قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1977|ئىنكاس: 17

كۈلدۈرگە: يانفون مەستانىسى ياقۇپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 16:21:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفون مەستانىسى ياقۇپ
(كۈلدۈرگە)
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

86097164(67).jpg



     مېنىڭ ئىسمىم ياقۇپ، كەسپىم تىجارەتچى، قىزىقىشىم يانفون، دوستلىرىم مېنى «ياقۇپ يانفون» دەپ ئاتايدۇ، «تازنىڭ كۆزى چاچتا، ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، ياقۇپنىڭ كۆزى يانفوندا» دەپ چاقچاقمۇ قىلىدۇ، بۇرۇن كىتابخۇمار ئىدىم، ھازىر يانفونخۇمارغا ئايلاندىم، مېنى ئىسمى جىسمىغا لايىق يانفون مەستانىسى دېسەڭلا خاتالاشمايسىلەر، چۈنكى كۈنلىرىم يانفونسىز ئۆتمەيدۇ، يانفونۇمنىڭ توكى قالمىغان چاغلاردا گېلىمدىن غىزا تۈگۈل، سۇمۇ ئۆتمەيدۇ. ئۆتكەن ئايدا يانفونۇمنى ئوغرىغا بېرىپ قويۇپ، بىر ئاي كۆڭلۈم غەش، كۆزۈم بەش بولۇپ ئۆتتۈم، شۇ كۈنى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا ئالما ساتىدىغان باققال ئالىماخۇننىڭ ئالمىسىنى ئالتە يۈەنگە سېتىۋېلىشقا قورسىقىم ئاغرىپ، ئالمىنى ئەرزانراق بېرىدىغان يايمىچى ئىزدەپ بىر كۈن قاتىرىدىم، ئاران تەستە بىر كىلوگرام ئالمىنى بەش يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتتىم. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ «ئالما» يانفونىنى ئالتە مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىش ئۈچۈن زاكاس تاپشۇرۇپ قويۇپ، بىر ئايدىن كېيىن سېتىۋېلىشقا ئۆچرەتتە تۇردۇم. ئالمىچى ئالىماخۇن ئالتە مىڭ يۈەننى يايمىسىدا ئالما سېتىپ ئالتە ئايدىمۇ تېپىپ بولالمايدۇ، بىراق  مەن ئالتە مىڭ يۈەنگە بىر دانە «ئالما» نى بىر نۆۋەتتىلا سېتىۋالدىم. قارىمامسىلە، مەن يانفون ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ بەدەل تۆلەۋاتقان تۇرسام، كىممۇ مېنى يانفون مەستانىسى ئەمەسكەن دېيەلىسۇن.
     سەھەردىمۇ، كەچتىمۇ قولۇمدا سىقىمداقلىقى يەنىلا شۇ يانفون. سەھەردە مېنى ئويغىتىدىغان قوڭغىرىقىممۇ يانفون، كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋالقى ئۇيقۇ دوراممۇ يانفون. سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈزۈمنىمۇ يۇيماي تۇرۇپ، تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم، ئۈندىدارىمنى ئېچىپ، ماڭا كېچىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرۇش. ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندىمۇ، ئاشخانىدا ئولتۇرغاندىمۇ قولۇمدا بارى يەنىلا شۇ يانفون. تاماق يېيىشتىن بۇرۇن، يېمەكچى بولغان تامىقىمنى سۈرەتكە تارتىپ، «دوستلار چەمبىرىكى» گە يوللىۋەتمىسەم، ئىچىم تىتىلداپ، تىلىمغا تاماق تېتىمايدۇ؛ مەيلى ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا بولاي ياكى پىيادە مېڭىۋاتقاندا بولاي كۆزۈم يانفوندىلا. پىيادە ماڭغاندا يانفونغا قاراپ مېڭىپ، تۈۋرۈككە ئۈسىۋېلىپ بېشىمنىڭ ساق يېرىمۇ قالمىدى، يولنى توغرا كېسىپ ئۆتۈۋېتىپ، يانفونغا قاراپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈن ھاياتىمدىن ئايرىلغىلىمۇ تاس قالدىم، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ يانفونخۇمارىمنى پەقەتلا تاشلىيالمىدىم، يانفونخۇمارى ماڭا خىروئىن خۇمارىدەكلا يېپىشىۋېلىپ، زادىلا ئارام بەرمىدى، بۇ خۇيۇمدىن خوتۇنۇممۇ زېرىكتى، خوتۇنۇم «يانفونغا تولا قارىما» دەپ، قولۇمنى باغلاپ قويۇپمۇ باقتى، لېكىن بۇ ئادىتىمنى تاشلىتالمىدى، مانا ھازىر مىنۇتىغا تەخمىنەن ئىككى قېتىم يانفونغا قارايمەن، قارىماي قالسام، يانفونۇمغا بىرسى ئۇچۇر قىلىۋاتقاندەكلا سەزگۈدە بولۇپ، قولۇم ئىشقا بارمايدۇ.
       يانفونۇمدىكى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەپىم ئۈندىداردۇر. مەن ئۈندىدار ئىشلىتىۋاتقان ئىككى يىلدىن بۇيان، دوستلار چەمبىرىكىمدىكى دوستلىرىم كۆپىيىپ 10 مىڭغا يەتتى، ئەمما رېئاللىقتىكى دوستلىرىم ئازىيىپ 10 غا چۈشۈپ قالدى. ئۈندىداردىكى دوستلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى دوستلار چەمبىرىكىگە يېزىقچە ئۇچۇر يوللايدىغان بولۇپ بولۇپ، ئاساسلىق يوللايدىغان ئۇچۇرلىرى «بۈگۈن كەيپىياتىم بەك ناچار، ھېرىپ ھالىمدىن كەتتىم، ھال – مۇڭ بولىدىغان دوستلار بارمۇ؟»، «ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ، ئۇخلىمىغان كىم بار؟»، «يېڭى ئالغان بۇ كىيمىم يارىشىپتىمۇ؟» دېگەنلەردىن ئىبارەت. يەنە قىسمەن دوستلىرىم دوستلار چەمبىرىكىگە سۈرەت يوللاشقا خۇشتار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ مۈگىدەپ كۆزى يومۇلۇپ كەتكەن ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللىسا، يەنە بەزىلىرى تاۋۇز شاپىقىنى كىيىۋېلىپ، ھىجىيىپ كەتكەن قىياپىتىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللايدۇ، يەنە بەزىلىرى باركى، ئېشىپ قالغان تامىقىنى، سۇنۇپ كەتكەن تارغىقىنى، چۈشۈپ كەتكەن چىشىنى، ئوسما قويغان قېشىنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇدۇللا دوستلار چەمبىرىكىگە يوللايدۇ. يېقىندا بىر دوستۇم دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنداق بىر يومۇرنى يوللاپتۇ: بىر مېكىيان تۇخۇم تۇغۇشتىن ئاۋۋال توختىماستىن قاقىلداپتۇ، ئىگىسى «بۇ مېكىيىنىم ھازىرلا بىر تۇخۇم  تۇغىدىغان بولدى» دەپ ئويلاپ، كاتەكنىڭ يېنىدا ساقلاپتۇ، بىراق مېكىيان خېلى ئۇزاققىچە بىرە تۇخۇم تۇغاي دېمىگۈدەك، ئىگىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ مېكىياندىن: «شۇنچە قاقىلدىغان تۇرۇقلۇقمۇ نېمىشقا ئۇزاققىچە بىرە تۇخۇم تۇغمايسەن؟» دەپ سوراپتىكەن، مېكىيان: «تۇغقان تۇخۇملىرىمنى ئۇدۇللۇق ‹دوستلار چەمبىرىكىمگە چىقىرىۋاتقان›، ئەپسۇس بايا يانفونۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، شۇڭا تۇغقۇم كەلمەيۋاتىدۇ» دېگۈدەك. مانا مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى بىر باشتىن كۆرۈش ئۈچۈن يانفونۇمغا قاراۋېرىپ كۆرۈش قۇۋىتىم ئاجىزلاپ بىر يەرگە باردى، بارماقلىرىم تىتىرەيدىغان، بىلەكلىرىم تالىدىغان بولۇپ قالدى، شۇنداقتىمۇ يانفونۇمنى كۆزۈمدىن بەكرەك ئاسىرىسام كېرەك، كۆزۈم تېلىپ، چىڭقىلىپ كەتسىمۇ، يانفونغا قارايمەن، يانفونغا قارىمىسام چىداپ تۇرالمايمەن.
    155744kbmf5rhi4b5ba565.jpg

     مانا مەن ئۈندىدار ئىشلەتكەندىن بۇيان ھېيىت – بايراملاردا ئۇرۇق – تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پەتىلىشىدىغان، سېغىنغاندا سالام خەت يېزىپ، ئەھۋال سورىشىدىغان ئادىتىمگە تولۇق خاتىمە بەردىم، چۈنكى ھېيىت - بايرام كەلسە، ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان تەبرىك ئۇچۇرىدىن بىرنىلا يازىمەن - دە، ئۇنى ئۈندىدارىمدىكى 10 مىڭ ئادەمگە بىراقلا يوللاپ، ھەممىسىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالىمەن، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت تېجەش بولامدۇ دەيسىز؟ ئۆيۈمنىڭ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىدا باغاقلارنى مېھمانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈدىغان دەۋىرگىمۇ ئاللىقاچان خاتىمە بەرگەنمەن، چۈنكى بۇنداق چاغلاردا بازاردىن بىر تال باغاقنى سېتىۋالىمەن – دە، باغاقنىڭ ئىسمىنىلا ئۆزگەرتىپ، سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن، مېھمانلارغا ئەۋەتىۋېرىمەن.
     يېقىندىن بۇيان، يانفونخۇمارى دادامغا يۇقتى بولغاي، ئۇمۇ ئۈندىدارغا خۇمار بولدى، ئۇ ئىلگىرى ئۆيدە يالغۇز قالسا گېزىت ئوقۇيتتى، ھازىر يانفونىغا پاقا تەشكەن سويمىدەك تىكىلىپلا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. دادامنىڭ ئوبۇرنىدا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىغا ھەيرانمەن. ئۇنىڭ يانفونى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئىككى قېتىم ئوبۇرنىغا چۈشۈپ بولدى، تۈنۈگۈن ئۇنىڭ يانفونى يەنە ئوبۇرنىغا چۈشۈپ كېتىپتىكەن، ئۇ ماڭا توردىن ئۆزىگە بىر يانفون ئېلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا 5.5 دىيوملۇق يانفوندىن بىرنى ئەكىلىپ بەردىم، دادام بۇ يانفوننى كۆرۈپ ماڭا «بۇ يانفون بەك چوڭكەن، كىچىكەرىكىنى ئالساڭ بولماسمىدى؟» دېدى، مەن ئۇنىڭغا: «مەن بۇ يانفوننى توردىن سېتىۋالمىدىم، پاسكىنا سۇ ئېغىزىدىن سۈزۈۋالدىم» دېۋىدىم، ئۇ ھەيران بولغان ھالدا: «قولۇم – قوشنىلار ئارىسىدا ماڭا ئوخشاش ئادىتى بارلار خېلى باركەندە!» دەپ كۈلۈپ كەتتى.

بۇ كۈلدۈرگە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 11 - ئۆكتەبىردىكى «ئارامگاھ» بېتىدە ئېلان قىلىنغان.



18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 17:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئۈندىدار سالونى، دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بىلوگ قاتارلىقلارغا چىقارماقچى بولغان دوستلارنىڭ ئاپتور ۋە توربەت ئىگىسىگە ھۆرمەت قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1091

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31681
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 17:55:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

238

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25831
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 19:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زومبىي ياقۇپ.

0

تېما

4

دوست

740

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30650
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 19:49:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلدىغان يېرىدىن ئۈتۈپ كەتكەن ئوخشايمەن...

18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 20:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0995 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 19:49
كۈلدىغان يېرىدىن ئۈتۈپ كەتكەن ئوخشايمەن...

ئالدىرماي چۈشىنىپ ئوقۇسىڭىز ئۆتۈپ كەتمەيسىز، ياكى ئۆزىڭىز بىرەنى كۈلكىلىك قىلىپ يېزىپ بېقىڭ.

0

تېما

4

دوست

740

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30650
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 21:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsuyer يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 20:40
ئالدىرماي چۈشىنىپ ئوقۇسىڭىز ئۆتۈپ كەتمەيسىز، ياكى ئۆ ...

كۈلمەسلىكىم  ئەستايىدىل ئوقىمىغاندىن دېرەك بىرەمدا؟ كۈلمىگەنلىگىم ئۈچۈن كۈلكلىك قىلىپ ئەسەر يېزىشىم كېرەكما؟  توۋۋا،بولدى يازغان ئىنكاسىمنى قايتورۋالغان بولاي.

1

تېما

1

دوست

212

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31423
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 00:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )