قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12190|ئىنكاس: 128

تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى چۈشىنەمسىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 18:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى چۈشىنەمسىز؟

(باھادىر يىگىت)



تۈركىيە جۇمھۇرىيتى غەربى ئاسىياغا جايلاشقان بۇلۇپ زىمىنى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاغا سۇزۇلغان ئاسيا ۋە ياۋرۇپانىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان دۆلەت.زىمىنى غەربىي ئاسىيا،ئاناتولىيە يېرىم ئارىلى ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالى قارا دېڭىز بىلەن ،جەنۇبى ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن،شەرقى سۈرىيە ئىراق گىروزىيە ئەزەربەيجان ئىران ئەرمىنىيە بىلەن ،غەربى ئېگىي دېڭىزى ،گىرىتسىيە ۋە بولغارىيە بىلەن چىگرىلىنىدۇ. پايتەختى بولسا ئاناتولىيە ئىگىزلىكىنىڭ نەق ئوتتۇرىغا جايلاشقان ئەنقەرە شەھرى.ئۇمۇمى كۆلىمى 783600كىۋادىرات كىلومىتىر بۇلۇپ دېڭىز چىگىرىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 7200كىلومىتىر قۇرۇقلۇق چىگرا لىنيىسى 2648كىلومىتىر كېلىدۇ.دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ 98پىرسەنتى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ.لىكىن قانۇندا ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋىتىلگەن.كۆپ قېتىم ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ لىكىن ياۋرۇپا شىمالى سىپرۇس ۋە ئەرمىنىيە ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ رەت قىلىپ كەلمەكتە.تۈركىيە 2009-يىلى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىى بولغان.1952-يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشقان. تۈركىيەنىڭ ئىقلىمى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە بۇلۇپ جەنۇبى ۋە غەربى قىسمى يازدا قۇرۇق ئىسسىق قىشتا كۆپ يامغۇرلۇق ،قارا دېڭىزبويلىرىنىڭ ھاۋاسى نەم سالقىن ،ئىچكى قۇرۇقلۇق رايۇنلىرىدا يازدا ئىسسىق قىشتا سۇغاق ھاۋارايى كۈرۈلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ بايرىقى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بۇلۇپ قىزىل رەڭ قانغا ۋە غەلبىگە،ئاي ۋە يۇلتۇز قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ يۇرۇقلۇققا چىققانغا شۇنداقلا تۈركىيە خەلقىنىڭ ئېتقادىغا ۋەكىللىق قىلىدۇ
دۆلەت شېئىرى مۇستەققىللىق مارشى بۇلۇپ مۇھەممەد ھاجىپ ئارسويى يازغان.
دۆلەت گۈلى كۈركۈم گۈلى.

    1.   تۈركىيەنىڭ تارىخى

ھازىرقى تۈركىيەلىكلەر ئۇغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى بۇلۇپ  1071-يىلى شەرقى رىم ئىمپىرىيسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلبە قىلغاندىن كىيىن غەربى ئاسىياغا كىرىشكە باشلىغان.شۇنىڭدىن كىيىن تۈرك تىلى ۋە ئىسلام دىنى بۇ رايۇنلاردا تەدرىجى ھالدا گىرىك تىلى ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ ئورنىنى ئالغان.1299-يىلىغا كەلگەندە بۇ رايۇنلاردا تۈركلەرنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ سالجۇق قەبىلىسنىڭ باشلىقى ئوسمان بىرنىڭ رەھبەرلىكىدە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى قۇرۇلغان. 1354-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى قۇشۇنلىرى داۋاملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىپ خېللىپۇنت دېڭىز بۇغىزىدىن ئۈتۈپ بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايۇنلارنى ئېگەللىگەن.1402-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىىكى ئەنقەرە ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئاجىزلىشىشقا باشلىغان.لىكىن خانلىق ھۇقۇق تالىشىش كۆرىشىدە تەختكە چىققان مۇھەممەدخاندىن كىين قايتىدىن كۈچىيىپ 1453-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇھەممەد ئىككىنچىنىڭ باشچىلىقىدا شەرقى رىم ئىمپىرىيسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپولغا ھۇجۇم قوزغاپ  شەرقى رىم ئىمپىرىيسىنى يوقاتقان.  شۇنىڭ بىلەن پايتەختىنى كونىستانتىنوپولغا يۆتكەپ نامىنى ئىستامبول دەپ ئۆزگەرتكەن.سۇلتان سۇلايمان بىرىنچى زامانىغا كەلگەندە ئېمپىرىيە ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرىگە كىرىپ زىمىنى ياۋرۇپا ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا سۇزۇلغان چوڭ ئىمپىرىيگە ئايلانغان. كۈچلۈك ئوتتۇرا ۋە قىزىل دېڭىز ئارمىيسىنى قۇرۇپ چىققان. 19-ئەسىردىن باشلاپ ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. بۇ دەۋردە ياۋرۇپا ھون ئىمرىپىيسى ۋە چاراوسسىيە ئىمپىرىيسى گۈللىنىپ ئوتتۇرا شەرقتە ئوسمانلار بىلەن ھۇقۇق تەسىر تالاشقان.1914-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر قاتارىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان.1919-يىلى مۇستاپا كامال تۈركىيە مۇستەققىللىق ئۇرۇشىنى  قوزغاپ  بىرىنچى دۇنيائۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن قولدىن كەتكەن بالقان يېرىم ئارىلىدكى بىرقىسىم زىمىنىنى قايتۇرىۋالغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇلتانلق تۈزۈمنى بىكار قىلپ ئاخىرقى ئوسمانىيلار سۇلتانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1923-يىلى 10-ئاينى 29-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان. كامال تۈرك تۇنجى زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان جۇمھۇرىيەت خەلىق پارتىيسى تاكى 1950-يىلغىچە ھاكىمىيەت باشقۇرغان.2002-يىلى ئوتتۇرا ئوڭ قانات بولغان مۆتىدىل ئىسلام پارتىيسى ئادالەت ۋە تەرەققيات پارتىيسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئەردوغان زۇڭلى بولغان.2014-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى ئۇمۇمى خەلىق ئاۋازغا قۇيۇپ سايلاپ چىققان تۇنجى زۇڭتۇڭ بارلىققا كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن ئەردوغان سىياسى سەھنىدە ئاز ئۇچرايدىغان خەلىق سايلاپ چىققان زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭلى بۇلۇپ قالغان.

    2. نۇپۇسى ۋە مىللەتلەر

2011-يىلى 7-ئايدىكى سىتاستىكىدا تۈركىيە نۇپۇسى  78مىلىيۇن 785مىڭ 548 بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە تۈركلىرى 80پىرسەنتىن يۇقىرى نىسپەتنى ، كوردلار  15پىرسەنتى ئىگەللەيدۇ.قالغانلار ئازسانلىق مىللەتلەر بۇلۇپ ،ئەرەبلەر،ئۇيغۇرلار،لازلار،خەمشىنلار،ئەرمەنلەرۋە ئاسسۇرىيىلىكلەردۇر.كوردلار تۈركلەردىن قالسىلا سانىئ ئەڭ كۆپ بۇلۇپ 14مىلىيۇندىن ئاشىدۇ.كۆپ قىسمى ئاساسلىق شەرقى ۋە شەرقى جەنۇبى رايۇنلاردا ياشايدۇ.ئۇيغۇرلار 300مىڭدىن ئاشىدۇ. لازلار 250مىڭدىن ئاشىدۇ.خەمشىنلەر 500مىڭدىن ئاشىدۇ.ئەرمەنلەر 80مىڭدىن ئاشىدۇ.ئاسسۇرىيىلىكلەر بولسا نەچچە تۈمەنگە يەتمەيدىغان خرىستىيانلار بۇلۇپ تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىدا ياشايدۇ. تۈرك تىلى دۆلەت تىلى بۇلۇپ 86پىرسنەتىن كۆپرەك ئادەم ئىشلىتىدۇ.تۈركىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇسۇلمان بۇلۇپ ئىستامبول،ئىزمىرۋە ئەنقەرەدە ئاز ساندىكى خرىستىيانلار ۋەيەھۇدى دىنىدىكىلەر بار.تۈركىيەنىڭ نۇپۇسىدا تۇغۇلۇش نىسپىتى ئۈلۈش نىسپىتىدىن يۇقىرى بۇلۇپ 50ياشتىن تۆۋەنلەر ئاساسلىق ساننى ئىگەللەيدۇ.

3.بايراملىرى :
                     يېڭى يىل بايرىمى - مىلادىيە 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
                    دۆلەت ئىگىلىك ھۇقۇقى ۋە بالىلار بايرىمى - مىلادىيە 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
                    ئاتا تۈرك خاتىرە كۈنى،ياشلار بايرىمى ۋە تەنتەربىيە بايرىمى : مىلادىيە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
                    زەپەر كۈنى: مىلادىيە 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
                    دۆلەت بايرىمى: مىلادىيە 10-ئاينىڭ 29-كۈنى
                    روزى ھېيت : ھىجىرىيە كالىندارى بۇيىچە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
                    قۇربان ھېيت : ھىجىرىيە كالىندارى بۇيىچە 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
                  
4. سىياسىي تۈزۈلمىسى :

جۇمھۇرىيەت تۈزىمى بۇلۇپ ،كۆپ پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ.پارلامىت ئارقىلىق دۆلەت باشلىقى يەنى زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقىلىدۇ.زۇڭتۇڭ بولسا سىموۋۇل خاراكتىرلىك دۆلەت باشلىقى بۇلۇپ زۇڭلى ھەقىقى مەنىدىكى دۆلەت باشلىقى ھېساپلىنىدۇ.لىكىن ئەردوغان ھاكىميەت يۈرگۈزگەندىن كىيىن ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ھەربى قىسىمنىڭ ھۇقۇقىنىى چەكلەپ ،زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقىنى كۆتۈرۈپ ۋە خەلىق سايلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ 2014-يىلى تۇنجى خەلىق سايلىغان زۇڭتۇڭ بۇلۇپ ھۇقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن. بۇنىڭدىن كىين تۈركىيەدە زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن.

5. مائارىپ :

تۈركىيەدە 6-14ياشقىچە مەجبۇرى مائارىپ يولغا قۇيۇلغان.مائارىپ تۈزۈلمىسدە 2005-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ياۋرۇپا ئۆلچىمىنى قوللانغان بۇلۇپ باشلانغۇچ 8يىل ،ئوتتۇر ا مەكتەپ 4يىل ،ئوتتۇرا تېخنىكۇم 2~3يىلغىچە،ئالى مەكتەپ 4~6يىلغىچە قىلىپ بېكىتىلگەن. باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىغا كىرىدۇ.مەملىكەت بۇيىچە 57827مەكتەپ، 19مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچى  ۋە 730مىڭ ئۇقۇتقۇچى بار.مەمىلىكەت بۇيىچە 116ئالى مەكتەپ بار بۇلۇپ ئەنقەرە ئونۋىرسىتىتى ،ئىستانبول ئونۋېرسىتىدەك مەشھۇر ئالى مەكتەپلەر بار.تۈركىيەنىڭ پەن تەتقىقات مەركىزى ئاساسى پەن تېخنىكا تەتقىقاتىغا مەركەزلەشكەن بۇلۇپ ئاساسلىق دېھقانچىلىق ،ئورمانچىلىق ،تىبابەت،بىئولوگىيە تېخنىكىسى،مىتاللورگىيە،يادرو تېخنىكىسى ،ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە دۆلەت مۇداپىيەسىگە مەركەزلەشكەن.
تۈر كىيەدە ھەركۈنى 400خىلدىن ئارتۇق گېزىت ۋە 500خىلدىن ئارتۇق ژورنال نەشىر قىلىنىدۇ.ئەركىنلىك گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ كۈندىلىك تارقىتىلىش مىقدارى 600مىڭدن ئاشىدۇ. تۈركىيە رادىئو تېلىۋىزىيە تەشكىلاتى 1946-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ دۇنياغا 16خىل تىلدا تارقىتىش بېرىدۇ.مەملىكەت بۇيىچە 71تېلىۋىزىيە ئىستانسى ۋە 454شەخسى رادىئو ئىستانسىللىرى بار.

6.ئىقتىسادى:

1980-يىلدىن باشلاپ تۈركىيە ئەركىن بازار تۈزلمىسىنى يولغا قۇيۇپ كارخانىلارنى خۇسۇسلاشتۇرۇشنى تىزلەتكەن.بۇرۇنقى دۆلەت ئىقتىسادنى بەلگىلەيدىغان ئۇسۇلنىڭ ئورنىغا ئىتىساد ۋە بازارنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى دەسسەتكەن.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن شەخسى كارخانىلار شەكىللەنگەن.ئىقتىساد شەخىسلەرنىڭ قۇلىغا قاراپ ئېقىشقا باشلىغان.ھازىر ئىقتىسادى تىز راۋاجلىنىپ دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارغا ۋە 16-ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى.
تۈركىيەنىڭ كان بايلىقى ناھايى مول بۇلۇپ 2تىرلىيۇن ئامرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى كان بايلىقى بار. بۇنىڭ ئىچىدە مەرمەر تاش ۋە تەبىئى تاش مىقدارى پۈتكۈل دۇنيا زاپىسىنىڭ 40پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ.تورىي مىقدارى دۇنيا زاپىسىنىڭ 22پىرسەنىنى ئىگەللەيدۇ.
تۈركىيەنىڭ سانائەت ئاساسى پۇختا بۇلۇپ ،يىمەكلىك سانائىتى،تۇقۇمىچىلىق،ماشىنسازلىق،رەڭلىك مىتال،پولات تۈمۈر،نىفىت،قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى،ياغاچ ماتىرىياللىرى،ئىلىكتىرۇن سانائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.Bekoۋە Vestel بولسا تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە ئىلىكتىرى سايمنلىرى ۋە ئىلىكتىر زاپچاسلىرىنى ياسايدىغان كارخانىسى ۋە داڭلىق ماركىسى. Vestel ئىلىكتىرۇن شىركىتى بولسا ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ تېلىۋىزۇر ئىشلەپچىقىرىش كارخانسى بۇلۇپ ياۋۇرپا بازىرىنىڭ 21پىرسەنتىنى ئېگەللەيدۇ. توڭلاتقۇ ۋە كىرئالغۇ ئىشلەش كارخانىسى Beko بولسا ياۋرۇپ بازىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى كونتىرۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋۇرپا بۇيىچە 3-ئۇرۇندا تۇرىدىغان Profilo-Telra كارخانىسىمۇ بار. تۈركىيەنىڭ تېلىۋىزۇرى ياۋرۇپا بازىرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ،ئىلىكتىرۇن زاپچاسلىرى 15پىرسەنتىنى ، ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى بولسا ياۋرۇپا بازىرىنىڭ 18پىرسەنتىنى كونتىرۇل قىلغان. تۈركىيەنىڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ ناھايتى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مىلىيۇندىن ئاشىدۇ.ياۋرۇپا بۇيىچە 6-چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىردىغان دۆلەت بۇلۇپ گېرمانىيە،فىرانسىيە،ئىسپانىيە ،ئەنگىلىيە ۋە روسسىيەدىنلا كىيىن تۇرىدۇ. دۇنيا دا 15-چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ماشىنا ئۇششاق زاپچاسلىرى كارخانلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ 2008-يىلىدىكى يىللىق ئېكىسپۇرت مىقدارى 22مىلىيارد دوللاردىن ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىينىڭ كېمىسازلىق سانائىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇلۇپ 4-ئۇرۇندا تۇرىدۇ.يەنى كېمە زاكاس مىقدارى جەھەتتە ئامرىكا،ئىتالىيە ۋە كانادادىنلا كىيىن تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش كارخانلىرىمۇ ناھايتى تەرەققى قىغان بۇلۇپ  2007-يىلىدىكى دۇنيادىكى رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان 225خەلىقئارا قۇرۇلۇش كارخانىسى تىزىملىكىدە تۈركىيەدىنلا 22كارخانا تاللانغان بۇلۇپ قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش جەھەتتە دۇنيادا ئۈچىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.يەنى ئامرىكا ۋە جۇڭگودىنلا كىيىن تۇرىدۇ. تۈكىيەنىڭ تۈمۈر يول ۋە ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى مۇ تەرەققىي قىلغان.پۈتكۈل دۆلەت بۇيىچە 102ئايرۇدىرۇم بار.2008-يىلىدىكى سىتاستىكىدا  تۈمۈر يول ئۇزۇنلىقى 8697كىلومىتىر بۇلۇپ ئۈچتىن بىرى ئىلىكتىروۋۇز يۇلى.ئۇنىڭدىن باشقا 533كىلومىتىر دىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يۇلى بار. تاشيول كۆلىمىمۇ دۇنيادا 13-ئۇرۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ نىفىت ۋە تەبىئى گاز زاپىسى كۆپ ئەمەس.ئاساسلىقى ئېمپۇرتقا تايىنىدۇ. شۇڭا تۈركىيەدە 1738كىلومىتىرلىق نىفىت يەتكۈزۈش تۇبىسى ۋە 708كىلومىتىرلىق گاز يەتكۈزۈش تۇربىسى ياتقۇزۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئېراندىن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرەگە تۇتىشىدىغان 2577كىلومىتىرلىق گاز يەتكۈزۈش تۇربىسى ئىشلەپچىقىرشقا كىرىشتى.تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى ھەمرا دۆلەتلىرى بولسا ياۋۇرپا ئىتتىپاقى،ئامرىكا،روسسىيە ۋە ياپۇنىيە بۇلۇپ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېكىسپورت ۋە ئېمپورت مىقدارى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئېگەللەيدۇ.
يېزا ئىگىلىك جەھەتتە تۈركىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەيتۇن مېيى،ئورمان ياڭىقى،شاپتۇل،ئەنجۈر،ئۈرۈك،ئانار ئىشلەپچىقىرىغان دۆلەت.تاۋۇز ۋە قۇغۇن مىقدارى دۇنيادا ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.شوخلەك،چەيزە مىقدارى دۇنيادا 3-ئۇرۇندا تۇرىدۇ.پاختا ۋە بۇغداي مىقدارى دۇنيادا 7-ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
2013-يىلى تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى 823مىلىيارد ئامرىكا دوللىرى بولغان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 11011دوللار بولغان. تاشقا سودىسى 403مىلىيارد دوللار بولغان. دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ بىرى.

7.ھەربىي كۈچى:

2014-يىللىق ئامرىكا ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدا تۈركىيە 8-ئۇرۇندا تۇرغان. تۈركيەنىڭ ئۇمۇمى ئەسكەرسانى 639مىڭ بۇلۇپ زاپاس قىسىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئارمىيە ئاساسلىق قۇرۇقلۇق،ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيسىدىن تەشكىللەنگەن. ئوسمان ئېمپىرىيسى دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان بولغاچقا زور ئۇرۇش تەجرىبىسىگەئىگە.ھازىر 4200دىن ئارتۇق تانكا ،200گە يېقىن ھەرخىل ھەربىي پاراخۇت،500دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايرۇپىلانى بار. ئەردوغان تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ھەربىي سېلىنمىنى كۆپەيتىپ دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش شۇئارىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ يىللىق سېلىنمىنى كۆپەيتكەن.شۇنىڭ بىلەن «ئەنقا »ناملىق ئۆزى ئىشلىگەن ئايرۇپىلانى،«ئالتاي »ماركىلىق تانكىسى ۋە باشقا پاراخۇتلىرى بارلىقق اكىلشكەباشلىغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھەربىي ئەسلىھەلەردە چەتكە تاينىشتىن تەجرىجى قۇتۇلش يۇلىغا قاراپ ماڭغان.ئۇندىن باشقا تۈركىيە شىمالى ئاتلانتك ئەھدى تەشكىلاتىدا ئامرىكىدىنلا قالسا دائىملىق تۇرىدىغان ئەسكەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېساپلىنىدۇ.ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيەدىن قالسىلا ئەڭ كۈچلۈك ھەبى كۈچ ھېساپلىنىدۇ.  

8.مەمۇرىي رايۇنلىرى:

تۈركىيەدە 81ئۆلكە بار.مەمۇرى رايۇنلار دەرىجىسى بولسا ئۆلكە،ناھىيە،يېزا،كەنت  بۇلۇپ مەملىكەت بۇيىچە 34رايۇن،81ئۆلكە،600گە يېقىن ناھىيە،36مىڭ يېزا كەنت بار.مۇھىم شەھەر لىرىدىن  ئىستانبول،ئەنقەرە،ئىزمىر،بۇرسا،ئادانا،كونيىا،ئانتاليا،قەيسەرى،سامسۇن،ئەدىرنە قاتارلىقلار بار.

9.پۇلى:

يېڭى تۈركىيە لىراسى ئىشلىتىدۇ. 1لىرا،2لىرا،5لىرا،10لىرا،20لىرا،50لىرا ۋە100لىرا دەپ ئايرىلىدۇ.تۈركىيە يېڭى لىراسىنىڭ يۈزىگە ئاتا تۈرك يەنى دۆلەت ئاتىسى  كامال تۈركنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.ھازىر بىر تۈركىيە يېڭى لىراسى 2.7يۈەن خەلىق پۇلىغا تەڭ.

10.ساياھەت ئۇرۇنلىرى:

تۈركىيە ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولغاچقا كۆپخىل مەدەنىيەت مۇجەسسەملەشكەن مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگەن. تىرويا ،ئېففىس قەدىمكى شەھەر خارابىسى،ئىستانبول،ئانتولىيە ۋە ئىزمىرقاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر شەھەرلىرى بار. ئېففىستا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل رىم قەدىمىي شەھەر خارابىسى ساقلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا 600يىل  جاھان سورىغان ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسىنىڭ خان ئوردىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى ،خالىكارناسسوس مەقبەرىسى بار.يەنە ئىسلام دىنىغا ئائىت مۇزىيخانىلار بار. ئۆزگىچە يىمەكلىك ساياھىتى،دېڭىز ساياھىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقاتۈركىيەد 9چوڭ دۇنيا مىراسلىرى يادىكارلىقلىرى بار. يمەكلىكلەردىن تۇنۇر كاۋاپنىڭ نامى چوڭ.ۋاقىت جەھەتتە دۆلتىمىزدىن 5سائەت پەرق قىلىدۇ.
تۈركىيەگە ئائىت ماتىرىياللارنى رەتلەپ چىقىپ تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇندۇم. تۈركىيە كىنولىرىنى مودا بۇلۋاتقا بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنى تازا چۈ شىنىپ كەتمەيدىغان تورداشلارغا ساياھەت يېتەكچىسى بولسۇن ئۈچۈن يوللىدىم.

0

تېما

0

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31239
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 12:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە تۈركىيە توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلىىملەرنى بىلۋلدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 13:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!

5

تېما

11

دوست

3875

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1222
توردىكى ۋاقتى: 483
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 13:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت،كۆپ ئۇچۇرغا ئېگە بولدۇم

56

تېما

4

دوست

9920

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 2092
توردىكى ۋاقتى: 2157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 14:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolf-man تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 14:11  

98پىرسەنتى مۇسۇلمانمىش ، مىنىڭچە 30 پىرسەنىت مۇسۇلمان بار دىيىش سەل مۇۋاپىق  .كىنۇ تىلۋىزىيەلىردىنمۇ ئانچە مۇنچە كۈرۋاتىمىز  ،كۈپنىچە ئەرلىرى خۇتۇن قىزلىرىنى كۈنلىمەيدىغان  ،خۇتۇنلىرى  ئاغزىدا اللەنى چۈشۈرمەيدىغان ، قىلغان قىلىقلرى -كىيىنىشلىرى ئامرىكا ياۋرۇپانىڭ كىچىلىك بازاچى خۇتۇنلىرىدىن قىلشمايدىكەن .

1

تېما

2

دوست

2455

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14467
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 16:56:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
98پىرسەنت پەقەت ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلار خالاس ، يەنى نوپۇس دەپتىرىدىكى مۇسۇلمان . ھەقىيقىسىنىڭ 30پىرسەنتمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز جىقمۇ ئۇنى  بىلىشكە ئىنسان سەزگۈلىرى ئاجىز كېلەرمىكى

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 17:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolf-man يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 14:08
98پىرسەنتى مۇسۇلمانمىش ، مىنىڭچە 30 پىرسەنىت مۇسۇلمان ب ...

  يەنە قىزلېرى يات يىگىتلەر بىلەن پاراڭلىشىپ قويسا تىرىك كۈمىۋىتىدىغان دەڭ...
  كىنولېرى يەھۇدىلار ئىشلىگەن بولغاندىكىن شۇنداق بۇلىدۇ...

44

تېما

2

دوست

7722

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1989
توردىكى ۋاقتى: 495
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 18:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ يازما ئارقىلىق تۈركىيە توغرىلىق بىزگە چۈشەنچە بەرگەن قېرىندىشىمىزغا رەخمەت.
    تېما ۋە ئىنكاسلارغا قارىتا ئازراق كۆز قارىشىمنى بىلدۈرۈپ قوياي.
    1- تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بۇلى 200 لىرا.
    2- توپقېپى سارىيىدا مەيغەمبىرىمىز (س. ئە. ۋ) نىڭ قېلىچى، ساقىلى، كىيىمى، ئايىقى... قاتارلىق ئەشيالىرى بولغاندىن باشقا، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىنكى 4 خەلىپىنىڭ قېلىچلىرى... قاتارلىق قىممىتىنى ھېساپلىغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بۇيۇملار بار. بۇلارنى تۈركلەر Kutsal Emanetler يەنى (مۇقەددەس ئامانەتلەر) دەپ ئاتايدۇ.
    3- تۈركىيە، تۈركىيەدە 98% مۇسۇلمان بار دەپ ئاتايدۇ. ئەگەر شىئەلەرنىمۇ مۇسۇلمان دەپ ھېساپلىساق 98% مۇسۇلمان بولىشى مۇمكىن. ئەمما مەن مۇسۇلمان، مەن ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمان دەيدىغانلار بىلەن قۇشۇپ ھېساپلىساق ئەڭ ئاز يۈزدە 90% مۇسۇلمان بار دېيىشكە بولىدۇ.
    تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئادەتتە بەكلا مەدىنى ياكى ىېلىلا تەربىيلەنگەن كېلىدۇ. ئاياللىرىنىڭ سىگارا چېكىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاز ئەمەس دېگىدەك دەرىجىدە. يۈزىنى ياپقان ئاياللارنىڭ ئىچىدىمۇ ياش- قېرى دېمەستىن سىگارا چەككۈچىكلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ئىستانبۇل، ئىزمىر، ئادانا، ئانتاليا، ئەنقەرە، بۇرسا قاتارلىق شەھەرلىرىدە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر كۆپ بولغاچقا ۋە بۇ شەھەرلەردە ئۇچۇق ياكى يېرىم يالىڭاچ ئىنسانلار كۆپرەك بولغاچقا، بۇ شەھەر تۈركىيە دېمىسە ئادەتتە ياۋرۇپادىن ئانچە پەرقى يوق. ئەمما ئاشۇ يېرىم يالىڭاچ ئىنسانلارمۇ مەن ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمان دەيدۇ، رۇزا تۇتىدۇ، بىزلەرگە ئوىشىمايدىغان يېرى ئاياللىرى كۆزىمىزگە ئاشۇ دەرىقىدە بولۇپ كەتسىمۇ ئىپپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەن. قىزلىغىنى يوقاتقانلار ئاساسەن دادىسى ياكى ئاكا- ئۇكىللىرى تەرىپىدىن ئىلگىرى- كېيىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنى تۈركىيەدە (تۆرە جىنايىتى) دەپ ئاتايدىكەن. شۇڭا سىرتتىن كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ياكى ساياھەتچىلەر بۇ شەھەرلەرگە قاراپلا تۈركىيە نوپۇسىنىڭ يۈزدە 98% مۇسۇلمان دېسە ئىشەنمەيدۇ. ئەسلىدە شىئەلەرنى ھېساپلىمىغاندىمۇ تۈركىيە نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئاز يۈزدە 90% مۇسۇلمان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )