۇ شۇنداق دېگىنچە ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى. »
يازغۇچى زوردۇن سابىر جاپالىق ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھارغان، چارچىغان چاغلىرىدا دۇتار چېلىپ، ناخشى ئېيتىپ ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، روھىنى ئورغۇتۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بۇ خىل ئادىتى ھەققىدە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت 2011-يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان « ئابرال ئوغلى » ناملىق كىتابنىڭ 87- بىتىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: « 1974-يىلى شۇ ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمىئيتى غۇلجىدا سېمنارىيە ئۇيۇشتۇردى. شۇ كۈنلەردە زوردۇن سابىر ، ئابدۇراخمان قاھار، تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن، ئابلىز ھوشۇر، جاۋجېگۇ ۋە مەن قاتارلىق ئىلى ئاپتۇرلىرى يانداش ئىككى ياتاقنى ئىگىلەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە بىللە ئىشلىگەنىدۇق... مەيلى يىغىن زالىدىكى مۇزاكىرە ، مەيلى ياتاقتا بولسۇن، زوردۇن ئاكا ھامان ھەممىمىزنى ئۆز ئېغىزىغا قارىتىۋالاتتى. ئۇنىڭ نەقەدەر خۇشچاقچاق، پاراڭچى ئادەملىكىنى شۇ كۈنلەردە مەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدىم. بولۇپمۇ مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ، زوردۇن ئاكىنىڭ بىر ياخشى سازەندە ۋە ناخشىچى ئىكەنلىكى بولدى. ياتاقتا ئۇ بەزىدە قىزىقچىلىق قىلىپ، ئۆزىنى سەل كەينىگە تاشلاپ، ئوڭ قولى بىلەن بېشىنىڭ كەينىنى تۇتۇۋىلىپ، كونا ‹ ئورمان ناخشىسى › غا لەرزان توۋلاپ كەتسە، گاھىدا ئۆزى ئاغزىدا پائۇزا بېرىپ مۇقام داستانلىرىنى ئېيتىپ كېتەتتى. ناخشا ئارلىقىدا ھەييارلىق بىلەن بىزگە قاراپ ‹ ھىم › قوشۇلساڭلار! › دەپ قوياتتى... دۇتتارنى زوردۇن ئاكا ياكى ئابدۇراخمان قاھار ئاكا قولىغا ئالاتتى دە، بىزنىڭ كوللىكتىپ ئېيتىدىغان  ‹ ئىلى خەلق ناخشىلىرى › مىزنى ئۈزۈلمەستىن جاراڭلاپ تۇراتتى».
دېمەك،يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاراكتىرى ، مىجەزىدىكى ناخشا – مۇزىكىغا بولغان كۈچلۈك ھەۋەس- ئىشتىياق ئۇنىڭ مول ئەدەبىي ئىجادىيتىگە يېڭى ئىلھام ، يېڭى قان بولۇپ  قېتىلغان.  
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆز ئەسەرلىرىدە ناخشا – مۇزىكا ھەققىدىكى لىرىك تەسۋىرلەر ئارقىلىق لىرىك كەيپىيات يارتىشقا بەك ماھىر. مەسىلەن،
« قىز يوتقان بىلەن پۈركىنۋىلىپ دەريا شاۋقۇنىنى ئاڭلىغاچ ئۇيقۇغا كەتمەكچى بولدى. ئۇنىڭ قۇلقىغا مۇڭلۇق تەمبۇر بىلەن ئۈزۈپ – ئۈزۈپ ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. قىزنىڭ يۈرىكى ئوينىدى.  ئۇ تولغىنىشقا باشلىدى، ئۇ بۇ تەمبۇر بىلەن ناخشا ئاۋازىنى تۈنۈگۈنلا ئېتىزدا ئىشلەۋېتىپ دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئېرىق بويىدا ئاڭلىغان. تەمبۇرچى يىگىت تەشنالىقى بىلىنىپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن ئۆزىگە تىكىلىپ قىرغاقتا ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتىقان، قىز ناخشىچىنىڭ چوغدەك تەپتى بار سۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يىراققا قېچىپ كەتكەنىدى، مانا ھازىر يەنە شۇ تەمبۇر بىلەن ناخشا...
تەمبۇر قىزىنى چىللىماقتا، ئۇنىڭ يۈرىكى باغقا قاراپ تەلپۈنمەكتە ، لېكىن نومۇس كۈچى ئۇنى يوتقان ئىچىگە مۆكتۈرمەكتە ئىدى. »  
( « سۈبھى » ناملىق پوۋسىتتىن)
« ئادەملەرنىڭ بېشى چۈشكەن ، تەبىئەت مۇڭىغا ساتارنىڭ زىل ئاۋازى، مۇقامچىنىڭ يالقۇنلۇق سۆزلىرى بىلەن كۈيى ھەمدەم بولماقتا. بۇ تەبىئەت ۋە ئىنسان مۇڭى بىرلىشىپ جاڭگال قۇشلىرنىڭ ئاۋازىنى، ئاۋرال شامىلىنىڭ پىچىرلىشىنى، بايتۇقاي يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدىشىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، كۈچلۈك سادا پەيدا قىلىپ دىلمۇك تېخى قاپتاللىرىنى كەزمەكتە.»
( «گۈلەمخان» ناملىق پوۋسىتتىن)
« چۈنكى ئۇيغۇر ناخشىسى غەملىك يىگىتلىرىنىڭ سىردىشى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانىلىق مېھرى بىلەن ساڭا تەسەللى ۋە كۈچ بىرىدۇ...»
( « ئىزدىنىش » رومانىدى)
« ... مەتيانىڭ يېقىملىق ناخشىسى ، قالۇن ، غېچەك، دولان، راۋابنىڭ ئاۋازى قۇشۇلغاندا، ئۇنىڭغا رىتىملىق ئۇرۇلغان داپ قۇشۇلغاندا چىقىدىغان تاۋۇشچۇ؟ بۇ تاۋۇش ئەمەس، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى خۇشاللىققا قۇزغىغۇچى، پۈتۈن مەيداننى تەۋرەتكۈچى كۈچ بولۇپ سىزىلمەكتە، بۇنداق كۈچنى كەنجى مۇشۇ كۈنگىچە ھېچ يەردە ، ھېچقانداق بىر مۇزىكا ئەسۋابىدىن ئاڭلاپ باققان ئەمەس.»
( « دولان ياشلىرى » ناملىق ھېكايىدىن)
« ناخشا مېنى ئۆز كۈچى بىلەن بولۇتلار ئارىسىدا ئۇچۇرۇپ، ئىلى دەرياسى بويىغا – بۇ يەردىن بەش – ئالتە مىڭ كېلومېتىر يىراقتا تۇرغان گۈزەل يېزامنىڭ باغرىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. مەن شاختىن – شاخقا سەكرەپ تەمبۇر ئاۋازىغا مەسىت بولغان بولبۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. قاتار – قاتار تېرەكلەر ئاستىدىكى ئېرىق بويىدا بۈك ئۆسكەن گۇناۋاز . بۆلجۈرگەنلەرنى كۆردۇم، ئىلى دەرياسىنىڭ جانغا ئارام سۆيىگە چۆمۈلدۇم – دە، قايتىپ كېلىپ باغ ئارىلاپ شورىلاردىن، سوڭگۇچلەردىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ياماشتىم ...
تۇتاش باغلار،پايانسىز ئېتىزلاردا مەن ناخشا ئېيتىمغان قايسى يەر قېلىۋىدىكىن؟ ... »
( «ناخشىچى» ناملىق ھېكايىدىن )
« ناخشا يۈرەكنى ئېزىدىغان مۇڭلۇق ناخشا، ئارمان ۋە ئىچىنىش تۇيغۇلىرى بىلەن پىشقان تونۇش ناخشا. كۆزلىرىم تۇمانلاشتى، بېشىم ئېغىرلاشتى، ماڭا ئۆمۈر بويى خۇشاللىق بېغىشلاشقا  ۋەدە قىلغان ئىلى ناخشىسى بۈگۈن نېمىشقا يۈرەكنى ئېزىدۇ، نېمىشقا مۇڭلاندۇرىدۇ؟ ...»
( « ناخشىچى» ناملىق ھىكايىدىن)
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە يۇقارقى ئەسەرلەردىن ئېلىنغان پارچىلارغا ئوخشاش ناخشا – مۇزىكا ھەققىدە ئىنچىكە لىرىك تەسۋىر ناھايتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئىنچىكە لىرىك تەسۋىر ئەسەرنى كۈچلۈك ھېسسىياتقا ، لىرىك كەيپىياتقا ئىگە قىلغان.
دېمەك، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ساددا دولقۇنلۇق كەيپىيات بىلەن لىرىك تۇيغۇدا ئىپادىلەنگەن پاساھەتلىك تۈس ئەنە ئاشۇ ئىنچىكە لىرىك تەسۋىرلەردىن كەلگەن.
يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ناخشا – مۇزىكىغا ھىرسمەن بولۇشتەك خاراكتىر ئۆزگىچىلىكىنى ئۆز ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىگە ئۇستىلىق بىلەن سڭىدۈرۋەتكەن. بۇ خىل خاراكتىر ئالاھىدىلىكى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن،
« ... بىلەمسەن ، مېنىڭ بايلىقىممۇ، خوشاللىقىممۇ ناخشا بىلەن ئۇسسۇل ، ناخشىسىز ، ئۇسۇلسىز ئۆتكەن كۈنۈم سىرتماقتا تۇرغاندەك ئازابلىق! » دەپ  ياڭراق خىتاب قىلالغان « دولان ياشلىرى » ناملىق ھېكايىدىكى پالتاخۇن ، « ھورلىقا بار يەردە مەن مەڭدەپ قېلىپ ناخشا ئېيتالمايتتىم، ‹ ئامان بولسۇن ، ئامان بولسۇن، ئەي ... › دېگەن مىسرانى ئېيتىپ بولغىچە بەدىنىم قوغۇشۇندەك ئېرىپ كېتەتتى... » دەپ ئېغىر خۇرسىنغان « ساداقەت » ھېكايسىدىكى ۋىسالسىز ئاشىق يارى ؛ « ناخشىچى » ناملىق ھېكايدىكى دۇتار چىلىپ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىدىغان نەبى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى جانى، « تۇتاش باغلار، پايانسىز ئېتىزلاردا مەن ناخشا ئېيتىمىغان قايسى يەر قېلۋىدىكىن؟ ... » دەپ چوڭقۇر خىيالغا غەرق بولغان ناخشىخۇمار ئابدۇل ؛ « سۈبھى » پوۋىسىتتىكى قىرى ئۈجمىگە يۆلىنىپ، تەمبۇرنىڭ بېشىنى تىزلىرى بىلەن چىڭ قىسىپ، ئاسماندىكى ئايغا قاراپ تەمبۇر چېلىپ ، مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىدىغان ئەسئەت؛ « گۈلەمخان » پوۋېستىدىكى تارانچى قىزلىرىغا خاس مۇڭ ۋە ھېسسىيات بىلەن ناخشا ئېيتىشقا ماھىر گۈلەمخان ، كۆز يېشىغا تولغان ساتار مۇڭى بىلەن قان ۋە گۆشتەك جېپلىشىپ كەتكەن مۇقام بېيتىلىرى ئېيتىپ، زۇلۇم – زالاتكە قارشى تىغ كۆتۈرگەن ئىختىلالچىلارغا قايىتاس روھ ئاتا قىلىدىغان يۈسۈپ مۇقامچى، « جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » ناملىق ھېكايىدىكى جېمجىت كېچىدە راۋاب چېلىپ، ئوتلۇق، ھەسرەتلىك مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغان پەرھات ، « باھار ھامان ئىللىق» ناملىق پوۋېستتىكى قىيىن كۈنلەردىمۇ ناخشا بىلەن قايغۇنى ئۇنتىيالايدىغان، كۆڭۈل خۇشلىقىنىمۇ ناخشا بىلەن بايان قىلالايدىغان ئاقچى، « ئىزدىنىش» رومانىدىكى ناخشا ۋە مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئەلا، « - بىز تارانچى خەق دارغىمۇ ناخشا ئېيتىپ بارىدىغان ساراڭ خەق، سېڭىپ كەتكەن خۇيدە بۇ خوتۇن! » دەپ ئايالى رەيھاننىڭ كۆڭلىنى ياساۋاتقان « ئانا يۇرت » رومانىدىكى جاپاكەش دېھقان زىياۋۇدۇن،...قاتارلىق پېرسۇناژلار ئوبرازىغا ناخشا – مۇزىكىنى قىزغىن سۆيىدىغان ، ناخشا – مۇزىكىدىن پەقەت شاد – خۇراملىقنىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە ئازاپ- ئوقۇبەت ، دەرت- ھەسرەتلەرگە داۋا تاپىدىغان مىللىي خۇسۇسىيەت سېڭدۈرۈلگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ ناخشا – مۇزىكىغا ھېرىسمەن بولۇشتەك خاراكتىرىنى ئۆزگىچىلىكىنى ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە باشتىن – ئاخىرى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ، پىرسۇناژلار خاراكتىرىدىكى يارقىن مىللىي روھنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى ياراتقان.


                                (‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››ژورنىلى 2014-يىللىق4-سان)


1

تېما

4

دوست

8139

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2099
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 11:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈنكى:
‹‹ئىنسانلار مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ھۆرلۈككە يېتەلەيدۇ.››

             چىڭغىس ئايتماتوف
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

37

دوست

4905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 16:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئەمەس!!!
ئىنسانلار مۇزىكا ئارقېلىق ھۆرلۈككە يېتەلەيدىغان بولسا سىگانلار نىمە ئۈچۈن دىۋانىدەك ياشاپ ، ماكان تۇتالماي يۈرگەن؟

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1404
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 12:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلام ناخشا - مۇزىكىلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنىۋىي بايلىقلىرىدىن بىرى .

0

تېما

1

دوست

1203

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28894
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 14:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورسىقىڭىز ئاچقاندا ناخشا-موزىكا ئاڭلاپ بېقىڭ تويۇپ قالسا بەلكىم يېتىپمۇ قالار

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 18:08:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolanogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 18:16  

  
‹‹ئىنسانلار مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ھۆرلۈككە يېتەلەيدۇ.››     
كالىسىدا مەسلە بار ئىكەن بۇ گەپنى قىلغان ئادەمنىڭ
ياكى باشقىلارنى ئەخمەق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ
ھەرقانداق نىمنىڭ جايدا بولغىنى ياخشى ›ناخشا خۇمار ناخشىچى دەپ  قويسسا چوڭ كىچىك ئۇشاق چوڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ يۇرگەنگە قورساق تۇيامدۇ ،ھازىرقى پەن ـتېخنىكا تەرققى قىلىۋاتقان ھەممە بىلىمگە ئىنىتلۋاتقان ۋە ئىزدىنۋاتقان ۋاقىتتا كىم قۇيۇپتۇ بىزگە بىز دىگەن ناخشىچى مىللەت ئۇسۇلچى مىللەت دەپ بۇ باشقىلارنى خوش قىلىپ كوڭلىنى  ئېچىشنى كەسىپ قىلىشنى .بۇ ناخشا ئۇسۇلچىلىق دىگەن باشقىلارنىڭ كوڭۇلنى خوش قىلمەن دەپلا يۇردىغان ئىش ئىكەنغۇ،بۇ جمى تەشۋىقات ۋاستىلردا بىزنى ناخشىچى ئۇسۇلچى دەپلا يۇرىيدىكەنغۇ ،ئېتىزلاردا قىش ياز ئىشلاۋاتقا دىھقانلارنىمۇ ھوسۇلنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپلا ئالدىغاندەك ،بىز كەلگۇسىگە مۇشۇنداق ناخشا ئۇسۇل بىلەن يۇرۇش قىلىپ كەلگۇسىدە سىگانلاردەك كۇنگە قالامدۇق ؟
ناخشا ئۇسۇل دىگەنگە بۇنچىۋالا كۇچەپ كەتمەي بىلىم تېخنىكا ئوگۇنۇپ مۇشۇ ساھەدە نەتىنجە ياراتساقمۇ دۇنياغا تۇنۇلىمىز قېرنداشلار  .ئويلاپ باقايلى  قايسى تەرققى قىلغان ئەل خەلىقلىرى ناخشا ئۇسۇل بىلەن تەرققى قىلىپ بۇگۇنكى مۇشۇ پۇرسەتكە ئېرىشىپتىكەن ،ئويلىنىپ ئىش قىلايلى


0

تېما

0

دوست

2270

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10786
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 21:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلا ناخشا مۇزىكا ئارقىلىق ھۆرلۈكنى ھىس قىلالايدۇ دىسە ئازراق يېقىنلىشىدىغاندەك قىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

2270

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10786
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 21:10:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر بىر ئۇلۇق يازغۇچى ئىدى،ئۇيغۇر جەمىيىتى ھايات ۋاختىدا قەدرىنى قىلمىغان بىلەن  1000 يىلدىن كېيىن ئاندىن سېغىنىدۇ بۇ زاتنى .بەزىلەر قىلتاق قۇرۇپ  زىيانكەشلىك قىلماقچىمۇ بۇلۇشقانتى  تېخى بۇ زاتقا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )