ئىسپات يازدۇرۇش نېمە دېگەن تەس
(مىكرو ھېكايە)
سېڭ يوڭ
جاڭ شىيۇيىڭنىڭ يولدىشى يى يۇسەي سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم شەھەرلىك دوختۇرخانىدا دىئالىز قىلدۇراتتى.ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ ھەق ئېلىش كۆزنىكىدىكى قىز ئۇنىڭ بەش مولۇق،بىر يۈەنلىك پۇلىنى ساناۋېتىپ،-ھەدە سىلەر تۆۋەن كاپالەت رەسمىيتى بېجىرىڭلار،تۆۋەن كاپالەتلىك كىشىلەر دىئالىز قىلدۇرسا ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك ھەقتىن باشقىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز،-دېدى.
جاڭ شىيۇيىڭ بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ شۇ كۈنىلا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىغا بېرىپ تۆۋەن كاپالەت رەسمىيتى بېجىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى ما مۇدىر،-ئەر-ئايال ئىككىلىڭلار پېنسىيەگە چىققان ئىشچى،كىرىمىڭلار يۇقۇرى ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە يى ئۇستامنىڭ كېسىلى بۇنداق ئېغىر تۇرسا، تۆۋەن كاپالەت رەسمىيتى بېجىرىش پۈتۈنلەي شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ،بىراق ئالدى بىلەن ئىدارىنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ،ئاندىن خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا تەستىقلىتىشىڭلار لازىم،-دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىدارىغا باردى.بىراق ھازىر ئىدارىنىڭ تۈزۈلمىسى ئۆزگىرىپ،ئەسلىدىكى زاۋۇت شىركەتكە ئۆزگەرگەن بولۇپ،ئىسپات يېزىش،تامغا بېسىش قاتارلىق ئىشلارغا شىركەتنىڭ ئارقا سەپ بۆلۈمى مەسئۇل ئىدى.ئەمما ئارقا سەپ بۆلۈمىدىكى ۋاڭ مۇدىر ئىسپات يېزىپ بېرىشكە ئۇنىمىدى.-يى ئۇستامنىڭ ئەسلىدىكى زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى ئىكەنلىكى راست،سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بارلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن،بىراق تۈزۈلمە ئۆزگەرگەندىن كىيىن بۇرۇنقى ئۇ زاۋۇت ئەمەلىيەتتە مەۋجۇد ئەمەس،مۇنداقچە ئېيتقاندا يى ئۇستام ھازىر ئىدارىنىڭ ئادىمى ئەمەس،شۇنداق بولغانىكەن،ئىدارە سىرتىدىكى ئادەمگە بىز قانداقمۇ ئىسپات يېزىپ بەرگىدەكمىز؟-دېدى ئۇ.
-ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىدارىسى نەدە؟-دېدى جاڭ شىيۇيىڭ ھاڭ-تاڭ بولۇپ.
-سىز شەھەرلىك سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ سوراپ بېقىڭ،زاۋۇت بۇرۇن شۇلارنىڭ باشقۇرشىدا ئىدى،-دېدى ۋاڭ مۇدىر.
جاڭ شىيۇيىڭ ئالدىراپ-تېنەپ شەھەرلىك سانائەت ئىدارىسىغا كەلدى.ئۇنى ئىدارە ئىشخانىسىدىكى بىر يىگىت كۈتىۋالدى.-يى ئۇستام پېنسىيەگە چىققان بولغاچقا ئۇنىڭ مائاش رەسمىيتىنى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يۆتكىۋەتكەن،شۇڭا بۇ ئىسپاتنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى چىقىرىپ بېرىدۇ.
ئارقىدىنلا ئۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىغا باردى.ئۇنى ئاق ھەم يۇمران تېرىلىك ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال كۈتىۋالدى.ئۇنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن،-ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا مائاش تارقىتىپ بېرىدۇ.سانائەت ئىدارىسىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا،بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلماي كۈنبويى تونۇشتۇرۇش،ئىسپات يېزىپ ئولتۇرساق بولىدىكەن-دە!-دېدى ئۇ.
-ئۇنداقتا يولدىشىم يى ئاقساقالنىڭ ھامان بىر ئىدارىسى بولۇشى كېرەك-دە؟-دېدى جاڭ شىيۇيىڭ.
-مۇنداق بولسۇن،سىز كوچا ساقچىخانىسىدىن سوراپ بېقىڭ،ئۇلار نوپۇس باشقۇرىدۇ،ئائىلەڭلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشنىدۇ،مېنىڭچە بۇ ئىسپاتنى ئۇلار چىقىرىپ بەرسە مۇۋاپىق،-دېدى ئاق ھەم يۇمران تېرىلىك ئوتتۇرا ياشلىق ھېلىقى ئايال ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن.
جاڭ شىيۇيىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق كوچا ساقچىخانىسىغا كەلدى،ئىشخانىدا بىر نەچچە ساقچى بايىلا تۇتۇپ كەلگەن بىر ئوغرىنى سوراق قىلىۋاتاتتى.بۇ چاغدا بىر سېمىز،بىر ئورۇق ئىككى ساقچى جاڭ شىيۇڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ گەپ سورىدى،ئۇنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،سېمىز ساقچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنى سۆكتى،ئورۇق ساقچى بولسا جاڭ شىيۇڭغا ئەقىل ئۆگىتىپ،كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنى ئىزدەپ بېقىشنى،قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى،تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەن كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى ئۈچۈن ئىدارە تېپىپ بېرىشتە،دەل ئۇلارنىڭ كارغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇنىڭ بىلەن جاڭ شىيۇڭ يەنە كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىغا كېلىپ ما مۇدىرنى ئىزدىدى،ئۇ ئېغىز ئېچىش بىلەن تەڭلا،ما مۇدىر ئويلىمىغان يەردىن قايتا-قايتا قولىنى پۇلاڭلىتىپ رەت قىلىپ،-كوچا باشقارما دېگەن كوچا باشقارما،ئۇنى قانداقمۇ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدارىسى دېگىلى بولسۇن،قايسى رەھبەر شۇنداق يوليورۇق بەردى؟،قايسى قىزىل باشلىق ھۆججەتتە شۇنداق بەلگىلنىپتۇ؟،بولمايدۇ،بولمايدۇ،بۇ ئىسپاتنى بىز چىقىرىپ بېرەلمەيمىز،چىقىرىپ بېرىدىغان ھوقۇقىمىزمۇ يوق…،-دېدى.
سىرىتتا كەچكىچە پايپېتەك بولۇپ ئۆيگە قايتقاندا،يى يوسەي ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىدى.ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش جەريانىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،يى يوسەي بىر ئېغىزمۇ ئۈنچىقمىدى،ئۇنىڭ چىرايى بارغانچە تاتىرىپ كېتىۋاتاتتى.كىيىنكى كۈنلەردە،جاڭ شىيۇڭنىڭ ۋاقتى چىققان ھامان يەنە بۇ ئىشقا چاپتى،ئەمما ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپمۇ،بۇنىڭغا يالۋۇرۇپمۇ يى يوسەيگە ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى خالايدىغان بىرەر ئىدارىنى تاپالمىدى.
بىر كۈنى،يى يوسەي دوختۇرخانىدا دىئالىز قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،روھلۇق ھالدا سومكىسىنى يۈدىپ يولغا چىقتى.يولدا ئۇچرىغان تونۇش-بىلىشلەر،-يى ئۇستام،ئەمدى نەگە بارىسىز؟،-دەپ سورىۋىدى،-ئىدارە ئىزدىگىلى ماڭدىم…،-دەپ جاۋاب بەردى يى يوسەي.
译自《微型小说月报》2014年第4期
伽师县气象局
尼加提·伊布拉音
2014年7月1日
|