ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار خۇدايىم بەندىسىنىڭ رىسقىنى ھەرخىل يوللار بىلەن بېرىدىكەن ، مانابۈگۈن بولۇنماقچى بولغان سودىمۇ خۇدايىمنىڭ بىزلەرگە بەرگەن بىر پۇرسىتى .دوستلارنىڭمۇ شۇنداق بىر سودا پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىزئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ
چىلان ئىسمى: قاپاق چىلان ( جېڭزور骏枣 ) چىلانلىق كۆلىمى : 45 مو چىلاننىڭ يېشى: 2010-يىلى تېرىغان 2011-ئۇلىتىلغان چىلاننىڭ ئومۇمىي تۈپ سانى:ئون مىڭ تۈپ ئەتراپىدا (10000+/- تۈپ) قوشۇمچە : (1) بۇلتۇرقى 1000 تۈپ ياڭاق كۆچىتى بار (500 تۈپى ئۇلىتىلغان ) (2) 25 يىللىق يەر توختامى بار
چىلاننىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە كىرىم ئەھۋالى: 1-يىلى( ئېنىق ئەمەس )توننا( ئونمىڭ )يۈئەن 2-يىلى( ئىككى يېرىم توننا ئەتراپىدا )/ ( ئاتمىش مىڭ )يۈئەن 3-يىلى(يەتتە توننا )( توقسان ئالتە مىڭ )يۈئەن 4-يىلى( ئون ئىككىدىن ئون تۆت توننا ئەتراپىدا )توننا( )يۈئەن
چىلانلىقنىڭ ئورنى : خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيە چىرا يېزا مازاركۆل كەنتى ( 15-مەھەللە)
ئەسلى رەسىم بەك چوڭ بولۇپ تورغا يوللىغىلى بولمىغاچقا %15 كە كىچىكلىتىلدى
يۇقاردىكى45 موچىلانلىق يەر بىلەن كۆتۈرە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلماقچى ئەلۋەتتەئەتە نېمىش بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ ، بىز پەقەت پەرەز ۋەمۆلچەر قىلالايمىز ،سودا قىلغان ئادەم پايدىنى كۆزلەپ سودا قىلىدۇ شۇنداق بولغاندىكىن بىز ئالدى بىلەن بۇ چىلانلىقنىڭ كەلگۈسىدىكى پايدىسى قانچىلىك بىرمۆلچەرلەپ باقايلى: ئەڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئويلىشىدىغىنىمىز سۇغىرىش مەسىلىسى بۇ يەرگەئاسانلىقچە ئۆستەڭ سۈيى كەلمەيدۇ ، لېكىن يەر ئاستى سۈيى خۇدايىم بۇيرىسا ناھايىتى ياخشى ، چىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى بىۋاستەبوتۇلكىغا قاچىلاپ ساتسىمۇ كاڭ ئۇستامنىڭ تازىلانغان سۈيىدىن قېلىشمايدۇ.گۇلاخمايېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۈيى چىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىدىن كەلگەن . تۇپرىقى :قۇمساڭ بوز تۇپراق ، شال ئۆستۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ، بۇ يەر پەقەت مېۋە-چېۋەئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ .چىرىنىڭ’ ئاچچىق گۇل رىۋايىتى ‘ بىكارغا كەپقالغان ئەمەس ، كونىلاردا ’ ئۆچكىدە مال ئەتمەڭ ، شاپتۇلدا باغ ‘ دەيدىغان ماقال-تەمسىل ،بار چۈنكى شاپتۇل تۇپراق ئازراقلا ناچاربوپ قالسا قۇرۇپ قالىدۇ .مانابۇ يەرگە شاپتۇل تېرىسىڭىزمۇ سۇغارماي ياكى ئوت قالاپ قۇرىتىۋەتمىسىڭىز قۇرۇپ كەتمەيدۇ .مېۋەشىنجاڭنىڭ ھەممە جايىدا ئاساسەن بولىدۇ،لېكىنچىرىنىڭ ئانىرىنى ، ئۆرۈكىنى ،چىلىنىنى ، ياڭىقىنى يەپ باققانلارچىرىنىڭ ئوق ئۆسەڭنى بويلاڭ مېڭىپ باققانلار چىرىنىڭ مېۋىسىنىڭ تەمىنىڭ قانداقلىقىنى ۋە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ . خوش ئەمدى بىز مېۋىدىن قانچىلىك كىرىم بولىدىغانلىقىنىئەڭ تۆۋەن كىرىم بىلەن مۆلچەرلەپ باقايلى بىر تۈپ چىلاندىن ئون يۈئەندىن ھوسۇل ئالساق ئونمىڭ تۈپ چىلاندىن يۈز مىڭ يۈئەن كىرىم بولىدۇ ئەلۋەتتەچىلاننىڭ بولىقىغا كىرىدىغان ۋاقتى ئەمدى كەلدى. بىرتۈپ چىلانغا بىر يۈئەن قېتىلسا ئون مىڭ تۈپ چىلانغا ئون مىڭ يۈئەن قېتىلىدۇ دېگەن گەپ . ساننى ھەرگىز كىچىك چاغلاشقا بولمايدۇ.گەرچە ياڭاق بۇ يىل مېۋىگە كىرمىگەن بولسىمۇ خۇدايىم بۇيرىسا ئۈچ-تۆت يىلدا بولمىدى دېگەندىمۇ بىر تۈپ ياڭاقتىن يۈز يۈئەنلىك ياڭاق ئالغىلى بولىدۇ مۇشۇبويىچە ھېسابلىساق مىڭ تۈپ ياڭاقتىن يۈزمىڭ يۈئەن كىرىم بولىدۇ. ئەمدى قېنىسىز بۇ سودىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنىڭيىللىق ئەڭ تۆۋەن كىرىمىنى ئۆزىڭىزھېسابلاپ كۆرۈڭ . يەر ئىگىسى مەتۇرسۇن ئاخۇن ئاكىمىزنىڭ ئائىلىسى چىرىدا بولمىغاچقا ۋە ئۆزى يالغۇز بۇيەرنى باشقۇرۇپ بولالمىغاچقا چىلانلىقنى يەر بىلەن كۆتۈرە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋەتمەكچى بولۇپ مېنى ياردەمگەچاقىرتىپتىكەن. مەن ھازىر ئۇ يەردەبولمىغاچقا ئالدى بىلەن چىلانلىقنى ئۆزكۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ باقايلى دەپ ئۆزئاكامنى مەخسۇس ئەۋەتىپ بۇ يەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرتكۈزدۈم . ئاندىن بۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسىنى توردائوچۇق -ئاشكارەبازارغا سالدىم .ئەگەرچىرىنىڭ يەر ئەھۋالىنى ئۇقمىسىڭىزتورداشلار ئېيتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۆزىڭىز بېرىپ تەكشۈرۈپ كەلسىڭىزمۇبولىدۇ . ئارىمىزدامېۋە-چېۋە، يەر-زېمىن سودىسى ، باغۋەنچىلىك ، مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلارنىڭ سودىگەرلەرنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز . يەر -ئالتۇن قوزۇق ، يەر -ۋەتەن دېمەكتۇر .ۋەتەنسىزئەر -ئىپپەتسىزئەردۇر . ئەلدىن ئەلگە نەپ .قوينۇمدىن چۈشسە قونجۇمغا .ئەممالېكىن بىراق شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى قىزىل قەغەز ئىناق ئائىلىنىڭ سىمۋولى ،ئۇنى كىم شاراقشىتسابەلكىم ئۆي ئايرىپ ئولتۇرماسلىقىمىزمۇمكىن . مەن ئىمىرغازى بۇ سودىنىڭ بېدىكى بولىمەن ، ئاللاھ خالىسا سودىنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن چانىلىپ كەتسەممۇ مەيلى چۈنكى مەن ساتقۇچى ۋە ئالغۇچى ئىككى تەرەپتىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر پېرسەنتتىن شېرىنكانە ئالىمەن . بىز سودىنى ئادىل ۋە ھالال قىلىش ئۈچۈن ھەممىنى توردائوچۇق – ئاشكارە ئېلان قىلدۇق ، تورمەۋھۇم بولسىمۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدائولتۇرغان ھەر بىر جان رېئال ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا نېمىش قىلىۋاتقىنىمىزنى ھېچكىم بىلمىسە خۇدايىم كۆرىدۇ ۋە دولىمىزدىكى ئىككى پەرىشتە خاتىرلەپ ماڭىدۇ .خۇدايىم بۇيرىسا بۇ بەلكىم بىزنىڭ ئارىمىزدىكى’ توردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسى‘نىڭ باشلانمىسى بوپ قالغۇسى .شۇڭادوستلارنىڭ بۇ ’ توردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسى‘غا پائال كۆڭۈل بۆلۈپ ئىشتىراك قىلىپ ، ئەستايىدىل پوزىتسىيەتۇتۇپ سەمىمىي ۋە ئاكتىپ بولغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ، ئۆز -ئاراخەۋەرلەندۈرۈپ ئەلدىن ئەلگە نەپ يەتكۈزىشىنى چىن دىلىمىزدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
ساتقۇچى تەرەپ : مەتۇرسۇن ئاخۇن 15999374041؛18016991619 خەنزۇچەئالاقىلىشىشكە توغرا كەلسە :مەتغازى 13649948312 چۈشەنمىگەن باشقا ئىشلار بولسا مېنى ئىزدەڭ ، ئىمىرغازى18993033160 ئەمىسەسودا باشلاندى . ساتقۇچى تەرەپنىڭ قويغان باھاسى: يەتتەيۈز مىڭ يۈئەن
|