قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1698|ئىنكاس: 5

ئاخىرىقى قارار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

324

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31855
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 19:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىقى قارار



    بىر جۈمە كۈنى ئىدى، گەرچە قۇياش ئولتۇرۇپ ئەتراپنى خىلى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇرغان بولسىمۇ   5-6 ياشلار چامىسىدكى بىر ئوغۇل بالا 2 ياشلىق ئوماق سىڭلىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە قاراپ كىملەردىندۇر ئىزدەيتتى، توساتتىن غۇۋا چىراق يورىقىدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىدە قولىغا بىر دۆۋە ماتىرياللارنى پاتقۇزۇپ بولالماي قەدەمدە بىر يەرگە ئىڭىشىپ رەتلەپ كىتىپ بارغان دادىسىنى كۆرۈپ ئەنسىز دادا - دادا بىز بۇ يەردە دەپ ۋارقىراپ كەتتى، ئاكىسىنىڭ نىمىگە چىرقىرغىننى ئۇقالماي گاڭگىراپ قالغان سىڭلىسىمۇ بىر دەم ھەيىران بولغاندىن كىيىن ئاكسى  ۋارقىرغان تەرەپكە قاراپ تۇيۇقسىز ھەركۈنى كەچتە ئۆزلىرىنى ئەركىلىتىپ نۇرغۇنلىغان چىرايلىق ئورالغان تاتلىق نەرسىلەرنى يىگۈزۈپ قويىدىغان دادىسىنى  كۆرۈپ رىشاتكىغا ئىسلىغانچە دە-دە دەپ يىغلاپ تاشلىدى.
    بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى ئايالى  ئۆلۈپ كەتكەن ئالىم ناھىيە مەركىزىگە يىقىن بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بولۇپ ، ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئانىسىدىن كىچىك تۇرۇپلا يىتىم قالغان ئوغلى ئەكبەر ۋە قىزى مۇسلىمەگە ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ كەلمەكتە ئىدى، كۈندىزى بولسا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرلىق ۋە تۈگىمەس يىغىن ، تەڭسىز شەرتنامىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن مەكتەپ ئامانلىق خىزمىتى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئەمدىلا 30 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئالىمنى بەكلا جۈدەتتى، ھەر ھالدا باللىرى ئانىسىدىن ئايىرلىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ ئويلىغان غەرزىنى چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلىگۈدەك گەپ ئاڭلايدىغان  ئۇماق قىزى مۇسىلمەنىڭ بۇ ئەھۋالى ئۇنى ھەرھالدا خاتىرجەم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئالىممۇ باللىرىدىن ھىچ ئەنسىرمەيلا ئۇلارنى ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ يىنىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ بەزى كۈنلىرى بىر تىيىنچىلىك قىممىتى يوق  يىرىم كىچىگىچە ئىچىلغان مەجلىس ۋە ئالقانداقتۇر تۈگىمەس يىغىنلار دەستىدىن پەيدا بولغان باللىرىدىن ئەنسىرەش ھالىتى كۈندىن- كۈنگە تۈگىمەكتە ئىدى. باللىرىنىڭ بۇنچە كەچتە مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا  ھىچقانداق بىر ھىماتچىسىز تۇرىشى ئالىمنىڭ بىشىدىن بىر قاپاق مۇزدەك سوغۇق سۇنى تۆكۋەتكەندەك چۆچۈتۋەتتى، ۋاي نىمە ئىش بۇ باللىرىم، ئالىم ئاچچىق يىغا كەپلىشىپ قالغان گىلىنى قىرىپ گىپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغۇچە بايام كىچىك بالىنى پەپىلگەندەك ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ئىلىپ مىڭۋاتقان  ماتىرياللارنى مەكتەپ يىنىدىكى سۇ توختاپ قالغان كىچىك ئىرىققا تاشلىۋىتىپ  باللىرىنىڭ يىنىغا ئۇچقاندەك يىتىپ كەلدى - دە باللىرىنىڭ بىشىنى مەڭزىگە يىقىپ يىغلاپ تاشلىدى، بىر ھازا بىر- بىرىنى سىغىنىش كەيپىياتىنى بىسۋالغان ئالىم باللىرىدىن ئۆزىنى ئاجرىتىپ ئەكبەرگە- بۇنچە كەچتە بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسەن، بۇ يەرگە سىلەرنى ئەكىلىپ قويدى؟
  ئەكبەر بىردەم ئۈنچىقماي يەرگە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ناھايتى يىنىك ئاۋازدا بوۋام تويغا كىتىپ ھازىرغىچە كەلمىگەندىكىن بىزنىڭ قورسىقىمىز ئىچىپ كەتتى، شۇڭا ئۆتكەندە ئانام ساڭا ئاش ئەكىلىپ بەرگىلى كەلگەندە بەك جىق قىتىم بۇ يەرگە بىزنى ئەكەلگەندىكىن بۇرۇن كەلگىنىمىز بويچە سىنى ئىزدەپ كەلدۇق، بىزگە ئاش بەگىن. مۇسلىمەمۇ ئاكىسىنىڭ  بەگىن دىگەن سۆزىنى ئۇقتىمۇ قانداق، شۇ ھامانلا ئىككى قولىنىڭ ئالقىننى جۈپلەپ بە دەپ ئالىمغا سوزىدى، باللىرىنىڭ بىر- بىرىدىن ساددا ئوماق قىلىقلىرى شۇ تاپتا تۈگىمەس ئورۇنسىز ۋەزىپىلەر سەۋەبىدىن باللىرىغا يا ئاتىلىق مىھرى بىرەلمىگەن ياكى شۇنچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ يىغىنغا مۇنچىلىك كىچىككەن ، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە بىپەرۋالىق قىلىپ يوقلىما تىلفۇنىنى ئالمىغان قاتارلىق بىر مۇنچە بەتنام ۋە تۈگىمەس گىزىت- ژۇرنالغا مەجبۇرىي مۇشتەر بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن  كۆپ قىتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرىز قىلسىمۇ ئاقماي ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ يىرىمىگىمۇ ئىرىشەلمەيۋاتقان  ئالىمنى خىزمەتتىن چىكىنىش كىرەكمۇ ياكى مۇشۇنداق ئىشلەۋېرىش كىرەكمۇ دىگەن ئويغا چۆمدۈرۈپ قويدى. بىر ھازا ئىككىلنىشلەر ئاساسىدا ئالىم تىلفۇننى قولغا ئالدى - دە باللىرىنى يىقىن ئەتراپتىكى ئاشپۇزۇلغا ئەكىرىپ تاماق يىگۈزۈش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نۇمۇرىنى باستى،  مۇدىر ياخشىمۇ سىز - كىمۇ ئۇ؟ كالىدەك پۇشۇلداپ  كەلگەن جاۋابلىرىدىن ئا مۇدىرنىڭ    مەس بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان ئالىم دەيدىغان گەپلىرىنى ئاران تەستە يىغىپ ئىيتىشقا باشلىدى.   بايام سىز تاپشۇرغان ماتىرياللارنى رەتلەپ ئىشخانىڭىزغا ئەكىرىپ كىتۋاتسام باللىرىم تۇيۇقسىز مەكتەپ دەۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى، شۇڭا ئۇلارنى ئاشخانىغا ئاپىرىپ بىر تاماقلاندۇرۋالغان بولسام، يىرىم سائەتلىك رۇخسەت قىلسىڭىز ، نىمانداق تۈگىمەيدىغان بالا غەلۋىسى ئۇ ، ماڭ بىرىپ ئىشڭنى ئوبدان قىل، بالا- بولامدۇ، پادا بولامدۇ ، ئۇ يا مىنىڭ بالام بولمىسا ، نىمىگە ئوغامنى قاينىتىدۇ ما قوڭالتاق ئەتە مەن دىگەن ئىشلار جايدا بولمىسا كۆرگۈلۈكىڭنى. . .  مۇدىرنىڭ ئاخىرقى گىپىدىن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلغان ئالىم ئاچچىقىدا تىلفۇننى بىسۋىتىپ باللىرىنى كۆتۈرگەن پىتى ئۇدۇل تەرەپتىەكى ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
  ئاخشامقى ئۇزاق ئويلىنىشلار  بولۇپمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ  بالا يا مىنىڭ بولمىسا، ما قوڭالتاق دىگەن گەپلىرى ئالىمنىڭ 6 يىلدىن بىرى شۇنچە خورلۇق تارتسىمۇ زۇۋان سۈرمەي كىچىككىنە مائاش ئۈچۈن كۆمۈلۈپ قالغان غۇرۇرىنى ئاستا- ئاستا قوزغاپ چىقۋاتاتتى، قاتتىق ئەلەم ھىس قىلغان ئالىم ئىككى بالىسىنى قۇچاقلىغان پىتى، قاچانلاردۇر ئۇخلاپ قالغىننى بىلمەي ئۇخلاپ قالدى، يىرىم كىچىدە جاڭ- جاڭ قىلىپ  ئىشىككە قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋاز ئالىمنى ئويغۇتۋەتتى. ھەي ئالىم دىگەن گۆش باش قىنى سەن، ئاخشام تىلفۇننى ئەجەپ مەندىن بۇرۇن قويۋەتتىڭغۇ.  بۇ گەپلەردىن ئىشىك چەككۈچىنىڭ  مەكتەپ مۇدىرى
ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغان ئالىم كۆينىكىنىمۇ كىيىشنى ئۇنتۇپ كالتە ئىشتان بىلەن دەرۋازىغا يۈگۈردى، ئىشىكنىڭ ئىچىلىشى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى كوچىدىكى لالما ئىت توشقانغا قاراپ ئىتىلغاندەك قوللىرىنى پۇلاڭلىىتىپ ئالىمنىڭ ھاي مۇدىر بۇ نىمە ئىش بۇ دىگەنلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن  ئالىمنىڭ ياقىسىدىن ئىلىپ يەرگە ئىتتىرۋەتتى. ئاڭغىچە ئامانلىق باشقۇرۇشتا تۇرغان باشقا ئىككى خادىممۇ كىلىپ ئالىمنىڭ ياقىسىدا تۇرغان مۇدىرنىڭ قوللىرىغا يىپىشىپ ئاران تەستە ئاجراتتى. مۇدىرنىڭ غەرىق مەس ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بۇ ئىككەيلەن  ئالىمغا تەسەللى ئىيتىپ ، مۇدىرغا بۇ ھالەتتە گەپ قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ، شۇڭا تاڭ يورىغاندا سۆزلىشىشنى ئىيتىپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە ئەكىرىپ قويغاندىن كىيىن مۇدىرنى ئۆزىنى بىسۋىلىشنى شۇنچە ئىيتسىمۇ  مەكتەپ مۇدىرى تىخىچە ئالىمنى ئىغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپ بىلەن ھاقارەتلەپ  بولدى قىلىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇلار مۇدىرنى ئۇنمىغىنىغا ئۇنماي ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ قويغاندىن كىيىن  يۇمشاق يوتقان - كۆرپە قىرى كالىغا پىچاق خوش كەلگەندەك ياققان چىغى ئورنىغا يىقىلغان مۇدىر ئۇزۇنغا قالمايلائۇخلاپ قالدى. ئەتىسى ئەتتىگگەن مەسلىكىدىن چالا يىشىلگەن مەكتەپ مۇدىرى چاپاق بىسىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولىشىغا يوتقىنى ئۈستىگە يىرتىپ تاشلىۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرۈپ ئاخشام نىمە ئىش يۈز بەرگىنىنى ، مەكتەپكە قانداق كىلىپ قالغىنىنى ئىسىگە ئالماقچى بولدىيۇ- لىكىن نىمە ئىش يۈز بەرگىنىنى ئاڭقىرالمىدى. پەقەت شىرە ئۈستىدىكى بىر پارچە باغاقچىدا ئالىم ئاخشام بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى  خاتىرە شەكىلدە قالدۇرۇپ ئەڭ ئاخىردا مەن ئەمدى  سەندەك ئادەممۇ ئەمەس ھايۋانمۇ ئەمەس بىر مەخلۇقنىڭ ئالدىدا ھەم بۇندىن كىيىنكى ئۆمرۈمدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىقىلمايمەن. ھەتتا ئاچاڭنى . . . ئاخىرقى جۈملىلەرنى ئوقۇشقا پىتىنالمىغان مەكتەپ مۇدىرى كاسىسىغا بىركىم چوغ يىقۋەتكەن تەخەيدەك ئىشخانىدىن قىنى سەن ئالىم  دەپ ۋارقىرغىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

















0

تېما

1

دوست

733

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31157
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 16:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىبىر مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئاشۇ ساپاسىز، مەدەنىيەتسىز قىلىقلارنى كۆرسە ئادەم مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ قالىدىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 23:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  بىرنى قوشسا نەچچە ؟ دىسە باشلىقىمدىن سوراپ باقاي  دەيدىغان زامان بولۇپ قالدىمۇ نىمە؟
شۇڭا بۇلارنىڭ خوركى ئورلەپ كىتىدۇ دە

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 02:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەي توۋا ، بۇنداق ئىشلارنى دەپ كەلسە بەك جىق .

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31982
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-5 12:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

0

دوست

324

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31855
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 00:43:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قۇتۇلىپتۇ مۇئەللىملەر بۇ جاپادىنمۇ، ھازىر مەخسۇس قوغداش خادىملىرى باقىدىكەن مەكتەپنى 2 ئاي بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )