- تىزىملاتقان
- 2012-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4274
- نادىر
- 1
- يازما
- 241
ئۆسۈش
75.8%
|
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قومۇل شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنى 13-دېۋىزىيە ساقا دېھقانچلىق مەيدانغا قاراشلىق قەدىمىي ساياھەت مەنزىلگاھى ئارتامغا بارغانتىم. بىر قانچە كۆرۈنۈش گۈزەل كۈز مەنزىرىلىرى كۆرۈپ شاتلانماقچى بولغان قەلبىمنى لەش قىلدى.
300 يىلغا يېقىن ھاكىمىيەت سۈرگەن قومۇل ۋاڭلىقى ئارتامغا ئوردا سېلىپ بۇ يەرنى يازلىق ئوردا قىلغان. بۇ يەردە يەرلىك كىشىلەر تەرپىدىن ئۇيغۇر ئۆيلىرى دەپ ئاتىلىدىغان بۇددا مىڭ ئۆي خارابىلىرى، ئۇيغۇر شار، ئۇيغۇرچوققا دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر خارابىلىرى ۋە قىياتاش سىزمىلىرى بار. نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر جۈملىدىن جۇڭگو تارىخىدا ئارتامنىڭ تۇتقان ئورنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تاڭ شۆنزاڭ بۇ يەردىن بۇددا نومى ئۆگىنىپ ئۆتكەن. ئالبېرىت لىكوك، سېۋىن ھېدىن ۋە يەنە بىر ئەنگىلىيىلىك ئايال مىسسيۇنىرنىڭ قەدىمى يەتكەن بۇ زىمىننىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيتىمىزدە تۇتقان ئورنى بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ مۇھىم.
ئارتامدا مېنى ئەپسۇسلاندۇرغان كارتىنىلار: يول بەلگىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تاختاي، تاشلارغا بىر خىل يېزىق يەنى خەنزۇچە يېزىقنى ئىشلىتىش قىلمىشى ساقلانغان. ئارتامدەك قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ ئوردىسى بولغان مىللىي تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆكۈرۈنىشى بار ۋىلايەت دەرىجىلىك قوغدىلىنىدىغان ئورۇنغا تىپىك خەنزۇ ئۇسلۇبىدا راۋاق ياسىلىپتۇ. ساقا چاڭبۇدىكىلەر ھەر قانچە راۋاق ياسىغۇسى كەپ كەتسىمۇ قومۇل ئالتۇنلۇقتىن ئۈلگە ئالغان بولسا ھەقىقى تارىخقا ھۆرمەت قىلغان بولاتتى. ھەممىمىزگە مەلۇم ئارتام، تاشار، باغداش، قارمۇقچا، ساقا قاتارلىق يۇرتلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بىڭتۈەن ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن ،يىپەك يولىدىكى مۇھىم يۇرتلارنىڭ بىرى. دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق قانۇن، نىزاملىرىدا ئىككى مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى تەڭ بارەۋەر قوللىنىلىشى كېرەك دەپ بېكىتىلگەن. قارىغاندا ئارتامغا بۇ سىياسەت چالا بېرىپ قالغان ئوخشايدۇ. دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوقۇم ئارخىلوگىيىلىك قوغدىلىنىدىغان ئورۇن ۋە يۇرتلارنى قوغداش قانۇن، نىزاملىرىمۇ بار. بىراق ئارتامدەك ئارخىلوگىيەلىك قوغدىلىدىغان ئورۇنغا بۇ سىياسەتلەرمۇ تەل-تۆكۈش بارمىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئارتام باغنىڭ كۈن چىقىش تەرپىدىكى تاش شەھەر خارابىسى (يەرلىكلەر ئۇيغۇر شار دەيدۇ) بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ياسىلىۋاتقان ئامبار قۇرۇلۇشىنىڭ خىرىسىغا دۇچار بولدى. بۇ ئامبارمۇ يەتمىگەندەك ئۇنىڭ ئۈستى تەرپىگە تاغ چوققىسىغا بىر ئامبار ياسىلىۋېتىپتۇ. تاشارنىڭ ئايىقىدىكى ئىگە-چاقىسىنىڭ تايىنى يوق، تۈركۈملەپ ئېچىلىۋاتقان قۇم-شېغىل زاۋۇتلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرگەن كىشىنى كۆڭلى ئېچىىشىدۇ. ئەتىياز، ياز، كۈز ھەتتا قىش كۈنلىرى بوران قوپۇپ كەتسە پۈتۈن ساقا زىمىنى چاڭ-توزاننىڭ ئىچىدە قالىدۇ. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز دەپ تەكىتلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ساقا تەۋەلىكىگە كىرىپ قالسىڭىز توپا-تۇماننىڭ دەستىدىن ماسكا تاقاشقا مەجبور بولىدىكەنسىز...
ئۈمىدىم: مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارتامنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ قويسا، قالايمىقان قۇرۇلۇشلارغا چەك قويسا، تىل-يېزىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈنسە...مۇشۇ كۈنلەردە قانۇن بويىچە دۆلەت سوراش قاتتىق تەكىتلىنىۋاتىدۇ. قانۇنسىز قىلمىشلارنى يەنىلا قانۇن بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
2014.10.28
|
|