قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3861|ئىنكاس: 30

‹‹غەربكە ساياھەت›› تىن ئىككى ھاسىلات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

69

دوست

6421

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1926
توردىكى ۋاقتى: 420
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 00:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   1. تاڭ راھىبى تاڭ شۈئەنزاڭ باشلىق تۆت كىشى غەربكە قىلغان نوم سەپىرىدە تالاي-تالاي مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ يەردە بىر نەرسە ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، تاڭسىڭ قاتارلىقلار دۇچ كەلگەن بارلىق مۈكۈلاتلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئەرش سۇلتانلىقى، ئەۋلىيا-ئەنبىيالار، بۇدساتىۋالارغا بېرىپ چېتىلىدۇ. چۈنكى بۇ مۇشكۈلاتلارنى پەيدا قىلغۇچى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ تېگى-تەكتى ئەرش بىلەن باغلىنىدۇ. ئۇلار ئەسلى قايسىبىر ئەۋلىيانىڭ ئەرمەك ھايۋىنى، قايسىبىر ئەۋلىيانىڭ تۇغقىنى، قايسى بىر ئەۋلىيانىڭ خىزمەتكارى دېگەندەك نەرسىلەر بولۇپ، ئەرىشتىن پەرىشكە چۈشۈپ ئالۋاستىغا ئايلىنىدۇ. يول بويى قىلتاق قۇرۇپ تاڭسىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ. تاڭسىڭنىڭ شاگىرتلىرى جىن-ئالۋاستىلار بىلەن ھايات-ماماتلىق ئىلىشىپ، ئۇلارنى يېڭىپ، ئەمدىلا ئۇجۇقتۇرماقچى بولۇۋاتقىنىدا، قايسىبىر ئەۋلىيا ئارىغا چۈشۈپ، ئالۋاستىنى ئاسراپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ئەرىشكە ئىلىپ كېتىدۇ. بۇلارغا ئاساسلانغاندا، تاڭسىڭ قاتارلىقلار ئۇچرىغان تالاپەتلەرنىڭ ھەقىيقى جاۋاپكارى ئەرش سۇلتانلىغى، ئەۋلىيا-ئەنبىيالار، بۇدساتىۋالار بولۇپ چىقىدۇ. شۇغىنىسى ئۇلار ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. تاڭسىڭ قاتارلىقلارنىڭ تارتقىنى تارتقان بولۇپ قىلىۋىرىدۇ. ھەتتا ئامىتا بۇددا چېغىدا ئۇلارغا قەستەن زۇلۇم سالغان تۇرۇپ، بۇنى ‹‹ئەجىر قىلىپ ئېرىشمەك›› دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇغۇ بىر ئەپسانە. بىراق جەمىيەت تارىخىنى بويلاپ ماڭساق، مەزكۇر ئەپسانە بىلەن تەمسىلانە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەمەلىي ھادىسىلەر تارىخىي ئىزچىللىق ھالىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. بۇنداق تارىخىي ئىزچىللىقنىڭ كىنايىلىك يەكۈنى شۇكى: ‹‹ئۇلۇغ›› لارنىڭ سايىسى بولمايدۇ، ‹‹ئۇلۇغ›› لارنىڭ ئىشلىرى ھامان ئۇلۇغ بولىدۇ، جىنايەت بولسىمۇ دىيانەت سانىلىدۇ، بۇنى كىشىلەر تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ: ‹‹زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ›› دەپ يىغىنچاقلايدۇ.

   2. سۇن ۋۇكۇڭ خاسىيەتلىك گۈرزىسىنى ئەرشكە تاقاشتۇرىدۇ. ئەرش سۇلتانلىغى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ غەرەزسىز ئىشىدىن پاراكەندە بولۇپ، ئۇنى جازالىماقچى بولىدۇ. لېكىن پۈتكۈل ئەرش سۇلتانلىغى سەپەرۋەرلىككە كېلىپمۇ سۇن ۋۇكۇڭنى بويسۇندۇرالمايدۇ. ئاخىرى ئەرش سۇلتانلىغى سۇن ۋۇكۇڭنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئامىتا بۇددىغا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئامىتا بۇددا سۇن ۋۇكۇڭنى ئاناسىر تېغى ئاستىغا باستۇرۇپ قويىدۇ. بىراق سۇن ۋۇكۇڭ بۇنىڭغىمۇ تەن بەرمەيدۇ، ئۈستىدىكى تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ چاغدا ئامىتا بىر لەۋھە يېزىپ تاغ چوققىسىغا ئېسىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تاغ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، سۇن ۋۇكۇڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بەش يۈز يىلغىچە تاغ ئاستىدا بېسىلىپ ياتىدۇ. ئاخىرى تاڭ راھىبى تاڭ شۈئەنزاڭ كېلىپ تاغ چوققىسىدىكى باسقۇچى لەۋھەنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇ ئۈستىدىكى تاغنى پارچىلاپ تاشلاپ، تاغ باسمىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. دېمەك، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تاغ ئاستىدا بەش يۈز يىل بېسىلىپ يىتىشىغا سەۋەپ بولغىنى تاغ ئەمەس، ئامىتانىڭ ئالقانچىلىك لەۋھەسى. شۇ لەۋھە بولمىغىنىدا سۇن ۋۇكۇڭ تاغ ئاستىدا بەش يۈز يىل ياتمىغان، ئۈستىدىكى تاغنى ئاللىقاچان ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولاتتى.
جەمىيەتتىكى ئىشلارمۇ ماھىيىتىدىن شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئادەتتە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىۋاتقان سەۋەپلەر بىر قاتار ئوبىكتىپ مەسىلىلەر بولۇپ گەۋدىلىنىدۇ. بىراق ھەرقانچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىلسىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى يىڭىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئىنچىكىلەپ قارىغاندا، جەمىيەتنى بوغۇپ قويۇۋاتقان نەرسە تاغدەك چوقچىيىپ تۇرغان ئوبىكتىپ سەۋەپلەر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئامىتانىڭ لەۋھەسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈزۈلمە خاراكتىرلىك سوبىكتىپ سەۋەپلەر بولىدۇ. شۇڭا جەمىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان- جەمىيەتنى بېسىپ تۇرغان ‹‹تاغ›› لارنى غولىتىپ تاشلاپ، جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدى بىلەن تاغ ئۈستىدىكى ‹‹باسقۇچ لەۋھە›› نى ئېلىۋىتىش كېرەك.
                                      مەنبە : ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژورنىلى 2004-يىللىق 3-سان

0

تېما

0

دوست

309

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   4.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22113
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىچە قاراشكەن    رەھمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

193

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31337
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:12:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز مۇشۇنداق باسقۇچ لەۋھەلەر تۈپەيلى جەمئىيەت ئامانلىقى ياخشىلانمايۋاتىدۇ دىسە!.

12

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2103
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 11:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئېلىۋېتىمەن دەپلا ئېلىۋەتكىلى بولسا ،سۇنۋۇكۇڭ ئاناسىر تېغىنىڭ ئاستىدا بەش يۈز يىل ياتمىغان بولاتتى ، دىمەكچى كالا بېقىپ كىلىپ سۇنۋۇكۇڭغا ئالما تاشلاپ بەرگەن بالىغا ئىككى ئېغىز ئوبدان گەپ قىلسىلا ئىش ھەل بولاتتى چۇنكى كالانپاي تاڭسىڭ چىقالىغان تاغقا ، تىتىك شوخ بالىمۇ چىقالايدۇ ئەلۋەتتە ، لېكىن ئۇ لەۋھەنى چوقۇم تاڭسىڭ ئېلىش كېرەك . دىمەكچى تاڭسىڭ بولمىسا لەۋھە ئېلىنمايدۇ  .......

0

تېما

0

دوست

1213

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30589
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 372
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 15:16:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heniya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 11:54
ئەگەر ئېلىۋېتىمەن دەپلا ئېلىۋەتكىلى بولسا ،سۇنۋۇكۇڭ ئ ...

ئەمما  لىكىن   ماۋۇ  ئىنكاس   ئەجەپ پەيزى  بۇپتۇ

2

تېما

69

دوست

6421

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1926
توردىكى ۋاقتى: 420
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 16:51:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heniya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 11:54
ئەگەر ئېلىۋېتىمەن دەپلا ئېلىۋەتكىلى بولسا ،سۇنۋۇكۇڭ ئ ...

فىلىمگە دىققەت قىلىڭ تاڭسىڭ ئۇنى قولى بىلەن ئالمىدى بەلكى ئىغىزى(فانتىزيەلىك سىھرى) بىلەن ئالدى،تاڭسىڭ دىگەننى پادىچى دىيەلمەيدۇدە.ئەگەر سىز دىگەندەك بولىدىغان بولسا بۇنى سۇن مايمۇنمۇ قىلالايتى،لىكىن تاڭسىڭنى دىگىنى بىلەن سۇنمايمۇننىڭ دىگىنى ئوخشىمايدۇ.

2

تېما

69

دوست

6421

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1926
توردىكى ۋاقتى: 420
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 16:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heniya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 11:54
ئەگەر ئېلىۋېتىمەن دەپلا ئېلىۋەتكىلى بولسا ،سۇنۋۇكۇڭ ئ ...

   جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق بىزدە ئاشۇ ‹‹كالامپاي تاڭسىڭ›› بولمىغان تۈپەيلى ھەققى غورۇرلۇق قەھىرمانلىرمىز ‹‹تاغ››نىڭ ئاستىدا ئورۇنسىز باسۇرلۇپ ياتماقتا.

5

تېما

0

دوست

1656

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10657
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 19:01:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ياخشى تۇردىڭلارمۇ ؟؟ ھەممىڭلار ماۋۇ بىر نوقتىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ ؟ سۇن مايمۇن خىلى جاپادا بىرەر ئالۋاستىنى تۇتىدۇ بىراق يۇقاردا تىلغا ئېلىنغاندەك ئەرشتىكىلەرنىڭ ھىچ بولمىغاندا ئىتى ياكى توشقىنى دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن قۇتۇلۇپ قالىدۇ . ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىمۇ تۆۋەندىكى ساقچى يولداشلار مىڭ تەستە تۇتىدۇ بىراق شۇ ئەرشتىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىر نىمىسى چىقىپ قېلىپ ئاخىرى جازادىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.... نىمە دىگەن ئوخشاشلىق .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )