- تىزىملاتقان
- 2013-12-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 715
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
43%
|
ئىلاۋە: يېقىندىن بۇيان تور ئارىلاۋىتىپ بىرقسىم خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم."ئويغۇرلار راستىنلا كىتاپ كۆرمەمدۇ؟..."دىگەن ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم ھەمدەئۆزەمنىڭ ئوي- خىياللىرىم بىلەن تور دونياسىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپتۈۋەندىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن،كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
1. تور دۇنياسىدىكى خىياللار:
يەنە شۇ تورغا،توردىكى خەۋەر-ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە ھېرىسمەنلىكىممىنى ھەركۈنى يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تىپىپ تۇرۇشقا ئۈندەيتى.بۈگۈن مەن باغداش تورىنى ئارىلاۋىتىپ"بىر ئامرىكان نەزەرىدىكى ئويغۇرلار" دىگەن تېمىغا كۆزۈم چۈشتى.بۇ ئەسلىدەئېلىس ئىسىملىك بىر ئامرىكىلىق قىز بۇلۇپپۈتۈنلەي ئويغۇر تىلىدائويغۇرلار تۇرمۇشىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ناھايتى ئوچۇق كۈڭۈللۈك بىلەن يېزىپ چىققانكەن.بۇ مەزمونلارنى شۇنچە قىزىقىپ ئوقىۋاتقاندا توساتتىن "ئويغۇرلار كىتاپ ئوقىمايدۇ"دىگەن خەتلەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغاندا كاللامدا دەرھاللا بىز راستىنلا كىتاپ ئوقىمايمىزمۇ؟دىگەن خىياللار كەچتى.يەنە شۇ قىزىقىشنىڭ دەستىدىن كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ تور دۇنياسىدىن ئىزدەشكە باشلىدىم.
2. بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك:
مەن ئاۋۋال تور دۇنياسىدىن ئۆتكەن يىل مابەينىدىكى ئەڭ كۆپ تىراژدا سىتىلغان كىتاپلارنى تىپىپ چىقتىم.ئاندىن مىللەت-تىل ئايرىىمىسى بۇيىچە رەتكە تىزىپ كۆردۈم.بۇندىن باشقائويغۇر يازغۇچىلارنىڭمۇ كۆپ سىتىلغان بىر قانچە پارچە كىتابىنى تىپىپ چىقتىم. نەتىجىدەدىنىي ۋە لوغەت تۈرىدىكى كىتاپلاردىن باشقا،ئاممىۋى تۈردىكى كىتاپلاردىن ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغانfifty shades of Gray دىگەن كىتاپ 2011-2013-يىللىرى 90 مىليون پارچە سىتىلغان؛خەنزۇتىلىدا يېزىلغان 连环画—铁道游击队 دىگەن كىتاپ 1955-1962-يىللىرىدا 36 مىليون پارچە سىتىلىپ ھازىرغىچىلىك ئەڭ يۇقۇرى رىكوت بۇلۇپ قالغان؛ ياپۇن تىلىدا يېزىلغان Sachiko kiyono نامىدىكى Nontan دىگەن كىتاپى1976-2006-يىللىرىغىچە 28 مىليون پارچە سىتىلىپ رىكورىت ياراتقان؛ روس تىلىدىكى ياش مۇھاپىزەتىچى (the young guard) 1945-يىلى ئالكىساندىروۋىچ تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ 26مىليون پارچە سىتىلغان؛ئۇيغۇر تىلىدىكى داڭلىق ئەسەرلەردىن ئابدىرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىز ناملىق رومانى جەمئىي يەتتە قىتىم بىسىلغان،7- قىتىمدىكى تىراژى 35000 پارچە(ئالدىنقى 6 قىتىملىقنى تەخمىنىەن يىلىغا 5000 پارچىدىن دىسەك جەمئىي 30000 پارچە) بۇلۇپ تەخمىنەن 70000 پارچە سىتىلغان.بۇندىن باشقا مۇنارجان توختاخۇن تەرجىمىسىدىكى "دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى"دىگەن كىتابى قىسقىغىنە 6 يىل (2006.5-2012.4) جەرياندا،7 قىتىم بىسىلىپ تەخمىنەن 60000 پارچە ئەتراپىدا سىتىلغان.
3. نوپوس قۇرۇلمىسىدىكى پەرىق:
ئامرىكا ياكى ئىنگىلىز تىلىنى قوللىندىغانلارنىڭ سانى 13.88 يۈز مىليون بۇلۇپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان؛ياپون تىلىدىكلەرنىڭ سانى 1.27يۈز مىليون؛خەنزۇتىلىدىكلەرنىڭ سانى 13 يۈز مىليون؛روس تىللىقلارنىڭ سانى 1.1 يۈز مىليون؛ئويغۇرلارنىڭ 0.101 يۈز مىليون( شىنجاڭ رايونى كۆزدە تۇتۇلغان).
4. يىللىق كىرىم پەرىقى ئوتتۇرسىدىكى پەرىق:
خەلىقئارا تىللىق دۆلەتلەر ئامرىكا ياپونىيە روسسىيە جۇڭگو شىنجاڭ
يىللىق كىرىم(بىرلىكى تۈمەن دوللار) 5.12 4.15 1.17 0.64 0.59
پەرىق (شىنجاڭغا نىسپەتەن) 8.6 6.94 1.07 1.95 1
سىتىلغان كىتاپ سانى(بىرلىكى مىليون پارچە) 90 28 26 36 0.1
كىشى بىشىغا تۇغرا كىلدىغان كىتاپ سانى 10 25 25 3 1
باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا 15 4 4 36 100
يۇقارىقى جەدۋەلگە قارايدىغان بولساق،ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان،تىراژى ئەوڭ كۆپ بولغان كىتابى كىشى بشىغا 15 پارچىدىن تۇغرا كىلىدۇ؛ياپونلار ۋە روسلارنىڭ 25پارچىدىن؛خەنزۇتىلدىكلەررنىڭ كىشى بىشىغا 36 پارچىدىن؛ئويغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ سىتىلغان كىتابىنى 60مىڭدىن 100مىڭغىچە دىسەك،133 پارچىدىن تۇغرا كىلىدۇ.دىمەك ھەر 133 ئۇيغۇر بىر پارچە ئىز رومانىنى سىتۋىلىپ ئوقىيدۇ دىگەن گەپ. بۇ سان ئىنگىلىز تىلدىكلەرنىڭ 10 ھەسسىسىگە،ياپون،روسلارنىڭ 25 ھەسىسىگە تۇغرا كىلىدۇ.بۇ دىگەنلىك ھەر تۆت ياپون ياكى روس بىرلىشپ كىتاپ سىتۋالغاندا، ئويغۇرلاردىن 133 كىشى ئاران بىر كىتاپ سىتۋىلىپ ئوقۇيدۇ دىگەنلىك.بۇ ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
5. يىللىق كىرىم پەرىقى: ھەممىمىزگە مەلوم بولغىندەك يىللىق كىرىم پەرىقى شۇ دۆلەت ،رايوننىڭ تەرەققىيات،ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ ئاساسى.جەدۋەلەە قارايدىغان بولساق،شىنجاڭنىڭ كىشى بىشى كىرىمى ئامرىكىنىڭ 8.6 ھەسىسى؛ياپوننىڭ 6.94 ھەسسىسىگە باراۋەر كىلىدۇ. بۇ دىگەنلىك،بىز ھازىرىقى كىرىمىمىزنى يەنە 9 ھەسسە ئاشۇرغاندا،شۇ دۆلەت،رايونلارنىڭ ئىسقادىي سەۋيىسىگە يىتەلەيمىز.لىكىن بۇ بىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش،سىتۋىلىش تىراژىمىزنى باشقىلارنىڭكىدىن 100 ھەسسە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
خۇلاسە: يىقىنقى يىللار مابەينىدىكى،بۇلۇپمۇ،تورئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىزنىىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىپ،كۈتۈپخانىغا بارماي كىتاپ ئوقۇيدىغان،گىزىت سىتۋالماي،خەۋەر كۆرىدىغان،ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ،دۇنيانىڭ مەلوم بىر بۇلۇڭدىكى يەنە بىر كىشى بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىمالال خەت ئالاقە قىلغىلى بۇلىدىغان ئۇچۇر دەۋرىگە ئىلىپ كىردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە،نۇقۇل ھالدا بىزدىلا بولماي،بەلكى كۆپلىگەن ئەللەردىكى خەلىقلەردە،ئەنئەنۋى شەكىلدىكى كىتاپ ئوقۇش،ساقلاش ئادىتىنىڭ ئورنىنى ئىلكىتاپ،تور دېسكا ئىگەللەشكە باشلىدى.جۈملىدىن نەشىرىياتچىلىق بازىرى كاساتلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.ھەتتا بىر قىسىم گىزىت- ژۇرناللار مەجبورىلاپ سېتىشقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.
مەنچە،بىزنىڭ ھەقىقىيقەتەن كىتاپ ئوقۇشىمىزغا توسالغۇ بولۋاتقىنى ئەيتاۋۇر ئىقساد،كومپىيوتىر،ئوچۇر تېخنىكىسى بولماستىن بەلكى:① ھەقىقەتەن ياخشى يىزىيلغان ئەسەرلەرنىڭ ئازىيىپ كىتىشى (ئىز،ئۆزلۈك ۋە كىملىك،ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى دىگەندەك)؛② ئادىتىمىزگە ئايلانغان بىپەرۋالىق،بىخودلۇق؛③ كىتاپ ئوقۇشتىن پۇل تىپىشنى ئەۋزەل بىلىش.
ئوچۇر تېخنىكىسنىڭ تەرەققىياتى ھەقىيقەتەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرىتتى،لىكىن بىز تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە قارايدىغان بولساق،ئۇلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى كىتاپ ئوقۇش،بىلىم ئىلىش ئستىكى بىزنىڭكىدىن كۈچلۈك،بۇنىڭ بىر مىسالى ئۆتكەندە مەن ئچكىرىگە بېرىپ قايتقاندا،مەيلى پويىزياكى مىترو بولسۇن كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ تىلفۇن ئويناپ (كۆپىنچىسى ياشلار ھەمدە ئالما ماركىلىقى) ئولتۇرغانلىقى،كىتاپ كۈتۈرۋالغان ياكى ئوقىۋاتقانلارنىڭ ئازلىقى روشەن ھالدا خەۋەرلەردە كۆرگەن چەتئەللئەردىكى مىترو ياكى پويىزلاردىكى ياشلارنىڭ ۋە ئۇلاردىكى كىتاپ ئوقىۋاتقان ، بىلىم ئىلىش قىزغىنلىقى بىلەن روشەن سىلىشتۇرما ئىدى.
ياخشى يىزىلغان بىر كىتاپنىڭ ئۆزى بىر مۇئەللىمدۇر ،ئۇ سىزنىڭ قەلىپ دۇنيارىڭىزغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، مەنىۋىيتىڭىزنى بىيىتالايدۇ. كىتاپ – ئۇ بىر بىلىم بۇلىقى،سىز قايسى خىلدىكى،قانداق كىتاپ ئوقۇڭ ئېختىيارىڭىز.ئەمما،يېزىقلىق بىلىم ئۇ مەڭگۈلۈكتۇر،خۇددى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مىڭ يىل بۇرۇن يېزىلغان كىتابىغا ئوخشاش.بىز ئەنە شۇ يىزىقلىق بىلىملەر ئارقىلىق دۇنيانى تۇنۇيمىز،ئىتراپ قىلىمىز...
كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىي يۇسۇندا كۆرۈپ ،پايدىلنىشى ئۈچۈن يېزىلدى.
ساتتار ئىسمايىل
.2014.8
|
|