بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 09:28
ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ئىتالىيىدە ياسالغان تونۇرلار
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان 5 جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا دوستلار مۇشۇ 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئىنگلىزچە «Norwegian EPIC» دەپ ئاتىلىدىغان، 4100 نەپەر ساياھەتچى چۈشەلەيدىغان بىر ساياھەت پاراخوتىغا چۈشۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى ئىتالىيە، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق 3 دۆلەتنىڭ 9 شەھىرىنى ئايلىنىپ كەلدۇق (ئۇنىڭدىن بۇرۇن 3 جۈپ ئەر-ئايال نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدە 4 كۈن ساياھەت قىلدۇق). پاراخوتقا ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ، 3 دۆلەتنى ئايلىنىپ، يەنە شۇ رىم شەھىرىگە قايتىپ كەلدۇق. بىز بارغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان نېيپۇلز (Naples) شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان پومپېي (Pompeii) دېگەن كەنت بولۇپ، بۇ كەنتنىڭ بىر قىزىقارلىق تارىخى بار ئىكەن. ھەمدە بۇ كەنتتە بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىل بۇرۇن ياسالغان بىر قانچە تونۇرلار بار ئىكەن.
يەنى، بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن پومپېي رىملىق بايلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان بىر ساياھەت شەھىرى بولۇپ، ئۇ يەردە نوپۇسى ئەڭ كۆپەيگەن ۋاقىتلاردا 20 مىڭ ئادەم ياشىغان ئىكەن. بۇ شەھەرگە يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان ۋېسۇۋىيۇس (Vesuvius) تېغى ئۇ چاغدا ناھايىتى جانلىق بولۇپ، ئۇ يەردىن پات-پات ۋولقان پارتلاپ تۇرىدىكەنىدۇق. مىلادىيدىن كېيىنكى 79-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنىدىكى بىر قېتىملىق بىر كۈن داۋام ئەتكەن قاتتىق ۋولقان پارتلاشتىن كېيىن، بۇ شەھەر 8 مېتىر كۈلنىڭ ئاستىدا قالىدۇ. پومپېينىڭ شىمالىدىكى تاغقا يېقىن يەنە بىر شەھەر بولسا 20 مېتىر كۈلنىڭ ئاستىدا قالىدۇ. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ ۋولقان باشلىنىشتىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، 2000 غا يېقىن ساندىكى كىشىلەر ئۇ يەردىن كېتىشكە ئۇنىماي، شەھەر بىلەن قوشۇلۇپ كۈلنىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلىدۇ. بۇ ئىككى شەھەرنى كىشىلەر ئۇنتۇلۇپ قالمىغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شەھەرنىڭ ئېنىق ئورنى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. پەقەت 1700-يىللىرىغا كەلگەندىلا كىشىلەر بۇ شەھەرلەرنى يېڭىدىن بايقايدۇ. ھەمدە بۇ ئىككى شەھەر 1800-يىللىرىغا كەلگىچە كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلۇنۇپ، 1800-يىلىدىن كېيىن كۆمۈلۈپ قالغان تارىخىي بۇيۇملار قوغدىلىدۇ ۋە پۇختا خاتىرىلىنىدۇ [1]. تۆۋەندىكى 2-مەنبەدە پومپېينىڭ كۆپلىگەن كۆرۈنىشلىرى بار بولۇپ، مەن قىزىقىدىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
پومپېينىڭ كۈل ئاستىدا قېلىپ، ساقلىنىپ قالغان نەرسىلىرىنىڭ ئىچىدە نان ياقىدىغان تونۇرمۇ بار بولۇپ، ئۇ تونۇرلار ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىدىغان تونۇرلارغا ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. تۆۋەندىكى 2-، 3- ۋە 4-رەسىملەرنى دوستىمىز تۇغلۇق تارتقان. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان تونۇرلار بىلەن بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى رىملىقلار ئىشلەتكەن تونۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىدىغان قېرىنداشلار بولسا، ئاشۇ ئۇچۇرنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندىكى 1-رەسىمدىن 13-رەسىمگىچە بولغان رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى پومپېينىڭ كۆرۈنىشلىرى. 14-رەسىمدىكىسى ئوسلودىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپىتىنى تارقىتىدىغان زالنىڭ ئالدى. 15-ۋە 38-رەسىمدىكىسى بىز مۇشۇ قېتىم چۈشكەن پاراخوتنىڭ كۆرۈنىشلىرى (بۇ 16 قەۋەتلىك پاراخوتقا جەمئى 6000 دەك ئادەم چۈشىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىچى بىر كىچىك شەھەرگە ئوخشايدىكەن). 34-ۋە 40-رەسىمدىكىسى پاراخوت ئىچىنىڭ كۆرۈنىشلىرى. قالغان رەسىملەر بىز مۇشۇ قېتىمقى ساياھەت جەريانىدا چۈشكەن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر (بۇ قېتىم 2000 پارچىدەك رەسىم تارتىلىپتۇ). بۇ پاراخوت ئاخشىمى يول مېڭىپ، ئەتىگىنى بىزنى بىر شەھەرگە ئەكىلىپ چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. بىز كەچكىچە شۇ شەھەرنى ساياھەت قىلىپ، كەچتە پاراخوتقا قايتىپ كېلىدىكەنمىز. ھەر كۈنلۈك سەپەر مانا مۇشۇنداق بولىدىكەن. شۇڭا بۇ قېتىم بىز 6 كۈندۈز جەريانىدا 3 دۆلەتتىكى 9 شەھەرنى ساياھەت قىلدۇق.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] A Brief History of Pompeii
http://cs.iupui.edu/~vkilmer/pompeii/02about.html
[2] Pompeii in Ancient Rome - cyark.orgý <http://www.google.com/aclk?sa=L& ... ii-gallery&rct=j&q=>
http://archive.cyark.org/photogr ... rom-the-forum-media
|