قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 19810|ئىنكاس: 41
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جۇڭگو تارىخىدىكى ئاتالمىش «ئۇلپان» مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ــــــــ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

1

دوست

3856

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1338
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 23:15:52 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش



جۇڭگو تارىخىدىكى ئاتالمىش «ئۇلپان» مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ــــــــ

گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى )


    گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا خوددى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقاندەك، ئاخىرقى مەزگىلدىكى تاڭ سۇلالىسى، بەش دەۋردىكى ھەر قايسى پادىشاھلىقلار(يەنى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقى، كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى، كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى ، كېيىنكى خەن پادىشاھلىقى، كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى)، سۇڭ سۇلالىسى بىلەنمۇ ئىزچىل قۇيۇق سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ساقلاپ، داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىشىپ تۇرغاندىن سىرىت يەنە ئۆزئارا سودىنى قانات يايدۇرغان.
   گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى دەسلەپتە شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنى كۆزدەتۇتۇپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئالاقە  قىلىشنى يەنىلامۇھىم سىياسىي پائالىيىتى قىلغان. جۈملىدىن 874 – يىلى گەنجۇ ئەتراپلىرىدا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار گەرچە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى تېخى رەسمىي قۇرمىغان بولسىمۇ، خېشى رايۇنىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇرلار گۈرۈھى بولۇش سۈپتىدە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەلچىلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان. شۇيىلى تاڭ سۇلالىسىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەلىۋىگەبىنائەن شى زۇڭلۇنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ خېشى رايونىغا ئەۋەتكەن ، ئەمما ئۇ يولداتوسۇلۇپ قېلىپ، مەنزىلگە يېتىپ بارالمىغان. 875 – يىلى، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانى تۇڭرايوللۇق ئىسىملىك بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن، تاڭ سۇلالىسىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىميىتىنى ئىتراپ قىلىپ، قاغاننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ئون مىڭ توپ يىپەك مال ئەۋەتىپ بەرگەن(1).شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئەلچىلەر ئۈمەكلىرىنى ئەۋەتىشىپ تۇرغان. «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»  قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىگەتەخمىنەن 5 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن(2).
     گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى يەنە تاڭ سۇلالىسى بىلەن تويلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملىگەن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خېشى رايونىدىكى سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتكەن. كېيىنچە بارا-بارا قۇدرەت تېپىپ، بارغانسېرى  ئاجىزلىشىپ كەتكەن تاڭ سۇلالسىنىڭ ئىشلىرىغاھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئارىلىشىپ كەلگەن. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقاپايدىلىق ئۇمۇمىي ئۆرنەكلەر »دە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيە 902 – يىلى گەنجۇ ئۇيغۇرقاغانى تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئەگەردە تاڭ پادىشاھى ماقۇل كۆرسە،تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىغىنى ئۇقتۇرغان.پادىشاھ  خەن ۋۇغا جاۋاپ مەكتۇپ يېزىشنى تاپشۇرغان. خەن ۋۇ پادىشاھقا: « ياۋايىلارنىڭ يۈرىكى قارا كېلىدۇ. ئۇلارغائىشىنىشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدە ئېسىل ئادەملەر ۋە بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى، شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بەك ناچارلىقىنى، مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ چۈشكۈن ھالىتىنى كۆرگەندە، ئۇلاردا جەزمەن تاڭ دۆلىتىنى كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى ئويغۇنىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئاچكۆزلۈك پەيدا بولىدۇ. ئۇلاردىن باشقا، خۇيچاڭ يىللىرى ( 841 –846 – يىللىرى )، ئۇيغۇرلارنى تاڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئەمدى ئۇيغۇرلارمۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ. قاغانغا مەكتۇپ يازغاندا تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم ئۈچۈن كېلىدىغان ئۇيغۇرئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك كۆلەمدە كېلىشىگە ماقۇل بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە كېلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا يازغان تۈزۈكرەك بۇلارمىكىن ... » دەپ مەلۇمات سۇنغان، پادىشاھ بۇ تەكلىپكە قۇشۇلغان(3). بۇ ئاقىۋەتتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەل ھىراۋۇل جۇچۈەنجۇڭنىڭ  قۇلىدا ھالاك بولىشىغا سەۋەب بولغان.جۈملىدىن مىلادىيە 907-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان(4).
      تاڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقى( مىلادى 907 – 923 – يىللار) قۇرۇلدى. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىتتىپاقداش تېپىش يۈزىسىدىن كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقى بىلەن ئالاقە باغلىغان.ئەينى چاغدا شاجۇدىكى بەيئەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ھىراۋۇلى جاڭ چېڭفېڭ «ئالتۇنتاغ دۆلىتى » نى قۇرۇپ، كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنى ئىتراپ قىلمىغاچقا،كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن يېقىنلاشقان. بۇنداق قوش تەرەپلىك ئېھتىياج ئىككى ئەلنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ئاساس سالغان.«كونا بەش دەۋر تارىخى»،«يېڭى بەش دەۋر تارىخى»، «بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر» قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا،گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىغا جەمئىي 3 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن بولۇپ (5) ،كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىھتىياجى بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەت جەھەتتىكى ئارزۇسى ئۇدۇل كەلگەنلىكتىن ئۇلار تېزلا ئورتاق تۇنۇشنى شەكىللەندۇرگەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە، جاڭ چېڭفېڭنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىميەت تىكلەپ خان بولىۋېلىشىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقى مۇقەررەر قۇبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ، بۇ خوشنا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا مۇقەررەر ھالدا بىر بىشارەت بەرگەن. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاسىيلارنى ( يەنى جاڭ چېڭفېڭنى ) جازالاش تەلپىگە ماقۇل بولغان. بۇنداق قىلغاندا ئۇلار ھەم ئوتتۇراتۈزلەڭلىك پادىشاھلىقىنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇرەلەيتتى، ھەم خېشى رايونىغا تەنھا خوجا بولۇش ئارزۇسىغا يىتەلەيتتى(6).
       مىلادى 923 – يىلى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ  ئورنىغا كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى ( مىلادى 923 –936 – يىللار ) قۇرۇلدى.بۇ شىمالىي جۇڭگو رايونىدا ياشايدىغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان شاداپىت قەبىلىسىنىڭ باشلىقى لى سۈنشۈي تەرىپىدىن قورۇلغان پادىشاھلىق ئىدى. بۇ قەبىلىنىڭ ئەجداتلىرى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭ دەۋرىدە (مىلادى627 – 650 – يىللار) ھازىرقى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن شىمالىي جۇڭگو رايونىغاكۆچۈرۈلگەن(7) ، ئۇلار بۇ جايلاردا ئۇزاق زامان ياشاش نەتىجىسىدە، خەنزۇمەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئاساسەن خەنزۇلاشقان، بولۇپمۇ خەنزۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى قوللىنىشقا باشلىغانىدى. لى سۈنشۈي كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، غەربىي تەرىپىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ناھايتى قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ، چېگرا رايونلاردا چوڭ سودا بازارلىرىنى ئاچقان. گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىمۇ كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا 924-يىلى ئۆز ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتكەن. «كونا بەش دەۋرتارىخى»،«يېڭى بەش دەۋر تارىخى»، «بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر»قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقى كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىغا 13 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن(8).
      مىلادى 936- يىلى كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ 2 –پادىشاھى لى سىيۇەننىڭ كۈيئوغلى شى جىڭتاڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، لوياڭ شەھىرىنى ئىگىلەپ، كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىنى ( مىلادى 936 – 946 – يىللار ) تىكلىدى. بۇ چاغدا، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى پۇقرالىرى بىلەن كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىنىڭ پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى يەنىلا داۋاملاشقان.لېكىن ، مۇشۇ چاغدىكى ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىلىرى ھەققىدە بىرەرئىشەنچىلىك ماتېرىيال يوق (9) . قارىغاندا، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جىن پادىشاھلىغى بىلەنمۇ خۇددى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلىقلارغا ئوخشاش ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىشىپ تۇرغان بولسا كېرەك. «كونا بەش دەۋرتارىخى»،«يېڭى بەش دەۋر تارىخى»، «بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر»قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقى كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆز ئارامۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن(10).
      مىلادى 946-يىلى كېيىنكى جىن پادىشاھلىغى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىنكى خەن پادىشاھلىقى ( مىلادى947 – 950 – يىللار ) قۇرۇلدى، مىلادى 951-يىلى كېيىنكى خەن پادىشاھلىقىنىڭ ئورنىغا كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى ( مىلادى 951 – 960– يىللار )چىقتى. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بۇ پادىشاھلىقلار بىلەنمۇ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زىچ ئالاقىدە بولغان،   «كونا بەش دەۋر تارىخى»،«يېڭى بەش دەۋرتارىخى»، «بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر» قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋەدۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى خەن پادىشاھلىقىغا 2 قېتىم، كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن(11). بۇ پادىشاھلىقلارمۇ  گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ناھايىتى قويۇق ئالاقە ئورناتقان .
       مىلادى 960 – يىلى كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىنىڭ سەركەردىسى جاۋ كۇاڭيىن بيەنجىڭ شەھىرىنىڭ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھرى) يېنىداھەربى ئۆزگىرىش قىلىپ، سۇڭ سۇلالىسىنى قۇردى.شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا جەمئىي 53 يىل داۋام قىلغان بۆلۈنمىچىلىك دەۋرى ئاخىرلىشىپ، ئاخىر بىرلىككە كەلگەن دۆلەت مەيدانغا كەلدى، بۇ چاغدا گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.
«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»، «سوڭ سۇلالىسى تارىخى»،«سوڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما»، « تەيپىڭ شىڭگو يىللىرىدىكى خاتىرىلەر »قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگەئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سوڭ سۇلالىسىگە جەمئىي 28 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن(12). جۈملىدىن سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، يەنى مىلادى 962 –يىلى ۋە 964 –يىلى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە ئىككى قېتىم ئەلچىلەر ئۆمىگى ئەۋەتكەن. سۇڭ سۇلالسىمۇ مىلادى977 – يىلى جاڭ سەن باشچىلىقىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى شاھ يارلىغى ۋەشەخسەن قاغانغا ئاتالغان نۇرغۇن سوغا – سالاملار بىلەن گەنجوئۇيغۇر خانلىقىغا ئەۋەتكەن(13). مىلادى 980 – يىلى  گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ تۆگە، ئات، مارجان، كەھرۋا، قاشتېشى سوۋغا قىلغان.مىلادى 987-يىلى گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى خېلوچۈەن (ئېرغۇنا دەرياسى) ئۇيغۇرلىرى بۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىر شاھزادىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۇڭ سۇلالىسىغا تۆت قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. مىلادى1011 – يىلى، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى چىنجو ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىيەنشۈي شەھرى ) ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەردارى سۇڭ سۇلالىسىغا كېلىپ سوۋغا – سالام تەقدىم قىلغان. مىلادى 1023 – يىلى چىنجو ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەردارى يەنە سۇڭ سۇلالىسىغاكېلىپ، ئات ۋە باشقا سوۋغا – سالاملارنى تەغدىم قىلغان (14).1036-يىلى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تامامەن يۇقالغاندىن كېيىنمۇ، 1042– يىلى شاجۇ ئۇيغۇرلىرى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا – سالام تەغدىم قىلغان.مىلادى 1050– يىلى شاجو ئۇيغۇرلىرى يەنە سۇڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، قاشتېشى قاتارلىق سوۋغا – سالاملارنى تەغدىم قىلغان. مىلادى 1073 – يىلى شاجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى يەنە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بيەنجىڭ شەھرىگە كېلىپ سوۋغا – سالام تەقدىم قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ 300 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان (15).دېمەك، بۇ چاغدا شاجۇ ئۇيغۇرلىرى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىدىكى كۈچلۈك بىر ئىجتىمائىي گورۇھ سۈپىتىدە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
          ئۇنىڭدىن باشقا،تارىخنامىلەردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 998 – يىلىدىن 1024 – يىلىغىچە بولغان 20نەچچە يىل ئىچىدە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئاز بولغاندىمۇ ئالتە قېتىم بۇددا راھىبلىرىنى سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرغان. سۇڭ سۇلالىسى بۇ راھىبلارنى ئىززەت- ئىكرام بىلەن ئوبدان كۈتىۋالغان، شۇنداقلا ئۇلارغا « نېرۋانا سۇترا » ھەم باشقا نوملارنى ھەدىيە قىلغان(16).
        ئومۇمەن، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «كونا بەش دەۋرتارىخى»،«يېڭى بەش دەۋر تارىخى»، «بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر»،«كىتابلار جەۋھىرى»،«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»، «سوڭ سۇلالىسى تارىخى»،«سوڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر »، «سوڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما»، «تەيپىڭ شىڭگو يىللىرىدىكى بارچەئىقلىم ھەققىدە خاتىرىلەر »قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگەئاساسلانغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 160نەچچە يىل جەريانىداتەخمىنەن تاڭ سۇلالىسىگە 5 قېتىم، بەش دەۋردىكى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىغا 3قېتىم، كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىغا 13 قېتىم، كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم،كېيىنكى خەن پادىشاھلىقىغا 2 قېتىم، كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم ، سوڭ سۇلالىسىگە 28 قېتىم بولۇپ جەمئىي 60 قېتىمدىن ئارتۇقراق ئەلچى ئەۋەتكەن(ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن) ھەم باشقا شەكىللەر بىلەن كىچىك كۆلەمدە سودا قىلغان . بۇنىڭدا  كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى، كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى، كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى ۋە سوڭ سۇلالىسىگە كۆپرەك ئەلچى ئەۋەتكەن بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا يىلدا دېگۈدەك ئەلچى ئەۋەتىپ تۇرغان، بەزىدە بىر يىلدا ئىككى، ھەتتا ئۈچ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. ئەلچىلەرنىڭ سانىدىن قارىغاندا، ئاز بولغاندا 3-5 ئادەم، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون ئادەم، ھەتتايۈزنەچچە ئادەم ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەن . ئالايلۇق، 1004 – يىلى كەبىسە 9 – ئايدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە 129 ئادەمدىن تەركىب تاپقان زور ئەلچىلەرئۈمىكىنى ئەۋەتىپ جەڭ ئېتى ۋە باشقا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلغان. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەر قېتىم بارغان ئەلچىلەر ناھايتى نۇرغۇن سوۋغاتلارنى تارتۇق قىلغان. مەسىلەن، 965 – يىلى 12 –ئايدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەندە مىڭ تۇياق ئات، بەشيۈز توياق تۆگە، بەش يۈز كاللەك قاشتېشى، بەش يۈز جىڭ كەھرىۋا،40 جىڭ نۈشۈدۈر،سەككىز تىزىق مارجان، مىڭ توپ چەكمەن ۋە باشقا سوۋغاتلارنى تارتۇق قىلغان. تارتۇق قىلىنغان سوۋغاتلارنىڭ تۈرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خېشى رايۇنىنىڭ ئۆزمەھسۇلاتلىرىمۇ، غەربتىكى جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارمۇ بار ئىدى(17).
      گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىلەن بولغان بۇنداق قۇيۇق ئالاقىسى ئىلگىرىكى ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، مۇھىمى ئۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنى تېخىمۇ كوپ ئىختىسادى مەنپەئەتكە ۋە سىياسىي يۆلەككە ئىگە قىلىپ،ئۇلارنىڭ خېشى رايونىدىكى ھەر قايسى ھاكىميەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئورنىنى ساقلاپ تۇرالىشىغا پايدىلىق بولغان(18).
       گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ تەرەپكە يىغىنچاقلاشقابولىدۇ: بىرىنچىسى، سىياسىي مۇناسىۋەت. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى خېشى رايۇنىدا ئۆزئورنىنى مۇستەھكەملەش ھەم ئەتراپتىكى ھاكىميەتلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن، ئاۋال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئىرىشىشنى ئويلىغان. شۇڭا ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلغان. ئىككىنچىسى، ھەربىي مۇناسىۋەت. بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. بۇ ئۇنىڭ شاجۇدىكى بەيئەتچىلەر قۇشۇنى ھاكىميىتى ۋە تاڭغۇتلارغا قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق  بولغان. ئۈچىنچىسى، سودا مۇناسىۋىتى. بۇنىڭدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىۋاستە گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىدىن كىلىدىغان ياكى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك كىلىدىغان ئات، دۇرا – دەرمەك، ئۇنچە – مەرۋايىت قاتارلىق ماللارغا ئېھتىياجلىق بولغان.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بولسا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كېلىدىغان يىپەك، كىيىم – كىچەك،ئالتۇن – كۈمۈش بۇيۇم قاتارلىق ماللارغا ئېھتىياجلىق بولغان. ئىقتىسادى جەھەتتىكى بۇنداق ئالماشتۇرۇش ھەر ئىككىلا تەرەپكە نىسپەتەن ناھايتى پايدىلىق بولغان.
        ئۇنداقتا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەر يىلدا دېگۈدەك ئۆزئەلچىلىرىنى نۇرغۇن سوۋغاتلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىغا ئەۋەتىشىدىكى مەقسىدى زادى نىمە؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت ـــ مال ئالماشتۇرۇش(سودا قىلىش)، يەنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى جاۋابەن تارتۇق قىلغان كاتتاسوۋغاتلار ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئىرىشىشتىن ئىبارەت. تارىخنامىلەردەئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە جاۋابەن تارتۇق قىلغان سوۋغاتلىرى كۆپىنچە « كىمخاب تون، كۈمۈش كەمەر، يىپەك » دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇھەقتىكى خاتىرىلەر بەك ئاددى بولغانلىقتىن، بىز تارتۇق قىلىنغان سوۋغاتلار بىلەن جاۋابەن تارتۇق قىلىنغان سوۋغاتلارنىڭ قىممىتىنى سېلىشتۈرۈپ بولالمايمىز.ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى كۆپىنچە سىياسىي نۇقتىدىن چىقىپ،«  يىراقتىكىلەرنى رام قىلىش » نى ئويلاپ،ھەر قېتىم جاۋابەن سوۋغات تارتۇق قىلغاندا ئۇيغۇر ئەلچىلىرى تارتۇق قىلغان سوۋغاتنىڭ قىممىتىدىن ئاشۇرۋەتكەن.  ئالايلۇق، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە جاۋابەن سوۋغات تارتۇق قىلغاندا كۆپىنچە شايى،كىمخاب، دوردۇن، ھىلھىلە قاتارلىق يىپەك توقۇلمىلارنى بەرگەن. يەنە كىلىپ بۇلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرلۈك ماللارنىڭ سېلىشتۈرما باھاسى بۇيىچە ھىساپلاپ بەرگەن.بۇئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زور نەپ يەتكۈزگەن. كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىغا كەلگەندە، جۇتەيزۇ يارلىق چۈشۈرۈپ ئەسلىدىكى تارتۇق مال سودىسىنى ئەل ئىچى سودىسىغا ئۆزگەرتكەن. شۇنداقتىمۇ  ئۇيغۇرلار خېلى نەپ ئالغان. ئۇمۇمەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسى، بەش دەۋردىكى ھەر قايسى پادىشاھلىقلار ۋە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن قىلغان تارتۇق مال سودىسىدا ئەل ئىچى سودىسىغا قارىغاندا زور پايدىغا ئېرىشكەچكە، مول نەپ تىگىدىغان بۇ سودىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن(19).
   بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشكە بۇلىدۇكى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىلەن بولغان ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلىش مۇناسىۋىتى ماھىيەتتە ئىقتىسادى مەنپەئەتنى پىشاڭ قىلغان بىر خىل سودا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئاتنى ئاساس، باشقامەھسۇلاتلارنى قۇشۇمچە قىلغان بۇنداق سودا ئەمەلىيەتتە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئارىسىدىكى ئات – يىپەك سودىسىنىڭ داۋامى بولغان. ھالبۇكى، ئوتتۇراتۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئوردا تارىخچىلىرى قەدىمكى ئادەت بويىچە، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سودا كارۋانلىرىنىڭ مال ئېلىپ كېلىشىنى  « قاغاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەلچى تارتۇق ئېلىپ كەلدى »،   «ئەلچى تارتۇق تەغدىم قىلدى » دەپ خاتىرىلىگەن. سودا كارۋانلىرى ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ماللارنىڭ بەدىلىگە تاپشۇرۇۋالغان تاۋارلارنى بولسا    « ئوردا تەغدىم قىلغان مول سوۋغا – سالاملار» دېگەن. ئۇلار بۇنداق خاتىرىلەشتە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئابرويى،ئىناۋىتىنى كېيىنكىلەر ئالدىدا يوقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى(20). ئەمەلىيەتتە ، بۇ يەردە قانداقتۇر ئاتالمىش «تارتۇق يوللاش» مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن«بېقىندىلىق» مۇناسىۋىتى ياكى «مەركەزگە قارام بولۇش » مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
          گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئەلچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
         بىرىنچىدىن،بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تېرىقچى خەلقلەر بىلەن ئەتراپتىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر – بىرىگە نەپ يەتكۈزۈشىگە پايدىلىق بولغان. جۈملىدىن خېشى ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىدىن چىقىدىغان ئات،تۆگە، كالا، قوي قاتارلىق ماللارنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا  ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنىڭ يىپەك، ئاشلىق، چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشتۈرۈشقا ئېھتىياجىلىق بولغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەر بولسا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تېرىقچىلىق ۋە قاتناش ئىشلىرىدا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان تۆگە، كالا، ئات قاتارلىق ماللارغا ئالماشتۈرۈشقا ئېھتىياجلىق بولغان. بۇنىڭدا، سودا ئارقىلىق كۆزى ئېچىلغان ئۇيغۇرلار بۇنداق ۋاستىلىك سودا ئارقىلىق مالنى مالغا ئالماشتۈرۈپ، زور پايدىغا ئىرىشىپلا قالماي، يەنە ئۆز ئىگلىكىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بولسا ئۆزىدە ئات كامچىل ، بولۇپمۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر كۆندۈرگەن ئىسىل ئاتلار كامچىل بولغاچقا، يەنە كىلىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن تارتىپ سۇڭ سۇلالىسى مەزگىلىگىچە ئۇرۇش ئۆزۈلمىگەچكە، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەقدىم قىلغان ئاتلارغا ئىرىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۇبدانلا قامدىغان. بولۇپمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جەڭ ئاتلىرى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىدە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان.  بۇنىڭدىن بىلىشكە بۇلىدۇكى،بۇنداق ئەلچىلىك مۇناسىۋىتى ئىككىلا تەرەپكە نىسپەتەن نەپ يەتكۈزۈش رولىنى ئۇينىغان.
     ئىككىنچىدىن،بۇنداق مۇناسىۋەت يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد،مەدەنىيەت ئالماشتۈرۈشىغا كاپالەتلىك قىلغان. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىغا تارتۇق قىلغان سوۋغاتلىرىدىن قارىغاندا، ئات ۋە تۆگە خېشى رايۇنىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرى بولغاندىن باشقا ، پارىس كىمىخاپى، پارفىيە يىپىكى ، قاشتېشى، كەھرىۋا، مارجان، نۈشۈدۈر، قىزىل تۇز، ئالماس، شىر، پىل چىشى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئۇتتۇرا ئاسىيانىڭ، جەنۇبى ئاسىيانىڭ ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرق، غەرىب مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۈرۈش رولىنى ئۇينىغانلىقىنى، شۇنداقلا خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىپەك يۇلى سودىسىدا يىتەكلەش رولىنى ئۇينىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ تارتۇقچى ئەلچىلىرى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم رول ئوينىغان(21).
        ئومۇمەن، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى تاڭ سۇلالىسى، بەش دەۋردىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلار  ۋە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆز ئارا زىچ ئالاقە  قىلىشقان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھلىقلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاش گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسي دۆلەت سىياسىتى بولغان. چۈنكى ، بۇ مەزگىلدە گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بارغانسېرى كۈچلىنىۋاتقان تاڭغۇتلار ۋە قىتانلارنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئەگەردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھلىقلاربىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىماي دۈشمەنلىشىپ قالسا ، ئۇ ھالدا ھەرتەرەپتىن زەربىگە ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا گەنجو ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھلىقلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ يېقىن ئۆتۈشىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە قوللىنىلغان ئاقىلانە تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ.

    ئىزاھ:
(1) لىن گەن، گاۋ زىخۇ يازغان، ئابلەت نۇردۇن قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى »، 314 -بەت ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(2) (5) (8)(10) (11) (12) (17) (21) لۇ چىڭفۇ: « گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئەلچىلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە »، « مىللەتلەر تەتقىقاتى »ژورنىلى 1999-يىللىق 3-سان.
(3) سىما گۇاڭ: « ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۇمۇمىي ئۆرنەكلەر » 252 – جىلد ، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(4) (6) لۇچىڭفۇ: « ئالتۇنتاغ دۆلىتى بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا »،«دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى » 1999 – يىللىق 1 – سان ( ئۇمۇمىي 35 – سان ).
(7) «يېڭى تاڭنامە. شاداپىتلار تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(9) (14) ئەنۋەربايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى »،571 –597 – بەتلەر،  مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991 – يىل ئۇيغۇرچە1-نەشىرى.
  (13) «سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر . قارام ياتلار (4). ئۇيغۇرلار » ، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1957-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(15) سەي مېيبياۋ، جۇ چىڭشۇ، جۇ رۈيشى، دىڭ ۋېيجى،ۋاڭ جوڭ : « جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى » 5-توم 216 ـــ 219 – بەتلەر،  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى  2009 – يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
(16) پېڭ شياڭچيەن:« لياۋ، سۇڭ،غەربىي شيا، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەتقىقات »، دوكتۇرلۇق ماقالىسى،خېبىي ئونۋېرسىتىتى2004 – يىلى 6 – ئاي.
(18) (19) جۇ يۆخەي:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئەتراپتىكى ھاكىميەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەتقىقات »، ماگىستىرلىق ماقالىسى، غەربىي شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى 2005 –يىلى 5 – ئاي.
(20) قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى تۈزگەن، ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان: «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە  تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
  

         

12

تېما

0

دوست

3332

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11467
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 264
تۆھپە : 875
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:28:21 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ياىشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن.تېما ئىگىسىگە رەخمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

3

دوست

4316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1324
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 12:54:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇ چاغلاردا سودا قىلىشقا دەسمايە چىقىرالايدىغانلار پەقەت خان ئوردىسىدىكىلەر بولغاچقا، شۇلار قىلماي يەنە كىم قىلالىسۇن،
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلار بىر چالمىدا نەچچىلغان پاختەك سوققان .
مۇناسىۋەت ياخشىلىنىدۇ، چېگرا ئەمىن بولىدۇ، مال ئالماشتۇرۇپ مەدىنىيەت ئەلمىشىپ مۇناسىۋەت قويۇقلىشىدۇ، پۇل تاپىدۇ، ...

15

تېما

1

دوست

3920

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1182
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:14:06 |ئايرىم كۆرۈش
تارىمى ئەپەندى تىمىلرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
مۇشۇ ماقالىدە تىلغان ئالغان كىتاپلارنىڭ خەنچە نامىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
«كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە«بۇ كىتاپلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقتىغۇ دەيمەن.
ئەخمەتچان ئەپەندى سىز تىلغا ئالغان كىتاپلارنى ئوقۇپ باقساق بىزگە خېلى بىلىم يۇقۇپ
قالامۇ؟

15

تېما

1

دوست

3920

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1182
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:15:35 |ئايرىم كۆرۈش
سىز دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ تارىخ كەسپى بەك داڭلىقمۇ قانداق؟
دېمەكچى بۇنىڭدا ئوقۇغان بىرقانچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نامىنى ئاڭلىغان

0

تېما

2

دوست

4994

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1506
توردىكى ۋاقتى: 221
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:17:11 |ئايرىم كۆرۈش
ھەر بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاساسىي كىچىك بەلگىلەر بىلەن ئىزاھلىنىپ ماقالىنىڭ چىنلىغىغا ھۆسۈن قوشقان ،ئاپىرىن ،ھارمىغايسىز.......

15

تېما

1

دوست

3920

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1182
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 13:17:50 |ئايرىم كۆرۈش
ئەخمەتچانكا سىز تارىخقا ھەقىقىي ئىشتىياق باغلىغانمۇ ؟دېمەكچى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدا
تارىخ ئۆگىنىش نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ئوقۇش جەريانىدا نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز؟
بولسا http://www.ejdad.com/bbs/forum.php
بۇنىڭغا كىرىپ ئەزا بوپ نادىر تىمىلىرىڭىزنى يوللىسىڭىز؟

1

تېما

6

دوست

859

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21261
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 14:02:05 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تارىخىي ساۋاتلار ئىكەن. بىلىشكە تېگىشلىك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )