بۇ يازمىنى ئاخىرىدا meryemgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-14 19:13
3-نۆۋەتلىك‹‹ ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى ››ئىلتىماس ئۇقتۇرۇشى
‹‹ئۆز تۈرك›› فوندى
مۇكاپات تەسس قىلغۇچى ئورۇن : شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى پىلانلىغۇچى: تاھىر ئىمىن قوللىغۇچى ئورۇنلار: ش ئۇ ئا ر ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار بالىلار تەرەققىياتفوندى جەمئىيتى شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېتتپاق كومتېىتى مەزمۇنى: شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ، شنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېتتپاق كومتېىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭقوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قىز-ئاياللارنىڭ مائارىپ ۋە تەربىيلىنىش ئشلىرىنى ئىلگىرىسۈرۈش ۋە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئاسپرانت قىزلارغا ئىلھام بىرىش مەقستىدە،شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى ‹‹ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇشمۇكاپاتى››تەسس قىلدى.تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى خەلقئاراچوڭ بازار يېغىن زالىدا تارقېتىلدى.ئىككىنچى قىتىملىق مۇكاپات 2013-يىلى 11-ئاينىڭ3-كۈنى شنجاڭ ئۇنېۋرستىتىدا تارقىتىلدى. 3-قېىتىملىق مۇكاپات 2014-يىلى 11-ئايدا تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات تارقىتىش شەكلى: 2014-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇكاپات تارقىتىشمۇراسىمى ئۆتكۇزۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسىتارقىتىپ بىرىلىدۇ،ۋە مۇنەۋۋەر قىزلارنىڭ ئىلغار نەتىجىلىرى جەمىيەتكەتونۇشتۇرۇلىدۇ. مۇكاپات سوممىسى: شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى بۇ يىللىقمۇكاپاتقا ئاجراتقان پۇل 120 مىڭ يۈەن بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى100مىڭ يۋەن ،20مىڭيۋەن پائالىيەت راسخوتى بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى: ھەر يىللىق مۇكاپات شۇ يىلى ۋە كىلەر يىلى ئوقۇشپۈتتۈرىدىغان ئاسپرانت قىزلارنى ئاساس قىلىدۇ.بۇ يىلقىسى2014 ۋە 2015-يىلى ئوقۇشپۇتتۇرىدىغان ئاسپرانت قىزلارنى ئاساس قىلىدۇ. 1-ئەخلاقى گۈزەل ،ئستىلى ياخشى بولغان بولۇشى ،مەرىپەت ۋەتىرىشچانلىق ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشقا ئىرادە باغلىغان ،زامانىۋى تېخنىكاۋە مەدەنىيەت ساپاسى ھازىرلىغان ئاسپرانت قىز ئوقۇغۇچىلار. 2-ھازىر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار(ماگېستىر ئاسپىرانىتلىقى ۋە دوكتۇر ئاپسرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار بىردەك قوبۇلقىلىنىدۇ) ،يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تۇرمۇشى تېخى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان قىز-ئايال ئاسپرانىتلار. 3-ئوقۇش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان (پۈتۈن پەنلەردەلاياقەتلىك بولغان بولۇشى،ئىمتىھاندىن چۇشۇپ قالمىغان بولۇشى) ،ئىلمې ۋە كەسپىنەتىجىلىرى كۆرىنەرلىك بولغانلار ،ئاسپرانىتلىق ئىلمې ماقالىسى ئەلا باھالانغانلارئالدىن ئويلىشىلىدۇ. 4-نوپۇزلۇق ئىلمى ژۇرناللاردا مۇستەقىل ھالدا 2دىن ئارتۇق ماقالەئىلان قىلغان (باھالاشتا ماقالىسىنىڭئىلمىيلىك ۋە ئىجادىيلىق دەرىجىسى، ئىرىشكەن نۇمۇرى ۋە باھالىنىش ئەھۋالى،سانىنىڭئاز-كۆپلۈكى تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىلىدۇ)،كەشپىيات ياكى پاتنىتى بار،قىينلىقدەرىجىسى يۇقىرى،تەبئى پەنلەردە يېڭىلىق ياراتقان ، كىتاب نەشر قىلغان،مەكتەپدەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمي ماقالە ئوقۇغانلار ئالدىنئويلىشىلىدۇ. 5-تەتقىقات تېمىسى رايونىمىزنىڭئېقتسادى تەرەققىياتى،جەمئىيتى ۋە مەدەنىيتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلار قارشىئىلىنىدۇ. 6-رايونىمىزنىڭ نامرات جايلىرىدىن كەلگەن، ئائىلىسىدەئېقتسادى قېيىنچىلىقى بار قىز ئاسپرانتلار (ئاتا-ئانىسدىن بىرى يوق ياكىمېيىپ،ئاتا-ئانسنىڭ مۇقىم كېرىمى بولمىغان، جاپادا ئوقۇۋاتقان قىزلار)غانەتىجىسىگە قاراپ ئېتىۋار قىلىنىدۇ. 7- باشقا زور سوممىدىكى ئوقۇش مۇكاپاتىغائىرىشكەنلەر،ئائىلىسدە ئازراقمۇ ئېقتسادى قىينچىلىقى بولمىغان ھەم ئىلمى نەتىجىسىقىينچىلىقى بارلار بىلەن باراۋەر بولغانلار ئويلىشىلمايدۇ. 8-مۇكاپاتىمىز-شۇ ساھەدە ئوقۇۋاتقان نەتىجىسى ئەڭ ياخشىبولغان ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىدۇ،ئەمما مۇكاپاتلاش سستىمىمىز تېخى مۇكەممەلئەمەس،شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىسنى باھالاشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم ئەمەس! مۇكاپاتلانغۇچىلار سانى ۋە تاللىنىش دائىرىسى: 1-مۇكاپاتلانغۇچىلار ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانقىز ئاسپرانىتلاردىن جەمئى 10-15 نەپەر بولىدۇ.بارلىق كەسپ ۋە ئاساسى تۈرلەردىنئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.ۋە بىر كەسپى تۈردىن بىردىن ئوقۇغۇچى تاللىنىدۇ. 2- مۇكاپات بويۇمى: 1-ئوقۇش پۇلى 2-ئۆزتۈرك يۈرۈشلۇك خانىم قىزلار مەھسۇلاتلىرى 3- تەقدىرنامە ۋەمۇكاپات لەۋھە 4-تەۋسيەلىك كىتابلار 5-باشقىلار ئىلتىماس قىلىش تۈرىۋە تەرتىۋى:: ئىلتىماس قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۆزىنى تەۋسيە قىلىپئىلتىماس قىلىش ، مەكتەپ ھەيئىتى ۋە ئاسپىرانتلارباشقارمىسى تەۋسيە قىلىش (مەكتەپلەرگە مۇناسۋەتلىك ماتېريال يوللاندى) ئۆزى ئىلتىماس قىلغۇچىلار: دەسلەپكى قەدەمدە ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى تولۇق تولدۇرۇپمۇكاپات تارقاتقۇچى ئورۇننىڭ مۇكاپات ئىلتىماس قىلىش تور يوللانما ئادېرسىغا(ئېمەيىلگە) ئەۋەتىپ بىرىدۇ. يوللاپ بىرىش ۋاقتى: مۇشۇ ئىلان چىقىرىلغان 10-ئاينىڭ20-كۈنىگىچە باشقا زۆرۈر دەپ قارىغان ئسپاتلار بولسا ئۇرۇمچى شەھىرىدىكىئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىلتىماس قىلىش ماتېريالى ۋە مۇناسۋەتلىك ئسپاتلارنىڭكۆپەيتىلمە نۇسخىلىرى بىلەن قوشۇپ مۇكاپات تەسس قىلغۇچى ئورگانغا 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن بىۋاستەيەتكۇزۇپ بىرىشى كىرەك. ئاساسىئسپات ماتېريالى:تۈرلۈك كېنىشكىلارنىڭ ئەسلى نۇسخسى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخسى.بۇلارسىلىشتۇرۇلغاندىن كىين ئەسلى نۇسخسىنى قايتۇرۇپ ئىلىپ كەتسە بولىدۇ.
ئىلتىماس جەدىۋلى:
باھالاش باسقۇچى: 1-ئىلتىماس جەدىۋىلىتاپشۇرۇپ ئىلىنغاندىن كىين باھالاش ھەيئىتى قاراپ چىقىپ بېكىتىدۇ، 2-ئاخىرىدا مۇكاپات تەسس قىلغۇچى ئورۇن-‹‹ئۆز تۈركشركىتى››ۋە شنجاڭ ئاياللار بالىلار تەرەققىياتفوندى جەمئىيتى مۇكاپات ھەيئىتى قاراپ چىقىپ بېكىتىدۇ. نەتىجە ئۇقتۇرۇش ۋاقتى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنىئۇقتۇرۇلىدۇ. ئالاقىلىش ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئېتتىپاق يولى 389-نومۇر،شنجاڭ تاشقى سودابىناسى 3-قەۋەت .ئىجرائىيە دىرىكتور ئشخانىسى،تەپەككۇر ئۆيى. ئالاقىلىشش تېلىفۇن نۇمۇرى: 0991-2850077 نازارەت قىلىش تىلىفۇنى:13899973230 ئېلتىماس قوبۇل قىلىش خەت ساندۇقى:ozturkfoundation@sina.com
مۇكاپات تارقېتىش مۇراسىمىغا دائىر ئۇقتۇرۇشلار:
11-ئاينىڭ ئالدىنقى ھەپتىسى ئۆتكۇزۇلىدىغان ئۆزتۈرك‹‹ئاسپرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››مۇراسىمى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەسىقلىشىبىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەت تەكلىپبويىچە مەمۇرى ئورۇنلار،شركەت تەرەپ ،مۇكاپات كومېتىتى ،بارلىق ئاسپرانت قىزئوقۇغۇچىلار ،كارخانىچىلار ۋە پائالىيەتكە قاتنىششنى ئىختىيار قىلغان بارلىققىز-ئوغۇل مىھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.ئىلغار تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمىز. ئەسكەرتىش:قىز-ئايال ئاسپرانىتلارنى تاللىشىمىزنىڭ سەۋەبى-1-شركىتىمىزنىڭ كۆپ قىسم مەھسۇلاتلىرىقىز-ئايال ئستىمالچىلارنى ئاساس قىلىدۇ،شركىتىمىز خانىم-قىزلارنىڭ تاشقى ۋە ئىچكىدۇنياسىنىڭ بايلىقى ئۇچۇن كۇچ چىقىرىشنى خالايدۇ 2-نۆۋەتتە شركىتىمىز مۇشۇنىڭغاكۈچ چىقىرالايدۇ.3-خانىم-قىزلار مائارىپىغا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭمائارىپ ۋە جەمىيتىگە كۆپرەك ھەسسە قوشۇش ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئاۋۋال بىرىلگەن ئىلخەت ئادىرىسىغا ئۆزىنڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللىرىنى يوللايدۇ،باھالاش ئەترىتى كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن يۈزتۇرانە سۆزلىشىشكە چاقىرىلدۇ.
|