قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 15156|ئىنكاس: 19

تاشپۇلات: زور قۇياش دېغى يەر شارىغا خەۋپ ئەكەلمەكتە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 10:34:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 10:34  

زور قۇياش دېغى يەر شارىغا خەۋپ ئەكەلمەكتە

تاشپۇلات روزى

مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى قۇياش يۈزىدە ناھايىتى زور بولغان بىر توپ قۇياش دېغى پەيدا بولغانلىقى ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ مۇشۇ بىرنەچچە ئايدىن بېرى  بۇ قۇياش دېغىنىڭ زور كېڭىيىۋاتقانلىقى دوكلات قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا بۇ زور قۇياش دېغى بىزنىڭ يەرشارىمىزغا توغرىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنۇڭدىن زور قۇياش شامىلى پەيدا بولۇش مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ.

sunspot.jpg

10-ئاينىڭ 17-كۈنى ناسانىڭ قۇياش تەتقىقاتچىلىرى قۇياشنىڭ شەرقى نۇقتا يۈزىدە AR 2192 دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساھەدە زور قۇياش دېغى بارلىقىنى دەلىللىدى. قۇياشنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ بىر توپ قۇياش دېغى بىر نەچچە كۈنى ئىچىدە ئۆز ھالىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنۇڭ چوڭلۇقى (دىئامېتىرى )140،000 كىلومېتىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.  يەنە ئۇنۇڭ چوڭلۇقى يۇپىتېر بىلەن ئوخشايدىكەن. بۇ بىر توپ قۇياش دېغى 2008-يىلىدىن بېرىقى قۇياش دەۋرىلىگىدە تەكشۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ داغ ئىكەن. بۇ قۇياش دېغىنى كۆزىڭىزگە دەخىل قىلمايدىغان سۈزگۈچ بېكىتىپ قۇياشنى  كۆزەتسىڭىزمۇ كۆرەلەيدىغان ھالەتتە ئىكەن.  

Sunspot-group.jpg

ناسانىڭ (SDO) دەيدىغان قۇياش تەكشۈرگۈچى سۈننىي ھەمراھى، بۇ زور قۇياش دېغىنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە  قۇياش يۈزىدە كىچىك (Sun Flare) پارتلاشتىن 27 قېتىم، ئوتتۇراھال پارتلاشتىن 8 قېتىم، زور پارتلاشتىن 2 قېتىم بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. بۇ پارتلاشلاردىن ھازىرغىچە زور قۇياش شامىلى پەيدا بولمىغان بولسىمۇ بىراق بۇندىن كېيىن قۇياش يۈزىدە زور پارتلاش يۈز بەرسە، كارونا (Corona) گازى دەپ  ئاتىلىدىغان يەنى  ئېلېكترون زەرىجىلەردىن تەشكىللىگەن زور بۇلۇت يەر شارىغا  قاراپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.  ئەگەر بۇ بۇلۇت يەرشارىغا يېتىپ كەلسە، يەر شارىدا ماگنىتلىق گاز شامىلى پەيدا بولۇپ، ئۇ ئالاقە سىستېمىلىرىنى ۋە توك يوللاش يوللىرىنى ۋەيران قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

Coronal.gif

قۇياش يۈزىدىكى پارتلاشلاردا پەيدا بولىدىغان كارونا (Corona) ھادىسىسى مېنىڭ ھازىرقى تەتقىقات تېمامدىن ئىبارەت.  كارونا ھادىسىسى دېگىنىمىز قۇياش يۈزىدىكى پارتلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇنۇڭ تەركىبى پلازما (Plasma) دىن تەركىب تاپقان.  ئادەتتە قۇياش يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 6000 سېلسىيە بولىدۇ. بىراق بۇ كارونا ھادىسىدە تېمپېراتۇرا بىر مىليون سېلسىيىگىچە كۆتۈرۈلىدۇ. كارونا ھادىسىسى يېڭى يۈز بەرگەندە قۇياش يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئارىلىققىچە تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش بولماي، 500 كىلومېتىردىن كېيىن ئۇنۇڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ، 2000 كىلومېتىرغا بارغاندا تېمپېراتۇرىسى  تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ، 10،000 سېلسىيىدىن بىر مىليونغا كۆتۈرۈلىدۇ.  ئەسلى تېمپېراتۇرا ئاجىزلاپ مېڭىش كېرەك بولغان بۇ ھادىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز ئاشۇنداق زور تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىشى ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. تېخىچە بۇنداق ئادىسىنى  تولۇق چۈشەندۈرىدىغان بىر تەتقىقات ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.  بىراق شىۋىسيە فىزىكا ئالىمى Hannes Alfven بۇ ھادىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمۇلىسىنى بېرىپ ۋە ئۇ ئۈستىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن 1970-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ.

solar-flare.jpg

بۇ تەتقىقاتىم توغرىلىق مەن ھازىر يېزىۋاتقان “ئانا دىيار تەسىراتلىرى” نىڭ ئامېرىكا قىسمىدا تەپسىلىي توختىلىمەن.  مەن بۇ تەتقىقاتنى 2010-يىلى ياپونىيەلىك فىزىكا ئالىمى بىلەن بىرگە تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. شۇ يىلى ياپونىيەلىك پروفېسسور مېنى ئوز ئۇنىۋېرسىتېت تەكلىپ قىلىدۇ، مەن ئۇ يەردە 13 كۈنى بۇ تېما توغرىلىق ئۇنۇڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ يۇقىرىدىكى ھادىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ماتېماتىكىلىق يەشكەن ئىدۇق.  بۇ ناھايىتى چوڭ ھەم مۇرەككەپ تېما بولغاچقا تەتقىقات ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. كېلەر ئاي بۇ ياپونلۇق پروفېسسور مەكتىپىمىزگە كېلىپ، بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى مەن بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ مۇنازىرە قىلىدۇ ۋە مەكتىپىمىزدە دوكلات بېرىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە دۇنياغا داڭلىق Stanford ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ دوكلات بېرىدۇ. ئۇ دوكلاتلار توغرىسىدا ۋاقتى كەلگەندە بۇ يەرگە خەۋەر شەكلىدە يېزىپ قويىمەن.

تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

http://www.forbes.com/sites/eric ... at-earth-right-now/


17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 10:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 11:07  

   كارونا ھادىسىسى يېڭى يۈز بەرگەندە قۇياش يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئارىلىققىچە تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش بولماي، 500 كىلومېتىردىن كېيىن ئۇنۇڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ، 2000 كىلومېتىرغا بارغاندا تېمپېراتۇرىسى  تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ، 10،000 سېلسىيىدىن بىر مىليونغا كۆتۈرۈلىدۇ.  ئەسلى تېمپېراتۇرا ئاجىزلاپ مېڭىش كېرەك بولغان بۇ ھادىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز ئاشۇنداق زور تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىشى ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
  راسىتلا غەلىتە ھادىسىكەن تاشپۇلات ئاكا، مەن ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسىنىڭ بىرىلىدىغان ھاۋا بىسىمىنى 30ھەسسە تۈۋەنلىتىپ ئۇچىدىن چىققان ئىسسىق ھاۋا ئارقىلىق 800 گىرادوسلۇق تىمپىراتورىدا ئىشلەيدىغان ئوت كەپشەر ئورنىدا پايدىلىناي دىسەم يىقىن بولسا مىتاللارنى كۆيدۈرۋىتىدۇ، يىراق بولسا ياخشى قىزىتالمايۋاتىدۇ، ھازىرقى تۈرۈمنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ئىندوكسىونلۇق تۇڭلاتقۇ نەيچىسى ئۇلىغۇچنى ياساپ ئىشلىتەرمەن دەپ ئويلاپ تۇرىمەن...
    بۇ نەرسىدە ئەسلى 7-8 مىڭ گىرادوسلۇق يۇقىرى تىمپىراتورىلىق ھاۋا ئىقىمى ھاسىل قىلىپ شۇنىڭ بىلەن مىتاللارنى كۆيدۈرۈپ كىسىشتە ئىشلىتىدۇ. مەن ھاۋا ئىقىمى بىلەن توك ئىقىمىنى بىر ۋاقىتتا تۈۋەنلىتىپ ئىشلەتسەممۇ يەنىلا كىسىش بىشى ئېرىپ كىتىۋاتىدۇ، بۇنداق بۇلىشىدا يۇقىرى بىسىم ۋاقتىدىكى ھاۋانىڭ زىچلىقىمۇ نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى، ئۇچقۇن ئارسىدىن ئۈتكىچە بولغان ئارلىقتا ئىچكى ئۇچقۇنلىتىش مىتالىنى سۇۋۇتىشى يىتەرلىك بۇلىدۇ، ئەمما ھاۋا بىسىمى تۈۋەنلىگەندە بولسا ھاۋا زىچلىقىمۇ تۈۋەنلەيدىغان بولغاچ سۇۋۇتۇش ئۈنىمىمۇ تۈۋەنلەپ كىتىدۇ. قارىغاندا 气焊 ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن شۇ باشنى مەخسوس ئىشلەيدىغان قىلىپ كۆپ تۈشۈكلۈك ھەم يۇقىرسىدىكى قىسمىدا سۇۋۇتقۇچ بار قىلىپ ئۆزگەرتىپ لاھىيلىسە بولغۇدەك. قىزىققانلار ۋاقتى بولسا سىناق قىلىپ باقسا بىر يەردىن چىقار...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇشۇنداق يېڭىچە ئالەم تەتقىقاتىنى بىزبىلەن داۋاملىق ئۇچراشتۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13392
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 12:18  

كارونا ھادىسىسى يېڭى يۈز بەرگەندە قۇياش يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئارىلىققىچە تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش بولماي، 500 كىلومېتىردىن كېيىن ئۇنۇڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ، 2000 كىلومېتىرغا بارغاندا تېمپېراتۇرىسى  تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ، 10،000 سېلسىيىدىن بىر مىليونغا كۆتۈرۈلىدۇ.  ئەسلى تېمپېراتۇرا ئاجىزلاپ مېڭىش كېرەك بولغان بۇ ھادىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز ئاشۇنداق زور تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىشى ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. تېخىچە بۇنداق ئادىسىنى  تولۇق چۈشەندۈرىدىغان بىر تەتقىقات ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.
_______________

يۇقۇرقى ھادىسە ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدىكەن.Corona دىگەن بۇ گەپ لاتىنچە خان تاجىسى دىگەن مەنىدىكەن.ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمگە قارىغاندىمۇ شۇنداقراق.
تەتقىقاتىڭىزلارگە مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن.







——————————————————

Hannes Alfven_百度百科

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:17:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 11:20  
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 11:10
كارونا ھادىسىسى يېڭى يۈز بەرگەندە قۇياش يۈزىدىن 500 كىل ...

بەلكىم ئۇ قىزىقلىق نۇر ھالىتىدە تارقالغاچقا قۇياش يۈزىدىكى يىقىن جايلاردا ئىسسىقلىق تەسىرىدىن ماددىلارنىڭ زىچلىقى يۇقىرى، يىراقتا شۇ نۇرنى سۈمۈرەلەيدىغان ماددىلار قۇيۇق بولسا شۇنداق يىراقلىغانچە تىمپىراتورىسى يۇقىرلاپ مىڭىشى مومكىن قاسىم ئاكا. مۇشۇنىڭ تەسىرىگە ئازراق ئۇچرايلى دىسەك بەلكىم ئۆيلەرگە تۈمۈر قاپلىساق ياخشى بۇلار، زىيانلىق نۇرنى تۇسۇشقا قۇغوشۇن قاپلايمەن دىسە قۇغوشۇن بەك قىممەت، ئەمما تۈمۈرنى 1.5 يۈەنگىچە ئالغىلى بۇلىدۇ...

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13392
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 11:17
ەلكىم ئۇ قىزىقلىق نۇر ھالىتىدە تارقالغاچقا قۇياش يۈز ...

مىنىڭ خىيالمىغىمۇھە دىگەندىلا زىچلىق كەلگەن.يەنە بىر ئېھتىماللىق بۇ جەرياندا زەررىچىلەرنىڭ ئۇز ئارا سوقۇلىشى ۋە يىمىرىلىشى.

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4336
توردىكى ۋاقتى: 1724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:24:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 11:45  
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 11:19
مىنىڭ خىيالمىغىمۇھە دىگەندىلا زىچلىق كەلگەن.يەنە بىر ...

يا بولمىسا ئۇنچە يۇقىرى ھارارەتتە نۇر ھالىتىدە نۇردىن ھەسسىلەپ يۇقىرى تىزلىكتە تارقىلىدىغان بىرەر خىل ئىنىرگىيە قۇياش يۈزىدىن تارقىلىۋاتقان نۇرلارغا پۇتلىشىپ كىتىپ سۇقۇلۇشتىن تىمپىراتورا ئىشىپ كىتەرمىكىن؟!...
  ئۇنداق بولغاندا يىقىن يەر تىخىمۇ قىزىپ كەتسە بۇلاتتى...
   ھەي... بۇنىڭغا باش قاتتۇرماي تۇراي، ‹‹قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن›› دەيدىغان گەپ بار، مەن ئۆزەمگە چۇشلۇقىنى قىلاي...

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13392
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 12:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

11 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان غايەت زور قۇياش دېغى پەيدا بولدى

بۈگۈن نۇرغۇنلىغان تورداشلار قۇياش يۈزىدە قارا داغ كۆرگەنلىكى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشتى، بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيىنىڭ باشلىقى بۇنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ دەل قۇياش دېغى، شۇنداقلا كۆپچىلىككە كۆز بىلەن بىۋاستە كۆزىتىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
11يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قۇياش دېغى پەيدا بولدى، خېفېي شەھەر ئاھالىلىرى ئەتىگەن ۋە كەچ كۆز بىلەن كۆردى.
يېقىنقى بىر قانچە كۈندە، قۇياش قارا دېغى «ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى»، بىر غايەت زور قۇياش دېغى توپى قۇياش يۈزىدە پەيدا بولدى. تۈنۈگۈن، تۈنۈگۈن بازار يۇلتۇزى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەنۋىي ئۆلكىسىنىڭ ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى جەمئىيىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇرۇن، خېفېي رايوندىكىلەرنىڭ ھەممىسى قۇياش يۈزىدىكى «چوڭ قارا داغ» نى كۆرگەن، نۆۋەتتە، ئۇ يەرشارىنىڭ 52 ھەسسىسىچىلىك چوڭلۇقتا ئىكەن.
تۈنۈگۈن ئەتتىگەن، قۇياش ئەمدىلا شەرقتىن كۆتۈرۈلگەندە، قۇياشنىڭ سول تەرەپ تۆۋىنىدە ئىنتايىن روشەن قارا داغ كۆرۈلدى، بۇ دەل قۇياشنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى قارا داغ توپى. چۈش بولغاندا، مۇخبىر ئاسترونومىيە دۇربۇنى بىلەن كۆزەتكەن، بارلىق قارا داغ توپى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. ئەنۋىي ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى جەمئىيىتى خادىمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ قارا داغنىڭ نومۇرى  AR2192، نۆۋەتتىكى دائىرىسى يەرشارى دائىرىسىنىڭ 52 ھەسسىچىلىك چىقىدىكەن.
قۇياش قارا دېغى ئەمەلىيەتتە بىر غايەت زور چوغ قاينىمىدىن ئىبارەت ئىكەن، تېمپراتۇرىسى ئاساسەن 4600 سېلسىيە گىرادۇس ئىكەن. چۈنكى قۇياشنىڭ فوتوسفېرا قەۋىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن 1000دىن 2000 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولىدىكەن، شۇڭا قارىماققا چوڭقۇر تۇتۇق رەڭدىكى داغ ئىكەن. ھەر 11 يىلدا بىر قېتىملىق تەكرار پارتلاش ھەرىكىتىنى كۈتۈۋالىدىكەن.
ئەنۋىي ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى جەمئىيىتى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ، دائىرىسى يەر شارىنىڭ 30 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىغان زور قارا داغ توپى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇياشنىڭ سوتكىلىق ئايلىنىشىدىن قۇياشنىڭ يۈز قىسمىدا پەيدا بولغان، تەخمىنەن 28-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن كۆزىتىشكە مۇۋاپىق. قۇياش ئەمدىلا شەرىق ئۇپۇق سىزىقىدىن كۆتۈرۈلگەندە، ياكى غەرب ئۇپۇق سىزىقىغا پاتقاندا، قۇياش نۇرى بىر قەدەر ئىللىق ۋە كۆزنى چاقمايدىغان ۋاقىتتا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشىلار كۆزى بىلەن بىۋاستە كۆزەتسە بولىدۇ، قىزىققۇچىلار شارائىتى يار بەرسە كۆزۈتۈپ باقسا بولىدۇ.

http://www.nur.cn/news/2014/10/190646.shtml

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )