قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2281|ئىنكاس: 23

جانان كوچىسىدىكى جانان قىزنىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 18:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانان كوچىسىدىكى جانان قىزنىڭ ھېكايىسى
-- مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم (بەگ ئالىپ)


   ئالىي مەكتەپ ئىنتاھاننى بېرىپ بولۇپ لاقا-لۇققىلىرىمنى بوينۇمغا ئېسىپ ئاران  ئۆيگە «كۆچۈۋالدىم». ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ  قاپاق كاللامنى ئىككى قىلالماي يۈرگەن  كۈنلەردە  ماڭساممۇ رودىپايدەك چاپلىشىۋالىدىغان ئۇيقۇ ئەمدى تازا ئۇخلاپ ھاردۇقۇمنى ئالاي دېگەندە جىندەكلا  يۇقاپ كەتكەنىدى. چۈنكى ئىنتاھاننى بېرىشىم تايىنلىق بولسۇمۇ تەلەي سىنايمەن دەپ  سەل يۇقۇرى مەكتەپلەرنى يېزىپ قويغاچقا چاتاق چىقارمۇ دەپ يۈرۈكۈم تىپپىرلاپلا تۇراتتى .فىزىكا ،خىمىيە دېگەنلەردىن ۋاپا كۈتمەيتتىم ، ھەم  يۇقىرى نۇمۇر تاما قىلمايتتىم ؛ مۇئەللىم ئۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرغاندا مەن كېچىچە ئوينىغان تېلفۇننىڭ ھاردۇقى بىلەن سىنىپنىڭ ئەڭ ئارقىسىدىكى پارتىدا دۈم يېتىپ خورەك تارتىۋاتقان بولاتتىم . لېكىن ھەممىسىدىن نۇمۇر ئالالمىساممۇ ئەدەبىياتتىن ئۈمۈدۈم چوڭ ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ قۇرۇق ئۈمۈد بولماستىن بەلكى ئىشەنچ ئىدى ، سەۋەبى باشقىسىنى  زورلاپ ئۆگەنسەم ئەدەبىياتنى ئىچىمدىن قىززىپ تۇرۇپ ئۆگۈنەتتىم .
   ئىنتاھاننىڭ ئالدىدىكى غەم ئەندىشىنى ئىنتاھاندىن كېينىكىسىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسكەن. دەرىس ۋاقىتلىرىدا كىتاپنى سايە قىلىپ ئۇخلىغانلىرىم ،رومان ئوقۇغانلىرىمغا؛ بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان چىرايلىق ساۋاقدېشىم بىلەن پارچە قەغەزگە خەت يېزىشىپ ئولتۇرغانلىرىمغا  يۈز مىڭ پۇشايمان قىلىپ كەتتىم.ئۆز  خىيالىمدا ۋاقىتنى نەچچە ئاي كەينىگە سۈرۈپ ، كېچە كۈندۈز دېمەي ئۆگۈنۈش قىلىپ كۆرسەملە كۆزلۈرۈم ئالا چەكمەن بولۇپ كېتىدىغان فىزىكا ،خېمىيە دېگەنلەرنى شاما قىلىۋېتەتتىم. لېكىن بېشىمدىكى  قاسماق بېسىپ كەتكەن شەپكەم ئاستىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئاچچىق تەر پېشانەمنى بويلاپ  چۈشۈپ   كۆزۈمنى ئېچىشتۇرغىنىدا  ئۆزۈمنىڭ  سىنىپتا ئەمەس ،قاقىرام ئاپتاپتا ئارىنى قۇچاقلىغىنىمچە قىرغا يۆلۈنۈپ ئېزىلىپ ئولتۇرغۇنىمنى ئېسىمگە   ئالاتتىم، ئاندىن تەرىمنى  مەكتەپتە ئۈچ يىل كىيىپمۇ يىرتىپ بولالمىغان مەكتەپ فورمامغا ئېرىتىۋېتىپ  ئېرنىچەكلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇراتتىمدە، ئەتتىگەندىن بېرى يىغىپ بولالمايۋاتقان تۆت -بەش ھارۋىمۇ كەلمەيدىغان ئەنجە تەرەپكە پۇتۇمنى سۆرەپ  ئېرىنچەكلىك ماڭاتتىم . كۈندۈزى ئۆزۈمنى ئېتىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇرۇپ ، كەچلىرى ئاغىنىلەر بىلەن ئۆستەڭ بويىدا تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ، ساز-پاز چېلىپ ئۆتكۈزگەن بىلەن كېچىنى ئۆتكۈزمەك قەۋەتلا تەس ئىدى. ھېرىپ بولالمىغاندا ئاز تولا ئۇيقۇم كەلسىمۇ ،كۆزۈمنى يۇمساملا بىزنىڭ فىزىكا بېرىدىغان مۇئەللىمىگە ئوخشايدىغان  تاقىرباش كۆزئەينەك چۈشۈمگە ئۈسسسۈپلا كىرىپ قوزۇقتەك چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ مەسخىرلىك ئاھاڭدا: « سەندەك ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە ئاستىدا مانتا يەيدىغان لەقۋاغا چاقىرىق نەدىكەن » دەپ سەت كۈلۈپ تۇراتتى  .  شۇنداق قىلىپ  ئىنتاھان نۇمۇرۇم چىقىپ چاقىرىقنىڭ خەۋرى كەلگۈچە مەن ئۇخلايدىغان ئايۋاننىڭ تورىسىدىكى  قايسى بالادا  قانچە ۋاسا بارلىقى يادا بولۇپ كەتتى .
ئاخىرى چاقىرىمۇ كەلدى،نېمىگە ئۆچ بولساڭ شۇ يەلكەڭگە مىنىدۇ دەپ چاقىرىق  مەن ئۈمۈد قىلغان ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدىن  كەلمەي ئىككنچى تۈركۈمدىكى بىر كىچىكرەك ئنستىتوتنىڭ مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان فىزىكىسىدىن  كەلگەن ئىدى چاقىرىقىنى كۆرۈپلا بېشىم قايدى ، فىزىكا دېگەندىن  ھېچنىمىنى ئۇقمىسام تۆت يىلنى قانداق ئۆتكۈزىمەن .پەقەت تاماق يېگۈم كەلمەيتتى ،كۆڭلۈمنىڭ يېرملىقىنى بىلگەچكە ئاناممۇ دەردىمنى تەڭ تارتىشىپ بەرمەكچى بولغاندەك روھى چۈشۈپلا كەتتى .ئانامنى دەپ بولسىمۇ تاماقنى زورلاپ يەپ باقماقچى بولاتتىميۇ گېلىمدىن ھېچ ئۆتىدىغاندەك قىلمايتتى .
_ ئەدەبىياتقا قارىغاندا فىزىكىنىڭ ئىستىقبالى ياخشىراق،- دەيتتى ئاكام،- ھەر نېمە دېگەن بىلەن تەبىي پەن ئەمەسمۇ.
- ئوغۇل بالا دېگەننىڭ فىزىكا دېگەنلەرگە كاللىسى بەكرەك ئىشلەيدۇ ،يا  قىز بالا بولمىساڭ  ئىجدىمايى پەن ئۆگەندىم دەپ نەرسە يادىلاپلا يۈرۈيدىغان ،- دەيتتى باشلانغۇچتا ئوقۇتقۇچۇلۇق قىلىدىغان ھاممام،- فىزىكا دېگەندە قىززىقارلىق  تەجىربە كۆپ بولۇدۇ ،ئازراقلا زەن قويساڭ قىززىقىپ ئۆگىنىدىغان بولىسەن.
  بۇ تەسەللىيلەرنىڭ ھېچ قايسىسى قولۇقۇمغا كىرمەيتتى .  لېكىن  مېنى ھەممىدىن بەك چۈشۈنىدىغان دادامنىڭ بىر ئېغىز تەسەللى كۆڭلۈم سەل يۇرۇغاندەك بولدى:
- ماڭ قارا بالام، ئالىي مەكتەپ دېگەندە ئىختىيارى ۋاقىت كۆپ ، فىزىكىدا ئوقۇساڭمۇ كەسپىڭنى جايىدا ئۆگۈنۈپ ، ئەدەبىياتنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭساڭ بولىدۇغۇ، كېيىن تېخى ئەدەبىياتتىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇتۇپ  قالامدىمەن .
كېيىنكى ھەپتە دادام كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن دېدىمۇ مېنى ساياھەتكە بىللە ئېلىپ چىقماقچى بولدى .بۇ چاقىرىق ئېلىپ كەلگەن «كۆڭۈل يارىسى» نى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولغان ئىدى .
  يازنىڭ ئارەمبەخىش يامغۇرى  ئېرىق بويىدىكى ياۋا گۈللەرنى ۋىسالىغا قاندۇرىۋاتقان   ئاشۇ كۈنىدىكى    سابا بىلەن تەڭ  سەپەرنى باشلىدۇق. يېرىم يولدا دادامنىڭ بىرگە ئىشلەيدىغان ئاغىنىللىرى ئائىلىسى بىلەن كېلىپ سەپىرىمىزگە  قوشۇلدى. ياز بويى ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان يۇرۇڭقاش ، قاراقاش دەريالىرى ئۈستىدىكى ئۇزۇن تار كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ چۈش بولغاندا  « چولاقنىڭ سېيى» غا كىردۇق ، ماششىنا  قىززىق ساي ئىچىدىكى يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان تار يولدا ئاخىرقى قارارى يوق سەپەرگە ماڭغاندەك تىنىمسىز ئىلگىرلەيتتى .شام ۋاقتى بىلەن ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ئىككنچى يۈرىكى يەركەنگە كېلىپ توختىدۇق . كېچىسى بىر ئاددىي ئەمما پاكىز مېھمانخانىدا قوندۇق .ئالتۇنلۇقلارنى تاۋاپ  قىلىپ بولۇپ تۇرشىمىزغا ئارىمىزدىكى بىرىنىڭ  يەركەنلىك  بۇرادىرى كېلىپ بەشكەن تەرەپلەرگە ئۆتۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. بەشكەنگە بېرىش يولىدا  قىپقىزىل كەلكۈن سۈيى ئېقىۋاتقان يەركەن دەرياسىدىن ئۆتتۇق.
بەشكەن   كۆجۈم باغلار بىلەن تولغان ھاۋاسى يېقىشلىق يۇرتكەن، بىز  بىر چوڭ ھەم سالقىن باغقا چۈشتۇق. بىزنى باشلاپ كەلگەن كىشى مائارىپ نازارىتىدە ئىشلەيدىغان بىر ئەمەلدار ئىكەن. بىردەمدىلا ئوقۇتقۇچلار بولسا كېرەك بىر نەچچە پاكىز ھەم رەتلىك كىيىنگەن  يىگىتلەر  تەمبۇر - دۇتتارلارنى كۆتۈرۈپ پەيدا بولدى.خېلى بىر ۋاقىتقچە قەشقەرنىڭ قائىدىسى بويىچە مېھمان بولۇپ، يەركەننىڭ يەرلىك مۇقام ناخشىللىرىنى ئاڭلاپ پەيزى قىلىشتۇق.
  ئەتىسى يەنە يېرىم كۈندەك مېڭپ قەشقەر شەھرىگە كەلدۇق.باشقا يەرلەرنى بۇنىڭدىن بۇرۇن كېلىپ كۆرۈپ بولغاچقا  تاماق يەپلا ئوپال تەرەپكە يول ئالدۇق،  مەقبەرە دەرۋازىسى  ئالدىغا كېلىپلا جاڭجالنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇق ، سەۋەپنى ئۇقساق بىر ئاتۇشلۇق كىشى چەتئەلدە ئۇزاق ۋاقىت مۇساپىر بولۇپ تۇرغان تۇققانلىرىنى ئەكەلگەن ئىكەن، لېكىن بېلەت باھاسىنى قىممەت دەپ تالىشىپ قاپتۇ .
-شۇنچە يىراقتىن ئۆز ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايلى دەپ كەلسەك ، قەبرىنى تۆمۈر رىشاتكا ئىچىگە ئېلىۋېلىپ  قىممەت پۇللۇق بېلەتنى بىزگە تاڭغىنى نېمىسى ، توۋا دەيمەن، ئۇلۇغلارنىڭ ئۆلۈكۈنىمۇ   پۇلغا سېتىۋاتقىنىنى   ،- دەيتتى بىزدىن مەدەت تىلەۋەتقان ئاھاڭدا .
ئۇلارنىڭ ئىچى بەك كۈچلۈكمۇ بېلەتچىنىڭ يولسىزلىقىغا باتناپ  شۇنچە يىراق يەردىن كەلگىىنىگە قارىماستىن يېنىپ كەتمەكچى بولۇشتى ، بېلەتچى شۇنچە كۆپ ئادەم كېتىپ قالسا ياخىشى بولماس دېدىمۇ ئۇلار دېگەن پۇلغا ماقۇل بولۇپ كىرگۈزىۋەتتى .
لېكىن شۇ ئارىدا بىرىنىڭ قۇيۇق   قەشقەر شېۋىسىدا تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا قىلغان « ئاتۇشلۇق دېگەنغۇ بىر سىنىت ئۈستىدە تىك تۇرۇدۇ »دېگەن گېپى جاڭجالنى قايتىدىن ئۇلغايتىۋەتتى  . ھېلىمۇ ياخشى بىز بىلەن كەلگەن ئالىي تېخنىكۇمنىڭ بىر مۇئەللىمى :« ھاي -ھاي قېرىنداشلار، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ بېشىدا تۇرۇپمۇ سەن ئۇيەرلىك ،مەن بۇيەرلىك دەپ جاڭجال تېرىساق  ئۇلارنىڭ روھى قورۇنماسمۇ» دېگەن گېپى بىلەن جېدەك شۇئانلا بېسىقىپ ھەركىم ئۆز يولىغا ماڭدى.
  كەچتە دادامنىڭ  قەشقەردە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئىشداشلىرنىڭ زورى بىلەن شەھەرنىڭ چېتىدىكى چاھارباغ   دەپ ئاتىلىدىغان بىر سەيلىگاھقا كەلدۇق.سەيلىگاھ ئىچى قىززىپ كەتكەن ئىدى . تاماق يەپ بولۇپ تۇرۇشىمىزغا رەڭلىك چىراغلار كۆزىمىزنى ئالا چەكمەن قىلىپ ۋاللىلداپ ، قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىدى. دادام ئۆزرە ئېيتىپ مېنى ئېلىپ ياتاققا قايتماقچى بولدى، شوپۇر ئۇستام  ھېلى ياردىمىم لازىملىقىنى ئېيتىپ مېنى قالدۇرۇپ قۇيۇشنى ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالدى. تۆت تەرەپتىن چىققان ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازى بىلەن پېشايۋان ئىچى تىتىرەپ ھېلىلا ئېچىلىپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى . ئەتراپتىكى كىشىلەر بەس-بەستە تاڭسىغا چۈشۈشكە باشلىدى، ئىچىدە ئەر- ئايال بولۇپ ئوينايدىغانلارمۇ، ئاياللار ئۆزلىرى بىلەن ئوينايدىغانلارمۇ بار ئىدى .غەلۋە-غۇدۇردىن بېشىم ئېسىلگەندەك بولۇپ پېشايۋان ئارقىسىدىكى باغقا چىقىپ كەتتىم.
  خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شوپۇر ئۇستام چاقىردى، كىرسەم ناخشا-ئۇسسۇللار  پەسكۇيغا چۈشۈپ قاپتۇ، ئۈستەل ئۈستىدە بوتولكىلار  قالايمىقان چېچىلىپ يېتىشىپتۇ .بىز بىلەن كەلگەن  بىر نەچچە چوپ -چوڭلا ئەركىشى بۆلەكچە بىر ھالەتتە  بوتولكىلار بىلەن سۆلەت تالاشقاندەك  ئۈستەل ئۈستىدە دۈم يېتىپتۇ  .بىرنى يۆلەپ ئاران ماڭسام، يەنە بىرمۇ ئېسىلىۋالدى،ئىككى مەستنى  كونا تاغارنى سۆرىگەندەك سۆرەپ ئاران دېگۈدەك ماششىنىغا قېشىغا ئېلىپ چىقتىم.  شۇ ئارىدا يېنىمىزدا تۇيۇقسىزلا جېدەل بولۇپ قالدى.
ئىككى مەس ھە دەپ ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر  بىلەن تىللىشاتتى :
-يېڭىساغا بىر بېرىپ قالارسەن ،-دەيتتى -، تاياق يەپ كەتكىنى، ئاناڭنى بىر نىمە... ئاچاڭنى بىرنىمە قىلىۋېتىمەن..
شۇ ئارىدا يەنە بىرى يۇپۇرلۇپلا كەلدىدە يەنە بىر مۇش سالدى،- ئاندىن ھۆرپىيىپ تۇرۇپ ، - شە جۇما ماۋۇ، تولا يوغان سەكىرمە بولمىسا مۇشۇنداق...
*                        *                             *   
ئەتىسى سەھەردە  ئاتۇشقا ماڭايلى دەپ تۇرساق دادامنىڭ ئۆت ياللۇغى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالدى .  ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا باردۇق، دوختۇرلار ئوپراتسىيە قىلىپ ئۆتنى ئېلىۋەتسەك ياخشى بولۇدۇ  دېيىشتى . بۇ كېسەل بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم تۇتقاندا دادام قۇرۇق ھۆ بۇلۇپ  يا تاماق سىڭمەي ،چىرايى سارغىيىپ زىيادە قىينالغان ئىدى، بۇ قېتىم بۇرۇنقىدىن بەكرەك ھەرەج تارتىپ كەتتى  . دادام ياقا يۇرتتا ئۇزاق يېتىپ قالىمەن دەپ قوشۇلمىغان بولسىمۇ ، جېنىڭىزنى قىينىماي  ئۆتنى ئېلىۋېتەيلى دەپ تۇرىۋالدىم  ، باشقا بۇرادەرلىرىمۇ ئالدۇرۋېتىشكە دەۋەت قىلدى.
دوختۇرلار« ئادەتتىكىلا بىر ئوپىراتسىيە  ، ئەنسىرەپ كەتمىسەڭمۇ بۇلۇدۇ» دېگەن بولسىمۇ  يۈرۈكۈم سېلىپلا تۇراتتى، ئەندىشە ھەتتا يۈزۈمگىچە تېپىپ  چىقىپ  چىرايىم ئاقىرىپ كەتكەچكە دادامنىڭ بۇرادەرلىرى ھە دەپ كۆڭلۈمنى ياسايتتى.
دوختۇرلار قاسساپقا ئوخشا ئوننەچچىنى بىرلا يىغىپ قويۇپ نۆۋەتتىن ئوپراتسىيە قىلىدىكەن. نۆۋەت دادامغا كەلگەندە دوختۇر ئىمزايىڭنى قوي دەپ بىر توپ قەغەز بېرىۋېدى، خۇددى دادامنى ئۆزۈم دار ئاستىغا يېتىلەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىپ ،قوللىرىم تىترەپ ئىمزانى قويالمىدىم .
- ۋوي ئوغان بالا ، ئاۋۇ قىزنىڭ  يېرىمچىلىكمۇ يۈرەك يوقمۇ سەندە  ، ئىمزايىڭنى گاچچىدە قويىۋەتسەڭ بوممامدا  ئادەمنى جىلە قىمماي،- دېدى بىر دوختۇر چىراينى پۈرۈشتۈرۈپ .
شۇنداق قىلىپ ئالمان تالمان ئىمزانى قويۇۋەتتىم، لېكىن خىيالىم دادامدىلا بولغاچقا ئىمزا قويىدىغان يەرگە ئۆز ئىسمىمى يازماي «دادام » دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن .دوختۇرغا گەپنى دەپ بولغىچە نەرسىنى يىغۇشتۇرۇپلا كىرىپ كەتتى .
مانا ئەنسىزچىلىك دېگەن، سائەتىمگە  مىنۇتتا بىر قارىغاننى ئازدەپ،ئوپراتسىيەخاننىنىڭ ئىشىكى ھەر بىر ئېچىلسا چۈچۈپ بىر قارايتتىم، كارىدور ئىچىدە ساراڭدەك ئۇياق بۇياققا چۆرگىلەۋېرىپ ، ئىشىك يېنىدا ئولتۇرغان    قىزنىڭ پۇتىغا نەچچە پۇتلۇشۇپ ،نەچچە قېتىم دەسسەپ سالغىنىم ئېسىمدە يوق ئىدى .
بىر چاغدا بىرى بېلىكىمنى يېنىك تارتتى، ئۆرۈلۈپ قارىسام ئانام بىلەن تەڭتۇش دېگۈدەك بىر ئايال مېھىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ :- ئوغلۇم، ئۆزۈڭنى سەل باس، ھەر ئىش خۇدانىڭ ئىلكىدە، دوختۇرلارمۇ كىچىككىنە ئوپراتسىيە دېدىغۇ ،خۇدا ئاسانلىقنى بېرەر .
ئوننەچە جۈپ كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇڭايسىزلانغاندەك بولدۇمدە ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم.
  ئىككى سائەتتىن ئاشقاندا دوختۇرلادىن بىرى چىقىپ دادامنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى ، باياتتىن  پۇتىلىشىپ يۈرگەن قىزنىڭ يېنىدىلا ئولتۇرغان ئىكەنمەن ، ئىكىلىمىز تەڭلا ئىشىك تەرەپكە يۈگۈرۈدۇق.
-بىرىڭلا كىرىڭلا دېدى ،-دوختۇر ئىشىكنى توسۇپ.
مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە ئۇ قىز دوختۇرنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپلا كىرىپ كەتتى، ئاندىن ھايال ئۆتمەيلا يۈزىنى ئالىقىنىدا توسقان پېتى يېنىپ چىقىپ ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە :-خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايمەن ،- سىزنىڭ دادىڭىز ئوخشايدۇ،-دېدى.
كىرسەم دادام كۆك رەڭلىك ئوپراتسىيە كىيىمى كەيگەن ھالەتتە كارۋاتتا ياتاتتى .
- داداڭنىڭ ئەھۋالى  ناھايىتى ياخشى بالام ، ئەنسىرگىدەك ئىش يوق، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭ بولۇدۇ   دېدى،-ماسكىسنىڭ بىر تەرىپى قۇلۇقىدا ساڭگىلاپ تۇرغان دوختۇر  .
بىر ئازدىن كېيىن دوختۇرلار يەنە بىر چار ساقال كىشىنى ئېلىپ چىقىپ قۇيۇپ ئالدىراپ كىرىپ كەتتى،  ھېلىقى قىز يۈگۈرۈپ كىرىپ  كارۋاتتا ياتقان ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدى ، لېكىن دادىسىنىڭ ھۇشسىز ياتقىنىنى كۆرۈپ بوشلا ۋارقىرۋەتتى.
- قورقماڭ، بىردەمدىن كېيىن ھوشىغا كېلىدۇ دەيدۇ،- دېدىم مەن ئالدىراپ،- داداممۇ تېخى ھوشىغا كەلمىدى.
-ھە مۇنداق دەڭ،مەن يامان خىياللارنى قىلىپ كېتىپتىمەن،- دېدى ئۇ مىننەتارلىق ئارلاشقان سۇس تەبەسسۇم بىلەن .
بىردەمدىن كېيىن دادامنىڭ قولى مىدىرغاندەك بولدى، ئاندىن قۇيۇق قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ كۈلۈمسىرىدى .
-مەن خۇشاللىقىمدا ئادەتتە  دادام مېنىڭ پېشانەم سۆيگۈنىدەك  ئەمدىلا ئۆسۈپ چىققان ئاق ئارلاشقان ساقاللىرى ئاستىدىكى قىزىل مەڭزىگە پۈتۈن مېھرىم بىلەن سۆيۈپ قويدۇمدە:- ھەممە ئىشلار جايىدا دادا ، -دېدىم.
شۇئارىدا نېمىشقۇدۇر دادامنىڭ يېنىدا ياتقان چار ساقال كىشىگە ئىختىيارسىز قاراپ سالدىم، ئۇ كىشى تېخى ھوشىغا كەلمىگەن ئىدى ،  قىزى دادىسىنىڭ قولىنى يۈزىگە يېقىپ غەمكىنگىنە بىز تەرەپكە قاراۋاتاتتى  .
مەن چاقلىق كارۋاتنى ئاستا ئىتتىرىپ سىرتقا ماڭدىم، لېكىن ئىشىك پۇرژۇنلۇق بولغاچقا بىر ئادەم ئېچىپ تۇرمىسا بولمايتتى ، ئۇ قىزنى ياردەمگە چاقىراي دەپ قارىشىمغا مەخسىدىمنى چۈشەندىمۇ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ تۇردى.
كاردوردىكى تىتىلىق ئىچىدە كۈتۈۋاتقان كىشىلەر بىزنى كۆرۈپ جايىدىن سەل قىمىرلاپ قويدى ، ۋە چىرايلىغا ئەنسىزلىك ئارلاشقان تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ: داداڭ ساق -سالامەت چىقىتمۇ  ،ئوغلۇم ،-دەپ ئەھۋال سوراشتى  .
يات بىر يۇرتتىكى مېھر بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەرنى كۆرۈپ ئەنسىزچىلىك ۋە ناخۇشلۇق ئىچىدە تۇرغان كۆڭلۈم ئىللىپ،يۈزۈمگە كۈلكە  يۈگۈردى:
-خۇداغا شۈكۈرى ، يەنە بىر تاغىمىزمۇ ئوپىراتسىيەدىن چىقتى  ،ئەھۋالىمۇ ياخشى،- دېدىم .
خۇددى ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان جەڭ مەيدانىدىن قۇتۇلغان ئادەمدەك دادامنى ئېلىپ  كارىدوردىكى چىرايىدىن ئەنسىزلىك چقىىپ تۇرىدىغان كىشىلەر توپىدىن  يىنىك تىنىپ  چىقىپ كەتتىم.
  ئوپراتسىيەدىن كېيىن يەنە 24 سائەت جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە كۆزۈتۈش توغرا كەلگەچكە بىزنى ئۇدۇللا شۇ يەرگە ئەكىردى . بىر ئازدىن كېيىن دادامدىن كېيىن چىققان چار ساقاللىق كىشىنى ھېلىقى قىز  يېنىمزدىكى بوش يەرگە ئەكىلىپ جايلاشتۇردى .
دادام تېخى تولۇق ھوشىنى تېپىپ بولالمىغاچقا   ئۈنسىزلا  ياتاتتى،
دوختۇرلار كىرىپ ئەتە ئەتتىگەنگىچە بىر نەرسە بەرمەي تۇرۇشمىزنى ، كېچىچە ئۇخلاپ قالسا بولمايدىغانلىقىنى تاپىلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . دادام  ئېغىزىنى مىدىرلاتقاندەك بولدى، قۇلۇقمۇنى يېقىن ئەكىلىۋېدىم،تاماق يەپ كىر دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇنداق چاغدا دادامنىڭ يېنىدىن قانداقمۇ ئايرىلاي !؟ ئەلۋەتتە تۈنۈگۈن مۇشۇنداق ۋاقىتتا يېگەن تاماق بىلەن تۇرۇۋاتقان بولساممۇ قورسۇقۇم تېخىچە ئاچقاندەك قىلمايتتى . شۇڭا دادامغا : قورسۇقۇم ئاچمىدى ، چۈشتە يەۋالغان دەپ قويدۇم.
بىردەمدىن كېيىن   يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، چوڭ ئاق لېچەك ئارتىۋالغان بىر ئايال   كۇرىدا تاماق  كۆتۈرۈپ يېنىمدىكى قىزنىڭ قېشىغاكېلىپ ئولتۇردى . شۇ چاغدىلا بۇلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم .چار ساقاللىق كىشى بىردە ئايالىغا بىردە بىردە قىزىغا ھارغىن  ئەمما مۇلايىم  كۆزلىرى بىلەن قارايتتى، شۇ ئارىدا ئۇ ئايال بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلدى ،ئاندىن دادامدىن ئەھۋال سوراپ قويدى، داداممۇ جاۋابەن پەس ئاۋازدا : ئاللاغا شۈكرى دېدى .
دادام بوينىنى ئاستا قايرىپ يېنىمىزدىكى  خۇشاللىق ئىلكىدە پاراڭلىشىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىللرىگە بىر ھازا  قاراپ قالدى. دادام ئېنىقكى يىراقتا قالغان  مېھرى ئىسسىق ئۆيىمىزنى، بولۇپمۇ كەم سۆز ئەمما چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان  ئانامنى ئېسىگە ئالغان ئىدى . مۇشۇنى ئويلاپ بۇ يات يەردە ئۆزۈمىزنى شۇنداق بىچارە ۋە يۆلەكسىز ھېس قىلىپ كۆز چانىقىمغا  باستۇرۇپ كەلگەن يىغىنى تەستە توختىتىۋالدىم .
-مە  بالام، سەن بولساڭمۇ  تاماق يەۋال ،- دېدى ئۇ ئايال ماڭا بىر قاچا تاماقنى سۇنۇپ .
دىلىم سۇنۇق ھالەتتە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغاچقا دەماللىققا نىم دېيىشنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم:
- بولدى  ....قورسۇقۇممۇ ئاچمىدى.. ئۆزلىرى يەۋەرسىلە .
- بولدى تارتىنما، چۈشتىمۇ ئوپراتسىيەخانا ئىشىكى ئالدىدىن نېرى بولالمىدىڭ،ئازراق تاماق يەۋال ،- دېدىدە ،بىر قاچا ئۈگرىنى ئالدىمغا قويۇپ قويدى.
لېكىن قوشۇق يوق ئىدى، يا قوشۇق دېيەلمەي قاچىدىكى تاماققا قاراپ شۇنداق ئوڭايسىز ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالدىم .ئېغىزىغا ئەمدىلا بىر قوشۇق ئاشنى يېقىن ئەكەلگەن قىزچاق دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ :
-ۋوي قوشۇق بەرمەپتىمز ئەمەسمۇ،- دەپ  ماڭا قوشۇق ئۇزاتتى .
ئۈنى ئاز تولا ئۈستىگە چىققان دادام بىلەن پاراڭلاشقاچ قاچىدىكى تاماقنى باشتا تارتىنغاندەك بولۇپ ئاز -ئازدىن،  ئاندىن كېيىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ يەۋەتتىم.
-يەنە ئازراق يەۋال بالام، دېدى ئۇ ئايال كورىدىكى تاماقنى يېنىمغا ئەكىلىپ .
بولدى تويدۇم،- دېدىم مەن قاچىنىڭ ئېغزنى قولۇمدا توسۇپ تۇرۇپ.
شام ۋاقتى بىلەن دوختۇرلار يەنە بىر قېتىم تەكشۈرگىلى كىرىشتى .
- بىمارنى 7 سائەتكىچە ئۇخلۇتۇپ سالماڭلار دېدى دوختۇر،- قايتا تاپىلاپ،- بولمىسا خەتەر يېتىپ قالىدۇ.
بىردەمدىن كېيىن بىر ياپما قاپاق سېستىرا كىرىپ يېنىمزدىكى ئانا-بالىنىڭ بىرىلا قېلىپ بىماردىن خەۋەر ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئانا -بالا ئىككىسى بىر ھازا تالاشقاندىن كېيىن قىزى قېلىپ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى.
-  ناركوزنىڭ تەسىرى تېخى تولۇق يىتمىگەن تۇرسا، بىمارغا گاچىدەك قاراپ ئولتۇرساڭلار ئۇخلاپ قالمامدۇ ،- دېدى سېستىرا ياپما قاپاقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ .
شۇ ئارىدا ئۆيۈمىزدىن  تېلفۇن كېلىپ قالدى، تېلفۇننى دادامغا بەردىم، ئانام -ئاكاملار دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن   خاتىرجەم بولغاندەك بولۇپ تېلفۇننى قۇيۇۋەتتى .
- سىلەر خوتەندىنما ؟
بۇ يېنىمزدىكى چار ساقاللىق كىشىنىڭ  پۇتۇنى تۇتۇپ ئولتۇرغان قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى   .
- ھەئە،-دېدىم مەن  ياقا يۇرتلۇق بىگانىلەردىن ئىكەنلىكىمىزنى ئاشكارىلاپ قويۇشنى خالىمىغاندەك تەلەپپۇزدا .
ئۇ يەنە ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقىنى قەتئىيلىك بىلەن بۇزۇپ تاشلىماقچى بولغاندەك گەپ كوچىلاشقا باشلىدى:
-شۇنچە يىراق يەردىن كەلگەندىن كېيىن چوڭراڭق دوختۇرخانىغا بارماي ....
- ساياھەتكە كەلگەنتۇق ، دادامنىڭ كېسىلى تۇيۇقسۇزلا تۇتۇۋالدى.
پاراڭ باشلىنىش بىلەن   ھەر ئىككىلىمىزنىڭ دادىسى   كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ ئازراق تېتىكلەشكەندەك بولدى.
ئەمدى گەپ سۇراش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن ئىدى:
سىلەرچۇ دېدىم مەن ،- ئاۋازىمنى سالماق ۋە تەبىي چىقرىشقا تىرىشىپ ،- مۇشۇ شەھەردىنمۇ ياكى بىرەر ناھيدىن كەلدىڭلارمۇ ؟
- شەھەر ئىچىدىن،- دېدى كۆزىگە چۈشۈپ قالاي دەپ قالغان  رومىلىنى ئوڭشاپ قويۇپ  ،- ئۆيۈمىز جانان كوچىسىدا .
- جانان كوچىسى ؟! دېدىم مەن ھەيرانلىق ئىچىدە .
ئىلگىرىمۇ بۇ كوچىنىڭ ئىسمنى نەچچە ئاڭلىغانىدىم، «جانان » دېگەن چىرايلىق ئىسىمنى ئاڭلاپلا «سېھرىلىك ئالما »فىلىمىغا ئوخشاش   چىمەن دوپپا كىيىپ يۈزىگە نېپىز چۈمبەل تارتىۋالىدىغان  پەرى قىزلار مېڭىپ يۈرۈيدىغان بىر تار قەدىمىي كوچا  كۆز ئالدىمغا كىلەتتى .
  ئۆزۈمنىڭ ئەنسىزچىلىك پۇراپ تۇرىدىغان كېسەلخانا ئىچىدە ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ ئالدىمدىكى قىزغا سەپ سالدىم:ئۇ  كۆزىگە چۈشۈپ قالاي دەپ قالغان رومالنىڭ ئاستىدىكى قاپقارا ئەگمە قاشلىرى؛ قۇيۇق ئورمانلىق بىلەن قورشۇلۇپ تۇرغان  سۈپسۈزۈك بۇلاقىنى ئەسلىتىدىغان ئۇزۇن ،تال -تال كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى  چوڭ ھەم تىنىق كۆزلىرى؛ نۇر يېغىپ تۇرىدىغان سۈتتەك ئاق چىرايى بىلەن  راستىنلا جانان كوچىسىنىڭ پەرى سۈپەتلىك جانانى ئىدى.
توۋا ،-دەيتتىم ئۆزۈمنى جىمىيلەپ ،- ئېشىكى ئۆلۈپ ياتسا كۆتى غىجەك تارتىپتۇ دېگەندەك ،دادام ئاغرىپ ياتسا مېنىڭ يات بىر قىزغا دىۋانىدەك بېزىرىپ  تۇرغىنىم نېمىسى.
بىر چاغدا ئۇنىڭ ئېغزىنىڭ ماڭا قاراپ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك بولدۇم ،ۋە ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىشقا تىرىشىپ :
- نېمە دېدىڭىز،- دەپ دۇدۇقلاپ سورۇدۇم.
- قارىسام ئوقۇغۇچى چىراي تۇرىسىز، شۇڭا دەيمىنا ئەمدى،- دېدى ئۇ ھېچ نىمىنى سەزمىگەندەك .
قارىغاندا مەن ھاڭۋېقىپ قالغاندا ئۇ مەندىن بىر نەرسە سورىغان ئىدى، ئەمدى نېمە دەپ سورىغانتىڭىز دەپ گەپ  كوچىلاشنىڭ ئورنى بولمىغاچقا ئۇدۇللا جاۋاپ بەردىم:
- ھەئە ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە چىقىمەن.
دادام يېنىمدا بولغاچقا  باياتتىن بېرى يات بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىۋېرىشتىن سەل خىجىل بولۇپ تۇراتتىم، لېكىن نىمىلا بولمىسۇن بۇ يەردىن جىمجىتلىقنى قوغلىۋېتىش كېرەك ئىدى، شۇڭا كۆڭلىمدە سورۇغىم بار گەپنى ئۇدۇللا سورىدىم:
- سىزمۇ ئۇقۇيدىغان ئوخشىمامسىز؟
- ياق، تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ھەدەمنىڭ كەشتىچىلىك دۇككىندا ئىشلەپ قالغان.
- ھە مۇنداق دەڭ ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ ئوقۇمايدىغانلىقىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەندەك بولۇپ ، ئاندىن زورىغا گەپ قوشۇپ قويدۇم،- قەشقەرلىكلەرنىڭ ئۆيگە كىرىدىغان بولسا بىر بىر-بىرىدىن چىرايلىق كەشتىلەر ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋېتىدىكەن.
گېپىم ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا تەسىر قىلدىمۇ، شەھلا كۆزلىرىگە مەغرۇرانە كۈلكە يۈگۈردى:
- راست دەيسىز، بۇ يەردە يوتقان تېشىدىن تارتىپ ، كارۋاتنىڭ تېگىگە تۇتۇدىغان ياپقۇچقىچە ھەممنى قولدا كەشتىلەيدۇ.
شۇ ئارىدا قىزنىڭ  دادىسى ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى، ئۇ كىشى خېلىلا بەستلىك بولغاچقا قىزى ئورنىدىن قوزغىيالماسلىقى ئېنىق ئىدى، شۇڭا ئۈنسىزلا بېرىپ  دادىسىنى يۆلەپ تۇردۇم ،ئۇ غولىغا گۈللۈك ئەدىيالنى  يۆلىدى . ئاندىن دادامنى يۆلىدىم ،قىزمۇ   دادامنىڭ غولىغا يوتقاننى قاتلاپ قويۇپ بەردى.ئىككى بىمار ئۆرە بولغاندىن كېيىن پاراڭغا تەبىيلا ئارلىشىشقا باشلىدى، شۇنداق قىلىپ باياتىن بېرى تۇرۇپ- تۇرۇپلا جىمجىتلىق ئېگەللەپ كېتىدىغان كېسەلخانا ئىچى سەل جانلاندى.ئۇ بەزىدە داداملارنىڭ پارىڭغا گەپ قىستۇرۇپ تۇراتتى ، قىززىقراق گەپ چىقىپ قالسا ئۆزىنىڭ كۆڭلسىزلىك پۇراپ تۇرىدىغان كېسەلخانىدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ   جانان چىنىدەك زىل  ئاۋازى بىلەن كۈلۈپ كېتەتتى  ، ئاندىن ئويماقتەك ئېغزىنى توسىۋېلىپ ھەييارلىق بىلەن :
-دادا سەن كۈلمە جۇمۇ، تىككەن يەر يىرتىلىپ كېتىدۇ ،- دەيتتى .
  سائەت ئىككىلەردىن ئاشقاندا سېستىرا كېلىپ  بىر قاتار تەكشۈرۈش قىلغاندىن كېيىن بىمارنىڭ ئۇخلىشىغا رۇخسەت بېرىپ چىقىپ كەتتى. ئۇيقۇسى كېلىپ ئاران تۇرغان ئىككى بىمار موكلا ئۇخلاپ قالدى. ئۇ قىز  كارۋاتنىڭ يېنىدىكى قىرلىق ئۈستەلگە بېشىنى قويماقچى بولىۋېدى ،  ئىختىيارسىزلا كۆڭۈل بۆلگۈم كېلىپ  يان تەرەپتىكى  بىكار قالغان  تار كارۋاتتا ئۇخلاشقا دەۋەت قىلدىم.
- بولدى، دېدى تەكەللۇپ قىلىپ،-ئۇ يەردە سىز ئۇخلاڭ .
- مېنىڭ ئۇيقۇم يامان ،- دېدىم مەن ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپ،- نەدە بولسا ئۇخلاۋېرىمەن.
ئۇ كارۋاتنى دادىسىنىڭ يېنىغا يېقىن ئەكەلگەندىن كېيىن يېتىپ قالدى . مەن دادامنىڭ ئايغىدىكى بوش يەرگە بېشىمنى قۇيۇپلا ئۇخلىماقچى بولدۇم، لېكىن شۇنچە ھېرىپ تۇرساممۇ كارۋاتقا ئېسىلىپ قالغاچقا بوينۇم  تېلىپ ئاغرىپ ئۇخلىيالمىدىم، ئاخىرى كارۋاتنىڭ قىرىدىن سىيرلىپ چۈشۈپ، ئورۇندۇقنى بىر ياققا ئىتتىرىۋېتىپ قاتتىق پول ئۈستىدە دۈملا ياتتىم ...
ھاردۇقتا شۇنداق قاتتىق ئۇخلاپتىمەن، بىر چاغدا قۇلاق تۈۋۈمدە بىر نەرسە گۈلدۈرلىگەندەك بولۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، مەن ئىشىكنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغاچقا سېستىرا ئۇكۇل توشۇيدىغان ھارۋىسىنى يېنىمغا ئەكىلىپ مېنىڭ يەردىن  قوپۇپ كېتىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى . بېشىمنى كۆتۈرسەم ئاخشام داق يەر ئۈستىگىلا قويغان بېشىم  مامۇق ياستۇق ئۈستىدە تۇرۇدۇ . دادام تېخى شېرىن ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتاتتى.بىكارغىلا پەيدا بولۇپ قالغان ياستۇقنىڭ خىيالى بىلەن ئۇ قىزنىڭ بېشىغا قارىدىم ،ئاخشام بېشىغا قويۇش ئۈچۈن راستلىۋالغان ياستۇقنىڭ ئورنىغا كىچىككىنە بىر چاپان ئالمىشىپ قالغان ئىدى....
شۇنداق قىلىپ ئەسلىدىنلا كۆڭۈلسىز ۋە ناخۇش كەيپىياتتا باشلىنىدىغان دوختۇرخانىنىڭ سەھرى يۈرۈكۈمگە ئورۇلغان  مېھىر شامىلى بىلەن خوشلۇق ئىلكىدە باشلاندى.
دادام كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندە ئاندىن ئورنىدىن تۇردى، تۇرىقى ھارغىن ھەم  جانسىز بولسىمۇ كارۋاتتىن چۈشۈپ ئاستا ماڭغۇدەك بولغان ئىدى . دادامغا تاماق ئەكىرەي دەپ تۇرسام ، چىرايلىق قىزنىڭ ئانىسى يەنە تاماق كۆتۈرۈپ كىرىدى، ئاخشامدىن تارتىپ ئىككى تەقدىرداش بىمار خېلى يېقىن بولۇپ قالغاچقا داداممۇ ئارتۇق تەكەللۇپنى قۇيۇپ  ئۈگرىگە داخىل بولدى .
- ماڭ بالام، كېسەلگە ئەتكەن تاماق ساق ئادەمگە تېتىمايدۇ ،چىقىپ تاماق يەپ كىر، -دېدى دادام .
لىفىت تەرەپكە ئەگىلىدىغان ئىشىككە كېلىشىمگىلا ئۇ قىزنىمڭمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قەدەملىرىم ئىختىيارسىز توختاپ قالدى .
- مېنىمۇ ھەيدىۋەتتى ،- دېدى قىز، مېنىڭ ساقلاپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ  قەدەملىرىنى تىزلىتىپ،- سىرتتىن يەپ كىر دەيدۇ.
لىفىتتىن چۈشۈپ تاكى دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا چىققىچە ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان جىمجىتلىق ئىچىدە ماڭدۇق.
- قايسى ئاشخانىغا كىرسەك بولا ،-دېدى ئۇ قاتار كەتكەن ئاشخانىلارغا قاراپ .
- سىز مۇشۇ يەرلىك تۇرۇپ بىلمىسىڭىز مەن قانداق بىلەي ،- دېدىم .
-بولدىلا تاللاپ يۈرمەي، يېقىندىكىسىگىلا كىرەيلى .
تاماق ۋاقتى بولمىغاچقا ئاشخانىدا ئادەممۇ ئاز ئىدى.
-نېمە يەيمىز ؟
- سىز ئامراق لەڭمەن يەيلى ،- دېدىم مەن ھەييارلىق بىلەن.
-نىمە ، مەن ئامراق لەغمەن  ؟ دېدى ئۇ چىرايلىق كۆزلىرىنى پاقىرتىپ .
بايام ئانىڭىزغا لەڭمەن ئەكەلمەپسەن دېدىڭىزغۇ .-
ئالدىمدا چوغدەك بىر ئىنسان ئولتۇرغاچقا لەڭمەننى شۇنداق ئۇڭايسىز ھالەتتە يېدىم، ئۇنىڭ تۇرىقىمۇ مەندىن قېلىشمايتتى، تاكى تاماقنى يەپ بولغۇچە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
تاماقنى ھەر قانچە ئاستا يېگەن بولساممۇ قورسۇقۇم ئېچىپ كەتكەچكە بىردەمدىلا دۈملەپ بولغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ تامىقى شۇ پېتىچە تۇراتتى . شۇنداق ئۇڭايسىز ھالەتتە ئولتۇرغىنىمىزدا  ئاكام تېلفۇن قىلىپ قالدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ تاماقنى تېزراق يەۋېلىشى ئۈچۈن تېلفۇننى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدىم.
تاماقنىڭ پۇلى ئېسىمگە كەلگەندە ئۇمۇ پوكەي ئالدىغا كېلىپ  بولغان ئىكەن.
يۈگۈرۈپلا بېرىپ پۇلنى بېرىۋالدىم.
- نىمانداق قىلىسىز ،- دېدى ئۇ نارازى بولغاندەك،- سىز دېگەن بۇيەرگە  مېھمان تۇرسىڭىز.
- ئاخشامدىن بۇيان سىلەرگە شۇنداق ياخشى مېھمان بولىۋاتىمىزغۇ،- ئاران پۇرسەت كەلگەندە بىر قاچا تاماق بىلەن مېھمان قىلىۋالسام نېمە بوپتۇ  ،- دېدىم مەن ئاۋازىمنى مۇلايىم چىقىرىشقا تېرىشىپ.
لېكىن بۇ مېھمان دوست ئائىلىنىڭ قىزى جاۋابىمدىن رازى بولمىغاندەك  قاپقارا ئەگمە قاشلىرى ئاستىدىكى قوشما قاپىقىنى سەل سۈزۈۋالدى.
- ئوپراتسىيەنىڭ ئالدىدا بەكلا ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدىم ،- دېدىم ئارىمىزدىكى بۇرۇقتۇمۇلىقىنى بۇزۇشقا تېرىشىپ،- دادام  بىر كۈن بولا بولمايلا ئورنىدىن تۇرالىغۇچىلىك بولدى، قارىسام  دادىڭىزنىڭ ئەھۋالىمۇ خېلى ياخشى تۇرۇدۇ.
بۇ گېپىم كۆڭلىنى كۆتۈرشكە پايدىسى بولغان بولسا كېرەك ، چىرايى ئازراق ئېچىلدى:
- شۇنى دەيمەن،مەنمۇ ئۇزاق يېتىپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم، خۇدايىم ئاسانلىق بەردى.
ياتاققا كىرگىلى ئاز قالغاندا مەن بىر نەرسىنى ئويلىغاندەك بولۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ  سۇخانا تەرەپكە قايرىلدىم، ئاندىن بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن ياتاققا ماڭدىم . بۇنداق قىلىشىمدىكى مەخسىتىمنى ئۆزۈممۇ ئېنق چۈشەندۈرەلمەيتتىم.(  يەنە دادامدىن  ئارتۇق ھايا قىلغانلىقىمدىن بولسا كىرەك،  بەلكىم بۇلار پۈتۈنلەي ئارتۇقچىدۇر).
كىرسەم، ئۇ ئانىسى بىلەن بىللە نەرسىللىرىنى يىغۇشتۇرىۋېتىپتۇ ،ئۇقسام ئەمدى ئادەتتىكى ياتاققا ئالمىشىدىكەنمىز.
بۇ قېتىممۇ بىر   ياتاققا كىرىپ قېلىشىمىزنى شۇنداق ئۈمۈد قىلغان ئىدىم ، لېكىن ئۇنداق بولمىدى ،ئۇلارنى ئۇدۇلىمىزدىكى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشتى.
ئاشۇ ئەنسىزلىك پۇراپ تۇرىدىغان كېسەلخانا ئىچىدە دەككە-دۈككە ئىچىدە قالغان كۆڭلۈمگە ئازراق بولسىمۇ ئارام بېرىپ تۇرىدىغان تۇيغۇ باشقا بىر ياتاققا كۆچۈش بىلەن تەڭلا ئۈمۈدسىزلىككە ئالماشىپ قالدى.
كارىدوردا ئۇنىڭ بىلەن پات پاتلا ئۇچىرشىپ قالاتتۇق، ھەر ئۇچرىغاندا ماڭا يىراقتىنلا چىرايلىق ھەم چوڭ كۆزلىرىدىكى ئىللىق  تەبەسسۇم بىلەن سالام قىلىپ  ئۆتۈپ كېتەتى ،  ئۇ ئۇچرىغاندا ئۆزۈمنىڭ يەردە ياكى ئاسماندا مېڭۋاتقانلىقىمنى پەرىق ئېتەلمەي قالاتتتىم، قەدەملىرىممۇ قۇلاشمىغاندەكلا ئىدى، ئۇ يېقىن كەلگەندە ئاندىن  سالىمىغا جاۋاپ قايتۇراتتىم.بەزىدە كارىدوردا دادامنى يۆلەشتۈرۈپ ماڭغاندا ئۇمۇ دادىسى بىلەن ئۇچىراپ قالاتتى ، ئىككى تەقدىرداش بىمار ئەھۋال سوراشىۋاتقان ۋاقىتتا  بىزمۇ سۇس تەبسسۇم بىلەن  ئۈنسىزلا   سالاملىشىپ قۇياتتۇق، (ئوخشىمايدىغان  يېرى ئۇنىڭ ساپ ۋە تەبىي تەبەسسۇم بولسا، مېنىڭ خۇشاللىق ئارلاشقان ئىزتىراپ ئىچىدىكى تەبەسسۇم ئىدى) بۇنداق چاغدا ئارلىقىمىز بىر قەدەمدىن يىراق  بولمايتتى . بىز  ئامال بار بىر -بىرمىزگە قارىماسلىققا تىرىشاتتۇق، لېكىن ئۇنىڭ شەھلا  كۆزلىرىدىكى كۈچلۈك نۇر ناگان -ناگان گۇنسىز كۆزلىرىمنىڭ قارچۇقىنى يۇرۇتۇپ ئۆتەتتى  .
دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن ئۈزۈلمەي كىرىپ چىقىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسە دۇنيادا ساق ئادەم قالماپتۇ دېگەن تۇيغىغا كېلىپ قالاتتى .بىمارلارنىڭ  چىرايىدىن بالقىغان  ئەنسىزلىك ۋە ناخۇشلۇق ساق ئادەملەرگىمۇ يۇقۇملۇق كېسەلدەك تارقىلىپ  چىرايىنى بىر خىل نۇرسىز ۋە غەمكىن  قىلىپ كۆرسىتەتتى. ھەر قېتىم ئەنسىزلىك ئىچىدە تەكشۈرۈش قەغىزىنى كۆتۈرۈپ ئۇيان -بۇيان چېپىۋاتقان كىشىلەرنى؛ چاقلىق ئورۇندۇقتا ياكى كارۋات ئۈستىدە ياتقان چىرايىدىن  ئۈمىدسىزلىك ۋە خاپىلىق چىقىپ تۇرىدىغان نۇرسىز  چىرايلارنى كۆرگۈنۈمدە يۈرۈكۈمنى بىرى  ئامبۇردا سىقىۋاتقاندەك بۇلاتتى.    شۇڭىمۇ دوختۇرخانىدىكى ئاشۇ تالاي كىشىلەرگە ئوخشاش  دوختۇرخانىدىكى كۆڭۈلسىز بۇرۇقتۇمۇلۇق ئىچىدە تېنەپ يۈرەتتىم. لېكىن ھەر قېتىم دادامنىڭ سالامەتلىكىنىڭ باغانسىرى ئەسلىگە كېلىۋاتقنلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا، بولۇپمۇ ئاشۇ   جانان قىزىنىڭ پاكىزە ھەم مېھىرلىك  تەبەسسۇمىغا ئېرىشكىنىمدە بۇرۇقتۇمۇلۇق ئىچىدە قىينىلىۋاتقان يۈرۈكۈم ئاۋاز چىقىرىپ كۈلەتتى .ھېسابتا ئۇنى ئۇچۇرتۇش  خاپىلىق ۋە غەمكىنلىك سېپىلى مەككەم ئوراپ  تۇرىدىغان دوختۇرخانىدا مېنى خۇشال قىلالايدىغان ۋە كۈنلىرىمگە مەنا بېغىشلىيالايدىغان بىردىن بىر ياخشى  ئىش ئىدى .
نەچچە كۈندىن كېيىن جانان قىزنىڭ دادىسى بىزنىڭ ياتاققا شاھمات كۆتۈرۈپ كىردى، بىكارچىلىقتا زېرىكىپ ياتقان دادامغىمۇ شاھمات تازا ياققان ئىدى.
ھەر كۈنى ئەسىر ۋاقتى بىلەن بىز كېسەلخانا بىناسى يېنىدىكى باغچىغا «كۆچەتتۇق».
ئۇ دادىسىنى يۆلەپ بىر قولىدا شاھماتنى ئېلىۋالاتتى، مەن دادام بىلەن  ئەدىيالنى قولتۇقۇمغا قىستۇرىۋالاتتىم، ئاندىن باغچىدىكى خەنزۇ ئۇسسۇلۇبۇدىكى پېشايۋان ئاستىغا ئەدىيالنى سالاتتۇق.
بىر تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا ئىككى بىمار شاھمات ئوينايتتى، يەنە بىر تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا «بىز» ئولتۇراتتۇق .مەن كىتاپ يايمىسىدىن ئەكەلگەن رومانىمنى ئۇقۇيتتىم.
ئۇ كەشتىسىنى قولىغا ئالاتتىدە، چىرايلىق گۈللەربىلەن تولغان «باغچە» سىنى كەشتىلەشكە باشلايتتى، يانمۇ يان ئولتۇرغاچقا ئۇنىڭ كەشتە ئۈستىدە ئەپچىللىك بىلەن ھەركەتلىنىۋاتقان نازۇك ھەم قاشتېشىدەك سۈزۈك بارماقلىرىغا  ؛ سۇس قىزارغان يۇمران مەڭزىگە؛ رومال ئاستىدىن كۆرۈنۈپ قالغان قاپقارا ھەم چوڭ  كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز قاراپ قالاتتىم. ئاندىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىشىدىن ئەنسىرگەندەك تېزلا كىتاپقا بوينۇمنى بۇرايتتىم . بەزىدە كەشتىگە قاراپ كۆزلىرى تالغاندا ئوقۇۋاتقان كىتاپمنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاپ قۇياتتى. ئۇنىڭ جانان چىنىدەك خۇش ئاۋازىنى ئاڭلىۋېلىشنى كۆڭلۈم ئىستەپ تۇرسىمۇ ، داداملار بېرىلىپ شاھمات ئويناۋاتقاچقا ئۈن چىقارماسلىققا مەجبۇر ئىدىم، شۇڭا تۇرۇپ-تۇرۇپلا چىقىپ قالىدىغان پاراڭلىرىمىزدىمۇ   گاچىدەك ئىما ئىشارەتنى قوشۇپ ناھايىتى  پەس ئاۋازدا سۆزلىشەتتۇق.
    يات بىر يۇرتتىكى دوختۇرخانا ئىچىدە مۇساپىرلىق ۋە ئەنسىزچىلىك دەستىدە  سىقىلىپ تۇرىدىغان  كۆڭلۈم ھەر كۈنىدىكى مۇشۇ ۋاقىتتا بۆلەكچىلا ئازادىلىشىپ قالاتتى.باشقا ۋاقىتتا شۇنداق تەستە ئۆتىدىغان ۋاقىت ئۇ يېنىمدا  ئولتۇرسىلا تېزلا ئۆتۈپ كېتەتتى .قارىغاندا مەن ئۇنىڭ ئاشۇ ساپ ھەم مېھىرلىك تەبەسسۇمىغا خۇمار بولۇپ قالغاندەك ئىدىم . ئۇ يۇلۇقۇپ قالارمىكىن  دېگندەك بىكارغىلا كېسەلخانا كارىدورىنى چۆرگىلەپ قۇياتتم،داداملار  شاھمات ئوينايدىغان ۋاقىتنى تەگسىز ئىنتىزارلىق ئىلكىدە كۈتەتتىم.
دوختۇرلار دادامغا ؛«ئەمدى ياخشى بولۇپ قالدىڭ ،ئەتە  چىقىپ كەتسەڭ بولۇدۇ »دېگەن كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يانمۇ يان ئولتۇردۇم، خۇددى بالىسىنى سەپەرگە ئۇزىتىش ئالدىدا تۇرغان ئانىدەك  يېنىمدا داداملارنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كەلتۈرمەي  ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەيتتىم. ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ بىر نەرسىنى تۇيدۇمۇ ، مېنىڭ ئەتە كېتىدىغانلىقىمنى بىلگەندەك ماڭا تۇرۇپ -تۇرۇپ قاراپ قۇياتتى،ۋە ياكى تۇيۇقسىزلا گەپ سۇراپ قالاتتى. شامغا بىرە سائەت قالغاندا داداملار شاھماتنى يىغۇشتۇردى .
-ئەتە بىزنى ئۆيگە ھەيدەيدىغان ئوخشايدۇ دېدى دادام.
-ھە،- دېدى ئۇنىڭ دادىسى خورسىنغاندەك بولۇپ ،-مېنىمۇ مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ دەيدۇ .
- ماڭسىلا ،ئاخىرقى بىر ۋاخ تاماقنى بىللە يەۋالايلى دېدى دادام.
مەنمۇ شۇ نىيەتتە ئىدىم ،- دېدى ئۇنىڭ دادىسى خۇشاللىق بىلەن.
«بىز» نەرسىلەرنى ياتاققا توشىۋەتكىلى ماڭدۇق.
- سىز يالغۇز قىزما ،- دەپ سورۇدۇم مەخسەتسىزلا( بەلكىم چوڭقۇرراق ئويلىسام بۇ سۇئالنى مەخسەتلىك سورىغان بولغىيتتىم).
- ياق بىر ئاكام بارئىدى،- دېدى ئۇ كۆڭلسىز  ھالدا جاۋاپ بېرىپ ،- بىر كوچا خۇتىنىنىڭ  كەينىگە كىرىپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەتتى .
- شۇنداقمۇ قىلغان بارمۇ،- دېدىم ھېسىداشلىق بىلەن،- ئاتا -ئانىدىن ئەزىز نېمە بار.
- ئاكام ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئېسىل يىگىت ئىدى، ئۇ خۇتۇن موللىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئاكامنى  ئۆزىگە ئوقۇتۇۋالدى، بىزمۇ ئامال قىلالمىدۇق.
ئۇنىڭ ئاۋازى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ ئاخىرقى ۋاقىتىىكى پارڭىمىزمۇ مېنىڭ ئورۇنسىز سۇئالىم  بىلەن كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.
ئاشخانىدا ئىككى تەقدىرداش قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، باياتتىنقى گەپلەر  ئۇنىڭ كەيپىياتىغا خېلىلا تەسىر قىلدىمۇ ۋە ياكى «بىز»نىڭ ئەتىدىن باشلاپ  يات كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىمزدىن كۆڭلى يېرىم بولدىمۇ(ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ قۇرۇق تەمەگەرلىك  بىلەن بېزەلگەن شېرىن خىيالىم بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى) ئارىدا شەھلا كۆزلىرىگە بىر ئىككى قېتىم سۇس كۈلكە يۈگۈرگنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا پەقەتلا ئېچىلىپ ئولتۇرلمىدى.
  شۇ كېچىسى ئەتىلا ئۆيىمىزگە قايتىدىغاننىڭ  خۇشاللىقىدىنمۇ ياكى جانان قىزنى ئىككىنچى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدىمۇ،خېلى بىر ۋاقىتقىچە  زىدىيەتلىك ئەمما تاتلىق خىياللار بىلەن ئۇخلىيالماي قالدىم .
چۈشكە يېقىن باش -ئايغى يوق ئۈچرەتلەردىن ئۆتۈپ  رەسمىيەتلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن نەرسىللىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇپ، دادام بىلەن قەشقەردىكى چوڭ كىتاپخانىلاردىن ئىزدەپ -سوراپ  سېتىۋالغان كىتاپلارنى  يەشىككە قاچىلىدۇق. ئاخىردا چاي دەملەپ ئىچىش ئۈچۈن سېتىۋالغان ئالتۇن رەڭ بىلەن ھەل بېرىلگەن ئۇماققىنە  چەينەكنى سومكىغا سالاي دەپ تۇرسام دادام توسىۋالدى.
-  بۇنى ئاۋۇ ياتاقتىكى ئاكىمىزغا ئەستىلىك قىلىپ  قالدۇرايلى ، بىر ھەپتىنىڭ ياقى تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدۇق ئەمەسمۇ.
چەينەكنى ئېلىپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن  ماڭدۇق، ياتاق ئالدىغا كەلگەندە يۈرۈكۈم  گۈپپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى .
لېكىن ياتاققا ئۇ كۆرۈنمەيتتى ،كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەندەك بولۇپ  ئالقاندەك ياتاقنى ئۈمۈد بىلەن ئاقتۇردۇم.لېكىن   راستىنلا يوق ئىدى.
- بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا تۇغقاندەك بولۇپ قالغان ئىدۇق،-دېدى دادام چەينەكنى كىچىك ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ،- تۇتامغا چىققۇچىلىك ئېسىل نەرسە بولمىسىمۇ بىزنى كۆرگەن كۆزدە چاي دەملەپ ئىچەلا .
- ئۇنىڭ دادىسى كارۋاتتىن تۇردى ئاندىن دادامنىڭ قوللىرىنى سىقىپ تۇرۇپ،-شۇنى دېمەملا بىر-بىرمىزگە  ئىجىل بولۇپ قالغان ئىدۇق.
-ئۆزلىرىنى كۆپ ئاسىرسىلا ،-دېدى دادام .
ئاشۇ دەقىقىلەردە  جانان قىز بىلەن خوشلىشالماي ئارماندا كېتىپ قالارمەنمۇ دەپ  تىپپىرلايتتىم، ئۇنى كىرىپ قالارمۇ دەپ ئىشككە تەلمۈرەتتىم، شۇڭا
ئۇلارنىڭ كۆپرەك پاراڭلىشىشپ ۋاقىتنىڭ سوزىلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم   ،لېكىن كۈيقاپنىڭ دەرۋازىسىدەك مەككەم يېپىلىپ تۇرغان ئىشىكتىن سادا يوق ئىدى.ئۇنىڭ دادىسى بىزنى  ياتاقنىڭ ئىشىكىگىچە ئۇزۇتۇپ باردى.
ئېغىر يەشىكنى كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپمۇ بىرى بوينۇمدىن باغلاپ ئارقىغا تارتىۋاتقاندەك  سۇخانا ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە   شۇنداق ئاستا ماڭدىم،پەرى قىز  سۇخانىدىن چىقىپ كېلەرمۇ دېگەن ئاخىرقى ئۈمۈدىممۇ يوققا چقىتى. لىفىت تەرەپكە قايرىلغىچە نەچچە قېتىم كەينىمگە قارىدىم، ئۇنىڭ سىماسى كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ئىچمنىڭ نەرىدىندۇر چىققان بىر خۇرسىنىش بىلەن ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدۇم. پەسكە چۈشۈپمۇ  ئۇياقتىن -بۇياققا ئۆتۈشىۋاتقان كىشىلەر توپىدىن ئۇنىڭ جىسمىنى ئىزدەيتتىم.
ئۈمۈدسىز قەدەملىرىم بىلەن دەرۋازىغا ئاز قالغاندا كاللامغا ناھايىتى بىمەنە خىيالدىن بىرى كەلدى: جانان قىزدىن ئاشۇ كۈنى قاتتىق پول ئۈستىدە ياتقىنمدا «بېشىمغا ياستۇقنى قانداق قويۇپ قويدىڭز »دەپ سوراشقا يۇشۇرۇن  بىر كۈچ سەۋدايىلەرچە قۇترىتاتتى.
ئالقىنىمغا  پېتىپ كەتكەن يەشىكنىڭ سۇلىياۋ  بېغىنى قولۇمدىن ئاجىرتىپ ئېغىر يەشىكنى يەرگە پاققىدە تاشلىدىم، ئاندىن كەينىمگە تۇلۇق بۇرۇلۇپ  تۇرىۋاتقان جايمىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بەشىنچى قەۋەتتىكى كېسەلخانىنىڭ دەرىزىسىگە  قارىدىم، بىر گەۋدە دەرىزىنىڭ كۈلرەڭ پەردىسى يېنىدا مەن تەرەپكە قاراپ تۇراتتى .مەن بىر ھازا ئۇ گەۋدىگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم .قاپقارا چوڭ كۆزلەر ماڭا ئاشۇ پاك ۋە  مېھىرلىك تەبەسسۇمى بىلەن ئايرىلىشقا  قىيمىغاندەك قاراپ تۇراتتى.( تا ھازىرغىچە ئاشۇ قېتىم دەرىزە تۈۋىدە تۇرغان گەۋدىنىڭ راستىنلا ئاشۇ جانان قىز ئىكەنلىكى، ياكى مېنىڭ ئېڭمدىكى جانان قىزنىڭ ناتۇنۇش گەۋدە ئۈستىگە چۈشكەن خىيالەن  تەسۋىرى  ئىكەنلىكى ئېنىق ئايرىيالمايمەن).
ئىچىمدە« خەيىر ،جانان قىز »دەپ پىچچىرلىدىم، ئاندىن دەرىزە يېنىدا ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان گەۋدىگە قولۇمنى پولاڭلىتىپ خوشلىشىۋاتقىنىمنى ئىپادە قىلدىم. خۇددى ئۇ كەينىمدىن ھەركىتىمگە سەپ سېلىۋاتقاندەك يەشىكىنى دەس ،ئاندىن كۆرۈنۈشتىكى سالماق ۋە مەزمۇت قەدەملەر بىلەن دەرۋازا تەرەپكە يول ئالدىم، ئىچىمدە بىر سۆزنى سەۋدايىلارچە  تەكرارلايتتىم :خەيىر جانان قىز ...ئەلۋىدا ...ئەبەدىي ئەلۋىدا ..
  ئاپتۇبۇستا كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ ئاشۇ كۈنى بېشىمغا ياستۇقنى قويۇۋاتقاندا نازۇك بارماقلىرىنىڭ چاچلىرىمغا، ۋە يۈزلۈرۈمگە تەككەن ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرى تەككەن چاچلىرمنى سىلاپ لېۋىمگە تەككۈزەتتىم، لېكىن ئاپتۇبۇسنىڭ سەت بىر سىگىنال چېلىشى بىلەن تاتلىق خىياللىرم بۇزىلاتتى، ۋە زەھەردەك ئاچچىق رېئاللىقا چۆكۈپ كېتەتتىم :ئەلۋىدا ...ئەبەدىي ئەلۋىدا ..
*                                   *                                                *
ئالىي مەكتەپكە كېلىىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ يەردىن كۆڭلىم قاتتىق تەزدى .ئۆيدىن ئايرىلىپ دىلىمىز سۇنغىنى يەتمىگەندەك  كېلىپلا كونا باللىلاردىن بىكارغىلا ئىشتكەن ئىزا-ھاقارەتلەر؛  يىگىتلىك يۈرىكىمنىڭ يېرىمى بولغان ،كېچىىلىرى بېشىمدىن كۈندۈزلىرى يېنىمدىن ئايرىمايدىغان يۈرىيدىغان مۈڭگۈز ساپلىق خەنجەرنىڭ  مەكتەپ تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشى(ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خەنجەر  مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇنتالمايدىغان كىشىم بەرگەن ئەستىلىك ئىدى)؛ بۇ يەردىكى پايدا مەنپەتتىن خالى بولمىغان ساپ  دوست- بۇرادەرلىك يوق بۇلىشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر  مېنى ئىلگىركىگە قارىغاندا خېلىلا جىمىقتۇرۇپ قويدى.
مەكتەپنىڭ بۇلىڭىدىكى ئورمانلىق ئارىسىدىكى ئاشۇ  شاۋقۇندىن خالىي يەردىكى تاش  ئورۇندۇق بىلەن يۇمىلاق ئۈستەلنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى قىلىۋالدىم ، ۋاقىت بولسىلا شۇ يەردە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئۆگۈنۈش قىلدىم، كىتاپ ئوقۇدۇم، خىيال سۈردۈم. مەكتەپنىڭ بۇلىڭىغا زاھىتتەك بېكىنىۋالغاچقىمۇ  ئىككىنچى يىلى بۇ مەكتەپكە دىلرەبا ئاتلىق بىر قىز كەلگۈچە ھېچقانداق بىر  ھېكايە قىلىپ يازغۇدەك كۆڭۈللۈك ئىشلار يۈز بەرمىدى .
  جانان قىزنىڭ ھېكايىسى يۈز بېرىپ دەل بىر يىلدىن كېيىن   قەشقەردە ئوقۇۋاتقان ئاغىنەمنىڭ تارتىشىپ تۇرىۋېلىشى  بىلەن بىر كۈندەك قەشقەردە تۇرۇپ قالدىم. مەنزىلگە ئاز قالغاندا ، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە تاش ئورۇندۇق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ  ناگان -ناگان خىيالىمغا كىرىپ قالىدىغان  جانان قىز مېنىڭ كېلىۋاتقىنىمنى بىلگەندەك  ئۆزى يۇشۇرنىۋالغان قەلىب چوڭقۇرلۇقۇمدىن چىقىپ خىياللىرىمنى ئاشكارا ئىگەللەشكە باشلىدى. لېكىن بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭ سىماسى ئاللقاچان كۆز ئالدىمدىن يۈتۈپ ھاۋاغا ئوخشاش ھېس قىلغىلى ،ئەمما كۆرگىلى بولمايدىغان مەۋھۇم بىر سىماغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .
ئۇنىڭغا باغلانغان خىياللىرىم شۇنچىلىك سەۋدا ھەم بىمەنە بولۇپ كەتتىكى، ئۇنىڭ پويىز ئىستانسىسىدا مېنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشقا باشلىدىم.لېكىن پويىزدىن چۈشۈپلا بەڭگىنىڭكىدەك شېرىن ھەم بىمەنە خىياللىرىم تەبىيلا بەربات بولدى.
ئۇ تۇرۇۋاتقان تۇپراققا دەسسشىم بىلەن ، كونا ئوتلار لاۋۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ھاۋاغا ئوخشايدىغان مەۋھۇم سىماسى ئەتراپىمدا لەيلەپ يۈرەتتى؛   كەشتە دۇككانلىرى ئارىسىدىن  چىققان ئەنبەر پۇرىقىدىن، مېۋە بازىرىدىكى ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ يىغىدىغان مەزلىك پۇراقلاردىن ، ھەتتا مەسچىتكە سېپىلگەن پاكىز ھەم  خۇشپۇراق ئەتىرىدىن ئۇنىڭ تىنىقىنى سېزەتتىم  .
ئاخىرى خىياللىرىم ئىچىمگە پاتماي رېئال دۇنيادا ياشاۋاتقان ئاغىنەمگە بىمەنە خىياللىرىمنى ئۇچۇق ئېيتتىم:
-ئاداش ،مېنى جانان كوچىسىغا ئاپار؟
-نېمە،- دېدى ئۇ گېپىمنى ئاڭقىرالمىغاندەك .
- بىر قىزنى ئىزدەيمىز.
- توۋا،- دېدى ئۇ  ھەيرانلىقتا  كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ،- تېخى بۇ يەردە تۇتۇۋالغان يارىم بار دە.
- بەلكىم شۇنداقتۇ،- دېدىم مەن «يارىم » دېگەن ئىبارە  سەل كۆڭلۈمگە ياقمىغاندەك.
-ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باققانمۇ؟
-ياق پەقەتلا جانان كوچىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.
-ئەمسە قىزنىڭ  ئىسم زاتىنىغۇ  بىلەرسەن؟
-ئىسمى بەلكىم رەيھان بولىشى مۇمكىن .
-مۇمكىن؟ -دېدى ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ،- راستىنلا كاللاڭدىن كېتىپ قاپسەن ، ھەتتا ئىسمىنىمۇ ئۇخمايدىغان بىر ئادەمنى بۇنچىۋالا چوڭ شەھەردىن قانداق ئىزدەيمىز؟ چوڭ ئەيسادەك خەخنىڭ ئىسمىنى پەرەز قىلىپ كېتشلىرڭچۇ تېخى.
- ماڭا قارا كىسپۇرۇچ دېدىم ،- ئۇنىڭ خىياللىرمنى بەربات قىلىۋەتمەكچى بولغانلىقىغا غەزىپىم كېلىپ ،- مەن ئاساسسىز پەرەز قىلمىدىم.
- ھە، نېمىگە ئاساسلىنىپ خەخنىڭ ئىسمىغا «پال » ئاچتىڭ ئەمسە  ؟
-رەيھان ئىسىملىك قىزلار ھەممىسى گۈزەل كېلىدۇ،   ئۇ قىزمۇ پەرىدەكلا چىرايلىق ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسىمىمۇ چوقۇم رەيھان.
-ئەسلى ئۇنى مېنى تازا مەسخىرە قىلارمىكىن دېگەن ئىدىم،لېكىن ئۇنداق قىلمىدى:
- مەنمۇ سەندەك قاراشتا، لېكىن چىرايلىق قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى رەيھان بولىشى ناتايىن.
-ئۇغۇ شۇ،- دېدىىم مەن ئۈمۈدسىز ھالەتتە،- شۇنداق قىلىپ مېنى جانان كوچىسىغا ئاپارمامسەن؟
- بۇ كوچىنى بىلمەيمەن، ھەتتا باشقىلاردىن ئاڭلاپمۇ باقمىغان تۇرسام ، قانداق ئىزدەپ تاپىمىز.
- شۇنداقمۇ ،- دېدىم نارازى بولغاندەك غۇدىراپ،- ئەمسە بولدى قىلايلى.
تاكى ياتاققا كىرگۈچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.
كېچىچە يەنە ئاشۇ «رەيھان»نى ئىزدەپ بېرىشنى  خىيال قىلىپ چىقتىم.باشتا خىياللىرىم سەل رېئاللىقا ئۇيغۇن ھالەتتە داۋاملاشقان بولسىمۇ، كېيىن باغانسىرى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ   ئەمەلگە ئاشمايدىغان  خام خىيالغا ئايلىنىپ قالاتتى : ئىككى تەرىپىگە قاتار تىزىلغان ئاشپۇزۇل، باققال دۇككانلىرى جايلاشقان ؛  ئۇزۇن چەكمەن كىيىپ ئات يېتىلىۋالغان ئەرلەر ،  بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىپ، يۈزىگە نېپىز چۈمبەل تارتىۋالغان بەرنا قىزلار كېتىۋاتقان  قايناق  قەدىمىي رەستىدىن ئىككى تەرىپىدە ياغاچ دەرۋازىلار بار تار كوچىغا كىرەتتىمدە ، ئۈستى يېپىلىپ قاراڭغۇ بولۇپ قالغان ئەگرى بۈگرى كوچىلاردىن ئۇزاق مېڭىپ چوڭ بىر دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ توختايتتىم .دەرۋازا ئالدىدا چىمەن دوپپسى  ئۈستىگە گۈللۈك رومالنى ئارتىۋالغان جانان قىز ئاشۇ بىر يىل ئالدىدىكى ساپ ھەم مېھىرلىك تەبەسسۇمى بىلەن مېنى   كۈتۈپ تۇراتتى. ئەتىسى بىز بوينىدا قوڭغۇراق جىرىڭلاپ تۇرغان  ئارغىماق  قوشۇلغان گۈللۈك مەپىگە ئولتۇرۇپ يۇرتۇمغا__ يېڭى ئائىلىمىزگە راۋان بولاتتۇق. ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئانام «ھارماي كەلدىلىمۇ قىزىم » دەپ ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى ئاستىدىكى قاشتېشىدەك سۈپسۈزۈك پېشانىسىگە ئانىلىق مېھرى بىلەن سۈيۈپ قۇياتتى .
خىيالىمدىكى ئاتنى «چۇھ »دەپ ھەيدەپ چۇلۋۇرىنى سىلكىگىنىمدە قولۇم كارۋاتنىڭ قىرىغا تاڭڭىدە تىگىپ ئۇخلىماي تۇرۇپ كۆرگەن چۈشۈمدىن «ئويغىنىپ »كەتتىم ....
بالكونغا چىقىپ كېچىنىڭ يۈزۈمگە ئۇرۇلىۋاتقان سالقىن شامالنىڭ تەسىرى بىلەن تاتلىق خىياللارنىڭ دەستىدە مەست بولۇپ قالغان كاللام ئازراق سەگەگەندەك بولدى.
-بولدى قىلساڭچۇ لەقۋا،- دەيتتىم ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلەپ ،-  دوختۇرخانىدا تۇنۇشۇپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈنلا ئۇنى ئىزدەپ بارالامسەن ؟ ھېلىغىچە ئۇ قىز سېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كېتىپ بولغاندۇ ، ھەتتا ئۇنىڭ تېپىۋالغان تەقدىردىمۇ سېنى تۇنۇماسلىقى مۇمكىن. تېخى ئەرگە تېگىپ بولدىمۇ ؟
رېئاللق  رەھىمسىزلىك بىلەن تاڭغان ئاچچىق خىياللارنىڭ كەينىنى سۈرگۈم كەلمىدى.
جانان كوچىسىنىڭ جانان قىزى (ھەم رەيھانى) تەقدىرنىڭ  ھاياتىمغا ئاتا قىلغان بىر تاتلىق  چۈشى ھەم ئادەمنى ئارماندا قۇيىدىغان  قىسقىنىغا گۈزەل ئەسلىمىسى ئىدى خالاس.ئەگەر ئۇنى رېئال دۇنياغا سۆرەپ ئەكىرمەكچى بولسام ئېنىقلا بىر بىمەنە ئىشقا ئايلىنىپ قالاتتى .
ئەتىسى بېكەتكە بارغۇچە ھېچنىمىنى ئويلىماي دېگۈدەك ماڭدىم، كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئۇنىڭ سىماسىنمۇ ئىزدەپ يۈرمۈدىم. پەقەت ئۇ ياشاۋاتقان تۇپراقتىن ئايرىلىش ئالدىدا   ئاپتۇبۇس دەرىزىسىدىن كىرگەن مەيىن شامالنىڭ قۇلىغا خۇرسىنىش ئىلكىدە  شىۋىرلاپ جانان قىزغا سالام يوللۇدۇم:
     ئەلۋىدا جانان قىز.......
   ئەلۋىدا مېنىڭ تاتلىق چۈشۈم...بەخىتلىك بول !!!!

             تۈگىدى                                                                                 
   

     2014-يىل 10 -ئايدا سانجى ئىنىستىتوتى كۇتۇپخانىسىدا قەلەمگە ئېلىندى  .                                       

0

تېما

4

دوست

740

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30650
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-16 19:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ جانان قىز  نەدىدۇ؟ .....  جىددى لا ئويلاپ قالدىمدە ،توتاشمىغان ئوتنى توتاشتوراي دەپ تورپانغا كىپ قالدىمويا بو پوخۋاش...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

812

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18228
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 10:19:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى  قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم، بەك ياخشى تەسۋىرلەپسىز،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي،تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزنى،خەلقىمىزگە بەددىي زوق بېرىشلايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

12

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2143
توردىكى ۋاقتى: 473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەردىكى يىگىت خىجىللىقنى ئاشىقلىقنىڭ ئۈستىگە قويىۋالدىمۇ نىمە ؟ ئاشىق بولغان ئىكەن ، ئەگەر ئۇ قىز توي قىلمىغان بولسىلا چوقۇم ئىزدەپ تېپىپ ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكتى ، ئەي ، يەنە بىر ئاشىق - مەشۇقلار مۇرادىغا يىتەلمەپتۇ ، بۇنىڭغا باشتىن ئاخىر يىگىت سەۋەپچى بولۇپتۇ ، يۈزى تۆۋەن قىزبالىنىڭ ، چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق شۇنچە جاۋاپ بەرمىگىمۇ بەسى مۈشكۈل ، ئەي نىمە دەي ، يىگىت بوش.

0

تېما

1

دوست

852

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25833
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 11:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز  ھارمىغايسىز.

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 18:27:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
77777 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 10:19
ئەسىرىڭىزنى  قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم، بەك ياخشى تە ...

ئەسىرمنى ياقتۇرۇپ .ئوقۇغۇنىڭزغا ۋە ئەرزىمەس مېۋەم ئۈچۈن بەرگەن ئىلھامىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم .

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-17 18:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heniya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 11:09
ئەسەردىكى يىگىت خىجىللىقنى ئاشىقلىقنىڭ ئۈستىگە قويىۋ ...

بەلكىم شۇنداقتۇ، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا، زامان ۋە ماكان شۇنداقلا ئەمەلىيى شارائىت  نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق توسالغۇلار بولمىسا ئارمانلار بولماس ئىدى .

0

تېما

9

دوست

2060

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-18 11:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يارىدى، بولۇپمۇ تەسۋىر بەك ياخشى چىقىپتۇ.
قىز﹣يگىتلەرنىڭ شەرمىي﹣ھايا ئۈستىگە قۇرۇلغان پاك سۆيگۈسى ھازىرقى دەۋىردە تېخىمۇ مەدھىيەگە لايىق.
تېخىمۇ ئوبدان ئەسەرلەرنى بىزگە سۇنۇشىڭىزغا تەقەززارمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )