قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1717|ئىنكاس: 5

ئارزىگۈل تۇراپ: « كەچمىش» ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

4787

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1410
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-13 22:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچمىش ھەققىدە
ئارزىگۈل تۇراپ


ئېسىل تارىخي رومانلار كۆپىنچە مۇئەييەن تارىخي دەۋر كىشىلىرى باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلەرنى كەڭ ۋە چوڭقۇر بايان قىلىش ئارقىلىق دەۋر كارتنىسىنى ياراتقان بولىدۇ. «كەچمىش» رومانى ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن ئەنە ئاشۇنداق ئېسىل رومانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتور روماندا رىۋايەت تۈسىگە ئىگە ئۆزگىچە مۇھىت، مول مەزمۇنلۇق ۋەقەلىك ۋە كونكرىت، ئىنچىكە تەسۋىرلەر، كۆپ خىل يارقىن پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق تارىخىمىزدىكى بىر يېرىم ئەسىرلىك دەۋرنى كۆز ئالدىمىزدا جانلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پىشقان بەدىئى تەپەككۇرى ۋە مول ئەدەبىي تالانتىنى نامايەن قىلغان.
روماندا بىر دېھقان جەمەتىنىڭ كەچمىشى ۋە ئەگرى – توقاي قىسمەتلىرى ئارقىلىق تەكلىماكان ئەتراپىدىكى يۇرتلار ۋە ئۇ يەرلەردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى قىياپىتىدىكى ئاسمان – زىمىن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەر ئاپتورنىڭ رىۋايەت كەبى تەپەككۇرى ئارقىلىق قاناتلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنى تەكلىماكان ئەتراپىدىكى خىلۋەت ھەم گۈزەل باغۇ – بوستانلىققا باشلايدۇ. ئاپتور قەلىمى ئاستىدىكى ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن بۇ باغۇ – ئىرەم  ئەسلىدە ھەرخىل دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈك ھەم جان – جانىۋارلارنىڭ ماكانى. بۇ يەردىكى ھايۋانات، جان – جانىدارلار دەرەخ يىلتىزىدىن قايناپ چىققان بۇلاقلاردىن سۇ ئىچىپ، ئوتلاپ بىخىرامان ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن يولۋاسمۇ، بۆرە – تۈلكىلەرمۇ، كىيىك- جەرەن، ياۋا ئۆچكىلەرمۇ بار. بۇ يەرنىڭ جىمجىتلىقى قاياقتىندۇر ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بۇزىلىدۇ. توختاخۇن ئىسىملىك بىر يىگىت ئۇنىڭ ئايالى خورجۇن – قاچىلىرىنى يۈدۈپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالىدۇ. ئۇلار دەل – دەرەخ، ئوت – چۆپ ئارىسىدىن ئېقىپ چىققان سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىنى كۆرۈپ توختاپ ھاردۇق ئالىدۇ، بۇلاق سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ، غىزالىنىپ دەرەخ سايىسىدا يېتىپ ئۇيقىغا كېتىدۇ. ئۇلار شۇنچىلىك تاتلىق ئۇخلايدۇكى، ئويغانغاندىن كېيىن كۆڭۈللىرىنىڭ باشقىچە يۇرۇپ، پۇت – قولىنىڭ جانلىنىپ قالغىنىنى _ خورجۇنىدىن چۈشۈپ قالغان بىر تال بۇغداينىڭ بىخ سۈرۈپ بىر غېرىچ ئۆسۈپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇلار بۇلاق بويىدا ماكانلىشىپ - چارۋىچىلىق، تىرىقچىلىق قىلىپ، تۆت ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنت كۆرىدۇ. بۇ بۇلاق كېيىن «توختاخۇننىڭ بۇلۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەسەر ئاساسەن توختاخۇننىڭ چوڭ ئوغلى تۇرداخۇن ۋە ئىككىنچى ئوغلى قۇتلۇق ئاخۇننى مەركەز قىلىپ قانات يايىدۇ. تۇرداخۇن يەر تېرىيدۇ. قۇتلۇق ئاخۇن مال باقىدۇ. بۇ ئىككى ئوغۇل شۇغۇللانغان تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ قۇشۇلمىسىدىن ۋە بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ دەل – دەرەخ، يېشىللىقنى قەدرىلىشى ۋە چوڭ كۆرۈشىدىن ئۇيغۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى ئەكس ئەتتۈرلىدۇ.
بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. ئۇلار ئىچىدە جاھان زۇلىمىدىن، ئىنسانلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن قېچىپ كەلگەنلەرمۇ، ئېزىپ – تېزىپ كېلىپ قالغانلارمۇ، قۇملۇققا بايلىق ئىزدەپ كېلىپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغانلارمۇ، كىگىزچى، باپكار، تۆمۈرچى، سازەندە... قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردىكى يەنە بىر بۇلاقنى چۆرىدەپ ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەرنى «سايبۇلاق» دەپ ئاتايدۇ. كىشىلەر بۇ يەرنى ئەسلى «ھايۋانات، جان – جاندارلارنىڭ ماكانى ئىدى، كېيىن ئادەملەر ئىگەللىۋالغان، جان – جاندارلارمۇ ئۆز نىسىۋىسىگە ئېرىشىشى كېرەك، بولمىسا تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايمىز» دەپ قاراپ، بىر بۇلاقنى جاندارلارنىڭ سۇ ئېچىشىگە قالدۇرۇپ، ئۇنى «ئۆچكە بۇلاق» دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىتىقاد – ئەنئەنىسى ۋە تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشاشتىن ھاسىل قىلغان تۇرمۇش تەجرىبىسى بويىچە تەبىئەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ، جان – جاندارلار بىلەن ماسلىقنى ساقلاپ، تىنچ – ئىناق تىرىكچىلىك قىلىدۇ.
بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت بوران ئىدى، ئۇنى توسۇۋالغىلى ياكى تۈپتىن تېزگىنلىگىلى بولمايتتى. بوران چىققان كۈنلەردە كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ جەڭنامە، چۆچەك، رىۋايەت ئېيتىشاتتى. قۇملۇقتىكى گاھ ئېچىلىپ، گاھ كۆمۈلۈپ قالىدىغان قەدىمكى شەھەر ۋە ئۇ يەرگە كۆمۈلگەن دەپنە – دۇنيا ھەققىدە، سىرتقى دۇنيادىكى ئۇرۇش – يىغىلىق، تەڭسىزلىكلەر ھەققىدە سۆزلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جاھاندىن سىرت بۇ ماكاندا تېنچ – ئامان ياشاۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولۇشاتتى. ئۇلار باي بولمىسىمۇ شۈكرى – قانائەتچان ئىدى. بەختنىڭ قەدرىگە يېتەتتى. ئۇلارنىڭ ھەق – ناھەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىدى. ئاپتور تەسىرلىك ۋەقەلەر، پىرسوناژلار تەقدىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق بۇ خېلۋەت دۇنيانىڭ كېيىنكى تېنچسىز ھالىتىنى ئىنتايىن تەبىئى ئىپادىلىگەن. ۋەقەلىكنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ بىز بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ قانداق كۆپەيگەنلىكى، سىرىتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ قانداق كىرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن قانداق ئالاقىلەشكەنلىكى، سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرى ئاستىدا بۇ يەرنىڭ بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن تەرەققىي قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكى، ئازاتلىقتىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلار دۇچ كەلگەن ھەرخىل قىسمەتلەر، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتىن كېيىنكى تەرەققىيات، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە روھىنىڭ ئۆزگىرىشى ... قاتارلىقلارنى كۆرۈپ ئالالايمىز. دەۋرنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىش قايناملىرىدا، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بوران – چاپقۇنىدا ھاياتلىق ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان بەزىدە جاسارەتلىك، قەيسەر، بەزىدە ئاجىز، قۇرقۇنچاق، بەزىدە دانا، سۆيۈملۈك، بەزىدە بىچارە، كۈلكىلىك پىرسوناژلار بىزنى تارىخ، ھايات، تەبىئەت ۋە ئىنسان ھەققىدە چوڭقۇر خىياللارغا باشلايدۇ.
ئاپتور دۇنيادىن ئايرىلغان مۇشۇنداق بىر جاينى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر يېرىم ئەسىرلىك تارىخي جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى سەھنە قىلىپ تاللىشى، مۇشۇنداق بىر جايدىلا قىسمەتنىڭ ئەگرى – توقايلىقى، تۇرمۇشنىڭ مۇشەققىتىنى ۋە قالاقلىقى، مىللەت خارەكتىرىنىڭ ساپ، ئەسلى ھالىتى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نۇرلىرىنى تولۇق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ دەپ قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. يازغۇچى تارىخچىدىن پەرقلىنىدۇ. تارىخچىنىڭ قىزىقىدىغىنى تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى بولسا، يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بۇ ئېقىندىكى كىشىلەرنىڭ يەككە تەقدىرى، شۇڭا «كەچمىش» ناملىق بۇ ئەسەردە قويۇق گۇمانتارلىق روھ بار، گۇمانتارلىق  كۆڭۈل بۆلۈش، بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، بۇنداق روھ بولمىغان يازغۇچىدا تۇرمۇش، جەمئىيەتكە يۈزلەنگۈدەك جاسارەت بولمايدۇ، شۇڭا يازغۇچىلار مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كۈچلۈك ئەخلاق تۇيغۇسى ۋە ئىجتىمائىي ۋىجدان تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەردۇر. قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە ياشىغان بىر قىسىم داڭلىق يازغۇچىلار ئىنسانىيەتنىڭ غايىسى ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاشتەك پىداكارلىق روھى بىلەن تارىختا مەڭگۈلۈك نام قالدۇرغان. گەرچە گۇمانتارلىق جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىپ كېتەلمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە، تېنچلىققا، ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش ئىددىيىسى، رىئاللىققا يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان روھى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئەخلاقىي غايىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلگەن.
مەزكۇر ماقالىدا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نۇقتا ئارقىلىق روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيە ۋە بەدىئىي ۋاستىلارنى شەرھىلەپ ئۆتمەكچىمەن.
1. ئەسەردە كۈچلۈك ئىكولوگىيە ئېڭى ئىپادىلەنگەن. خالىدە ئىسرائىل چوڭقۇر ئىكولوگىيىلىك ئاڭغا ئىگە يازغۇچى، ئۇ مۇشۇ ئەسىرىنىڭ بېشىدا تارىم دەرياسىنى بويلاپ باش ئېقىندىن ئاخىرغىچە بېرىپ، قۇرۇپ كېتىۋاتقان ئانا دەريا ۋە دەريا ۋادىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، شۇ يەرلەردە ياشايدىغان پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلىپ، دەريانىڭ بۇرۇنقى ھالىتى بىلەن بۈگۈنكى قىياپىتىنى سىېلىشتۇرۇپ «ئانا دەريانى ئىزدەپ» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئازاب ئېڭى، ئىنسانىيەت ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىگە بولغان ئويلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «كەچمىش» تە «ئېقىپ - ئېقىپ بۇ يەرلەرگە كەلگەندە قۇم ئاستىدا غايىپ بولۇپ كېتىدىغان دەريا ئېقىننىڭ ئايىغىدا زۇمرەتتەك چاقناپ، جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ياپيېشىل تەبىئى ئورمانلىق» دەپ تەسۋىرلەنگەن توغراقلىق گەرچە كۈچلۈك رىۋايەت تۈسىگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ باي – باياشات، تاتلىق سۇ مەنبەسى مول، كۆركەم قىياپىتى ھەقىقەتەن تارىم دەريا ۋادىسىدىكى جايلارنىڭ ئەسلى  قىياپىتىدۇر. ئاپتور قەلىمى ئاستىدىكى گۈزەل، باي، ئەسلى ئېكولوگىيە بىلەن ھازىرقى بۇزۇلغان ئېكولوگىيە روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ.
ئىنسانلاردىكى قارا نىيەتنىڭ كۈچىيىشى، قاندۇرۇپ بولغۇسىز ئارزۇ – ئىستەك ۋە ئاچكۆزلۈك ھايۋانات، جان – جاندارلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چەك قۇيۇپلا قالماي، ئۆز مەۋجۇتلۇق شارائىتىنىمۇ تارايتىۋەتتى. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت تەرەققىيات داۋامىدا ئۆز – ئۆزىگە ئورا كولىدى. ئىنسانىيەت ئايىغى تەگمىگەن چاغدىكى گۈزەل، تىنچ، ئىناق زىمىن ئىنسان ئايىغى تېگىش بىلەنلا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. باشتا بۇ ئۆزگىرىش ئانچە زور بولمىدى، چۈنكى ئەسلى مۇھىت بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا يېتەتتى. لېكىن ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىكولوگىيىلىك مۇھىت بىلەن ھېسابلاشماسلىقى نەتىجىسىدە بۇ خىل ئۆزگىرىش بارغانسېرى روشەنلىشىپ، ئاخىرى بىر ئاپەتكە ئايلاندى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئەمگەكچى خەلق ئازاب – ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىردە قارىغۇلارچە يەر ئېچىلىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئورىنى تولدۇرىۋالغۇسىز دەرىجىدە بۇزۇلدى. بولۇپمۇ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «پولات تاۋلاش» ھەرىكىتى قاتارلىقلار تەبىئەتنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «توغراقلىق» يېزىسىمۇ بۇ بۇزغۇنچىلىقتىن چەتتە قالمىدى. «پولات تاۋلاش» ئېھتىياجى ئۈچۈن دەل – دەرەخلەر پۈتۈنلەي كېسىۋىتىلىپ، زىمىن يالىڭاچلىنىپ قالدى. «تۆت زىيانداش»نىڭ بىرى بولغان قۇشقاچمۇ ياشاش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، كىشىلەر قوغلاپ ئولتۇرىدىغان بەختسىز جانلىققا ئايلىنىپ قالدى. دېھقانلار بۇ ئىشلاردىن نارازى بولسىمۇ، بېسىم، تەھدىت، قالپاقلاردىن قۇرقۇپ دېمىنى تېشىغا چىقىرالمايتتى. ئۇلارنىڭ دەل – دەرەخلەرنى قوغداپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىمۇ باشلىقلار تەرىپىدىن قالاقلىق دەپ قارىلاتتى. بۇ ھالاكەت يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا بىيۇگراتلىق ھېسابلانسىمۇ، ماھىيەتتىن ئالغاندا كۆپ  مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئىدى.
ھەممىگە ئايانكى، ئىنسانلار مەلۇم كونكرىت زامان، ماكاندا، كونكرىت مۇھىت ئىچىدە ياشايدۇ، شۇڭا ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەۋجۇتلۇق مۇھىتى بولىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان مۇھىت ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. مەدەنىيەت شەكىل جەھەتتىن ئالغاندا بىر مىللەتنىڭ يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، ئۆرپ – ئادىتىنى ئىپادىلىسىمۇ، چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى بىلەن بولغان ئۆتۈشمە مۇناسىۋەت جەريانىدا شەكىللەنگەن مۇستەقىل، ئالاھىدە بولغان تەبىئەت قارىشىدۇر. مەسىلەن، ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى، يەر – زىمىن، تەبىئەت، تاغ – دەريا، ئورمان، جانلىق، ئۆسۈملۈك، كىلىمات قاتارلىقلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق تونۇپ، تەبىئەت بايلىقلىرىنى تەڭشەش قابىلىيىتى، تەبىئەتتىن پايدىلىنىش ئەمەلىي بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرى قاتارلىقلار بۇلار ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تەبىئى مۇھىت بىلەن كېلىشىپ ئۆتۈشىدىكى ھەرىكەت قائىدىسى، تەپەككۇر شەكلى ۋە مەۋجۇتلۇق مىزانىدۇر. بۇ مىزانغا تايىنىپ ئىسكىموسلار مۇزلۇقلاردا ياشىيالايدۇ. زاڭزۇلار بىلەن تاجىكلار ئوكسىگىن كەمچىل بولغان ئىگىزلىكلەردە ياشىيالايدۇ. دولانلار قۇم – بوران بىلەن ئېلىشىپ، باياۋانلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. بۇ ياشاش مىزانى ۋە ئۆرپ – ئادەتلەر نەزەرگە ئېلىنمىسا ياكى چەتكە قېقىلمىسا مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى قوغداش بىزنىڭ بۇ دۇنياغا تۇتقان مەدەنىي پوزىتسىيىمىزدۇر. بۇخىل پوزىتسىيە ھەرىكىتىمىزنىلا ئەمەس، ئادىمىيلىكىمىزنىمۇ بەلگىلەيدۇ. مۇشۇنداق پوزىتسىيە بولغاندىلا ئىكولوگىيىلىك مۇھىت قوغداپ قېلىنىدۇ. ھەمدە بۇخىل ھەرىكەت ئادەملەرنىڭ ئىدىيە – ئېڭىغا، تەپەككۇرىغا، قىممەت قارىشىغا، ئەخلاق مىزانىغا سىڭىپ كىرىدۇ.
2. تارىخ تەرەققىياتنىڭ مۇقەرەرلىكى ئېچىپ بېرىلگەن. مۇقەررەرلىك تاسادىپىيلىق ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. توختاخۇن، ئايالى ۋە باشقا ئادەملەرنىڭ بۇ يەردە ماكانلىشىشى گەرچە تاسادىپىي يۈز بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەرەرلىكىنىڭ باشلىنىشى. ئۇلارنىڭ ئىككى بۇلاقنى ئىگەللىۋالغانلىقى ھايۋانلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەسلەپكى چەكلىمىگە ئۇچرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار گەرچە ساددا تۇرمۇش مىزانى بويىچە شۈكرى – قانائەت بىلەن ياشىسىمۇ، تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەرەرلىكنى توسىۋالالمايتتى. ئادەم ئۆمرىدە مەڭگۈ جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئارزۇ – ھەۋەسلىرى تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشنى بەلگىلەيدۇ.
ئەسەردىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئوچرىتىشى، يەنى توختاخۇن، ئايالى ۋە باشقا ئادەملەرنىڭ كېلىپ بۇ يەردە ماكالىشىشى بولۇپ، بۇخىل ئۇچرىشىش ئاڭسىز ھالدا يۈز بېرىدۇ. ئىككىنچى قېتىمقىسى ئادەم بىلەن سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇچرىشىشىدۇر. بۇ ئۇچرىشىش ۋاستىلىق، يەنى ھەرخىل خەۋەر – ھېكايىلەر ئارقىلىق بولىدۇ. ئۈچۈنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش بىۋاستە بولۇپ، ئادەملەر كەنت سىرتىدا ھوشىدىن كەتكەن ئىككى ئادەمنى تېپىۋالغاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ. ئۇلار ئىشچان، يول مېڭىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلار بۇ چەت يۇرت بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ كۆۋرۈكى بولىدۇ. تۆتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش توختاخۇننىڭ ئەينى يىللىرى يۈتۈپ كەتكەن ئوغلى قۇتلۇق ئاخۇننىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى بۇ يۇرتقا تارىخي خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ تاشقى دۆلەتلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، بىر قىسىم ئۆزگىرىش تەدبىرلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ، يېڭى مەسچىت، مەدرىس سالدۇرۇپ ئۆزى دەرس ئۆتىدۇ. چوڭلارغا قۇرئان ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىپ بېرىپ، ئايەتلەرنى توغرا ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ، يېڭىدىن كۆل كولىتىپ، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى يۈرۈشتۈرۈپ، كىشىلەرنى سۇنى نۆۋەت بىلەن تىجەشلىك ئىشلىتىشكە يېتەكلەيدۇ. سىرىتتىن مىۋە كۆچىتى ئەكەلدۈرۈپ، مىۋىلىك باغلارنى يېتىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى بۇ يەردىكىلەرگە شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆگىتىدۇ.
ئەلۋەتتە يېڭى شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ھەر دائىم ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. قۇتلۇق ھاجىنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئويغۇرچە چۈشەندۈرۈشى بۇ يەردىكى موللىلارنىڭ قارىشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار «قۇتلۇق ھاجى قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى، قۇرئاننى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ» دىيىشىدۇ.  كېيىن مەمەت چاربازارچى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ كېلىشىمۇ بۇ چەت جايدا مەلۇم داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ بۇ يەردىكىلەرگە پەرداز بويۇملىرى، چەتئەللەرنىڭ زاۋۇت رەختلىرىنىلا ئەمەس، سىرىتقى دۇنيانىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ئادىتىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ئارقىدىن چەتئەللىك ئىكىسپىدسىيىچىلەر ئېلىپ كەلگەن كومپاس، قۇيون سائىتى، سالىھ باپكا ئېلىپ كەلگەن ئىنگلىز مىلتىقى، «توغراقلىق» ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ قۇملۇققا چۈشۈپ كەتكەن بىر ئايرۇپىلان؛ ئابدۇكېرىم قارىھاجىمنىڭ كونىچە مەدىرس ئوقۇتۇشىنى ئىسلاھ قىلىپ، بالىلارغا خەت يېزىشنى ئۆگىتىشى، بۇ يەردە پەننى مەكتەپنىڭ ئېچىلىشى؛ ئازاتلىقتىن كېيىن بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى»دا «قايتا تەربىيە» ئېلىش ئۈچۈن شەھەرلىك ياشلارنىڭ كېلىشى؛ كېيىن بۇ يەردىكى ياشلارنىڭ سرىتقا ئوقۇشقا چىقىشى... دەك ئىشلار؛ بۇ يەرنىڭ قىياپىتىنى ئاستا – ئاستا ئۆزگەرتىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، تارىخنىڭ تەرەققىياتى ھەمىشە ئالغا قاراپ ماڭىدۇ. كىشىلەر خالىسۇن – خالىمىسۇن ئاكتىپ ياكى پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولسۇن. تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىدۇ. «توغراقلىق» خەلقىمۇ بۇ بىر يېرىم ئەسىرلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا قەيسەر ئىرادىسى، ئاقكۆڭۈل تەبىئىتى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە خاس قىسسىنى يارىتىدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ روماننى يېزىشتىكى مەقسىدى تەكلىماكان گىرۋىكىدە ياشايدىغان تاغ سۈيىدەك جۇشقۇن، مەرت – مەردانە، مەغرۇر ھەم ئەركىن خەلقنى ۋە بۇ خەلق بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلار ئارقىلىق ئۇلۇغ مىللەت روھىنى، مۇنەۋۋەر كىشىلىك پەزىلەتنى ۋە مىللەت ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلىشتۇر. شۇڭا ئۇنىڭ خاتىرلىگىنى مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىلا ئەمەس، بەلكى مىللەت روھى، مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدۇر. [/table]3. مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىپادىلەنگەن. رومان بىرخىل ئەسلىمە، مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىمىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۇرمۇش شەكلى، مەۋجۇتلۇق ئادىتى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى، ئالاھىدە پىسخىكىسى، قىممەت ئۆلچىمى، ئەخلاق قارىشى، ئىدىيىۋى تونۇش، تەپەككۇر ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىمىسىدۇر.
ئاپتور بۇ رومان ئارقىلىق ئەسلىمىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قەددى – قامىتىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق تەسىۋىرلىگەن: «ئۇزۇن ماتا يەكتىكىنىڭ ئالدىدىن تۈكلۈك مەيدىلىرى كۆرىنىپ تۇرىدىغان، ساقال -بۇرۇتلۇق، دوپپا – تۇماق كەيگەن، ئاندا – ساندا بەزىلىرى سەللىمۇ ئۇرىۋالغان، تېقىملىرىدا ئۇزۇن پىچاقلىرى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان، چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ، يالاڭغىداق پۇتلىرى دەرەخ قۇۋزىقىدەك بولۇپ كەتكەن، كىيىملىرى كونا بولسىمۇ، جېنى چىڭ، بىر – بىرىدىن بويلۇق...» بۇ ئادەملەرنىڭ ئىچ – باغرى خۇددى تەكلىماكان قوينىدەك كەڭ، تەبىئىتى بۇلاق سۈيىدەك ساپ، مەردانە – قىزغىن، تۈز كۆڭۈل، مۇشۇنداق خىسلەتلەرگە ئىگە بولغاچقا ئۆزىدىن كىيىن كەلگەنلەرنى قىزغىنلىق بىلەن سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، دوستلارغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىدۇ. دوست – يارەتلەرنى ساتىدىغان قىلمىشلارنى نۇمۇس بىلىدۇ. روماندا بۇنىڭغا ئائىت مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار: جىڭ شۇرۇننىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئالۋاڭ – ياساق دەستىدىن كىشىلەر ياشاشقا ئامالسىز قالىدۇ. مەھەللىدە تىلەمچىلەر، سەرگەندانلار كۆپىيىدۇ. سالى باپكا نامراتلىقتىن خۇتۇن بالىلىرىنى باقالماي ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە ئالۋاڭ – ياساقچىلار كېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جان ساقلايدىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ. غەزەپتىن خۇدىنى يوقاتقان سالىھ باپكا تىقىپ قويغان يېرىدىن مىلتىن ۋە ئوقنى ئېلىپ چىقىپ، ئىككى ياساقچىنى ئېتىۋىتىدۇ ۋە قايتىپ كېلىپ ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك رەخت تۇقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مەھەللىدىكىلەر بۇ ئىككى ئادەمنى كىم ئاتقانلىقىنى بىلسىمۇ ھېچكىم ئۈندىمەيدۇ. پەقەت خەدىچە ئىسىملىك بىر تۇل ئايال سالىھ باپكانى پاش قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر قىزلىرىغا خەدىچە دەپ ئات قويمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوغۇل تۇغۇلسا ئېتىنى سالىھ قويىدۇ. سالىھ باپكا كىشىلەر قەلبىدىكى قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ. ئۇ گەرچە بۇ ئىشنى ئىستىخىيلىك ھالدا قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغان، سۆيۈشكە، نەپرەتلىنىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان غورۇرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىپىك ئىندىۋىدىئال خارەكتىرىدۇر.
مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى سالىھ باپكاغا ئوخشاش كونكىرت كىشىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بىز توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قۇتلۇق ھاجى، ئابدۇكېرىم قارىھاجى، ھېلىماخۇنلاردىن ۋە يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئىشكىنى ئېچىۋىتىشتىن كېيىن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىق  ئەنئەنىسىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇلار ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد يېڭى بىلىم قۇرۇلمىسى، يېڭىچە دۇنيا قاراش، يېڭى ئىدىيە بىلەن ئەسلىدىكى تۇرمۇشقا يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ. توختاخۇن ۋەكىللىك قىلغىنى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشى، ئۇ مۇشۇ كەنىتنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ يەرنى ئېچىپ، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئادەم ياشايدىغان ئاساسنى يارىتىدۇ ھەمدە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەھەللە ئوتتۇرىسىغا بىر مەسچىت سېلىپ، سرىتتىن مەزىن چىلاپ كېلىپ، مەھەللىدىكىلەرنى ناماز ئۆتەيدىغان بىر ماكانغا ئىگە قىلىدۇ. بۇ مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مەدرىس سېلىپ بالا ئوقىتىدۇ. كىشىلەرگە قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇشنى، خەت يېزىشنى ئۆگىتىدۇ. (كونىچە مەدرىس مائارىپىدا خەت يېزىش ئۆگىتىلمەيتتى)، سۇ ئىنشائاتلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، كۆچەت ئۆستۈرۈش... ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. 30- يىللاردا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە پەننى مەكتەپ قۇرۇلۇپ، يېڭى ئىدىيىلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئازاتلىقتىن كېيىن، بۇ يەردىكى كىشىلەر ھەرخىل سىياسى ھەرىكەتلەرنىڭ تاسقىشىغا دۇچ كەلسىمۇ، يېڭى تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى، يېڭى مەكتەپلەرنىڭ ئىچىلىشى، يېڭى مۇئەللىملەرنىڭ كېلىشى... بىلەن بۇ يەرنىڭ مەدەنىيەت ھاۋاسىدا ئۆگىرىش بولىدۇ. 70- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن بۇ يەردىن چىققان ياشلار بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەرلەرگىچە بېرىپ بىلىم ئالىدۇ. ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە زور ئۆگىرىش بولىدۇ.
مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھەربىر كىشىدە ئۆز بەلگىسىنى قالدۇرىدۇ. شۇڭا ھېلىماخۇننىڭ جىسمىدىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتىقادى ۋە تۇرمۇش قارىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ئېڭى بار. تەبىئەتكە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشتىياق باغلىغان بۇ بوۋاي ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەربىر بۇزغۇنچىلىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ يۇرتتىكى دەل – دەرەخلەرنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن كېسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە چىداپ تۇرالماي ئەترەت باشلىقىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشلارنى توسۇشنى ئۆتىنىدۇ. ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭ گېپىنى پىسەنتىگە ئالمايلا قالماستىن، ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىدۇ. ئەتراپىدىكى ئىشلار كاللىسىدىن ئۆتمەي، ئۈمىدسىزلەنگەن ھېلىماخۇن ئادەملەردىن ئايرىلىپ، تەنھا ھالدا قۇشقاچلارنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ
ئادەم باشقا جانلىقلارغا بولغان تۇيغۇسى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلالايدۇ ھەمدە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى باشقا جانلىقلاردىن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە قىلالايدۇ. شۇنداقلا باشقا ھاياتلىققا بولغان ھېسداشلىق ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ئادەم دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىرخىل ئەخلاق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مەناغا ئىگە قىلالايدۇ. بۇ مەنا كىشىلەرگە ھاياتلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەخلاقىي مەنا ۋە مەسئۇلىيەتنى تونۇپ يېتىپ، خالىغانچە قوپاللىق، بىخۇدلۇق، مەنپەئەتپەرەسلىك بىلەن باشقا جانلىقلارنى ۋەيران قىلماسلىقنى تونىتىدۇ.
بىز ۋەلى ئاخۇننىڭ قازنىقىدا ئېسىغلىق تۇرىدىغان «ئاق خالتا بىلەن قارا خالتا» ھەققىدىكى قىستۇرمىدىن ئۇيغۇلارنىڭ روھىغا چوڭقۇر سىڭگەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ھالال بىلەن ھارام توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ھىس قىلساق، ياقۇپبەگنىڭ ئوغلىغا قىزىنى بېرىشىنى رەت قىلغان ئەما بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇيغۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىكى ھوقۇق – مەنپەئەتكە بېرىلمەيدىغان، غورۇرلۇق، قانائەتچان خارەكتىرىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئەسەردە ئۇيغۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مۇھىتىدا يىتىلگەن ئالاھىدە خارەكتىرى پىرسوناژلارنىڭ كونكرىت ئىش – ھەرىكىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق پۇرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بىز بۇ رەڭدار، تىرىك پىرسوناژلاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، قىزغىن، مەردانە تەبىئىتىنى كۆرۈۋىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ساددا، نادان، قالاق تەرەپلىرىنىمۇ كۆرىمىز. بۇ يەردىكى كىشىلەر چىڭ خاقانىنىڭ نۇرغۇن پارىخور ئەمەلدارلارنى ئەمىلىدىن ئېلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، چىڭ خاندانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ئاللادىن خەلقنى ئاپەتتىن يىراقلاشتۇرغان پادىشاھنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيدۇ. چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا بولسا، «بىر ئەل پادىشاھىسىز قالسا قانداق بولىدۇ؟» دەپ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئالۋاڭ – ياساق دەستىدىن كۈنىنى ئالالماس بولۇپ قالغاندا، ياقۇپ بەگنى چىن خانىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بالدۇراق يوقىلىشىنى تىلەيدۇ. دېھقانلار مانا مۇشۇنداق ئەمەلىيەتچىل. بولۇپمۇ قالاق شارائىتتا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار ئۈچۈن جان ساقلاش ھەممىدىن مۇھىم. كۈنلىرى خاتىرجەم ئۆتسە، ياخشى كۈن كۆرسىلا خوش بولىدۇ. قۇملۇق گىرۋىكىدە قۇم – بوران بىلەن تىركىشىپ ياشايدىغان بۇ خەلق گەرچە توغراقلاردەك قەيسەر، چىداملىق بولسىمۇ، ئاڭ جەھەتتە مۇھىت چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار چەتئەللىك ئىكىسپىدىتسىيىچىلەرنى «يۇقىرىدىن كېلىدىغان ئەمەلدارلارغا ئوخشاش ھالى يوغان ئەمەس ئىكەن، نېمە بەرسەك شۇنى يەۋىرىدىكەن» دەپ قىزغىن كۈتىۋالىدۇ ھەتتا ئۇلارغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. چەتئەللىكلەر يۆتكەپ كېتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئېلىپ كەلگەن قىسمەتلەرنى ھىس قىلىپ يېتەلمەيدۇ. «ئەشۇ كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق كىشىلەر كاپىر بولغاچقىلا بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ» دەپ قارايدۇ. توغراقلىقتىكى دېھقانلارنىڭ ئايرۇپىلاننى كۆرگەن چاغدىكى ھالىتى ئىنتايىن كۈلكىلىك، ئۇلار غايەت زور تۆمۈر قۇشنىڭ گۈلدۈرلۈپ ئۇچۇپ ئۆتكىنىنى كۆرگىنىدە پىتىراپ قېچىشىدۇ. بۇنى ئاللاھنىڭ بىزنى جازالىغىنى دەپ ئېلىشىپ، گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىپ ئاللاھتىن گۇناھلىرىنى تىلىشىدۇ. ئۇلار كېسەل بولۇپ قالسا، موللا، داخانلارنى ئىزدەيدۇ. داخانلارمۇ ئوت – چۆپلەر بىلەن بىر قىسىم كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىدۇ. دېھقانلار داخاننىڭ كېسەل داۋالىيالايدىغانلىقىنىلا ئەمەس، باخشىنىڭ ئۇچالايدىغانلىقىغا، جىن خۇتۇنى بارلىقىغىمۇ ئىشىنىدۇ.
ئارقىدا قېلىش بەك قورقۇنىچلىق، قالاقلىقنىڭ ئادەمنى ھېچنىمىنى سەزمەس، كوللېكتىپ ئاڭسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىشى تېخىمۇ قورقۇنىشلىق. ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك بار: قەشقەردىكى بىر باي ئائىلىنىڭ بالىسى بۇ كەنىتتە ئېچىلغان يېڭى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كېلىدۇ. يېڭى مەكتەپنىڭ ئېچىلىشى بۇ يەردە ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغايدۇ. بەزىلەر قارىشى تۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر قوللايدۇ. نامراتلار بالىلىرىنى يېڭى مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھىمىت ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايىتقاندا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئاچا – ئىنىلىرىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئاچىسى ئاڭلىۋالغانلىرىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، خەت يېزىشنى ۋە ھېسابلاشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان مۇئەللىم ئىنتايىن تەسىرلىنىپ ئۇ قىزنى مەدھىيلەپ بىر كۇبلېت شىئىر يازىدۇ. بۇ ئىش تېزلا سرىتقا تاراپ، كىشىلەر ھېمىتنىڭ ئاچىسىنى ئەيىبلەيدۇ. قىزنىڭ توي ئىشىمۇ يوققا چىقىدۇ. يېڭى مائارىپقا جان – جەھلى بىلەن قارىشى چىققان ئىمام بىلەن بىر قىسىم يامان غەرەزلىك، نادان كىشىلەر قىزغا تۆھمەت چاپلاپ، ئۇنى چالما – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇ يەرنىڭ پاكلىقىنى قوغداۋاتىمىز دەپ قارايدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر نورمال ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى، ئوبىكتىپ، ئادىل مىزانلىرىنى يوقىتىدۇ. مۇشۇنداق مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن شارائىتتا شەخىسنىڭ قارشلىق كۈچى ۋە تونۇشىنىڭ رولى بولمايدۇ.

4. پىرسوناژلار ئوبرازى جانلىق يارىتىلغان. ئاپتور كۆپ خىل جانلىق ئوبرازلار تەسىۋىرى ئارقىلىق كونكرىت، ئېنىق مىللەت خارەكتىرىنىڭ بەدئى ئوبرازىنى يارتىپلا قالماي، ئەسەر ۋەقەلىكىنى چىنىلققا ۋە كۈچلۈك جەلىپكارلىققا ئىگە قىلغان. ئاپتور ئۇيغۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئۆلچىمىدە تۇرۇپ پاكلىقنىڭ سىمىۋولى، ئۇيغۇر ئاي
اللىرىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىسى، گۈزەل ۋە ئاقكۆڭۈل زەينەپنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. زەينەپ ئوبرازى قارىماققا مۇكەممەل، نۇقسانسىز دېگىدەك يارتىلغان بولسىمۇ، چىنلىق ئاساسىنى يوقىتىپ قويمىغان. زەينەپنىڭ پەزىلىتى ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇھىت بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغدىغۇچى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغۇچى، دۇرۇس، ئەخلەق قارىشى كۈچلۈك كىشىلەردۇر. باينىڭ قىزى بولغان زەينەپ كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولسىمۇ، ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ياخشى – ياماننى، ھالال – ھارامنى ئېنىق ئايرىيدىغان. ئىنساپلىق، نۇمۇس – ھايالىق، شۈكرى – قانائەتچان بولۇپ يېتىلىدۇ. گەرچە يەر ئىسلاھاتى دەۋرىدە بىر مەزگىل ئازار ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىسىمۇ، كېيىن توختى قارىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىپ، نامرات بولسىمۇ ھالال ياشايدۇ. ياخشى ئايال، ياخشى ئانا بولۇپ، قېنى ئاتا – ئانىلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، پاك مۇھەببەتتىن ۋە ئائىلە مېھرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئېرى ئىزدىرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇزاق يىللارنى يۇشۇرۇن بىر ئۈنسىز كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بىر – بىرىدىن كىچىك قالغان بەش بالا، ئاچارچىلىق، تۈگىمەس جاپالىق ئەمگەك ئۇنىڭ ئۆزى، ئارزۇ – ھەۋەسلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا پۇرسەت قالدۇرمايدۇ. بىر كۈنى ئابدۇغىنى ئاخۇن زەينەپكە ئوتۇن يېرىشىپ بېرىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ «قىزىرىپ تەرلىگەن، كۈچ – قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان قاۋۇل بەستى... ئىشقا پىشقان، تومۇرلىرى كۆپۈپ چىققان توم – توم بىلەكلىرى...» زەينەپخاندا تۇنجى قېتىم يات جىنىسقا قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى «شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلىك» دەپ بېكىتىپ. نامىزىدا گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىدۇ. ئۇ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىققا قارىماي، ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئەخمەتنى بېقىۋالىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئوغلى ئۈرۈمچىدە نازىر بولغاندا، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى راھەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى ئويلىماي يۇرتداشلىرىنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشچە ياردەم قىلىدۇ. بالىلىرىنى ئىنساپ – دىيانەتلىك ياشاشقا، ئاتا – بوۋىلارنىڭ تۇتقان يولىنى، ئەسلىنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىرىدۇ.
روماندىكى ئالتۈنگۈل ئىنساننىڭ ئارزۇ – ھەۋەسلىرىگە، ھېسسىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۆمرىدە مۇھەببەتكە ئېرىشىپ باقمىغان بۇ ئايال ھېچنىمىگە قارىماي، مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە نەمەتكە تەككەن، ئۇنىڭ تۇرمۇشى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى، كىيىم – كېچەك، يىمەك- ئىچمەكتىن غېمى يوق. لېكىن ئۇ بۇ تۇرمۇشتىن رازى ئەمەس. ئۇ ئانىسىغا: «شۇنچە يىللاردىن بېرى مېنىمۇ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇشۇ قىزىم ئەرگە تېگىپ بەختىنى تاپقانمىدۇ دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ئانا؟ مەن سىزنى، بىر تۇغقانلىرىمنى دەپ ياش ئۆمرۈمنى خازان قىلدىم. بۇ ئايۋان – سارايلار كۆزۈمگە زىنداندەك كۆرىنىدۇ. ماۋۇ ئالتۇن – كۈمۈشلەر قېنىمنى شوراۋاتقاندەك تۇيىلىدۇ... سەنلا تويمايسەن مۇشۇنداق نەرسىلەرگە...» دەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ توسقىنىغا قارىماي، كىنوچىنىڭ نامراتلىقىغا باقماي ئۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. بىر مەزگىل مۇھەببەتلىك ئەمما نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئاخىرى يەنە يۇرتقا قايتىپ كېلىدۇ. ھەمدە بىر ئاماللارنى قىلىپ يەنە نەمەت بىلەن ياشاۋىرىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئىنتايىن قاقباش، پىلانچى ئايال. ئۇ ئەينى يىللاردا دائىم ۋەلى ئاخۇننىڭ ئۆيىگە قاتراپ، قىزى ئالتۇنگۈلنى بۇ ئائىلىسىگە ياتلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كېيىن ۋەلى ئاخۇن پومچىك بولۇپ كۈرەش قىلىنغاندا، ۋەلى ئاخۇننىڭ ئۈستىدىن يىغلاپ شىكايەت قىلىپ يۈرۈپ ئاياللار مۇدىرى بولىدۇ. نەمەت دادۈيجاڭ بولغاندا، نەمەتنىڭ كۆرۈمسىزلىكى ۋە ساۋاتسىزلىقىغا قارىماي چىرايلىق قىزىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىپ، دادۈيجاڭنىڭ قىيىن ئانىسى بولۇپ دەۋر سۈرىدۇ.
دادۈيجاڭ نەمەت ئەسلىدە بىر نامراتنىڭ بالىسى. بېشىدا يارىسى بولغانلىقى، چىرايىمۇ كۆرۈمسىز بولغانلىقى تۈپەيلى باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە كۆزگە ئىلماسلىقى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆزىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلارغا ۋە ئۆزىنى كەمسىتكەن كىشىلەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بار. ئۇ باش كۆتۈرۈپ باشقىلارنىڭ يەلكىسىگە مېنىشنى ئويلايدۇ. ئازاتلىقتىن كېيىن ئائىلە كېلىپ چىقىشى ھەم ئاكتىپلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ قارا نىيىتى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ. يېز باشلىقى، ئەترەت باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى مېبىر ھېلىلەر بىلەن يۇشۇرۇپ قۇرۇق ھەيۋە ۋە شۇئارۋازلىق بىلەن يۇرت سورايدۇ. ئەلۋەتتە، نەمەتنىڭمۇ ئۆز بەختسىزلىكى ۋە ئامالسىز تەرەپلىرىمۇ يوق ئەمەس. روماندا نەمەتنىڭ مۇرەككەپ خارەكتىرى چىن،  ئىشىنەرلىك يۇرىتىلىپ، نەمەت ئوبرازى كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدىغان ئۆلمەس تىپ دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەن دىيىشكىمۇ بولىدۇ. مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئابدۇغىنى ئاخۇن ئوچۇق – يۇرۇق، پاك، دورۇس ئېقىمغا ئەگىشىپ كەتمەيدىغان ئادەم. ئۇ ياشلىق باھارىنى ئاتىغان قاينام – تاشقىنلىق (سىياسى ھەرىكەتلەر)دىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ، ئىزچىل تۈردە سوتسىيالىزم كوللېكتىپلىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتىن كېيىن يەرلەر دېھقانلارغا كۆتىرە بېرىلگەندە، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدۇ. بازار ئىگىلىگى يولغا قۇيۇلغان دەۋرلەردە تېخىمۇ جىمىپ كېتىدۇ. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا زەينەپنى ياخشى كۆرىدۇ. ياشلىقىدا بەك نامراتلىقىدىن ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ. ئەترەت باشلىقى بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا بولۇپ زەينەپنى ئەمرىگە ئېلىش خىيالىدا يۈرگەندە، زەينەپ ئۇنىڭ يېقىن دوستى  توختى قارى بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئىشتىن بەك ئازابلانغان بولسىمۇ، كۆڭلىدە: «توختى قارى زەينەپنى تېخىمۇ بەختلىك قىلالايدۇ» دەپ ئويلاپ، بۇ رىئاللىقنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. زەينەپ بەش بالا بىلەن تۇل قالغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە نىيەتتە بولمايلا قالماستىن، ئۇچۇق – ئاشكارە ھالدا ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئۇ زەينەپكە بولغان مۇھەببىتىنى ھېچقاچان يۇشۇرۇپ يۈرمەيدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ بۇ ھېسسىياتىنى ئايالىمۇ بىلىدۇ. ئەمما ئۇمۇ ئېرىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى چۈشەنگەچكە ئۇنى كۈنلەپ يۈرمەيدۇ. زەينەپ بىلەن ئابدۇغىنى ئاخۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر – بىرىنىڭ غېمىنى  يەيدۇ. بىر – بىرىگە تارتىشىدۇ. بىر – بىرىنىڭ بەختى، ھاياتلىقىدىن خوشال بولىدۇ. ئەمما بىر – بىرىدىن ھىچنەرسە تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ بىرخىل ئاز ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە ساپ مۇھەببەتتۇر.
ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا زەينەپنىڭ بالىلىرىمۇ كىچىكىدىلا ئۆزىگە خاس روشەن خارەكتىرنى  نامايەن قىلىدۇ. ئەڭ كۆرىنەرلىكى ئىككىنچى ئوغلى رۇستەم بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىنلا «قولىدىن ئىش كېلىدىغان»، «جان باقالايدىغان بالا» ئاچارچىلىق يىللىرىدا ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن قۇشقاچ تۇتۇپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاچلىقىنى باسىدۇ. ئۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچى. قىشتا پۇتىغا كەيگىدەك ئايىغى بولمىسىمۇ يالاڭئاياغ مەكتەپكە بارىدۇ. پۇتى مۇزلاپ ماڭالماي قالغاندا، بېشىدىكى تۇماق بىلەن پۇتىنى ئىسىتىۋېلىپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئوغلىنىڭ كونا ئۆتىكىنى بېرىدۇ. ئۇ بۇ ئۆتۈكنى ئەتىۋارلاپ پۇتىدىن چۈشۈپ قالغىچە كىيىپ يۈرۈيدۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا «قايتا تەربىيە» ئېلىشقا كەلگەن زىيالى ياشلارنىڭ بىرى، قاتتىق ئاغرىپ قالغاندا رۇستەم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىيىن ئۇ زىيالى ياشنىڭ دادىسى – ۋىلايەتتىكى چوڭ بىر باشلىقنىڭ ياردىمى بىلەن تەرجىمان يىتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇپ ناھىيىدە، كېيىن ۋىلايەتتە تەرجىمان بولىدۇ. باشلىق ئايالىنىڭ سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىدۇ. ھەمدە نازىر بولۇپ ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن رۇستەمنىمۇ يۆتكەپ ئېلىپ كېتىدۇ. جاپا – مۇشەققەت ئىچىدە چوڭ بولغان بۇ ئاقكۆڭۈل سەھرا بالىسى ئەمەل سورۇنىدا يۈرۈپ ئىككى يۈزلىمىلىك، ساختىلىقنى ۋاستە تاللىماي يۇقىرىغا يامىشىشنى ئۆگىنىدۇ. ئورنى ئۆسكەنچە ئاتا – بوۋىسى رىئايە قىلىپ كەلگەن ئادىمىيلىك ۋە ئەخلاق مىزانلىرىدىن بىر – بىرلەپ ئايرىلىپ قالىدۇ. لېكىن، نازىرلىققا تەيىنلەنگەن كۈنى ئاخشىمى ئۆزى يالغۇز يەر ئاستى ئۆيىگە كىرۋېلىپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا كەيگەن ئۆتۈككە قاراپ ئۇزاق ئولتۇرىدۇ. بۇ پەيىتتە رۇستەمنىڭ مۇرەككەپ ھېسسىياتى ۋە پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كەتمىگەن ۋىجدانى ئىپادىلىنىدۇ.
روماندىكى يەنە بىر شەخس داۋۇتاخۇنمۇ تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك پىرسوناژ، ئۇ ئورۇق – ئاجىز، پاكار ئادەم. لېكىن ئاۋازى بويىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ناھايىتى گەپدان، ئەقىللىق. يۇرتتىكى ناھەق ئىشلار توغرىسىدا قوشاق توقۇپ، ھەزىل قىلىپ ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ گەپلىرى بەزىدە ئادەمنى بىزار قىلسىمۇ، ئۇ بولمىسا كىشىلەر بىرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئەمگەككە ئۆزىنى ئانچە ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئائىلە قىيىنچىلىقىنى باھانە قىلىپ تولا روخسەت سورايدۇ، ئەترەت باشلىقى روخسەت بەرمىسە، ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن روخسەت سورايدۇ. ئەترەت باشلىقى «ئۇ دېگەن جانسىز سۈرەت تۇرسا» دېسە، ئۇ: «ئۇلۇغ داھىرىمىزنى جانسىز دېدىڭ» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالىدۇ. ئەترەت باشلىقلىرىمۇ ئامال قىلالماي ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدۇ. ئىسلاھات،ئېچىۋىتىشتىن كېيىن داۋۇتاخۇن ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلەپ چوڭ باي، كارخانىچى بولىدۇ. گەرچە ئۇ ماددى جەھەتتە بېيىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مەنىۋى جەھەتتىكى نامراتلىق روشەن ساقلىنىپ قالىدۇ، يىغىنچاقلىغاندا، بۇ رومان يۇقىرقىدەك جانلىق، چىن پىرسوناژلار ئارقىلىق كىشىنى كۈچلۈك تەسىرلەندۈرىدۇ.

5. ئىپادىلەش ئۇسۇلى كۆپ خىل، جانلىق بولغان. «كەچمىش» رېئالىزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەر، شۇڭا ئەسەردە رىئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تىپىك بولۇش، چىن بولۇش پىرىنسىپىى ۋە تەنقىدى روھى ھازىرلىنىپلا قالماي، مۇبالىغىلەشتۈرۈش، بىمەنىلەشتۈرۈش، چۈش بىلەن رېئاللىقنى كىرىشتۈرىۋىتىشتەك مودىرنىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمۇ جانلىق قوللىنىلغان. ئاپتور بەزى قاراشلىرىنى ۋە ئىستېتىك تەلىۋىنى ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن نورمال تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرىگىلا ئېسىلىۋالماي، سېھرىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، رېئال تۇرمۇشنى خىيالىي تۈسكە كىرگۈزۈپ ئىپادىلىگەن. ئەسەرنىڭ بېشىدىلا توختاخۇن بىلەن ئايالى ئۇخلاپ ئويغانغىچە خۇرجۇنىدىن چۈشۈپ قالغان بىر تال بۇغداينىڭ بىر غېرىچ ئۆسۈپ قالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەمەلىيەتتە مۇمكىن بولمايدىغان بۇ ئىش ئارقىلىق ئاپتور ئەسەرنى سېھرىي تۈسىگە باشلايدۇ ۋە بۇ زىمىنىڭ ھاياتى كۈچىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ھېلىماخۇننىڭ ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندە، ھېلىماخۇن ئايالىنى ئۇزاتقىلى بارمايدۇ. نەۋرىسى ئۇنىڭدىن نېمىشقا بارمىغانلىقىنى سورىسا، ھېلىماخۇن: «موماڭ ئۆلۈپ كەتمىدى، ئەنە يېنىمدا ئولتۇرۇپتۇ» دەيدۇ، نەۋرىسى قورقۇپ ئەتراپىغا قاراپ ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدۇ. ھېلىماخۇن يەنە: «مەن بۇرۇن يالغۇز ئولتۇراتتىم، ئەمدى موماڭ ماڭا ھەمرا بولىدىغان بولدى» دەيدۇ. بۇ نورمال ئادەملەر ئۈچۈن بىمەنىلىك، لېكىن ئۆز روھى دۇنياسىدا ياشايدىغان ھېلىماخۇن ئۈچۈن رېئاللىق ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرۈپ يېتەلمەيدىغان ئىشلار ئارقىلىق ھېلىماخۇننىڭ ئۆزگىچە تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا تۇيۇقسىز يوق بولۇپ كېتىدۇ. كۆپ يىللاردىن كېيىن قۇملۇققا نىفىت ئىزدەپ بارغانلار ئۇنى يەنە غىل – پال ئۇچرىتىدۇ.
ئاپتور يەنە رېئاللىق بىلەن ئەپسانىنى، فانتازىيىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرخىل رىئالىي ھەم خىيالى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. كارۋانلارغا ئەگىشىپ بايلىق ئىزدەپ كەلگەن ئاكا – ئۇكىلارنىڭ چوڭى بىر قەدىمىي ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن چۈشۈپ، ئۆينىڭ تۆت تېمىغا خۇددى راسىتتەك سىزىلغان گۈزەل رەسىملەرنى، بۆشۈكتە ھازىرلا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان بوۋاقنى، چىمىلدىق ئىچىدە شىرىن ئۇيقىدا ياتقان، ئالتۇن – جانۋارلارنى تاقىغان بىر ساھىپجامالنى كۆرىدۇ. ئۆزىنى تۇتالماي، ساھىپجامالغا قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا ساھىپجامالنىڭ تېنى بىردىنلا كۈلدەك توزۇپ ئاپپاق ئۇستىخانغا ئايلىنىدۇ. بۇنى كۆرۈپ قورققىنىدىن، قولىغا چىققىدەك ئالتۇن – كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. لېكىن ئۆزى كىرگەن يەرنى زادى تاپالمايدۇ. چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئالغان نەرسىلەرنى جايىدا قويۇپ قويغاندىلا، بىر خىل سېھرىي كۈچ تۈپەيلى ئۇخلاپ قالىدۇ ۋە ئويغانغان چېغىدا سۇز يۇرۇق چۈشۈپ تۇرغان تۈڭلۈكنى كۆرىدۇ. كېيىن، ئاكا – ئۇكا ئىككىسى قايتىپ كېتىۋاتقىنىدا قورقۇنۇچلۇق قۇم بورانىغا دۇچ كېلىدۇ. جېنى تۇمشىقىغا كەلگەندە ئاكىسىنىڭ ئەقلىگە بىر ئىش كېلىپ، ئۇكىسىنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان نەرسىلەرنى تاشلىۋىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇكىسى ئاكىسى دېگەندەك قىلغاندىلا بوران توختاپ ئۇلار قۇملۇقتىن چىقالايدۇ. بۇ ۋەقەلىكتە ناھايىتى قۇيۇق ئەپسانە تۈسى بار. ئاپتور مۇشۇنداق ئەپسانىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ تۇپراقنىڭ سېھرىي كۈچىنى، بايلىقىنى ۋە بۇ بايلىقنى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد ساقلاپ كەلگەن بىرخىل ئەقىدىنى نامايەن قىلغان.
بوران توختىغان بىر كۈنى، كەنىتنىڭ سرتىدا تۇيۇقسىز بىر كەپە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ كەپىدىن ئەپتى ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، ئۆڭى قارامتۇل، يۈزى چوقۇر باسقان، بىر كۆزى ئالغاي، بىر ئۆچكە، بەش مۈشۈكى بار بىر ئايال چىقىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «سۇلايمان پەيغەمبەر كوزىغا بەنت قىلىۋەتكەن دىۋە»، «يەجۇسى – مەجۇسى»  دەيدۇ. چوڭلار گەپ ئاڭلىمىغان، ئۇخلىمىغان بالىلىرىنى بۇ ئايال ئارقىلىق قورقىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يۇرتتا قورقىنىچلىق كېسەل تارقىلىدۇ. كىشىلەر بۇ كېسەلنى ئەشۇ ئايال ئېلىپ كەلدى دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ ئايال ئوت – چۆپ دورىلار بىلەن كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ ئايالغا يېقىنلىشىپ، ئاغرىپ قالسا ئۇنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ. كىشىلەر ئەر باخشىنىڭ جىن ئايالى بارلىقى، جىننىڭ پۇتىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ باخشىغا تاماق ئېتىپ بېرىدىغانلىقى، باخشىنىڭ نوغۇچقا مىنىپ ئۇچۇپ يۈرۈيدىغانلىقىدەك ئىشلارنى سۆزلىشىپ يۈرىيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى رىۋايەت. لېكىن يەنىلا رېئال تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى. ئەينى يىللاردا پىرخۇن، جادۇگەر كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىنى پەرەز قىلىپ ۋە كېسەل داۋالاپ كەلگەن. بۇ سېھىرلىك ۋەقەلەر ۋە رىۋايەتلەر ئەسەرنىڭ يەرلىك تۈسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەينى يىللاردىكى يېزىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان. ئاپتور ئەنە شۇنداق مول تەسەۋۋۇر، مۇبالىغە، شەكىل ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى رىئاللىق ئىچىدىن سۇغۇرۇپ چىقىپ، بالىلارچە لوگىكا ۋە لوگىكىسزلىق ئۇسۇلى بىلەن قايتىدىن يۇغۇرۇپ، بىمەنىلەشكەن، غەيرى كۆرىنىش شەكىللەندۈرۈپ، بىمەنىلىك ئىچىگە چوڭقۇر ئەقلىي تەپەككۇرنى، راست – يالغان، خىيالى نەرسىلەر ئىچىگە رىئاللىقنى سىڭدۈرگەن.
6. تىل تەسۋىردىكى گۈزەللىك خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرىدىكى كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىك، روماندا ھەربىر سۆز – جۈملە تاۋلانغان، دەل جايىغا چۈشكەن، جۈملىلەر قىسقا، ئىخچام. ئاپتور  بىر ياكى بىر نەچچە جۈملە بىلەنلا پىرسوناژلارنىڭ تەقى – تۇرقىنى جانلىق ھالەتتە كىتابخاننىڭ كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ قويالايدۇ. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەنزىرە تەسۋىرلەر كىشىگە خۇددى كۆرۈپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن، «كەچمىش»نىڭ باش – ئاخىرىدا بېرىلگەن توغراقلىقنىڭ تەسىۋىرى؛ ئىللىق كۈز كۈنلەرنىڭ بىرىدە سالىھ باپكارنىڭ قايتىپ كېلىشى توغرىسىدىكى تەسۋىر؛ ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى سايبۇلاقنىڭ يېنىدا سۇ ئالغىلى كەلگەن قىزنى كۆرگەن چاغدىكى تەسىۋىر قاتارلىقلار، خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك جانلىق تەسۋىرلەردۇر. دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىكى چىغىر يولدىن بىر قىز چىقىپ كەلدى، ئۇ تەرلىگەندەك نېمىدۇر قورققاندەك ئېھتىيات بىلەن ماڭاتتى... ئۇ ئەتراپنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، رومىلىنى قىيا ئېچپ ئەتراپقا ئوغرىلىقچە قارىدى-دە، كۆڭلى تىنغاندەك خوشال بولۇپ، ئىتتىك بۇلاق بويىغا چۈشتى، ئۇ 14- 13 ياشلاردىكى ئەمدىلا قان يازغان غۇنچە كەبى يۇمران، مەسۇم ۋە گۈزەل بىر قىز ئىدىكى، كۆزلىرىگە لىق تولغان شىرىن چۈش ئىچىدە دۇنياغا ھەيرانلىق، ئەيمىنىش بىلەن باققاش، ئۆز گۈزەللىكى، ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك چىرايلىق مېڭىشلىرى، مەسۇمانە بېقىشلىرى بىلەن بۇ دۇنيانى نۇرلاندۇرۇپ تۇرغانلىقىنى  ئەسلا سەزمەستىن، ئۇ ئۇچۇملىرىغا لىق سۇ ئېلىپ ئاسمانغا ئېتىپ، كۈن نۇرىنىڭ جۇلاندۇرۇشى بىلەن ھىقىتەك ۋالىلداپ چۈشكەن سۇ تامچىلىرىغا قاراپ كۈلەتتى. ئۇلارنىڭ ئالقانلىرىدا سانسىز ئۇششاق پارچىلارغا بۆلىنىپ ھەريان چاچراپ كېتىشىدىن زوقلىناتتى. رومىلى بوينىغا چۈشۈپ، ئۇششاق ئۆرۈلگەن قوڭۇر چاچلىرى مەجنۇنتالدەك سۇغا چېلىشىپ قالغىنى بىلەن ھېسابلاشمايتتى... بىز بۇ روماندا بۇنداق نادىر تەسۋىرلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز.
دۇنيادا مۇكەممەل شەيئى بولمايدۇ. ھەرقانچە ئېسىل بەدىئىي ئەسەرنىمۇ مەلۇم يىتەرسىزلىكى بولىدۇ. شۇنىڭدەك «كەچمىش»مۇ نۇقسانسىز ئەمەس. مېنىڭچە روماندىكى بەزى ۋەقە، تەپسىلاتلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئىخچام بولۇپ كېتىشى، بەزى ئادەم ۋە ئىشلارنىڭ غىل – پال كۆرىنىپ يوق بولۇپ كېتىشى بەزى ئوقۇرمەنلەرنى گاڭگىرتىپ قويىشى ۋە قانائەتلەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. گەرچە گەپنىڭ ئورانىنى چىقىرىپ قويۇپ ئاخىرىنى ئوقۇرمەننىڭ چۈشىنىشىگە قالدۇرۇش، ئۇجۇر – بۇجۇرىگىچە توختۇلۇپ يۈرمەسلىكنى ئاپتورنىڭ بىرخىل ئۇسلۇبى دەپ قارىساقمۇ، «چىخوپنى تولىستوينىڭ قېلىپىغا سېلىش»نىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلسەكمۇ، ئاپتورنىڭ ئۆز ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
روماندا قىسمەن ئاتالغۇلارنىڭ ئۆلچەملىك، توغرا ئېلىنمىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز مەسىلەن، ھېلى «ئەترەت باشلىقى» دەپ ئېلىنسا، ھېلى «دادۈيجاڭ» دەپ ھېلى «كۇممۇنا» دەپ ئېىلىنسا، ھېلى «گۇڭشى» دەپ ئېلىنغان يەرلەر بار. كەنت نامى «توغراقلىق» بولغان ئىكەن. توغراقلىقتىكى كىشىلەر «توغراقلىقلىقلار» دەپ ئېلىنسا بولاتتى. ئەمما روماندا «توغراقلىقلار» دەپ ئېلىنغان. ئىككى يېرىدە ئادەم ئىسمى ئالمىشىپ قالغان، تەلەپچان يازغۇچى بۇ مەسىلىلەرگە سەل قارىماسلىقى كېرەك ئىدى.
يىغىنچاقلىغاندا، ئاپتور تارىخ  ۋە جەمەت ئۆزگىرىشىنى سەنئەت نۇقتىسىدىن كۈزىتىپ، بىزگە ئىنتايىن مول مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ۋە تارىخ ئۆزگىرىشى بىلەن مەدەنىيەت ئىچكى قاتلىمىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭا بۇ رومان مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساسىنى قېزىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت روھى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى نامايەن قىلغانلىقى، شۇنداقلا رىئاللىققا دادىل يۈزلىنەلىگەنلىكى بىلەن تېخىمۇ قىممەتلىك.





0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 22:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتۇن كىتاپنى ئوقۇغاندەك بولدۇم  كىتاپقا بەك قىزقىمەن 。تۇرمۇش ئالدىراشچىلىغىدا كىتاپ ئوقۇغىدەكمۇ ۋاقىت ۋاقىت چىقرالماي يۇرۇمەن ،رەخمەت تىما ئىگىسى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

5

دوست

6372

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 19:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   خالىدە ئىسرائىل ئۇيغۇر پروزا ئىجادىيىتىدە سالماقلىق ئورۇنغا ئىگە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ ئىلگىرى ‹‹ئوربىتا›› ،‹‹ قۇملۇقنىڭ چۈشى›› ناملىق پوۋىستلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى پروزىچىلىقتىن بايان ئۇسلۇبى ۋە سيۇژىتنى قۇراشتۇرۇش جەھەتلەردە دۇكان ئايرىغان ئىدى  .  دېمەك ئاخىرىدا ‹‹كەچمىش ››تىن ئىبارەت رومانى ئارقىلىق بۇ ئالاھىدىلىگىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىپتۇ .

0

تېما

3

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 14:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز توختىمىسۇن.
ياخشى يېزىلىپتۇ.

16

تېما

9

دوست

4787

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1410
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 21:57:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روماننى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ! ئوقۇپ باققانلارنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ باقساق....

0

تېما

0

دوست

108

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32292
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 01:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئىسىل  مەنمۇ  ئۇقۇپ  بىر   چاغلارغىچە   ئاجايىپ  تەپەككۇردا  بولغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )