- تىزىملاتقان
- 2012-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1299
- نادىر
- 0
- يازما
- 49
ئۆسۈش
29.9%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى ئەزىزىلەر :
بۇ ئالەم سەۋەپ ئالىمى ، شۇنىڭغا قوشۇپ بىزدە بالىسى يىغلىمىسا ئانىسى ئەمچەك سالماپتۇ دەيدىغان ماقالمۇ بار ، مەن بۇ يىل ئەتىيازادا باغداش تورىغا بىر پارچە ئىنكاس خارەكتىرلىك ماقا لە يازغان ئىدىم ، بۇ ئىنكاسنىڭ تېمىسى «بۇ يولغا قاراڭ » بولۇپ ، ئۇزۇندىن بېرى ياسالماي ، كىشىلەر يامغۇر يېشىن بولغاندا مېڭىشتىن شۇنچىلىك قىينالغان ھەتتا بۇ مەھەللىگە ئورۇنلىشىپ قالغانلىقىدىنمۇ بىزار بولغان روھىي ھالەتنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدىم ، كۈنلەر ئۆتتى ، ئايلار ئۆتتى يولمۇ ياسالمىدى ، مەھەللىلەردىكىلەرمۇ بۇ يولنىڭ ياسىلىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈپ تۇرغان بىر چاغدا تۇيۇقسىز مەھەللىگە چوڭ تىپتىكى يول ياساش ماشىنىلىرى كېلىپ دەپدەپە ، ئەسئەسە بىلەن يوللارنى قىرىپ تۈزلەپ ، شېغىل تۆكۈپ ياساشقا كىرىشىپ كەتتى ، بايا توردىن ماتىريال كۆرۈپ ئولتۇرسام ئۆيۈم يەر تەۋرىگەندەك سىلكىنىپ كەتتى ، نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ كوچىغا چىقسام يول چىڭداش ماشىنىسى يوللارنى چىڭداپ ، ماي ياتقۇزۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋېتىپتۇ ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ چېھرىدە خوشاللىق جىلۋىلىنىپ كېتىپتۇ ئۇلاردىن بىر نەچچىسى ئالدىمغا كېلىپ :
--- زىيالىي ئەپەندى سىزگە كۆپ رەھمەت ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ ئىنكاس يازغىنىڭزغا مانا ئەمدى بىزمۇ لاي كەچمەي ماڭالايدىغان بولدۇق دىيىشتىشىپ كەتتى ،راستىنى دىسەم مەنمۇ قەۋەت خوش بولدۇم . شۇ چاغدا ئاشۇ ئىنكاسىمغا نۇرغۇن تورداش قېرىنداشلىرىممۇ كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەرگەن ئىدى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن «باغداش» تورىغا ئاممىغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىشنى لايىق كۆردۈم .
چۈنكى بۇ تور تور ساھەسىدىكى يۇقىرى نوپۇزى بىلەن ئاممىنىڭ بىر قىسىم ئورۇنلۇق تەلەپ -پىكىرلىرىنى پارتىيە ھۆكىمەتكە يەتكۈزۈشنى بۇرۇچ دەپ قاراۋاتىدۇ ، بۇ خىل روھنى قەدىرلەش كېرەك. بىز ئەتە ياكى ئۆگۈن سېغىنغان يولىمىزدا ماڭالايدىغان بولدۇق ،گەرچە سەل كېچىككەن بولسىمۇ ئىش ھەل بولدى. مۇشۇنى يېزىۋاتقاندا كەنىت باشلىقى تېلفۇن قىپتۇ ، ئۇ ئادەم سەل خىجىل بولغاندەك تۇيغۇدا بۇندىن كېيىن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشۇمنى ئۆتۈندى .رەھمەت كەنىت باشلىقىغىمۇ ، دىمەكچى بىز كۈندۈلۈك ھاياتىمىزدا نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسىلىلەرگە يولىقىپ تۇرىمىز ، قولىمىزدىن كەلسە ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزلىنىپ باقساق بولامدىكىن دىدىمغۇ . قاقشاش بىلەن جىگەرنى زەخمىلەندۈرۈپ يۈرگەندىن كۆرە بىر بىرىمىزگە مېھرىۋان بولۇپ ،بار مەسلەھەت بىلەن ئىش قىلساق نۇرغۇن ئىشلار يولىدا پۈتىشى مۈمكىن ، بۇنداق دىسەم باشقىچە پىكىردە بولىدىغانلارمۇ چىقىشى مۈمكىن ،مېنىڭچە بۇمۇ نورمال ئەھۋال ! جاھان ئەنە شۇنداق تۈرلۈك پىكىرلەرنىڭ چىقىشى بىلەن قىزىقارلىق بولىدۇ ھەممە نەرسە مۇكەممەل بولۇپ كەتسە بۇ بىر نورمالسىزلىق قانداق دىدىم ؟ |
|