گۈل تۇتامدۇق، پۇلمۇ
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
يېقىندا زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ كاللامدىن قەتئىيلا ئۆتمىگۈدەك بىر ئىشنى بايقىدىم، يەنى شۇ بىر مەيدان سەنئەت كېچىلىكىدە تاماشىبىنلار سەھنىدە نومۇر ئورۇنلاۋاتقان ئارتىسلارغا كۆڭلىنى گۈل ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پۇل ئارقىلىق بىلدۈرگەنىدى. تەپسىلىراق ئېيتسام، شۇ كېچىلىكنىڭ دەسلىپىدە بىر ئۆسمۈر ئارتىس نومۇر كۆرسىتېۋىدى، زالنى گۈلدراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ سەنئەتتىكى تالانتىغا بارىكاللا ئېيتتىم، شۇ ئەسنادا بىر تاماشبىن سەھنىگە 50 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى كۆتۈرۈپ چىقتى – دە ئۆسمۈر ئارتىسقا تۇتتى ھەمدە پىشەنىسىگە سۆيدى. ئۆسمۈر ئارتىس نومۇر ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى، يەنە كەينى - كەينىدىن بىر قانچە تاماشىبىن سەھنىگە چىقىپ قولىدىكى 50 يۈەنلىك ۋە يۈز يۈەنلىك پۇللارنى ئۇ ئارتىسقا تۇتۇشقا باشلىدى، ئارتىسمۇ پۇلنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئېلىۋەردى. مەن يېنىمدىكى بىرەيلەنگە بوش ئاۋازدا «تاماشىبىنلارنىڭ ئارتىسلارغا گۈل تۇتماستىن، پۇل تۇتۇشى تازا قاملاشمىغان ئىش بولدىمۇ قانداق؟» دېۋىدىم، ئۇ ماڭا: «مەنچىمۇ قاملاشماپتۇ، ئەمما ئاۋۇ ئارتىس كىچىك بولغاچقا، باشقىلار ئۇنىڭغا پۇل تۇتقان بولۇشى مۇمكىن» دېدى. ئۇنىڭ گېپىگە بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ، داۋاملىق نومۇر كۆرۈشكە باشلىدىم. كېيىنكى نومۇر باشلىنىپ، سەھنىگە خېلى تونۇلغان بىر ئارتىس چىقىپ، ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇ ناخشىنى خېلىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيىتماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا، يەنە بىر تاماشىبىن سەھنىگە چىقتى - دە يانچۇقىدىن 50 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ ئارتىسقا تۇتتى، ئارتىس بۇ 50 يۈەننى ئالغاندىن كېيىن ئۇتۇۋالغان خوراز كەبى كۆرەڭلىگەن ھالدا، پۇلنى خۇددى بىر باغلام قىزىل گۈلنى كۆتۈرگەندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىشقا باشلىدى، ئارقىدىن يەنە بىر قانچە تاماشىبىن سەھنىگە چىقىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئارتىسلارغا پۇل تەقدىم قىلدى، ئەتراپىمدىكى تاماشىبىنلار بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ «نېمانچە تېتىقسىزلىق بۇ، ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان غەلىتە ئىشلار بولىدىغان زامان بولۇپ كېتىۋاتامدۇ - نېمە؟» دەپ قاقشىغىلى تۇردى. مەن ھەربىر ئارتىسنىڭ سەھنىدە تاماشىبىنلاردىن پۇل ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە تارتىۋالدىم ۋە ئارقىدىن يەنە قانداق بىمەنە قىلىقلارنىڭ سەھنىدە زاھىر بولىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ ئولتۇردۇم. بۇ بىر مەيدان سەنئەت كېچىلىكىدە سەھنىگە چىققان ئاساسلىق ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاماشىبىنلار تەقدىم قىلغان گۈل ۋە پۇلنى قوبۇل قىلدى. قىسمەن تاماشىبىنلار پۇل بىلەن گۈلنى تەڭ تەغدىم قىلغان بولسا، كۆپىنچە تاماشىبىنلار غادايغان ھالدا دېكىلداپ دەسسەپ سەھنىگە چىققىنىچە قوللىرىدىكى «قىزىل يۈزلۈك قەغەز» لەرنى سەنئەتكارلارغا تەڭلىگەنىدى، ئارتىسلەرمۇ تاماشىبىنلار تۇتقان پۇلنى تۆۋەندىكى نەچچە مىڭ تاماشىبىنغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى ئويلاشمايلا موكۇلداپ يانچۇقىغا سالغانىدى.
كېچىلىكتىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن، مەن بىلەن بىللە كېچىلىكنى كۆرگەن بىر قانچە دوستۇم بىلەن ئارتىسلەرغا گۈل تۇتماستىن، پۇل تۇتۇش مەسلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىدۇق.
ـــ بايا تازىمۇ بىمەنە ئىش بولدى، ئارتىسلارغا گۈل تۇتماستىن، پۇل تۇتىدىغان بۇ خىل بىمەنىلىكنى ئىلگىرىمۇ بىر قانچە مەيدان سەنئەت كېچىلىكىدە كۆرگەنىدىم، قىسمەن ئەقلى ئويغاق ئارتىسلەرنىڭ تاماشبىنلار ئۆزلىرىگە پۇل تەقدىم قىلغاندا چىرايلىقچە رەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كېچىلىكتىكى ئارتىسلەرنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ پۇللىرىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىچىك بالىدەك پۇلاڭلىتىپ كېتىشلىرى ئىچىمنى سىقتى،ـــ دېدى بىر دوستۇم.
ـــ سەھنىدە نومۇر ئورۇنلاۋاتقان ئارتىسقا تاماشىبىنلارنىڭ گۈل، كىتاب، لوڭقا قاتارلىق مەلۇم ساقلاش قىممىتى بار بۇيۇملارنى تەقدىم قىلىپ، كۆڭلىنى بىلدۈرۈشىنى دۇنياۋى ئومۇمىللىققا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ، مۇبادا بايىقى سەنئەت كېچىلىكىنى باشقا مىللەت كىشىلىرى كۆرۈپ قالسا، تامشىبىنلارنىڭ ئارتىسلەرغا گۈل ئەمەس، پۇل تۇتۇۋاتقان، سەھنىدىكى ئارتىسلەرنىڭمۇ پۇللارنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىۋاتقان كۆرۈنۈشىگە نېمىمۇ دەر، ـــ دېدى يەنە بىر دوستۇممۇ.
ئويلىنىپ قالدىم، غۇلجىدىكى چاقچاقچىلار سورۇنىدا سورۇننى قىزىتقانلارغا پەستە ئولتۇرغانلار كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ ئۆرىمە بېرىدۇ، بۇ ئۆرىمە شۇ سورۇندا نومۇر كۆرسەتكۈچىنى ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يەنە باشقا يۇرتلاردىمۇ تونۇش – بىلىشلەر ئارىسىدا سورۇن قۇرغان چاغلاردا قابىلىيىتى بارلار ناخشا ئېيتىش، ساز چېلىش، چاقچاق، يومۇر سۆزلەش، شېئىر ئوقۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سورۇننى قىزىتىدىغان، شۇ جەرياندا پەستە ئولتۇرغانلار نومۇر كۆرسەتكەنلەرگە كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ ئۆرىمە بېرىدىغان ئادەت بار. بۇ مەلۇم رايوننىڭ ئەنئەنىسى شەكىلىدە داۋاملىشىپ كەلگەن، ئۆرىمە سوممىسى چېكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا تامامەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئادەت. بىراق يۇقىرىقىدەك چوڭ تىپتىكى مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكلىرىدە تاماشىبىنلارنىڭ يېشى كىچىكرەك ئارتىسلەرغا پۇل تەقدىم قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولسىمۇ، چوڭ ئارتىسلەرغا گۈل ئورنىغا پۇل تەڭلىشى، ئارتىسلەرنىڭمۇ پۇللارنى پۇلاڭلىتىپ قوبۇل قىلىشى تولىمۇ بىمەنە، قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل بىمەنە قىلمىش بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت كېچىلىكلىرىمىزدىمۇ داۋاملىق كۆرۈلىۋەرسە، ھەتتا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت رېئاللىققا ئايلىنىپ قالسا، خەلقىمىز سەنئەت ئىشىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. مۇبادا شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ يېڭى يىللىق سانىغا مۇشتەرىي بولۇپ، مېنىڭ 10 سان مۇشتەرىي ۋەزىپەمنى ئورۇنلىشىمغا ياردەملىشىشنى خالايدىغان دوستلار بولسا مەن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يانفون نومۇرۇم: 13039487548، ئۈندىدار نومۇرۇم: 136035743 «alsuyari»)
|