- تىزىملاتقان
- 2014-10-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 261
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
87%
|
1
بۇ بىر باش پىرسۇناژنىڭ تىلى بىلەن يىزىلغان ئەسەر. بۇ ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ ئوڭىشسىزلىققا كۆپ ئۇچىرايدۇ، داۋاملىق خىيال ئىچىدە، زىدىيەت ئىچىدە ياشايدۇ، تولا ئىككىلىنىش، كەسكىن بىر قارارغا كىلەلمەسلىك ئادىتىگە سىڭىپ كەتكەن، كۆپ ئىشلارنى ئويلىغىنى بىلەن قولىدىن ئىش چىقمايدۇ، قىلغان ئىشلىرى نەتىجىسىز يىرىم يولدا توختاپ قالىدۇ. تۇرمۇشىنى قامداش ئۇچۇن ئۇنى بۇنى قىلىپ باقىدۇ، لىكىن زىدىيەت ئىچىدىن ئۆزىنى تارتىپ چىقالماي، قولى ئىشقا بارماي، قىلغان ئىشلىرى كەينىگە قاراپ ماڭىدۇ، قەرىز بولۇپ قەرىزلىرىنى تۇگىتەلمەي تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە قالىدۇ. بۇ پىرسۇناژنىڭ ياخشى ئادەم بولغىسى بولسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭ ئەسكى بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئازاپلىنىپ بىئارام بولىدۇ، مەسئۇلىيەتچان بولغىسى بولسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ بىئارام بولىدۇ، يالغان گەپ قىلغۇسى يوق لىكىن يالغان گەپ ئۇنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنداق بولغاچقا بۇ پىرسۇناژ ئۆزىدىكى ئەبگالىقلاردىن بىئارام بولۇپ ئازاپلىنىپ ياشايدۇ. ئۆزىنىڭ ياخشى ئادەم بولىشىدىن ئۇمۇدسىزلەنگەندە خامۇشلىشىپ، ياخشى ئادەم بولۇشقا ئىشەنچ تولغاندا روھلىنىپ كەيپىيات تۇراقسىزلىقى ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ ئەسەردىكى باش پىرسۇناژنىڭ ئەھۋالىنى مۇشىنچىلىك تونۇشتۇراي، ئۇ يىقىندا ئۆزى توغۇرلۇق كۆپ ئويلىنىپ قەتئىي قارارغا كىلىپ خوتۇنىغا خەت يازدى. ئەسەر مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
2
خوتۇنۇمغا يىزىلغان خەت
بىر مەزگىللىك ئۆزىنى تاشلىۋىتىش، تىڭىرقاش، بىكار لاغايلاپ يۇرۇشتىن كىيىن قەتئىي قارارغا كىلىپ خوتۇنۇمغا بۇ خەتنى يازدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
خوتۇن سىنى ۋە قىزىمنى ياخشى كۆردىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالمىغىن. مەن سىلەردىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرماقچى، ئۆزۇمنى ئۆزگەرتمەكچى، مىنىڭ بۇ ھالەتتە ياشاۋەرگۇم يوق. ئۆزۇمنى قەتئىيلىك بىلەن ئىسلاھ قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مەندە بىر خىل ئىچىم سىقىلىش بار،قولۇم ئىشقا بارمايۋاتىدۇ، ئىچكى دۇنيارىمدىكى زىدىيەت بارغانسىرى كۇچۇيىپ كىتىپ بارىدۇ، كەيپىياتىم تۇراقسىز، نىمە قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قىلىۋاتىمەن. ئارزۇيۇمدىكى مەن باشقا ئادەم، ئەمىليەتتىكى مەن باشقا ئادەم بولۇپ قىلىۋاتىدۇ، دادام-ئانامغا ياخشى بالا بولغۇم بار لىكىن بولالمايۋاتىمەن، ساڭا ياخشى ئەر بولغۇم بار لىكىن بولالمايۋاتىمەن، قىزىمغا ياخشى دادا بولغۇم بار لىكىن بولالمايۋاتىمەن، يالغان گەپ قىلماسلىقىم كىرەك دەپ ئۆزۇمگە ئىيتىپ تۇرمەن،لىكىن باشقىلارغا يالغان گەپنى تولا قىلىدىغان بولۇپ كەتتىم. قەرىزدارلىقتىن قۇتۇلغۇم بار لىكىن تۇگىمەكتە يوق بارغانسىېرى كۆپىيىپ كىتىپ بارىدۇ. قانداق قىلسام چىقىش يولۇمنى تاپالايمەن، قانداق قىلسام ياخشى ئادەم بولالايمەن ھىچ بىلەلمەي قالدىم.
مەن بۇ ھالەتتە كىتىۋەرسەم ماڭىمۇ، ساڭىمۇ، ھىچ قايسىمىزغا ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدۇ. بۇ ھالەتتە كىتىۋەرسەم ئۆزۇمنى تىخىمۇ يوقۇتۇپ قويىدىغاندەك، تىخىمۇ ۋەيرانچىلىقتا قالىدىغاندەك، تىخىمۇ قەرىزدار بولۇپ كىتىدىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. سىنى ۋە قىزىمنى تىخىمۇ باقالماس ھالغا چۇشۇپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. مىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا پەقەتلا چۇشۇپ قالغۇم يوق.
مەن سىلەردىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرماقچى، كاللامدىكى زىدىيەتنى ھەل قىلمىسام بىئارامچىلىقتىن قۇتىلالماي، قولۇم تىخىمۇ ئىشقا بارماي، نىمە ئىش قىلسام مەغلۇپ بولۇپ ۋەيرانچىلىقتا قالىدىكەنمەن، قولۇمنىڭ ئىشقا بارماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ كالامدىكى ھەل بولماي كىلىۋاتقان، مىنى بىئارام قىلىپ ،چارچىتىپ ھالسىرتىۋاتقان زىدىيەتلەر ئىكەن. مەن بۇ زىدىيەتلەرنى ھەل قىلماستىن يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىمدە ياشاۋەرگىنىمدىن، ئۆزۇمنى ۋە سىنى ئالداپ، ئازاپلاپ، قىيناپ ئۆتكىنىمدىن، سىلەردىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ بولسىمۇ ئۆزۇمنى ئوڭشاشنى، ئۆزۇمنى تەڭشەشنى ئۇگەنگىنىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن. شۇڭا بىر مەزگىل سىلەردىن ئايرىلىپ ياشىماقچى، سىنىڭ بىر مەزگىل سەبىر قىلىشىڭنى، ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كىتىشى ئۇچۇن دۇئا قىلىپ تۇرشىڭنى ئۇمۇد قىلمەن.
سىلىنىڭ زادى قانداق ھەل بولماي كىلىۋاتقان زىدىيەتلىرى بار، ئەجىبا ئۆيدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ئۇنى ھەل قىلغىنى بولماسمۇ دەپ سورىشىڭ مۇمكىن، ئىچكى دۇنيارىمدىكى زىدىيەتلەرنى ساڭا بىر ئىغىز گەپ بىلەن چۇشەندۇرۇپ بولالمايمەن، ھەم چۇشەندۇرمەن دىگەنچە شۇ زىدىيەتلەر ئىچىگە تىخىمۇ كىرىپ قىلىپ، تەڭپۇڭلىقىمنى يوقۇتۇپ ، ئۆزۇمنى تەڭشىيەلمەي قالىدىكەنمەن. ھازىر بۇ زىدىيەتلەرنى چۇشەندۇرۇشنى تەلەپ قىلغىنىڭدىن، زىدىيەتنىڭ تىزرەك ھەل بولىشىنى ئۇمۇد قىلغىنىڭ توغرا بولسا كىرەك.
خوتۇن باللىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئايرىلىپ ياشاش مەسئۇلىيەتسىزلىك ھىساپلانسا، ئۆزىنى ۋەيرانچىلىققا ئىلىپ باردىغان تۇرمۇش رىتىمى بىلەن داۋاملىق ياشاپ ئۆزىنى ۋە خوتۇن باللىرىنى ئالداپ، ئازاپلاپ، تىخىمۇ قىيناپ ياشاشنىڭ تىخىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم. مەن ئۆزۇمنى ئۆزگەرىتمەكچى، مىنى ۋەيرانچىلىققا سىلىۋاتقان سەۋەپنى تىپىپ چىقماقچى، سەن ئۇچۇن مەسئۇلىيەتسىز بىر ئەرنىڭ يىنىڭدا بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى، قىزىم ئۇچۇن مەسئۇلىيەتسىز بىر دادىنىڭ يىنىدا بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى، مىنىڭ سىلەردىن ئايرىلماسلىقنى تەلەپ قىلغىنىڭدىن، تىزراق پاسسىپ ھالەتنى تۇگىتىپ، ئۆزۇمنى ئوڭشاپ كۆز ئالدىڭدا پەيدا بولۇشۇمنى ئۇمۇد قىلغىنىڭ ياخشى. خوتۇن سىنى ۋە قىزىمنى ياخشى كۆردىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالمىغىن، سىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۇچۇن ئايرىلماقچىمەن، ئىنشائاللاھ، يەنە سىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۇچۇن تىزراق قايتىپ كىلىش ئۇچۇن تىرشىمەن.
3
خەتنى يىزىپ بولۇپ يانچۇقۇمدا ساقلاپ يۇرگىلى ئۇچ كۇن بولدى. تىخىچە خەتنى بەرمىدىم، بۇ قارارىم توغۇرلۇق خوتۇنۇم بىلەن پاراڭلاشمىدىم، چۇنكى خەتنى يازغان چاغدىكى قەتئىيلىك، كەسكىنلىك ھازىر يوق، ئىككىلىنىپ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قىلىۋاتىمەن، ھاياجاندا يازغان خەت ھازىرقى ھىسىياتىمغا توغرا كەلمەيدۇ، ئۆزۇمدىن سورايمەن، سەن ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كىيىن نەگە بارماقچى، ئىشنى نەدىن باشلىماقچى، كونكىرىت پىلانىڭ بارمۇ؟...بۇلارنى ئويلاپ توختاپ قالدىم، نىشانسىز، پىلانسىز بۇنداقلا ئۆيدىن ئايرىلسام مەقسەتكە يىتىش تۇگۇل تىخىمۇ پاسسىپ ھالغا چۇشۇپ، ۋەيرانچىلىق، خاراپلىق ئىچىدە قىلىش ئىھتىماللىقىنى، كەلگۇسىمنىڭ تىخىمۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپ قورقۇنۇچ ئىچىدە قالدىم.
مەن خوتۇنۇمغا بۇ خەتنى يىزىشنى ئويلىغان ۋە يىزىۋاتقان ۋاقتىمدا، زىدىيەت ئىچىدىن چىقالماي، ئۇنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلىلمەي يۇرشۇمدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ پىسخىكامدىكى توسالغۇدا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرگەن ئىدىم. ھازىمۇ پىسخىكامدىكى بۇ ئىغىر توسالغۇنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن، مەندىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق مەسىلىنى بايقاشنى بىلسەممۇ ئۇنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن، ئويلاشنى بىلدىكەنمەن لىكىن ئۇنى ئەمىلىي ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشنى بىلمەيدىكەنمەن. زىدىيەتنى بايقاشنى بىلدىكەنمەن لىكىن ھەل قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن. مانا ھازىرمۇ ئۆزۇمنىڭ، ئائىلەمنىڭ خىرىس ئىچىدە تۇرغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن لىكىن قانداق ت اقابىل تۇرۇشنى بىلمەي بىئارامچىلىق ئىچىدە يۇرمەن. ئۆزۇمنى ئۆزگەرتىش كىرەكلىكىنى بىلىمەن لىكىن قانداق ئۆزگەرتىشنى بىلمەي يۇرمەن.
مەن ھازىرچە خوتۇنۇمغا بۇ خەتنى بەرمەي تۇرۇشنى، ئۆيدىن ئايرىلماي تۇرۇشنى قارار قىلدىم. مەسىلىنى بايقاش مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ، مەن ئۇچۇن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش كىيىنكى قەدەمنى قانداق بىسىش توغۇرلۇق پىلان تۇزۇش. ئەڭ ئاۋال ھەل قىلىشقا تىگىشلىك نۇقسانلىرىمنى تىپىپ چىقىپ، شۇنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ھەركەتكە ئۆتۇش.
داۋامى بار.....
|
|