- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14273
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
10.68%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakan18 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 19:39
بىز ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبى نامىدا ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گورۇپپىنى قۇرغان ئىدۇق . ئاساسلىق مەقسىتىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش ، ئۇيغۇر يېزىقىدىن بىخەۋەر قالغان قېرىنداشلارنى ئانا تىلنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق بىرقاتار ھەرىكەتلەر ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئانا تىلىم ئۇيغۇرتىلى ناملىق بىر فىلىمنى ئىشلەپ 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ئىدۇق . فىلىم ئادرېسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XNjc1NzQwMTQ0.html
ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ugyaxliri نامىدا بىر ئۈندىدار سالونى قۇرغان ئىدۇق . بۇ يىل ئىشلىرىمىزنى توختىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بىر توربەت قۇرماقچى بولغان ، بۇ شىكايەت مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
مەن توربەت قۇرۇش ئۈچۈن ئالدى كەينى بولۇپ 6 ئادەم بىلەن ئالاقىلاشتىم ، ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى نۇرقۇت تورى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تورىدىن تاپقان ئىدىم . كۆپىنچىلىرى بەك قىممەت باھا قويغاچقا يەنە باشقىلار بىلەن ئالاقىلاشتىم ، ئاخىرىدا بىر باھا مىنى جەلىپ قىلدى ، ئۇ بولسىمۇ 210 يۈەنگە مۇكەممەل بىر توربەت قۇرۇپ ماڭا تاپشۇرۇپ بىرىش . قۇرۇپ بەرمەكچى تەرەپ ئىگىلىك تورىwww.igilek.com)دىن ئادىلجان . بىزنىڭ دېيىشكىنىمىز تۆۋەندىكىچە :
1. تور نامىugyaxliri.com بولىدۇ .
2. توربەت ئۇنىۋېرسال ھالەتتە قۇرۇلۇپ ، مۇنبەر قوشۇمچە قېتىلىدۇ .
3. باشبەتنى ئانا تۇپراق ۋە مىسرانىم تورىدىن ئىلھام ئېلىپ تۇرۇپ ، ئىجادى ، مىللىيچە لايىھەلەيدۇ.
4. توربەت كىنو بېتى ئەمەس بەلكى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە ، ئەدەبىيات تورى بولىدۇ.
قوشۇ مچە : ياسىغۇچى تەرەپ ۋاقتى چىقسىلا تېخنىكا جەھەتتە ياردەم قىلىدۇ .
مانا بۇ بىزنىڭ ئاساسلىق دېيىشكىنىمىز ئىدى . بىراق توربەتنىڭ پۈتۈپ چىقىشى تۆۋەندىكىچە بولدى .
1. توربەت نامى ugyaxliri.com
2. باشبەت يۈزىنىڭ كىنو تورى بىلەن پەرقى يوق ، مۇنبەر قېتىلغان ، بىراق ئىگىلىك تورىنىڭ مۇنبىرى ، مىنىڭ ھېچقانداق باشقۇرۇش ھوقۇقۇم يوق ، پەقەتلا شۇ مۇنبەرنى تەشۋىق قىلىمەن خالاس . ئەدەبىيات ، باشبەت قاتارلىق كۆزنەكلەر بار ، بىراق بۇ كۆزنەكلەرنى چەكسىلا جەمئىيەت تورىغا يۆتكىلىپ كىتىدۇ . مەن يەنىلا تەشۋىقات خىزمىتى قىلىمەن دىگەن گەپ . ئاچچىقىم كەلگىنى ، توربەت ھەرگىزمۇ يېڭى ياسالغان تور ئەمەس ، ئىچى ئالدىنقى ئەسىرلەردە يوللاپ قويغان ئىتوت ۋە ناخشىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ، ماڭا بىر كونا تور بەتنىڭ نامىنىلا ئۆزگەرتىپ قويمىچىلىق قىلغىنى ئېنىق.
3. توربەتتە مىللىيچە ئۇسلۇپتىن قىلچە ئەسەر يوق . بەت تەگلىكى قاپ - قارا ، يېڭىلىق يوق.
4. بىكەتنى ئەدەبىيات تورى قىلىپ ئىشلىتىشكە قىلچە ئامال يوق ، چۈنكى قانداق بىر كۆزنەكنى چەكسە باشقا تورغا ئۇلىنىپ كىتىدۇ .
توربەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا رازى بولمىغانلىقىمنى ئىپادىلىدىم . ھەمدە ئۆزگەرتىپ بىرىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈندۈم ، بىراق رەت قىلىشقا ئۇچرىدىم. كىيىن ھېچ بولمىسا تور نامىنى باشقا بىر بىكەتكە يۆتكەپ بىرىشىنى ، تور نامىدىن سىرىت 150 يۈەننى ئالدىراش بوپ كەتكەن ئىككى كۈنلىكى ئۈچۈن ئىش ھەققى قىلىپ بىرىشنى ، رازى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتتىم ، بىراق قارىسام مىنى چچ دىن چىقىرىۋىتىپ ، تېلفۇن نومۇرۇمنى قارا تىزىملىككە سولىۋىتىپتۇ. قورساق كۆپىكىدە مۇنۇ مىسرالارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئادىلجاننىڭ نەزىرىدە ئالدامچى ، ئۇنى ئەخمەق قىلغان بولدۇم . ئەجەبا بىر مىللەت دەپ ئىشىنىپ پۇلنى ئالدىن تاپشۇر دېسە ئىككىلەنمەيلا تۆلىۋەتكىنىم خاتامۇ؟ بەلكىم تورداشلار توربىكەت دىگەن ئۇنداق ئەرزان قۇرىدىغان نەرسە ئەمەس ، بۇرۇنلا بىلىشىڭىز كىرەك ئىدى دىيىشى مۇمكىن ، بىراق بۇ جەھەتتە تەجرىبەم يوق بولغاچقا نىمە ئامال دەيسىز؟ ئەجەبا كىيىنكى تەلەپلىرىممۇ ئورۇنسىزمۇ؟
ئاڭلىسام يەھۇدىيلار باشقا مىللەتتىن نەرسە ئالماسمىش، ئەجەبا مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئالدانساممۇ يات مىللەتكە ئالدىناي دىگەن قاراش بىزدە شەكىللىنىپ قالماسمۇ؟ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوپۇرماق تورىنىڭ باشلىقىدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەڭ ئەرزان قىپ بىرەي دەۋاتسا ممۇشۇ يولغا ماڭدىم دىسە ، ئۆزۈمگە ئاز. بۇ شىكايەتنامە ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايدۇ ، پەقەتلا بىر ئۆتۈنۈشۈم ، ھەممەيلەن ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئەۋلادى بولغان ئىكەنمىز ، راستچىل ، ۋىجدانلىق بولساق
مانا بۇ بىزنىڭ ئاساسلىق دېيىشكىنىمىز ئىدى . بىراق توربەتنىڭ پۈتۈپ چىقىشى تۆۋەندىكىچە بولدى .
قورساق كۆپىكىدە مۇنۇ مىسرالارنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تەلەپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئادىلجاننىڭ نەزىرىدە ئالدامچى ، ئۇنى ئەخمەق قىلغان بولدۇم . ئەجەبا بىر مىللەت دەپ ئىشىنىپ پۇلنى ئالدىن تاپشۇر دېسە ئىككىلەنمەيلا تۆلىۋەتكىنىم خاتامۇ؟ بەلكىم تورداشلار توربىكەت دىگەن ئۇنداق ئەرزان قۇرىدىغان نەرسە ئەمەس ، بۇرۇنلا بىلىشىڭىز كىرەك ئىدى دىيىشى مۇمكىن ، بىراق بۇ جەھەتتە تەجرىبەم يوق بولغاچقا نىمە ئامال دەيسىز؟ ئەجەبا كىيىنكى تەلەپلىرىممۇ ئورۇنسىزمۇ؟ ئاڭلىسام يەھۇدىيلار باشقا مىللەتتىن نەرسە ئالماسمىش، ئەجەبا مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئالدانساممۇ يات مىللەتكە ئالدىناي دىگەن قاراش بىزدە شەكىللىنىپ قالماسمۇ؟ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوپۇرماق تورىنىڭ باشلىقىدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەڭ ئەرزان قىپ بىرەي دەۋاتسا ممۇشۇ يولغا ماڭدىم دىسە ، ئۆزۈمگە ئاز. بۇ شىكايەتنامە ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايدۇ ، پەقەتلا بىر ئۆتۈنۈشۈم ، ھەممەيلەن ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئەۋلادى بولغان ئىكەنمىز ، راستچىل ، ۋىجدانلىق بولساق.
|
|