دۇنيادىكى مىليونېرلار قەيەردە ياشايدۇ؟
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلدى
‘
بۇ ستاتىستىكىلىق خەۋەر ئەنگلىيە “مۇھاپىزەتچى” (Guardian) تورىنىڭ رەقەم بلوگى (Datablog) سەھىپىسىدە 2014-يىلى 21- ئۆكتەبىر نەشر قىلىنغان. خەۋەرنى Alberto Nardelli يازغان.
گەرچە دۇنيا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى يەنىلا قىيىن ئەھۋالدا تۇرسىمۇ ئەمما بۇ يىل دۇنيا بويىچە بايلىقنىڭ ئېشىشى ئۆتكەن يىلقى 263 تىرىليون دوللارغا 20،01 تىرىليون دوللار قوشۇلۇپ ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.
سۈرەتتە لوندوننىڭ ئەڭ باي كوچىلىرىدىن بىر بولغان (Sloan Street London) سلون كوچىسىغا جايلاشقان “Chanel” مودا كىيىملىرى دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختىتىلىپ قويۇلغان ئالتۇندىن ياسالغان Ferrari ماركىلىق پىكاپ.
بۇ يىل دۇنيا بايلىقىغا 20،1 تىرىليون بايلىق قوشۇلۇپ، 2013- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2014- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۇنيا ئىقتىسادىي بايلىقى 8.3% ئېشىپ، جەمئىي 263 تىرىليون دوللار بايلىق يارىتىلغان بولۇپ، بۇ بايلىق 2000- يىلىدىكى 117 تىرىليون دوللار بايلىققا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.
بۇ ستاتىستىكىنى باش شتابى شىۋىتسارىيەدىكى Credit Suisse on global wealth تەرىپىدىن “2014- يىللىق دۇنيا بايلىقى” دوكلاتىدا ئېلان قىلغان.
بۇ تەتقىقات دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئاساسلىق مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
دۇنيا نوپۇسى ۋە بايلىقلىرىنىڭ 2014- يىلىدىكى قىتئەلەر بويىچە تارقىلىشى.
دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكەن يىلى 4 مىليونغا يېقىن ئادەملەرنىڭ بايلىقى 1 مىليون دوللار قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ 4 مىليونغا يېقىن مىليونېرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىدىكى تارقىلىش سانى
دۇنيا بويىچە 40% ئارتۇق مىليونېرلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ياشايدۇ.
دۆلەتلەرنىڭ 2013 - 2014- يىلىدىكى بازار ئىگىلىگىنىڭ كاپىتالىشىشى، ئۆي-مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە دوللارغا ئالماشتۇرۇش قىممىتى
2013 - 2014- يىلىدىكى ئائىلە كىرىمى ئەڭ كۆپ ئاشقان ۋە ئەڭ تۆۋەنلىگەن دۆلەتلەر تىزىملىكى
دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ 2014- يىلىدىكى بايلىق تەقسىمات خەرىتىسى
دۇنيادىكى قىتئە ۋە دۆلەتلەرنىڭ 2000-يىلىدىن 2014- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بايلىقىنىڭ ئۆسۈش دىئاگراممىسى
دوللار قىممىتى بويىچە دۇنيادىكى مىليونېرلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىشى
2013 - 2014 - يىلىدىكى دۇنيا مىليونېرلار سانىنىڭ ئۆزگىرىش
2014- يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىش سانى
دۇنيادىكى بىر قىسىم رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ 2014- يىلى ۋە 2019-يىلىدىكى مىليونېرلارنىڭ سانىنى
دۆلەتلەر بويىچە دۇنيادىكى مىليونېرلارنىڭ 2019- يىلىدىكى تەخمىن سانى
مەنبە