- تىزىملاتقان
- 2014-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 153
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
51%
|
ئامۋاي(Amway安利)نىڭ ئالدامچىلىقى تۇغرىسىدا
ئامۋاي جۇڭگوغا كىرگىلى 20 يىلغا يېقىن بوپتۇ. خەنزۇ يولداشلار ئامۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ سودىسىنى قىلىش تۇغرىسىدا خېلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ، بۇرنىغا سۇ كىرگەنلەرمۇ كۆپ بولۇپ، ئىبرەت ئېلىپ ، شۇندىن كېيىن ئالدىنىشتىن ساقلىنىدىغانلار كۆپ ئوخشايدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئامۋاي قىزغىنلىقى ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى باردەكمۇ قىلىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پۇلدار كىشىلەر ئاز ، بولۇپمۇ يېزا-بازارلاردا ئولتۇراقلاشقان كۆپ نىسبەتتىكى كىشىلەر تېخىمۇ نامرات. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ھازىر ئامۋاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىش ۋە سودىسىنى قىلىش بىلەن قىزىپ كەتكەنلەر خېلى باردەكمۇ قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نىمىشقا ئامۋاي تۇغرىلۇق قىزىپ كەتكەن؟ دىسە، گەپنى ئامۋايچىلارنىڭ كاللا يۇيۇشىدىن باشلاپ گەپ قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئامۋايچىلار ئۆزىنىڭ تۇنۇش-بىلىشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن باشلاپ، ئۇلارغا ئامۋاي مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىدىكەن. تەشۋىق قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى: ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان تازىلىق قۇيۇقلۇقى، چىش پاستىسى، ۋىتامىن، قازان، سۇ سۇزگۈچى، ھاۋا تەڭشىگۈچى دىگەندەك مەھسۇلاتلار ئىكەن.
بۇ نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلغاندا (كاللا يۇيماقچى بولغاندا)، ئۇلار مۇشۇ مەھسۇلاتلارنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىدىكەن. بۇ نەرسىلەرنىڭ شۇ تۈردىكى باشقا نەرسىلەرگە سېلىشتۇرۇاندا قانداق ئاتۇقچىلىقى بارلىقىنى سۆزلەيدىكەن. ساغلاملىق يىمەكلىكى دىگەن نەرسىسىنى تونۇشتۇرغاندا، ئۆلۈپ قالغان ئادەمنى تىرىلدۈرۈشتىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلالايدىغاندەكلا تونۇشتۇرىدىكەن.
ئامۋاينىڭ بىر قۇتا تازىلاش قۇيۇقلۇق(洗洁精)ى، ئادەتتىكى شۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ 20 ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ دەيدىكەن.
چۈنكى باھا مەسىلىسى مۇھىم مەسىلە بولۇپ خېرىدارنى قايىل قىلىشتا شۇ تۇغرىلۇق چۈشەندۈرۈش بەرمىسە بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ بىر قۇتىسى 47 يۈەن تۇرسا؟ شۇنىڭ بىلەن كاللا يۇيۇش نەق مەيدانىدا سىناپ كۆرسىتىدىكەن. جەريانى مۇنداقكەن: ئىككى قۇشۇققا ئوخشاش ماينى قۇيۇپ، بىرىگە ئادەتتىكى تازىلاش قۇيۇقلۇقىقى ئازراق تىمىتىدىكەن، يەنە بىرىگە سۇ قۇشۇپ تەڭشىۋالان ئامۋاينىڭ تازىلاش قۇيۇقلۇقىنى تىمىتىدىكەن، ئاندىن ئىككى قۇشۇقتىكى ماينى ئېرىتىپ يۇيۇش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرىدىكەن. نەتىجىدە، ئامۋاينىڭ قۇيۇقلۇقى تىمىتىلغان قۇشۇقنى سۇ قاچىلانغان ئىشتاكانغا تىقسا پاكىز بولۇپ چىقىدىكەن، يەنە بىر قۇشۇقنى يەنە بىر ئىشتاكانغا تىقسا بىر قېتىمدا قۇشۇق پاكىز بولۇپ چىقمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئامۋاينىڭ مەھسۇلاتى ھەقىقەتەن ئىلغاركەن، بىر قۇتىسى 20 قۇتىغا تەڭ كەلسە باھاغا سۇندۇرسا 2يۈەندىن كۆپرەكلا بولۇپ بەك ئەرزانكەن دىگەن يەكۈننى چىقىرىدىكەن. كاللىنى مۇشۇنداق يۇيىدىكەن، قايىل بولىدىكەنسىز.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويدىكەن بىر مەسىلە شۇكى، يۇقۇرىدىكى سىناقنى قىلغاندا كۆپچىلىك دىققەت قىلمىغان بىر مەسىلە بار. يەنى ئامۋاينىڭكىگە سۇ قۇشۇپ تەڭشىۋالغان، لېكىن، يەنە بىرىگە سۇ قۇشمىغان. بىۋاستە قۇسۇققا تۆكىدۇ، سۇ قۇشماي ماينى يۇماقچى بولىدۇ. مەسىلە مانا مۇشۇ يەردە. بىز ئۆيدە قازان-قاچىلارنى يۇيماقچى بولغاندا تازىلاش سۇيۇقلىقىنى ئازراق تۆككەندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يۇيىمىز، شۇنداق قىلىپ ماي يۇقىنى پاكىز چىقىرىمىز.
ئامۋاينىڭ مەھسۇلاتلىرى ساختىمۇ؟ دىگەندە، ئالدامچىلىق مەھسۇلاتنىڭ ساختىلىقى بىلەن قىلىنمىغان. يەنى مەھسۇلاتلىرى جىڭ بولۇش ئېھتىامللىقى يۇقۇرى. ھازىرقى ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپلىكىدىن بىزار بولۇپ كەتكەن مۇشۇنداق مۇھىتتا، ئامۋاي مالنى ساختا قىلماي، بەلكى باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆرلىتىش بىلەن ئالدامچىلىق قىلغان.
مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى راست بولسا، ئۇنىڭ باھاسى نەچچىلىك بولسا بولىدۇ؟ دەيدىغان سۇئالغا جاۋاپ بېرىش كېرەك. ئەھۋالدىن قارىغاندا، سۈپىتى ئاۋاينىڭكىگە ئوخشاش بولغان مەھسۇلات 10 يۈەن بولسا، شۇ خىل مەھسۇلاتنى ئامۋاي 100-200 يۈەنگە ساتىدىغاندەك قىلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىك نەرسىگە ئىنتىلىدىغان پىسخىكىسىدىن پايدىلانغان.
ئامۋايچىلار مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇش، سېتىشتىكى ئاساسلىق نىشانى شۇنى سېتىپ پايدا ئېلىش بولماستىن، قول ئاستىغا ئەزا قۇبۇل قىلىپ، شاخلىتىشنى نىشان قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قول ئاستىغا شاخلانغانلارنىڭ سودىسىنىڭ مەلۇم پىرسەنتى مۇشۇ كاللا يۇيۇپ ئەزا قۇبۇل قىلىپ شاخلاتقۇچىغا يېتىپ تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ پىرامىدا شەكلىدىكى بىۋاستە سېتىش نامىدىكى شاخلىتىپ سېتىش تورىدا، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بېيىپ كېتىدىكەن(ئەزا قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن دەرس ئۆتۈپ كاللا يۇيغاندا ئۆزىنىڭ بېيىپ كەتكەنلىكىنى، ھەم ناھايىتى بېيىپ كەتكەنلەرنى مىسالغا ئېلىپ قىزىقتۇرىدىكەن). مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئامۋاينىڭ ئەشۇ مەھسۇلاتلىرىنى يۇقۇرى باھادا ئىستىمال قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. نامراتلىشىپ كەتكەندە،« تىرىشمىغان» دىگەن يەكۈن بىلەنلا يەكۈنلەيدىكەن.
ئامۋاي شىركىتى شەكىل جەھەتتە سېتىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ قويىدىكەن. چۈنكى شاخلىتىپ سېتىشنى ھۆكۈمەت چەكلىگەن. شۇڭا، ئامۋاي تەسىس قىلىپ قويغان مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى ئەمەلىيەتتە، بىۋاستە ساتقۇچى شاخلىتىپ ساتقۇچىلار ئۈچۈن مال ساقلايدىغان ئىسكىلاتنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان ئوخشايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئامۋايچىلارنىڭ ئالدامچىلىقى نەدە بولدى؟ دىگەندە، ئەسلى تەننەرقى 100 يۈەنلىك نەرسىنى نەچچە مىڭ يۈەنگە ئالداپ سېتىشتا بولدى. يەنە، شاخلىتىپ سېتىشتىن ئىبارەت ھارام ۋاستىنى قوللىنىپ كىشىلەرنى ئازدۇرۇشىدا بولدى.
خەنزۇچە توردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئىزدىسە، بۇ تۇغرىلۇق يازمىلار خېلىلا كۆپكەن:
248تەننەرقى يۈەنلىك قازاننى 6800 يۈەنگە؛
1000 يۈەن ئەتراپىدا باھاسى مۇۋاپىق بولىدىغان سۇ تازلىغۇچىنى 6800 يۈەنگە؛
10 يۈەن ئەتارپىدىكى ۋىتامىننى 200 نەچچە يۈەنگە ساتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇپرىقى بولغانمىغان يەردە ئۆستۈرگەن ئۆسۈملۈك دىگەنلىرىمۇ جۇڭگۇدا ئىشلىنىدىغان بولۇپ، (石药集团)دىگەن زاۋۇت ئىشلەپ بېرىدىكەن. ئامۋاينىڭ ماركىسىنى چاپلاپ 300 يۈەنگە، باشقا ماركىنى چاپلاپ 10 يۈەنگە ساتىدىغان ئوخشايدۇ. توردا مانا مۇشۇنداق ئۇچۇرلار باركەن.
شۇنىڭدەك ھەممە مەھسۇلاتلىرى تەننەرقىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى باھادا سېتىلىدىكەن.
تۆۋەنكى ئۇلارنمىلاردىن خەنزۇچە بىلىدىغان تورداشلار كۆرۈپ پىكىر قىلىپ باقساڭلار:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60dad13f0100woux.html
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60dad13f0100wovh.html
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60dad13f0100wovj.html
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60dad13f0100wovp.html
http://tieba.baidu.com/p/663445820
http://www.110.com/ziliao/article-117422.html
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4952fcad0100frfh.html
شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىزدىسەك، ئامۋاي تۇغرىسىدىكى پەتىۋادا ئامۋاينىڭ شۇ خىل تىجارىتىنى قىلىش ھارام دىيىلگەنكەن.
ئۇيغۇرلار نامرات بولغىنىغا قارىماي، ئامۋايدەك شىركەتنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر پەرىق ئېتەلمەيدىغان مۇرەككەپ ئالدامچىلىقىنىڭ كۈچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇللىرى يەھۇدىغا يېتىپ بارامدۇ قانداق؟ |
مۇقىملاشتۇرۇش |
|