- تىزىملاتقان
- 2014-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 174
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
58%
|
ھورمەتلىك تورداشلار مەن گۇما ناھىيە قوشتاغ يىزىسىدىكى ئاددى بىر دىھخان بوۋاينىڭ ماڭا ئىيتىپ بەرگەن يۇرەك سوزلىرىگە ئاساسەن يۇقارقى تىمامنى يىزىپ ئولتورۇپتىمەن؛ -
بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكى 8 نوپوس ئادەدمنىڭ تىرىلغۇ يەر شەخسى باغ - ۋاران يرىمىز قوشولوپ 10 مو ئەتراپىدا يىرىمىز بار ،بىزنىڭ مۇقۇم ئىش ئورنىمىز ۋە كەسپىمىز يوق بولوپ پەقەت مۇشۇ يەردىن چىققان مەسھۇلاتقا تايىنپلا تۇرمۇش كەچۇردىغان ئاددى بىر دىھخان ئائىلىسى ،دىھخانغا يەر بولمىسا بولمايدۇ، يەرگە سۇ بولمىسا بولمايدۇ، بىزنىڭ قوشتاغ يىزىسى بولسا يىزا ئىگىلىك ۋە باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان. ناھيە بويچە خلى چوڭ يىزىلارنىڭ بىرى بولوپ ھىساپلىنىدۇ.
تىمامنىڭ ئاساسى مەخسىدىگە كەلسەم ؛ گۇما ناھىيمىزنىڭ موكويلا يىزىسى ، گۇما بازىرى ؛ كوكتىرەك يىزىسى قاتارلىق يىزا - بازارلارغا باردىغان سۇ بىزنىڭ قوشتاغ يىزىسىنىڭ مەركىزىدىن كىسىپ ئوتىدىغان بولوپ ياز كۇنلىرى باشقا يىزا ـ بازار دىھخانلىرى تىرغان بۇغدايغا ۋە قوناققا 5 قىتىم ھەتتا 6 قىتىم سۇ ئالغاندا بىز قوشتاغ دىھخانلىرى 2 قىتىم ياكى 3 قىتىم سۇ ئىلىپ ھوسۇل ئالدىغان كۇنگە قالدۇق، ھەتتا3 - ۋە 4 - ئايلاردا تىرىپ قويغان قوناق يەرلىرىمىزگە سۇ ئالالماي قوناقلىرىمىز قۇرۇپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ كورولدى،ئۇرۇكلۇك باغلىرىمىزغا سۇ ئالالماي ئۇرۇكلىرىمىز يەرگە تۇكۇلۇپ مەسھۇلاتىمىزنىڭ سۇپىتى ۋە مىقدارىغا زور تەسىر يىتىپ باھا توۋەنلەپ تۇرمۇشۇمىزغا تەسىر يەتتى،مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى كوروپ تۇرغان يىزا باشلىقلىرى ۋە كەنىت كادىرلىرى ،ۋە مەھەللە باشلىقلىرى سۇ ئالغان ۋە ئالمىغان بىر ئائىلىدىكى بار بولغان باھارلىق يەرلەرنىڭ ھەر موسىغا بىر قىتىملق سۇ ھەققىنى ئوزمەيلىچە باھانى ئوستورۇپ ھەر يىللىقى ئوخشىمىغان باھا ھىساپلاپ مال باسىنىڭ ئوسىشىنى باھانە قىلىپ مانا بۇيىل ھەر بىر مو يەرگە بىر قىتىملق سۇ ھەققى ئۇچۇن 17يۇەن پۇل يىغدى، بۇ 17 يۇەن پۇل يەر تىرىپ باققان ھەر -بىر دىھخان ئۇچۇن خىلى كوپ پۇل ھىساپلىنىدۇ ؛
بۇ سۇ پۇلى يىققۇچىلار بولسا پۇلنى ئىلىۋىلىپلا پۇل ئالغانغا ھىچقانداق ھوججەت ياكى ئىسپات چىقىرىپ بەرمەيدۇ.باشقا ناھىيە شەھەرلەردىمۇ بولسا كىرەك ؛ بىزنىڭ يىزىمىزدا باي غوجاملار ۋە ئەمەلدار لارنىڭ نەچچەيۇز مولاپ ئىگەللەپ تىرىيدىغان يەرلەرى بار .ئۇلار قاچانلا سۇ ئالىمەن دىسە كادىرلار شۇ چاغدا مەخسۇس ئادەم ئورونلاشتۇرۇپ بىچارە دىھخانلار ئىلىۋاتقان سۇلىرنى توختۇتۇپ شۇلارغا تۇتۇپ بىرىدۇ. بۇلار نە سۇ ھەققى تاپشۇرسۇن. نە ھاشارغا بارسۇن.مۇشۇنداق سۇ قىس بولوش سەۋەبىدىن يىزىمىزدىكى كوپونچە ئائىلىلەردىكى دىھخان ياشلار تۇرمۇش قامداش ئۇچۇن ئائىلىسىنى تاشلاپ پاختا تىرىشكە ۋە تۇرلۇك كەىسىپلەربىلەن شۇغۇللۇنۇپ جان بىقىش كويداسىرىتلاردا يۇرۇپ يەر تىرىيدىغان بىچارە ياشانغان دىھخانلارغا ئۇۋال بولىۋاتىدۇ؛ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىش ئۇچۇن بىرەر دىھخان مۇناسىۋەتلىك ئورونلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلاي دىسە سەۋەپ جىق مەسىلەن . ئۇلار سۇ پۇلى تاپشۇرغانلىق قولىدا ھىچ قانداق ئىسپات ياكى ھوججەت يوق . بىرەر يۇقرى دەرىجىلىك ئورونغا بىرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلاي دىسە يىزا ۋە كەنىت كادىرلىرى ۋاي ئىشىڭىزنى بىز ھەل قىلىمىز .ئەرىز قىلساڭ سولاپ قويمىز دەپ داۋراڭ سىلىپ بىچارە دىھخانلارنىڭ ھالىنى ئاڭلىمايدىغان ئەھۋاللار ئىغىرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ.ھورمەتلىك قانۇن - سىياسەتتىن خەۋرى بار تورداشلار سىلەر ماڭا توغرا بولغان يۇقارقى ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىش ئورنىنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىيتىپ بەرسەڭلار ، شۇ ئارقىلىق يۇقارقى ئەھۋالغا دۇچار بولوپ سۇ مەسىلىسىنىڭ تىزراق ھەل بولوپ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنى كۇتىۋاتقان بىچارە دىھخانلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ دەردىنى يىنىكلىتىشكە ياردىمىم تىگىپ قالسا ئەشۇ بىچارە دىھخانلار سىز ۋە مەن ئورتاق خۇشال بولغان بولاتتۇق . ھەمكارلاشقانلىقىڭلارغا كوپ رەھمەت !
|
|