نۇرى قۇياشنىڭكىدىن 10 مىليون ھەسسە كۈچلۈك بولغان نېيترون يۇلتۇزدىن بىرى بايقالدى
بىلىمخۇمار 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى
ناسا مەخسۇس قارا-ئۆڭكۈرلەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 2012-يىلى 13-ئىيۇن كۈنى بىر ئالەم تېلېسكوپىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ئىدى. بۇ تېلېسكوپنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «Nuclear spectroscopic téléscope array» بولۇپ، ئۇ قىسقارتىلىپ «NuSTAR» دەپ يېزىلىدۇ. مەن تۆۋەندە ئۇنى ئۇيغۇرچە «نيۇستار» دەپ ئاتايمەن.
يېقىندا بىر گۇرۇپپا ئالىملار نيۇستار ئارقىلىق قارا-ئۆڭكۈرلەرنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا نۇرى قۇياشنىڭ نۇرىدىن 10 مىليون ھەسسە كۈچلۈك، ئەمما چوڭلۇقى قۇياشتىن كىچىك بولغان بىر نېيترون يۇلتۇزنى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايقاش «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىندى [1]. ھەمدە دۇنيادىكى نۇرغۇن ئورۇنلار بۇ ئىش ھەققىدە ئاشۇ كۈنى مەخسۇس خەۋەر تارقاتتى.
1-رەسىم
1-رەسىم: يېڭىدىن بايقالغان پۇلسارنىڭ سىزىلغان رەسىمى [1].
نېيترون يۇلتۇزلار ئىنگلىزچە «پۇلسار» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەن ئۇنى تۆۋەندە ئۇيغۇرچە «پۇلسار» دەپ ئالىمەن [2]. پۇلسار توختىماستىن ئېكس-نۇرى رادىئاتسىيىسى تارقىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى يۇلتۇزلار بىلەن بولغان بىر پەرقى ئۇ تارقاتقان رادىئاتسىيە قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ھەممە يۆنىلىشكە تېكشى تارقالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ نۇرى تۈرمىلەردە ئىشلىتىلىدىغان، نۇرى مەلۇم بىر يۆنىلىشكە چۇشىدىغان، ھەمدە توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك چىراققا ئوخشايدۇ. ئەگەر بىز ئالەم بوشلۇقىدىكى نيۇستار غا ئوخشاش بىر تېلېسكوپ بىلەن بىر پۇلسارنىڭ نۇرىنى كۆزۈتىدىغان بولساق، ئۇنىڭ نۇرى دەۋرلىك ھالدا بىر دەم كۆرۈنۈپ، بىر دەم كۆرۈنمەيدۇ. بۇ ھادىسىنى پۇلسارنىڭ ئايلىنىش ئوقى بىلەن ئۇنىڭ ماگنېتلىق ئوقىنىڭ ئوز-ئارا توغرىلانماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ پۇلسار بىزدىن 12 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى ئىنگلىزچە «Messier 82» دەپ ئاتىلىدىغان گالاكسى (يۇلتۇزلار توپلىمى) گە جايلاشقان. ئۇنىڭ نۇرى بىزگە ھەر 1.37 سېكۇنتتا بىر قېتىم كۆرىنىدىكەن، ھەمدە بۇ پۇلسارنىڭ نۇرى ھازىرغىچە بايقالغان بارلىق پۇلسارلارنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەن [3]. بۇ گالاكسىدە ئېكس-نۇرى مەنبەسىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئىنگلىزچە «Ultraluminous X-ray sourcses, ULXs» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرغىچە بۇنداق ئېكس-نۇرى مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى «قارا-ئۆڭكۈر» دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالىملارنىڭ بۇ قېتىم بايقىشىچە «M28 X-2» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى مەنبە ئەمەلىيەتتە بىر پۇلسار ئىكەن. «M28 X-1» بىلەن«M28 X-2» دىن ئىبارەت ئىككى ئېكس-نۇرى مەنبەسى تۆۋەندىكى 2-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن.
2-رەسىم
2-رەسىم: «Messier 28» ۋە «M28» دەپ ئاتىلىدىغان، بىزدىن 12 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى گالاكسىگە جايلاشقان ئىككى ئېكس-نۇرى مەنبەسىنىڭ كۆرۈنىشى. (Image credit: NASA/JPL-Caltech/SAO. http://www.nasa.gov/press/2014/october/nasa-s-nustar-téléscope-discovers-shockingly-bright-dead-star/#.VDkNxPldU1J)
ئالىملار ھازىر مەزكۇر پۇلسارنى نيۇستار ۋە باشقا ئىككى ئالەم تېلېسكوپلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
3-رەسىم
3-رەسىم: نيۇستار ئالەم تېلېسكوپى (Image credit: NASA/JPL-Caltech. http://en.wikipedia.org/wiki/NuS ... uSTAR_illustration_(transparent_background).png)
4-رەسىم
4-رەسىم: بىر قارا-ئۆڭكۈر تارقىتىۋاتقان ئېكس-نۇرى (Image credit: NASA/JPL-Caltech. http://en.wikipedia.org/wiki/NuS ... Corona-20130227.jpg).
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Brightest Pulsar Ever Discovered Is 10 Million Times More Luminous Than Our Sun
<http://www.iflscience.com/space/ ... uminous-our-sun>
[2] Pulsar
<http://imagine.gsfc.nasa.gov/doc ... l2/pulsars.html>
[3] NASA finds 'Mighty Mouse' pulsar brighter than 10 million suns
http://www.cnet.com/news/nasa-fi ... an-10-million-suns/
[4] <http://www.nasa.gov/nustar>
[5] ناسا يېڭى «قارا ئۆڭكۈر» دىن 10 نى تاپتى
http://bbs.misranim.com/thread-110960-1-1.html
|