- تىزىملاتقان
- 2014-10-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
10.33%
|
2015-2017-يىللىقMATHMODS (engineering mathemthematics) ئىنژىنىرلىق ماتىماتىكا تۈرىگە ماگىستىر ئوقوغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش باشلاندى.
بۇ ERASMUS MUNDUSئوقۇش مۇكاپات پىروگراممىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ھەر يىلى ماتىماتىكا،فىزىكا، ئىنژىنىرلىق،ئىلىكتىر تىخنىكىسى قاتارلىق بىر قىسىم كەسىپلەردىن بۇ تۈرگە ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىدۇ،ئوقۇش مۇكاپاتى بار، مۇكاپات سوممىسى ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ. ياتاق ئوقۇش پۇلى ھەقسىز،يەنە ھەر ئىيىغا 1000ياۋرو تۇرمۇش پۇلى بىرىدۇ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى كۆتۈرىۋىتىلىدۇ. ئوقۇتۇش سۈپىتى بەكمۇ ياخشى، ئەمما ئۈگۈنۈش ۋەزىپىسى ئىغىر،بۇ ياۋروپادىكى ئىتالىيە،گىرمانىيە،فىرانسىيە،ئىسپانىيە ۋە پولشادىكى 5 مەكتەپ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان پىروگرامما بولۇپ ئىككى يىللىق ئوقۇشنى ئادەتتە ئىككى ياكى ئۈچ مەكتەپتە تاماملايسىز. دەرىسلەرنىڭ ھەممىسى ئېنگىلىز تىلىدا ئۆتۈلىدۇ
.بۇ مەكتەپلەر :
University of L'Aquila in Italy (UAQ
(بىرىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇشنى چوقۇم مۇشۇ مەكتەپتە تاماملايسىز)
قالغان بىر يىرىملىق ئوقۇشنى تۆۋەندىكى تۆت مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى بىر ياكى ئىككىسىدە تاماملايسىز.تەپسىلى قايسى مەكتەپ ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئۇقالايسىز.
Autonomous University of Barcelona(UAB) in Catalonia
Gdansk University of Technology (GUT) in Poland
University of Hambugr(UHH) in Germany
University of Nice - Sophia Antipolis(UNS) in France
ئىلتىماس قىلىشتىكى تەلەپلەر:
ماتىماتىكا،قوللىنىلىشچان ماتىماتىكا،فىزىكا، ئېلېكترون ئىنژېنېرى، مېخانىكا قۇرۇلۇشى ۋە ياكى ماتىماتىكىغا ئائىت ئىنژىنىرلىق كەسىپلىرىدىن باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانىڭىز بولۇشى كىرەك(ئەگەر ئالي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، مەكتەپنىڭ پات ئارىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىسپاتى بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ).
ئېنگىلىز تىلىدىن ئۆلچەمگە يەتكەن بولىشىڭىز كىرەك.توفىل(550)،ئايىلتس(6.0).certificate (see the list above) no later than 15 August 2015
ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلىشىش ۋاقتى:2015-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى(ئوقۇش مۇكاپاتى بار)2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى(ئوقۇش مۇكاپاتى يوق)
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى:توردا ئىلتىماس قىلىسىز،ھىچقانداق ھەق ئىلىنمايدۇ.
ئەسكەرتمە:تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىر دۆلەتتىن بىر ياكى ئىككى ئوقوغۇچىغا بىرىلىدۇ(بىر دۆلەتتىن ئىككى ئوقوغۇچىغا بىرىلىدىغان ئەھۋال ناھايتتىمۇ ئاز)، ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى بەكمۇ مول، شۇڭلاشقا قىرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئىلتىماس قىلىپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. كىرەكلىك ماتىرىياللارنى ياخشى تەييارلىساڭلار، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىشىڭلاردا ئۈمۈد چوڭ. ئەگەر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشالمىسەڭلار، ئۇلار ئادەتتە ھەر مەۋسۇملۇق ئوقۇش راسخوتىنى 400 ياۋروغا تۆۋەنلىتىپ بىرىدۇ،يەنە ياۋروپادىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرگە ھەر ئايدا 250 ياۋرو تۇرمۇش پۇلىمۇ بىرىدۇ. ئەگەر ئىككىنچى يىلىنى فىرانسىيە ياكى ئىتالىيەدە ئوقۇسىڭىز يەنە باشقا ياردەملەرمۇ بار.ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بىر قەدەر جىق ھەمدە تەس،ھەر مەۋسۇمدا سىز تۇرۇشلۇق ئاشۇ دۆلەتنىڭ تىلىمۇ ئۆتىلىدۇ، ئەمما تىرىششىڭىزلا يىتىشىپ كىتەلەيسىز. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىن 60 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ تۈرگە قاتنىشىدۇ، بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ كىلىپ قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
قالغان تەپسىلى مەزمۇننى تۆۋەندىكى تور ئادرىسىدىن كۆرۈڭ: http://www.mathmods.eu/admission
ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ، بىز قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم بىرىمىز.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:ئامىنە: amina.mollaysa@gmail.com
|
|