قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2172|ئىنكاس: 18

كۆڭلۈڭلارغا ئىنساپ تىلەيمەن...!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

3

دوست

2385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 23:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۈگۈن كۆڭلۈم تولىمۇ پاراكەندە .ماڭا تەۋە بۈلغان ماكانىمدىن ئايرىلىپ ،  دۇكىنىمدا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ ، بېشىمنى تىزىمغا  قويغىنىمچە ئۈنسىز ھېقىقدىماقتىمەن. ئۆزەمنى شۇنچىلىك بىچارە ، شۇنچىلىك ئاجىز ، يەككە- يىگانە ھېس قىلىۋاتىمەن .كۆز ياشلىرىم ئىختىيارىمغا بويسۇنمىغان ھالدا تاراملاپ تۆكۈلمەكتە.
-ئاپا،نېمىشقا يىغلايسىز ئاپا...؟!
قىزىمنىڭ  يۈزۈمنى سىيلاپ تۇرۇپ،كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ،ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ يىغلامسىرىغان ھالدا توختىماستىن   سورىغان سوئاللىرى ،كۆز ياشلىرىمنىڭ كەلكۈندەك ئېقىشىغا سەۋەب بولدى.ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ھۆركىرەپ يىغلىدىم،قىزىممۇ مەن بىلەن قوشۇلۇپ تەڭ يىغلاشقا باشلىدى.  بېشىمغا ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئازاپلىق ، ئەڭ چىدىغۇسىز ئاتا - ئانىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر كۈنلەر كەلگەندىمۇ بۈگۈنكىدەك ئازاپلىنىپ ، بۈگۈنكىدەك ياش تۆكۈپ ، بۈگۈنكىدەك غېرىپسىنىپ باقمىغان ئىدىم.
بەلكىم بۇ كۈنلەرگە قېلىشىمنى مەرھۇم قەدىردانلىرىم ئاتا –ئانام  ھايات چېغىدا  تەسەۋۇرمۇ  قىلىپ باقمىغان ،بىر قېرىندا ياتقان، بىر قورساقتىن  چۈشكەن ، جان –جىگەر قان- قېرىنداشلىرىمنى ئاكام بىلەن  ئاچامنى   بالىلارنىڭ كىچىكى بولغان  مىنى ئاسراپ ، مېھرىنى بېرىپ ،ئۆزىنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرماي ئاتا –ئانا ئورنىدا كۆيۈنۈپ  ئۆتىدۇ دېگەن  شىرىن  ئارزۇ  ئۈمىدلەر بىلەن خاتىرجەم كۆز يۇمغان بولغىيدى ...
   ئاتا –ئانام ھايات ۋاقتىدا مېنى بالىلارنىڭ كىچىكى دەپ شۇنداق ئارزۇلاپ –ئامانلاپ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان ،مېنىڭ بەختىمنى كۆرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى قىلغان ئىدى،
ئەپسۇس، تەغدىرىم بۇنداق بولمىدى . ئاتا- ئانام،سۆيۈملۈك  قەدىردانلىرىم كۆز يۇمۇپ،يۈرەك –باغرىم ئېزىلىپ ،بىر كۆزۈم قان ،بىر كۆزۈم ياش ھالدا تۇرغاندا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن، تاغدەك ئىشەنگەن ،‹‹بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمىز ›› دەپ ۋەدىلەشكەن يولدۇشۇم ماشىنىغا ئىككى قىزنى چىقىرىپ ،بىر ئاغىينىسى بىلەن تاققا ئوينىغىلى مېڭىپ،ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئوماق قىزىمىزنى ماڭا قالدۇرۇپ ،ھادىسىگە يولۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى. بۇ دەرتنى كۆتۈرەلمەي ئاران تۇرغاندا، قېيىن ئاتام بىلەن قېيىن ئانام ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى مەندىن كۆرۈپ، مېنى‹‹ شۇم پىشانە....››دەپ ھاقارەتلىگىنىچە ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.(ئۇغۇ  چوڭلار يولدۇشۇمغا ئېلىپ بەرگەن ئۆي ئىدى).كەينى –كەينىدىن كەلگەن كېلىشمەسلىكلەردىن  ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ ،ئېلىشىپ قالاي دېگەندە دوستلۇرۇم، قېرىنداشلىرىمنىڭ تەسەللىليلىرى بىلەن  خېلى ئەسلىمگە كېلىۋالغان ،جاپا –مۇشەققەتلەر ئىچىدە قىزىمنىمۇ ئون ياشقا كىرگۈزگەن ئىدىم.
  ئەمدى بىر ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ ،تۇرمۇشقا كۈلۈپ باققىنىمدا مىنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرغان ،رەھمەتلىك دادام  كۆزلىرى ياشلانغان ھالدا  كېسەل كارىۋىتىدا كۆز يۇمۇش ئالدىدا قوللىرىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ، مىنىڭ كىيىنلىكىمگە ئىگە بۇلۇپ ، ئۆزلىرى  باردىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، كۆزۈمدىن ياش چىقارماسلىقنى ، كۆڭلۈمنى ئاغىرىتماسلىقىنى ، غېرىپسۇندۇرۇپ قويماسلىقىنى، ئاتا –ئانا ئورنىدا ماڭا ئىگە بولۇشنى  ئۆتۈنۈپ، مىنى تاپشۇرغان ئاكام بىلەن ئاچام ئەلپازىنى بۇزغان ھالدا ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆينى بىكارلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمنى ئېيتىپ تەرەپ –تەرەپتىن بېسىم ئىشلەتتى.
   ئەسلى بۇ ئۆي ئاتا –ئانام ھايات ۋاقتىدا ئىدارىدىن دادامغا بەرگەن، ئۆي ئىسلاھاتىغا قاتناشتۇرۇلغان  ئۆي  بولۇپ، دادامنىڭ:
-قىزىم، سىز كىچىكلا تۇرمۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدىڭىز،تىجارەتنىڭ ئېپىنى بىلىۋېلىپ  ،خېلى راۋاج تېپىپ قالدىڭىز.قىز بالا دېگەن تالانىڭ ئادىمى،كېيىن توي قىلىپ قالسىڭىز،تەسادىپى يولدۇشىڭىز بىۋاپا چىقىپ قالسا،بۇ ئۆي سىزگە ئەسقاتىدۇ،-دەپ  بەكراق تەۋسىيە قىلىشى بىلەن دادام –ئاناملار ئۆيگە تۆلىگەن پۇلنىڭ يېرىمىنى ، ئۆزۈم تىجارەت قىلىپ يىغقان پۇلنى بىرنەچچە قوشنىلىرىمىز،ئاكام ۋە ئاچامنىڭ گۇۋاھلىقىدا  ئۇلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تۆلىگەن ئىدىم.
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ  تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇمايلا  كىيىم –كېچەك ساتىدىغان بىر دۇكاندا  ئىككى يىل ئىشلەپ كۆزۈمنى پىشۇرىۋالغاندىن كېيىن ،ئۆيدىكىلەرنىڭ ۋە ئۇرۇق –تۇققانلارنىڭ ياردىمى بىلەن كىچىكرەك دۇكاندىن بىرنى ئاچتىم،كېيىن تىجارەت دائىرەمنى كېڭەيتىپ  شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات جايىدىن دۇكاندىن بىرنى ئېلىپ  ،كىيىم –كېچەكلەرنى توپ تارقىتىشقا باشلىدىم،كېيىن تىجارىتىم بارغانسېرى يۈرىشىپ،سودا دائىرەممۇ كېڭەيدى.ئاكام ،ئاچاملار توي قىلغاندىمۇ ئۇلارغا ئۆز يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ ياردەم قىلغان ئىدى،
  دادام –ئاناملار ئاكام بىلەن ئاچام توي قىلىپ  ئۆي ئالغاندىمۇ ،ئۇلارغا ئۆيگە تۆلەيدىغان پۇللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى بەرگەن ئىدى،ئەلۋەتتە مەنمۇ قاراپ تۇرمىغان ئىدىم.   ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن دادام ئاكام ،ئاچام ،ئۈچىمىزنى دەرقەمدە تۇرغۇزۇپ :
  -بالىلىرىم،ئاناڭلار رەھمىتى ھايات ۋاقتىدا بۇ ئۆينى سىڭلىڭلارنىڭ پۇل تۆلەپ سېتىۋالغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بار،ئىككىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا تەۋە ئۆيى بار،كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ئۆينىڭ نامىنى سىڭلىڭلارنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىپ بېرەي،مەن ئۆلۈپ كەتكەندە بۇ ئۆي سىڭلىڭلارغا تەۋە بولىدۇ ،-دەپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ،ئۆينىڭ نامىنى مېنىڭ نامىمغا ئۆزگەرتىپ بەرگەن ئىدى.مەن توي قىلىپ  ئىككى يىلدىن كېيىن دادام تۈگەپ كەتتى.دادام رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ئىجارىگە قويىۋەتكەن ئىدۇق.يولدۇشۇم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئۆيدە ئۆزۈم ئولتۇرۇۋاتاتتىم.
  ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە  بىر قورساق قېرىنداشلىرىم مۇشۇ ئۆينى دەپ ، مەندىن ئاكا -سىڭىللىق مۇناسىۋەتنى ئۈزدى .
   -    بۇنىڭدىن كىيىن سەندەك سىڭلىمىز يوق ، بۇ ئۆينى  بىر ھەپتىدىن قالدۇرماي بىكارلا،ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرامسەن،نەگە كەتسەڭ كەت ،-دەپ دىلىمنى رەنجىتتى. مىنى بوزەك قىلدى . زار- زار يىغلاتتى .ئاچام بولسا  چاچلىرىمنى يۇڭداپ  ،ئاكام بولسا  مۇشتلىرىنى تۈگۈپ مىنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئالدىمغا يۈگۈردى.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەن بۇ ئۆينى ئاتا –ئانامنى ئالداپ ئېلىۋانمىشمەن،ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئاتا –ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ گەپ قىلالماپتىمىش،مەن بەك ئىنساپسىزمىشمەن،پۈتۈن بىر ئۆينى بېسىپ يېتىۋاپتىمەن. ئۆز ۋاقتىدا ئۆي ئەرزان ،ھازىر  ئۆي قىممەتلىگەچكە ئۇلار بۇ ئۆينى سېتىپ بۆلىشەرمىش،ئۆيگە تۆلىگەن پۇللارنى  ئىجارىگە بېرىپ ،ئاللىقاچان تىرىلدۈرىۋاپتىمىشمەن. ئەمدى بۇ ئۆيدە مېنىڭ ھەققىم يوقمىش.بۇ ئۆينى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىم كېرەكمىش.
ئۆز –ئۆزۈمگە نەچچە رەت ‹‹توۋا ››دېدىم.بىر تۇققان قېرىنداشلارنىڭ قىلغان قىلىقلىرىغا.ئەسلى بىز شۇنداق ئىناق ئۆتكەن قېرىنداشلار ئىدۇق،ئۇلارنى مۇشۇنداق قىلىشقا،بىر قورساق سىڭلىسى بولغان مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ،ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا سەۋەبچى بولغان زادى نېمىدۇر؟
  توغرا،ئۇلارنىڭ ئەقىلنى كور قىلىپ قويغان نەرسە دەل پۇل ئىدى،پۇل ئۇلارنىڭ نەپسىنى يوغىنىتىۋەتكەن،قېرىنداشلىق مېھر –مۇھاببىتىنى يىراقلارغا چۆرىۋەتكەن ئىدى.
ئۆزەم پۇل ساناپ ئاتا-  ئانامنىڭ قولىدىن قانۇنلۇق ھەم قېرىنداشلىرىمنىڭ رازىلىقى بىلەن سېتىۋالغان ئۆيۈمدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىش  ئالدىدا تۇراتتىم.  ئۆزەم جاپا –مۇشەققەتلەر ئىچىدە   ئەقىل- پاراسىتىمگە تاينىپ تاپقان ھالال پۇلغا سېتىۋالغان ئۆيۈمگە ئىگە بۇلالمايۋاتاتتىم .
  ھالسىز تېنىمنى سۆرەپ قىزىمغا تاماقخانىدىن تاماق ئېلىپ بەردىم،ئۆزۈم ھېچنەرسە يېمىدىم.گېلىمدىن بىرنەرسە ئۆتىدىغاندەك ئەمەس،ئىچ –ئىچىمدىن يىغا قايناپ تۇرىدۇ. كەچتە دۇكانغا قويۇلغان تارغىنە كارۋاتتا قىزىم بىلەن ئىككىمىز قىستىلىشىپ ياتتۇق،قىزىمنىڭ:
    -ئاپا،نېمىشقا ئۆيىمىزدە ياتمايمىز...؟-دېگەن سوئاللىرى ئۆپكەمنى تېخىمۇ ئۆرۈلدۈردى.
ئاتا –ئانامنىڭ تۇپراق بېشىدا نىدا قىلماقتىمەن. دادا، ئاپا ... ! مىنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىمنى  روھىڭلار كۆرىۋاتىدىغاندۇ...!؟  سىلەرنى  شۇنداق بەك سېغىنىپ كەتتىم .  بۇرنۇمغا پۇراپ كەتتىڭلار...!  كۆزۈمگە سۈرتىۋالغۇدەك ، تىنىقىم توختاپ قالغۇچە ھىدلىۋالغۇدەك بۇلۇپ كەتتىم .بۇ جاھان شۇنداق ۋاپاسىز ئىكەن،سىلەر ئىشىنىپ مېنى تاپشۇرغان،‹‹تۇمشۇقلۇققا چوقۇتماي،قاناتلىققا قاقتۇرماي ،بىزنىڭ يوقلىقىمىزنى چاندۇرماي ،مېھرىنى بېرىدۇ...››دەپ ئىشەنگەن، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا ماڭا ئاتا- ئانا بولغۇچىلار مىنى خارلىدى .دادا،ئانا ..... ئارزۇلۇق ئەركە قىزىڭلار ، كۆز قارىچۇقۇڭلار ، يۈرەك پارەڭلارنىڭ  ئۆزەڭلار  ئىشىنىپ تاپشۇرغان بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ  بوزەك قىلىشىدىن ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى كۆرگەندە  ،روھىڭلار قانچىلىك قورۇنۇپ كەتكەندۇ ؟
  تۈۋرۈكۈم ئىدىڭىز  ئاتا... مانا  ئەمدى يۆلىنەي دىسەم سىز يوق بولغاچقا كەينىمگە يىقىلىپ كەتتىم .بۆشۈكۈم ئىدىڭىز ئانا،بۆلىنەي دېسەم سىز يوق،داق يەردە قالدىم...
   سىلەر  ھايات بولغان بولساڭلار ئۇلار مېنى بۇنداق بوزەك قىلالماستى، بۇنچە كۈلپەتلەرنى تارتماستتىم.دادا،ئانا...سىلەرنى بەك سېغىندىم ....! ھاياتمۇ شۇنچە مەنىسىز تۇيىلىۋاتىدۇ ماڭا. مەن چىدىيالمىدىم ...پەقەت چىدىمىدىم...!
   ئى ياراتقۇچى ئىگەم...ئۆتىنەي...شۇ قەدىردانلىرىمنى،مېھرىبان ئاتا –ئانامنى چۈشۈمدە بولسىمۇ كۆرىۋالاي... چۈشۈمدە بولسىمۇ مېھرىگە  قېنىۋالاي ...! قوللىرىنى كۆزۈمگە سۈرتىۋالاي .ئۇلارغا تارتقان ئازابلىرىمنى،قان- قېرىنداشلىرىمنىڭ بىۋاپالىقىنى ئېيتىۋالاي،  دەردىمنى تۆكۈۋالاي ...!
  دادا ،ئانا،سىلەردىن ئايرىلىش ئازابىدىن  چاك- چاك يېرىلغان يۈرىكىم  ،ئەمدى بىر ئەسلىگە كېلەي دېگەندە،بۇ دەرتلەر بىلەن تېخىمۇ زەرداپقا تۇلۇپ كەتتى .
    ئېھ ياراتقۇچى ئىگەم، سىزدىن  كېچە - كۈندۈز تىلەي ، مىنى بۇنداق سەرسان ، يىگانە قالدۇرماڭ...!  ماڭا  ماغدۇرغا كىلىۋالالغۇدەك كۈچ –قۇۋۋەت ئاتا قىلىڭ...! پۇل دەستىدىن ئەقلىي كۆزى كۆر بولۇپ  قالغان نائىنساپ قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلىڭ،ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ...!
   تۇپراق بېشىدا پۇخادىن چىققۇچە يىغلاپ ئىچ –باغرىمنى بوشىتىۋالدىم ۋە ھالسىز قەدەملار بىلەن ئۆيگە كەلدىم.دادام،ئانامنىڭ چوڭايتىپ  رامكىغا ئېلىنغان سۈرىتىگە قاراپ يەنە پىغانىم ئۆرلىدى. ئاستاغىنە ئۆز –ئۆزۈمگە خىتاب قىلدىم.
   ‹‹دادا،ئانا. مەندىن  خاتىرجەم بۇلۇڭلار . ماڭىمۇ ياراتقۇچى ئىگەم بىر كۈن ئېيتىدۇ . ئۇ ئىككى ۋاپاسىزلار ھازىر  مېنى بوزەك قىلىۋالغان بىلەن  ،ئۇلارنىڭمۇ جاجىسىنى بىرىدىغان ئىگىمىز بار .ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ بىر كۈنى.ماڭىمۇ بىر توغرا يول چىقىپ قالا››
   گەرچە ئۆز –ئۆزۈمگە شۇنداق تەسەللىي بېرىپ تۇرساممۇ،يۈرىكىم بەك سىقىلىپ كەتتى . قىيامەتلىك بىر قورساق جان –جىگەر  قېرىنداشلىرىمدىن كېلىۋاتقان بۇ ئەلەمنى ، ۋاپاسىزلىقنى،قارا نىيىتىنى  ، تويماس نەپسىنى قوبۇل قىلالمىدىم. مەندەك بىر ئاجىزەنىڭ ھەققىگە كۆز قىزارتمىسىمۇ، ئۇلارنىڭمۇ مال –دۇنيالىرى،تاپقان –تەرگەنلىرى ئۆزىگە يېتىپ ئاشاتتىغۇ؟
   شۇ تاپتا بېشىم بىر خىل گاراڭ ھالەتتە.ھالىمنى كىمگە ئېيتىشنى،دەردىمنى كىمگە تۆكۈشنى بىلمىدىم.‹‹پالاناخۇننىڭ بالىلىرى مىراس تالىشىپ سوتلىشىۋېتىپتۇ.پۇستاناخۇننىڭ بالىلىرى ئۆي تالىشىپ بىر –بىرسىنى چېپىشىپتۇ...››دېگەن گەپلەرنى باشقىلاردىن ئاڭلىغاندا  ياكى تېلىۋېزوردىن  كۆرگەندە ‹‹توۋا››دەيتتىم ۋە ئۇلاردىن ئىچ –ئىچىمدىن نەپرەتلىنىپ كېتەتتى،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ كۈنلەرنىڭ ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كېلىپ قېلىشى ئۇخلىسام  چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى.
   قانۇن ئورۇنلىرىغا باراي   دىسەم مەھەللە كوي ئالدىدا ،‹‹ئاتا- ئانىسىدىن كىيىن قېلىپ ،ئۆي تالىشىپ  سوتقا چۈشۈپتۇ››دېگەن سۆز –چۆچەككە قالغۇم، مەرھۇم ئاتا- ئانىمىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يۇرت- مەھەللە ئالدىدىكى   ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇم يوق،گەپ قىلماي دېسەم ئۇ ئىنساپسىزلارنىڭ قاراپ تۇرۇپ مېنى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى بەك ئېغىر كەلدى.
  دادام –ئانامنىڭ سۆرىتىگە قاراپ ھەسرەت ياشلىرىمنى تۆكۈپ اللاھقا ئىلتىجا قىلماقتىمەن.
  -ئېھ ئاللا...!بىر قورساق قېرىنداشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن كۆتۈرۋەتمىگەيسىز،ئۇلارنىڭ دىلىنى يورۇق قىلغايسىز،پۇل ئالدىدا نەپسىنى قۇل قىلىپ قويمىغايسىز...!
   -ئاكا،ئاچا،سىلەر مېنىڭ بىر ئەمچەكنى تەڭ تالىشىپ ئەمگەن،بىر قېرىندىن چۈشكەن ،بىر قورساق،جان –جىگەر قېرىنداشلىرىم ،ئۇنداق نائىنساپلىق قىلماڭلار،كېيىنلىكتە يەنە بىر –بىرىمىزگە ئەسقېتىپ قالىمىز،پۇل ،مال –دۇنيا باقىي –بەخشەندە ئەمەس بىزگە.قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى ئەستىن چىقىرىپ قويماڭلار،سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا  ئاللاھتىن ئىنساپ تىلەيمەن،-دېدىم ئاستاغىنە ئۆز –ئۆزۈمگە.



مەنبە: ئۆز قەلىمىم

تېمىنى مەن بىلەن باغلاپ چۈشەنمىگەيسىلەر....
uyghuray

3

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 790
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6504
توردىكى ۋاقتى: 1115
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 17:36:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف ف ف ف ف ف ف ف ف ...
ما گەپنى ئەمدى ،
ئاران بى مۇڭلىنىپ ئوقۇپ بۇلۇپ ، سىزگە تەسەللى بىرەي دەپ ئويلاپ تۇرسام .. . .

دەرۋەقە راسىت ، ئارىمىزدا بۇنداق ئادەملەرمۇ يوق ئەمەس .
دىللىرى قارىداپ ، زەي بېسىپ كەتكەن كىشىلەرنى قىلمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ ،
لىكىن ئارىمىزدا ياخشى ئادەملەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ .

خوجە

0

تېما

12

دوست

6176

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1795
توردىكى ۋاقتى: 494
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 20:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيگە پۇل تۆلىگەندە  گۇۋاچىلاردىن  قوشنىلاردىن بىر نەچچىسى بار دەۋاتىتىڭز ،  ئۇلار ھاياتمۇ يە؟

0

تېما

1

دوست

899

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24718
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 20:57:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
… ئارىمىزدا بۇنداق ئىشلانى يۇق دىگىلى بولمايدۇ … ئاللاھ ھەممىمىزنى تۇيماس نەفىستىن ساقلىسۇن……قەلبىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن
uyghuray

11

تېما

3

دوست

2385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 21:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ghojia يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 20:54
ئۇيگە پۇل تۆلىگەندە  گۇۋاچىلاردىن  قوشنىلاردىن بىر نەچ ...

گۇۋاھچى ۋە باشقا ئىسپاتلارمۇ بار،بىراق ‹‹مەن››سوتلىشىشنى خالىمايدىكەن....

4

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2866
توردىكى ۋاقتى: 656
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 22:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق توقۇلما تېمىلارنى باغداشتىن يوقاتقان تۈزۈك .

0

تېما

2

دوست

5075

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1542
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 22:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ باياشاتچىلىق كۇنلەردە ئىنسانلار نىمانداق ئاچكوز  بولۇپ كەتتۇق ھە .ماددى جەھەتىن تۇيۇنغاندەك قىلغان بىلەن روھى جەھەتىن  تېخمۇ ئاچكوز رەزىلىشىپ كىتىپتۇق .بۇ ئىللەتلەر بىزگە قاچانلاردىن سىڭىپ قالدى ھە .بىز تىللاۋاتقا ئەشۇ زامانلاردا  كەمبەغەل نامىراتلارمۇ ،بايلارمۇ بىربىرگە ھەمدەم بولۇپ بىر بىرنى يولشىپ شۇناق ياشاپتىكەن قېرىداشلارغۇ جەمەت مۇلكىنى بولمەي بىر نەەچە ئەۋلات بىر قۇرۇغا سىغىشىپتىكەن .
ھەي ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى بۇ قېرنداشلارغا قاراپ
پۇل مالغۇ ھەممە ئادەمگە بەك تاتلىق لىكىن  سىزنىڭ ئىقسادىڭىز ياخشى بولسا ئۇلارغا يول قويسىڭىز بوپتىكەن  ئازىراقلا ئۇمۇت بولسا قېرنداشلار بەك ئاچكوزلىشىپ كەتمەڭلار بىر بىرىڭلارغا يول قۇيۇڭلار .پۇل مال دۇنيا دىگەن گورگە ئەكىرىپ كەتكىلى بولماۇيدۇ بەربىر ھەممە ئادەم 3ۋاق تاماق يەيدىغۇ

11

تېما

3

دوست

2385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 22:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begir يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 22:08
بۇنداق توقۇلما تېمىلارنى باغداشتىن يوقاتقان تۈزۈك .

سىزگە توقۇلما دېدىما بىركىم....؟


باغداش قانداق تېمىلارنى يوقۇتۇشنى بىلىدۇ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )