قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1429|ئىنكاس: 13

NASA: خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ بىر يېڭى دەۋرى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 10:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ بىر يېڭى دەۋرى باشلاندى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى


مەن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەييارلىغان «مەن قىلغان بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى» دېگەن تېمىدا مۇنداق دېگەن ئىدىم:  «يېقىندا بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ھازىر يەر شارىنى كۈنىگە 16 قېتىم ئايلىنىپ تۇرىۋاتقان خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بىر بۇنىڭدىن كېيىن لاھىيىلەپ ياساپ چىقىدىغان ئەسۋابنى ئورنىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتموسفېرانى ئۆلچەپ كۆزىتىپ تۇرۇش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  مەقسەت سۈنئى-ھەمراھقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئىقتىساد قىلىپ، ھازىرقى بار بولغان بىر پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىشتۇر.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 330 كىلومېتىردىن 435 كىلومېتىرغىچە بولغان ئوربىتىلاردا يەر شارىنى ھەر كۈنى 16 قېتىم (ھەر 90 مىنۇتتا بىر قېتىم) ئايلىنىپ تۇرىدۇ.  شۇڭا خەلقئارا ئالەم پونكىتى ئۈستىدىكى ئادەم ئۈچۈن ھەر كۈنى 16 قېتىم كۈن چىقىپ، يەنە 16 قېتىم كۈن ئولتۇرىدۇ. »  يېقىندا ناسا خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئورناتقان، ئىنگلىزچە « RapidScat » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۈسكۈنە رەسمىي ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى «يەر شارىنى كۆزىتىش پونكىتى» قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ بىر يېڭى دەۋرى باشلاندى.  بۇ ئەھۋال 2014-يىلى 12-ئۆكتەبىر كۈنى پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تۈردە قىلىندى.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى ھەر قېتىم يەر شارىنى ئايلانغاندا، يەر يۈزىنىڭ يېڭى رايونلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچىدىغان بولغاچقا، « RapidScat » ئۈسكۈنىسى يەر يۈزىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى تولۇق تەكشۈرەلەيدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، خۇددى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك، بۇ ئۈسكۈنىسىنىڭ ئانتېنناسى توختىماي ئايلىنىپ، بىر قېتىم مېڭىشىدا يەر يۈزىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمىنى تەكشۈرەلەيدۇ.  

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: خەلقئارا ئالەم پونكىتى ۋە ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان « RapidSat » ئۈسكۈنىسىنىڭ كۆرۈنىشلىرى (Credit: NASA/JPL-Caltech/Johnson Space Center) .

« RapidScat » ئۈسكۈنىسى ھاۋارايىنى تەتقىق قىلىش، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ۋە دېڭىز قۇيۇنلىرىنى كۆزىتىشتە زۆرۈر بولغان ئوكيان شاماللىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 580 كىلوگرام بولۇپ، ئۇ 6-ئۆكتەبىر كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئوكيان شامىلى ئۇچۇرلىرىنى يەر يۈزىگە ئىبەرتىپ بەردى.  بۇ ئۈسكۈنىسىنى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن جەمئى 26 مىليون دوللار پۇل كەتتى.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: « RapidScat » ئۈسكۈنىسى ئۆلچەپ، 6-ئۆكتەبىر كۈنى يەر يۈزىگە ماڭدۇرۇپ بەرگەن يەر شارى ئوكيان شاماللىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى (Credit: NASA-JPL/Caltech).   

خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئوربىتىدا ھاۋا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئايلىنىش ھەرىكىتىگە ئېنېرگىيە سەرپ بولمايدۇ.  پەقەت ئۇنىڭ ئوربىتىسىنى مۇددەتلىك ھالدا تەڭشەپ تۇرۇش ئۈچۈنلا ئېنېرگىيە كېتىدۇ.  خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىچىدىكى مەشغۇلاتلارغا كېتىدىغان ئېنېرگىيىنى ئۇنىڭ كۈن نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان «قاناتلىرى» ئىشلەپ چىقىرىدۇ.  

« RapidScat » ئۈسكۈنىسىنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىن ئېتىلغان بىر راكېتا 21-سېنتەبىر كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنى ماشىنا ئادەملەر خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ تېشىغا 29- ۋە 30-سېنتەبىر كۈنلىرى ئورۇنلاشتۇردى.  ئۇ ناسا بىر يىل ئىچىدە يەر شارى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان 5 دانە ئالەم ئۇچقۇرى ياكى ئالەم ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم: « RapidScat » ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كۆرىنىشى (Credit: ESA/NASA/Alexander Gesrt).  


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


1. NASA Inaugurates New Space Station Era as Earth Science Observation Platform with RapidScat Instrument
<http://www.universetoday.com/115 ... cat-instrument/>

2. مەن قىلغان بىر يېڭىلىق ناسا ژورنىلىدا خەۋەر قىلىندى
http://bbs.izdinix.com/thread-59240-1-1.html


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 13:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 13:16  

شۇڭا خەلقئارا ئالەم پونكىتى ئۈستىدىكى ئادەم ئۈچۈن ھەر كۈنى 16 قېتىم كۈن چىقىپ، يەنە 16 قېتىم كۈن ئولتۇرىدۇ
______________

بۇ ياخشى ئۇچۇر بولدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2279

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20157
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 16:28:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم پەننىڭ كۈچى ھەقىقەتەن زوردە، تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 20:52:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BuyukTuran يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 16:28
ئىلىم پەننىڭ كۈچى ھەقىقەتەن زوردە، تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلا ...

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىرىك ئەسىرى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››تە ، ‹‹ ئىلىم بىلەن كۆككە يېتىش مۇمكىن ›› دەپ ، ئىلىمنىڭ خاسىيىتىگە تەبىر بەرگەن.

0

تېما

0

دوست

5284

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31510
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1736
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 17:51:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sahabi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 11:21
يۈسۈپ خاس ھاجىپ يىرىك ئەسىرى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››تە ، ‹ ...

ئەرەپلەر يۈرەك ھەممىمىنى باشقۇرىدۇ دىسە يۈسۈپ خاس ھاجىپ باش يەنى مىڭە ھەممىنى باشقۇرىدۇ دىگەن.
نىمىدىگەن يىراقنى كۆرگەن ھە.

1

تېما

0

دوست

6294

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   25.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2030
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 10:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار يەنى ئەركىن سىدىق ئەپەندى، سىزنىڭ  يېڭى تېمڭىزدىن بىر خىل ئۈمۈتسىزلىكنى ھىس قىلىپ  يەتتىم. سىز نىمىشقا مۇشۇنداق قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئىلمى تەتقىقاتقا سەرپ قىلماي دىن تەشۋىق قىلىشقا سەرپ قىلىسىز، ھىچ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. ھەم نىمىگە ئىرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ ئېنىق ھىس قىلالمىدىم. چۈنكى دىنى ئىتىقات ئارقىلىق ھەقىقى مەنىدىكى تەرەققىياتقا ئىرىشكەن ئەل ياكى مىللەتنى كۆرمەيۋاتىمىز.ئەكسىچە دىن كۈچەيگەن جايلاردىكى دىنى ئەسەبىلىكنىڭ ئۇلارغا نىمە ئېلىپ كىلىۋاتقانلىقى ھەر كۈنى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىرىشكىنى بىگۇناھ تۈكۈلگەن قان بولماقتا. ئىراق، ئافغانسىتان، سۈىيە....لەردىكى پارتلاۋاتقان مەسچىتلەر، مەكتەپلەر ، سودا سارايلىرىل، ئاۋات بازارلار، قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان بىگۇناھ پۇقرالار... بەزىلەرنى خۇشال قىلغىنى بىلەن ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلماقتا.  بۇنى بەزى تورداشلارمۇ تىلغا ئاپتۇ. ھەر ھالدا ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا كۆزى ئۈچۇق كىشىلەر بار ئىكەن.
بۇ تېمىڭىزغا قارىسام سىز ھەدەپ يەھۇدىلارغا قارشى ئىددىيەنى يۇشۇرۇن ياكى ئاشكارا بازارغا ساپسىز. ئويلاپ بېقىڭ، دۇنيانى تەۋرەتكەن كىشلەرنىڭ خىلى كۆپ قىسمى يەھۇدى. بۇنى مەن دىىسىەممۇ بىلىسىز. ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكىىغا قوشقان تۆھپىسىمۇ ئادەمنى ھەۋەس قىلدۇرۇشقا ھەتتا ۋىجدانى بار كىشىنى نۇمۇس قىلدۇرۇشقا يىتىپ ئاشىدۇ. بۇنى ئىتىراپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىسرائىلىيە ھىچبولمىغاندا بىر دىمگۇراتىك دۆلەت، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى خاتا دىيىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىك كىرەك، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدىشى ، زوراۋانلىققا ، تىرۇرلۇققا زەربە بىرىشى كىرەك. بۇ بىر ئەقەللى ساۋات، ئۇلارنىڭ ئادەمبومبىلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلىشى، زوراۋانلارنى قولغا ئېلىشى قانۇنى تەرتىپ دەپ چۈشۈنىشىكە بولىدىغان بىر ھادىسە .
ئەلۋەتتە بەزىلەر يەھۇدىلەرنى تاجاۋۇزچى دەپ قارايدۇ. بىراق پەلەستىن ئەسلىدىنلا يەھۇدىلارنىڭ يۇرتى ئىكەنلىكىنى نىمىشقا ئويلاپ قويمايدۇ؟ ئۇلار پەقەت زوراۋانلارنىڭ زۇلمى سەۋەبىدىن يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان خالاس. بۇلار يەنە قايتىدىن باش كۆتىرىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى خالاس. ئۇلارنىڭ قىلغىنى خۇددى ئىلىمىزنىڭ شاڭگاڭنى قايتۇرىۋالغىنىدەك بىر ئىش خالاس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىلار پەلەستىندىكى ئەرەپلەرنى قوغلاپ چىقارغىنى يوق، ئەكسىچە ئەرەپلەر ئىچىدىكى دىنى رادىكاللار، ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلەر ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشنى خالىمايۋاتىدۇ خالاس.
كۆپ گەپ قىلىپ قويدۇم، بىراق دىمەي دىسەم بەزىلەر بۇنى ھىچبىر ھىس قىلىدىغاندەك ئەمەس، شۇڭا ئەرەپ مىللەتچىلىكىنى دىن بىلەن ئارىلاشتۇرىۋىتىدىغان، يەھۇدىلارغا قارشى ئىرقى كەمسىتىش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقنى قۇترىتىدىغان خەتەرلىك ئىددىىيەلەرنى بازارغا سالمىغان بولساق.  چۈنكى دۇنيادا يامان نىيىتى بارلاردىن باشقا ھىچكىم مىللى ئۆچمەنلىكنى ، فاشىزىمنى قۇترىتىشنى ياخشى ئىش دەپ قارىمايدۇ.
ئەرەپ بىلەن يەھۇدىنىڭ ئىتىتىپاق ئۆتىشىنى ئارزۇ قىلايلى. بۇ بىزنىڭ دۇنيا تىنىچلىقىغا قوشقا ئازغىنە تۆھپىمىز بولۇپ قالسۇن.
سۆزۈم تۈگىدى ، ئوبدان ئويلىنىپ باقارسىز.

0

تېما

0

دوست

4226

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1342
توردىكى ۋاقتى: 491
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 20:52:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىزلەرنى   دۇنيادىكى   يىڭىلىقلاردىن    ۋاختىدا    خەۋەردار    قىلىپ    تۇرغىنىڭىزغا    رەخمەت   ،    ئاللاھ    ئەجىرىڭىزنى    زىيادە    قىلغاي    .   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )