قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2531|ئىنكاس: 6

ئىسمائىل داموللام ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ جۇڭگدىكى تەرجىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 17:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan1001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 17:09  



ئىسمائىل داموللام ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى تەرجىمە نۇسخىسى ھەققىدە ئەسلەتمە

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر



      ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ جاھانغا داڭلىق ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»(تۆۋەندە «دىۋان»دېيىلىدۇ) 1981-، 1983- ۋە 1984-يىللىرى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تەييارلىق قىلىش ھەيئىتىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئابدۇرېشىت قارىم، ئابدۇسالام ئابباس قاتارلىق ئالىملارنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشر قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگودا بۇ كىتاب ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ ئۇلار نەشر قىلىنمىغان. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەرجىمىسىنى ئىسمائىل داموللام ئىشلىگەن بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ ھەقتە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆچۈرلار بولۇپ، بەزىلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق تەپسىلىيرەك ماتېرىيال بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يورۇقلۇققا چىقمىغان ئىدى. بۇ ماقالە ئاپتورى ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە ئېرىشىلگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، «دىۋان»نىڭ جۇڭگودا تۇنجى تەرجىمىسىنى قولغا ئالغان كىشى ۋە شۇ قېتىملىق تەرجىمىنىڭ جەريانى توغرىسىدا قىسقىچە توختالماقچى. زامانداشلار، بىلىدىغانلارنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشى ۋە تەكلىپ پىكىر بېرىشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.
ئىسمائىل داموللام(ئىسمائىل ئابابەكرى، 1902—1954)، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بەشكېرەم يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە تۇغۇلغان. 1909—1920-يىللىرى بەشكېرەمدىكى ئىپتىدائىي مەكتەپتە ۋە ئاتۇش مەشھەتتىكى سۇلتانەم مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان. 1920—1924-يىللىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە، ئالىم، داڭلىق مۇدەررىس ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قولىدا ئوقۇغان(يەنى ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان). تەخمىنەن 1924-يىللىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان. ئوقۇش تۈگەتكەندە ئابدۇقادىر داموللام ئۆز قولى بىلەن گۇۋاھنامە بەرگەن.
ئىسمائىل داموللا ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ چاغدا ئابدۇقادىر داموللام ئۇنىڭغا ئېگەر-جابدۇقلۇق بىر ئات، بىر تون، بىر تۈركۈم كىتاب تەقدىم قىلىپ، ئۇنى ئىلىم-مەرىپەتنى يىراقلارغا تارقىتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىتىپ ئىلىغا يولغا سالغان. ئىسمائىل ئاخۇن ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرى ئىچىدىكى دەڭ مەسچىتىگە ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەرگە خاتىپ ۋە ئىمام بولغان. كىشىلەر چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ"ئىسمائىل خاتىپ، ئىسمائىل ئىمام، ئىسمائىل قارىم" دەپ ئاتاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ موللىقى، ئەرەب، پارس تىلىنى پىششىق بىلىشى، تارىخ، ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، ئىلمى نۇجۇم، ئىلمى ھېكمەت، رىيازەت(ماتېماتىكا)، ئەبجەت، تېبابەتچىلىك ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەنلىكى، ھەدىسنى شەرھىلەش، قۇرئان تەپسىرى، فىقھى ئىلمىگە كامىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جامائەتچىلىك ئارىسىدا تېزلا كۆرۈنۈشكە باشلىغان، ئىناۋىتى يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ جامائەت تەرىپىدىن"داموللا" (داموللام)دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. كېيىنچە غۇلجىدىكى ئۇلىمالار، جۈملىدىن كەڭ جامائەتنىڭ تەلىپى بىلەن غۇلجا بەيتۇللا مەدرىسىدە مۇدەررىس بولغان. ئىسمائىل داموللام غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا، ئادەملىرىنىڭ ئوچۇق-يورۇق، مېھماندوست، ئىلىم-مەرىپەتكە، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئالىم-ئۇلىمالارنى ھۆرمەتلەيدىغان، بولۇپمۇ دىنغا، ئېتىقادقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان خاراكتېرىنى ياقتۇرۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشى قانائەتۇللا بەگنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، بالا-چاقىلىق بولغان. بۇ جەرياندا يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈۋالغان تېبابەتچىلىك بىلىمىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېبابەتچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئىسمائىل داموللامنىڭ دىنىي بىلىمى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، ئەمەلىي بىلىمى، ھۈنەر-تېخنىكىسىمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەچكە، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى ئابرۇيى داۋاملىق ئۆسكەن.
ئىسمائىل داموللىنىڭ شۆھرەت قازىنىشى بىر تۈركۈم مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىغان. ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى، كۈشەندىلەر بىلەن بولغان سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشى ئۇنىڭغا ئېغىر بېسىم بولغان. ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ئىسمائىل داموللا قارا كۈچلەرنىڭ كېچە-كۈندۈز دىققەت قىلىدىغان، ئايىماي زەربە بېرىدىغان، ئىز قالدۇرماي ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا توغرا كەلگەن. بۇ ۋەھىمىلىك ئۇچۇردىن ۋاقىپلانغان غۇلجىدىكى جامائەت ھەمدە قەشقەر، ئاتۇشلۇقلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، مەبلەغ توپلىغان. جۈملىدىن تەلئەت مۇسابايوپ بىر ئات، پۇل، كىيىم-كېچەك، يېمەكلىك قاتارلىقلارنى يوللۇق تۇتۇپ ئۇنى يوشۇرۇن ھالدا قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويغان. ئىسمائىل داموللام خوتۇن-بالىلىرىنى غۇلجىدا قويۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، بۇ يەردە بىر مەزگىل بېكىنىپ يۈرگەن. ئەمما غۇلجا شەھىرىدىكى جامائەت ۋە ئائىلىسىنى تولىمۇ سېغىنغان، "قارا كۈچلەر ئەمدى مېنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن" دېگەن ئوي بىلەن بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپ، 1939–يىلى غۇلجىغا قايتىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەردە يەنىلا تۇرۇپ قالالماي، يوشۇرۇن ھالدا خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ ئالتاي شەھىرىگە كەتكەن. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي خىزمەتلەر بىلەن بىر قاتاردا خاتىپلىق، ئىمامەتچىلىك، مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە مول بىلىمى بىلەن ئوخشاشلا جامائەتنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان. 1945-يىلى كۆكلەمدە ئىسمائىل داموللام ئۆزىنىڭ ياشلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن يەرنى سېغىنىپ، ئايالىنىڭ تۇغقانلىرىنى پاناھ تارتىپ، غۇلجىغا قايتماقچى بولغان. غۇلجىغا مېڭىپ دۆربىلجىن ناھىيىسىگە كەلگەندە، بۇنىڭدىن چۆچەكتىكى جامائەت خەۋەر تېپىپ، چۆچەك قەشقەر جامەسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئىمامى ياسىن قازىنىڭ ئورنىغا ئىمامەتچىلىك قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بارغان ھەمدە ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى چۆچەكتە ئېلىپ قالغان. بۇ خەلقچىل زات ئۇ يەردىمۇ جامائەت بىلەن تېزلا چىقىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چۆچەكنىڭ ئىناۋەتلىك جامائەت ئەربابىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا ئىسمائىل داموللام تارباغاتاي ۋىلايىتى دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1946-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆچەكتە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەنسۇر روزىباقىيوف(تەخەللۇسى:ۋەتەن ئوغلى)نىڭ قىزغىن قوللىشى، نەشر قىلدۇرۇپ يورۇقلۇققا چىقىرىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ، 1946-يىلى بۇ ئىشنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملىغان. تەكتى قەشقەرلىك ياسىن قارى دېگەن موللا ۋە خەتتات كىتابنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆچۈرۈپ چىققان؛ بۇ كىتاب قىزىل پەرەڭ بىلەن مۇقاۋىلىنىپ، شىلىم بىلەن پاتلىنىلغان، بۇ ئىشقا ئايالى زەينەپخان قانائەتۇللابەگ (1911—1989) ياردەملەشكەن.
ئەخمەتجان قاسىمى خىزمەت بىلەن چۆچەككە بارغىنىدا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ: "«دىۋان»نىڭ تەرجىمە قىلىنغانلىقى ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، ئاخىرىنى چوقۇم تۈگىتىۋېتىڭ، مۇمكىن بولسا باشقا ئەرەبچە بىلىدىغان ئۇلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى بىلەن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ياردەملەشتۈرۈش لازىم. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە چوقۇم نەشر قىلدۇرۇپ تارقىتىمىز" دېگەن، ھەمدە بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسمائىل داموللامنى قىزغىن تەبرىكلىگەن، ئىلمىي ئىشلىرىغا سەمىمىي ئىلھام، مەدەت بەرگەن.
1980-يىللىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ تەھرىرى، ئابلىمىت روزى(1922—2000) ئەپەندىنىڭ ئاغزىدىن پاراڭ ئارىلىقىدا ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا قىلغان دوكلاتىدا ئىسمائىل داموللامنىڭ «دىۋان»نى تەرجىمە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئالغان ئىدىم. ئۇ ئاشۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم 1955—1956-يىللىرى شۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھۇزۇرىدا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا بۇ تەرجىمە نۇسخىنى ۋاراقلاپ كۆرگەن ۋە ئوقۇپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ يىللاردا تەييارلانماقچى بولغان «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» ئۈچۈن يېزىلىدىغان ماتېرىيالىغا بۇ توغرىلىق مەلۇماتنى كىرگۈزگەن. بۇ ماقالىسى تولىمۇ كېچىكىپ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1981-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:"«تۈركىي تىللار دىۋانى»(دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك)كىتابى 1957-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شىنجاڭدا، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا تۇنجى بولۇپ ئىككى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.
بىرىنچى قېتىم، 1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چۆچەكلىك ئىسمائىل داموللام تەرىپىدىن «دىۋان»نىڭ 1-تومى تەرجىمە قىلىنغانىدى. تەرجىمە يېڭى بولۇشىغا قارىماي، «دىۋان»دا بېرىلگەن لۇغەتلەرنىڭ ئەرەبچە ئىزاھلىرى ۋە شەرھىسى، قەدىمىي تىللارنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىلىرى ئىمكانقەدەر تولۇق كۆرسىتىلگەن. لۇغەتلەرنى تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئىسىملارغا ئوخشاش مەسدەرلەر(پېئىلنىڭ ھەرىكەتنامى)نى ئالدىغا قويۇپ، بەزى لۇغەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئىزاھلار بىلەن قوشۇمچە قىلىپ، خېلى قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەرجىمە قىلغان. لېكىن، ئۆز ئىستىلىغا مۇۋاپىق بەزى ئەرەبچە ئاتالغۇلىرىنى كۆپرەك ئىشلەتكەنلىكىگە قارىماي، بەزى سەۋەبلەر بىلەن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان".
ئابلىمىت روزى ئەپەندىنىڭ «دىۋان»نىڭ 1980-يىللاردىكى ئەڭ يېڭى نۇسخىسى تېخى رەسمىي نەشردىن چىقمىغان ئەھۋالدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىسىدىكى بايانلار، جۈملىدىن ئىسمائىل داموللامنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدىكى قىسقا تەقرىزى ئىلىم ساھەسىنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتماي بولمايدۇ.
1957-يىلى بېسىلغان ش ئۇ ئا ر مۇزېي تەرىپىدىن بېسىلغان «ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى قول يازمىلىرى كاتالوگى» ناملىق كىتابنىڭ 39-بېتىدە ش ئۇ ئا ر مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلارنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق ئۇچۇر بېرىلگەن:
"«تۈرك لۇغەتلىرى دىۋانى كىتابى»(2)، نومۇرى 59 №، 72 №، بۇ نۇسخا بىرىنچى تومنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، 1946-يىلى چۆچەكتە مەرھۇم ئىسمائىل داموللام تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭ يۇقىرىقى تەرجىمىدىن(ئەھمەد زىيائى 1953—1954-يىللىرى ‹ئەمەلىيەتتە 1951—1953-يىللىرى تەرجىمە قىلىنغان-نەقىلچىدىن› تەرجىمە قىلغان نۇسخا كۆزدە تۇتۇلغان-نەقىلچىدىن) پەرقى، بۇنىڭدا تەرجىمان كۆپرەك ئەركىن پىكىر يۈرگۈزگەن. ئەمما تىلىدا خۇددى ئەرەبچىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغاندەك ئەرەبچە ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان. ھەجىمى: بويى ㎝37، ئېنى ㎝29، قېلىنلىقى ㎝4، 232 بەت".
بۇنىڭغا قارىغاندا، كىتاب ئەينى زاماندا ش ئۇ ئا ر مۇزېينىڭ ئىختىيارىغا ئېلىنىپ، شۇ ئورۇندا ساقلانغان.
مەن سەيدۇللا سەيپۇللايوپ (1918—2002) ئەپەندى بىلەن 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پاراڭلاشقىنىمدا، ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئېيتىپ بەرگەنىدى: "1953-يىلى 9-ئايدا قەشقەردىكى خىزمىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندە، بىر كۈنى كەچتە يوچۇن بىر ئادەم ئىشىكنى چېكىپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بوغچىسىنى ئېچىپ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ تەرجىمىسىنى ئالدىمدا قويۇپ 'ئاڭلىسام سىلى قەشقەردە ئەھمەد زىيائى ئەپەندىگە بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدۇرۇپلا، مەنمۇ تەرجىمە قىلىپ چىققانىدىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بۇ كىتابنى يورۇقلۇققا چىقىرالمايدىغان ئوخشايمەن، ئەھمەد زىيائى ئەپەندى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا مەن تەرجىمە قىلغان بۇ تەرجىمە نۇسخىنى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭلار ياكى سېلىشتۇرۇپ پايدىلانساڭلار' دېدى".
شۇنداق قىلىپ سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندى بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلىپ قالغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىدىن X كىشى سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ «دىۋان»نىڭ ئىككى خىل تەرجىمە نۇسخىسىنى تەشكىل نامىدىن ئېلىپ كەتكەن. سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندى ئۇ ئىشقا ئۇزۇن بولغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئاشۇ قېتىم «دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن مېھماننىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما "ئۇ كىشى ئۆزىنى ساۋەنلىك دېگەندەك قىلغان" دېگەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنىدى. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ يوچۇن مېھمان ئىسمائىل داموللام بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۇ مېھماننىڭ كەلگەن يېرى ساۋەن بىلەن چۆچەك بىر يول بولغاچقا، ئارىلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ئىسمائىل داموللامنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ھەقىقەتەن ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلۈپ، دەسلەپ ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر مەزگىل تۇرغان، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار بۇ نۇسخىنى كۆرگەن ۋە ئوقۇغان. ئۈچىنچىدىن، بۇ تەرجىمە نۇسخا شۇ يىللاردا ش ئۇ ئا ر مۇزېيىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، مەخسۇس نومۇر قويۇلۇپ ئەنگە ئېلىنغان، جۈملىدىن «ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى قول يازمىلىرى كاتالوگى» ناملىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان؛ تۆتىنچىدىن، ئىسمائىل داموللام 1953—1954-يىللىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەن.
مەن ئىمىن تۇرسۇن ھاجىم بىلەن 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلىفونلاشقىنىمدا، ئۇ ماڭا ئەينى يىللىرى چۆچەكتە چىقىدىغان بىر گېزىتتە ئىسمائىل داموللامنىڭ «دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
قازاقىستانلىق ئالىم خوجا ئەھمەد سەيدىۋاققاسوۋ ئۆزىنىڭ «مەشھۇر‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدا "قەشقەرلىك ئىسمائىل داموللام «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-تومىنى 1946-يىلى تەرجىمە قىلغان"دەپ يازغان («بۇلاق» ژۇرنىلى 1997-يىلى 1-سان).
مەزكۇر ماقالىنىڭ لوگىكىلىق تەرتىپى بويىچە بولغاندا، ئىسمائىل داموللام نېمە سەۋەبتىن «دىۋان»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ قالغان، ئۇ تەرجىمىدە ئاساس قىلغان ئەرەبچە نۇسخىنى قەيەردىن تاپقان دېگەن مەسىلىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، 18—19-ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئېغىر مەنىۋى كرىزىس يۈز بەرگەن؛ قەدىمكىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە سەل قاراش، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرى، بۈيۈك دانىشمەنلىرى، زەبەردەس يول باشلىغۇچىلىرىنى بىلەلمەسلىك، ئۇنتۇپ قېلىش، ئەستىن چىقىرىپ قويۇش، گالۋاڭلىق، قاششاقلىق، نادانلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»، «دىۋان»نىڭ يازما نۇسخىلىرىنى ئۆز يۇرتىدا، ئۆز قوللىرىدا ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتالمىغانلىقى بۇنىڭ بىر كىچىك مىسالى. مۇنداق ئەھۋالدا ئىسمائىل داموللام ھەر قانچە بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، يولى كەڭ بىر زات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغنىڭ شارائىتىدا تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ، «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشتەك چوڭ ئىشنى قولغا ئېلىشىنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. مەن بۇ ھەقتە ئىبراھىم مۇتىئى، ئابلىمىت روزى، ئوسمان مۇھەممەد ھاجىم(1918—2008)، مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى(ئىشقى، 1914—1990)، شېرىپ خۇشتار قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستازلار بىلەن 1981-يىللاردىن تاكى 2008-يىللارغىچە (بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھايات بولغانلىرى بىلەن) پاراڭلاشتىم، بۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق قەشقەردە ئۆتكەن ئۇلىمالار شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەللەردە ئوقۇش جەريانىدا تۈركىيىگىمۇ بارغان، ھەم 1915—1917-يىللىرى كىلىسلى رىفئەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «دىۋان»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ، ئىخلاسمەن ئۈلپەتلىرى، قەشقەرنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكلىرى ھېسابلانغان ئۇلىمالىرى بىلەن ئورتاق مۇتالىئە قىلىشقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانا تىلىغا ئاغدۇرۇپ ئۆز خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىپ بۇ ئىشقا چىن دىلىدىن نىيەت قىلىشقان. ئەپسۇسكى، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى تاماملىيالمىغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرىدىن ھېسابلانغان ئىسمائىل داموللام قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، مۆھتەرەم ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «دىۋان» توغرىلىق ئوتلۇق لېكسىيىلەرنى ئاڭلىغان بولۇشى، مۇبارەك كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، تۇتۇپ باققان ۋە بەلكىم ئوقۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ، داموللام شۇ چاغدىكى تالىپلىق ۋاقىتلىرىدا، بۈيۈك ئۇلىما ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «دىۋان»نى ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئوي-خىياللىرىغا ھەمدەم بولغان ۋە شۇ ئىرادىگە ئىشتىراك قىلغان بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن. ئابدۇقادىر داموللام تۈركىيىدىن ئېلىپ كەلگەن «دىۋان»دىن بىرنى باشقا كىتابلار قاتارىدا ئىسمائىل داموللامغا سوۋغات قىلغان بولۇشى ھەم مۇمكىن.
«دىۋان»نىڭ چۆچەك شەھىرىدە تەرجىمە قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىشلار قاتارىدا يەنە مۇنداق بىر ئىشنىمۇ سۆزلەپ ئۆتمەي بولمايدۇ.
تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 1932-يىلى چۆچەكتىكى ئالىم-ئۇلىمالار ئەستايىدىل كېڭىشىپ، چۆچەك شەھىرىدە بىر قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا"مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى"دەپ نام بەرگەن. ئەسلىدە بۇ مەكتەپكە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئىسىم قويۇش كۈن تەرتىپكە قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن مىللىتارىست جىن شۇرېننىڭ مائارىپتىكى ئەكسىيەتچىلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، « كاشغەرىي» دېگەن سۆز ئېلىۋېتىلىپ، يۇقىرىقىدەك ئاتالغان. چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 1946-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە"مەھمۇدىيە مەكتىپى"دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالغان. (ت. تاشبايېف «‹مەھمۇد قەشقەرى›نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى»، «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 1-سانى). بۇنىڭدىن قارىغاندا، چۆچەك خەلقى 1930-يىللاردىن باشلاپلا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيرىنى بىلگەن، چۆچەكتە ئىسمائىل داموللامنىڭ «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشىنىڭ مەنىۋى ۋە ئاممىۋىي ئاساسى ھازىرلانغان، شەرت-شارائىتلار ئاساسەن پىشىپ قالغان ھەمدە بۇ ئىش ئالىم-ئۇلىمالارنىڭ زۆرۈرىي خىزمىتىگە ئايلىنىپ قالغان. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئەھۋاللار ئىسمائىل داموللامنى تەخىرسىزلەندۈرگەن بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ، بىر بولسا، ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام سوۋغات قىلغان «دىۋان»نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى، بىر بولسا ئۆزى كېيىنكى كۈنلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق «دىۋان»نىڭ تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان نۇسخىسىنى ئالدۇرۇپ كەلگەن بولسا كېرەك.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىسمائىل داموللام داڭلىق ئۇلىما بولۇپ قالماستىن، يېتىشكەن تېۋىپ بولۇپ، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان. ئۇ يەنە پىكىرى ئوچۇق، كۆڭلى ئويغاق، ھېسسىياتقا باي كىشى بولۇپ، ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ھەۋەس باغلىغان، ۋاقتى يار بەرسىلا ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان. ئەلىشىر نەۋائى، جالالىدىن رۇمى، ئابدۇراخمان جامى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇغان، مۇتالىئە قىلغان، بالىلىرىغا تەسىرلىك قىلىپ ئوقۇپ بەرگەن. بولۇپمۇ ئەلىشىر نەۋائىغا چوڭقۇر ھۆرمىتى بولغان. شاگىرتلىرى ۋە بالىلىرىغا "ئەلىشىر نەۋائى ھەزرەتلىرى بىزنىڭ بۈيۈك شائىرىمىز، ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىنتايىن پاساھەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، بالىلارغا چۈشەندۈرۈش، ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، مۇتالىئە قىلىپ، مەنىۋى نەپكە ئېرىشىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە بۇرچىمىز" دېگەنلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلار، قوليازمىلار بولغان. ئۇلارنى ئۆزى پايدىلىنىپ قالماستىن، ھاجەتمەنلەرگە، تالىپلىرى، ئىلىمخۇمار كىشىلەرگە بېرىپ تۇرغان. ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بىر قىسىم كىتابلىرىنى بەزىلەر چەت ئەلگە ئېلىپ كەتكەن، بىر قىسمى ئائىلىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا تەييارلىق قىلىش ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىدىكى يېقىن-يورۇقلار، جۈملىدىن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىدىكى بىر قانچە كىشىلەر ئېلىپ كېتىشكەن.
ئىسمائىل داموللامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا «دىۋان»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى قالتىس ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ تەرجىمە ئەمگىكى تېخى ئەمدى دىققەتكە ئېرىشىۋاتقان، تەتقىقات سورۇنىغا ئېلىپ چىقىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. داموللامنىڭ ئۇ خاسىيەتلىك ئەمگىكىنىڭ ئەينى زاماندىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى كېيىنكىلەرنىڭ ئەسلىشى، ئىزدىنىشى، ئىلھام ئېلىشى ۋە قەدىرلىشىنى ئاللىقاچان زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇردى. دېمەك، ئۇنىڭ ئەجدادلار تەرىپىدىن ياندۇرۇپ بېرىلگەن ئىلىم-مەرىپەت چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماي، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېنىم تاپماي ئىشلەپ، بۇ خىل چىراغنى ئەۋلادلار ئارىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقانلىقى كېيىنكىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئۈچ توملۇق، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-، 1983-، 1984-يىللىرى نەشرى.
2. «ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى قوليازمىلىرى كاتالوگى»، ش ئۇ ئا ر مۇزېي 1957-يىلى باستۇرغان.
3. ئابلىمىت روزى «ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1981-يىللىق 1-سانى.
4.«مەھمۇد كاشغەرىي»(ماقالىلەر توپلىمى) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشرى.
5. غەيرەتجان ئوسمان «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى»، «مىللىي قەدىمكى ئەسەرلەر»(«民族古籍»)، ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 1-سانى، بېيجىڭ، خەنزۇچە.
6. «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»(3)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىلى نەشرى.
7. «‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلەر» («"突厥语词典"研究论文集»، شياۋجۇڭيى تەييارلىغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
8. غەيرەتجان ئوسمان «ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەدەنىيەت ئەربابلىرى تەزكىرىسى»، «ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» (ياپونىيە)نىڭ 2006-يىللىق 1-سانى.
9. غەيرەتجان ئوسمان «19- ۋە 20-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا قەشقەرلىك مەھمۇد»، «كاردېش كالېملېر»(KardexKalemler)ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق 2-سانى، ئەنقەرە، تۈركچە نەشرى.
10. پاتىمە ئىسمائىل «دادام مەرھۇم ئىسمائىل داموللام ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىم» 2008-يىلى 2-ئاي، قوليازما، غۇلجا.
11. ئابلىمىت روزى(1981-2000-يىللىرى ئىچىدە)، مويدىنبەگ(1995-يىلى)، سەيدۇللا سەيپۇللايوپ (2000-يىلى)، ئىمىن تۇرسۇن(2008-يىلى)، مۇھەممەد سالىھ داموللا (2008-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى)، پاتىمە ئىسمائىل(2008-يىلى 2 ئاينىڭ9-كۈنى) قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يۈز تۇرانە ۋە تېلېفون سۆھبىتى خاتىرىلىرى.
(ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى؛

9

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 19:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمايىل داموللام ئۇلۇغ ئەمگەكتىن بىرنى قىلغان ئىكەن.

نەشىر قىلىنغان بولسا، ئەجرىگە جاۋاب بولار ئىدى!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

خوجە

0

تېما

11

دوست

4693

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1309
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 21:07:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزدىنىشلەر بەركە تاپسۇن،،

2

تېما

37

دوست

5010

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1575
توردىكى ۋاقتى: 329
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 00:28:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزگە ناھايىتى قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەر تەقدىم قىلىشقا بەل باغلىغان مەرھۇمنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي، ئامىن!
بۇ قىممەتلىك خەۋەر بىلەن قەلبىمىزنى لەرزىگە سالغان مۆھتەرەم توردىشىمىزغۇ جەنابىي ئاللاھ كاتتا ئەجىر ساۋابىنى بەرگەي، ئامىن!

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 16:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1632677944 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-26 16:25  

ھەي ھەي

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 16:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
X كىشى سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ «دىۋان»نىڭ ئىككى خىل تەرجىمە نۇسخىسىنى تەشكىل نامىدىن ئېلىپ كەتكەن. سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندى ئۇ ئىشقا ئۇزۇن بولغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئاشۇ قېتىم «دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن مېھماننىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما "ئۇ كىشى ئۆزىنى ساۋەنلىك دېگەندەك قىلغان" دېگەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنىدى. مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ يوچۇن مېھمان ئىسمائىل داموللام بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۇ مېھماننىڭ كەلگەن يېرى ساۋەن بىلەن چۆچەك بىر يول بولغاچقا، ئارىلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن . ئىشلانى ناھىتى پۇختا بىرتەرەپ قىلدىكەن!

0

تېما

1

دوست

733

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31157
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 16:52:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، تارىخىمىزدىكى بايراقدار شەخىستىن بىرىدىن خەۋەردار قىلىپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )