قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 928|ئىنكاس: 7

مىنىڭ ئارزۇيۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

246

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29685
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 10:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىنىڭ ئارزۇيۇم
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
(يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپ)
                                                                                                                                                                                 
    بەلكىم«مىنىڭ ئارزۇيۇم»ناملىق تولا يىزىلىپ كەتكەن بۇ تىما نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلالماسلىقى مۈمكىن.گەرچە بۇ كۆپ تەكىرارلىنىپ كەتكەن كونا گەپ بولىسىمۇ ئەمما كونا چاپاننىڭ ئىچىدىمۇ ياخشى ئادەمنىڭ بولىغىنىدەكلا كەمىنە بۇ ماقالەمدە كونا تىما ئاستىدا يىڭى مەزمۇننى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن. ئىنسانلاردىكى ئارزۇ-ئىستەك شۇ كىشىنىڭ ياشاش مۇھىتى،تۇرمۇش رىتىمى ۋە قەلىب ساداسىغا ماس ھالدا ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان خام لاھىيە بولغاچقا بەزىدە مۇھىم دەپ قارالغانلىرى ئورۇندىلىپ بەزىلىرى تاشلىنىپ قىلىشى ۋە ئۇنتۇلىشى مۇمكىن.گەرچە يەتتە يىللىق مائارىپ ھاياتىمىدا نۇرغۇن ئارزۇ–ئارمانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ئۇلارنىڭ كۆپ  قىسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەن بولساممۇ ھازىرىغىچە ئەمەلگە ئاشماي مىنى تىت-تىت قىلۋاتقان ئارزۇلىرىممۇ بار،ئەشۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئازۇيۇم تا ھازىرغىچە قەلىپ قەسرىمدە پىنھان ساقلىنىپ كەلمەكتە.شۇڭلاچقا مەن مەزكۇر ماقالىدە دەل ئاشۇ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇيۇمىنى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارلاپ ئۇنى قەلىپ قەسىرىمىدىن ئۇچۇرما قىلىش ۋە شۇنداقلا ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئۇشبۇ قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم.
    مەن كۈتكەن ئارزۇ شۇكى : بىر قارار ئوقۇغۇچىلارنى باشلانغۇچتىن تارتىپ تاكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئۆزۈم بىر قوللۇق تەربىيەلەپ چىقسام دىگەندىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئىش سەۋەپسىز بولمىغىنىدەكلا بۇ ئوينىڭ مەندە شەكىلىنىشىكە تۈرۈتكە بولغان مۇنداق سەۋەپلەر بار :
بىر بالا تۇغۇلۇپ ھەققى بىر ئادىمىيلىككە ئىگە ئادەم بولۇپ يىتىلەلىسە ئۇنىڭ شۇ جەرياندا قۇبۇللىغان مائارىپ تەربىيەسى ھەققى ۋە چىن بولغان بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يىتەكچىنىڭ باشتىن-ئاخىر مۇنتىزىم تەربىيلىشى ئىنتايىن مۇھىم.بۇ يەردىكى مۇھىم يىتەكچى دەل ئاتا-ئانا.ئەپسۇس ئائىلە مائارىپىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بوللەلمەسلىك جەمىيەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدە بالىلارنى ئادىمىيلىككە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەش ۋەزىپىسى تەبىئىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا زىمىسىگە يۈكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈسىتىگە باشلانغۇچ ، تولۇقسز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتى ئۆز-ئارا گىرەلىشەلمەيۋاتقان ھازىرقىدەك چاغلاردا زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش،ئەڭ مۇھىمى ئەلگە يارملىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقي ئاتا-ئانىسغا ئايلىنىش ئۈچۈن كەمىنىنىڭ بۇ ئارزۇسى تىخىمۇ رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە بولىسا كىرەك.
باشلانغۇچ مائارىپى ئوقۇغۇچىلاردا يىتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئەخلاق، غورور، كىشلىك قەدىر-قىممەت قاتارلىق بىباھا خاراكتىرگە ئۇل باسىدىغان ۋە ئەشۇ خىل ئېسىل خاراكتىر -مىجەزنى ئۈگىنىشنى باشلايدىغان ھەل قىلىغۇچ مائارىپ.مىنىڭ نەزىرىمىدە باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىسى بولىشمۇ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ۋە شەرەپلىك ئىش، ئەلۋەتتە.باشلانغۇچ مائارىپىمىزدا ئىنسان ۋۇجۇدىغا يۇغۇرىلىدىغان بارلىق ياخشى خسلەت ۋە خاراكتىر كۈچلۈك كۆپتۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە ئەلا سۈپەتلىك «خېمىرتۇرۇچ»ئارقىلىق ئىجابى كۆپتۈرۈلسە ئوقۇغۇچىلاردا ئادىمىيلىكىنىڭ ئۇلى ياخشى ھازىرلانغان بولىدۇ.ھەر يىلى باشلانغۇچنى تاماملاپ مەكتىىمىزگە يىڭدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تازلىقنى سۆيمەسلىك،ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ئىرادىسى ئاجىز،بۇشاڭ بۇلۇشتەك مىجەز-خاراكتىرى قەلبىمنى ئۆرتەپ ئىچىمنى ئاچچىق قىلىدۇ.چۈنكى تىلغا ئالغانلىرىم باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئادىمىيلىكىگە سىڭدۇرۇشكە تىگىشلىك تەربىيە ۋە خاراكتىرلەر ئىدى. تالاي بىزۆرۈر تەرتىپلەرنىڭ خىزمەت مۇھىتىمىزغا  سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئوقۇغۇچىللىرىمىز زۆرۈر بولغان ئادىمىيلىك تەربىيەسىدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ...
     تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئوقۇغۇچىلار يىتىلدۈرۈشكە باشلىغان خاراكتىر -مىجەزنى پىشقىلاپ ئىشلەشكە، مۇستەھكەملەپ ئۆز ۋۇجۇدىدا سىناق تەرىققىسىدە مۇقۇملاشتۇرۇشقا باشلايدىغان مەزگىل.بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچى ئەڭ كۆپ ئۈلگە ئوبىكتى بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ياخشى خاراكتىرىنى كۆرسىتىپ ياكى مۇئامىلە قىلىپ ئوقۇغۇچىلار خاراكتىرىدە يىتىلىۋاتقان ئاكتىۋال مىجەز ۋە خاراكتىرىنىڭ مۇقۇملىشىۋىلىشغا ياردەم قىلىش كىرەك. بۇ ئەلۋەتتە شۇ باسقۇچتا تەربىيە ئېلىپ بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆپرەك بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
     تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرى پىشىپ يىتىلىش جەريانىغا قەدەم باسىدىغان ،پەلسىەپىۋي مىجەز-خاراكتىر ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلايدىغان ،ئەگەر تەربىيە ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرلىسا ئۇلار ۋۇجۇدىدىكى خاراكتىر شان-شەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئالغا ئىلگىرلەشكە يول ئېچىلىدىغان مەزگىل.ئەگەر شۇنداقلا بولسا بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرى ئەتىراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئىجابى يۆلىنىشى ئۈچۈن ئۈزۈكسىز خىزمەت قىلىدۇ،يامان،ناچار قىلىمىش ۋە ھەركەتلەرنىڭ يۈز بىرىشى ئازىيدۇ،ئەگەر ئۇنداق بولماي توغرا يىتەكلەنمىسە ، ئاسانلا يامان يولغا مىڭىپ كىتىش،ئاسانلا باشقىلارغا ئەگىشىپ ئىش تېرىش مۇشۇ مەزگىلگە يىغىنچاقلىنىپ قالىدۇ.چۈنكى بۇ ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار قىزىق قان،ئەقلى تىخى پىشىپ يىتىلىمىگەن، ئىشلارنى ئۆز ھىسىياتىنىڭ مەيىلىگە قۇيۇپ ھەل قىلىدىغان  باسقۇچتا تۇرىۋاتقان بولغاچقا توغرا يولغا يىتەكلەشكە ئالاھىدە ئىھتىياجلىق مەزگىلدە تۇرىۋاتقان بولىدۇ.دىمەك،بۇ مەزگىلىدىمۇ مۇنتىزىم تەربىيە ۋە يىتەكلەش ئوقۇغۇچىلار ۋۇجۇدىنى كونتىرول قىللالمايدىكەن، جەمىئىيەتكە،مىللەتكە،ئاتا-ئانىلارغا ئەقىل پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرغان جەڭگىۋار ياشلار كوللىكتىپىنى تەربىيلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.
    ئۇشبۇ ماقالىنى ئوقۇۋاتقان ئەزىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالى مەكتەپ تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن،ئەشۇ خىلمۇ-خىل ھىسلارغا پۈرگەنگەن ئالى مەكتەپ ھاياتىنى ئۆزىمىزدىن كىيىنكىلەرگە تەجىرىبە-ساۋاق يۇسۇنىدا يەتكۈزۈش ياكى ئەۋلادلار ماڭغان ھەر بىر ئىزگۈ قەدەمگە يىشىل چىراق يىقىپ بىرىش بىز ساۋاق ئىگىللىرىنىڭ شەرەپلىك مەسئۇلىيىتى.چۈنكى ئۇلار جەمىيەتكە قەدەم بىسىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىر جەڭگىۋار توپ.ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قانداق يۈزلىنىشى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت تەركىبى.شۇڭا تولۇق ئوتتۇرغا ئېلىپ چىققان ئەشۇ ئوقۇغۇچىللىرىمىنى ئالى مەكتەپتىمۇ ئۆزۈم بىر قول تەربىيلىسەم دىگەن ئارزۇدىن مۇستاسنا ئەمەسمەن.  
     كۈپۈنچە ھاللاردا مائارىپىمىزدىكى ئىچەكشىپ قىلىشىنىڭ رولغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە باشتىن ئاخىر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولۇشىنى،شۇ پەننى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ داۋاملىق بىرىشىنى ئۆمىد ۋە تەلەپ قىلىدۇ. سىنىپ مۇدىرى ياكى پەن ئوقۇتقۇچىسى كۆپ ئالماشسا شۇ سىنىپنىڭ ياكى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى يۈزلىنىشى سەلبى تەرەپكە قاراپ يۈز تۇتىدىغانلىقى بىزگە ئايدىڭ.بىزدە سەل قارىلىۋاتقان بۇ مەسلە كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھەققى ئادىمىيىلككە ئىگە بولالماي،ئادەتتكى ساۋاتلارنىمۇ بىلمەي چوڭ بولىشىغا پىلتە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىزدە بالىلارغا بىر خىل دەرىسىنى بىر قانچە ئوقۇتقۇچى بىرىدۇ.بىر باسقۇچ تاماملانغۇچە بىر قانچە سىنىپ مۇدىرى ئالمىشدۇ.بۇ مۇقەرەركى بالىلاردا ماسلىشالماسلىق،كۈنۈلمەسلىك،كۆنگىچە ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىش ،ۋاقىت ئۆتۈپ نەتىجە ئارقىدا قىلىش چوڭىيىپ كەتكەن ياشنى،ئۆتكەن ۋاقتىنى ئارقىغا قايتۇرالماسلىق قاتارلىق ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشگە كۆپ زىيانلىق بولسىمۇ ھازىرغىچە تۈزۈتىلمەي كىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ تۇرىۋەرمەكتە.
     ئەگەر ماڭا مۇشۇنداق بىر  پۇرسەت بىرىلسە مەن باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالى مەكتەپكىچە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى يۇقىرىدا ئىيتقانلىرم بويىنچە ئۆزەم بىر قوللۇق،مۇنتىزىم ھالدا تەربىيلىسەم دەيمەن،بۇ ئارزۇنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدا يىغىپ ئىيتقاندا ئوقۇغۇچىلارنى زىيانغا ئۇچىراتماسلىق،ئۇلارنى مۇنتىزىم تەربىيەگە ئىگە قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش قاتارلىق تۈرەتكىلىك سەۋەپ بار.بەلكىم بۇ ئارزۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىشى مۈمكىن،بۇنى ئوقۇپ مۇئەللىپنى مازاق قىلىدىغانلارنى چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.ئەمما بىر ئادەمىنىڭ ياراملىق ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ ئىيتقاندا بۇ رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە.چۈنكى مەكتىپىمىزنىڭ باشلانغۇچ قىسىمىنى تاماملاپ تولۇقسىز قىسمىغا چىقىدىغان چاغدا سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلار مەكتەپ مۇدىرىغا خەت يىزىپ باشلانغۇچتىكى سىنىپ مۇدىرىمىزنى داۋاملىق بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغىنىمىزدەك ۋەكىللىك قەلىپ سادا بۈگۈنگىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
     مەن خىزمەتكە چىقاندىن بىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن. بۇ جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرى،مىجەزى ،ئالاھىدىلىكى ،نىمگە بەكرەك مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى كۆپ تەتقىق قىلدىم.توپلىغان تەجىرىبە-ساۋاقلىرىم مول بولدى.ئەمما مەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ئانچە تەپسىلى بىلىپ كەتمەيمەن.شۇنداقتىمۇ ياشلىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بىسىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان جۇشقۇن ياشلارنى يىتەكلەپ مىڭىشقا قىزىقىمەن.ئىككى قارار تۇتقان ئوقۇغۇچللىرىمىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە مىڭىشتىن ئاۋال ئىيتىقان «مۇئەللىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ سىز بىزگە سىنىپ مۇدىرى بولسىڭىز بولمامدۇ؟» دېگەن تەۋسىيەلىك نىدالىرى مائارىپىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ تەجىرىبە توپلاپ ئادەم تەربىيلەش ئىستىكىمنى ھەرۋاقىت يىلىنجىتىپ تۇرىدۇ.ناۋادا 30يىل مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ قالسام پىنىسىيەگە چىقىدىغان چاغدا خىزمەت ئورنىمىدا قالدۇرغان بىرەر نەتىجەم بولمىسا بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ سەت تۇرىغىدەك ھەم قىلغان خىزمىتىمگە،ئەۋلادلىرىمغا يۈز كىللەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم.بەلكىم پىنسىيەگە چىقاندىكىيىن بىرمۇ ئوقۇغۇچى مىنى ئىزدىمەي قالسا ئازاپلىنىشىم مۈمكىن.شۇڭا بۇ ئارزۇ ھەردەم مىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ.مەن بۇ يەردە قابىلىيىتىمنىڭ يىتىشمەي قېلىشدىن ئەمەس خىزمەت ئىستاجىمنىڭ يىتىشمەي قىلىشدىن ئەنسىرەيمەن. چۈنكى ھىسابلاپ باقسام بۇ ئارزۇنى روياپقا چىقرىش ئۈچۈن 17 يىل ۋاقىت  كىتىدىكەن.بەلكىم بۇ ئازۇنىڭ مۇنداق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچلىكلىرى بولىشى مۈمكىن. ئىجابى تەرەپتىن بىر قانچە پەرزەنتنى ئاتا-ئانا بىر قوللۇق تەربىيلەپ چىقانغا ئوخشاش بۇ جەريانىدا ئوقۇتقۇچى ئەشۇ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىدىنمۇ چارە ھالەتكە كىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مىھرى- مۇھەببەت چوڭقۇرلۇشۇپ تەربىيە دەل جايىغا بارىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرى چېچلمايدۇ.خاراكتىرى بىر قەدەر تۇراقلىق بولىدۇ.بۇ ئارزۇنىڭ كەمچىلىكى دەپ ئويلىغىنىم 17 يىل ئىچىدە بىر ئوقۇتقۇچنىڭ قولدا تەربىيلىنىش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزىقتۇرىشى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچلۈك ۋە كۆپ خىل بولمىغىنىدا زىرىكەرلىك بىلىنىشى مۈمكىن.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بىز مائارىپچىلارنىڭ ئاخىرىقى مەخسەت-نىشانىمىز ياراملىق بىر ئادەم تەربىيەلشقۇ ، تالايلىغان مىللى مائارىپچى- ئۇستازلار ئۆز يۈرەك قىنى بەدىلىگە مائارىپىمىزنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۆپ خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ ئۆزلۈك مائارىپى شەكىللەندۈرىشىمىزگە ھەسسە قوشىۋاتىدۇ.ھەمىشە خەتنى ئۈنچە-مارجان تىزغاندەك ئۇز يازىدىغان،كىيىم-كىچىكىنى پاكىز تۇتۇپ،كىتاپ-دەپتەرلىرىنى چىرايلىق مۇقاۋىلاپ رەتلىك يۈرىدىغان،بىر ئىشلارنى ئالدىن پىلانلايدىغان،ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدىغان ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسەم ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ بىشىنى سىلىغۇم كەپ كىتىدۇ،ئۇلارنى تەربىيلىگەن ئوقۇتۇچىغا چىن قەلبىمىدىن ھەمۇد-سانا ئوقۇپ يىشىغا توغراق يىشىنىڭ ئۇدۇم بولىشىنى تىلەيمەن. ئەپسۇس بۇنداق بىر قوللۇق تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە بىر قوللۇق تەربىيەلىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىللىرىمىزمۇ ئەتىراپىمىزدا ئازىيشقا باشلىدى.دەل ئەشۇنداق بىر تۈركۈم ئىدىتلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇش ماڭسام-تۇرسام خىيالىمدىن كەتمەيدۇ.ئولتۇرسام-قوپسام ئەشۇ ئوتلۇق ئىستەك مىنى جىم تۇرغۇزماي تىپىرلىتىدۇ.يازمامنىڭ ئاخىرىنى يەنىلا قەلبىمىدە يىلىنجاپ تۇرغان مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇراي : مائارىپ ئۈچۈن غەم يەۋاتقان پىقىرىنىڭ يۈرىكىدىكى بۇ سادا ئەزىز ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە ئىنكاس ۋە ئەكىس سادا پەيدا قىلىپ بۇ ئارقىلىق توپلانغان بارلىق سادالار ھەركەتكە ئايلىنىپ مىللىي مائارىپ ئۈچۈن ئاز-تولا خىزمەت قىلالىسا دىگەن ئىستەكتىمەن.
بۇ ماقالە «شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 11-سانىدا ئىلان قىلىندى

0

تېما

0

دوست

1257

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30589
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 11:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بارلىق ئۇقۇتقۇچىلاردا سزىنىڭكىدەك مۇشۇنداق بىر يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى  شۇنداقلا  مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئارزۇ ئارمان بولغان بولسا ئىدى     مىنىڭ يۇرتۇمدىكىگە ئوخشاش  ھەر يىلى ھەر سىنىپتىن بىر قانچە ئۇقۇغۇچى ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغان ھالەتتتە  ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتمەس ئىدى   
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

193

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31337
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 12:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنىڭ ۋەتەننىڭ كىلەچىكى ، ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئارزۇ-ئارمان بىلەن ياشاش ھەم ھۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش كېرەك.

0

تېما

1

دوست

2436

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 778
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 14:09:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدىن سىزنىڭ بارلىقڭىزنى كەلگۇسى ئەۋلاتلانى تەربىيەلەشكە ئاتىغانلىقىڭىزدىن ئىبارەت بىر يۇكسەك غايىنى كۆرگەندەك بولدۇم. لېكىن ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك ،بۇنداق تەربىيەلەشنىڭ ئەكىس تەرىپىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم.بىر ئوقۇغۇچى پۇتكۇل تەربىيەلىنىش جەريانىدا خىلمۇ -خىل كۆز قاراش ۋە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىڭمۇ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار دەپ قارايمەن.

0

تېما

3

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 14:17:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە سىزگە قارىتا پەقەت «بولىدۇ» دەيدىغان ۋە قوللاشتىن ئىبارەت نەرسىلا بار. ئۇنىڭدىن ئۆزگىگە يەنىلا ئۆزىڭىز ئىگىسىز.
غايىڭىزگە ھەشقاللا ئېيتىمەن.

2

تېما

0

دوست

1298

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29581
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 16:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە جاھان ساڭا باقمىسا سەن جاھانغا باق دېگەن ئاتىلار سۆزى بار،شۇنداقكەن  رېئاللىقتا مومكىنچىلكى يوق ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي،قۇربىمىز يىتىدىغان ئىشلارغا مەھكەم  يېپىشىپ  كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە تېرىشساق چوقۇمكى نەتىجىسى چىقماي قالمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31739
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 19:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
OCUZ يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 16:37
بىزدە جاھان ساڭا باقمىسا سەن جاھانغا باق دېگەن ئاتىلار ...

بىزدە سىزگە قارىتا پەقەت «بولىدۇ» دەيدىغان ۋە قوللاشتىن ئىبارەت نەرسىلا بار. ئۇنىڭدىن ئۆزگىگە يەنىلا ئۆزىڭىز ئىگىسىز.مۇشۇنداق

9

تېما

0

دوست

2267

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 01:16:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپتا، مائارىپتىن كۆڭلۈم سۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )