قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7938|ئىنكاس: 117
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۇغۇر يۇرتىغا ساخاۋەتتىن ساياھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

4

دوست

3213

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 656
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 12:11:47 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
01.jpg

ئاپتور: ئىسكەندەر جېلىل
فوتو سۈرەتچى: يالقۇن ئوسمان، ئىسكەندەر جېلىل


يۇغۇرلار (سېرىق ئۇيغۇر) نىڭ يۇرتى بولغان گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىگە بېرىشنى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىلا يېز مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ئاكىمىز بىلەن كېلىشىپ قويغان ئىدۇق. مانا ئاۋغۇست ئايلىرىمۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بىز كېلىشكىنىمىز بويىچە ھەپتە كۈن بۇرۇنلا بويىز بېلەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئېلىشقا تېگىشلىك سوۋغاتلارنى ئېلىپ تەييارلاندۇق، ھەمدە يالقۇن ئاكام ئۈرۈمچىدىن، مەن بولسام قۇمۇل ۋوگزالىدىن پويىزغا چىقىپ، بويىزدا ئۇچرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.
      2014-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بىزنىڭ ئۇلۇغ روزى ھېيتىمىز ئىدى. لېكىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولۇپ، شۇ كۈنى سۇنەندە كاتتا بايرام خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلاتتى. بىزىڭ نىشانىمىزمۇ شۇ پائالىيەتلەرگە ئۈلگۈرۈپ بېرىش ئىدى. شۇڭا ھارپا كۈنى بالا- چاقامنى ئېلىپ تارانچىدىن قارادۆۋىگە باردىم، ئەتىسى ئاتا-ئانام ۋە ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن يېرىم كۈن بولسىمۇ ھېيىتنى ئۆتكۈزۈپ، چۈشتىن كېيىن قارادۆۋىدىن قۇمۇل شەھىرىگە قاراپ ماڭدىم.
ئۇزۇندىن بۇيان يۇغۇرلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ بېقىش، ھەمدە بۇلارنى قەلەمگە ئېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. كونىلار «جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس، قولنى كەسمىگىچە قان چىقماس» دېگەندەك، بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىش ئۈچۈن، ئازراق ھېيت مېھرىدىن كەچمىسەم بولمايتتى ئەلۋەتتە.
   قۇمۇل ۋوگزالىدىكى ئۇزاق ۋە تەشنالىق كۈتۈشلەردىن كېيىن، ئەتىسى سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دىن ئاشقاندا، ئاخىرى پويىزغا چىقتىم. بىز ئالدى بىلەن گەنسۇنىڭ جاڭيې (张掖) شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن 90 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبتىكى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىگە باراتتۇق. پويىزغا چىقسام كارۋاتلىق ئايرىمخانىلارنىڭ ھەممىسى قاپ- قاراڭغۇ، پەقەت كارىدورغىلا غۇۋا چىراق نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى. يالقۇن ئاكام بار ۋاگوندىكى ھەممە يولۇچى ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتۇ. قاراڭغۇ ئايرىمخانىلاردىن يالقۇن ئاكامنى تاپالمايدىغانغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىن، ئۆز ئورنۇمغا بېرىپ، مەنمۇ ئۇيقۇغا غەرق بولدۇم.
    كۈن يورۇپ سائەت 9- 10 لار بولغاندا، ئاخىرى يالقۇن ئاكام بىلەن يۈز كۆرۈشتۇم. بۇ مېنىڭ يالقۇن ئاكام بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈشۈم بولۇپ، بىرىنچى قېتىم بۇلتۇر (يەنى 2013- يىلى) 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئاددىيلا كۆرۈشكەن ئىدۇق. يالقۇن ئاكام ئىگىز بويلۇق، كېلىشكەن، ئۆزى چىقىشقان، خەنزۇچە ئوقۇغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە گەپ- سۆزى جايىدا كىشى ئىدى. مەن ئاساسلىقى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تورىنىڭ ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرەتتىم. راست گەپنى قىلغاندا، بۇ مېنىڭ تۈنجى قېتىم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم ئىدى. چۈنكى بۇرۇنقى پائالىيەتلەر ئاساسەن ئۈرۈمچى قاتارلىق باشقا جايلاردا ئېلىپ بېرىلغاچقا، مېنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىم ئاساسەن يوق ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەن بىر پەردە ئارقىسىدىكى كۆرۈنمەس پىدائىي ئىدىم.
    بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: 1. سۇنەندىكى يېزا باشلانغۇچ مەكتىۋىگە بىر دانە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىش؛ 2. ئىنتىل تەربىيىلەش مەكتىۋى ئىئانە قىلغان 2 دانە ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ خاتىرە دەپتىرى ۋە شارپىلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەتلەس شارپىلار، قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان ۋە نان قاتارلىق بۇيۇملارنى يۇغۇر دوستلارغا سوۋغا قىلىش. 3. يەنە بىر ساخاۋەت تەشكىلاتى بولغان گەنسۇ سۇنەندىكى يۈلېي ئوقۇشقا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى (裕蕾助学协会)نى زىيارەت قىلىش ئىدى.
    ئۆزەمنىڭ شەخسىي ۋەزىپەم بولسا، يالقۇن ئاكامغا يېقىندىن ياردەملىشىشتىن باشقا، يەنە ئىقتىدارسىزلىقىمغا باقماي، ئۇيغۇر تىلى بىلەن يۇغۇر تىلىنىڭ بەزى سۆزلۈكلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئىدى. سۆزلۈك سېلىشتۇرۇشنى بىرەر كىشى ياكى ئورۇن ماڭا ھاۋالە قىلمىغان، پەقەت بىر خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىپ قالغان ئىدىم.
    پويىزدا يالقۇن ئاكام بىلەن خېلى قىزغىن مۇڭداشتۇق. گەپلىرىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. مەن بۇرۇن يالقۇن ئاكامنى قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا كۆپ پىدائىيلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۆز يولى بىلەن باشقۇرۇپ ماڭالايدىغاندۇ، دەپ ئويلايتتىم. ھازىرقى ئادەملەرگە مۇئاش بېرىپ تۇرۇپمۇ باشقۇرۇش تەس بولىۋاتقان بۇ دەۋىردە، يالقۇن ئاكام مۇئاش ئالمايدىغان پىدائىيلارنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقاندۇ؟ ئۆزەمنىغۇ كىمنىڭ ئىشى چىقسا بىكارغا ئىشلەپ بېرىدىغان «ئەخمەق» دەيلى، لېكىن باشقىلارچۇ؟
     بۇنىڭ جاۋابىنى پويىزدىكى سۆھبەتتىن ھېس قىلىپ بولدۇم. يالقۇن ئاكام ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلغاندىن باشقا، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى، باشقىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى خېلى ئوبدان بىلىدىغان كىشى ئىكەن. ئەترەتتىن ياساتقان خاتىرە دەپتەردىكى رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «بۇ بالا بۇرۇن پىدائىي ئىدى، ھازىر يوقاپ كەتتى، لېكىن شۇ ۋاقىتلاردا ياخشى ئىشلەپ بەرگەن ئىدى» دەيتتى. ھېچقاچان بىرەر پىدائىينىڭ ئاز ئىشلەپ بەرگەنلىكى ياكى يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ۋايسىمايتتى. ئامال بار ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئىزدەپ يۈرۈپ تەرىپلەيتتى. كېيىن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. چوڭلارنىڭ «ھۆرمەت قىلساڭ، ئىززەت تاپىسەن» دېگىنى بىكار ئەمەستە!؟
02.jpg

جاڭيې ۋوگزالىنىڭ سىرتى

   چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەردىن ئاشقاندا، ئاخىرى جاڭيې شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. ۋوگزالدىن چىقىشىمىزغا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئەر، بىر ئايال بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى. ئۇلار يالقۇن ئاكامنىڭ سۈنەندىكى يۇغۇر تونۇشلىرى ئىكەن، يالقۇن ئاكام بۇرۇن سۈنەنگە ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىككى قېتىم بارغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى 3- قېتىملىقى ئىكەن. ئالدىنقى قېتىم بارغاندا، يالقۇن ئاكام يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ نامىدىن سۇنەندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە 10 دانە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلغان ئىكەن.
     ئايال ئۆزىنى سۇيىنا جىس، تولۇق ئىسمىنى ئەنجان سۇيىنا جىس، دەپ تونۇشتۇردى. ئەر بولسا ئۆزىنى جاستار، يەنى دۇمان جاستار دەپ تونۇشتۇردى. ھەممىمىز ئوخشاش يىلتىزلىق قېرىنداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇلار ماڭا يۇغۇرچە ئىسمى ئارقىلىق تونۇشلۇق بەردى. ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنى خالايتتىم. يۇغۇرچە ئىسىملار بىزنىڭ ئەكسىمىزچە، فامىلە باشتا، ئۆز ئىسمى ئارقىدا كېلىدىكەن. ئەنجان، دۇمان دېگەنلەر ئەسلى قەبىلە ۋە جەمەت ناملىرى بولۇپ، ھازىر فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىلىدىكەن. بىز بولساق ئۆز ئىسمىمىزنى باشقا ئېلىپ، دادىمىزنىڭ ئىسمىنى فامىلىمىز ئورنىدا ئاخىرىغا ئالىمىز. «جىس» سۆزى يۇغۇرچە «مەرۋايىت» دېگەن مەنادا بولۇپ، ئاساسەن قىزلارغا ئىشلىتىلىدىكەن. جاستارنىڭ مەنىسى «نۇر چېچىش، چاقناش» دېگەنلىك بولىدىكەن.
ئۇلارنىڭ يەنە خەنزۇچە ئىسىملىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار جەمئىيەتتە خەنزۇ ئىسىملىرى بىلەن يۈرسىمۇ، ئائىلىدە ۋە يۇغۇرلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە يۇغۇرچە ئىسىمىنى ئىشلىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يۇغۇرچە ئىسىملىرىگە بولغان ھەۋەسلىرىمنى بۇزغۇم كەلمىدىمۇ، ئىشقىلىپ يول بويى ئۇلارنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى سورىغۇم كەلمىدى، سۇنەندىن ئايرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بىرەر نەرسە يېزىپ قالسام دەپ ئويلاپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى، ئۇلارنىڭ خەنزۇچە ئىسىملىرىنى سوراپ يېزىۋالدىم. سۇيىنا جىسىنىڭ «ئەن خۇيلىڭ» (安慧玲)، جاستارنىڭ بولسا «دۇ چېىڭفېڭ» (杜成峰) ئىكەن. سۇيىنا بولسا جاستارنىڭ نەۋرە ئاچىسى بولۇپ، بۇلار تۇققا كېلىدىكەن. سۇيىنانى ئادەتتە كۆپچىلىك «ئاغار» دەپمۇ ئاتايدىكەن، بەلكىم ئەركىلەتمە ئىسمى بولسا كېرەك، يالقۇن ئاكاممۇ ئۇنى ئىزچىل تۈردە «ئاغار» دەپ ئاتاپ كەلدى. «ئاغار»نىڭ مەنىسى «تاڭ نۇرى» دېگەنلىك بولىدىكەن. سۇنەندە بولغان مۇشۇ 4-5 كۈن ئىچىدە ئاغار ئىزىل تۈردە خىزمىتىمىزدە بولۇپ كەلدى. بىز بارىدىغان ۋە زىيارەت قىلىدىغان كۆپ قىسىم يەرلەرگە بىزنى ئاغار باشلاپ باردى ۋە ئىزچىل «ساھىبخانلىق» قىلدى، شۇنداقلا مېنىڭ سۆزلۈك توپلىشىمغىمۇ زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئاغار (سۇيىنا جىس) غا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
03.jpg

بىزنى كۈتىۋالغان ئاغار (سۇيىنا) بىلەن جاستار

      بىز جاستار ئېلىپ كەلگەن ماشىنىغا چىقىپ، جاڭيې شەھىرىدىن بىرەر تۇنگان ئاشخانىسىنى تېپىپ، تۇنگان ئۈگرىسى بولسىمۇ يەپ، قۇرساقنى ئەستەرلىۋېلىشنى ئويلاشتۇق. لېكىن ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى بولغاچقا، نۇرغۇن تۇنگانلار ئاشخانىلىرىنى تاقاپ دەم ئېلىپتۇ، شەھەرنى نەچچە ئايلىنىپ، ئاران دېگەندە بىر تۇنگان ئاشخانىسىنى تاپتۇق. ئۇ يەردە ئازراق غىزالانغاندىن كېيىن، ماشىنىلىق ئۇددۇل سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىگە قاراپ ماڭدۇق.
      جاڭيېدىن سۇنەنگە مېڭىش يولىدا، بىز تارىخ، مەدەنىيەت ۋە تىلشۇناسلىق جەھەتلەردە كۆپ پىكىرلەشتۇق. جاستارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمى، بولۇپمۇ تارىخىي بىلىمى ئىنتايىن مول ئىكەن. ئاغارنىڭ بولسا يۇغۇر ئىجتىمائىي جەمئىيىتىگە بولغان چۈشۈنۈشى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەن. شۇڭا مەن مۇشۇ كىچىككىنە سەپەر ئۈستىدىمۇ، ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
«ئەنجان» فامىلىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى «ئەنجان» شەھىرىنىڭ نامىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىمدا، ئاغار «بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلىقى»نى ئېيتتى. جاستارنىڭ فامىلىسى بولغان «دۇمان» ئەسلىدە بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «تۇمان» سۆزى بولۇپ، بۇ يەردە «ت» سۆزى «د»غا ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ ئالاھىدىلىك ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن. مەسىلەن: شۇ تىل گۇرۇپپىسىدىكى تۈركلەر «تۇنگان»نى «دۇنگان»، «تىل»نى «دىل» دەيدۇ. كېيىن بايقىشىمچە، يۇغۇر تىلىدا تۈركىي تىللاردىكى ئۇچ چوڭ گۇرۇپپىنىڭ ھەممە ئالاھىدىلىكلىرى بار تءپىلىدىكەن. «دۇمان» ئەسلى «ياغلاق» قەبىلىسىدىكى بىر جەمەتنىڭ نامى بولۇپ، ياغلاقلار قەدىمدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا خاقان بولغان يادرولۇق قەبىلە ئىكەن، بۇ قەبىلە خەنزۇچە يازمىلاردا «耶律» دەپ ئېلىنىدىكەن. قارىسام، بۇ قەبىلىنىڭ نامى ئۇيغۇرچە «ياغلاقار»غا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. كېيىن يۇغۇر چوڭلىرى بىلەن بولغان سورۇندا، يىڭجىستان ئانا «ياغلاقىر» دەپ تەلەپپۇز قىلدى. مەن يېنىمدا ئولتۇرغان جاستاردىن «ياغلاق بىلەن ياغلاقىرنىڭ قايسىسى توغرا» دەپ سورىسام، جاستارمۇ «ياغلاقىر»نى تەستىقلىدى. لېكىن تارىخىي تەرجىمىلەردە، ئۇيغۇرلار耶律نى «يوللۇغ» دەپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن بىزنىڭ بۇنداق «يوللۇغ» دەپ ئېلىشىمىزدا ئازراق، ھەتتا خېلى جىقىراق خاتالىق سادىر بولدىمۇ- قانداق، دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقۇم كەلدى، گەرچە نۇرغۇن سۆزلۈك ۋە گرامماتىكىلىق قائىدىلەر ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئۆز-ئارا ئاناتىلدا پاراڭلىشىش يەنىلا تەسكە توختىدى. بەلكىم نەچچە يۈز يىل باشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئارىلاشماي ياشاۋاتقان يۇغۇرلارنىڭ تىلىدا قىسمەن ئۈزۈكچىلىكلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى كۈزىتىشلىرىمگە ئېلىپ قويۇپ، ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبىتىمنى خەنزۇ تىلىدا داۋاملاشتۇردۇم.
04.jpg


ئۈرۈمچى- تۇرپان تاشيولىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يول بۆلىكى

    جاڭيېدىن سۇنەنگە تەخمىنەن 90 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ماشىنا غەربىي جەنۇب تەرەپكە قاراپ ماڭدى. يوللار تاغلارنىڭ ئارىسىدا دېگۈدەك ئەگىپ ماڭدىكەن. بۇ يول كىشىگە خۇددى ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا ماڭىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنى ئەسلىتىدىكەن. قاراڭ رەسىمگە، بۇ رەسىم ئۈرۈمچى- تۇرپان تاشيولىدىكى ئوڭ تەرىپى تاغ، سول تەرىپى ئېقىنلىق بار يول بۆلىكىگە ئوخشامدىكەن؟ بۇ رەسىمنى ئۈرۈمچى- تۇرپان تاشيولى دېسەم، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.
   جاستارنىڭ دىيىشىچە، ئۇ قەدىمكى تاش سىزما رەسىملىرىگە بەك قىزىقىدىكەن، ھەمدە يېقىندا ئۇنىڭ قەدىمكى تاش سىزمىلارغا ئائىت كىتاۋى نەشىردىن چىقماقچى ئىكەن.
    گەنسۇدىمۇ قاتناش چىڭمۇ- قانداق، سۈنەنگە بالدۇر بېرىۋالساق قاتناشتىن جەرىمانە قويىدۇ دەپ، جاستار ماشىنىسىنى ئاستىدىن سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان بىر كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا توختاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدىراق، جاستارغا ئاشۇنداق قەدىمكى تاش سىزمىلارنى كۆرۈگۈم بارلىقىنى ئېيتقان ئىدىم. بىز ۋاقتىنچە توختىغان يەردە، شۇنداق تاش سىزمىلار بار ئىكەن، جاستار بىلەن دۆڭگە چىقىپ، شۇ تاشلارنى كۆردۇق. جاستارنىڭ دېيىشىچە، بۇ تاش سىزمىلارنى ھون دەۋىرىدىكى ھونلار سىزىپ قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇرۇن بۇنداق تاشلار كۆپ ئىكەندۇق، ھازىر تاغلارنى پارتىلىتىپ، يول ياساپ دېگەندەك ئاساسەن يوق قىلىۋېتىپتۇ.
05.jpg

بۇ بىر كالىنىڭ سۈرىتى ئىكەن


06.jpg

بۇ بىر قۇشنىڭ سۈرىتى ئىكەن

   ئوخشاش بىر مەنبەلىك مىللەت تۇرۇپ، ئانا تىلدا سۆزلەشمەي، خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىۋاتقىنىمىزدىن ئىچىم پۇشتىمۇ قانداق، - نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ياخشى ساقلاپ قالمىدىڭلار؟- دەپ سوراپ قالدىم.
- ھېلىمۇ خېلى ياخشى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز،- دەپ جاۋاب بەردى جاستار خەنزۇ تىلىدا،- غەربتىن مۇسۇلمان بولغان سىلەر، جەنۇبتىن تۈبۈتلەر، شىمالدىن موڭغۇللار، شەرقتىن خەنزۇلارنىڭ تەسىرىدە تۇرىۋاتىمىز، تۆت ئەتراپىمىزدا تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە تۈرلۈك تىللارنىڭ تەھدىتى بار تۇرۇغلۇقمۇ، تىل ۋە مەدەنىيىتىمىزنى نەچچە يۈز يىل ساقلاپ ھازىرغا ئۇلاشتۇرالىدۇق، سېنىڭچە بۇ بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ!؟ باشقا مىللەت بولغان بولسا ئاللىچقان يوقاپ تۈگىگەن بولاتتى،- دېدى جاستار.
جاستارنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولدۇم، ھەمدە ئىختىيارسىز ھالدا «ئىنتايىن توغرا دەيسەن!» دەۋەتتىم. تارىختىن بىلىشىمچە، قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىر خىل جاھىل مىللەت بولۇپ، شۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىن شەكىللەنگەن ھازىرقى مىللەتلەردىمۇ بۇ خىل جاھىللىق بار. بىر تۇنگاننىڭ دېيىشىچە «بىز ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا ئىتتىپاق، ھەم جاھىل مىللەت» ئىكەنمىز. لېكىن ئۆزىمىزگە ئۇنداق تۇيۇلمايدىغان ئوخشايدۇ. بەزى نەرسىلەرنى تارىخ ئىسپاتلايدۇ. يۇغۇرلارنىڭ لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ تۇرۇپمۇ، تۈبۈت (زاڭزۇ) بولۇپ كەتمىگەنلىكى، موڭغۇل بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپمۇ موڭغۇل بولۇپ كەتمىگەنلىكى، خەنزۇچە فامىلە ۋە خەنزۇ تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ خەنزۇ بولۇپ كەتمىگەنلىكى، ئىسلامىيەتتىن قېچىپ ئۆز ئېتىقادىنى يوقاتمىغانلىقى، شۇنداقلا شۇنچە ئاز نوپۇس تۇرۇپمۇ نەچچە ئەسىرلەرگىچە يوقاپ كەتمىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا بىر خىل «جاھىللىق»تىن بولغانمۇ- قانداق!؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
نۇرغۇن قىزىق پاراڭلار بىلەن، سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چېگراسىغا كېلىپ قالدۇق.

07.jpg


    جيۇچۈەن (九泉)نىڭ قەدىمكى نامى سۇجۇ (肃州) بولۇپ، يۇغۇرلار جايلايشقان بۇ يۇرت سۇجۇنىڭ جەنۇبىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن سۇنەن (肃南) دەپ ئاتالغان ئىكەن. سۇنەننىڭ ئومومىي نوپۇسى 30 مىڭدىن ئارتۇق، تەخمىنەن مەن تۇرىۋاتقان قۇمۇل تارانچى كۆمۈر كاننىڭ نوپۇسىغا باراۋەر كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇغۇرلار %27 ئەتراپىدا ئىگىلەيدىكەن (تارانچىدا بولسا ئۇيغۇرلار %15). ئۇنىڭدىن باشقا، سۇنەندە خەنزۇ، مۇڭغۇل، تۈبۈت  قاتارلىق 11 مىللەت ياشايدىكەن. ئوحشاش ئېتىقاد سەۋەبىدىنمۇ، ئىشقىلىپ يۇغۇرلارنىڭ تۈبۈت ۋە موڭغۇللار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن، لېكىن ئۆز ئىچىدە تويلىشىش يەنىلا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
    گەپنى يۇغۇرلارغا يۆتكەپ كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا ئۆزىنى «يوغۇر» دەپ ئاتايدىكەن (دىققەت: «يۇ» ئەمەس، «يو»). لېكىن مەن ئۆزىمىزدە قېلىپلاشقىنى بويىچە، «يۇغۇر» دەپ ئېلىۋەردىم. ئۇلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى نوپۇسى 15 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىڭى سۈنەن ناھىيىسىگە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئۇلار يەنە شەرق يۇغۇرلىرى ۋە غەرب يۇغۇرلىرى دەپ ئىككى چوڭ تارماققا بۆلىنىدىكەن. شەرق يۇغۇرلىرى موڭغۇل تىلىدا، غەرب يۇغۇرلىرى بولسا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىكەن. لېكىن موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىرىمۇ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغانلىرىمۇ ئۆزلىرىنى يەنىلا «سارى يۇغۇر» ياكى «يۇغۇر» دەپ ئاتايدىكەن. بەزى يۇغۇرلار شەرق يۇغۇرلىرىنىڭ تىلىنىمۇ، غەرپ يۇغۇرلىرىنىڭ تىلىنىمۇ بىلىدىكەن، بۇنداق كىشىلەر ئىككىلى يۇغۇر تىلنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىكەن.
قىزىق يېرى شۇكى، شەرق ۋە غەرب يۇغۇرلىرى گەرچە ئىككى خىل تىلدا سۆزلەشسىمۇ، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ بىر مىللەت ۋە قانداش ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىدىكەن، ھەمدە ئىناق ئىتتىپاق ئۆتىدىكەن. راست گەپنى قىلسام، بىر مىللەت تۇرۇپ ئىككى خىل تىلنى ئىشلىتىدىغان، ھەم ئۆز ئىچىدىن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتىدىغان بۇنداق مىللەتتىن دۇنيادا ئىككىنچىسى بولمىسا كېرەك.
    840-يىلى، شىمالدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بەربات بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم قەدىمكى ئۇيغۇرلار ھازىرقى گەنسۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى يىپەك يولىنىڭ ئاساسلىق تۈگىنى بولغان خېشى كارىدورىنى ئىگىلىۋالغان. تاڭغۇت خانلىقى خېشى كارىدورىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يېڭەلمىگەن. كېيىن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئىچكى زىدىيەت چىققان پۇرسەتتىن پايدىلانغان تاڭغۇتلار، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئاخىرى يەڭگەن. يېڭىلگەن بىر قىسىم گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ھازىرقى قۇمۇل- تۇرپان دائىرىسىگە كىرىپ پاناھلانغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىمۇ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كىچىك شاھزادىسى قەشقەر، خوتەن ۋە سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاناھلانغانلىقى، مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا باستۇرۇپ بارغانلىقىدەك ۋەقەلىكلەر ئۇچرايدۇ. گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى شۇ يەردە بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن، غەرب تەرەپتىن مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ قىستاپ كېلىشى بىلەن، ئۆز دىننى ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ، ھازىرقى سۇنەن دائىرىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، بۈگۈنكى يۇغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
شەرقتىن كۆچۈپ كەلگەن يۇغۇرلارنىڭ سۇنەنگە قانداق كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق قوشاقلىرى بار ئىكەن (بۇنى سۇنەندىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى كۈنى يىڭجىستان ئانا ماڭا دەپ بەرگەن):
مىز يوغۇر كىسې ئارتتىك ئۇيتتىن گېلىتتې،

شىجىنىڭ خېجىدەن گېلىتتې.
قوينى ئۇگۇسنى ھەيدە ماڭدى،
سارىغ تىيىنى مېنىپ گېلىتتې.
مىڭ ئاياق يولنى ماڭىپ گېلتتې،
گۆرمېگېن قالاچنى گۆرۈپ گېلتتې.
قارا ئاجانى تولوم ئېركەمغا بىرىپ گېلتتې،
قارا ئاجامغا يول ئايتتې، يول ئازمادې،
قارابۇقا سۇ تېلەپ قاققا بارمادې.
توغازاقنىڭ ئويىغا گېلتتې، تورغا بارمادې.
يۇلغۇنلۇغ يېرگە گېلىپ، يۈلۈگ بولتتې.


تەرجىمىسى:
بىز يوغۇر كىشى غەربتىكى يۈرتتىن كەلدۇق،
شىجىنىڭ خاجى دېگەن يېرىدىن كەلدۇق،
قوينى ۋە ئۆكۈز (كالا)نى ھەيدەپ ماڭدۇق،
سېرىق تۈگىنى مىنىپ كەلدۇق،
مىڭ تۈمەن يولنى مېڭىپ كەلدۇق،
كۆرمىگەن جاپانى كۆرۈپ كەلدۇق،
بوۋايلارنى تۇلۇم قاپقا سېلىپ كەلدۇق،
بوۋايلارغا يول ئېيتپ بەردۇق، يولدىن ئازمىدۇق،
قوتازلار سۇ تىلەپ، ئۇسسۇزلۇققا يەتمىدۇق
قونچىسىز ئۆتۈك (كېيىدىغان)لارنىڭ يۇرتىغا كەلدۇق، ئاچ قالمىدۇق،
يۇلغۇنلۇق يەرگە كېلىپ، ئۆيلۈك بولدۇق.
08.jpg


بىز چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئۇددۇلىدىكى يۇغۇر ئۇسلۇبىدىكى بىنا


   بىز كېلىشتىن بۇرۇنلا، ئاغار بىز ياتىدىغان مېھمانخانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۋەتكەن ئىكەن. چۈنكى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بولۇپ، بۇنداق چاغدا، سۇنەندىكى ياتاقلار مېھمان بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن، ئالدىن زاكاس قىلمىسا ياكى سەللا كېچىكىپ قالسا، ياتاق تەگمەي قالىدىكەن.
   بىز نەرسە- كېرەكلىرىمىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەل- پەل ئارام ئېلىپ تۇرۇشىمىزغا، ئاغار كېلىپ بىزنى يىراقراق بىر يەرگە تاماققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاددىي تەييارلىقتىن كېيىن، شۇ يەرگە قاراپ ماڭدۇق.
بىزنى تاغ ئارىسىدىكى بىر خىلۋەترەك ئارامگاھقا ئېلىپ باردى. ئارامگاھ گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، ئەتراپتىكى مەنزىرىسى ۋە ھاۋاسى بەك ياخشى ئىكەن.
09.jpg


دوكتور ئەنجان ئارسىلان (ئوتتۇرىدا)

    بىزنى دوكتور ئەنجان ئارسلان كۈتىۋالدى. بىز سەل بالدۇر بېرىۋالغان ئىكەنمىز. ئازراق تىل ۋە باشقا تېمىلاردا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر ئايال ئىككى بالىسى بىلەن كىرىپلا، يالقۇن ئاكام بىلەن ئىنتايىن قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ يالقۇن ئاكام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەماللىققا بىلەلمىدىم. بالىلارنىڭ بىرسى ئوغۇل، بىرسى قىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايى نەق شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۆزى ئىدى. كېيىن بىلىشىمچە، يالقۇن ئاكام بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنى ھەم ئاسراندى بالا قىلىۋالغان ئىكەن. بالىلارنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسمى ئەننا بولۇپ، ئۇمۇ ئەنجان جەمەتىدىن ئىكەن (لېكىن ئاغار بىلەن تۇغقان كەلمەيدىكەن). قىزىنىڭ ئىسمى ئەنجان جىس ئىكەن، ئوغلغا كېيىن بىز «ئايدىڭ» دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇق، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ يەنە ئايرىم خەنزۇچە ئىسملىرىۇ بار ئىدى. ئەننانىڭ دېيىشىچە، بالىلىرى بۇ يىل تەڭلا لەنجۇدىكى بىر سەنئەت مەكتىۋىگە ئۆتۈپتۇ، ھازىر ئۆزىمۇ تەڭ بالىلار بىلەن لەنجۇغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاش- تامىقىنى قىلىپ بېرىپ تۇرىۋېتىپتۇ. يەنە يالقۇن ئاكامنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلارغا قىلغان ياردىمىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. مەنمۇ يالقۇن ئاكامنىڭ بۇنداق چوڭ- كىچىك، ئاشكارە- يوشۇرۇن ئېلىپ بارىدىغان ساخاۋەتلىك ئىشلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. يالقۇن ئاكام ئىككى بالىغا ئىنتىل مەكتىۋى تەمىنلىگەن ئىككى دانە سومكا ۋە بەزى ئوقۇش قۇراللىرىنى سوۋغا قىلدى. بالىلار بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولدى. ئاندىن يالقۇن ئاكام ئۇلارنىڭ بېشىغا پىدائىيلار شارپىسىنى چېگىپ قويدى.
1.jpg

سۈرەتتە: يۇغۇر بالىلىرى ئايدىڭ بىلەن جىس ئارامگاھتا


     قالغان ساھىپخان- مېھمانلارمۇ ئارقا- ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، يۈلېي ئوقۇشقا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى لىن (李琳)مۇ بار ئىدى. لى لىن ئۆزى تۈبۈت بولۇپ، ئاپىسى يۇغۇر ئىكەن. ئىككىمىز بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالغاچقا، ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدە ئازراق مۇڭدىشىپ قالدۇق. لى لىننىڭ جەمئىيىتى بۇرۇن ماددى بۇيۇملارنى نامرات مەكتەپ ۋە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلغان ئىكەن. لېكىن ھازىر ماددىي بۇيۇم بېرىدىغان ئورۇنلارمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ، بۇلارنى تېپىشتۇرماقمۇ ئاسان ئىكەن، شۇڭا ئۇلار نۆۋەتتە يىراق تاغلىقتىكى بالىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەرس بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. چۈنكى بۇنداق بالىلارنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىشى بىر قەدەر قىيىن ئىكەن. لى لىننىڭ بۇنداق نە مۇھتاج بولسا شۇ يەرگە بارىدىغان، نېمە لازىم بولسا شۇنى تولۇقلايدىغاندەك ساخاۋەت روھىي ھەقىقەتەن مېنى تەسىرلەندۈردى. مېنىڭچە بولغاندا، ساخاۋەتچىلەردە خەق قىلغاننى ئەمەس، خەق ئېھتىياجلىقنى قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر روھ بولۇشى كېرەك.

2.jpg


يۈلېي ئوقۇشقا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى لىن (تۈبۈتچە ئىسمى: زاشىسەيراڭ)

«يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەشكىلاتى» بېيجىڭدىكى غەرببي يۇرت قۇياش نۇرى (西部阳光) تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە غەرببي يۇرت قۇياش نۇرى تەشكىلاتى بىلەن ھامكارلىق ئورناتقان ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئۆز-ئارا بىر- بىرىنى زىيارەت قىلىش تۈرىمۇ بار ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆز-ئارا زىيارەتتە بولمىسا بولمايتتى. بۇنداق بولغاندا، ھەر قايسى ئەل ئىچى ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا باردى- كەلدى ۋە چۈشىنىش چوڭقۇرلىشىپ، بىر- بىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولاتتى. شۇڭا يالقۇن ئاكامنىڭ سۇنەندىكى يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىسى بولسا لى لىن باشچىلىقىدىكى يۈلېي ئوقۇشقا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىش ئىدى.
3.jpg

سولدىن ئوڭغا: لى لىن، يالقۇن ئوسمان ۋە ئىسكەندەر جېلىل


سورۇن خېلى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى، ئاخىرىدا يۇغۇرلارنىڭ ئېغىزچە يەرلىك يىرلىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق. گەپلەر تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. لېكىن ھېلىقى ئىككى بالا مۈگۈدەشكە باشلىدى. يەنە بەزىلەرنىڭ ئەتە باشقا ئىشلىرى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خېلى كەچ بولغاندا، سورۇننى خۇشال كەيپىياتتا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياتاقلىرىمىزغا قايتىپ كەلدۇق.
4.jpg

يۇغۇر ۋە ئۇيغۇرلار سورۇنىدىن بىر كۆرۈنۈش

     7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەندە، ئاغار، يالقۇن ئاكام ۋە مەن ئۈچىمىز مېھمانخانىدىن چىقىپ، ئازراق كوچا ئايلاندۇق. بەزى بىنالارنىڭ ئۈستى ۋە يانلىرى ساپلا يۇغۇرچە نەقىشلەنگەن بولۇپ، باغچىلاردىكى راۋاقلارمۇ يۇغۇرچە پوسۇندا ئىكەن. ئاغار بىزنى مىللىي كېيىم كېچەكلەر دۇكىنىغا ئېلىپ باردى. بۇ دۇكاندىن يۇغۇرنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىگە ئائىت ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن، لېكىن شەكلى سەنئەت بۇيۇمى شەكلىدە ئىكەن. بىز دۇكاندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ ۋە رەسىمگە تارتىپ قانمايتتۇق. يۇغۇرنىڭ بۆكلىرى ئازراق قىرغىزلارنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، لېكىن قىرغىزلارنىڭكىدەك يىرتىقى يوق ئىكەن. ئايالچە بۆكلەر ۋە كېيىملەردىكى بەزى گۈللەر قومۇل چەشمىلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئاخىرى يۇغۇرلارنىڭ ئېسىل بىر كېيىمىگە كۆزىمىز چۈشتى، ھەمدە ئۇنى كېيىپ باقماقچى بولدۇق. دۇكان ئىگىسىمۇ قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ، يالقۇن ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىردىن يۇغۇر بايلىرىنىڭ كېيىمىنى كېيىپ، ھەر خىل پوسۇندا رەسىملەرگە چۈشۈپ كەتتۇق.
6.jpg

سولدىن: يالقۇن ئوسمان بىلەن ئىسكەندەر جېلىل


7.jpg

يۇغۇر ئەرلىرىنىڭ بۆكى

8.jpg

يۇغۇر ئاياللىرىنىڭ بۆكى


     چۈشكە يېقىن، ئاغارنىڭ ئاچىسى ئەن يۈلىڭ (安玉玲) نىڭ ئۆيىگە باردۇق. يالقۇن ئاكام ئۇلار بىلەنمۇ ئىنتايىن قىزغىن كۆرۈشتى. يالقۇن ئاكام بۇ يەرگە نەچچە قېتىم كېلە- كەلمەيلا، ئۆز تۇققانلىرىدىنمۇ يېقىن كىشىلەرنى تېىپىۋالغانلىقىغا ھەيران قالدىم. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى، ياق بىزلەرنى ئۇلارغا يېقىن قىلىۋاتقىنى پەقەت ساخاۋەت ساھەسىدىكى ئۆز-ئارا ياردەم ۋە ھەمكارلىقلارلا بولۇپ قالماي، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئوخشاش يىلتىز ۋە قانداشلىىتۇر.
    ئەنيۈلىڭ ھەدىمىزنىڭ يۇغۇر تىلىغا خېلى پۇختا ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئازراق سۆزلۈك توپلىدىم. كېيىن ئۇ بىر نەرسىلەرنى يازغاندەك قىلدى، قارىسام يۇغۇر سۆزلۈكىنى خەلقئارالىق تەلەپپۇزدا يېزىپتۇ. شۇنىڭغا قاراپ، بۇ ئايالنىڭ خېلى سەۋىيىسى باركەن دەپ ئويلىدىم. دەرۋەقە، شىنجاڭ ۋە چەتئەللەردىن يۇغۇر ۋە يۇغۇر تىلىغا ئائىت ئىشلار ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەن يۈلىڭ ھەدىمىزنى ئىزدەيدىكەن. بۇ جەھەتتە ئەن يۈلىڭ ھەدىمىزنى ئەڭ ئالدى دېيىشكە بولىدىكەن. بۇلتۇر (2013-يىلى) 5-ئايدا تۇرپاننىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئۆمەرجان سىدىق، شائىر ئەكبەر داۋۇت قاتارلىق 6 يازغۇچى- شائىرلار سۇنەنگە كەلگەندە، ئەن يۈلىڭ ھەدىمىز ئۇلارنى كۈتىۋالغان ئىكەن.
     چۈشتە سارتالار (دۇڭشياڭزۇ) نىڭ بىر ئاشخانىسىدا توخو قوردىقى يېدۇق. بىر دۇڭشياڭ مىللىتىدىن بولغان زىيالىنىڭ يالقۇن ئاكامغا دېيىشىچە، دۇڭشياڭلار دەل «سارت»لارنىڭ ئۆزى ئىكەن. بەيدۇدىن ئىزدەپ باقسام، «sarta» دەپ چىقتى، شۇڭا گەپنىڭ بېشىدىلا بۇ مىللەتنى «سارتا» دەپ يازدىم. «دۇڭشىياڭ» دېگەن مىللەت نامى پەقەت گەنسۇ لىنشادىكى دۇڭشياڭ رايونىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئىكەن. «سارتا» بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاتايدىغان مىللەت نامى ھېساپلىنىدىكەن. ئاشخانا يېنىدىكى ئاق دوپپا كېيىۋالغان بىر چاققان يىگىت بىلەن پاراڭلىشپ قالدىم. ئۇمۇ سارتا مىللىتىدىن بولۇپ، ئىسمى «رەجەپ» ئىكەن. ئۇمۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزگە قىزىقىپ، بىز بىلەن ئازراق پاراڭلاشتى.
     ھەر مىللەت ئۆزىدىن باشقا مىللەتنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتايدۇ. يۇغۇرلار ئۆزلىرى بىۋاستە ئۇچرىشالايدىغان مىللەتلەردىن خەنزۇلارنى قىتىي، موڭغۇللارنى مۇڭۇ، تۇنگانلارنى سارت، تۈبۈتلەرنى دات دەپ ئاتايدىكەن. پەرىزىمچە، «دات» سۆزىنىڭ ئەسلىسى «تات» بولۇپ، بۇ سۆز قەدىمكىي تۈرك تىلىدا «ئىسلامغا كىرمىگەنلەرنى» كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قاراخانىلار پۇقرالىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنى «تات» دەپ ئاتايتتى.
     ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇرۇن موڭغۇلىيەلىك بىر موڭغۇل ئايال ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سارت، ئۆزبەكلەرنى چەنتو دەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىشقىلىپ، بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنى ئاتىشى ھەقىقەتەن پەرقلىنىدۇ.بىلىشىمچە، دۇنيادا «سارت» نامى قونغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تۇنگان ۋە سارتالاردىن ئىبارەت 4 مىللەتلا بولسا كېرەك. مېنىڭچە بولغاندا، بىر مىللەت ئۆزىنى نېمە دەپ ئاتىسا، باشقىلارمۇ شۇنداق ئاتىغان ياخشى. ئەگەر كەمسىتىش مەنىسى بولمىغان ۋە بۇرۇندىن ئاتاپ كەلگەن مىللەت نامى بولسا، شۇنى داۋاملىق ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەجداتلىرىمىز زاڭزۇلارنى ئەزەلدىن تۈبۈت دەپ ئاتاپ كەلگەن، ئەلۋەتتە ھازىرمۇ شۇنى ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ.

9.jpg

مۇسۇلمانچە ئاشخانىنىڭ ئۇددۇلىدا تۇرغان سارتالار، قارىماققا تۇنگانغا ئوخشاپ كېتىدۇ

   تاماقتىن يېنىپ، «خەلق مەيدانىدا ئويۇن قويىۋاتىدۇ» دېگەننى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە چاپتۇق. دېگەندەك ئادەملەر توپلىشىپ كەتكەن ئىكەن. يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق تويى ھەقىقەتەن بەك قىزىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ دېگۈدەك ئويۇن كۆرىۋاتاتتى.

10.jpg

ئويۇن قويۇلىۋاتقان خەلق مەيدانى

     ئادەم كۆپ، بىزنىڭ كىشىلەر توپىغا كىرىپ ئويۇن كۆرەلىشىمىزگە كۆزىمىز يەتمەي، شۇ ئەتراپتىكى يۇغۇرلار ۋە يۇغۇرچە مىللىي كېيىم كىيىۋالغانلارنى رەسىمگە تارتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. ئويۇن قويغۇچىلار يۇغۇرچە، تۈبۈتچە، موڭغۇلچە كېيىملەرنى كېيىپ، شۇ مىللەتكە خاس نومۇرلارنى ئورۇندايتتى. سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەتراپتا رەسىملەرگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇراتتى. بىزمۇ بۇ پۇرسەتتىن كەم قالماي، مىللىيچە پۇراققا ئىگە كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ رەسىمگە تارتتۇق. ئاغار بەزى ئويۇن قويغۇچىلار بىلەن تونۇشىدىغان بولغاچقا، بىزمۇ بىر قانچە يۇغۇر قىزلىرى بىلەن رەسىمگە چۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالىدۇق.

11.jpg

12.jpg 13.jpg

14.jpg

بەزىدە كىمنى، قەيەرنى رەسىمگە تارتىشنى بىلەلمەي ھاڭىۋېقىپ قالدۇق.

رەسىملەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارتىۋالغاندىن كېيىن، «يۇغۇرلار مۇزىيى»غا قاراپ يول ئالدۇق. مۇزىينىڭ ئورنى ئانچە يىراق بولمىغاچقا، تاكسى توسماي، پىيادا بېرىشنى نىيەت قىلدۇق. يولدا كېتىۋېتىپ، ئاغارنىڭ باشقا يۇغۇر تونۇشلىرى ئۇچراپ قالدى. ئۇلار دۇكان ئاچىدىكەن. دۇكاننىڭ ئىسمى «باييار ماگىزىنى» (拜亚尔商行) ئىكەن. دۇكاندارنىڭ دېيىشىچە، باييار سۆزى «باي- باياشات» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ شۇنداقراق مەنا بېرىدۇ دېسەك ھەرگىز خاتالاشمىغان بولىمىز. چۈنكى بۇ ئىككى تىلنىڭ يىلتىزى بىر-دە!


15.jpg

يول بويىدىكى «باييار ماگىزىنى»

     ھاۋا سەل ئىسسىق بولغاچقا، دۇكاننىڭ ئالدىدا ئىچىملىك ئىچكەچ، دۇكاندار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. يولدىن ئۆتكەنلەر بىزنىڭ ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى بىلدى بولغاي، ئانچە- مۇنچە قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. بەزىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتى. بىر چاغدا، كۆزەينەك تاقىغان، يېشى ئەللىكتىن ئاشقان شاپ بۇرۇت بىرەيلەن بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلدى. شاپ بۇرۇتنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا، ئۆزىنىڭ تارىخىي يىلتىزىغا بولغان مۇھەببىتى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ «مەن شىنجاڭنىڭ نەرسىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەندە، سومكامغا زىيادە بىرەر سوۋغات سالمىغانلىقىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. شۇ ھامان ئۇچامدىكى كانىۋاي قارا كۆڭلەكنى سوۋغا قىلغۇم كەلدى، لېكىن ئوشۇقچە كەيگۈدەك بىر نەرسىمۇ ئېلىۋالماپتىمەن. ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئىشەك سويدىدەك يېرىم يالىڭاچ مېڭىشنى راۋا كۆرمىدىم. شۇڭا مەن «ئۇچامدىكى مۇشۇ كۆڭلىكىمنى سوۋغا قىلغۇم بار،ھازىر كەيگۈدەك باشقا كۆينەك ئېلىۋالماپتىمەن، ئەتە- ئۆگۈن مېڭىشنىڭ ئالدىدا ساڭا سوۋغا قىلىپ بېرەي» دەپ تېلېفون نومۇرىنى يېزىۋالدىم. ئەپسۇس، كېيىن تېلېفون قىلىشپمۇ ئۇچرىشالماي قالدۇق. شۇنداق قىلىپ، مەن بىر سوۋغاتقا قەرزدار بولۇپ قالدىم.

16.jpg

ئالدىمىزغا كەلگەن شاپ بۇرۇت يۇغۇر

شاپ بۇرۇت «كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى» دە ئىشلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئىدارىسى 15 مېتىر ئالدىمىزدىكى بىنادا بولۇپ، بىزنى ئىشخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئىشخانا ئىنتايىن ئاددى ئىدى، ئۆزىگە ۋە يۇغۇرغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە كىتاپلارنى ئىشخانىدىن تاپقىلى بولاتتى.  
شاپ بۇرۇتنىڭ ئىسمى لاڭ جيەنمىن بولۇپ، ئۆزى خراڭگا قەبىلىسىدىن، تارىخى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىگە قىزىقىشى مول ئىكەن.


18.jpg

شاپ بۇرۇت بىزگە كونا رەسىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە

شاپ بۇرۇتنىڭ ئىشخانىسىدىن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق. ئەگەر ۋاقتىمىز يېتەرلىك بولغان بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ قېلىشىمىز، شاپ بۇرۇتمۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىلىرىنى بىزگە زېرىكمەي سۆزلەپ بېرىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. يەنە بىر ئەپسۇس، بىزنىڭ ۋاقتىمىز قىس بولغانلىقتىن، داۋاملىق مۇزىي تەرەپگە قاراپ ماڭمىساق بولمايتتى. مېڭىشتىن بۇرۇن، شاپ بۇرۇت ئاكىمىز بىزگە داڭلىق يۇغۇر رەسسام گو جېىڭيىڭنىڭ بىردىن ئىككى پارچە كىتاۋىنى سوۋغا قىلدى. بىزمۇ بۇ سوۋغاتتىن مەمنۇن بولدۇق.


19.jpg

يول بويىدىكى يۇغۇر ئۇسلۇبىدىكى ئاشخانا

بىز داۋاملىق مۇزىي تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. يول بويىدىكى ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئۆزگىچە ئارقان تارتىشىش ئويۇنىنى كۆرۈپ قالدۇق. بۇنىڭدا ئىككى ماھىر كالىچىلاپ بىر- بىرىگە قارشى تەرەپكە تارتىدىكەن، كىم ئۆز تەرىپىگە تارتىپ ئېلىپ كەتسە، شۇ يەڭگەن بولىدىكەن.

20.jpg

يالقۇن ئاكام بىلەن ئىككىمىز بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدۇق. ئارقان تارتىشنى مەشىق قىلاۋاتقان بۇ يۇغۇرلار ئەسلىدە مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلۋاتقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ تېرىسى ئەسلىدىن شۇنداق قارامۇ ياكى تولا مەشىق قىلىپ قارىداپ كەتتىمۇ، ئىشىقىلىپ بىر يەرلىرى بەزى قارا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ قالىدىكەن. يالقۇن ئاكام مەشقاۋۇلغا «بىز سىناپ باقساق بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. مەشقاۋۇلمۇ بىزنىڭ مېھمان ئىكەنلىكىمىزنى پەملىدى بولغاي، بولىدۇ دەپ، ئارقاننى بىزگە بەردى.
21.jpg

يالقۇن ئاكام بىلەن ئىككىمىز «مۇسابىقە» گە چۈشۈپ كەتتۇق. شۇنچە كۈچىسەممۇ يالقۇن ئاكامنى تارتالايدىغان ئەمەس. يالقۇن ئاكام ئورنىدا مىخلىنىپ قالمىغاندۇ دەپ ئويلىدىم، لېكىن ئارقامغا قاراپ كۆرۈپ بېقىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. ئۆزەمگە توختاپ تۇرە، نىم بولسام بولاي دەپ، ياۋا كۈچنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ تارتىۋېدىم، خېلى ئالدىغا سىلجىيالىدىم. بىر چاغدا قارىسام، «مۇسابىقە تۈگىدى» دەيدۇ. مۇسابىقىدە مەن ئۇتۇپتىمەن. يالقۇن ئاكامنىڭ شىپلاقتەك ئايىقى پۇتىدىن چىقىپمۇ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالقۇن ئاكامنىڭ بېلى ۋە ئومۇرتقۇسى ئاغرىيدىغان كېسىلى بار ئىدى. ئەلۋەتتە، مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى بىزگە ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى يۇغۇرلارنىڭ بۇ ئويۇنىنى ئەمەلىيىتىمىزدە سىناپ بېقىش خالاس. ئۆزەمچە «مەشىق قىلۋاتقانلار بىلەن بىر چۈشۈپ باقايمىكىن» دەپ ئويلاپ، يەنىلا ئۆزەمگە ھاي بېرىپ، يولۇمغا راۋان بولدۇم.
     يۇغۇر مۇزىيىغا كېلىپمۇ قالدۇق. مۇزىي كۆلەم ۋە كۆركەم جەھەتتىن ئىنتايىن چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك ياسالغان ئىكەن. مېنىڭچە بۇنىڭغا مىليونلاپ پۇل خەجلىمىسە بۇنچىلىك ھالەتكە ئېلىپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئاغار بىزگە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇزىي قۇرۇلۇشىغا پۇلنى راۋۇرۇس خەجلىگەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. مۇزىينىڭ ئىچىگە يۇغۇرلارنىڭ تارىخى، تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن ۋە بۇيۇملار قويۇلغان ئىكەن. مۇزىينىڭ چوڭلىقيىدىن، بەزى ئورۇنلار چوڭ، قويۇلغان بۇيۇملار كىچىك ۋە ئاز بولۇپ قاپتۇ. مۇزىي ئىچىدىكى بەزى ئورۇنلار تېخى پۈتمىگەن بولۇپ، ئىشچىلار دۋاملىق ياساۋاتقان ئىكەن. بىزمۇ ئايلىنىپ يۈرۈپ بىرىنچى قەۋەت ۋە ئىككىنچى قەۋەتلەردىكى مۇزىي بۇريۇملىرىنى بىر قۇردىن كۆرۈپ چىقتۇق، ھەمدە ئۆزىمىزگە ياققان يەرلەرنى رەسىمگە تارتىپمۇ ئۈلگەردۇق.
22.jpg

23.jpg

24.jpg


25.jpg


ئاغارنىڭ ئاپىسى دۇ شيۇيىڭ (يۇغۇرچە ئىسمى دۇمان چۈمتار) «يۇغۇر مىللىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى»دە ئىشلەيدىكەن. ئاغار ماڭا «ئاپام ماڭا قارىغاندا جىق نەرسە بىلىدۇ، ئاپام بىلەن ئۇچراشقاندا سورايدىغىنىڭنى سورىۋالغىن» دېدى. مەنمۇ بۇنىڭدىن ئىتايىن خۇشال بولدۇم.

26.jpg

يۇغۇر مىللىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ ئالدى تەرىپى

   «يۇغۇر مىللىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنى» مۇزىيىدىن ئانچە يىراقتا ئەمەسكەن. ئۇ يەرگە بىردەمدىلا يېتىپ باردۇق. بىنانىڭ ئىچىگە كىرىشىمىزگە، ئاغارنىڭ ئاپىسىمۇ تەڭ ئالدىمىزغا چىقىپتۇ. موماي ئىنتايىن مۇلايىم بولۇپ، چېھرىدىن مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغان ئاياللار بولۇپ، پەقەت شۇلارلا يۇغۇرلارنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، تىلى ۋە باشقا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن خەۋەردار ئىكەن، ھېچ بولمىغاندا كۆپرەك بىلىدىكەن. شۇڭا ساياھەتچىلەر كەلسە، بۇ پىشقەدەم ئاياللار ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، يۇغۇرلارغا ئائىت نەرسىلەردىن چۈشەنچە بېرىپ، مەركەز ئىچىدىكى بۇيۇم ۋە مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرىدىكەن. بۇمۇ بىر ھېساپتا يوقۇلۇش گىرداۋىدىكى مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ ۋەياكى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇنەن ناھىيىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا يۇغۇرچە دەرس بېرىشنى يولغا قويماقچى ئىكەن. ھازىر بەلكىم ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

27.jpg

ئاغارنىڭ ئاپىسى چۈمتار

28.jpg

تۆتىمىز كارىدوردىلا رەسىمگە چۈشىۋالدۇق


29.jpg
مەركەزدىكى پىشقەدەم ئاياللار

30.jpg

تامدىكى مۇزىكىغا ئائىت بۇيۇملار

31.jpg

   مېڭىشنىڭ ئالدىدا، چۈمتار ئانىدىن بەزى نەرسىلەرنى سورىۋالدىم. ھازىر خىزمەت ۋاقتى بولغاچقا، كۆپ نەرسىلەرنى سوراپ، دەپتەرگە پۈتۈش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن. ئۇنداقتا، كەچتە ھېلىقى سارتالارنىڭ تاماقخانىسىدا كۆرىشىدىغان بولدۇق. شۇ ۋاقتىدا، دەپتەر- قەلەملىرىمنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، سورايدىغانلىرىمنى سورىۋالىدىغان بولدۇم.
    كەچتە، كەچلىك تاماققا سارتالارنىڭ ئاشخانىسىغا باردۇق. ئاغار بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى بىزدىن بالدۇر كېلىۋاپتۇ، يەنە ھېلىقى ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى ئەننامۇ بار ئىكەن. كېيىن بىلىشىمچە، بۇ تاماققا ئەننا ساھىپخان بولىدىغان بوپتۇ. «بىز مېھمان قىلايلى» دېگەنلىرىمىزگە كۆنمىدى. ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن، يۇغۇرلار ۋە يۇغۇر تىلى ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. مەنمۇ دەپتەر- قەلەملىرىمنى ئېلىپ، مېھرىبان مومايدىن بىر نەرسىلەرنى سوراشقا باشلىدىم.
32.jpg

ئاغار بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى

     يۇغۇر سۆزلۈكلىرىنى يىغىش جەريانىدا، تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە قۇتادغۇبىلىتىلا ئۇچرايدىغان قەدىمكى تۈركىي سۆزلۈكلەر قايتا- قايتا ئۇچراشقا باشلىدى، مەنمۇ بۇنىڭدىن قايتا- قايتا ھەيران قالدىم. بەزىدە ئۆزەمنىمۇ بىلەلمىگەن ھالدا ئۈنلۈك ئاۋازدا «ۋاھ» دەۋەتتىم. مەسىلەن: يولۋاس- بارس، مايمۇن- بىجىن، شورپا- من (ئەسلىسى مۈن) دېگەندەك سۆزلەر ئارقا- ئارقىدىن ئۇچراشقا باشلىدى.
     يۇغۇر تىلىنى تۈركىي تىللارنىڭ قايسى گۇرۇپپىسىغا تەۋە قىلىشنى پەقەت بىلەلمەي قالدىم (ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ كەسىپىم ياكى خىزمىتىم ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ھالىمغا باقماي ئازراق باش قاتۇرۇپ قويدۇم). يۇغۇر تىلىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىك بار ئىكەن (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى غەربىي يۇغۇر تىلى):
      1.  تۇركىي تىللاردىكى قارلۇق، قىپچاق ۋە ئوغۇزدىن ئىبارەت ئۈچ تىل گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. مەسىلەن: تاغ، تالا دېگەندەك سۆزلەر قارلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىسە، ياس (ياش)، ئارجاق دېگەندەك سۆزلەر قىپچاق تىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادە قىلىدىكەن، گۆز (كۆز)، گېل (كەل) سۆزلىرى بولسا ئوغۇز تىللىرىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.
     2.  قەدىمكى سۆزلۈكلەردىن باشقا، يەنە قەدىمكى جۈملە شەكىللىرىمۇ ساقلىنىپ قاپتۇ. مەسىلەن: «مېنىڭ ئانام» دېگەننى «مېنىڭ ئانا» دەپ «ئانا» سۆزىگە تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلمايدىكەن. يەنە ساناق سانلىرىمۇ قەدىمكى ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قاپتۇ. مەسىلەن:ئون بىرنى «بىر يىگىرمې»، ئوتتۇز بىرنى «ئۈش ئون بىر» دەپ ئاتايدىكەن.
     3.  يۇغۇر تىلىدا «سىز» سۆزى يوق ئىكەن، بىردەك «سەن» ئىشلىتىلىدىكەن. بۇمۇ قەدىمكى تۈركىي تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېساپلىنىشتىن باشقا، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ھازىرغىچە شۇنداق ئىشلىتىدۇ. مەن تۇغۇلغان يۇرت قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە يېزىسىدىمۇ «سىز» سۆزى يوق، ھەممىنى بىراق «سەن» دەيدۇ.
     4.  يۇغۇر تىلىنىڭ ئاھاڭى قازاق تىلىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. «مەن»، «سەن» سۆزلىرىنىڭ دېيىلىشىدىن تارتىپ، بەزى ئاھاڭلىرىغىچە قازاق شىۋىسىغا ئوخشاپ قالىدىكەن.
    5. غەربىي يۇغۇر تىلىنى داخې ۋە مىڭخۇادىن ئىبارەت ئىككى شىۋىگە بۆلۈشكە بولىدىكەن. داخې ۋە مىڭخۇالار سۇنەن ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرى بولۇپ، شۇ يېزىدىكى يۇغۇرلارنىڭ گەپلىرى سەل پەرقلىنىدىكەن. لېكىن بۇ پەرق ئانچە چوڭ ئەمەسكەن. بۇنىڭ ئىچىدە داخې شىۋىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن.
   6. يۇغۇر تىلى قۇمۇل- تۇرپانلىقلارنىڭ سۆزلىرىگە سەل يېقىن كېلىدىكەن. توپچا، جۇۋاتتى، سارىمساق (سېلىمساق- سامساق) دېگەندەك.
  7.  ئىشت (ئىت)، ئىشكى (ئىككى) دېگەن سۆزلۈكلىرى قەشقەر شىۋىسىگە ئوخشىشىپ قالىدىكەن.
  8.  ئاياللار ئاخىرقى سۆزلىرىنى ياكى «ئوللېي» (ھەئە) سۆزلىرىنى ئىچىگە دەم تارتىپ دەيدىكەن. بۇ ئالاھىدىلىك قارادۆۋە ئاياللىرىدىمۇ ئوموملاشقان. ئاغار ھەر قېتىم ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئىچىگە دەم تارتىپ ئېيتقاندا، ئۆزەمنىڭ قارادۆۋىدە ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپقا قاراپمۇ قويدۇم. بۇنداق دەمتىق تەلەپپۇز قەشقەر ئۇيغۇرلىرىدىمۇ بار، لېكىن بۇنى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى دەيدۇ، نارازى بولۇش ياكى ھەيران قېلىش تەلەپپۇزىدا ئىشلىتىدۇ. بۇنداق تەلەپپۇز يەنە ئافرىقىدىكى بانتولارغا تەۋە خوتىنتوت مىللىتىدىمۇ بار ئىكەن، لېكىن توردىن نۇرغۇن ۋىدىئولارنى ئاختۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق دەمتىق تەلەپپۇزىنى ئاڭلاپ بېقىشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم.
     بۈگۈنكى كەچلىك تاماق مەن ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ياتاققا قايتتۇق. يولدا كېتىۋېتىپ، ئەتە بەيگە بولىدىغان لاماپىڭ ئىگىزلىكىگە چىقىدىغان پەشتاقلارغا قاراپ قويدۇم. بۇ پەشتاقلارغا چىراق بېكىتىلگەچكە، كەچتە قارىسا، بۇ پەشتاقلار خۇددى ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. (رەسىمدىكى كۆكۈش ئەگرى سىزىق دەل شۇ پەشتاقلاردۇر)

33.jpg

لاماپىڭ ئىگىزلىكىگە چىقىدىغان پەشتاقلارنىڭ كېچىدىكى كۆرۈنۈشى (كۆكۈش ئەگرى سىزىقلار شۇ)


        2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۈگۈن مەزكۇر ناھىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى رەسمىي تۈردە تەبرىكلەپ، پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، لاماپىڭ ئىگىزلىكىدە بەيگە بولىدىكەن. بۈگۈن ئېچىلىش مۇراسىمىنى قىلىپ، بەيگە مۇسابىقىسى ئۇدا 3 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئەتىگەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دەرىزىدىن قارىساق، كىشىلەر توپ –توپى بىلەن لاماپىڭ ئىگىزلىكىگە سەلدەك چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ئاندىن بىز تەكلىپ بويىچە ئەننانىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۇ يەردە ئەننانىڭ ئاپىسى ۋە باشقا تۇققانلىرىدىن يەنە بەزى نەرسىلەرنى يېزىۋالغان بولدۇم. كېيىن ئەننانىڭ ئۇكىسى ماشىنىسى بىلەن بىزنى لاماپىڭ ئىگىزلىكىدىكى بەيگە مەيدانىغا ئېلىپ چىقىدىغان بولدى. 7 كىشىلىك ماشىنىغا 11 كىشى قىستىلىشىپ دېگۈدەك چىقتۇق. چۈنكى بۈگۈن ئادەم جىق، ئىگىزلىككە چىقىپ-چۈشۈش ئاۋارىچىلىق، شۇڭا بىرلا قېتىمدا ھەممىمىزنى تەڭلا ئېلىپ چىقىشقا توغرا كەلدى. ئىگىزلىك باغرىدىكى پەشتاققا يىراقتىن قارىساق، كىشىلەر تېخىچە سەلدەك چىقىۋاتاتتى. پەشتاقتىن چىقىدىغانلار ئانچە- مۇنچە ئەگرى مېڭىپ چىققان بىلەن، ماشىنىدا چىققانلار يىلاندەك چوڭ ئەگىلىپ چىقمىسا چىقالمايتتى. ماشىنا يوللىرىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ياسالغان ئىدى. ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن، نەچچە يەردە توسۇلۇپ، ئاران دېگەندە بەيگە مەيدانىغا چىقتۇق. بۇ بەيگە مەيدانى «سۇنەن سوراڭگا خەلقئارالىق بەيگە مەيدانى» دەپ ئاتىلىدىكەن.

34.jpg

سۇنەن سۇراڭگا خەلقئارالىق بەيگە مەيدانى

35.jpg

ئېچىلىش مۇراسىمى بولىۋاتقان بەيگە مەيدانى

  بۈگۈن بەيگە مەيدانىدا ئادەم بەك كۆپ، بەلكىم بىرەر تۈمەندىن ئاشامدىكىن دەيمەن. شۇنداق بولغاندا، سۇنەندىكى ھەر 3 ئادەمنىڭ بىرسى بەيگە مەيدانىدا دېگەن گەپ. بەلكىم يەنە بىر قىسىم كىشىلەر مەخسۇس ساياھەت قىلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. قارىسام بىر چەتئەللىكمۇ يۈرۈيدۇ، يەنە بىزگە ئوخشاش ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەر بىلەن كەلگەن ساياھەتچى مېھمانلارمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. شۇ كۈنلەردە، سۇنەندە مېھمانخانا ياتاقلىرى قىس بولۇپ كېتىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى يالقۇن ئاكامنىڭ تونۇشلىرى ياتاقنى ئالدىن زاكاس قىلىپ قويۇپتىكەن. بولمىغان بولسا بىزمۇ تالادا قالامدۇقكىن- تاڭ!
    ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن، بىر- بىرىگە قاراپ ماڭمىسا، ئازغىشىپمۇ كېتىدىغان گەپ. شۇنچە دىققەت قىلىپ ماڭساممۇ، يەنىلا يالقۇن ئاكاملار بىلەن ئازغىشىپ كەتتىم. مەيلى ئەمىسە دەپ، ئالدىمغا ئۇچرىغان ئېسىل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ، قىزىق ھالەتلەرنى رەسىمگە تارتىپ مېڭىۋەردىم.

36.jpg

پاراتتىن ئۆتمەكچى بولغان چەۋەندازلار
37.jpg

بەيگە مەيدانىدىكى گۈزەل تاغ مەنزىرىسى

38.jpg

تاماشىبىنلار

پاراتتىن ئۆتۈشكە تەييار تۇرغانلار

(داۋامى بار ...)

17.jpg (19.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 66)

17.jpg

9

تېما

0

دوست

2221

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 676
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 14:10:03 |ئايرىم كۆرۈش
ھەر قېتىم مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆرسەم، يېراق تارىخنى ئەسلەيمەن...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31239
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 15:30:06 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aymuhammat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 15:33  

رەھمەت سىزگە تېخىمۇ كۆپ تارىخلىرىمىز نى بلۋالدىم.

0

تېما

0

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31239
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 15:35:29 |ئايرىم كۆرۈش
لېكىن بەكلا بىچارە بايقۇشلاركەن بۇ.ھەقىقەتتىن قېچىپ مۇشۇ يەگە كېلۋاغاندىكىن.

2

تېما

3

دوست

4322

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1326
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 15:52:05 |ئايرىم كۆرۈش
aymuhammat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 15:35
لېكىن بەكلا بىچارە بايقۇشلاركەن بۇ.ھەقىقەتتىن قېچىپ م ...

ھازىرقى سۈرىيىدىكى يازىدى ۋە كۇردلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلسىڭىز بۇنداق بىلجىرلىمىغان بولاتتىڭىز .

16

تېما

1

دوست

2700

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 16:16:20 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت.ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز.تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

1

تېما

1

دوست

416

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31636
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 17:07:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .. تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بوپقالدى .  مۇنبەرداشلاردىن بىر ياردەم سوراي دىگەن .  ئۇزۇم ئىچكىردە ئوقۋاتقان . يۇزۇمگە قوڭى يوغان دەپ قۇيدىكەن  شۇنداق نەرسە بەك تۇلا چىقىپ  بەك قىينىلۋاتمەن .  تاماقتىن پەرىز تۇتمەن بولمىسا   يەنە  قانداق ئىشتۇ . شۇڭا  بىلدىغانلار بولسا بىر مەسلەھەت بەرسەڭلار . ھەپتىدە بىرسى چىقۋاتدۇ . ھەممە جەھەتتىن دىققەت قىلۋاتمەن  شۇنداق بولسىمۇ يەنە  چىقۋاتدۇ .  

0

تېما

0

دوست

547

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8553
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 19:09:03 |ئايرىم كۆرۈش
بىزنى  قەدىمىي  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  ئەھۋالىدىن  خەۋەردار  قىلغانلىقىڭىزغا  كۆپتۈن-كۆپ  رەخمەت.  ھارمىغايسىز!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )