بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-11 22:32
ئاتا تۇرمۇشۇمىزدا پارلىغان بەخىت قۇياشى
يۈسۈپ نەمەنشاھ
ئاتا دۇنيادا تېپىلماس بىر ئىنسان ،نەسىھىتى تاغلارنى ياشنىتار،قارغۇغا يورۇقلۇق، نادانغا ئەقىل ،قىشقا ئىللىقلىق بېغىشلار،پەرزەنتكە سايىسى ،ئائىلىگە بەركىتى يېتەر! گېزى كەلسە ياۋغا جېنىنى ئاتار،ۋەتەن ئابىدىسىگە شېئىر بولۇپ پۇتىلەر، ئەۋلاتلار ئۇنى ناخشا قىلىپ ئېيتار.دىيانەتلىك ئاتىلار بىزنىڭ پەخرىمىز مىللەتنىڭ تۈۋرىكى !مەن ئاتىلارنى شۇنداق ئويلايمەن ،مېنىڭ ئاتاممۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن.ئاتىلارغا ھەممە ھۆرمەتلەر ياغدۇرسۇن! ئادەملەر لىقلا قۇتلۇق كۈن سورۇنىدا بىر ئوغۇل تەپ تارتمايلا بالىسىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، دادىسىنىڭ مىڭە يىگىلەش بولۇپ قالغانلىغىنى ھەدىسىلا لەھەت، قەۋرىستانلىق توغۇرسىدا ئەپسانە گەپلەرنى قىلىپ جىدەل قىلىدىغىنىنى،بەزىدە بىلىپ بىلمەي تەرىتىنى تۇتالمايدىغىنى...... ئەتراپتىكىلەر ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.«كاساپەت!» دەۋەتتىم ئىچىمدە .مەن ئۇنىڭغا بىرقانچە قارار قارىغانلىرىمغا پىسەنتمۇ قىلمىدى،ئەسلىمۇ بۇنداق قۇتلۇق سورۇندا گەپ قىلىش چەكلىنەتتى .مەن ئاخىرى تۆۋەن ئاۋازدا پاراڭ قىلماسلىقنى ئىما قىلسام، ئۇ ئازراق جىم بولۇپلا يەنە ۋاتىلداپ كەتتى!!!
كىچىگىدە ئۈستى بېشىنى سىيىپ ھۆل قىلىۋەتسىمۇ «جېنىم ئوغلۇم!» دەپ كېچىلەردە سۆيۈنۈپ، ئوغۇل تۇغۇلغىنىغا خوش بولغان ئاشۇ ئاتا ئەمدى كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۆغلىغا غەيۋەت ئوبىكتى بولۇپ خەقلەرگە سۆزلەندى،سۆزلىنىۋاتىدۇ،يەنىمۇ ئىشكىرلەپ چەرۋىسىنى چىتقا يايماقتا!؟؟ تەڭرىم !نىمە دەي ،جامائەت سورىنى بولۇپ قالدى ؟
ئاتىنىڭ غەيۋەت سۆزلىرى قىزىرىپ تاتىرىپ يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى،ئۇ ئوغۇلنى بوغۇپ ئۆلتۇرىۋەتمەك بولدى ،لېكىن يەنىلا ئوغلىنى ئايىدى.چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ پۇشتى ھاياتىنىڭ كەينى ئىدى.بۇ ئەقىلسىزلەرچە غەيۋەت ئەتراپتىكى نەچچەيلەننىڭ قولىقىغا يەتتى ،بەزىلەر ئەپسۇسلاندى ،بەزىلەر بېشىنى چايقىدى،«بەدبەخ!»دەۋەتتى بىر مويسىپىت.كىملەردۇ بىرى «جوھوت !»دەۋەتتى ئاستا رەۋىشتە......
نەپىرىتىم لەنەت بىلەن بىرىكىپ تىك ئسمانغا ئۆرلىدى،ئاچچىقىم يانىدىغاندەك ئەمەس ،ئەخلاق پەششابى ئاشۇنداق بەدىبەخلەرگە خىتاپ قىلماقتا ،ئانا قەلبى ئىسەدەپ يىغلىماقتا ئىدى؟ مېھرى- مۇھەببەت يىقىلدى قان قۇستى،ئاتا-بالىلىق مېھىر تاغدىن دۇمۇلاپ ئۇدۇللا نىجاسەت كۆلچىگىگە چۈشۈپ كەتتى.خىياللىلرىم ئۆيگە چىققىچە سۇئاللار يوللىرىدا ئۈنسىز جاۋاپسىز چېچىپ ماڭدى.يولدا ھەممە نەرسە سۇئالغا ئايلاندى .قىزىل چىراق ۋەھشى يولۋاستەك يولۇمنى توسۇپ ماڭا ئوتقاش سۇئال بولۇپ ياندى ،يېشىل چىراق بولسا ماڭا ئىمكان بېرىپ ئويلىنىش سۇئالى بولۇپ ياندى .بىزدە ئەمەس ئاشۇ ئوغۇلدا نىمە كەم ؟سۇئال بەلگىسى ئاشۇ ناداننىڭ دوپپىسىدىكى ئانا تىككەن چىرايلىق گۈللەرگە ئايلىنىپ مېنى كېچىچە ئۇيقىدىن بىدار قىلدى. توۋا مەنمۇ ئۇمۇ ھەممىمىز قېرىيمىز .ئۇ قېرىمايدىغاندەك تەنتەكلىك بىلەن خەقلەرگە ئاتا كېسىلىدىن ۋاتىلداق باشلىقلاردەك دوكىلات بەرمەكتە...
ئاشۇ ئوغۇلنىڭ ئاتىسى كېسەل چېغىدا دۇئاسىنى ئېلىپ ياخشى قاراش ئورنىغا (بەلكىم ياخشى قاراۋاتقاندۇ؟) خەققە كېسەللىك ئەھۋالىدىن غەيۋەت قىلىشى ماڭا زادىلا ياقمىدى .ئەسلىدە قەۋمىمىز ئۆيدىكى كېسەلگە قاراش ئەھۋاللىرىنى يېقىن تۇققان بولمىسا ئۇنداقلا دەپ كەتمەيمىز .بۇ بىر گۈزەل ئەخلاق .يا ئۇ ئۆزىنىڭ «كۆيۇم ،مېھرىبانلىقىنى» ئۆزىگە خاس تەنتەكلىكتە ئۆزگىلەرگە سۆزلەپ پەخىرلەنمەكچىمىدۇ؟ماختانماقچىمىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئۆزلىك ئەخلاق داستىخىنىمىزغا سۇئال تائاملىرىنى تۆكىۋەتتى.بەلكىم بۇنداق تەنتەك پەرزەنتلەر يەنە بولمىسا كېرەك؟
ئاتاڭ كېسەل بولسىمۇ سەن بالىلىقتا ياشاۋاتىسە ن ؟سەن گەرچە ئاتا بولغان بولساڭمۇ ؟ ئاتا-ئاناڭنىڭ بولغىنى سېنى «بالام!»دىيىشى سېنىڭ ھازىرغىچە بالىلىقتا ياشىغىنىڭغا سەۋەپچى ئەمەسمۇ؟ پەخىرلەن، ئاتاڭنى ياخشى كۈتىۋال ! ئۇنى بىرنىمە دىمە ،بولۇپمۇ ئۇ ئاغرىپ قالغاندا.سەن ئۆيىڭگە قايتىپ بېرىپ ئاشۇ ئاناڭ تىكىپ بەرگەن دوپپاڭنى ئالدىڭغا قويۇپ قويۇپ ئاندىن ئوبدان ئويلاپ باق؟ بەلكىم يانچۇغۇڭدا تاماكاڭمۇ باردۇ؟شۇنى قاتتىق بىرنەچچىنى شوراپ ئوبدان ئويلاپ باق ؟سەن كىمنىڭ بالىسى خەق ئالدىدا ئاغرىق داداڭنىڭ غىيۋىتىنى قىلغۇدەك ؟سېنىڭ تومۇرىڭدا ئاتاڭنىڭ قېنى بامۇ ؟ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دىگەن كۆنىلار.مىڭە يىگىلەشنىڭ ئىرسىي كېسەللىكلىگى ئاللابۇرۇن مېدىتسىنا ئېنىقلاپ بولۇنغان. تەڭرى ساقلىسۇن شۇ كۈنلەرمۇ سېنىڭ بېشىڭغا كېلىپ قالسا، شۇ چاغدا ئاشۇ يۈرەك پارەڭ ئوغلۇڭ سېنى خەققە سۆزلەپ بەرمەيدۇ دىيەلەمسەن! چۈنكى ئۇ سېنىڭ غېيۋىتىڭنىڭ شاھىتى،ئاشۇ لەنەتلەرنىڭ ئۈن ئالغۇچىسى. بىچارە بايقۇش.مانا بۇ يوشۇرۇن خەۋىپ،مۇددەتلىك پارتىلما ئىرسىيەت.ئەگەردە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۇپ قېرىنداشلىرىڭ ئاپاڭ بۇ غەيۋىتىڭنى ئاڭلاپ قالسا ئۇ چاغدا سېنى تالىۋەتمەسمۇ؟ چۇنكى سەن كوچا كويدا ئاتام تەرىتىنى تۇتالمايدۇ يەي ،كۈندىزى ياخشى كەچتە چوڭلار ئىشلىتىدىغان شۈمەك باركەن شۇنى ئىشلىتىۋاتىمىز يەي دەپ قاخشىساڭ .ئاناڭ بەرگەن سۈتىگە رازى بولارمۇ سېنى تۇزكور دىمەسما !
خەيرىيەت ئىنساپ بەرسۇن!بالىلارغا ئىنساپ بەرسۇن دىگەن ئىسىمدە ئاتا ئانىلىرىمىز.سەنمۇ ئىنساپ قىل ئەمدى ئاغزىڭنى يۇم !ئاغزىڭغا تاش تۇپراق !قارغىشقا كەتمە بولدىلا ساڭا شۇنچىلىك لەنەت ياغدۇراي!بۇ قۇرلارنى ئوقىۋاتقان سىزمۇ دىققەت قىلىڭ ھەم دىققەت قىلايلى . ئاتا تۇرمۇشۇمىزدا پارلىغان بەخىت قۇياشى!بۇنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايلى!.
ئاتا -ئانا دىگەن ھاياتلىقىمىزدىكى توتىيا ،ئۇلارنىڭ سەكراتتىكى ئىڭىراشلىرىمۇ بىز ئۈچۈن زۇننار .ئاتا ئانىلارغا ياخشى قارايلى! ئۇياق بۇياقتىكى شاماللار «ئاتاڭ ھايات ۋاقتىدا بىر قاچا ئاش سۇنمايسەن !ئەمدى نەزىرىنى مەن قىلمەن دىسە مەن قىلىمەن دەپ تالىشىسەن !ئەمدى تۆگە ئۆلتۈرۈپ قىلساڭمۇ بىكار!» دىگەن سادالارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ .ھېزى بولۇڭ ئاتا قاغىشى ئوق !ئاتا -ئانىلىرىمىز بىزنىڭ مىسلى جەننىتىمىز ،ئۇلار بەخىتلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ پۇراقلىق گۈللىرى،تۇرمۇشىمىزغا خوشاللىق بېغىشلىغۇچى جاپاكەشلەر. ئۇلار توغراق يېشىدا ياشىسۇن!تەڭرى ئۇلارغا سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن!
بىزدە نىمە كەم؟ بىزدە ئاتا ئانىلارغا بولغان كۆيۈم ، ئەقىل ،سەۋر،ئىزچىللىق،مېھىر كەم.مۇنۇ شېئىرنى ياخشى يادلاڭ .بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئېسىمدە يوق،لېكىن بەك ياخشى يېزىلغان شېئىركەن بۇنى سىزلەرگە كۆيۈمچان پەرزەنتلەرگە سوۋغا قىلىپ سۆزۈمنى تامام قىلاي.
ئاناڭ ھايات چېيىڭ قايناقلىق، ئاتاڭ ھايات ئېتىڭ باغلاقلىق. ئاناڭ ھايات ئالدىڭدا بىر باغ، ئاتاڭ ھايات كەينىڭدە بىر تاغ.
2014-يىل 11-ئۆكتەبىر قومۇل
|