قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2275|ئىنكاس: 5

ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئالىي مەكتەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 05:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئالىي مەكتەپ


      رىم ئىمپېرىيىسى ۋەيران بولغاندىن تارتىپ 12،13-ئەسىرلەردىكى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا، يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئىلىم -پەن مىراسلىرى غەربتە ئاساسەن يوقاپ كەتكەنىدى. شەرقتە، ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيەت چەمبىرىكىدە بولسا، يۇناننىڭ ئاشۇ پەلسەپە ھەم پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ساقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ۋاقىت جەھەتتىن، غەربنىڭ ئاشۇ “ قاراڭغۇ ئەسرلىرى“ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىسلامنى تارقىتىشى، كۈچلۈك ئىسلام خەلىپىلىكلىرى ھەم دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن چىڭگىزخاننىڭ كېڭەيمىچىلىكىگىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ”ئالتۇن دەۋرى“گە توغرا كەلگەنىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلار يۇنان پەلسەپىسىدىن باشلانغان پارلاق مەدەنىيەتنىڭ ئاكتىپ قۇبۇل قىلغۇچىلىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى تەرەققى قىلدۇرغۇچى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلىرىدىن ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىل روھى تاكى 16- ۋە 17- ئەسىرلەردىكى تېخنىكا ئىنقىلابىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقتە ۋە غەربتە روھى تۇرمۇشنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغان.
بەزىدە، ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلار كونتروللىقىغا ئۆتكەن ئەسلىدىكى رىم ئىمپېرىيىسىگە تەۋە ئايرىم رايونلاردا مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى پەيدا بولدى ، دېيىلسىمۇ، بىراق، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى رايونلىرىدا – مىسىر ۋە سۈرىيە، ئىران ۋە ئىراقلاردا – مەدەنىيەت ۋە ئىلىم پەن ئەنئەنىسى ئۈزۈلمەستىن تېخىمۇ كۈچلەنگەن. ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ روھىي تۈۋرۈك ئاساسىدا ، ئارستوتىل ۋە باشقا يۇنان پەيلاسۇپلىرىغا ئەسلىدىنلا ناتونۇش بولمىغان مۇسۇلمان دۇنياسىدا( چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر قەدىمكى سۈرىيەچىگە ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنغان ئىدى) – باغداتنى مەركەز قىلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدە- مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىدىكى چوڭ بۆسۈش بارلىققا كەلدى. ھارۇن راشىد ( ھارۇن ئەل راشىد، 786-،809-يىللار ئارىسىدا تەخت ئۈستىدە ) دەۋرىدە، غايەت زور بىر تەرجىمە پىلانىنى باشلىنىش قىلغان مەدەنىيەت گۈللىنىشى( ئەمەلىيەتتە يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا بىرىنچى قېتىم گۈللىنىشى) روياپقا چىقتى. بۇ دەۋردە مۇسۇلمان ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە، غەيرى مۇسۇلمانلاردىن بولغان خرىستىئانلار، يەھۇدىلارمۇ خەلىپىلىكنىڭ مەركىزىدە بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. خەلىپىككە تەۋە ھەرقايسى رايونلاردىن، قوشنا مۇسۇلمان رايونلىرىدىن كەلگەن بىلىم خەلىپىلىك مەركىزىگە توپلانغان. ئەل راشىد ئۆلىمالارنىڭ يۇنان تىلىنى ئۆگىنىشى ھەم يۇناننىڭ پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان. كۆپ ساندىكى ئەلچىلەرنى يۇنان قوليازمىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن غەربكە ئەۋەتكەن. (مانا مۇشۇلارنى ھېسابقا ئالغاندا، تۈرك دۇنياسىدا ئىسلام دىنىنى ئەڭ بۇرۇن دۆلەت دىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان خاقانىيەدىن باشلانغان ئىسلام مەدەنىيىتى مۇساپىمىزدە، ھەرخىل ئەسەرلىرىمىزدە يۇنان پەلسەپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى، يۇنان پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى كۆپلەپ ئۇچرىتىشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇ بىر پۈتۈن ئىسلام ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھادىسە. شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدىن چەتنىگەنراق پاراڭدىن بىرنى قىلساق :مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ نەچچە يىللاپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۈرك زېمىنلىرىنى ئايلىنىش، مۇشەققەتلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە تۈزگەن ئەسىرىنى خاقانىيە سۇلتانىغا ئەمەس، باغداتتىكى خەلىپىگە تەقدىم ئېتىشى – ئۇنىڭ ئوردا غەۋغالىرىدىن يىراق تۇرۇشنى ئىستىگەنلىكىدەك سەۋەبتىن باشقا، ئەينى ۋاقىتتىكى بىر پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت، تەتقىقات مۇھىتى بىلەن، ئابباسىيلاردا ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىگە بولغان پوزىتسىيە بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر).
بۇ تەرجىمە خىزمىتىنىڭ قانداق رولى بولغان؟ بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئالدى بىلەن ئەرەب تىلى لېكسىكىسىنىڭ بېيىشى ، شۇنداقلا، يۇنان ئۇقۇملىرىغا ماس ھالدىكى پەلسەپە ئۇقۇملىرى ۋە ئىلىم – پەن ئۇقۇملىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا كۆرۈلىدۇ. ئەرەب ئالىملىرىنىڭ قىزىقىشى پەلسەپە ( ئارىستوتىل، ئەپلاتۇن، يېڭى پلاتونىزم)، تىبابەت، ئوپتىكا، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مېتاللورگىيە دېگەندەك ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. ئەلۋەتتە، ئىستىلىستىكا، شېئىرىيەت، تىياتىر ۋە تارىخشۇناسلىق ساھەلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. چۈنكى، بۇ پەنلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئەرەب مۇسۇلمانلارغا پايدىسى كۆپ ئەمەس، دەپ قارىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەرەب خەلىپىلىكى شەرقتە ھىندىستان، جۇڭگو، ئىرانلار بىلەنمۇ قويۇق ئىلمىي ئالاقىلەردە بولغان. ماتېماتىك ئەل خارەزمى( 800-847) 9-ئەسىردىلا ھېسابلاشلاردا ھىندى رەقەملىرى(بىز ھازىر بۇنى ”ئەرەب رەقەملىرى“ دەپ ئاتايمىز)نى ئىشلەتكەن. يىغىنچاقلىغاندا، يۇنان مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ۋە شەرق مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى كەڭ تۈردە قۇبۇل قىلىش ئەرەب تىلىنى تېخىمۇ بېيىتقان، ماس قەدەمدە ئىلىم-پەن ئىشلىرى غايەت زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن، 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە باغدات دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىلىم مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
     تەرجىمە خىزمىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ پائالىيەت مەسچىد ۋە مەدرىسلەر بىلەن باغلانغان يېڭى كۈتۈپخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 10-ۋە 11-ئەسرلەردە ، ئەرەب زېمىنىدا نەچچە يۈزلىگەن كۈتۈپخانىلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، باغداتتىكى خەلىپىلىك كۈتۈپخانىسىدىلا يۈزمىڭ(100000) پارچە كىتاب ساقلانغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا، پارىژدىكى ئەڭ چوڭ كۈتۈپخانىدا 2000 پارچە كىتاب ساقلانغان، رىمدىكى ۋاتىكان كۈتۈپخانىسىدىمۇ شۇنچىلىك كىتاب بار ئىدى. شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى، قەغەز ياساش تېخنىكىسى 8-ئەسردىلا يىپەك يولى ئارقىلىق ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقالغان، 10-ئەسردە پۈتۈك-يېزىق ئىشلىرىدا قەغەز پۈتۈنلەي ئومۇملاشقان. شۇڭا پۈتۈكچىلىك ئىشلىرى ۋە كۈتۈپخانا ئىشلىرى شۇ قەدەر تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلىگەن. ياۋروپادا بولسا ئەڭ بالدۇرقى قەغەز 1150-يىلى ياسالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا قەغەزچىلىكىنىڭ بايراقدارلىرى ئىسپانىيەدە ياشىغان ئەرەبلەردۇر، دەپ قارىلىدۇ.
     مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم -پەنگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرى(بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەرەب تىل-يېزىقىنى ۋاستە قىلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك) تىبابەت، ئاسترونومىيە ۋە ئوپتىكا ساھەلىرىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ساھەلەردىكى ئالىملار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زور تەسىرلەرگە ئىگە پەيلاسۇپلاردۇر. ئەرەب ھەكىمى ھەم پەيلاسوپى ئەبۇبەكرى ئەلرازى(865-925) بالىلار كېسەللىكلىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالىمدۇر. ئۇ تۈزگەن بىر نەچچە پارچە تىبابەت دەرسلىكى ئەرەبلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، غەرب دۇنياسىدىمۇ كەڭ تارقالغان. ئەسەرلىرى 17-ئەسردىلا لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
     ئىبن سىنا(980-1037) رازىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ تىۋىب بولۇش سالاھىيىتى بىلەن گالېن(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 130-200 ، يۇنان تىبابەت ئالىمى)نىڭ خېلى چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئاساسلىق ئەسىرى ”ئەلقانۇن فى تىب“ بولسا يۇنان تىبابىتى بىلەن ئەرەب-ئىسلام تىبابىتىگە ئېلىپ بېرىلغان غايەت زور دەرىجىدىكى ئومۇملاشتۇرما خۇلاسە ئىدى. بۇ كىتاب 16-ئەسردىكى ياۋروپا ئالىي ئۇقۇللىرىدا تىبابەت كەسپىنىڭ ئاساسلىق بىر دەرسلىكى قىلىنغانىدى. ئىبن سىنا ھەم مۇھىم بىر پەيلاسوپتۇر. ئۇ ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئارىستوتىلنىڭ ئۇقۇملىرى ۋە ئۇندىن كېيىنكى يۇنان مېتافىزىكىسى بىلەن شەرھىلەشكە ئۇرۇنغان. ئوخشاش ھادىسە خىرىستىيان ئىلاھىيەتچىلىرى ئارىسىدىمۇ يۇز بېرىۋاتاتتى. ئىبىن سىنانىڭ قارىشىچە، ئاللا بىرلەمچى سەۋەب، يەنى، ياراتقۇچى . يارىتىلغان دۇنيانى بولسا ئاللادىن كەلگەن بىر قاتار مۇقەددەس نۇرلارنىڭ شولىسى(سايىسى)، دەپ چۈشىنىش كېرەك (بۇ ئىسلام تەسەۋۋۇپچىلىرى ئىلگىرى سۈرىدىغان «“ۋۇجۇدى مۇتلەق“نىڭ ”ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى“نىڭ تەجەللىسى»، دېگەن چۈشەندۈرۈشكە يېقىن كېلىدۇ) : مۇقەددەس نۇرنىڭ شولىسى ئىنسان روھىناتىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئىنسان ھاياتىمۇ يەنە شۇ مۇقەددەس نۇرغا، يەنى ئاللاغا قايتىپ بارغۇسى بىر مەيدان سەپەر بولۇشى كېرەك… ئىبىن سىنانىڭ ئەڭ نىگىزلىك پەلسەپىۋى قارىشى – ئۇنىڭ ماددا قارىشىدۇر. ئىبىن سىنانىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشى ئەپلاتون ۋە ئارىستوتىللارنىڭ ”خۇدا ماددىنى يوقلۇقتىن يارىتىدۇ“ دېگەن نەزىرىيىنى رەت قىلىدىغانلىقىدەك ئىدىيىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مۇقەددەس نۇرنىڭ شولىسى ماددىغا تولغان بولىدۇ، ئەمما ماددىنى ياراتمايدۇ، دەيدۇ ئۇ. مانا بۇ ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپنىڭ باشلىنىش نوقتىسىنى تەشكىل قىلغان. ئىبىن سىنانىڭ ”يېڭى پلاتونىزىم“ى ئۇلۇغ ئىلاھىيەتچى غەززالى(1058-1111)نىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. غەززالىنىڭ ئاساسلىق قارىشى: پەيلاسوپلارنىڭ تەڭرىسى قۇرئاندا زىكىر قىلىنىدىغان ئاللا ئەمەس. پەلسەپە بىلەن قۇرئان توقۇنۇشۇپ قالغاندا پەلسەپە ئورۇن بوشىتىشى كېرەك. …دېگەندەك. قىزىقارلىقى، ئوخشاش ئىختىلاپ خىرىستىيان دۇنياسىدا پەلسەپە ۋە ئىنجىل توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش شەكلىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان.
      غەززالى بىلەن بۇ جەھەتتە بىۋاستە تۇتۇشقىنى ئىسپانىيەنىڭ كوردوبا(كوردوۋا)دا تۇغۇلۇپ، ھەر قايسى ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن، غەربلىكلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىبىن رۇشىد(1126-1198)تۇر. ئۇ بىر مەزگىل سېۋىللا ۋە كوردوبانىڭ قازىسى بولغان، كېيىن ماراكەش خەلىپىسىنىڭ خۇسۇسىي تىۋىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئىبىن رۇشىد بولۇپمۇ ياۋروپادا ئەپلاتۇن ۋە ئارىستوتىللارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەھلىل ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇ توماس ئاكۋىناغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئىبىن رۇشىد نەزىرىيىسى 17-ئەسردىن بۇرۇنقى مەدرىس پەلسەپىسى(ئاكادېمىيە پەلسەپىسى)گىمۇ ئۆزىنىڭ ئىز-تامغىسىنى قالدۇرغان. ئەل غەززالى بىلەن بولغان تالاش-تارتىشتا ئىبىن رۇشىد ”پەلسەپىۋى يەكۈن بىلەن قۇرئان ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بولىشى مۇمكىن ئەمەس“، دەپ قارىغان: «دىنىمىز بىر ھەقىقەت بولغانىكەن ھەم ھەقىقەتنى بىلىشكە يېتەكلەيدىغان تەتقىقاتلارغا ئىلھام بەرگەنىكەن، ئۇنداقتا، بىز , مۇسۇلمانلار ئۈممىتى، بەس-مۇنازىرە ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتنىڭ مۇقەددەس كىتاب بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىلەرگە قارشىلىق قوزغىمايدىغانلىقىدەك خۇلاسىنى بىلەلەيمىز. چۈنكى ھەقىقەت ھەقىقەتكە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ھەقىقەتكە ماسلىشىپ، ھەقىقەتكە ئىسپات بولالايدۇ“.
      ئۇنداقتا، بەزىبىر روشەن زىتلىقلارنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئىبىن رۇشىد بۇنىڭغا غەرب پەلسەپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بىر شەرھى پىرىنسىپىنى نەقىللىگەن. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: قۇرئاندىكى ھەرقانداق نەرسىنى سۆز مەنىسىدىنلا چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىگە ئېلىپ بېرىلغان كونتېكىستلىق شەرھى ئەقلىيلىق بىلەن زىتلىشىپ قالغاندا، ئۇ ئايەتلەرنى بىر خىل بىشارەت ياكى تەمسىل تەرىقىسىدە چۈشىنىش زۆرۈر. ئەل غەززالى بىلەن ئىبىن رۇشىد ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پىكىر ئختىلاپىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئەسلىيەتچىلىكنىڭ تارىخى ھەقىقەتەنمۇ قىسقا ئەمەس. ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ مەشھۇر تېما ئىسلام پەلسەپىسىدە قانداق مەۋجۈت بولۇپ كەلگەن بولسا ، خىرىستىئان دىنى پەلسەپىسىدىمۇ خاس خاراكتىر بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرغان.
      مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئوپتىكا ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتىرلىك خىزمەتلەرنى قىلغان كىشى ئەلخازىن(965-1039)دۇر. ئۇنىڭ كۆپ خىل ئوپتىكىلىق مۇھىتلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ۋە ئوپتىكىلىق ھادىسىلەر تەتقىقاتىدا قوللانغان تەجرىبە مىتودىنىڭ ئىلغارلىقىغا ھېچكىم كۆز يۇممايدۇ. بۇلارغا قوشۇلۇپ كۆزەينەكنىڭ ئىشلەش مىخانىزىمى توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئانالىزلىرى ئەلخازىننى ئەڭ بۈيۈك فڧىزىكلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزغان. ئۇنىڭ لوگىر بىكون، جون كاپلىر ۋە ئىساك نيۇتونغا ئوخشاش غەرب ئالىملىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى خېلىلا زور. ئاسترونومىيە ساھەسىدە، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىغا قويغان ماتېماتىكىلىق مودىل ئايلىنىش نەزىرىيىسى ۋە ئەمەلىي كۆزىتىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا زور كۈچ چىقارغان. ئىراننىڭ مېراگا رەسەتخانىسىدا ئىبىن شاتىر پىتولمى سىتېمىسىغا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ ھەم تەرەققى قىلغۇزۇپ، كىيىنكى دەۋردىكى كوپىرنىك سىستېمىسى بىلەن ماتېماتىكا جەھەتتىن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە قىلدى. كوپىرنىككىچە بولغان دەۋردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاسترونومىيە مودىلى غەربلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىلغار ئىدى.
      پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسردە ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تىبابەت، ئوپتىكا دېگەندەك پۈتكۈل ساھەلەردە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيەدە تۇرغان، ئالتە يۈز نەچچە يىل داۋامىدا تېخنىكا، ئىلىم-پەن جەھەتتىن ئىزچىل ھالدا غەربتىن ئىلگىرى كەتكەن مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى؟ تېخنىكا ئىنقىلابى باغدادتا، قاھىرەدە، شىراز، ئىسڧاھاندا، ئىستانبۇلدا، بۇخارا، سەمەرقەنت ياكى قەشقەردە يۈز بەرمەستىن، 16- ۋە 17- ئەسرلەردىكى ياۋروپادا بارلىققا كەلدى؟مۇنداقچە سورىساق: مۇسۇلمانلاردا پەلسەپە ھەم ئىلىم-پەن داۋاملىق تەرەققى قىلماستىن، ئۆز ئىزىغا دەسسەپ، 14-ئەسردىن كېيىن ئەكسىچە خارابلاشتى؟
      ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىسلام كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەرەب تىل – يېزىقىنى ۋاستە قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم- پېنى غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئىلمىنى ئۇزۇق مەنبەسى قىلغانىدى. «كائىناتقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىش، تەتقىقاتلار ئاللانى تۇنۇشنىڭ ۋاستىسى بولالامدۇ، يوق؟ ماددا ھەم ماددى دۇنيا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە نىسبەتەن قانداق ئەھمىيىتى بار؟ »دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە تېخى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەنىدى. يەنى، مەسىلە ھەم يەكۈنلەرنى ”ئىسلاملاشتۇرۇش“ دەرىجىسىگە يەتمىگەن. بۇ خىل ئەھۋالغا دەسلەپتە ئوخشىمىغان شەكىللەردە يول قويۇلغان بولسىمۇ،ئەمما، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دىنىي ئۆلىما ۋە رەھبەرلەرنىڭ شۇبھە-تەنقىدلىرىمۇ كۈچىيىپ بارغان. ئىسلام دۇنياسىدىكى پەن تەتقىقاتىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلىك خاراكتىرىگە نىسبەتەن ھىسيات جەھەتتىكى چەتكە قېقىش، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەم ئېتىقاد شەكلىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى ئەندىشە قاتارلىقلار شۇ خىل تەنقىدنىڭ سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، سىرتتىن كەلدى، دەپ قارىلىدىغان بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى پايدىسىزغا، يوققا چىقىرىشمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىلىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. ئاددىسى، دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىغا تارقالغان مۇسۇلمانلار توغرا بولغان ناماز ۋاقتىنى، كەبىنىڭ نەق تەرەپ-يۈنىلىشىنى بىلىشكە ھەرزامان ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇراتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاسترونومىيە، گىئومىتىرىيە، ھىساب بىلىملىرى چوقۇم لازىم بولاتتى. شۇغىنىسى، بۇ ئەقەللىي ئېھتىياجلار قاندۇرۇلغان ھامان، تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن تەتقىقاتلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن. نۇرغۇن پەن ساھەلىرى ئەھمىيەتسىز ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن سىغىشالمايدۇ، دەپ قارالغان. بۇ خىل ئەھۋال تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ چەكلىمىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پەن تەتقىقاتنىڭ 15-ئەسرگە كەلگەندە توختاپ قېلىشى ھەم خاراب بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ھاسىل قىلغانلىقى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن.
      يەنە بىر ئېغىر مەسىلە شۇكى، ئىسلام مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىلىم-پەننىڭ تۈزۈلمە ھەم قۇرۇلما خاراكتىرلىك ئاساسى كەمچىل ئىدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىدا ئۇل ساھە ھېسابلىنىدىغان مائارىپ ئورگانلىرى ھەم ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايتتى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئەرەبلەردە ۋە باشقا مۇسۇلمان رايونلىرىدا مائارىپنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى مەدرىسلەردۇر. 11-ئەسردىن باشلاپلا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن مەدرىس مائارىپى قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش، ھەدىس-شەرىفلەرنى مۇتائىلە قىلىش ۋە شەرىئەت بىلىملىرىنى ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلاتتى. پەلسەپە ۋە تەبىئەت پەنلىرى دەرس مەزمۇنىدا يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. ئەلۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك تېكستلەر مەدرىسلەردە كۆچۈرۈلگەن، كۆچۈرۈلگەنۇ، كۈتۈپخانىلارغا بېسىپ قويۇلغان. نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپ ھەم تەبىئىي پەن ئالىملىرى مەدرىسلەردە دەرس ئۆتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغىنى پەلسەپە ھەم تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتمىگەن. ئاتالمىش“سىرتتىن كەلگەن ئىلىملەر“ بىلەن شوغۇللىنىش پەقەت بىر خىل خۇسۇسىي قىزىقىش سۈپىتىدە ، كۆپ بولسا مەسچىدلەر(ئاسترونومىيە) ياكى ئوردا(تىبابەت) بىلەن مۇناسىۋەتلەشكەن دائىرىدىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىغان. بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، كىيىنكى مەزگىللەردە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ، تېخنىكا ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇنىۋېرسىتىتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ياۋروپانىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى.
      دۇنيادا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ھەققىدىكى قاراشلار ئوخشىمايدۇ. ياۋروپادا ئالىي مەكتەپ(ئۇنىۋېرسىتېت)لارنىڭ قاچان مەيدانغا كەلگەنلىكىمۇ ھەم تالاش تارتىشتىكى بىر مەسىلە. يەنە كىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېت ئۇقۇمىنىڭ ئۆزىمۇ ئىلگىرىكى مەزگىللەردە ( بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسردە) بەكلا ئېنىقسىز بىر ئۇقۇم ئىدى. بۈگۈنكى دەۋردە كۆپ قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتۇش، تەتقىقات شارائىتى بولۇش، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئىلمىي ئۈنۋان تارقىتالايدىغان بولۇش قاتارلىق شەرتلەرگە قارىغاندا، ئىتالىيەدىكى بولوڭنا ئۇنىۋېرسىتى، فىرانسىيەدىكى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ياۋروپادىكى ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتىتلار دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۇنىۋېرسىتىتلار ئۆزىنىڭ كۆلەم ھەم مەكتەپ ئەنئەنىسىدىكى ئىزچىللىقنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن. بەزىلەر پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەپلاتون ئاكادېمىيىسىنىڭ رىمدىن پارىژغا يۆتكەلگەن ۋارىسى، دەپ قارىشىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، 12-ئەسرنىڭ ئاخىرلىرى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتىتلار قەدىمقى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزلىرىگە ئۇل قىلغان. ئۇلار رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئەركىن كىشىلەر ئۆگەنسە بولىدىغان ”يەتتە پەن“نى ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانىدى. بۇ يەتتە پەننىڭ بىرىنچى تۈكۈمى ”ئۈچ سەنئەت“ دېيىلىپ، گرامماتىكا، ئىستىلىستىكا ۋە لوگىكىنى كۆرسىتەتتى. ئېنىقكى، بۇلار قەدىمدە بىر سىياسىئون ياكى ناتىق چوقۇم ئىگەللىشى كېرەك بولغان ئىلىملەر ئىدى. ئىككىنچى تۈركۈمى ”تۆت ماھارەت“ بولۇپ، گىئومېتىرىيە، ھېساب، ئاسترونومىيە ۋە مۇزىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇلار ئەپلاتون ۋە پىتوگىراسلارنىڭ مائارىپ قورۇمىدا مەركىزىي ئورۇن بېرىلگەن پەنلەر ئىدى.
      بىلگىنىمىزدەك، ئوتتۇرا ئەسردە ئاساسلىقى روھىي جەھەتتىن ئۈچ خىل ئەنئەنە ساقلانغان، ئۇلار بىر-بىرىدىن مۇستەقىل بولسىمۇ، ئەمما، ھەر قايسىسى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە قەدىمىي مىراسلارنى قۇبۇل قىلغانىدى. بۇ ئۈچ خىل ئەنئەنە: ۋىزانتىيە، لاتىن چېركاۋلىرى ۋە ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىن ئىبارەت. پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسردە ياۋروپانىڭ شەرقىدە ۋىزانتىيەنىڭ يۇنان تىلىنى ئاساس قىلغان ئىلىم مەركىزى( كونستانتىنوپول 1453- يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىلگەن) بار ئىدى. غەربىي ياۋروپادا بولسا قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت چىركارلاردا توپا بېسىپ ياتاتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خارابىسىدا ساقلىنىپ قالغىنى پەقەت خىرىستىيان دىنى ۋە دىنىي جەمئىيەتلا ئىدى. ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارى پەقەت دىنىي ئورگانلارغا تەئەللۇقلا نەرسە بولۇپ قالغان. 6-ئەسردىن باشلاپ، غەربلىكلەرنىڭ يازما ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىدىغان، تەلىم ئالىدىغان ئاساسلىق مەنبەسى چېركاۋلاردىن كەلگەن. ئوخشىمىغان تىل-يېزىق ۋە ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بۆلۈنمە ھالەتتىكى ياۋروپادا، چېركاۋلار ئورتاق بولغان بىر ياۋروپا مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىرلىككە كەلگەن ھەم مەركەزلەشكەن بىردىنبىر قۇرۇلما ھېسابلىناتتى. بۇ خىل چېركاۋ مەدەنىيىتى لاتىن تىلىنى ۋاستە قىلىدىغان مەدەنىيەت بولۇپ، يۇنان تىل-يېزىقى بىرياقلارغا چۆرۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالدا، تەبىئىيكى، يۇنان ئىلىم- پېنى ھەم ئۇنىڭ مېتودولوگىيەسىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچ يوقالغان. ئەمما. خۇددى يۇقۇرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ خېلى بورۇنلا ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، قەدىمقى ئىلىم-پەن ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىدە ساقلىنىپ قالغان. لاتىن تىللىق ياۋروپالىقلار بولسا 10-ئەسىردە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشلار (بولۇپمۇ كوردوبادا) نەتىجىسىدە ئاندىن ئىلىم-پەن ئەسەرلىرى بىلەن قايتا تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇ: يۇنان ۋە رىمدىن چىركاۋلار ۋاستىسى بىلەن غەربىي ياۋروپاغا قالغىنى مۇسۇلمانلار قوبۇل قىلىشقا ئانچە بەك ئېتىبار بەرمىگەن ئىستىلىستىكا ۋە لوگىكىنىڭ ساقىندىلىرى بولغان. يەنى، زىيالىلار قاتلىمى ھېسابلىنىدىغان پوپ ھەم دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ئىستىلىستىكا، ئوقۇتىدىغىنى«ئىنجىل» بولۇپ، ئىجتىمائىي پەن روھىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان، «ئۈچ سەنئەت» ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىپ، «تۆت ماھارەت» دىققەتتىن يېراقلاشتۇرۇلغان. گەرچە ئاڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى بەزىدە مەيدانغا كىلىپ تۇرىۋاتسىمۇ.
     9-ئەسردىن كېيىن ياۋروپادىكى ئىلمىي پائالىيەتلەردە بىر قىسىم يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئىلمىي پائالىيەتلەر ئىجتىمائىي قاتلامدا دۆلەت ۋە شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشكە باشلىدى، بۇ جەرياندا كىشىلەر قەدىمقى دەۋر ئىلىم-پىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشقا باشلىدى. كارولىن خاندانلىقىدەك كۈچلۈك ئىمپىرىيەلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ كەمچىل بولىشى يېڭى بىر خىل مائارىپ سىستېمىسىغا بولغان تەقەززالىقنى كۈچەيتتى. نەتىجىدە، چىركاۋ مەكتەپلىرى كۆپلەپ قۇرۇلۇشقا باشلىدى. ياۋروپادا ئەڭ دەسلەپكى بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەر مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا مەيدانغا كەلگەن.
     ئۇنىۋېرسىتېت ئاتالغۇسىنىڭ ھازىرقى زامان ئىستىمالىدىكى قوللۇنىلىشى 15- ئەسردىن باشلانغان. بىرىنچى تۈركۈمدە مەيدانغا كەلگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى : ھەممىسى چوڭ-كىچىك شەھەرلەرگە جايلاشقان.
      يەنە بىر ئالاھىدىلىك: كەسىپلىشىشكە يۈزلىنىشتەك تىرىشچانلىق بارلىققا كەلگەن. ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئوخشىمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تەتقىقات ھەم ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكى، يەنى كۈچلۈك كەسىپلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. مەسىلەن، ئىتالىيەدىكى بولۇڭنا تەدرىجى ھالدا قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى، 12-ئەسردىكى پارىژ بولسا ئىلاھىيەتشۇناسلىق مەركىزى بولۇپ قالغان. ئوكسىفورد خېلى بۇرۇنلا پەن تەتقىقاتلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان. بۇ ئىلمىي ئورگانلار تىزلا خەلقئارالىق بىر ئورۇنغا، نوپۇزغا ئېرىشكەچكە، ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ يەرلەرگە توپلىنىشقا باشلىغان. ھالقىلىق بولغىنى شۇكى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەربىيىلىگەن لاياقەتلىك تىۋىپ، ئادۋوكات، ئىلاھشۇناس دېگەندەكلەرگە چېركاۋلارنىڭىمۇ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭمۇ جىددى ئېھتىياجى بار ئىدى، يەنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە زور پايدىسى تىگەتتى. مانا بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاساستۇر.
       ئىلىم مەركەزلىرىنىڭ كەسىپلىشىشىنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى – ساياق ئوقۇغۇچىلاردۇر. دېمەكچى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىلمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن يەنە باشقا بىر ئالىي مەكتەپكە بېرىشقا توغرا كىلەتتى. مەسىلەن، بىرسى كەلگۈسىدە ئىپىسكوپ بولۇش ئۈچۈن ئىلاھىيەتشۇناسلىقنى پارىژدا ئوقۇغان بولسا، ئىلاھىيەت بىلىملىرىدىن باشقا يەنە قانۇن ۋە دىنىي ئەمرى- مەرۇپلارنىمۇ ئۆگۈنىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بولۇڭناغا بېرىپ ئوقۇش ئېھتىياجى تۇغۇلاتتى. مۇشۇنىڭدەك، ئايلاپ، ھەتتا نەچچە يىللاپ شەھەرلەر ئارىسىدا يۈرۈپ، ”پۈتۈن يېتىپ، پۈتۈن قوپۇپ“ بىلىم ئالىدىغان ”سەييارە ئوقۇغۇچىلار“ ئوتتۇرا ئەسردىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكنىڭ بىرسى ئىدى.
       چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگەشكەن شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ”سەييارە ئوقۇغۇچىلار“ سانىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى مەركىزى شەھەرلەردە تېخىمۇ ئۇنىۋېرساللاشقان ئىلىم مەركەزلىرىنى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلار مەركىزى شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى مەركەزلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قالدى. 1200- يىللارنىڭ ئالدى كەينىدە، پۈتۈن پارىژنىڭ نوپۇسى 50 مىڭ بولغان، ھالبۇكى، بۇ نوپۇسنىڭ ئوندىن بىرى ئوقۇغۇچىلار ئىدى. شۇ دەرىجىدە مەركەزلەشكەن چوڭ كۆلەمدىكى ئادەم توپى ئىجتىمائىي داۋالغۇش-زوراۋانلىقلارنىڭ مەنبىئى بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىدى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ توپلام يەنە پومىششىڭ ۋە سودىگەرلەرنىڭمۇ كىرىم مەنبەسى ئىدى. مەكتەپلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى مۇۋازىنەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ يىللىق توپىلاڭلىرى ۋە دەرس تاشلاشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1231- يىلى پاپا تەرىپىدىن تۈزۈلگەن پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ”چوڭ نىزامنامە“سى ھەل قىلغۇچ بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىدىن دېرەك بەردى. ”نىزامنامە“ بويىچە، ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۆزىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپ، تەرتىپلىرىنى تۈزۈش، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم ئۆلچەملىك ئۇنۋان تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلار تارقاتقان ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئوخشاش كۈچكە ئىگە ئىدى، ياكى ھېچبولمىغاندا بىر-بىرىگە ”سۇندۇرۇپ ھېسابلىغىلى“ بولاتتى. ئۇنىۋېرسىتېتلار ئاخىرى مۇستەقىل بىر قانۇنىي ئىگە، ئۆز ئۆزىگە خوجا قۇرۇلما سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى؛ سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىسىز تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەم شەكلىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتلار تەدرىجى ھالدا ئوقۇتۇش ئەركىنلىكىگە ئېرىشىپ، چېركاۋ ۋە ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل تۇرىدىغان ھالغا كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ۋە ئىدارە ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بىلىش كېرەككى، بۇلار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ھەم زور بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ.
       ئوتتۇرا ئەسىر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئىدىيە توقۇنىشىغا نەزەر تاشلىساق، ئاساسلىق توقۇنۇشنىڭ نامچىلىق ۋە چىنلىق نەزىرىيىسى (نومىنالىزىم ۋە رىئالىزىم) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئاخىرقى ھېسابتا، نامچىلىقنىڭ ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىلاھىيەتشۇناسلىق تەرەپتىن ليۇتېرغا تۇتىشىدىغانلىقى، پەلسەپە جەھەتتىن ئەنگىلىيە تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسىگە تۇتىشىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. سانائەت ئىنقىلاۋىنىڭ ئەنگىلىيەدىن باشلانغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
يۇقۇرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، نامچىلىق(نەزىرىيىسى) ئوتتۇرا ئەسرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارقىلىق ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەن. بۇ – كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنىڭ كونكرېت شەيئىلەرگە بۇرالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل بۇرۇلۇش ئۆز نۆۋىتىدە تەجرىبە پەنلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەم تەرەققى قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان،شۇنداقلا، بۇ ئەنئەنىنى كېيىنكى دەۋرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئىدىيە، پەلسەپە، ئىلىم-پەن تەرەققىيات تارىخىدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ نوقتىنى ئېنىق تونۇپ يېتەلەيدۇ.
       سۆزلەپ كەلسەك بىر ئۇزۇن تارىخ. ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بىخ قىلغان ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىنى تەخمىنەن سىخېمىلاشتۇرساق تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن:
ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى — چېركاۋ ۋە ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل تۇرۇش — (ئەركىن، مۇستەقىل تەپەككۈر ۋە ئەركىن مۇنازىرە)نومىنالىزىمنىڭ مەركەزلىك ئورۇنغا ئېرىشىشى — ئەپلاتون ۋە ئارىستوتىللارنى قايتىدىن تۇنۇش — ئەدەبىيات-سەنئەت(مەدەنىيەت)نىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى — تەجرىبە پەنلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى — كىلاسسىك مېخانىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى — فىزىكا ئىلمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى(گالىلىي ۋە نيۇتون قاتارلىقلار) — پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى — يېڭى سانائەت …
        ئەلۋەتتە، بۇ ئۇنداق ئاددىي جەريان ئەمەس. ئەمما، كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يەردە بىر ئىچكى لىنىيە بار.
غەربلىكلەر ”ئوتتۇرا ئەسر“ دەپ ئاتايدىغان دەۋردىكى تارىخلارغا قىسقىچە نەزەر تاشلىدۇق. سېلىشتۇرۇشتىن پەرقلەر بايقىلىدىغانلىقى، سېلىشتۇرمىلاردىن بەزى ھەقىقەتلەرنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ناسارالارنى پاراللىل ئەسلەپ قالدۇق.
       يازمىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈكلىكىنىڭ ئاساسى بار، ئىسلام ئىلىم-پېنىنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭمۇ سەۋەبلىرى بار. ياۋروپالىقلارنىڭ تەجرىبىسىدىن كۆرىۋېلىش مۇمكىن: مۇستەقىل ھالدىكى ئىلىم-پەن مۇسۇلمانلاردا ئەزەلدىن قۇرۇلمىلاشتۇرۇلمىغان، ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي ۋە سىياسىي باشچىلارنىڭ قوللىشىغىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئېرىشەلمىگەن. ئوتتۇرا ئەسردىكى ئىسلام جەمئىيىتىدە كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ۋە مۇستەقىل تەشكىلاتلار ئېتىراپ قىلىنمايدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي بىرلەشمىلىرىمۇ دەستەك ۋە تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىگەن. نەتىجىدە، ئىچكى جەھەتتىن ئۆز ئۆزىنى باشقۇرىدىغان مۇستەقىل ئىلمىي ئاپپاراتلارنىڭ قۇرۇلۇشى مۇمكىن بولماي قالغان(ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارايلى). مۇسۇلمان دۇنياسىدا مەيلى دەھرىي ئەمەلدارلار ياكى دىنىي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بولسۇن كەڭچىلىك ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن مۇستەقىل ئۇنىرېرسىتىتلارنىڭ شەكىللىنەلمىگەنلىكى 14- ،15-ئەسردىكى تۇرغۇنلۇق ۋە خارابلىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، دەپ ئېيتساق، خاتالاشمايمىز.
…………………………………………………………………………………………………….

ماتېرىيال مەنبەلىرى
ئەرەبلەرنىڭ پاراسىتى: ئېتىقاد ۋە ئەمىلىيەتچانلىقنىڭ ئارىلاشمىسى   گاۋ خۇيجۇ   جېجىياڭ خەلق نەشرىياتى   1994-يىل 12-ئاي 1-نەشرى 1995-يىل 11-ئاي 2-نەشرى
غەربنىڭ پەلسەپە تارىخى   گۇننار سكىربېك ۋە نىلس گىليې   شاڭخەي تەرجىمە نەشرىياتى   2004-يىل 1- نەشرى 3- باسمىسى

ئىنتېرنېتتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار

2

تېما

3

دوست

4712

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 468
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 12:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-ئەسردىن باشلاپلا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن مەدرىس مائارىپى قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش، ھەدىس-شەرىفلەرنى مۇتائىلە قىلىش ۋە شەرىئەت بىلىملىرىنى ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلاتتى. پەلسەپە ۋە تەبىئەت پەنلىرى دەرس مەزمۇنىدا يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. ئەلۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك تېكستلەر مەدرىسلەردە كۆچۈرۈلگەن، كۆچۈرۈلگەنۇ، كۈتۈپخانىلارغا بېسىپ قويۇلغان. نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپ ھەم تەبىئىي پەن ئالىملىرى مەدرىسلەردە دەرس ئۆتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ سۆزلەيدىغىنى پەلسەپە ھەم تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتمىگەن. ئاتالمىش“سىرتتىن كەلگەن ئىلىملەر“ بىلەن شوغۇللىنىش پەقەت بىر خىل خۇسۇسىي قىزىقىش سۈپىتىدە ، كۆپ بولسا مەسچىدلەر(ئاسترونومىيە) ياكى ئوردا(تىبابەت) بىلەن مۇناسىۋەتلەشكەن دائىرىدىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىغان.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31239
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 01:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wehdet


سىزتارىخ دېگەننى پەقەت بىلمەيدىكەنسىز،باغداتنىڭ بۇرۇن ھەقىقى بىلىم يۇرتى ئكەنلىنى،ھەممە ئادەم بىلىدىكەن .بىلىم بولمىسا شۇنداق نەچچە ئەسىر ھۆكۈم سۈرۈپ،جاھان سورالامتى.يەنە شۇنچەيىراق جايدىن بىزگەئسلامنى يەتكۈزەلەمتى.رىم ،پېرسىيە ئىمپريەلىرنى يوقۇتالامتى.سىز تارىخ كىتاپلارنى كۆپرك ئوقۇپ ئان ئنكاس يېزىڭ.

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31143
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 11:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 11:07
قېرىندىشىم، كارىڭىز بولمىسۇنا بۇلار بىلەن.
بىرتال چى ...

تىمىنى ئوقۇپلا مۇشۇنداق بىرە چىۋىننىڭ كىرىپ قالايمىغان قىلىدىغانلىقىغا كۈزۈم يەتكەنىدى،راسلام شۇنداق بوپتۇ.
«.....كۆزى ئۇچۇق ،ئەمما كۆرمەيدۇ.قۇلىقى ساق،ئەمما ئاڭلىمايدۇ .تىلى راۋان لىكىن ھەقنى سۆزلىيەلمەيدۇ......»
مۇشۇ كۈنلەردە يۇقىرقىلارنىڭ مىسالىنى پات پات ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولدۇم دىسە

1

تېما

5

دوست

1987

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 10:41:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 11:54
--ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسى ئ ...

ناھايىتى ياخشى مەلۇماتلارنى بېرىپسىز. ئەمما بىرۇنى ۋە ئىبن سىنانىڭ تۇغۇلغان يېرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خارەزىم ۋە بۇخارادۇر.  پەقەت بۇلارنىڭ ھازىرقى ئۆزبىكىستان دائىرىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن،ئەسكەرتىپ قويۇلسلا بولىدۇ.

1

تېما

5

دوست

1987

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-7 21:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-7 12:51
بۇ ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئەينى ۋاقىتتا يازغان ‹مۇسۇلم ...

ھە  ئۇنداقتا ئەركىن ئاكىنىڭ ئۇدۇل تەرجىمە قىلىشىدىكى نۇقسان ئىكەندە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )